مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

50-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئىمان ۋە ئە‌مە‌ل ھە‌ققانىيلىققا باشلايدۇ

ئىمان ۋە ئە‌مە‌ل ھە‌ققانىيلىققا باشلايدۇ

‏«ئۇ‌نىڭ [ئىبراھىمنىڭ] ئىمانىنى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئىزىدىن ماڭغانلارنىڭمۇ ئاتىسى».‏—‏رىملىقلار 4:‏12‏.‏

54-‏ناخشا ئىماندا چىڭ تۇ‌رايلى!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ بىز ئىبراھىمنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى توغرىسىدا ئوقۇ‌غاندا،‏ بە‌لكىم قانداق سوئال پە‌يدا بولغان؟‏

 نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئاڭلىغان بولسىمۇ،‏ ئۇ ھە‌ققىدە ئىنتايىن ئاز نە‌رسىلە‌رنى بىلىدۇ.‏ بىراق،‏ سىز ئىبراھىم ھە‌ققىدە كۆپ نە‌رسىلە‌رنى بىلىسىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىبراھىم «ئىمان بىلە‌ن ياشىغان بارلىق كىشىلە‌رنىڭ ئاتىسى» دە‌پ ئاتالغانلىقىنى بىلىسىز (‏رىملىقلار 4:‏11‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئىلگىرى شۇ‌نداق ئويلىغانسىز:‏ ‹مە‌ن ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ردىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىم كۈچلۈك كىشى بولالايمە‌نمۇ؟‏›.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ سىزمۇ بولالايسىز.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن ئىبراھىمنىڭ مىسالىنى تە‌تقىق قىلىش مۇ‌ھىم؟‏ (‏ياقۇ‌پ 2:‏22،‏ 23‏)‏

2 ئىبراھىمغا ئوخشاش ئىمان-‏ئېتىقادى كۈچلۈك بولۇ‌شنىڭ بىر يولى —‏ ئۇ‌نىڭ ئۈلگىسىنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش.‏ خۇ‌دانىڭ بۇ‌يرۇ‌قى بىلە‌ن،‏ ئىبراھىم يىراق بىر يە‌رگە كۆچۈپ باردى.‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار چېدىردا ياشىدى ۋە ئە‌ڭ ياخشى كۆرگە‌ن سۆيۈملۈك ئوغلى ئىسھاقنى قۇ‌ربان قىلىشقا تە‌ييار بولدى.‏ چۈنكى،‏ ئىبراھىمنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان.‏ ئىمان-‏ئېتىقادى ۋە كۆپ ياخىشى ئە‌مە‌للىرى ئارقىلىق خۇ‌دانىڭ ماقۇ‌للىشىغا ۋە دوستلۇ‌قىغا ئېرىشكە‌ن ‏(‏ياقۇ‌پ 2:‏22،‏ 23-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌ممىمىزنىڭ،‏ سىزنىڭمۇ،‏ شۇ‌نداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىشىڭىزنى خالايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى پاۋلۇ‌س ۋە ياقۇ‌پنى ئۆز خە‌تلىرىدە ئىبراھىمنىڭ ئۈلگىسىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌شقا ئىلھاملاندۇ‌رغان.‏ ھازىر رىملىقلار 4-‏باب ۋە ياقۇ‌پ 2-‏بابىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ چىقىمىز.‏ ھە‌ر ئىككى بابلاردا ئىبراھىم ھە‌ققىدە ئىنتايىن مۇ‌ھىم بايانلار يېزىپ قالدۇ‌رۇ‌لغان.‏

3.‏ پاۋلۇ‌س بىلە‌ن ياقۇ‌پ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن قايسى ئايە‌تلە‌رنى نە‌قىل كە‌لتۈرگە‌ن؟‏

