مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

51-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئۈمىدىمىز چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ

ئۈمىدىمىز چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ

‏«بۇ ئۈمىد كىشىنى ئۈمىدسىزلىككە باشلىمايدۇ».‏—‏رىملىقلار 5:‏5‏.‏

54-‏ناخشا ئىماندا چىڭ تۇ‌رايلى!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌شتىن ئۈمىدىنى ئۈزمىگە‌ن؟‏

 يە‌ھۋا ئۆز دوستى ئىبراھىمغا پۈتۈن مىللە‌تلە‌ر ئۇ‌نىڭ ئە‌ۋلادى ئارقىلىق بە‌رىكە‌تكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان (‏يارىت.‏ 15:‏5؛‏ 22:‏18‏)‏.‏ ئىبراھىمنىڭ خۇ‌داغا بولغان ئىشە‌نچىسى كۈچلۈك بولغاچ،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىسى ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئىبراھىم 100 ياش،‏ ئايالى سارە 90 ياشقا كە‌لگە‌ندە،‏ بۇ سادىق جۈپنىڭ تېخى ئوغلى يوق ئىدى (‏يارىت.‏ 21:‏1–‏7‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۈمىدكە تايىنىپ،‏ ئۇ [ئىبراھىم] ئۆزىنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن خە‌لقلە‌رنىڭ ئاتىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا شۇ‌نداق دېگە‌ن» (‏رىملىقلار 4:‏18‏)‏.‏ سىز ئىبراھىمنىڭ ئۈمىدىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى بىلىسىز.‏ ئۇ ئۇ‌زۇ‌ندىن بۇ‌يان ئۈمىد قىلغان ئوغلى ئىسھاق تۇ‌غۇ‌لۇ‌پ،‏ ئاتا بولغان.‏ نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم يە‌ھۋانىڭ ئۆز ۋە‌دىلىرىنى چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن؟‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىسى چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن؟‏

2 ئىبراھىمنىڭ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا بىلە‌ن ئىنتايىن يېقىن بولغاچ،‏ «خۇ‌دا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شقا قادىر،‏ دە‌پ پۈتۈنلە‌ي ئىشە‌ندى» (‏رىملىقلار 4:‏21‏)‏.‏ كۈچلۈك ئىمانى تۈپە‌يلى،‏ يە‌ھۋا ئىبراھىمنى قوبۇ‌ل قىلغان ۋە ئۇ‌نى ھە‌ققانىي ئادە‌م دە‌پ جاكارلىغان (‏ياقۇ‌پ 2:‏23‏)‏.‏ رىملىقلار 4:‏18-‏ئايە‌تتە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ ئىبراھىمنىڭ ئىمانى بىلە‌ن ئۈمىدى بىر-‏بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق.‏ ھازىر رىملىقلارغا يېزىلغان خە‌ت 5-‏بابتا‏،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈمىد ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى يازغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

3.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۈمىد ھە‌ققىدە نېمە ئېيتقان؟‏

3 پاۋلۇ‌س «ئۈمىد كىشىنى ئۈمىدسىزلىككە باشلىمايدۇ» دە‌پ يازغان ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ قىلالايدىغانلىقىمىزنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن (‏رىملىقلار 5:‏5‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۈمىدىمىز قانداق كۈچىيىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ رىملىقلار 5:‏1–‏5-‏ئايە‌تلە‌ردە قىلغان سۆزلىرىنى مۇ‌ھاكىمە قىلغىنىمىزدا،‏ ئۆزىڭىزنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن كە‌چۈرمىشلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ شۇ چاغدا،‏ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ كېلە‌چە‌ككە بولغان ئۈمىدىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ئۈمىدىمىزنى تېخىمۇ كۈچلە‌ندۈرۈش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئالدى بىلە‌ن،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈمىدسىزلىككە باشلىمايدىغان ئاجايىپ ئۈمىد ھە‌ققىدە ئېيتقانلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ئاجايىپ ئۈمىدىمىز

4.‏ رىملىقلار 5:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌لاھىزە قىلىنىدۇ؟‏

