49-تەتقىق ماقالىسى
بىز مەڭگۈ ياشىيالايمىز
«مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن».—يۇھاننا 17:3.
12-ناخشا ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈ ھاياتلىق
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋانىڭ مەڭگۈلۈك ھايات توغرىسىدىكى ۋەدىسى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش بىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
يەھۋا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (رىملىقلار 6:23). بىز يەھۋانىڭ ۋەدىسى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغىنىمىزدا، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئەرشتىكى ئاتىمىزنىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈسى شۇنچە چوڭقۇركى، ھېچنېمە بىزنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ.
2. مەڭگۈلۈك ھايات ھەققىدىكى ۋەدە بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
2 خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك ھايات ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسى ھازىر سىناقلاردا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. دۈشمىنىمىز بىزنى ئۆلۈم بىلەن قورقاتسىمۇ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتمايمىز. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بىز يەھۋاغا سادىق بولۇپ ئۆلۈپ كەتسەك، ياراتقۇچىمىزنىڭ بىزنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدىغانلىقى ۋە ھەرگىزمۇ قايتا ئۆلمەيدىغان ئۈمىدىمىز بارلىقىنى بىلىمىز (يۇھاننا 5:28، 29؛ 1-كورىنت. 15:55–58؛ ئىبرانىي. 2:15). نېمە ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزغا قەتئىي ئىشىنەلەيمىز؟ بۇنىڭ بەزى سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەيلى.
يەھۋا مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر
3. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ بىزنى مەڭگۈ ھايات ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز؟ (زەبۇر 102:12، 24، 27)
3 بىز بىلىمىزكى، يەھۋا بىزنى مەڭگۈ ھايات ساقلاپ قالالايدۇ، چۈنكى ئۇ ھاياتلىقنىڭ بۇلىقى ۋە مەڭگۈ ھاياتتۇر (زەبۇر 36:9). يەھۋانىڭ ئەزەلدىن بارلىقىنى ۋە مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر قانچە ئايەتلەرنى كۆرۈپ چىقايلى. زەبۇر 90:2-ئايەت: يەھۋا «ئەزەلدىن ئەبەدغىچە خۇدادۇرسەن»،— دەيدۇ. زەبۇر 102-بابتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەر يېزىلغان (زەبۇر 102، 12، 24، 27-نى ئوقۇڭ). ھاباققۇق پەيغەمبەر ئەرشتىكى ئاتىمىز ھەققىدە مۇنداق يازغان: «ئەي يەھۋا، سەن ئەزەلدىن تارتىپ مەۋجۇت ئەمەسمۇسەن؟ ئەي مېنىڭ مۇقەددەس تەڭرىم، سەن ئۆلمەيسەن».—ھاباققۇق 1:12.
4. يەھۋا ئەزەلدىن ئەبەدغىچە مەۋجۇت دېگەن قاراشنى چۈشىنىش قىيىن بولسا، بۇنىڭدىن ئەنسىرىشىمىز كېرەكمۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ.