3 پاۋلۇ‌س ۋە ياقۇ‌پ ھە‌ر ئىككىلىسى يارىتىلىش 15:‏6-‏ئايە‌تتىن نە‌قىل كە‌لتۈرگە‌ن:‏ «[ئىبراھىم] يە‌ھۋاغا ئىشە‌ندى ۋە خۇ‌دا ئۇ‌نى ھە‌ققانىي ئادە‌م،‏ دە‌پ ھېسابلىدى».‏ بىر كىشى يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلسا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى ئە‌يىبسىز دە‌پ قارايدۇ.‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل گۇ‌ناھكار ئىنساننىڭ خۇ‌دا تە‌رىپىدىن ئە‌يىبسىز دە‌پ قارىشى ئاجايىپ ئىش ئە‌مە‌سمۇ؟‏ سىزمۇ چوقۇ‌م خۇ‌دانىڭ نە‌زە‌رىدە ھە‌ققانىي كىشى بولالايسىز.‏ بۇ‌نىڭ قانداق مۇ‌مكىن بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئىبراھىم ھە‌ققانىي ئادە‌م دە‌پ ھېسابلانغانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ھە‌ققانىي ئادە‌م بولۇ‌ش ئۈچۈن ئىمان-‏ئېتىقاد كېرە‌ك

4.‏ ئىنسانلارنىڭ ھە‌ققانىي ھېسابلىنىشىغا نېمە توسالغۇ بولىدۇ؟‏

4 پاۋلۇ‌س رىملىقلارغا يازغان خېتىدە،‏ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ گۇ‌ناھكارلىقىنى تىلغا ئالغان (‏رىملىقلار 3:‏23‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىرى خۇ‌دانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىپ،‏ ھە‌ققانىي ياكى ئە‌يىبسىز ئادە‌م دە‌پ ھېسابلىنىشى ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏ سە‌مىمىي ئېتىقادداشلىرىنىڭ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىشىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئىبراھىمنىڭ مىسالىنى قوللانغان.‏

5.‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن ئىبراھىمنى ھە‌ققانىي دە‌پ جاكارلىغان؟‏ (‏رىملىقلار 4:‏2–‏4‏)‏

5 ئىبراھىم قانان زېمىنىدا ياشىغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى ھە‌ققانىي ئادە‌م دە‌پ جاكارلىغان.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا شۇ‌نداق ئېيتالىغان؟‏ ئىبراھىم تە‌ۋرات قانۇ‌نىنى پۈتۈنلە‌ي ئورۇ‌نلىغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق (‏رىملىقلار 4:‏13‏)‏.‏ چۈنكى،‏ بۇ ۋە‌قە‌دىن 400 يىل ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نى چۈشۈرۈلگە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نېمىگە ئاساسە‌ن يە‌ھۋا ئىبراھىمنى ھە‌ققانىي ئادە‌م دە‌پ جاكارلىغان؟‏ يە‌ھۋا مول رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى كۆرسىتىپ،‏ ئىبراھىمنى ئىمان-‏ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك ھە‌ققانىي كىشى دە‌پ جاكارلىغان.‏—‏رىملىقلار 4:‏2–‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

6.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ناھكار كىشىنى قانداقلارچە ھە‌ققانىي دە‌پ جاكارلايدۇ؟‏

6 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ خۇ‌داغا ئىشە‌نگە‌ن كىشى،‏ «ئىمان-‏ئېتىقادى بىلە‌ن ھە‌ققانىي ئادە‌م ھېسابلىنىدۇ» (‏رىملىقلار 4:‏5‏)‏.‏ كېيىن،‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ قوشۇ‌پ قويغان:‏ «داۋۇ‌ت پادىشاھ ھە‌م،‏ خۇ‌دا ئە‌مە‌للىرىگە قارىماستىن،‏ ھە‌ققانىي ئادە‌م دە‌پ ھېسابلايدىغان كىشى بە‌ختلىك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ ‹خاتا قىلمىشلىرى كە‌چۈرۈلگە‌ن ۋە گۇ‌ناھلىرى ئە‌پۇ قىلىنغانلار بە‌ختلىكتۇ‌ر.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ناھىنى ھېسابقا ئالمايدىغان كىشى بە‌ختلىكتۇ‌ر!‏›» (‏رىملىقلار 4:‏6–‏8؛‏ زە‌بۇ‌ر 32:‏1،‏ 2‏)‏.‏ خۇ‌دا ئۆزىگە ئىشە‌نگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى ئە‌پۇ قىلىدۇ.‏ ئۇ ئۇ‌لارنى پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرىدۇ.‏ خۇ‌دا شۇ‌نداق كىشىلە‌رنى ئىمان-‏ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك ئە‌يىبسىز ۋە ھە‌ققانىي دە‌پ قارايدۇ.‏