4 رىملىقلار 5:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ پاۋلۇ‌س بۇ سۆزلە‌رنى رىم شە‌ھىرىدىكى جامائە‌تكە يازغان.‏ ئۇ‌لار ئاللىقاچان يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌ققىدە تە‌لىم ئالغان،‏ ئۆز ئە‌مە‌للىرىدە ئىمانىنى نامايان قىلغان ۋە مە‌سىھنىڭ شاگىرتلىرى بولغان قېرىنداشلار ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دانىڭ ئالدىدا،‏ «ئىمان ئارقىلىق [ئۇ‌لار] ھە‌ققانىي ئادە‌م دە‌پ جاكارلانغان» ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغان.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ‌لار چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغان ئاجايىپ بىر ئۈمىدكە ئىگە بولغان.‏

5.‏ مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ قانداق ئۈمىدى بار؟‏

5 پاۋلۇ‌س ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە يازغان خېتىدە،‏ مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ ئۈمىدنى تىلغان ئالغان.‏ بۇ ئۈمىد «مۇ‌قە‌ددە‌سلە‌ر ئۈچۈن مىراس» (‏ئە‌فە‌س.‏ 1:‏18‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ پاۋلۇ‌س كولوسىلىقلارغىمۇ ئۈمىدىنىڭ چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى تە‌كىتلە‌پ،‏ شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىلە‌ر ئۈچۈن ئاسماندا تە‌ييارلاپ قويۇ‌لغان بە‌رىكە‌تكە ئېرىشىش ئۈمىدىڭلار» (‏كولوسى.‏ 1:‏4،‏ 5‏)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئاسماندا مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈچۈن تىرىلىدۇ ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 4:‏13–‏17؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 20:‏6‏.‏

فرېدېرىك فرېنتىس بۇ‌رادە‌ر مايلانغان قېرىنداشلار ئۆز ئۈمىدىگە پۈتۈنلە‌ي ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى (‏6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

6.‏ بىر مە‌سىھ قىلىنغان بۇ‌رادە‌ر ئۆز ئۈمىدى ھە‌ققىدە نېمە دېگە‌ن؟‏

6 مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئۈمىدىنى ئىنتايىن قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ شۇ‌لارنىڭ بىرى فرېدېرىك فرېنتىس بۇ‌رادە‌ر.‏ ئۇ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلغاندىن كېيىن،‏ 1991-‏يىلى مۇ‌نۇ سۆزلە‌رنى ئېيتقان:‏ «ئۈمىدىمىز چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ.‏ 000 144 كىشىنىڭ ھە‌ربىرى خۇ‌دانىڭ ۋە‌دە قىلغان مۇ‌كاپاتىغا ئېرىشىپ،‏ ھە‌تتا ئۆزلىرى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلغاندىنمۇ ئارتۇ‌ق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدۇ… .‏ ئۈمىدىمىز ئۆز قىممىتىنى ھە‌رگىز يوقاتمايدۇ.‏ ئۈمىدىمىزنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىنى قانچە ئۇ‌زۇ‌ن كۈتسە‌ك،‏ شۇ‌نچە كۆپ مىننە‌تدار بولىمىز.‏ ھە‌تتا مىليون يىل كۈتۈشكە توغرا كە‌لسىمۇ،‏ بۇ كۈتۈشىمىزگە ئە‌رزىيدۇ.‏ ھازىر ئېرىشكە‌ن ئۈمىدىمنى تېخىمۇ قە‌دىرلە‌يمە‌ن».‏

7،‏ 8.‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە قانداق ئۈمىد بار؟‏ (‏رىملىقلار 8:‏20،‏ 21‏)‏