4 يەھۋا «مەڭگۈلۈك خۇدا» دېگەن قاراشنى چۈشىنىش سىز ئۈچۈن قىيىنمۇ؟ (يەشايا 40:28) بۇنى چۈشىنىش باشقىلارغىمۇ قىيىن. خۇدا ھەققىدە ئېلىخۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭ يىللىرىنىڭ سانى سان-ساناقسىزدۇر» (ئايۇپ 36:26). ئەمما بىز بىر نەرسىنى چۈشىنەلمىسەك، بۇ ئۇنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. مەسىلەن، ئېلېكتىر كۈچىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەنمىسەك، بۇ ئېلېكتىر مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئىنسانلار، يەھۋانىڭ ئەزەلدىن بارلىقى ۋە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەمما، بۇ ھەرگىزمۇ خۇدا مەڭگۈ ياشىمايدۇ دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. ياراتقۇچى بىز چۈشىنەلەيدىغان ياكى چۈشىنەلمەيدىغان ئىشلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ (رىملىقلار 11:33–36). ئۇ كائىناتتىكى بارچە نەرسىلەردىن، يەنى قۇياش ۋە يۇلتۇزلار يارىتىلىشتىن بۇرۇن مەۋجۇت ئىدى. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يەھۋا كۈچ-قۇدرىتى بىلەن يەرنى ياراتقان. دېمەك، ئۇ ئاسمانلارنى كەڭ يايغاندىن بۇرۇن مەۋجۇت ئىدى (يەرەم. 51:15؛ ئەلچى. 17:24). مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى نېمە؟
يەھۋا بىزنى مەڭگۈ ياشاش ئۈچۈن ياراتقان
5. تۇنجى بىر جۈپ ئىنساننىڭ قانداق ھايات كەچۈرۈش ئۈمىدى بار ئىدى؟
5 يەھۋا ئىنسانلاردىن باشقا يەر-يۈزىدىكى بارچە جانلىقلارنى چەكلىك ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ياراتقان. ئۇ ئۇلارغا ھەرگىز ئۆلمەيدىغان ئۆزگىچە ھايات ئۈمىدىنى بەرگەن ئىدى. بىراق، يەھۋا ئادەم-ئاتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئەمما، ياخشى بىلەن ياماننى بىلدۈرىدىغان دەرەخنىڭ ھەرگىز يېمىگىن، چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈندە جەزمەن ئۆلىسەن، دېدى» (يارىت. 2:17). ئەگەر ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا يەھۋاغا بويسۇنغان بولسا، ئۇلار ئۆلمىگەن بولاتتى. شۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولىدىكى، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخىرىدا يەھۋا ئۇلارنىڭ «ھاياتلىق دەرىخىدىن» يېيىشىگە يول قوياتتى. بۇ ياراتقۇچىنىڭ ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ياشىيالىشىغا b كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.—يارىت. 3:22.
6، 7. (1) ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈش ئۈچۈن يارىتىلمىغانلىقىنى يەنە نېمە كۆرسىتىدۇ؟ (2) سىز نېمە ئىش قىلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىسىز؟ (رەسىملەرگە قاراڭ)
6 قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بەزى تەتقىقاتچى ئالىملار مېڭىمىزنىڭ ئۆمرىمىزدە توپلىيالايدىغان بارلىق ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تېخىمۇ كۆپرەك ئۇچۇرلارنى ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. 2010-يىلى ئىلىم-پەن توغرىلىق بىر ژۇرنالدا مۇنداق دېيىلگەن: «مېڭىمىزنىڭ سىغىمچانلىقى تەخمىنەن 5،2 مىليون گىگابايت بولۇپ، 3 مىليون سائەت (300 يىلدىن كۆپرەك) تېلېۋىزور پروگرامما ئۇچۇرىغا باراۋەر («Scientific American Mind»). بۇ سان تۆۋەن مۆلچەر بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ئۇچۇرنى ساقلىيالايدۇ. مەيلى قانداق بولسۇن، بۇ يەھۋانىڭ مېڭىمىزنى 70 ياكى 80 يىلدا قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ لايىھىلەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.—زەبۇر 90:10.
7 يەھۋا يەنە بىزنى كۈچلۈك ياشاش ئارزۇ-ئىستىكى بىلەن ياراتقان. مۇقەددەس كىتابتا ئىنسانلار ھەققىدە: خۇدا «ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئەبەدىيلىكنى سالغان»،— دەپ يېزىلغان (ۋەز 3:11). بۇ بىزنىڭ ئۆلۈمنى دۈشمەن دەپ قارىشىمىزنىڭ بىر سەۋەبى (1-كورىنت. 15:26). ئەگەر ئېغىر كېسەل بولۇپ قالساق، ھېچنېمە قىلماي ئۆلۈمنى ساقلاپ ياتىمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. ئادەتتە بىز دوختۇرغا بېرىپ كېسەلگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن دورا ئىچىشىمىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بىز ئۆلۈمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قولىمىزدىن كەلگىنىچە ئامال قىلىمىز. ئەگەر بىز ياخشى كۆرىدىغان بىرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى ياش ياكى قېرى بولسۇن، بىز ئازابلىنىپ ئۇزۇنغىچە قايغۇ-ھەسرەت چېكىمىز (يۇھاننا 11:32، 33). بىز مەڭگۈ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرالايمىز ۋە بىزنىڭ مەڭگۈ ياشاش ئارزۇ-ئىستىكىمىز كۈچلۈك. سەۋەبى، مېھىر-شەپقەتلىك ياراتقۇچىمىز بىزنى شۇنداق ياراتقان. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ بىزگە مەڭگۈ ياشىيالايدىغان ئىمكانىيەتنى بېرىدۇ. ئەمما، بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ياشىيالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشىمىزگە تېخىمۇ كۆپ سەۋەبلەر بار. يەھۋانىڭ ئۆتمۈشتە قىلغان ۋە ھازىر قىلىۋاتقان بەزى ئىشلىرى ياراتقۇچىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. دەلىللەردىن بىر قانچىسىنى كۆرۈپ باقايلى.
