ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
لاۋىيلار 19:16-ئايەتتىكى: «قوشناڭنىڭ جېنىغا قەست قىلمىغىن»،— دېگەن بۇيرۇق نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
يەھۋا ئىسرائىللارغا مۇقەددەس بولۇڭلار دېگەن. «ئۆز خەلقىڭنىڭ ئارىسىدا تۆھمەت قىلىپ سۆز-چۆچەك تارقاتمىغىن. قوشناڭنىڭ جېنىغا قەست قىلمىغىن. مەن يەھۋا».—لاۋى. 19:16.
«قەست قىلمىغىن» دېگەن ئىبارە، ئەسلى ئىبرانىي تىلىدا بىر ئىدىئوم بولغان. بۇ ئىدىئومنىڭ مەنىسى ھەققىدە، بىر يەھۇدىي لاۋىيلار كىتابى ھەققىدە يازغان پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدا شۇنداق دېيىلگەن: «مۇشۇ ئايەتنىڭ بۇ بۆلىكىنى تەرجىمە قىلىش قىيىن، سەۋەبى، ئىدىئومنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش قىيىن. بۇ يەردە ئۇدۇل مەنىدە بىرگە زىيان-زەخمەت يەتسە، ئۇنىڭ ئۈستىدە، يېنىدا ياكى يېقىن قاراپ تۇرما».
بەزى ئالىملار، بۇ ئىبارە بىلەن 15-ئايەتنىڭ مەزمۇنى باغلىنىشلىق دەپ ئويلايدۇ. 15-ئايەتتە شۇنداق يېزىلغان: «ھۆكۈم قىلغىنىڭلاردا ئادالەتسىزلىك قىلماڭلار. نامراتقا يۈز خاتىرە قىلمىغىن، بايغا يان باسمىغىن. قوشناڭغا ئادىل ھۆكۈم قىلغىن» (لاۋى. 19:15). ئەگەر بۇ ئىبارىنىڭ مەنىسى توغرا بولسا، ئۇنداقتا 16-ئايەتتىكى بۇ بۇيرۇق ئىسرائىللارنىڭ دەۋا، سودا-تىجارەت ياكى ئائىلىدىكى ئىشلاردا باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى ۋە ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن سەمىمىيەتسىزلىك قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دەرھەقىقەت، بىز چوقۇم شۇنداق ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. ئەمما، 16-ئايەتتىكى ئىبارىنى تېخىمۇ مەنتىقىگە ئۇيغۇن ھالدا چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپرەك ئىزدىنىشىمىز كېرەك.
ئايەتنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە، خۇدا ئۆز خەلقىنىڭ گەپ توشۇغۇچى بولۇپ يۈرمەسلىكى ھەققىدە بۇيرۇق بەرگەن. تۆھمەت قىلىش پەقەت غەيۋەت-شىكايەت ياكى پىتنە- ئېغۋالارنى تارقىتىشتىن باشقا، يەنە قىيىنچىلىقلارنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن (پەند. نە 10:19؛ ۋەز 10:12—14؛ 1-تىموت. 5:11—15؛ ياقۇپ 3:6). تۆھمەت دائىم باشقىلارنىڭ نام-ئابرويىغا زىيان يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان گەپ-سۆزلەردۇر. تۆھمەت قىلغۇچى، بەلكىم باشقا كىشىگە قارشى يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، ھەتتا شۇ كىشىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ-خەتەر تۇغدۇرۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، نابوت تۆھمەت چاپلانغانلىقى ئۈچۈن چالما كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن (1-پادىشاھ. 21:8—13). لاۋىيلار 19:16-ئايەتنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە، تۆھمەت قىلغۇچىنىڭ باشقىلارنىڭ ھاياتىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىكى تىلغا ئېلىنغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، غەرەزلىك تۆھمەت قىلىش ئۆچمەنلىكنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 1-يۇھاننا 3:15-ئايەتتە مۇنداق يېزىلغان: ««ئۆز قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇر. ھېچقانداق بىر قاتىل مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلمەيدىغانىلىقىنى بىلىسىلەر». دىققەت قىلساق، يەھۋا خۇدا لاۋىيلار 19:16-ئايەتتىكى بۇيرۇقلاردىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقىگە يەنە شۇنداق دېگەن: «سەن كۆڭلۈڭدە ئۆز قېرىندىشىڭغا ئۆچمەنلىك قىلمىغىن».—لاۋى. 19:17.
شۇڭلاشقا، مەسىھ ئەگەشكۈچىسى ئۈچۈن، لاۋىيلار 19:16-ئايەت كۈچلۈك بىر ئاگاھلاندۇرۇش. ئەگەر بىز باشقىلارغا ئۆچمەنلىك ياكى ھەسەتخورلۇق قىلساق، ئۇلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈمىز، يەنى ئۇلارغا تۆھمەت قىلىپ، قەلبىمىزدە ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بۇنداق ئىشلاردىن قەتئىي يىراق تۇرۇشى كېرەك.—مەتتا 12:36، 37.