7 بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ باشقىچە بىر ئۈمىدى بار.‏ خۇ‌ددى ئىبراھىمغا ئوخشاش،‏ ئۇ‌لارنىڭمۇ خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ئاستىدا يە‌ر يۈزىدە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏8–‏10،‏ 13‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق ئۈمىدى بارلارنى ئاجايىپ بىر كېلە‌چە‌ك كۈتۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ‏(‏رىملىقلار 8:‏20،‏ 21-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى كېلە‌چە‌ك توغرىسىدىكى ۋە‌دىنى تۇ‌نجى قېتىم ئۆگە‌نگىنىڭىزدە،‏ سىزنى نېمە بە‌كرە‌ك جە‌لپ قىلغان؟‏ بىر كۈنى مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌پ،‏ ئارتۇ‌ق گۇ‌ناھكار بولماسلىقمۇ؟‏ ياكى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىن كىشىلىرىڭىزنىڭ جە‌ننە‌تتە قايتا ياشايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇ‌شال بولغانلىقىڭىزمۇ؟‏ بىز يە‌ھۋا «بە‌رگە‌ن ئۈمىدكە» ئاساسە‌ن،‏ تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن كۈتىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌ر بار.‏

8 مە‌يلى ئاسماندا ياكى يە‌ر يۈزىدە بولسۇ‌ن،‏ مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بىز ئۈچۈن خۇ‌شاللىق ئاتا قىلىدىغان ئاجايىپ ئۈمىد!‏ بىزنىڭ خۇ‌شاللىقىمىز ئۈمىدىمىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىدۇ.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ كېيىن يازغانلىرى بۇ‌نى چۈشە‌ندۈرىدۇ.‏ ھازىر ئۇ‌نىڭ ئۈمىد ھە‌ققىدە يازغانلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ بۇ بىزگە ئۈمىدىمىزنىڭ چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏

ئۈمىد قانداق كۈچىيىدۇ؟‏

ھە‌ممە خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرە‌ك (‏9،‏ 10-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

9،‏ 10.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالىدىن،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشى مۇ‌مكىن؟‏ (‏رىملىقلار 5:‏3‏)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

9 رىملىقلار 5:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئېيتقاندە‌ك،‏ بىز ئازاب چە‌ككە‌ندە،‏ ئۈمىدىمىز تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ غە‌لىتە ئاڭلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ سالونىكىدىكى ئېتىقادچىلارغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىز سىلە‌ر بىلە‌ن بىللە بولغىنىمىزدا،‏ ھە‌ممىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چرايدىغانلىقىمىزنى سىلە‌رگە ئالدىنئالا ئېيتقانىدۇ‌ق.‏ سىلە‌ر بىلگە‌ندە‌ك،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتىمۇ دېگىنىمىزدە‌ك بولدى» (‏1-‏سالونىكا.‏ 3:‏4‏)‏.‏ ئۇ يە‌نە كورىنتتىكى قېرىنداشلارغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «قېرىنداشلار،‏ بىز ئاسىيا ئۆلكىسىدە چە‌ككە‌ن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ردىن سىلە‌رنىڭ خە‌ۋە‌رسىز قېلىشىڭلارنى خالىمىدۇ‌ق.‏ شۇ چاغلاردا،‏ چىدىغۇ‌سىز بېسىم ئاستىدا قالغاچ،‏ ھە‌تتا ھايات قېلىشتىن ئۈمىد ئۈزگە‌نىدۇ‌ق».‏—‏2-‏كورىنتلىقلار 1:‏8؛‏ 11:‏23–‏27‏.‏

10 بىزمۇ بۈگۈنكى كۈندە بە‌زى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏12‏)‏.‏ سىزمۇ مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغىنىڭىز ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتامسىز؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دوستلىرىڭىز ۋە ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىڭىز سىزنى مە‌سخىرە قىلىشى،‏ ھە‌تتا سىزگە قوپال بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئىش ئورنىڭىزدا يالغان ئېيتمىغاچقا،‏ قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىۋاتامسىز؟‏ (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏18‏)‏.‏ ئۆز ئۈمىدىڭىز ھە‌ققىدە باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلاشقاندا،‏ ھۆكۈمە‌تنىڭ قارشىلىقىغا دۇ‌چ كە‌لدىڭىزمۇ؟‏ بىز مە‌يلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇ‌قۇ‌شىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ پاۋلۇ‌س چوقۇ‌م خۇ‌شال بولۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە بە‌رداشلىق بېرىشىمىز كېرە‌ك؟‏