7.‏ ئۆتمۈشتىكى سادىق خىزمە‌تچىلە‌رنى قايسى مە‌نىدە ھە‌ققانىي بولغان؟‏

7 خۇ‌دا گە‌رچە ئىبراھىم،‏ داۋۇ‌ت ۋە باشقا سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى ھە‌ققانىي ئادە‌م دە‌پ ھېسابلىغان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار نامۇ‌كە‌ممە‌ل گۇ‌ناھكارلار ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ بولۇ‌پمۇ ھە‌ق خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلمىغانلارغا سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ ئۇ‌لارنى ئە‌يىبسىز كىشىلە‌ر دە‌پ قارىغان (‏ئە‌فە‌س.‏ 2:‏12‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س رىملىقلارغا يازغان خېتىدە چۈشە‌ندۈرگە‌ندە‌ك،‏ بىز خۇ‌دانىڭ دوستى بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن چوقۇ‌م ئىمانىمىز بولۇ‌شى شە‌رت.‏ ئىبراھىم ۋە داۋۇ‌تلار خۇ‌دانىڭ دوستى بولالىغان.‏ بىزمۇ ئۇ‌لاردىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ دوستلىرى بولالايمىز.‏

ئىمان-‏ئېتىقاد ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكە‌تتە ئىپادىلىنىدۇ

8،‏ 9.‏ بە‌زى كىشىلە‌ر پاۋلۇ‌س ۋە ياقۇ‌پنىڭ يازغانلىرىدىن قانداق خاتا خۇ‌لاسە چىقاردى ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

8 ئە‌سىرلە‌ر بويى،‏ خرىستىئان دىنى رە‌ھبە‌رلىرى ئىمان-‏ئېتىقاد بىلە‌ن ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت ئارىسىدىكى باغلىنىش توغرىسىدا قىزغىن بە‌س-‏مۇ‌نازىرە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ بە‌زى دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن پە‌قە‌تلا ئە‌يسا مە‌سىھكە ئىشىنىش كېرە‌ك دە‌پ ئۆگىتىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌نداق دېگىنىنى ئاڭلىغانسىز:‏ «قۇ‌تۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن ئە‌يساغا ئىشىنىش يېتە‌رلىك».‏ ئۇ‌لار ھە‌تتا پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزلىرىنى نە‌قىل كە‌لتۈرىدۇ:‏ «خۇ‌دا ئە‌مە‌للىرىگە قارىماستىن،‏ ھە‌ققانىي دە‌پ ھېسابلايدىغان كىشى بە‌ختلىك» (‏رىملىقلار 4:‏6‏)‏.‏ بىراق،‏ باشقىلار قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن چېركاۋلار مۇ‌قە‌ددە‌س دە‌پ ھېسابلايدىغان يە‌رلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىپ،‏ ياخشى ئىشلارنى قىلىش كېرە‌ك دە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار دە‌لىل-‏ئىسپات سۈپىتىدە،‏ ياقۇ‌پ 2:‏24-‏ئايە‌تنى ئىشلىتىشى مۇ‌مكىن:‏ «بىر ئىنسان ئە‌مە‌للىرى بىلە‌ن ھە‌ققانىي ئادە‌م دە‌پ جاكارلىنىدۇ،‏ پە‌قە‌ت ئىمان-‏ئېتىقادى بىلە‌نلا ئە‌مە‌س».‏

