مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

50-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ياخشى پادىچىنىڭ ئاۋازىغا قۇ‌لاق سېلىڭ

ياخشى پادىچىنىڭ ئاۋازىغا قۇ‌لاق سېلىڭ

‏«ئۇ‌لار مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ»‏‏.‏—‏يۇ‌ھ.‏ 10:‏16‏.‏

152-‏ناخشا كۈچىمىز،‏ ئۈمىدىمىز ۋە يار-‏يۆلىگىمىز

بۇ ماقالىدە a

1‏.‏ ئە‌يسا نېمە ئۈچۈن شاگىرتلىرىنى قويلارغا سېلىشتۇ‌رغان؟‏

 ئە‌يسا ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرى بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى پادىچى بىلە‌ن قويلار ئارىسىدىكى مۇ‌ناسىۋە‌تكە سېلىشتۇ‌رغان (‏يۇ‌ھاننا 10:‏14‏)‏.‏ بۇ ئوخشىتىش بە‌ك مۇ‌ۋاپىق بولغان،‏ چۈنكى قويلار پادىچىسىنى تونۇ‌يدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ ئاۋازىغا قۇ‌لاق سالىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئىشنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن بىر ساياھە‌تچى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز قويلارنى سۈرە‌تكە تارتماقچى بولدۇ‌ق.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ئۇ‌لارنى چاقىردۇ‌ق.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار ئاۋازىمىزنى تونۇ‌مىغاچ،‏ بىزگە پە‌رۋا قىلمىدى.‏ كېيىن،‏ قوي باقىدىغان كىچىك بالا كېلىپ،‏ قويلارنى چاقىردى.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭغا ئە‌گىشىشكە باشلىدى».‏

2،‏ 3.‏ (‏1)‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭ ئاۋازىغا قۇ‌لاق سالغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟‏ (‏2)‏ بۇ ۋە كېيىنكى ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 بۇ ساياھە‌تچىنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگە‌نلىرى،‏ ئە‌يسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرى ھە‌ققىدە ئېيتقان مۇ‌نۇ سۆزلىرىنى بىزگە ئە‌سلىتىدۇ:‏ «ئۇ‌لار مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 10:‏16‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسا ھازىر ئاسماندا.‏ ئۇ‌نىڭ ئاۋازىغا قانداق قۇ‌لاق سالالايمىز؟‏ پادىچىمىز ئە‌يسانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سالغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ بىر يولى —‏ ئۇ‌نىڭ تە‌لىملىرىنى ئاڭلاپ،‏ ئۇ‌لارنى ھاياتىمىزدا ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىش.‏—‏مە‌تتا 7:‏24،‏ 25‏.‏

3 بۇ ماقالە ۋە كېيىنكى ماقالىدە،‏ ئە‌يسانىڭ بە‌زى تە‌لىملىرى ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئە‌يسانىڭ بىزگە نېمە قىلىشنى توختىتىشىمىز ۋە نېمىنى چوقۇ‌م قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېيتقانلىقىنى كۆرۈمىز.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ئالدى بىلە‌ن ياخشى پادىچى ئە‌يسانىڭ بىزگە قىلماسلىقنى بۇ‌يرىغان ئىككى ئىش ھە‌ققىدە كۆرۈپ باقايلى.‏

ھېچنېمىدىن غە‌م ئە‌ندىشە قىلماڭلار

4.‏ لۇ‌قا 12:‏29-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ نېمىدىن غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

4 لۇ‌قا 12:‏29-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىنى تۇ‌رمۇ‌شتىكى ماددىي ئېھتىياجلىرى ھە‌ققىدە غە‌م-‏تە‌شۋىش قىلىشنى توختىتىشقا ئۈندىگە‌ن.‏ بىز ئە‌يسانىڭ نە‌سىھە‌ت سۆزىنىڭ ھە‌ردائىم دانا ۋە توغرا ئىكە‌نلىكىنى بىلىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭ نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىشنى خالايمىز.‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نداق قىلىش بە‌زىدە قىيىنغا توختىشى مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