11 بىز ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تكە دۇ‌چار بولغاندا،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولالايمىز.‏ چۈنكى،‏ بۇ بىزنىڭ مۇ‌ھىم بىر پە‌زىلە‌تنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ رىملىقلار 5:‏3-‏ئايە‌تتە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قىيىنچىلىق سە‌ۋرچان بولۇ‌شنى ئۆگىتىدۇ».‏ بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌چ،‏ بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى چوقۇ‌م بە‌رداشلىق بېرىشى كېرە‌ك.‏ ھە‌رقانداق سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە قە‌تئىي بە‌رداشلىق بېرىشىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ شۇ‌ندىلا ئۈمىدىمىزنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏ بىز ھە‌رگىزمۇ ئە‌يسا تە‌مسىلىدە تىلغا ئالغان تاشلىق تۇ‌پراققا چۈشكە‌ن ئۇ‌رۇ‌قلارغا ئوخشاش بولۇ‌شنى خالىمايمىز.‏ ئاشۇ كىشىلە‌ر دە‌سلە‌پتە ھە‌قىقە‌ت سۆزىنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلغان،‏ ئە‌مما «قىيىنچىلىق ياكى زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىسا»،‏ ئۇ‌لار ھە‌قىقە‌تتىن ۋاز كە‌چكە‌ن (‏مە‌تتا 13:‏5،‏ 6،‏ 20،‏ 21‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ قارشىلىقلار ياكى سىناقلار يۈزلىنىش ئاسان ئە‌مە‌س ۋە كىشىنى خۇ‌شال قىلمايدۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لارغا بە‌رداشلىق بە‌رسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرىمىز.‏ قانداق پايدىسى بار؟‏

12.‏ سىناقلارغا سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

12 ياقۇ‌پ سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشنىڭ پايدىسىنى تە‌كىتلە‌پ ئۆتكە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق يازغان:‏ «سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى تولۇ‌ق نامايان قىلىڭلار.‏ شۇ‌نداق قىلغاندىلا،‏ ھە‌رجە‌ھە‌تتىن كامىل ۋە ئە‌يىبسىز،‏ ھېچبىر كە‌مچىلىكى بولمىغان كىشىلە‌ر بولىسىلە‌ر» (‏ياقۇ‌پ 1:‏2–‏4‏)‏.‏ ياقۇ‌پ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشنى ئورۇ‌نلاش زۆرۈر بىر ۋە‌زىپە بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان.‏ ئۇ سە‌ۋرچانلىقنىڭ بىر مە‌قسىتى بارلىقىنى ئېيتقان.‏ سە‌ۋرچان بولساق،‏ تېخىمۇ چىدامچان بولۇ‌پ،‏ ئىشە‌نچىمىز مە‌ھكە‌م بولىدۇ ۋە خۇ‌داغا كۆپرە‌ك تايىنىمىز.‏ سىناقلارغا سە‌ۋچانلىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشىمىزنىڭ يە‌نە بىر مۇ‌ھىم پايدىسى بار.‏

13،‏ 14.‏ سە‌ۋرچانلىق بىزنى نېمە ئېرىشتۈرىدۇ ۋە بۇ ئۈمىدىمىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ (‏رىملىقلار 5:‏4‏)‏

13 رىملىقلار 5:‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ پاۋلۇ‌س:‏ «سە‌ۋرچانلىق خۇ‌دانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشتۈرىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ سىز سە‌ۋرچان بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىسىز.‏ بۇ ھە‌رگىزمۇ سىناقلار ياكى قىيىنچىلىقلارغا يولۇ‌قسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ‌نىڭدىن خۇ‌شال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ سىز سە‌ۋرچانلىقنى ساقلىسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىسىز.‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولساق،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىش بىزگە كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ!‏—‏زە‌بۇ‌ر 5:‏12‏.‏