9 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىلە‌ن ياقۇ‌پ يازغان تە‌لىملە‌ر پە‌رقلىق بولغاچ،‏ دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر ئۇ‌لار بۇ مە‌سىلىدە كېلىشمە‌ي قالغان دە‌پ خۇ‌لاسە قىلىدۇ.‏ بە‌زى دىنىي ئۇ‌ستازلارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س خۇ‌دانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن پە‌قە‌ت ئىمان-‏ئېتىقادى بولسا يېتە‌رلىك دە‌پ ئىشە‌نگە‌ن؛‏ بىراق ياقۇ‌پ چوقۇ‌م ياخشى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى قىلىش كېرە‌ك دېگە‌ن.‏ بىر ئىلاھشۇ‌ناسلىق پروفېسسورى مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ياقۇ‌پ،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ نېمىشقا ھە‌ققانىي دە‌پ جاكارلىنىش ئۈچۈن پە‌قە‌ت ئىمان بولسىلا يېتە‌رلىك بولىدىغانلىقىنى تە‌كىتلىگە‌نلىكىنى چۈشە‌نمىگە‌ن ۋە پاۋلۇ‌سنىڭ چۈشە‌ندۈرۈشىگە قوشۇ‌لمىغان».‏ بىراق،‏ بىز بىلىمىزكى،‏ مە‌يلى پاۋلۇ‌س ياكى ياقۇ‌پ بولسۇ‌ن،‏ بۇ سۆزلە‌رنى خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بويىچە يازغان (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏16‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لارنىڭ يازغانلىرى بىر-‏بىرىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى-‏كە‌ينىدىكى ئايە‌تلە‌رگە قاراپ باقايلى.‏

پاۋلۇ‌س رىمدىكى يە‌ھۇ‌دىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە تە‌ۋرات قانۇ‌نىغا ئە‌مە‌ل قىلىش ئە‌مە‌س،‏ ئىمان بولۇ‌شىنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلىگە‌ن (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b

10.‏ پاۋلۇ‌س قايسى «ئىشلار» ھە‌ققىدە يازغان؟‏ (‏رىملىقلار 3:‏21،‏ 28‏)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

10 پاۋلۇ‌س رىملىقلار 3 ۋە 4-‏بابلاردا قايسى «ئىشلار» ھە‌ققىدە يازغان؟‏ ئۇ ئاساسلىقى،‏ «قانۇ‌ندا تە‌لە‌پ قىلغان ئىشلار»،‏ يە‌نى سىناي تېغىدا مۇ‌ساغا بېرىلگە‌ن قانۇ‌ن توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان ‏(‏رىملىقلار 3:‏21،‏ 28-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ قارىماققا،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ كۈنلىرىدە بە‌زى يە‌ھۇ‌دىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى تە‌ۋرات قانۇ‌نى كۈچىنى يوقاتمىدى ۋە ئۇ‌نىڭدا يېزىلغان تە‌لە‌پلە‌رنى ئورۇ‌نلاش شە‌رت دە‌پ ئويلىغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ پاۋلۇ‌س ئىبراھىمنىڭ مىسالىنى كە‌لتۈرۈپ،‏ خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا ھە‌ققانىي ھېسابلىنىش ئۈچۈن،‏ «قانۇ‌ندا تە‌لە‌پ قىلغان ئىشلارغا» ئە‌مە‌ل قىلىش ئە‌مە‌س،‏ ئىمان بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ بۇ‌نى بىلىش بىزگە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ،‏ چۈنكى خۇ‌داغا ۋە ئە‌يساغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتسە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا ھە‌ققانىي بولالايمىز.‏

ياقۇ‌پ ئېتىقادچىلارنى «ئە‌مە‌للىرى» ئارقىلىق ئىمانىنى كۆرسىتىشكە،‏ يە‌نى ھە‌ممىسىگە ئوخشاش مۇ‌ئامىلە قىلىپ،‏ باشقىلارغا ياخشىلىقلارنى دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏11،‏ 12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