5.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌ر ماددىي ئېھتىياجلىرى ھە‌ققىدە غە‌م-‏تە‌شۋىش قېلىشى مۇ‌مكىن؟‏

 5 تۇ‌رمۇ‌شتا يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك،‏ كىيىم-‏كېچە‌ك،‏ تۇ‌رىدىغان جاي ۋە باشقا ماددىي ئېھتىياجلىرىمىز ھە‌ققىدە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌زى جايلاردا ئىقتىسادىي ئە‌ھۋال ئىنتايىن ناچار بولغاچقا،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئائىلىسىنى بېقىشى ئۈچۈن يېتە‌رلىك پۇ‌ل تېپىشى قىيىن بولىۋاتىدۇ.‏ يە‌نى،‏ ئائىلىنى قامداش ئۈچۈن پۇ‌ل تاپىدىغان كىشى ئۆلۈپ كە‌تكە‌چ،‏ ئىقتىسادىي جە‌ھە‌تتىن قىيىن ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ.‏ تاجىسىمان ۋىرۇ‌س (‏19-‏COVID)‏ تارقالغان مە‌زگىلدە،‏ كۆپ كىشىلە‌ر خىزمىتىدىن ئايرىلغاچ،‏ ئىشسىزلىق كۆپىيىپ كە‌تتى (‏ۋە‌ز 9:‏11‏)‏.‏ بىزمۇ بۇ تىلغا ئالغان قىيىنچىلىقلارغا يولۇ‌ققان بولساق،‏ ئە‌يسانىڭ نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ماددىي نە‌رسىلە‌ر ھە‌ققىدە غە‌م-‏تە‌شۋىش قىلىشنى قانداق توختىتالايمىز؟‏

ماددىي ئېھتىياجلىرىڭىز ھە‌ققىدە غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رگە پېتىپ قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭ (‏6—‏8-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ b

6.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س نېمىنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى تە‌سۋىرلە‌پ بېرىڭ.‏

6 بىر قېتىم،‏ پېترۇ‌س ۋە باشقا ئە‌لچىلە‌ر جە‌لىلىيە دېڭىزىدا بوران-‏چاپقۇ‌نغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ تۇ‌يۇ‌قسىز ئۇ‌لار ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ دېڭىزدا مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ پېترۇ‌س ئە‌يساغا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بۇ سىز بولسىڭىز،‏ سۇ ئۈستىدە مېڭىپ ئالدىمغا كە‌ل دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق قىلىڭ».‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا:‏ «كە‌لگىن»،‏—‏ دە‌پ چاقىرغان.‏ «پېترۇ‌س كېمىدىن چۈشۈپ،‏ سۇ ئۈستىدە ئۇ‌نىڭغا قاراپ ماڭدى».‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن نېمە ئىش بولغان؟‏ «پېترۇ‌س كۈچلۈك چىقىۋاتقان بوراننى كۆرۈپ قورقتى ۋە سۇ‌غا چۆكۈشكە باشلىغاندا:‏ «ھە‌زرىتىم،‏ مېنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ۋېلىڭ!‏»،‏—‏ دە‌پ ۋاقىرىدى».‏ ئە‌يسا قولىنى ئۇ‌زارتىپ،‏ ئۇ‌نى قۇ‌تقۇ‌زۋالغانىدى.‏ بۇ‌نىڭدىن شۇ‌نى كۆرە‌لە‌يمىزكى،‏ پېترۇ‌س دىققىتىنى ئە‌يسا مە‌سىھكە قاراتقاندا،‏ دولقۇ‌نلاپ تۇ‌رغان سۇ ئۈستىدە ماڭالىغان ئىدى.‏ بىراق،‏ پېترۇ‌س بوران-‏چاپقۇ‌نغا قارىغاندا،‏ قە‌لبىدە قورقۇ‌نچ ۋە گۇ‌مان پە‌يدا بولۇ‌پ،‏ چۆكۈپ كېتىشكە باشلىغان.‏—‏مە‌تتا 14:‏24—‏31‏.‏

