مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

52-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ياش قىزلار،‏ پىشىپ يېتىلگە‌ن خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى بولۇ‌ڭلار!‏

ياش قىزلار،‏ پىشىپ يېتىلگە‌ن خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى بولۇ‌ڭلار!‏

‏«شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئاياللارمۇ … تۇ‌رمۇ‌ش ئادە‌تلىرىدە تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىشى ۋە ھە‌ممە ئىشتا ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌شى كېرە‌ك».‏—‏1-‏تىموت.‏ 3:‏11‏.‏

41-‏ناخشا يە‌ھۋاغا ياش ۋاقتىڭدا ئىبادە‌ت قىل!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ بىز پىشىپ يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏

 بىز بىر بالىنىڭ ئىنتايىن تېز چوڭ بولۇ‌پ يېتىلگىنىگە ھە‌يران قالىمىز.‏ بۇ‌نداق ئۆسۈپ يېتىلىش قارىماققا ئىنتايىن تە‌بىئىي.‏ بىراق،‏ بىرىنىڭ پىشىپ يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌شى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىش كېرە‌ك b (‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏11؛‏ ئىبرانىي.‏ 6:‏1‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىش لازىم.‏ بىز خۇ‌داغا خاس پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرگە‌ندە،‏ ئە‌مە‌لىي قوللىنىدىغان قابىلىيە‌تلە‌رنى ئۆگە‌نگىنىمىزدە ۋە كە‌لگۈسىدىكى مە‌سئۇ‌لىيە‌تكە تە‌ييارلانغىنىمىزدا مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا مۇ‌ھتاج بولىمىز.‏—‏پە‌ند.‏ نە 1:‏5‏.‏

2.‏ يارىتىلىش 1:‏27-‏ئايە‌تتىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌لاھىزە قىلىپ چىقىمىز؟‏

2 ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ئىنسانلارنى ئە‌ر ۋە ئايال قىلىپ ياراتقان ‏(‏يارىتىلىش 1:‏27-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئېنىقكى،‏ ئە‌رلە‌ر بىلە‌ن ئاياللار جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن پە‌رقلىق،‏ بىراق ئۇ‌لار يە‌نە باشقا تە‌رە‌پلە‌ردىنمۇ پە‌رقلىنىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا ئە‌ر-‏ئاياللارنى ئالاھىدە پە‌رقلىق ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ياراتقان،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ ۋە‌زىپىلىرىنى ئورۇ‌نلاشقا ياردە‌م بېرىدىغان پە‌زىلە‌تلە‌رگە ۋە ماھارە‌تلە‌رگە مۇ‌ھتاج (‏يارىت.‏ 2:‏18‏)‏.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ياش قىزلارنىڭ ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ ياش يىگىتلە‌رنىڭ نېمىلە‌رنى قىلالايدىغانلىقىنى كۆرىمىز.‏

خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈڭ

رىبە‌قا،‏ ئە‌ستىر ۋە ئابىگائىلنىڭ پە‌زىلە‌تلىرىنى ئۈلگە قىلسىڭىز،‏ بۇ سىزگە پىشىپ يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏3،‏ 4-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

3،‏ 4.‏ ياش قېرىنداشلار ئۈلگە قىلىدىغان ياخشى مىساللارنى نە‌دىن تاپالايدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

3 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋانى سۆيگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلغان نۇ‌رغۇ‌ن ئىمانلىق ئاياللارنىڭ ئۈلگىلىرى بار.‏ (‏jw.org تور بېكىتىدىكى «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايال كىشىلە‌ردىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ ئاياللار،‏ خۇ‌ددى ماقالىنىڭ تېما ئايىتىدىكى «تۇ‌رمۇ‌ش ئادە‌تلىرىدە تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىشى» ۋە «ھە‌ممە ئىشتا ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌شى» كېرە‌ك دېگە‌ن نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سالغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ قىزلار ئۆز جامائىتىدە ئىمان-‏ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگە‌ن ۋە ئۈلگە قىلىشقا لايىق خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىدىن ئۈلگىلە‌رنى ئالالايدۇ.‏

4 ياش قىزلار،‏ جامائىتىڭلاردا ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگە‌ن،‏ سىلە‌رگە ئۈلگە بولىدىغان قېرىنداشلارنى تونۇ‌مسىلە‌ر؟‏ ئۇ‌لارنىڭ گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلىرىگە دىققە‌ت قىلىڭلار.‏ كېيىن،‏ شۇ پە‌زىلە‌تلە‌رنى قانداق نامايان قىلالايدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاڭلار.‏ كېيىنكى ئابزاسلاردا پىشىپ يېتىلگە‌ن ئايال بولۇ‌ش ئۈچۈن زۆرۈر بولىدىغان ئۈچ مۇ‌ھىم پە‌زىلە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

5.‏ بىر ئايالنىڭ پىشىپ يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌شىدا كە‌متە‌رلىك نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