يەھۋانىڭ مەقسىتى ئۆزگەرمىدى
8. يەھۋانىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان مەقسىتى ھەققىدە يەشايا 55:11-ئايەت بىزنى نېمىگە ئىشەندۈرىدۇ؟
8 گەرچە ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا گۇناھ قىلىپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنىمۇ ئۆلۈمگە دۇچار قىلغان بولسىمۇ، يەھۋانىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۆزگەرگىنى يوق (يەشايا 55:11-نى ئوقۇڭ). ئۇنىڭ مەقسىتى يەنىلا ساداقەتمەن ئىنسانلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش. ئۇنى بىز قانداق بىلەلەيمىز؟ چۈنكى، بىز يەھۋانىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلغان سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىنى مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق شۇنداق خۇلاسىگە كېلەلەيمىز.
9. خۇدا نېمە ھەققىدە ۋەدە بەرگەن؟ (دانىيال 12:2، 13)
9 يەھۋا ئۆزىنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن (ئەلچى. 24:15؛ تىتۇس 1:1، 2). ساداقەتمەن كىشى ئايۇپ يەھۋانىڭ ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرۈشكە تەشنا ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن (ئايۇپ 14:14، 15). دانىيال پەيغەمبەر كېلەچەكتە تىرىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتى بولىدىغانلىقىنى بىلگەن (زەبۇر 37:29؛ دانىيال 12:2، 13-نى ئوقۇڭ). ئەيسانىڭ زامانىدىكى يەھۇدىيلارمۇ يەھۋانىڭ سادىق بەندىلىرىنى «مەڭگۈلۈك ھاياتقا» ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلگەن (لۇقا 10:25؛ 18:18). ئەيسامۇ بۇ ۋەدىنى قايتا-قايتا تەكرارلىغان ۋە ئۆزىمۇ ئاتىسى تەرىپىدىن تىرىلدۈرۈلگەن.—مەتتا 19:29؛ 22:31، 32؛ لۇقا 18:30؛ يۇھاننا 11:25.
10. ئۆتمۈشتىكى تىرىلدۈرۈشلەر نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟ (رەسىمگە قاراڭ)
10 ياراتقۇچى يەھۋا ھاياتلىق بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭ كىشىلەرنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش كۈچ-قۇدرىتى بار. ئۇ ئىلياس پەيغەمبەرگە سەرەپەتلىك تۇل ئايالنىڭ ئوغلىنى تىرىلدۈرۈش كۈچىنى بەرگەن (1-پادىشاھ. 17:21–23). كېيىن، خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىشا پەيغەمبەر شۇنەملىك ئايالنىڭ ئوغلىنى تىرىلدۈرگەن (2-پادىشاھ. 4:18–20، 34–37). بۇلار ۋە باشقا تىرىلدۈرۈش ھەققىدىكى ئۈزۈندىلەر يەھۋانىڭ كىشىلەرنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-قۇدرىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ھەرزىتى ئەيسا يەردە بولغاندا، ئۇنىڭغا تىرىلدۈرۈش قۇدرىتىنى ئاتىسى بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان (يۇھاننا 11:23–25، 43، 44). ئەيسا مەسىھ ھازىر ئاسماندا ۋە ئۇنىڭغا ھوقۇق بېرىلگەن. شۇڭا، ئۇ «قەبرىلەردە بولغانلارنىڭ ھەممىسى» كېلەچەكتە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىلدرۈلىدۇ دېگەن ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.—مەتتا 28:18؛ يۇھاننا 5:25–29.
