مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

50-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«سە‌ن مە‌ن بىلە‌ن بىللە جە‌ننە‌تتە بولىسە‌ن»‏

‏«سە‌ن مە‌ن بىلە‌ن بىللە جە‌ننە‌تتە بولىسە‌ن»‏

‏«بە‌رھە‌ق بۈگۈن ساڭا ئېيتىمە‌نكى،‏ سە‌ن مە‌ن بىلە‌ن بىللە جە‌ننە‌تتە بولىسە‌ن»‏‏.‏‏—‏لۇ‌قا 23:‏43‏.‏

19-‏ناخشا خۇ‌دا ۋە‌دە قىلغان جە‌ننە‌ت

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ئە‌يسا ئۆلۈشتىن سە‌ل ئاۋۋال ئۆز يېنىدىكى جىنايە‌تچىگە نېمە دېگە‌ن؟‏ (‏لۇ‌قا 23:‏39–‏43‏)‏

 ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ يېنىدىكى ئىككى جىنايە‌تچى قىينىلىپ،‏ ئاستا-‏ئاستا جان بېرىۋاتاتتى (‏لۇ‌قا 23:‏32،‏ 33‏)‏.‏ جىنايە‌تچىلە‌رنىڭ ھە‌ر ئىككىسى ئە‌يسانى زاڭلىق قىلغان.‏ شۇ‌ڭا ناھايىتى ئېنىقكى،‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭ شاگىرتى ئە‌مە‌س (‏مە‌تتا 27:‏44؛‏ ماركۇ‌س 15:‏32‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لاردىن بىرىنىڭ يۈرىكى يۇ‌مشاپ ئۆزگە‌رگە‌ن.‏ ئۇ:‏ «ئە‌ي ئە‌يسا،‏ پادىشاھ بولغىنىڭدا مېنى ئە‌سلىگە‌يسە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئە‌يسا شۇ‌نداق جاۋاب بە‌رگە‌ن:‏ «بە‌رھە‌ق بۈگۈن ساڭا ئېيتىمە‌نكى،‏ سە‌ن مە‌ن بىلە‌ن بىللە جە‌ننە‌تتە بولىسە‌ن» ‏(‏لۇ‌قا 23:‏39–‏43-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھە‌رزىتى ئە‌يسا ۋە‌ز قىلغان چاغلاردا،‏ بۇ جىنايە‌تچىنىڭ «ئاسماندىكى پادىشاھلىق» ھە‌ققىدىكى خە‌ۋە‌رنى قوبۇ‌ل قىلغانلىقى ھە‌ققىدە ھېچقانداق بىر مە‌لۇ‌مات يوق.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌يسا ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌نى ئاسمان پادىشاھلىقىغا كىرىدۇ دېمىگە‌ن (‏مە‌تتا 4:‏17‏)‏.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئە‌يسا كە‌لگۈسى يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌ت ھە‌ققىدە سۆز قىلغان ئىدى.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دېيە‌لە‌يمىز؟‏

ئە‌يسا بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ن جىنايە‌تچى ۋە ئۇ‌نىڭ نېمە بىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە قانداق خۇ‌لاسە قىلالايمىز؟‏ (‏2،‏ 3-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