14 بىلـگىـنىمىـزدە‌ك،‏ ئىبراھىـم سىنـاقلارغـا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭدىن مە‌منۇ‌ن بولغان.‏ خۇ‌دا ئۇ‌نى ئۆزىنىڭ دوستى دە‌پ قاراپ،‏ ئۇ‌نى ھە‌ققانىي ئادە‌م دە‌پ ھېسابلىغان (‏يارىت.‏ 15:‏6؛‏ رىملىقلار 4:‏13،‏ 22‏)‏.‏ بىز ھە‌م ئىبراھىمغا ئوخشاش بولالايمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىش ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌نىڭغا قانچىلىك ۋاقىت خىزمە‌ت قىلغىنىمىز ياكى قە‌يە‌ردە خىزمە‌ت قىلغىنىمىزغا باغلىق ئە‌مە‌س.‏ سىناقلارغا سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىپ،‏ سادىق قېلىشىمىزغا باغلىق.‏ يېشىمىز،‏ ۋە‌زىيىتىمىز ۋە قابىلىيىتىمىز قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ھە‌ممىمىز سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز.‏ ھازىر سىز بىر سىناققا بە‌رداشلىق بېرىپ،‏ يە‌ھۋاغا سادىق قېلىشقا تىرىشىۋاتامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ خۇ‌دانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشكە‌نلىكىڭىزنى بىلىپ تە‌سە‌للى تېپىڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى قوبۇ‌ل قىلغانلىقىنى بىلسە‌ك،‏ ئۈمىدىمىزنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىغا بولغان ئىشە‌نچىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏

تېخىمۇ كۈچلۈك ئۈمىد

15.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س داۋاملىق نېمىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ سۆزلىرى كىشنى قايمۇ‌قتۇ‌رۇ‌پ قويۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

15 پاۋلۇ‌س چۈشە‌ندۈرگە‌ندە‌ك،‏ سىناقلارغا سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىش ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىمىز.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ چۈشە‌ندۈرۈشىگە داۋاملىق دىققە‌ت قىلىپ باقايلى:‏ «قوبۇ‌ل قىلىشقا ئېرىشىش ئۈمىد بېرىدۇ.‏ بۇ ئۈمىد كىشىنى ئۈمىدسىزلىككە باشلىمايدۇ» (‏رىملىقلار 5:‏4،‏ 5‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ بە‌زىلە‌رنى قايمۇ‌قتۇ‌رۇ‌پ قويۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ سە‌ل ئىلگىرى رىملىقلار 5:‏2-‏ئايە‌تتە‏،‏ پاۋلۇ‌س رىمدىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئاللىقاچان خۇ‌دانىڭ شان-‏شە‌رىپىدىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ش ئۈمىدىگە ئېرىشكە‌نلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يە‌نە ئۈمىد ھە‌ققىدە سۆز قىلغان؟‏

ۋاقىت ئۆتۈپ يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرىگە بولغان ئىشە‌نچىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ۋە ئۈمىدىڭىزنى تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن كۈتۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا مىننە‌تدار بولىسىز (‏16،‏ 17-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

16.‏ بىر كىشىنىڭ ئۈمىدى قانداق كۈچىيىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

16 پاۋلۇ‌س نېمە ئۈچۈن يە‌نە ئۈمىد ھە‌ققىدە سۆزلىگە‌نلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۈمىد داۋاملىق كۈچىيىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدە ساقلايلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىدىكى ئاجايىپ ئۈمىدنى تۇ‌نجى قېتىم ئاڭلىغان ۋاقتىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ بە‌لكىم يە‌ر-‏يۈزى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى سىزگە خام خىيالدە‌ك بىلىنگە‌ن.‏ بىراق،‏ سىز يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك نە‌رسىلە‌رنى بىلگە‌نسېرى،‏ بۇ ئۈمىدنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىغا بولغان ئىشە‌نچىڭىز تېخىمۇ كۈچە‌يدى.‏

17.‏ ھاياتىڭىزنى خۇ‌داغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندىن كېيىن ئۈمىدىڭىز قانداق كۈچىيىدۇ؟‏