5 كە‌متە‌رلىك —‏ پىشىپ يېتىلگە‌ن خۇ‌دا خىزمە‌تچىسى ئۈچۈن مۇ‌ھىم بولغان بىر پە‌زىلە‌ت.‏ كە‌متە‌ر ئايال يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌م باشقىلار بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولىدۇ (‏ياقۇ‌پ 4:‏6‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋانى سۆيىدىغان ئايال ئائىلىدىكى باشچىلىق قىلىش پرىنسىپىغا كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن بويسۇ‌نىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏3‏)‏.‏ بۇ پرىنسىپ ئائىلىدە ۋە جامائە‌تتە پە‌رقلىق ئۇ‌سۇ‌لدا قوللىنىلىدۇ c‏.‏

6.‏ ياش قېرىنداشلار رىبە‌قادىن كە‌متە‌رلىك ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

6 رىبە‌قانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ ئە‌قىللىق ۋە جە‌سۇ‌ر ئايال ئىدى.‏ ئۇ ھاياتىدا قاچان ۋە قانداق ئىش قىلىشنى قارار قىلىشنى بىلگە‌ن (‏يارىت.‏ 24:‏58؛‏ 27:‏5–‏17‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن ۋە كۆرسە‌تمىلە‌رگە بويسۇ‌نۇ‌شقا تە‌ييار بولغان (‏يارىت.‏ 24:‏17،‏ 18،‏ 65‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىزمۇ رىبە‌قاغا ئوخشاش يە‌ھۋانىڭ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىسىڭىز،‏ ئائىلىڭىزگە ۋە جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارغا ياخشى تە‌سىر قىلالايسىز.‏

7.‏ كىچىك پېئىللىق كۆرسىتىشتە ياش قېرىنداشلار ئە‌ستىردىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟‏

7 كىچىك پېئىللىق —‏ پىشىپ يېتىلگە‌ن خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى ئۈچۈن يە‌نە بىر مۇ‌ھىم پە‌زىلە‌ت.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «كە‌متە‌ر كىشىلە‌رگە دانالىق ھە‌مراھ بولار»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 11:‏2‏)‏.‏ ئە‌ستىر خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىدىغان ئىنتايىن كىچىك پېئىل ئايال بولغان.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئە‌ستىر خانىش بولغاندىن كېيىنمۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلمىغان.‏ ئۇ ئاكىسى موردىكاينىڭ مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزلىرى بويىچە ئىش قىلغان (‏ئە‌ست.‏ 2:‏10،‏ 20،‏ 22‏)‏.‏ سىزمۇ باشقىلارنىڭ مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئۇ‌نى ھاياتىڭىزدا ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىش ئارقىلىق ئە‌ستىرگە ئوخشاش كىچىك پېئىللىقنى نامايان قىلالايسىز.‏—‏تىتۇ‌س 2:‏3–‏5‏.‏

8.‏ 1-‏تىموتىي 2:‏9،‏ 10-‏ئايە‌تلە‌ر ئاساسلانغاندا،‏ كىچىك پېئىللىق ياش قېرىنداشنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىشتا ئاقىلانە تاللىشىغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

8 ئە‌ستىر يە‌نە باشقا بىر تە‌رە‌پتىن كىچىك پېئىللىقنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ «بە‌دە‌ن شە‌كلى گۈزە‌ل،‏ چىرايى جە‌لپكار» بولسىمۇ،‏ بىراق باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلمىغان (‏ئە‌ست.‏ 2:‏7،‏ 15‏)‏.‏ ئايال قېرىنداشلار ئە‌ستىردىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟‏ شۇ‌نداق قىلىشنىڭ بىر يولى 1-‏تىموتىي 2:‏9،‏ 10-‏نى ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏ ئايە‌تتە كۆرسىتىلگە‌ن.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان ئاياللارنى لايىقىدا كىيىنىپ،‏ ساغلام ئوي-‏پىكىرلىك بولۇ‌شقا بۇ‌يرىغان.‏ پاۋلۇ‌س بۇ يە‌ردە ئىشلە‌تكە‌ن گرېكچە سۆز ئايالنىڭ كىيىنىشى ۋە ياسىنىشى باشقىلارغا بولغان ھۆرمىتىنى نامايان قىلىشى كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرىدۇ.‏ كىيىنىشى ۋە ياسىنىشىدا شۇ‌نداق كىچىك پېئىللىقنى كۆرسە‌تكە‌ن ئايال قېرىنداشلاردىن پە‌خىرلىنىمىز.‏

9.‏ ئابىگائىلنىڭ مىسالىدىن نېمىگە ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