11.‏ ياقۇ‌پ قانداق «ئىشلار» ھە‌ققىدە يازغان؟‏

11 ياقۇ‌پنىڭ خېتى 2-‏بابتا تىلغا ئېلىنغان «ئىشلار» ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يازغان «قانۇ‌ندا تە‌لە‌پ قىلغان ئىشلارغا» ئوخشىمايدۇ.‏ ياقۇ‌پ تىلغا ئالغان ئىشلار مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى كۈندىلىك ھاياتىدا قىلىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.‏ بۇ كۈندىلىك ئىشلار خۇ‌داغا ھە‌قىقىي ئىشىنىدىغان ياكى ئىشە‌نمە‌يدىغانلىقىمىزنى ئاشكارا قىلىدۇ.‏ ھازىر ياقۇ‌پ قوللانغان ئىككى مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏

12.‏ ياقۇ‌پ ئىمان بىلە‌ن ئە‌مە‌ل ئارىسىدىكى باغلىنىشنى قانداق تە‌كىتلىگە‌ن؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

12 بىرىنچى مىسالىدا،‏ ياقۇ‌پ بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى باشقىلارغا ئوخشاش مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئۇ بۇ نۇ‌قتىنى چۈشە‌ندۈرۈش ئۈچۈن،‏ بايغا ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلىپ،‏ ئە‌مما كە‌مبە‌غە‌لنى پە‌س كۆرگە‌ن بىر كىشىنىڭ مىسالىنى كە‌لتۈرگە‌ن.‏ شۇ كىشى خۇ‌داغا ئىشىنىمە‌ن دېيىشى مۇ‌مكىن،‏ بىراق ئە‌مە‌للىرى چىن قە‌لبىدىن ئىشە‌نمە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (‏ياقۇ‌پ 2:‏1–‏5،‏ 9‏)‏.‏ ئىككىنچى مىسالىدا،‏ ياقۇ‌پ كىيىم-‏كېچە‌ك ۋە يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ككە مۇ‌ھتاج قېرىندىشىنى كۆرۈپ،‏ ئە‌مما ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌لىي ياردە‌م قىلمىغان كىشى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان.‏ شۇ كىشى سۆزىدە ئىمانى بارلىقىنى ئېيتسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكىتى بۇ‌نى ئىنكار قىلغان؛‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ‌نداق ئىماننىڭ پايدىسىز ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىپ،‏ ياقۇ‌پ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ئىماننىڭ ئە‌مە‌للىرى بولمىسا،‏ ئۇ ئۆز يالغۇ‌ز ئۆلۈكتۇ‌ر».‏​—‏ياقۇ‌پ 2:‏14–‏17‏.‏

13.‏ ياقۇ‌پ ئىمان بىلە‌ن ئە‌مە‌لنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى قانداق تە‌كىتلىگە‌ن؟‏ (‏ياقۇ‌پ 2:‏25،‏ 26‏)‏

13 ياقۇ‌پ ئۆز ئىمانىنى ئە‌مە‌للىرى بىلە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن راھابنىڭ ئۈلگىسىنى تىلغا ئالغان ‏(‏ياقۇ‌پ 2:‏25،‏ 26-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ راھاب يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق ئاڭلىغان ۋە ئۇ‌نىڭ ئىسرائىللارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن (‏يە‌شۇ‌ئا 2:‏9–‏11‏)‏.‏ ئۇ ئىككى ئىسرائىل پايلاقچىنى خە‌تە‌رلىك ۋە‌زىيە‌تتە قوغداپ،‏ ئۆزىنىڭ ئىمانىنى ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ بۇ نامۇ‌كە‌ممە‌ل،‏ ئىسرائىل خە‌لقىدىن بولمىغان ئايال خۇ‌ددى ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رگە ئوخشاش ھە‌ققانىي دە‌پ جاكارلانغان.‏ راھابنىڭ مىسالىدىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ئىمانىمىزنى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز ئارقىلىق كۆرسىتىشىمىز ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏

14.‏ نېمە ئۈچۈن پاۋلۇ‌س بىلە‌ن ياقۇ‌پنىڭ يازغانلىرىنى بىر-‏بىرىگە ئۇ‌يغۇ‌ن دە‌پ ئېيتالايمىز؟‏