11. تۆلەم قانداق قىلىپ مەڭگۈ ياشىشىمىز ئۈچۈن يول ئاچقان؟
11 نېمە ئۈچۈن يەھۋا خۇدا سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ئۆلۈپ كېتىشىگە يول قويغان؟ ئەيسا ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېگەن: «خۇدا دۇنيانى شۇقەدەر سۆيدىكى، ھەتتا يالغۇز ئوغلىنى بەردى؛ ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، بەلكى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولسۇن» (يۇھاننا 3:16). خۇدا ئۆز ئوغلىنى گۇناھىمىز ئۈچۈن تۆلەم قۇربانلىقىنى بېرىش ئارقىلىق بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشىمىزگە يول ئاچقان (مەتتا 20:28). ئەلچى پاۋلۇس خۇدانىڭ مەقسىتىنىڭ بۇ مۇھىم قىسىمىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق يازغان: «ئادەم-ئاتا سەۋەبلىك ھەممىسى ئۆلگىنىدەك، مەسىھ سەۋەبلىك ھەممىسى ھايات بولىدۇ».—1-كورىنت. 15:21، 22.
12. يەھۋانىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا پادىشاھلىق قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
12 ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى ۋە خۇدانىڭ ئىرادىسىنىڭ يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئېشىشىنى تىلەپ، دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن ئىدى (مەتتا 6:9، 10). ئىنسانلارنىڭ يەر يۈزىدە مەڭگۈ ياشىشى خۇدانىڭ مەقسىتىنىڭ بىر قىسىمى. بۇ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەھۋا ئۆز ئوغلىنى مەسىھ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تەيىنلىگەن. خۇدا يەر يۈزىدىن 144000 ئادەمنى يىغىۋاتىدۇ، ئۇلار ئەيسا بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تاللانغانلاردۇر.—ۋەھىي. 5:9، 10.
13. يەھۋا ھازىر نېمە قىلىۋاتىدۇ ۋە بىز چوقۇم نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
13 يەھۋا ھازىر «زور بىر توپ» خالايىقنى يىغىۋاتىدۇ، ئۇ ئۇلارغا ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ قانۇن-قائىدىلىرىگە بويسۇنۇپ ياشاشنى ئۆگىتىۋاتىدۇ (ۋەھىي. 7:9، 10؛ ياقۇپ 2:8). بۈگۈن ۋەھىمە ۋە ئۇرۇش تۈپەيلى بۆلۈنگەن دۇنيادا ياشاۋاتقىنىغا قارىماي، پەرقلىق مىللەت قەبىلىدىن كېلىپ چىققان بۇ بىر توپ كىشىلەر، قەلبىدىكى بارچە ئۆچمەنلىكنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاشقا تىرىشىدۇ. ئۇلار ئاللىقاچان كۆچمە مەنىدە قىلىچلارنى ساپان چىشلىرى سوققانلىقىنى ئۆز ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆرسىتىۋاتىدۇ (مىكاھ 4:3). ئۇلار شۇنچە كۆپ قان تۆكۈلۈشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۇرۇشلارغا قاتنىشىشنىڭ ئورنىغا، كىشىلەرگە ھەق خۇدا ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى ھەققىدە ئۆگىتىش ئارقىلىق «ھەقىقىي ھاياتنى» تېپىشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ (1-تىموت. 6:19). ئۇلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگىنى ئۈچۈن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقلىرىغا ئۇچرىشى ياكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، ئەمما يەھۋا ئۇلارنىڭ مۇھتاجلىقلىرىنى تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (مەتتا 6:25، 30–33؛ لۇقا 18:29، 30). ئاشۇ دەلىل-ئىسپاتلار خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ھەقىقەتەن بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ۋە ئۇ داۋاملىق خۇدانىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىدۇ.