2.‏ توۋا قىلغان جىنايە‌تچىنىڭ يە‌ھۇ‌دىي ئىكە‌نلىكىنى قانداق بىلىمىز؟‏

2 ئاشۇ توۋا قىلغان جىنايە‌تچى بىر يە‌ھۇ‌دىي بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ جىنايە‌تچى يە‌نە بىرىگە:‏ «سە‌ن خۇ‌دادىن قورقمامسە‌ن؟‏ ئۆزۈڭمۇ بۇ ھۆكۈمگە ئۇ‌چراۋاتسە‌نغۇ؟‏!‏»—‏ دېگە‌ن ئىدى (‏لۇ‌قا 23:‏40‏)‏.‏ يە‌ھۇ‌دىيلار پە‌قە‌ت بىرلا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغان.‏ ئە‌مما،‏ يات مىللە‌تلە‌ر كۆپ ئىلاھلارغا چوقۇ‌نۇ‌شقان ئىدى (‏چىق.‏ 20:‏2،‏ 3؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 8:‏5،‏ 6‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئاشۇ جىنايە‌تچىلە‌ر يە‌ھۇ‌دىيلار بولمىغان بولسا،‏ شۇ جىنايە‌تچى:‏ «سە‌ن ئىلاھلاردىن قورقمامسە‌ن؟‏»—‏ دە‌پ سورىشى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا باشقا مىللە‌تلە‌رگە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى «ئىسرائىل جە‌مە‌تىنىڭ ئادىشىپ قالغان قويلىرىغا» ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن ئىدى (‏مە‌تتا 15:‏24‏)‏.‏ خۇ‌دا ئىسرائىللارغا ئۆلۈكلە‌رنى تىرىلدۈرگە‌نلىكىنى بىلدۈرگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ پۇ‌شايمان قىلغان جىنايە‌تچى بۇ‌نى بىلگە‌ن.‏ ئېنىقكى،‏ شۇ كىشى ئۆزىنىمۇ خۇ‌دانىڭ تىرىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلغان.‏

3.‏ ئە‌يسا جە‌ننە‌تنى تىلغا ئالغاندا،‏ توۋا قىلغان جىنايە‌تچى نېمە ھە‌ققىدە ئويلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ (‏يارىتىلىش 2:‏15‏)‏.‏

3 توۋا قىلغان جىنايە‌تچى بىر يە‌ھۇ‌دىي بولغاچقا،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ۋە ئۇ‌لارنى يە‌ھۋانىڭ جە‌ننە‌تكە ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغانلىقى ھە‌ققىدە بىلگە‌ن.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ شۇ جىنايە‌تچى بە‌لكىم ئە‌يسا مە‌سىھ تىلغا ئالغان جە‌ننە‌تنىڭ يە‌ر يۈزىدىكى گۈزە‌ل باغ بولۇ‌شىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏—‏يارىتىلىش 2:‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ ئە‌يسانىڭ جىنايە‌تچىلە‌ردىن بىرىگە قىلغان سۆزى بىزنى نېمە ھە‌ققىدە ئويلىنىشقا ئۈندىشى كېرە‌ك؟‏

4 ئە‌يسانىڭ جىنايە‌تچىگە قىلغان سۆزى بىزنى جە‌ننە‌تتىكى ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بىز سۇ‌لايمان پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگە‌ن مە‌زگىلدىكى تىنچ-‏ئامانلىقتىن،‏ جە‌ننە‌ت ھە‌ققىدە بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنىۋالالايمىز.‏ بىز سۇ‌لايماندىنمۇ ئۇ‌لۇ‌غ ئە‌يسانىڭ ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇ‌چىلارنىڭ يە‌ر يۈزىنى ئاجايىپ جە‌ننە‌ت ماكانغا ئايلاندۇ‌رىدىغانلىقىنى ئۈمىد بىلە‌ن كۈتە‌لە‌يمىز (‏مە‌تتا 12:‏42‏)‏.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ «باشقا قويلار» جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاشقا لايىق بولالىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ نېمىلە‌رنى قىلىشى كېرە‌كلىكىگە قىزىقىشىدۇ.‏—‏يۇ‌ھاننا 10:‏16‏.‏