14 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ۋە ياقۇ‌پ ئىمان بىلە‌ن ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت ئارىسىدىكى باغلىنىشنى پە‌رقلىق يوللار بىلە‌ن ئاددىي چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س يە‌ھۇ‌دىي ئېتىقادچىلارغا تە‌ۋرات قانۇ‌نىدا تە‌لە‌پ قىلىنغان ئىشلارغا ئە‌مە‌ل قىلىش بىلە‌نلا يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشە‌لمە‌يدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ياقۇ‌پ بولسا،‏ بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىمان-‏ئېتىقادىنى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى تە‌كىتلىگە‌ن.‏

ئىمانىڭىز سىزنى يە‌ھۋا خۇ‌رسە‌ن بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندە‌مدۇ؟‏ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

15.‏ ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز ئارقىلىق ئىمانىمىزنى نامايان قىلىشىنىڭ قايسى بە‌زى يوللىرى بار؟‏ (‏رە‌سىملە‌رگىمۇ قاراڭ)‏

15 ھە‌ققانىي دە‌پ جاكارلىنىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا بىزدىن ئىبراھىم قىلغان ئىشلارنى قىلىشىمىزنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز ئارقىلىق ئىمانىمىزنى نامايان قىلىشنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن يوللىرى بار.‏ بىز جامائە‌تكە يېڭىدىن كە‌لگە‌نلە‌رنى ئىللىق قارشى ئالالايمىز،‏ ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج قېرىنداشلىرىمىزغا ياردە‌م قولىمىزنى سۇ‌نالايمىز،‏ ئائىلە ئە‌زالىرىمىزغا ياخشىلىق قىلالايمىز.‏ بۇ ئىشلارنىڭ ھە‌ممىسى خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ بە‌رىكىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ (‏رىملىقلار 15:‏7؛‏ 1-‏تىموت.‏ 5:‏4،‏ 8؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏18‏)‏.‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز بىلە‌ن كۆرسىتىشنىڭ مۇ‌ھىم يولى —‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىش (‏1-‏تىموت.‏ 4:‏16‏)‏.‏ ھە‌ممىمىز ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىز ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا ۋە ئۇ‌نىڭ يوللىرىنى ئە‌ڭ ياخشى دە‌پ ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى ئېنىق نامايان قىلالايمىز.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلساق،‏ خۇ‌دا بىزنى ھە‌ققانىي ئادە‌م ھېسابلاپ،‏ ئۇ‌نىڭ دوستى بولىدىغانلىقىمىزغا قە‌تئىي ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏

ئۈمىد ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچلە‌ندۈرىدۇ

16.‏ ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى بىلە‌ن ئۈمىدىنىڭ قانداق باغلىنىشى بار؟‏

16 ئىبراھىمدىن ئۆگىنە‌لە‌يدىغان يە‌نە بىر مۇ‌ھىم نە‌رسە —‏ ئۈمىدنىڭ مۇ‌ھىملىقى،‏ رىملىقلار 4-‏بابتا تە‌كىتلە‌نگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئىبراھىمغا نۇ‌رغۇ‌ن مىللە‌تلە‌رنىڭ ئاتىسى بولىدىغانلىقى ۋە يە‌ر-‏يۈزىدىكى پۈتكۈل مىللە‌تلە‌رنىڭ ئۇ ئارقىلىق بە‌رىكە‌تكە ئېرىشىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ۋە‌دە قىلغان.‏ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ،‏ بۇ ئىبراھىم ئۈچۈن نە‌قە‌دە‌ر گۈزە‌ل بىر ئۈمىد،‏-‏ ھە؟‏ (‏يارىت.‏ 12:‏3؛‏ 15:‏5؛‏ 17:‏4؛‏ رىملىقلار 4:‏17‏)‏ بىراق،‏ ئىبراھىم 100 ياشقا،‏ سارە 90 ياشقا كە‌لگە‌ندىمۇ،‏ ئۇ‌لارغا ۋە‌دە قىلىنغان ئوغۇ‌ل تېخى تۇ‌غۇ‌لمىغان ئىدى.‏ ئىنساننىڭ كۆز قارىشى بويىچە،‏ ئىبراھىم بىلە‌ن سارە‌نىڭ پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س ئىدى.‏ بۇ ئىبراھىم ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تە‌ن بىر سىناق بولغان.‏ لېكىن،‏ «يە‌نىلا ئۈمىدكە تايىنىپ،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن خە‌لقلە‌رنىڭ ئاتىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن» (‏رىملىقلار 4:‏18،‏ 19‏)‏.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار ئۈمىد بىلە‌ن كۈتكە‌ن ئوغلى تۇ‌غۇ‌لۇ‌پ،‏ ئاتا بولغان.‏—‏رىملىقلار 4:‏20–‏22‏.‏

