مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

خۇ‌دانىڭ ھاراق-‏شارابقا بولغان كۆز قارىشى بويىچە قارار چىقىرىڭ

خۇ‌دانىڭ ھاراق-‏شارابقا بولغان كۆز قارىشى بويىچە قارار چىقىرىڭ

سىز چوقۇ‌م ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ ھە‌دىيە قىلغان ھە‌رخىل سوۋغاتلىرىنى قە‌دىرلە‌يسىز ۋە سىزگە ئاشۇ سوۋغاتلاردىن قانداق ھۇ‌زۇ‌رلىنىشنى تاللاش ئە‌ركىنلىكىنى ھە‌م بە‌رگە‌نلىكى ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا ئىنتايىن مىننە‌تدارسىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ شاراب —‏ خۇ‌دانىڭ سوۋغىسى.‏ ئۇ‌نىڭدا ھە‌تتا مۇ‌نداق سۆزلە‌ر يېزىلغان:‏ «نان كىشىنىڭ يۈزىنى كۈلدۈرە‌ر،‏ شاراب كۆڭۈلىنى سۆيۈندۈرە‌ر» (‏ۋە‌ز 10:‏19؛‏ زە‌بۇ‌ر 104:‏15‏)‏.‏ لېكىن،‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆزىنى تۇ‌تالماي ئىچىپ،‏ ھاراقكە‌ش بولۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكىنى كۆرگە‌ندۇ‌رسىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ دۇ‌نيا ھە‌رقايسى جايلىرىدا ھە‌رخىل مە‌دە‌نىيە‌تلە‌ردە،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاراق-‏شاراب ئىچىشكە قارىتا ھە‌رخىل كۆز قاراشلىرى بار.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ھاراق-‏شاراب ئىچىشتە دانا قارار چىقىرىشىغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

بىز قارار قىلغاندا،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دانىڭ كۆز قارىشىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تىمىز.‏ شۇ‌ندىلا،‏ بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرىمىز.‏

بە‌لكىم،‏ سىز ئاللىقاچان دىققە‌ت قىلدىڭىز،‏ دۇ‌نيادا نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ھە‌ردائىم ئىچىدۇ ۋە بە‌ك كۆپ ئىچىدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر ھاردۇ‌ق چىقىرىپ،‏ ئۆزىنى راھە‌ت ھېس قىلىش ئۈچۈن ئىچسە،‏ يە‌نە بە‌زىلىرى غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىنى ئۇ‌نتۇ‌ش ئۈچۈن ئىچىدۇ.‏ بە‌زى يە‌رلە‌ردە كۆپ ئىچىش كۈچلۈك ئادە‌م بولۇ‌پ يېتىلىشنىڭ بە‌لگىسى دە‌پ قارىلىدۇ.‏

خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بولسا،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ يوليورۇ‌قى بىلە‌ن ياشايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دا بىزنى كۆپ ئىچىشنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ.‏ بۇ‌نى پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏29–‏35-‏ئايە‌تلە‌ردىن ئوقالايمىز.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردە مە‌ست كىشى تە‌پسىلىي تە‌سۋىرلىنىدۇ ۋە بە‌زى ئۇ‌نىڭ قىيىنچىلىقلارنى تۇ‌غدۇ‌رىدىغانلىقى يېزىلغان a‏.‏ ياۋرۇ‌پادا خىزمە‌ت قىلىۋاتقان دانىيال ئىسىملىك ئاقساقال ھە‌قىقە‌تنى بىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ قانداق ھايات كە‌چۈرگە‌نلىكىنى ئېيتىپ،‏ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ھە‌ددىدىن زىيادە كۆپ ئىچكە‌چ،‏ ناتوغرا قارارلارنى چىقارغان ۋە ئاقىۋە‌تتە نۇ‌رغۇ‌ن ئازابلىق ئىشلارنى باشتىن كە‌چۈردۈم،‏ بە‌زىدە شۇ ئىشلار يادىمغا كېلىپ قالسا،‏ قە‌لبىم قاتتىق ئازابلىنىدۇ».‏