گۈزەل كېلەچەك ئالدىمىزدا
14، 15. يەھۋانىڭ ئۆلۈمنى مەڭگۈ يوق قىلىش ۋەدىسى ئاخىرىدا قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ؟
14 ئەيسا مەسىھ ھازىر ئاسماندا خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولدى ۋە ياراتقۇچى يەھۋانىڭ بارچە ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ (2-كورىنت. 1:20). 1914-يىلدىن بۇيان، ئەيسا دۈشمەنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ (زەبۇر 110:1، 2). ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلار پات يېقىندا ھەممىسىنى پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇپ، رەزىل كىشىلەرنى تامامەن يوق قىلىدۇ.—ۋەھىي. 6:2.
15 ئەيسا مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئىتائەتچان ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئاخىرقى سىناقتىن كېيىن، يەھۋا خۇدايىمىز ھەققانىي ئادەم دەپ ھۆكۈم قىلغانلار «يەر يۈزىگە ئىگە بولار، ئۇلار يەردە مەڭگۈ ياشار» (زەبۇر 37:10، 11، 29). خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، ئەڭ ئاخىرقى دۈشمەن، ئۆلۈم، يوق قىلىنىدۇ.—1-كورىنت. 15:26.
16. يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسىتىمىز نېمە بولۇشى كېرەك؟
16 كۆرگىنىمىزدەك، مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىمىز خۇدانىڭ سۆزىگە ئاساسلانغان. بۇ ئۈمىد بىزنىڭ ئاخىرقى قىيىن كۈنلەردە يەھۋاغا سادىق قېلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئەمما، بىز پەقەت ھايات قېلىش ئۈچۈنلا يەھۋاغا سادىق قېلىشقا تىرىشساق، بىز ياراتقۇچىمىزنى خۇرسەن قىلالمايمىز (2-كورىنت. 5:14، 15). يەھۋا خۇداغا ۋە مەسىھ ئەيساغا سادىق قېلىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى — بىز ئۇلارنى چىن قەلبىمىزدىن سۆيىمىز. شۇ سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز بىزنى ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشقا ۋە ئۈمىدىمىز ھەققىدە باشقىلارغا ئېيتىشقا ئۈندەيدۇ (رىملىقلار 10:13–15). بىز ئۆزىمىزنى پىدا قىلساق ۋە مەرتلىكنى يېتىلدۈرسەك، يەھۋا بىز بىلەن مەڭگۈ دوست بولۇشنى خالايدۇ.—ئىبرانىي. 13:16.
17. ھەربىرىمىز نېمە قىلىشنى تاللىشىمىز لازىم؟ (مەتتا 7:13، 14)
17 بىز مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا بولىمىزمۇ؟ يەھۋا بىزگە ئاشۇ پۇرسەتنى بېرىدۇ. ھازىر چوقۇم بىزنى ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يولدا مېڭىشنى تاللىشىمىز لازىم (مەتتا 7:13، 14-نى ئوقۇڭ). ئۇنداقتا، كېلەچەكتىكى مەڭگۈلۈك ھايات قانداق بولىدۇ؟ كېيىنكى ماقالىدە بۇ سوئالغا جاۋاب تاپىمىز.
1-ناخشا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى
a مەڭگۈ ياشاشنى ئۈمىد قىلامسىز؟ يەھۋا بىزگە شۇنداق ۋەدە بەرگەنكى، چوقۇم ئۆلۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىمەي ياشايدىغان بىر كۈن كېلىدۇ. يەھۋانىڭ ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلالايمىز. ھازىر بۇنىڭ بەزى سەۋەبلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b « مۇقەددەس كىتابتىكى «مەڭگۈ» سۆزىنىڭ مەنىسى» ناملىق رامكىغا قاراڭ.
c سۈرەتتە: ياشانغان بۇرادەر مەڭگۈ ھايات كەچۈرگەندە قىلماقچى بولغان ئىشلىرى ھەققىدە ئويلىنىۋاتىدۇ.