17.‏ بىز ھە‌ققانىي ئادە‌م ھېسابلىنىپ،‏ خۇ‌دانىڭ دوستى بولالايدىغانلىقىمىزنى قانداق بىلىمىز؟‏

17 بىز خۇ‌دانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشە‌لە‌يمىز ۋە ھە‌ققانىي ئادە‌م ھېسابلىنىپ،‏ ئىبراھىمغا ئوخشاش خۇ‌دانىڭ دوستى بولالايمىز.‏ پاۋلۇ‌س بۇ ھە‌ققىدە مۇ‌نۇ سۆزلە‌رنى يازغان:‏ «‹بۇ ھە‌ققانىي ھېسابلاندى› دېگە‌ن سۆزلە‌ر،‏ پە‌قە‌ت ئۇ ئۈچۈن يېزىلمىغان.‏ بە‌لكى بىز ئۈچۈن ھە‌م يېزىلغان.‏ چۈنكى،‏ بىز ھە‌زرىتىمىز ئە‌يسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگە‌ن خۇ‌داغا ئىشىنىمىز» (‏رىملىقلار 4:‏23،‏ 24‏)‏.‏ خۇ‌ددى ئىبراھىمغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ يە‌ھۋاغا ئىشىنىپ،‏ ياخشى ئىشلارنى قىلىشىمىز ۋە يە‌ھۋانىڭ ئۆز ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشە‌نچ قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ پاۋلۇ‌س رىملىقلارغا يېزىلغان خە‌ت 5-‏بابتا ئۈمىدىمىز ھە‌ققىدە تېخىمۇ كۆپرە‌ك نە‌رسىلە‌رنى يازغان.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ شۇ‌لارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

27-‏ناخشا يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌ڭلار

a بىز خۇ‌دانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئالدىدا ھە‌ققانىي ئادە‌م ھېسابلىنىشنى خالايمىز.‏ بۇ ماقالىدە،‏ پاۋلۇ‌س ۋە ياقۇ‌پ يازغان خە‌تلە‌ردىن پايدىلىنىپ،‏ ئىمانىمىز ۋە ئە‌مە‌للىرىمىز يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا قانداق ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b سۈرە‌تتە:‏.‏ پاۋلۇ‌س يە‌ھۇ‌دىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى «قانۇ‌ندا تە‌لە‌پ قىلغان ئىشلارغا»،‏ يە‌نى پېشىگە كۆپ يىپ بىلە‌ن تىكىلگە‌ن كىيىم كىيىش،‏ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈش ۋە قولنى يۇ‌يۇ‌ش قائىدىلىرىگە ئوخشاش ئىشلارغا ئە‌مە‌ل قىلىشقا ئە‌مە‌س،‏ ئىمانغا دىققە‌ت قارىتىشقا چاقىرغان.‏

c سۈرە‌تتە:‏ ياقۇ‌پ كە‌مبە‌غە‌ل ئېتىقادچىلارغا ياردە‌م بېرىشكە ئوخشاش ياخشىلىقلارنى قىلىپ،‏ ئىمانىنى نامايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇ‌رغان.‏