ئۇ‌نداقتا،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى تاللاش ئە‌ركىنلىكىنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىپ،‏ كۆپ ئىچىشتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋە‌تتىن يىراق تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏ بۇ‌نىڭ سىرى بولسا،‏ خۇ‌دانىڭ كۆز قارىشىنىڭ ئوي-‏پىكىر ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى يېتە‌كلىشىگە يول قويۇ‌ش.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھاراق-‏شاراب توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە يېزىلغانلىقىنى ۋە بە‌زى ئادە‌ملە‌ر نېمە ئۈچۈن ئىچىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌لاھىزە قىلىپ كۆرە‌يلى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھاراق-‏شاراب توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە يېزىلغان؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا لايىقىدا ئازراق ھاراق ئىچىش مە‌نئىي قىلىنمىغان.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ‌نىڭدا:‏ «خۇ‌شال-‏خۇ‌رام تامىقىڭنى يە‌پ،‏ شاد-‏خۇ‌رام شارابىڭنى ئىچكىن»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلە‌ر يېزىلغان بولۇ‌پ،‏ شاراب ئىچىشنىڭ بىرخىل ھۇ‌زۇ‌رلىنىش ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىلگە‌ن (‏ۋە‌ز 9:‏7‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌مدە باشقا خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭمۇ شاراب ئىچكە‌ن چاغلىرى بولغان.‏—‏مە‌تتا 26:‏27–‏29؛‏ لۇ‌قا 7:‏34؛‏ 1-‏تىموت.‏ 5:‏23‏.‏

گە‌رچە خۇ‌دا سۆزى ھاراق-‏شاراب ئىچىشنى مە‌نئىي قىلمىسىمۇ،‏ مە‌ست بولۇ‌شنى مە‌نئىي قىلىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ناھايىتى ئېنىق،‏ «شاراب ئىچىپ مە‌ست يۈرمە‌ڭلار»،‏—‏ دېيىلگە‌ن (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏18‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ «ھاراقكە‌شلە‌ر … خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىس بولالمايدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏1-‏كورىنت.‏ 6:‏10‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا ھە‌ددىدىن زىيادە شاراب ئېچىپ،‏ مە‌ست يۈرۈشنى قە‌تئىي مە‌نئىي قىلىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ھاراق-‏شاراب ئىچىشكە قارىتا،‏ بىز ئادە‌ملە‌رنىڭ ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكىرىنى قوبۇ‌ل قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

بە‌زىلە‌ر «قانچە كۆپ ئىچسە‌ممۇ،‏ مە‌ن مە‌ست بولمايمە‌ن» دە‌پ ئويلايدۇ.‏ بىراق،‏ شۇ‌نداق ئويلاش ناھايىتى خە‌تە‌رلىك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ ھاراق-‏شارابقا قۇ‌ل بولغان كىشى ئېغىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ،‏ خۇ‌داغا قارشى گۇ‌ناھ قىلىشى مۇ‌مكىن (‏تىتۇ‌س 2:‏3؛‏ پە‌ند.‏ نە 20:‏1‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ زىيادە كۆپ يە‌پ-‏ئىچىش ئادە‌ملە‌رنى خۇ‌دانىڭ يېڭى دۇ‌نياسىغا كىرىشتىن توسۇ‌پ قويالايدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏لۇ‌قا 21:‏34–‏36‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كۆپ ئىچىشنىڭ ئېچىنارلىق ئاقىۋىتىدىن نېرى بولۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

نېمە ئۈچۈن،‏ قاچان ۋە قانچىلىك ئىچىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاڭ

ھاراق-‏شاراب ئىچىش توغرۇ‌لۇ‌ق قارار چىقارغاندا،‏ بىز پە‌قە‌ت ئە‌تراپىمىزدىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تساق،‏ بۇ خە‌تە‌رلىك بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى يە‌پ-‏ئىچكە‌ندە،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان قارارنى چىقارسا،‏ دانالىق بىلە‌ن ئىش قىلغان بولىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «مە‌يلى يېگە‌ندە ياكى ئىچكە‌ندە ۋە ياكى باشقا ئىشلارنى قىلغاندا،‏ ھە‌ممە نە‌رسىنى خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لۇ‌غلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏31‏)‏.‏ ھازىر بە‌زى سوئاللارنى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارنى كۆرۈپ باقايلى:‏