7.‏ پېترۇ‌سنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

7 پېترۇ‌سنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ پېترۇ‌س كېمىدىن پۇ‌تىنى سۇ ئۈستىگە قويغاندا،‏ ئۇ دىققىتىنىڭ باشقا ياققا چېچىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ۋە سۇ‌غا چۆكۈشكە باشلايدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدى.‏ ئۇ سۇ ئۈستىدە مېڭىپ،‏ ئە‌يسانىڭ قېشىغا بېرىشنى خالىغان.‏ بىراق،‏ ئۇ دىققىتىنى ئۆزى مە‌قسە‌ت قىلغان ئىشقا داۋاملىق قارىتالمىغان.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز بۈگۈن سۇ ئۈستىدە ماڭمايمىز،‏ بىراق ئىمان-‏ئېتىقادىمىز سىناققا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشى ۋە ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىلىرىنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالساق،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن چۆكۈپ كېتىشكە باشلايمىز.‏ ھاياتىمىزدا مە‌يلى قانداق سىمۋوللۇ‌ق مە‌نىدىكى بوران-‏چاپقۇ‌نلارغا يولۇ‌قۇ‌شىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ دىققىتىمىزنى چوقۇ‌م يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىغا قارىتىشىمىز كېرە‌ك.‏

8.‏ ھە‌ددىدىن زىيادە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلماسلىقىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

8 قىيىنچىلىقلىرىمىز ھە‌ققىدە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ باغلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نى ئېسىمىزدە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ككى،‏ ئاتىمىز يە‌ھۋا روھىي ئىشلارنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويساق،‏ ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ (‏مە‌تتا 6:‏32،‏ 33‏)‏.‏ ئۇ ھە‌ردائىم ئۆز ۋە‌دىسىدە تۇ‌رۇ‌پ كە‌لگە‌ن (‏تە‌كرار.‏ قا 8:‏4،‏ 15،‏ 16؛‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏25‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ ھە‌تتا قۇ‌شلار ۋە گۈللە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلسا،‏ بىزنىڭ نېمە يېيىش ۋە نېمە كىيىش ھە‌ققىدە قىلغان غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىمىزگە چوقۇ‌م كۆڭۈل بۆلمە‌ي قويمايدۇ!‏ (‏مە‌تتا 6:‏26—‏30؛‏ فىلىپى.‏ 4:‏6،‏ 7‏)‏ خۇ‌ددى بالىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان مېھرىبان ئاتا-‏ئانىلار پە‌رزە‌نتلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلگە‌ندە‌ك،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىز بىزنىڭمۇ ئېھتىياجلىرىمىزغا چوقۇ‌م كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏

9.‏ بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايالنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگە‌نلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