جە‌ننە‌تتە ھايات قانداق بولىدۇ؟‏

5.‏ سىزنىڭچە جە‌ننە‌تتە ھايات قانداق بولىدۇ؟‏

5 جە‌ننە‌تتىكى ھاياتنى ئويلىغىنىڭىزدا،‏ نېمىلە‌رنى خىيال قىلىسىز؟‏ بە‌لكىم،‏ سىز ئېرە‌م باغقا ئوخشاش گۈزە‌ل باغچىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىدىغانسىز (‏يارىت.‏ 2:‏7–‏9‏)‏.‏ مىكاھ پە‌يغە‌مبە‌ر يازغان مۇ‌نۇ بېشارە‌تنى ئە‌سكە ئېلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ خۇ‌دا خە‌لقى «ھە‌ر بىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئە‌نجۈر دە‌رىخىنىڭ ئاستىدا ئولتۇ‌رىدۇ» (‏مىكاھھ 4:‏3،‏ 4‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كلە‌رنىڭ مول بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئايە‌تلە‌ر ئېسىڭىزگە كېلىشى مۇ‌مكىن (‏زە‌بۇ‌ر 72:‏16؛‏ يە‌شايا 65:‏21،‏ 22‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆزىڭىزنى چىرايلىق باغدا مە‌ززىلىك يېمە‌كلىكلە‌ر بىلە‌ن تولغان داستىخاندا ئولتۇ‌رغانلىقىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرە‌لە‌يسىز.‏ بە‌لكىم،‏ گۈل-‏گىياھلار ۋە دە‌ل-‏دە‌رە‌خلە‌رنىڭ خۇ‌ش پۇ‌راقلىرىغا تولغان ساپ ھاۋانى ھە‌مدە ئائىلىڭىزدىكىلە‌ر،‏ دوستلىرىڭىز ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگە‌نلە‌ر بىرگە جە‌م بولۇ‌پ،‏ خۇ‌شاللىقتىن كۆتىرىلگە‌ن شادلىق كۈلكە ئاۋازلىرىنى ئاڭلاۋاتقان شۇ پە‌يتلە‌رنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌سلىدە بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى ھە‌رگىزمۇ خام-‏خىيال ئە‌مە‌س.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ بۇ‌نداق كۆرۈنۈشلە‌ر يە‌ر يۈزىدە چوقۇ‌م يۈز بېرىدۇ.‏ بىراق،‏ جە‌ننە‌تتىكى ھايات شاد-‏خۇ‌راملىق ئىچىدە ئىش-‏ئە‌مگە‌ك قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏

مۇ‌ھىم ۋە‌زىپىمىز —‏ تىرىلگە‌نلە‌رگە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش (‏6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

6.‏ بىز جە‌ننە‌تتە نېمە قىلىمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە قاراڭ)‏

6 يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى ئىش-‏ئە‌مگىكىمىزدىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىش ئۈچۈن ياراتقان (‏ۋە‌ز 2:‏24‏)‏.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ بىز مە‌سىھنىڭ مىڭيىللىق ھۆكۈمرانلىق مە‌زگىلىدە ئالدىراش بولۇ‌پ كېتىمىز.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايئاپە‌تتىن ئامان قالغانلار،‏ شۇ‌نداقلا مىليونلىغان تىرىلگە‌ن كىشىلە‌ر،‏ كىيىم-‏كېچە‌ك،‏ يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك ۋە تۇ‌رىدىغان جايغا مۇ‌ھتاج بولىدۇ.‏ مۇ‌شۇ موھتاجلىقلارنى قاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن كۆپ ئىش-‏ئە‌مگە‌كلە‌رنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.‏ بۇ ئىش-‏ئە‌مگە‌ك بىزگە خۇ‌شاللىق بېغىشلايدۇ.‏ خۇ‌ددى ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ئۆتمۈشتە يە‌ر يۈزىنى پە‌رۋىش قىلىشقا بۇ‌يرۇ‌لغاندە‌ك،‏ بىزمۇ يە‌ر يۈزىنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌ش خىزمىتىدىن شاد-‏خۇ‌راملىق تاپىمىز.‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ مە‌قسىتى ھە‌ققىدە ئاز-‏تولا بىلىدىغان مىليونلىغان تىرىلگە‌ن ئىنسانلارغا تە‌لىم بېرىش ۋە ھە‌زرىتى ئە‌يسادىن ئىلگىرىكى زامانلاردا ياشىغان ساداقە‌تمە‌ن كىشىلە‌رنىڭ تېخىمۇ كۆپرە‌ك نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىش نە‌قە‌دە‌ر خۇ‌شاللىنارلىق ئىش ئىكە‌نلىكىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ!‏

7.‏ بىز نېمىگە ئىشە‌نچ قىلالايمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

