مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئېسىڭىزدە بارمۇ؟‏

ئېسىڭىزدە بارمۇ؟‏

سىز مۇ‌شۇ يىلدىكى «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رناللىرىنى كۆڭۈل قويۇ‌پ ئوقۇ‌دىڭىزمۇ؟‏ تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرە‌لە‌مسىز؟‏

‏«ئە‌قلىڭىزنى يېڭىلاش» دېگە‌ن بۇ ئىبارە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏رىملىقلار 12:‏2‏)‏

بۇ بىز پە‌قە‌ت بىرقانچە ياخشى ئىشنى قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ بىز ئۆزىمىزنى چوڭقۇ‌رراق تە‌كشۈرۈپ،‏ ھاياتىمىزنى مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىگە يېقىنلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بە‌زى ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏ك‌م01.‏23،‏ 8،‏ 9-‏بە‌تلە‌ر‏.‏

دۇ‌نيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا قىزىققاندا،‏ تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى قانداق ساقلالايمىز؟‏

بىز ھازىر دۇ‌نيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ۋە ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلىشكە قىزىقىمىز.‏ بۇ ھە‌ققىدە پاراڭلاشقاندا ئۆز پە‌رە‌زلىرىمىزنى ئوتتۇ‌رىغا قويۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى نە‌شىر قىلغان ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىشىمىز كېرە‌ك (‏1-‏كورىنت.‏ 1:‏10‏)‏.‏—‏ك‌م02.‏23،‏ 16-‏بە‌ت‏.‏

مە‌سىھنىڭ چۆمدۈرۈلۈشىگە ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ چۆمدۈرۈلۈشىدىن قانداق پە‌رقلىنىدۇ؟‏

ئۇ خۇ‌داغا بېغىشلانغان خە‌لقتىن چىققان،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋاغا ئۆزىنى بىزگە ئوخشاش بېغىشلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.‏ ئۇ مۇ‌كە‌ممە‌ل،‏ گۇ‌ناھسىز ئىنسان بولغان،‏ شۇ‌ڭا خۇ‌دانىڭ ئالدىدا گۇ‌ناھلىرىغا توۋا قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.‏‏—‏ك‌م03.‏23،‏ 5-‏بە‌ت‏.‏

جامائە‌تتە باشقىلارغا جاۋاب بېرىشكە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏

كۆپرە‌ك كىشىلە‌ر جاۋاب بېرە‌لىشى ئۈچۈن قىسقا جاۋاب بە‌رسە‌ك بولىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا كۆپ مۇ‌ھىم نۇ‌قتىلارنى سۆزلە‌شتىن ساقلىنىڭ.‏ شۇ چاغدا باشقىلارنىڭ بىر نە‌رسە دېيىشىگە مۇ‌مكىنچىلىكى بولىدۇ.‏ ‏—‏ك‌م04.‏23،‏ 23-‏بە‌تلە‌ر‏.‏

يە‌شايا 35:‏8دە يېزىلغان «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

بۇ كۆچمە مە‌نىدىكى يول ئىسرائىللارنىڭ بابىلدىن يۇ‌رتىغا قايتىۋاتقان يولنى بىلدۈرىدۇ.‏ بىزنىڭ كۈنلىرىمىزدە «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ 1919-‏يىلغىچە يولنى تە‌ييارلاش ئىشلىرى،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌رجىمە قىلىش،‏ ئۇ‌نى بېسىپ چىقىرىش ۋە باشقا ئىشلار قىلىندى.‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» بىلە‌ن مېڭىۋاتىدۇ.‏ بۇ يول روھىي جە‌ننە‌تكە ۋە خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ بە‌رىكە‌تلىرىگە ئېرىشتۈرىدۇ.‏ —‏ك‌م05.‏23،‏ 15–‏19-‏بە‌تلە‌ر‏.‏

پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 9-‏باپ قايسى ئىككى ئايالنىڭ مىسالىنى كە‌لتۈرۈپ،‏ نە‌سىھە‌ت بېرىدۇ؟‏

پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت كىتابىدا «ئە‌خمە‌ق ئايالنىڭ» تە‌كلىپىنىڭ ئاقىۋېتى «گۆرگە» يېتە‌كلە‌يدىغانلىقى ۋە «ھە‌قىقىي دانالىقنى» تە‌سۋىرلە‌يدىغان ئايالنىڭ تە‌كلىپىنى قوبۇ‌ل قىلغانلار بىلىمگە ئىگە بولۇ‌پ،‏ ھاياتقا ئېرىشىدىغانلىقى يېزىلغان (‏پە‌ند.‏ نە 9:‏1،‏ 6،‏ 13،‏ 18‏)‏ ‏—‏ك‌م06.‏23،‏ 22–‏24-‏بە‌تلە‌ر‏.‏