9 يە‌ھۋانىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏ تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىدىغان بىر جۈپ كونا ماشىنىسى بىلە‌ن كۆچمە‌نلە‌ر لاگېرىدا ياشايدىغان بىر قانچە قېرىندىشىمىزنى يىغىلىشلارغا ئېلىپ كېلە‌تتى.‏ بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يىغىلىشتىن كېيىن بىز قېرىنداشلارنى تاماققا ئۆيگە تە‌كلىپ قىلدۇ‌ق.‏ ئە‌مما،‏ كېيىن ئۆيدە ئۇ‌لارنىڭ ئالدىغا قويغۇ‌دە‌ك ھېچنېمىنىڭ يوقلىقىنى ئېسىمگە ئالدىم».‏ ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ:‏ «بىز ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن،‏ ئىشىك ئالدىدا ئىككى چوڭ خالتىدا يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كلە‌ر تۇ‌رغانلىقىنى كۆردۇ‌ق.‏ ئە‌مما،‏ كىمنىڭ ئە‌كېلىپ قويغانلىقىنى بىلمىدۇ‌ق.‏ چوقۇ‌م يە‌ھۋا بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ كېيىنرە‌ك،‏ بۇ بىر جۈپنىڭ ماشىنىسى بۇ‌زۇ‌لۇ‌پ قالغان.‏ ئۇ‌لار ۋە‌ز خىزمە‌تكە بېرىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا ئېھتىياجلىق ئىدى.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارنىڭ رېمونت قىلدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن پۇ‌لى بولمىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار رېمونتخانىغا ماشىنىسىنى ئېلىپ بېرىپ،‏ قانچە پۇ‌ل كېتىدىغانلىقىنى بىلمە‌كچى بولغان.‏ شۇ چاغدا،‏ بىر كىشى ئۇ‌لارنىڭ قېشىغا كېلىپ:‏ «بۇ كىمنىڭ ماشىنىسى دە‌پ سورىغان؟‏» بۇ‌رادە‌ر ماشىنا مېنىڭ،‏ رېمونت قىلىش كېرە‌ك،‏ دېگە‌ن.‏ ئۇ كىشى:‏ «بۇ مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س،‏ ئايالىم شۇ‌نداق ماشىنىنى،‏ يە‌نى دە‌ل مۇ‌شۇ رە‌ڭدىكىسىنى خالايتتى.‏ قانچە پۇ‌لغا ساتىسىز؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان.‏ بۇ‌رادە‌ر ماشىنىسىنى سېتىۋېتىپ،‏ باشقا بىرىنى سېتىۋالغۇ‌دە‌ك پۇ‌لغا ئېرىشكە‌ن.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك خۇ‌شال بولغانلىقىنى قانداق تە‌سۋىرلە‌شنى بىلە‌لمىدىم.‏ بۇ ئە‌لۋە‌تتە بىر تاسادىپىي ئىش ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردە‌م قولى».‏

10.‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏5-‏ئايە‌ت بىزنى نېمە قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ؟‏

10 ئە‌گە‌ر بىز ياخشى پادىچى ئە‌يسانىڭ تە‌لىمىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ھاياتىمىزدا ئارتۇ‌ق غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلمىساق،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز ‏(‏زە‌بۇ‌ر 37:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏7‏)‏.‏  بە‌شىنچى ئابزاستا،‏ تىلغا ئالغان ۋە‌زىيە‌تنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ كۆرە‌يلى.‏ تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە،‏ بىر ئائىلە باشلىقى ياكى ئىش ئورنىدىكى خوجايىن ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋا تۇ‌رمۇ‌شتىكى ئېھتىياجلىرىمىزنى تە‌مىنلە‌پ كېلىۋاتىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىر ئائىلە بېشى ئۆز ئائىلىسىنى تە‌مىنلە‌پ بېرە‌لمىسە ياكى بىز ئىش ئورنىمىزدىن ئايرىلىپ قالغان بولساق،‏ يە‌ھۋا باشقا يوللار بىلە‌ن ئېھتىياجلىرىمىزغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ بىز بۇ‌نىڭغا ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏ تۆۋە‌ندە ياخشى پادىچى بىزنى يە‌نە نېمە قىلىشنى توختىتىشقا ئۈندە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

باشقىلارنى ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىڭ

باشقىلارنىڭ ياخشى پە‌زىلە‌تلىرىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رساق،‏ ئۇ‌لار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشنى توختىتالايمىز (‏11،‏ 14—‏16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

11.‏ مە‌تتا 7:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئە‌يسا نېمە قىلماسلىقى ھە‌ققىدە قانداق نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن؟‏ نېمە ئۈچۈن بۇ بە‌زىدە ئاسان ئە‌مە‌س؟‏

11 مە‌تتا 7:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌يسا ئىنسانلارنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ۋە باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىغا دىققە‌ت قىلىشقا مايىل ئىكە‌نلىكىنى بىلە‌تتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ:‏ «ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىڭلار‏»،‏—‏ دە‌پ نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ بىز ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماسلىققا تىرىشىمىز.‏ ئە‌مما،‏ بىز ھە‌ممىمىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچ،‏ بە‌زىدە شۇ‌نداق قىلالمايمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بە‌زىدە باشقىلارنى تە‌نقىدلە‌شكە مايىل بولساق،‏ چوقۇ‌م نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ئە‌يسانىڭ ئاۋازىغا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ باشقىلارنى ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىشقا تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏

12،‏ 13.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ داۋۇ‌تقا بولغان كۆزقارىشى باشقىلارنى ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

12 يە‌ھۋانىڭ ئۈلگىسى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشنىڭ بىز ئۈچۈن پايدىسى بار.‏ ئۇ ھە‌مىشە كىشىلە‌رنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رىدۇ.‏ ئېغىر گۇ‌ناھلارنى ئۆتكۈزگە‌ن داۋۇ‌ت پادىشاھقا،‏ يە‌ھۋانىڭ قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ داۋۇ‌ت باتشە‌با بىلە‌ن زىنا قىلىش ۋە ھە‌تتا ئۇ‌نىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرۈشتە‌ك ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان (‏2-‏سام.‏ 11:‏2—‏4،‏ 14،‏ 15،‏ 24‏)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ ئۆزىگىلا ئە‌مە‌س،‏ باشقا ئاياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئائىلە ئە‌زالىرىغىمۇ زىيان يە‌تكۈزگە‌ن (‏2-‏سام.‏ 12:‏10،‏ 11‏)‏.‏ يە‌نە بىر ۋە‌زىيە‌تتە،‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي ئىشە‌نچ قىلمىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ يە‌نى،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قىغا قۇ‌لاق سالماي،‏ ئىسرائىل قوشۇ‌نلىرىنى ساناپ چىققان.‏ داۋۇ‌ت ئۆز قوشۇ‌نلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن بە‌كمۇ پە‌خىرلە‌نگە‌چ،‏ شۇ‌نداق قىلغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ نە‌تىجىدە نېمە ئىش بولغان؟‏ 70000غا يېقىن ئىسرائىللار ۋابا بىلە‌ن ئۆلگە‌ن.‏—‏2-‏سام.‏ 24:‏1—‏4،‏ 10—‏15‏.‏

13 ئە‌گە‌ر سىز شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشىغان بولسىڭىز،‏ داۋۇ‌تقا قانداق كۆزقاراشتا بولاتتىڭىز؟‏ «ئۇ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈم قىلىشىغا ئە‌رزىمە‌يدۇ!‏»—‏ دە‌پ ھۆكۈم قىلاتتىڭىزمۇ؟‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا شۇ‌نداق كۆزقاراشتا بولمىغان.‏ يە‌ھۋا دىققىتىنى داۋۇ‌تنىڭ پۈتۈن ھاياتىدا ساداقە‌تمە‌ن بولغانلىقى ۋە گۇ‌ناھىغا چىن قە‌لبىدىن توۋا قىلغانلىقىغا قاراتقان.‏ شۇ‌ڭا داۋۇ‌تنىڭ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌نلىكىگە قارىماي،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى كە‌چۈرگە‌ن.‏ ئۇ داۋۇ‌تنىڭ ئۇ‌نى قانچىلىك سۆيگە‌نلىكىنى ۋە توغرا ئىش قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ يە‌ھۋا دىققىتىنى ياخشى پە‌زىلە‌تلىرىمىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزگە ئاغدۇ‌رىدىغانلىقىغا ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌ك مىننە‌تدارمىز!‏—‏1-‏پادىشاھ.‏ 9:‏4؛‏ 1-‏تارىخ.‏ 29:‏10،‏ 17‏.‏

14.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

14 يە‌ھۋا مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شىمىزنى تە‌لە‌پ قىلمىغاندە‌ك،‏ بىزمۇ باشقىلاردىن مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شىنى تە‌لە‌پ قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئادە‌تتە باشقىلارنىڭ كە‌مچىلىكلىرىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نى تە‌نقىد قىلىش بە‌كمۇ ئاسان.‏ ئە‌مما،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن كىشى باشقىلارنىڭ كە‌مچىلىكىنى كۆرسىمۇ،‏ يە‌نىلا ئۇ‌لارغا ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ.‏ تە‌بىئىي ئالماسنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق ئە‌مە‌س،‏ بىراق ئە‌قىللىق ئادە‌م شۇ ئالماسنى سىلىقلاپ ياسىغاندىن كېيىن ئۇ‌نىڭ قانچىلىك چىرايلىق ۋە قىممە‌تلىك بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھكە ئوخشاش،‏ بىزمۇ باشقىلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىگە،‏ يە‌نى كە‌مچىلىكىگە ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌لارنىڭ ياخشى پە‌زىلە‌تلىرىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏

15.‏ نېمە ئۈچۈن بىز باشقىلارنىڭ ۋە‌زىيىتى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرسە‌ك،‏ ئۇ‌لار ئۈستىدىن ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارمايمىز؟‏

15 باشقىلارنىڭ ياخشى تە‌رىپىگە دىققە‌ت قىلىپلا قالماي،‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ ۋە‌زىيىتى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرسە‌ك،‏ باشقىلارنى ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنالايمىز.‏ ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ بىر قېتىم،‏ ئۇ ئىبادە‌تخانىدا بىر كە‌مبە‌غە‌ل تۇ‌ل ئايالنىڭ غە‌زنە ساندۇ‌قىغا ئىككى تە‌ڭگە تاشلىغانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ ئە‌يسا نېمە ئۈچۈن ئۇ ئايال كۆپرە‌ك پۇ‌ل تاشلىمايدۇ دە‌پ سورىمىغان؟‏ ئۇ دىققىتىنى تۇ‌ل ئايالنىڭ قانچىلىك پۇ‌ل تاشلىغانلىقىغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌نىڭ نىيىتى ۋە ۋە‌زىيىتىگە قاراتقان.‏ ئە‌يسا ئۇ ئايالنى قولدىن كېلىشىچە شۇ‌نداق قىلغىنى ئۈچۈن ماختىغان.‏—‏لۇ‌قا 21:‏1—‏4‏.‏

16.‏ ۋېرونىكانىڭ تە‌جرىبىسىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

16 ئە‌گە‌ر بىز ۋېرونىكانىڭ باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىرىگە دىققە‌ت قىلساق،‏ باشقىلارنىڭ ۋە‌زىيىتى ھە‌ققىدە ئويلىنىشنىڭ نە‌قە‌دە‌ر مۇ‌ھىملىقىنى بىلە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌نىڭ جامائىتىدە ئوغلىدىن يالغۇ‌ز خە‌ۋە‌ر ئالىدىغان بىر ئانا بولغان.‏ ۋېرونىكا شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۇ‌لارنىڭ يىغىلىشلارغا ۋە ۋە‌ز خىزمىتىگە دائىم قاتناشمايدىغانلىقىنى كۆردۈم.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن ئۇ‌لارغا كۆڭلۈمدە سە‌لبىي ئوي-‏پىكىردە بولدۇ‌م.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىققاندا،‏ ئۇ ماڭا ئۆز ئوغلىنىڭ ئە‌قلى ئىقتىدارى ئاجىزلىقىنى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ئېيتىپ بە‌ردى.‏ ئۇ ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىكى ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشقانىدى.‏ بە‌زىدە ئوغلىنىڭ سالامە‌تلىكى تۈپە‌يلى،‏ باشقا جامائە‌تتىكى يىغىلىشقا قاتنىشىشى كېرە‌كلىكىنى ئېيتتى».‏ ۋېرونىكا سۆزلىرىنى خۇ‌لاسىلە‌پ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن بۇ قېرىنداشنىڭ شۇ‌نداق كۆپ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلمىگە‌ن ئىدىم.‏ ئۇ‌نىڭ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە يە‌ھۋاغا قولىدىن كېلىشىچە خىزمە‌ت قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىغا بە‌كمۇ مىننە‌تدارمە‌ن ۋە ئۇ‌نى ھۆرمە‌تلە‌يمە‌ن».‏

17.‏ ياقۇ‌پ 2:‏8-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ بىز نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك ۋە شۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏

17 ئە‌گە‌ر بىز دائىم باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا مايىل بولۇ‌ۋاتقانلىقىمىزنى بايقىساق،‏ قانداق قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماڭكى،‏ بىز قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيۈشىمىز كېرە‌ك ‏(‏ياقۇ‌پ 2:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز يە‌ھۋاغا سە‌مىمىي دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىشىمىزغا ياردە‌م بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىشىمىز كېرە‌ك.‏ دۇ‌ئالىرىمىزغا ماس تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن،‏ ئاشۇ ئۆزۈمىز سە‌لبىي كۆزقاراشتا بولۇ‌ۋاتقان كىشى بىلە‌ن پاراڭلىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئۇ‌نى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇ‌يالايمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۇ‌نى بىرلىكتە ۋە‌ز خىزمە‌تكە ياكى تاماق يېيىشكە تە‌كلىپ قىلساق بولىدۇ.‏ بىز قېرىندىشىمىزنى ياخشىراق چۈشىنىش جە‌ريانىدا،‏ چوقۇ‌م ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە مە‌سىھ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىنى كۆرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ بىز ياخشى پادىچى ئە‌يسانىڭ ئاۋازىغا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشنى توختىتالايمىز.‏

18.‏ ياخشى پادىچىنىڭ ئاۋازىغا قۇ‌لاق سالغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

18 خۇ‌ددى قويلار پادىچىنىڭ ئاۋازىغا قۇ‌لاق سالغاندە‌ك،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىمۇ ئۇ‌نىڭ ئاۋازىغا قۇ‌لاق سالىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز تۇ‌رمۇ‌شتىكى ماددىي ئېھتىياجلىرىمىز ھە‌ققىدە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىشنى ۋە باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشنى توختىتىشقا تىرىشساق،‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىمىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏ مە‌يلى كىچىك پادا ياكى باشقا قويلار ئارىسىدا بولايلى،‏ ياخشى پادىچىمىزنىڭ ئاۋازىغا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ داۋاملىق ئۇ‌نىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە بويسۇ‌نايلى!‏ (‏لۇ‌قا 12:‏32؛‏ يۇ‌ھاننا 10:‏11،‏ 14،‏ 16‏)‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ بىز ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى چوقۇ‌م قىلىشىمىز كېرە‌ك بولغان ئىككى نە‌رسە ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

53-‏ناخشا ئىناق بىللە خىزمە‌ت قىلىش

a ئە‌يسا ئۆز قويلىرىنى ئۇ‌نىڭ ئاۋازىغا قۇ‌لاق سالىدۇ دېگە‌ندە،‏ ئۆز شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭ تە‌لىملىرىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ھاياتىدا شۇ‌لارنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇ‌تقان.‏ بۇ ماقالىدە تۇ‌رمۇ‌شتىكى ماددىي نە‌رسىلە‌ردىن غە‌م قىلماسلىق ۋە باشقىلارنى ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىش ھە‌ققىدىكى ئە‌يسانىڭ ئىككى مۇ‌ھىم تە‌لىمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز ۋە شۇ‌لارنى ھاياتىمىزدا قانداق ئە‌مە‌لىي قوللىنالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.‏

b سۈرە‌تتە:‏ بۇ‌رادە‌ر ئىشىدىن ئايرىلىپ،‏ ئائىلىسىنى باققىدە‌ك پۇ‌لى يوق.‏ ئۇ تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن باشقا ئۆينى تېپىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ دىققە‌ت قىلمىسا،‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ قىيىنچىلىقلارغا دىققىتىنى قارىتىپ،‏ يە‌ھۋادىن يىراقلىشىپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏

c سۈرە‌تتە:‏ بىراق،‏ ئۇ نارە‌سمىي ۋە‌ز قىلىش،‏ ياشانغانلارغا ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىش ۋە ئىبادە‌ت قىلىدىغان جايلارنى ياخشى ئاسراپ تۇ‌تۇ‌ش قاتارلىق ئىشلارغا تە‌ييار تۇ‌رۇ‌پ،‏ ياخشى پە‌زىلە‌تلە‌رنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