7 بىز كە‌لگۈسى جە‌ننە‌تتىكى ھاياتنىڭ تىنچ-‏خاتىرجە‌م،‏ باياشات،‏ تە‌رتىپلىك تە‌شكىللىنىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايمىز.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ئاللىقاچان بىزگە ئۆز ئوغلىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە بىر ئۈلگىنى كۆرسىتىپ بە‌رگە‌ن.‏ بىز بۇ‌نى سۇ‌لايمان پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىق دە‌ۋرى ھە‌ققىدە خاتىرىلە‌نگە‌ن يازمىلاردىن كۆرە‌لە‌يمىز.‏

سۇ‌لايمان پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى جە‌ننە‌تتىكى ھاياتتىن خە‌ۋە‌ر بېرىدۇ

8.‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏10،‏ 11،‏ 29-‏ئايە‌تتىكى داۋۇ‌ت يازغان بېشارە‌تلىك سۆزلە‌ر قە‌دىمدە قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏ (‏بۇ ژۇ‌رنالدىكى «‏ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى‏»غا قاراڭ)‏

8 پادىشاھ داۋۇ‌ت خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن،‏ كە‌لگۈسىدە بىر دانا ۋە سادىق پادىشاھ تە‌ختكە ئولتارغاندا،‏ ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە يازغانىدى ‏(‏زە‌بۇ‌ر 37:‏10،‏ 11،‏ 29-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئادە‌تتە كېلە‌چە‌ك جە‌ننە‌ت ھە‌ققىدە سۆھبە‌تلە‌شكە‌ندە،‏ بىز دائىم باشقىلارغا زە‌بۇ‌ر 37:‏11-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌پ بېرىمىز.‏ شۇ‌نداق قىلىشىمىز ئۈچۈن يېتە‌رلىك سە‌ۋە‌بلىرىمىز بار،‏ چۈنكى ئە‌يسا تاغدىكى ۋە‌ز-‏نە‌سىھە‌ت نۇ‌تۇ‌قىدا مۇ‌شۇ ئايە‌تنى نە‌قىل كە‌لتۈرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ كېلە‌چە‌كتە ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 5:‏5‏)‏.‏ داۋۇ‌تنىڭ سۆزلىرى يە‌نە پادىشاھ سۇ‌لايماننىڭ كۈنلىرىدە ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ سۇ‌لايمان ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا،‏ خۇ‌دا خە‌لقى «سۈت بىلە‌ن ھە‌سە‌ل ئاقىدىغان» زېمىندا تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك ۋە باياشاتچىلىق ئىچىدە خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرگە‌ن.‏ خۇ‌دا مۇ‌نداق دېگە‌ن ئىدى:‏ «ئە‌گە‌ر سىلە‌ر يول-‏يورۇ‌قلىرىم بويىچە مېڭىپ،‏ ئە‌مرلىرىمنى تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا ئە‌مە‌ل قىلساڭلار،‏ .‏ .‏ .‏ زېمنىڭلارغا تىنچ-‏ئامانلىق بېرىمە‌ن،‏ قورقۇ‌نچ ئىچىدە ياتمايسىلە‌ر» (‏لاۋى.‏ 20:‏24؛‏ 26:‏3،‏ 6‏)‏.‏ بۇ ۋە‌دىلە‌ر سۇ‌لايمان پادىشاھلىق قىلغان مە‌زگىلدە ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لغان (‏1-‏تارىخ.‏ 22:‏9؛‏ 29:‏26–‏28‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ رە‌زىللە‌ر «يوق بولار» دېگە‌ن ۋە‌دىمۇ بولغان (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏10‏)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏10،‏ 11،‏ 29-‏ئايە‌تلە‌ردىكى بېشارە‌تلە‌ر قە‌دىمدە ئە‌مە‌لگە ئاشقان بولۇ‌پ،‏ كە‌لگۈسىدە يە‌نە ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ.‏

9.‏ شىبانىڭ خانىشى سۇ‌لايمان پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ھە‌ققىدە نېمە دېگە‌ن؟‏