ھاراق-‏شارابنى باشقىلارغا يېقىش ئۈچۈن قوبۇ‌ل قىلىمە‌نمۇ؟‏ چىقىش 23:‏2-‏ئايە‌تتە‏:‏ «ياۋۇ‌زلۇ‌ققا كۆپچىلىكنىڭ كە‌ينىدىن يۈرمە» دېيىلگە‌ن.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىسرائىللارنى ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان ئادە‌ملە‌رگە دوراشتىن ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بۇ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سالىدۇ.‏ باشقىلارنىڭ بېسىمىغا بېرىلىپ،‏ ئىچىملىككە تېگىشلىك كۆز قارىشىمىز ۋە قارارىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە يول قويساق،‏ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىنى بۇ‌زۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى يوقىتىپ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏—‏رىملىقلار 12:‏2‏.‏

مە‌ن ئىچسە‌م،‏ باشقىلار مېنى كۈچلۈك ئادە‌م دە‌پ قارامدۇ؟‏ بە‌زى دۆلە‌تلە‌ردە،‏ كىشىلە‌ر دائىم ھاراق-‏شاراب ئىچىشنى ۋە زىيادە كۆپ ئىچىشنى ئادە‌تتىكى ئىش دە‌پ قارايدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏3‏)‏.‏ بىراق 1-‏كورىنتلىقلار 16:‏13-‏ئايە‌تتە‏:‏ «ھوشيار بولۇ‌ڭلار،‏ ئىمان-‏ئېتىقادتا چىڭ تۇ‌رۇ‌ڭلار،‏ ئە‌ركە‌كتە‌ك مە‌ردانە ۋە كۈچلۈك بولۇ‌ڭلار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلە‌ر كۈچلۈك بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق.‏ ئە‌كسىچە كۆپ ئىچىش ئوي-‏پىكىر ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئىقتىدارىغا زىيان يە‌تكۈزۈپ،‏ كىشىنىڭ ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتىنى ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌ۋېتىدۇ.‏ يە‌شايا 28:‏7-‏ئايە‌تتە‏،‏ شاراب سە‌ۋە‌بلىك،‏ يولدىن ئاداشقانلار پۇ‌تلىشىپ يۈرۈپ،‏ ناتوغرا قارار چىقىرىدىغانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏

ھە‌قىقىي كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت يە‌ھۋادىن كېلىدۇ ۋە كۈچلۈك بولۇ‌ش بۇ ھوشيار بولۇ‌پ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادتا چىڭ تۇ‌رۇ‌شنى بىلدۈرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 18:‏32‏)‏.‏ سە‌مىمىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى شۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە زىيان يە‌تكۈزىدىغان نە‌رسىلە‌رنى بايقىسا،‏ دە‌رھال ئۇ‌نىڭدىن نېرى تۇ‌رىدۇ.‏ مە‌سىھ ئە‌يسا يە‌ردە بولغاندا،‏ شۇ‌نداق روھىي جە‌ھە‌تتىن كۈچلۈك ئىكە‌نلىكىنى نامايان قىلغاچقا،‏ ئە‌تراپىدىكى نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۇ‌نى مە‌ردانە،‏ ھە‌قىقىي كۈچلۈك ئە‌ركە‌ك دە‌پ قاراپ ھۆرمە‌تلىگە‌ن.‏

غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌ردىن يە‌ڭگىللە‌ش ئۈچۈن ئىچىمە‌نمۇ؟‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن مۇ‌نداق يازغان:‏ «غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىم كۆپە‌يگە‌ندە زىيادە،‏ سە‌ن [يە‌ھۋا] تە‌سە‌للى بېرىپ،‏ جېنىمنى ئارام تاپقۇ‌زدۇ‌ڭ» (‏زە‌بۇ‌ر 94:‏19‏)‏.‏ غە‌م-‏قايغۇ‌غا پاتسىڭىز،‏ جېنىڭىزنى ئارام تاپقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن ھاراق-‏شارابقا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋاغا تايىنىڭ.‏ كۆپ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ جامائە‌تتىكى روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداشلار كۆپ ياردە‌م قىلالايدۇ.‏ ئە‌سلىدە قىيىنچىلىقلارنى ھاراق-‏شاراب ئىچىپ،‏ ھە‌ل قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ توغرا ئىش قىلىشتا چىڭ تۇ‌رۇ‌ش قارارى بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ،‏ نە‌تىجىدە توغرا ئىش قىلىش كۈچى بولمايدۇ (‏ھوشىيا 4:‏11‏)‏.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان دانىيال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌ر بىلە‌ن ھايات كە‌چۈردۈم.‏ شۇ‌ڭا،‏ بولۇ‌شىغا ھاراق ئىچىپ،‏ ئۆزۈمنى يە‌ڭگىللە‌تمە‌كچى بولدۇ‌م.‏ بىراق،‏ ئاقىۋە‌تتە قىيىنچىلىقلار تېخىمۇ كۆپىيىپ،‏ دوست-‏يارە‌نلىرىمدىن ئايرىلىپ،‏ ئۆزۈمنى قە‌دىرسىز ھېس قىلىدىغان بولدۇ‌م.‏ كېيىن،‏ ماڭا ھاراق-‏شاراب ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ياردىمى كېرە‌كلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تتىم.‏ ئۇ‌نىڭ ياردىمىگە تايىنىپ،‏ ئاخىرىدا قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلالىدىم».‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماڭكى،‏ ۋە‌زىيىتىمىز ھە‌رقانچە ئۈمىدسىزدە‌ك كۆرۈنسىمۇ،‏ يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م بېرىشكە ھە‌ر ۋاقىت تە‌ييار.‏—‏فىلىپى.‏ 4:‏6،‏ 7؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏7‏.‏

ئە‌گە‌ر سىز ئاندا-‏ساندا ئىچسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌شۇ سوئاللارنى قويۇ‌پ بېقىڭ:‏ دوستلىرىم ياكى ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلاردىن بىرى ئىچىش ئادىتىمدىن ئە‌نسىرە‌پ قالغانلىقىنى ئېيتتىمۇ؟‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ ئۆزىڭىز بىلمە‌ي،‏ ئىچىشكە ئادە‌تلىنىپ قېلىۋاتقان بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌رۇ‌نقىغا قارىغاندا كۆپرە‌ك ئىچىمە‌نمۇ؟‏ ئۇ‌نداق بولسا،‏ بۇ خۇ‌مار بولۇ‌پ قېلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشى مۇ‌مكىن.‏ بىرنە‌چچە كۈن ياكى ئۇ‌نىڭدىنمۇ كۆپرە‌ك ۋاقىت ئىچمە‌ي يۈرە‌لە‌يمە‌نمۇ؟‏ بۇ سوئالغا «ياق» دە‌پ جاۋاب بە‌رسىڭىز،‏ بە‌لكىم ئىچىشكە ئادە‌تلىنىپ،‏ ھاراق-‏شارابقا خۇ‌مار بولۇ‌پ قېلىش خە‌ۋپ-‏خە‌تىرى بار.‏ بۇ‌نىڭدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن،‏ كە‌سپىي خادىملارنىڭ ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولىسىز.‏

ھاراق-‏شاراب ئىچىش كۆپ قىيىنچىلىقلارنى تۇ‌غدۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ شۇ‌ڭلاشقا خۇ‌دانىڭ بە‌زى خىزمە‌تچىلىرى ھېچقانداق تۈردىكى ئىسپىرتلىق ئىچىملىكنى مۇ‌تلە‌ق ئىچمە‌سلىكنى قارار قىلغان.‏ بە‌زىلىرى بولسا،‏ تە‌مىنى ياقتۇ‌رمىغاچقا،‏ ئىچمە‌سلىكنى تاللايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر سىز ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان كىشىلە‌ر مۇ‌تلە‌ق ئىچمە‌سلىكنى قارار قىلسا،‏ ئۇ‌لارنى تە‌نقىد قىلماي،‏ بە‌لكى مېھرىبانلىق بىلە‌ن ھۆرمە‌ت كۆرسىتىڭ.‏