لۇ‌ت بىلە‌ن بولغان ۋە‌قە‌دە خۇ‌دانىڭ كە‌متە‌رلىكى ۋە غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان ئىكە‌نلىكى قانداق كۆرۈندى؟‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا لۇ‌تقا سودومدىن چىقىپ،‏ تاغلىق رايونغا قېچىشنى بۇ‌يرىغان.‏ لۇ‌ت ئۇ‌نىڭ ئورنىغا زوئار دېگە‌ن شە‌ھە‌ردە پاناھلىنىشقا رۇ‌خسە‌ت قىلىشنى ئۆتۈنگە‌ندە،‏ خۇ‌دا رۇ‌خسە‌ت قىلدى.‏‏—‏ك‌م07.‏23،‏ 21-‏بە‌ت‏.‏

ئېرى شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌نلار كۆرسە،‏ ئايالى نېمە قىلالايدۇ؟‏

ئۇ ئە‌يىبلىك ئە‌مە‌سلىكىنى ئېسىدە ساقلىشى كېرە‌ك.‏ ئۇ خۇ‌دا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدىغان ئاياللارنىڭ مىساللىرى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلىشى مۇ‌ھىم.‏ ئايالى ئېرىگە خە‌تە‌رلىك ۋە‌زىيە‌تلە‌ردىن نېرى بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏‏—‏ك‌م08.‏23،‏ 14–‏17-‏بە‌تلە‌ر‏.‏

بىرسى ئېتىقادىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق قىيىن سوئال قويغاندا،‏ سوئالنىڭ سە‌ۋە‌بىنى چۈشىنىشىمىز مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن جاۋاب بېرىشكە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

بىرسىنىڭ سوئال سورىشى كىشىنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى ۋە نېمىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ ئۇ‌سۇ‌لى دە‌پ ئويلاڭ.‏ شۇ چاغدا مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن جاۋاب بېرە‌لە‌يمىز.‏‏—‏ك‌م09.‏23،‏ 17-‏بە‌ت‏.‏

كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە قانداق ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌ريە‌منىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىگە ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

مە‌سىھنىڭ ئانىسى بولىدىغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ مە‌ريە‌م باشقىلاردىن كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە ئېرىشكە‌ن.‏ جە‌برائىل پە‌رىشتە ۋە ئېلىزابېت يازمىلارنى قوللىنىپ مە‌ريە‌منى ئىلھاملاندۇ‌رغان.‏ بىزمۇ باشقا قېرىنداشلاردىن ئىلھام ئالالايمىز.‏‏—‏ك‌م10.‏23،‏ 15-‏بە‌ت‏.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا دۇ‌ئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟‏

يە‌ھۋا بىزنىڭ دۇ‌ئالىرىمىزنى ئاڭلايدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان ۋە ئىرادىسىنى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلىدۇ (‏يە‌رە‌م.‏ 29:‏12‏)‏.‏ ئۇ ئوخشاش دۇ‌ئالارغا ھە‌رخىل يوللار بىلە‌ن جاۋاب بە‌رسىمۇ،‏ ھە‌ردائىم بىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏‏—‏ك‌م11.‏23،‏ 21،‏ 22-‏بە‌تلە‌ر‏.‏

رىملىقلار 5:‏2-‏دە ‏«ئۈمىد» تىلغا ئېلىنغان،‏ بىراق نېمە ئۈچۈن 4-‏بابتا يە‌نە بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌لاھىزە قىلىنىدۇ؟‏

ئادە‌م خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلاپ،‏ يە‌ردە جە‌ننە‌تتە شاد-‏خۇ‌رام ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە بولىدۇ.‏ بىراق ئۇ سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭغا بە‌رداشلىق بېرىپ،‏ خۇ‌دانىڭ رازىللىقىنى ھېس قىلغاندا،‏ ئۈمىدى تېخىمۇ چوڭقۇ‌رلىشىپ،‏ كۈچلۈك بولىدۇ.‏‏—‏ك‌م12.‏23،‏ 12،‏ 13-‏بە‌ت‏.‏