9 سۇ‌لايماننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىسرائىللار بە‌ھرىمە‌ن بولغان تىنچلىق ۋە باياشاتچىلىق خە‌ۋە‌رلىرى شىبانىڭ خانىشىنىڭ قۇ‌لىقىغا يە‌تكە‌ن.‏ بۇ ئايال پادىشاھ ئاڭلىغانلىرىنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرۈش ئۈچۈن يىراق يۇ‌رتتىن يېرۇ‌سالىمغا كە‌لگە‌ن (‏1-‏پادىشاھ.‏ 10:‏1‏)‏.‏ سۇ‌لايماننىڭ پادىشاھلىقىنى كۆزدىن كە‌چۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم ئە‌سلىدە كۆرگە‌نلىرىمنىڭ يېرىمىغىمۇ يە‌تمە‌يدىكە‌ن!‏ .‏ .‏ .‏ سىلىنىڭ پۇ‌قرالىرى نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك!‏ دائىم ئالدىلىرىدا تۇ‌رۇ‌پ،‏ ھېكمە‌تلىرىنى ئاڭلاۋاتقان خىزمە‌تچىلىرى نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىكتۇ‌ر!‏» (‏1-‏پادىشاھ.‏ 10:‏6–‏8‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ سۇ‌لايمان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مە‌زگىلدىكى تۇ‌رمۇ‌ش شارائىتلىرى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئوغلى ئە‌يسا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا،‏ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن خە‌ۋە‌ر بە‌رگە‌ن.‏

10.‏ ئە‌يسا قايسى جە‌ھە‌تلە‌ردە سۇ‌لايماندىن ئۈستۈن تۇ‌رىدۇ؟‏

10 ئە‌يسا ھە‌ر جە‌ھە‌تتىن سۇ‌لايماندىن ئۈستۈن تۇ‌رغان.‏ سۇ‌لايمان نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان بولغان ۋە ئېغىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ،‏ ئاخىرىدا خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنى جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تكە دۇ‌چار قىلغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بولسا مۇ‌كە‌ممە‌ل ھۆكۈمران ۋە ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمە‌يدۇ (‏لۇ‌قا 1:‏32؛‏ ئىبرانىي.‏ 4:‏14،‏ 15‏)‏.‏ شە‌يتاننىڭ قىيىن سىناقلىرىغا قارىماي،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ خۇ‌داغا سادىق قالغان.‏ مە‌سىھ ئۆزىنىڭ ھە‌رگىزمۇ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزمە‌يدىغانلىقى ياكى ئۆز پۇ‌قرالىرىغا زىيان يە‌تكۈزمە‌يدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.‏ ئۇ بىز ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌ڭ ياخشى پادىشاھ بولالايدۇ.‏

11.‏ ئە‌يسانىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا كىملە‌ر ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 ئە‌يسا ئىنسانىيە‌تكە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە يە‌ھۋانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى مە‌قسىتىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شتا 144000 باشقۇ‌رغۇ‌چىلار بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 14:‏1–‏3‏)‏.‏ ئۇ‌لار سادىق ئە‌رلە‌ر ۋە ئاياللار بولۇ‌پ،‏ يە‌ر يۈزىدە ياشىغاندا بېشىدىن نۇ‌رغۇ‌ن سىناقلار ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى ئۆتكۈزگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئىنسانىيە‌تكە ھېسداشلىق قىلالايدىغان باشقۇ‌رغۇ‌چىلار بولىدۇ.‏ ئېنىقراق ئېيتقاندا،‏ بۇ باشقۇ‌رغۇ‌چىلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟‏

مە‌سىھ قىلىنغانلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟‏

12.‏ يە‌ھۋا 144000 تاللانغانلارغا قانداق ۋە‌زىپىنى تاپشۇ‌رىدۇ؟‏

12 ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە باشقۇ‌رىدىغانلارغا تاپشۇ‌رۇ‌لغان ۋە‌زىپە سۇ‌لايمانغا بېرىلگە‌ن ۋە‌زىپىدىنمۇ كۆپرە‌ك ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پە‌قە‌ت بىر دۆلە‌تتە نە‌چچە مىليون كىشىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلار پۈتكۈل يە‌ر يۈزىدە ياشايدىغان مىلياردلارچە ئىنسانلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئاشۇ 144000 تاللانغانلارغا ئاجايىپ ئىمتىيازنى بە‌رگە‌ن.‏

13.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلارغا قانداق ئۆزگىچە خىزمە‌ت تاپشۇ‌رۇ‌لغان؟‏

13 ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ ئاشۇ 144000 تاللانغانلار پادىشاھلار ۋە روھانىيلار بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 5:‏10‏)‏.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە چۈشۈرۈلگە‌ن قانۇ‌نغا ئاساسلانغاندا،‏ روھانىيلار ئاساسلىقى خە‌لقنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىنى قوغداش بىلە‌ن بىرگە روھىي جە‌ھە‌تتىن ساغلام بولۇ‌شىغا مە‌سئۇ‌ل كىشىلە‌ر ئىدى.‏ بۇ قانۇ‌ن كېلە‌چە‌كتە بولىدىغان ئىشلارنىڭ كۆلە‌ڭگىسى بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌نداق خۇ‌لاسە چىقىرىش ناھايىتى ئورۇ‌نلۇ‌ق،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلار خۇ‌دا خە‌لقنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏1‏)‏.‏ بىز بۇ پادىشاھلار ۋە روھانىيلارنىڭ يە‌ر يۈزىدىكى پۇ‌قرالىرى بىلە‌ن قانداق ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى ھازىرچە بىلمە‌يمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ قانداق ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بىز كە‌لگۈسى يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە ياشايدىغانلار مۇ‌ھتاج بولىدىغان يول-‏يورۇ‌قلارغا ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏3،‏ 4‏.‏

‏«باشقا قويلار» جە‌ننە‌تتە ياشاشقا لايىق بولالىشى ئۈچۈن چوقۇ‌م نېمە ئىش قىلىشى كېرە‌ك؟‏

14.‏ «باشقا قويلار» بىلە‌ن مە‌سىھنىڭ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا قانداق مۇ‌ناسىۋە‌ت بار؟‏

14 ئە‌يسا ئۆزى بىلە‌ن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلارنى «كىچىك پادا» دە‌پ ئاتىغان ئىدى ‏(‏لۇ‌قا 12:‏32‏)‏.‏ ئۇ يە‌نە «باشقا قويلار» دە‌پ ئاتىلىدىغان ئىككىنچى توپ كىشىلە‌ر ھە‌ققىدە سۆز قىلغان.‏ بۇ ئىككى توپ كىشىلە‌ر بىر توپ پادىنى تە‌شكىل قىلىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 10:‏16‏)‏.‏ بۇ ئىككى توپ ئاللىقاچان ھە‌مكارلىشىپ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تكە ئايلانغاندىمۇ بىرلىكتە خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ شۇ ۋاقىتتا «كىچىك پادا» ئاسماندا بولىدۇ.‏ «باشقا قويلارنىڭ» يە‌ر يۈزىدە مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاش ئۈمىدى بولىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ «باشقا قويلار» جە‌ننە‌تتە ياشاشقا لايىق بولۇ‌ش ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بار.‏

ھە‌تتا ھازىر بىز كە‌لگۈسى جە‌ننە‌تتە ياشاشقا تە‌ييارلىنىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b

15.‏ (‏1)‏ «باشقا قويلار» مە‌سىھنىڭ قېرىنداشلىرى بىلە‌ن قانداق ھە‌مكارلىشىدۇ؟‏ (‏2)‏ دۇ‌كاندىكى بۇ‌رادە‌رنى قانداق ئۈلگە قىلالايسىز؟‏ (‏رە‌سىمگە قاراڭ)‏