بە‌لكىم،‏ قانچىلىك ئىچىشكە چە‌ك قويۇ‌ش دانا قارار بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قانچىلىك مىقداردا ۋە قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىتتا بىر قېتىم ئىچىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئالدىنئالا ئويلىشىپ،‏ قارار چىقىرىش دانالىق بولىدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر ھە‌پتىسىگە بىر قېتىم ياكى تاماق يېگە‌چ،‏ مۇ‌ۋاپىق مىقداردا ئىچىشنى قارار قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ يە‌نە باشقىلار ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلە‌رنىڭ قايسى تۈرىنى ئىچىش ياكى ئىچمە‌سلىك ھە‌ققىدە ئالدىنئالا ئويلىشىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئازراق ئۈزۈم شارابى ياكى پىۋا ئىچىشنى تاللايدۇ،‏ بىراق يۇ‌قىرى مىقداردىكى ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلە‌رنى ياكى مېۋە سۈيى ئارىلاشتۇ‌رۇ‌لغان يۇ‌قىرى ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلە‌رنى ئىچمە‌سلىكنى تاللايدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۆزىمىزگە ئېنىق قائىدە-‏نىزام ياكى چە‌ك-‏چېگرا بە‌لگىلىسە‌ك،‏ شۇ‌لارغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىش ئاسانراق بولىدۇ.‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن پىشىپ يېتىلگە‌ن قېرىنداش ئىچمە‌سلىكنى تاللاپ،‏ چىقارغان قارارى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا خىجالە‌ت بولماسلىقى كېرە‌ك.‏

ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز باشقىلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ رىملىقلار 14:‏21-‏ئايە‌تلە‌ردە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «قېرىندىشىڭغا پۇ‌تلىكاشاڭ بولماسلىق ئۈچۈن،‏ گۆش يېمە‌سلىك،‏ شارابمۇ ئىچمە‌سلىك ياكى باشقا ئىشلارنى قىلماسلىق ئە‌ڭ ياخشىدۇ‌ر».‏ بۇ مە‌سلىھە‌تنى قانداق قوللانساق بولىدۇ؟‏ ئېتىقادچىلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىڭ.‏ ئە‌گە‌ر ھاراق-‏شاراب ئىچىش بىرسىگە پۇ‌تلىكاشاڭ بولۇ‌پ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ شۇ ۋە‌زىيە‌تتە ئىچىشتىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلالامسىز؟‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ باشقىلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىپ،‏ ئۆزىڭىزنىڭ ئە‌مە‌س،‏ باشقىلارنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى كۆزلە‌ۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز.‏​—‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏24‏.‏

بە‌لكىم،‏ بىز ياشاۋاتقان دۆلە‌تتە ھۆكۈمە‌ت ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلە‌رگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بە‌زى قانۇ‌نلارنى چىقىرىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى بۇ قانۇ‌نلارغا بويسۇ‌نۇ‌شى كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاشۇ قانۇ‌نلار بويىچە مە‌لۇ‌م ياشتىن باشلاپ ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچىشكە رۇ‌خسە‌ت قىلىنىدۇ ياكى ئىچىۋېلىپ ماشىنا ھە‌يدە‌ش،‏ يا بولمىسا بىر ماتورلۇ‌ق ئۈسكىنە ياكى ئە‌سۋابلارنى ئىشلىتىش مە‌نئىي قىلىنىدۇ.‏—‏رىملىقلار 13:‏1–‏5‏.‏

يە‌ھۋا بىزگە ھە‌دىيە قىلغان ئاجايىپ سوۋغاتلاردىن بىرى —‏ تاللاش ئە‌ركىنلىكى.‏ بۇ نېمە يە‌پ،‏ نېمە ئىچىشنى تاللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىز بە‌رگە‌ن قىممە‌تلىك تاللاش ئە‌ركىنلىكىنى قە‌دىرلە‌پ،‏ تىرىشىپ دانا قارار چىقىرىپ،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلايلى.‏

a ئامېرىكا قوشما شتاتى كېسە‌للىكلە‌رنى كونترول قىلىش ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مە‌ركىزىنىڭ بە‌رگە‌ن دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا،‏ ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلە‌رنىڭ ھە‌تتا بىر قېتىم زىيادە كۆپ ئىچىش خە‌تە‌رلىك ئاقىۋە‌ت كە‌لتۈرۈپ چىقىرىدىكە‌ن.‏ ئۇ قاتىللىق قىلىش،‏ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش،‏ جىنسىي خورلاش،‏ ھە‌مراھىغا زوراۋانلىق قىلىش،‏ خە‌تە‌رلىك جىنسىي ئالاقىدە بولۇ‌ش ۋە بالىسى چۈشۈپ كېتىش دېگە‌نلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