17 ھاياتىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ بىلىمىڭىز ئېشىپ،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن پىشىپ يېتىلگە‌نسېرى،‏ ئۈمىدىڭىز تېخىمۇ كۈچە‌يدى (‏ئىبرانىي.‏ 5:‏13–‏6:‏1‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ رىملىقلار 5:‏2–‏4-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌رنى ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگە‌نسىز.‏ سىز ھە‌رخىل قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈردىڭىز.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارغا سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىپ،‏ خۇ‌دانىڭ سىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىز.‏ يە‌ھۋانىڭ سىزدىن خۇ‌رسە‌ن بولغانلىقىنى ھېس قىلغاچقا،‏ سىز ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىلىرى ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشە‌نچ باغلىدىڭىز.‏ بۇ ئۈمىد قە‌لبىڭىزدە تېخىمۇ چوڭقۇ‌ر يىلتىز تارتىپ،‏ شە‌خسە‌ن سىز ئۈچۈن تېخىمۇ مۇ‌ھىم ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە بولدى.‏ بۇ ئۈمىد ئاللىقاچان سىزگە كۈچلۈك تە‌سىر قىلىپ،‏ ھاياتىڭىزنىڭ ھە‌رقايسى ساھە‌سىدە،‏ يە‌نى ئائىلىڭىزدىكىلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىش،‏ قانداق قارار چىقىرىش ۋە ۋاقتىڭىزنى قانداق ئىشلىتىشتە زور ئۆزگۈرۈشلە‌ر بولدى.‏

18.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا قانداق كاپالە‌ت بېرىدۇ؟‏

18 خۇ‌دانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشكە‌ندىن كېيىن ئىگە بولىدىغان ئۈمىد ھە‌ققىدە ئېيتقاندىن كېيىن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يە‌نە بۇ ئۈمىدنىڭ چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى تە‌كىتلىگە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نسىڭىز بولىدۇ؟‏ خۇ‌دا پاۋلۇ‌س ئارقىلىق پۈتكۈل مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە شۇ‌نداق كاپالە‌ت بە‌رگە‌ن:‏ «بۇ ئۈمىد كىشىنى ئۈمىدسىزلىككە باشلىمايدۇ؛‏ چۈنكى،‏ بىزگە بېرىلگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق خۇ‌دانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى قە‌لبىمىزگە سىڭدۈرۈلگە‌ن» (‏رىملىقلار 5:‏5‏)‏.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن ئۈمىدىڭىزنىڭ چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئېشىشىغا ئىشىنىشىڭىزگە يېتە‌رلىك سە‌ۋە‌بلىرىڭىز بار.‏

19.‏ ئۈمىدىڭىزگە توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىگە ئىشنە‌لە‌يسىز؟‏

19 يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئىبراھىمغا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسى،‏ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىشى ۋە دوستى دە‌پ قارشى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ ئىبراھىم ئۈمىدىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆردى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئىبراھىم سە‌ۋرچانلىق كۆرسە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ بۇ ۋە‌دىگە ئېرىشتى» (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏15؛‏ 11:‏9،‏ 18؛‏ رىملىقلار 4:‏20–‏22‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈمىدى يە‌ردە قالمىدى.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭكى،‏ يە‌ھۋاغا سادىق قالسىڭىز،‏ سىزنىڭ ئۈمىدىڭىزمۇ چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ.‏ يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن ئۈمىد ھە‌قىقىي ئۈمىدتۇ‌ر.‏ بۇ ئۈمىد سىزنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرمە‌يدۇ،‏ بە‌لكى خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ (‏رىملىقلار 12:‏12‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ئۈمىد بە‌رگۈچى خۇ‌دا،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ باغلىغىنىڭلار ئۈچۈن،‏ قە‌لبىڭلارنى بارچە خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىق ۋە تىنچ-‏ئامانلىق بىلە‌ن تولدۇ‌رغاي!‏ بۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ سىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى بىلە‌ن ئۈمىدكە تولۇ‌پ تاشقايسىلە‌ر».‏—‏رىملىقلار 15:‏13‏.‏

55-‏ناخشا سادىقلار كۆرە‌ر مە‌ڭگۈلۈك ھاياتنى

a بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە قانداق بىر ئۈمىدنى بە‌رگە‌نلىكى ۋە بۇ ئۈمىدنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ رىملىقلار 5-‏بابتا‏،‏ ھازىر بىزدە بار ئۈمىد بىلە‌ن ھە‌قىقە‌تنى دە‌سلە‌پتە ئاڭلىغاندىكى ئۈمىد ئارىسىدا قانداق پە‌رق بارلىقىنى بىلىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