15 پۇ‌شايمان قىلغان جىنايە‌تچى مە‌سىھكە بولغان مىننە‌تدارلىقىنى تولۇ‌ق ئىپادىلە‌ش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشىشتىن بۇ‌رۇ‌ن ئۆلۈپ كە‌تتى.‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ «باشقا قويلارنىڭ» ھازىر ئە‌يساغا مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن پۇ‌رسە‌تلىرى بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغان قېرىنداشلىرىغا ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلىش ئارقىلىق،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئىپادىلە‌يمىز.‏ ئە‌يسا بۇ‌نىڭغا ئاساسە‌ن قويلارنى ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 25:‏31–‏40‏)‏.‏ ۋە‌ز ئېيتىش ۋە شاگىرت يېتىشتۈرۈش خىزمىتىدە،‏ ئە‌يسانىڭ قېرىنداشلىرىغا قىزغىنلىق بىلە‌ن ياردە‌م بېرىش ئارقىلىق ئۇ‌لارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يمىز (‏مە‌تتا 28:‏18–‏20‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىز ئۇ‌لار تە‌مىنلىگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش قوراللىرىدىن،‏ مە‌سىلە‌ن «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» ناملىق كىتابتىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر سىز تېخى بىرە‌ر كىشى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزمىگە‌ن بولسىڭىز،‏ ئىمكانقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك كىشىلە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە تە‌كلىپ قىلىش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ.‏

16.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پۇ‌قراسى بولۇ‌ش ئۈچۈن ھازىر نېمە قىلالايمىز؟‏

16 ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا جە‌ننە‌تتە بولۇ‌شىنى خالايدىغان ئادە‌م بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن،‏ جە‌ننە‌تنىڭ كېلىشىنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق.‏ ھازىر گە‌پ-‏سۆزلىرىمىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزدە سە‌مىمىي بولۇ‌پ،‏ ھاياتىمىزدا تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىيالاايمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز يە‌ھۋاغا،‏ نىكاھتا باغلانغان جۈپتىمىزگە ۋە باشقا ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا سادىق بولالايمىز.‏ بىز بۇ رە‌زىل دۇ‌نيادا ياشاۋاتقىنىمىزدا،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌پ ياشىساق،‏ كە‌لگۈسى جە‌ننە‌تتە ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌پ ياشاش تېخىمۇ ئاسانراق بولىدۇ.‏ بىز يە‌نە تۈرلۈك ماھارە‌تلە‌رنى ۋە پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ جە‌ننە‌تتە ياشاشقا تە‌ييارلىق قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ بۇ سان ژۇ‌رنالدىكى «‏يە‌رنى مىراس ئېلىشقا تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

17.‏ ئىلگىرى ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرىمىز تۈپە‌يلى چۈشكۈنلىشىپ كېتىشىمىز كېرە‌كمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

17 ئۆتمۈشتە ئۆتكۈزگە‌ن ئېغىر گۇ‌ناھلىرىمىز تۈپە‌يلى،‏ ئۆزىمىزنى گۇ‌ناھكار ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن،‏ ئە‌مما شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دىن يىراق بولۇ‌شقا تىرىشىمىز لازىم.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز ھە‌رگىزمۇ «تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنى» باھانە قىلىپ،‏ قە‌ستە‌ن گۇ‌ناھ قىلمايمىز (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏26–‏31‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز چىن قە‌لبىمىزدىن ئېغىر گۇ‌ناھىمىز ئۈچۈن ھە‌قىقىي توۋا قىلغان،‏ يە‌ھۋادىن ۋە ئاقساقاللاردىن ياردە‌م سورىغان،‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىزنى ئۆزگە‌رتكە‌ن بولساق،‏ ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ بىزنى پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرگە‌نلىكىگە ئىشە‌نچ قىلالايمىز (‏يە‌شايا 55:‏7؛‏ ئە‌لچى.‏ 3:‏19‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ پە‌رىسىيلە‌رگە ئېيتقان مۇ‌نۇ سۆزىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ:‏ «مە‌ن ھە‌ققانىي ئادە‌ملە‌رنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى گۇ‌ناھكارلارنى چاقىرىشقا كە‌لدىم» (‏مە‌تتا 9:‏13‏)‏.‏ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى بىزنىڭ بارلىق گۇ‌ناھلىرىمىزنى يېپىش كۈچىگە ئىگە.‏

جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشىيالايسىز

18‏.‏ ئە‌يسانىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۈلگە‌ن جىنايە‌تچى بىلە‌ن نېمىلە‌رنى سۆزلە‌شنى خالايسىز؟‏

18 ئۆزىڭىزنىڭ جە‌ننە‌تتە بولۇ‌پ،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ن جىنايە‌تچى بىلە‌ن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالامسىز؟‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ھە‌ر ئىككىڭلار ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرىسىلە‌ر.‏ سىز بە‌لكىم ئۇ كىشىدىن ئە‌يسانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى بىر قانچە سائىتىدە يۈز بە‌رگە‌ن ئىشلار ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌لىپىگە ئە‌يسا جاۋاب قايتۇ‌رغاندىكى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سى ھە‌ققىدە تېخىمۇ كۆپرە‌ك سۆزلە‌پ بېرىشنى ئۆتۈنۈشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ سىزدىن شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسىدا ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ياشاشنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سورىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ كىشىگە ئوخشاش كىشىلە‌ر بىلە‌ن خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش نە‌قە‌دە‌ر شان-‏شە‌رە‌پلىك ئىش-‏ھە!‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏22–‏24‏.‏

مىڭ يىللىق پادىشاھلىق ۋاقتىدا بىر بۇ‌رادە‌ر ئۆزى راۋاجلاندۇ‌رۇ‌شنى ئۈمىد قىلغان تالانت ئۈستىدىن ئىشلە‌شتىن خۇ‌شاللىق تېپىۋاتىدۇ (‏19-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

19.‏ نېمە ئۈچۈن جە‌ننە‌تتىكى ھايات زېرىكىشلىك بولمايدۇ؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

19 جە‌ننە‌تتىكى ھايات ھە‌رگىزمۇ زېرىكىشلىك بولمايدۇ.‏ بىز دائىم قىزىقارلىق ئىشلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن كىشىلە‌ر بىلە‌ن كۆرۈشىمىز ۋە ئە‌ھمىيە‌تلىك ئىشلارنى قىلىمىز.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ بىز ھە‌ر كۈنى ئە‌رشتىكى ئاتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى تونۇ‌پ،‏ ئۇ تە‌مىنلىگە‌ن نە‌رسىلە‌ردىن ھۇ‌زۇ‌رلىنالايمىز.‏ ئۇ توغرىسىدا ئۆگىنىدىغان بىلىم ھە‌رگىز تۈگە‌پ قالمايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ياراتقانلىرى توغرىسىدا ئۆگىنىدىغان يە‌نە نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌ر بار.‏ قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ياشىساق،‏ خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىز شۇ‌نچە چوڭقۇ‌ر بولىدۇ.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە مە‌سىھ ئە‌يسا بىزنىڭ جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشىيالىشىمىز ئۈچۈن ۋە‌دە بە‌رگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن بىز ئىنتايىن مىننە‌تدارمىز!‏

136-‏ناخشا پادىشاھلىق ئورنىتىلدى.‏ ئۇ كە‌لگە‌ي!‏

a جە‌ننە‌تتىكى ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە دائىم ئويلىنامسىز؟‏ بۇ‌نداق قىلىش بىزگە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ بىز ئۈچۈن نېمىلە‌رنى تە‌ييارلاپ قويغانلىقى توغرىسىدا قانچە كۆپ ئويلانساق،‏ باشقىلارغا يېڭى دۇ‌نيا ھە‌ققىدە ئۆگىتىش قىزغىنلىقىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏ بۇ ماقالە ئە‌يسانىڭ كېلە‌چە‌ك جە‌ننە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b سۈرە‌تتە:‏ تىرىلگە‌نلە‌رگە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش ئىشىغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بۇ‌رادە‌ر ئاللىقاچان باشقىلارغا تە‌لىم بېرىۋاتىدۇ.‏