9 پە‌م-‏پاراسە‌تلىك —‏ بارلىق پىشىپ يېتىلگە‌ن خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى نامايان قىلىدىغان يە‌نە بىر مۇ‌ھىم پە‌زىلە‌ت.‏ پە‌م-‏پاراسە‌تلىك دېگە‌ن نېمە؟‏ بۇ ياخشى ھۆكۈم قىلىش،‏ يە‌نى توغرا بىلە‌ن خاتانى پە‌رقلە‌ندۈرۈپ،‏ ئاندىن توغرا يولنى تاللاش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئابىگائىلنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ‌نىڭ ئېرى خاتا قارار چىقىرىپ،‏ پۈتۈن ئائىلىنىڭ خە‌تە‌رلىك ۋە‌زىيە‌تكە چۈشىشىگە سە‌ۋە‌بچى بولغان.‏ ئابىگائىل بۇ‌نى بىلىپ،‏ دە‌رھال پە‌م-‏پاراسە‌تلىك بىلە‌ن ئىش قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭ پە‌م-‏پاراسە‌تلىك بولۇ‌شى كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان (‏1-‏سام.‏ 25:‏14–‏23،‏ 32–‏35‏)‏.‏ پە‌م-‏پاراسە‌ت يە‌نە قاچان سۆزلە‌ش ۋە قاچان سۈكۈت قىلىشنى بىلىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌نە باشقىلار بىلە‌ن سۆھبە‌تلە‌شكە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنى تېرىكتۈرىدىغان سوئاللارنى سوراشتىن يىراق تۇ‌رۇ‌شىمىزغا ۋە باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلگە‌ندە،‏ تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 4:‏11‏.‏

تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىدىغان ماھارە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈڭ

ئوقۇ‌ش ۋە يېزىشنى ئۆگىنىشتىن قانداق پايدا ئالدىڭىز؟‏ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

10،‏ 11.‏ ياخشى ئوقۇ‌ش ۋە يېزىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە ۋە باشقىلار ئۈچۈن پايدىسى بار؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

10 ئايال قېرىنداش تۇ‌رمۇ‌شتا كېرە‌ك بولىدىغان ماھارە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشى لازىم.‏ بالىلىق چېغىدا ئۆگە‌نگە‌ن بە‌زى ماھارە‌تلە‌ر قىزغا كېلە‌چە‌كتىكى ھاياتىغا پايدىلىق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىر قانچە مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏

11 ئوقۇ‌ش ۋە يېزىشنى ئۆگىنىڭ.‏ بە‌زى مە‌دە‌نىيە‌تلە‌ردە ئوقۇ‌ش ۋە يېزىش ئاياللارنىڭ ئۆگىنىشى زۆرۈر ماھارە‌ت دە‌پ قارالمايدۇ.‏ بىراق،‏ ھە‌ربىر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى ئۈچۈن ئوقۇ‌ش ۋە يېزىش ئىنتايىن مۇ‌ھىم d (‏1-‏تىموت.‏ 4:‏13‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئوقۇ‌ش ۋە يېزىشنى ئۆگىنىشىڭىزگە بىر نە‌رسىنىڭ توسالغۇ بولۇ‌شىغا يول قويماڭ.‏ بۇ‌نىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏ بۇ ماھارە‌تلە‌ر ئىش تېپىشىڭىزغا ۋە شۇ ئىشنى داۋاملىق قىلالىشىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداقلا،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ياخشىراق ئۆگىنىپ،‏ ياخشى تە‌لىم بە‌رگۈچى بولۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىمى،‏ سىز خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئوقۇ‌پ،‏ ئوقۇ‌غانلىرىڭىز ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغىنىڭىزدا ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىن بولالايسىز.‏—‏يە‌شۇ‌ئا 1:‏8؛‏ 1-‏تىموت.‏ 4:‏15‏.‏

12.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 31:‏26-‏ئايە‌ت‏،‏ سىزگە ئالاقە قىلىشقا ماھىر بولۇ‌شىڭىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

12 باشقىلار بىلە‌ن ئالاقە قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈڭ.‏ ئۇ بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇ‌ھىم بىر ماھارە‌ت.‏ بۇ توغرىسىدا ياقۇ‌پ بىزگە ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بە‌رگە‌ن:‏ «ھە‌ر بىر كىشى چوقۇ‌م ئاڭلاشقا ئالدىرىسۇ‌ن،‏ سۆزلە‌شكە ئالدىرىمىسۇ‌ن» (‏ياقۇ‌پ 1:‏19‏)‏.‏ باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى دىققە‌ت بىلە‌ن ئاڭلىسىڭىز،‏ ئۇ‌لارغا ھېسداشلىق ياكى «ھە‌مدە‌رتلىك» كۆرسىتە‌لە‌يسىز (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏8‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىرىنىڭ نېمە دېگە‌نلىكىنى ياكى ئۇ‌نىڭ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى جە‌زملە‌شتۈرە‌لمىسىڭىز،‏ مۇ‌ۋاپىق سوئاللارنى سوراڭ.‏ ئاندىن بىراز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن سۆزلە‌ڭ (‏پە‌ند.‏ نە 15:‏28‏)‏.‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ:‏ «مە‌ن ئېيتماقچى بولغان سۆزلە‌ر كىشىگە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرە‌مدۇ؟‏ ھۆرمە‌ت ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتە‌مدۇ؟‏» باشقىلار بىلە‌ن ياخشى ئالاقە ئورنىتالايدىغان پىشىپ يېتىلگە‌ن قېرىنداشلاردىن ئۆگىنىڭ ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 31:‏26-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ سۆزلە‌ش ئۇ‌سۇ‌لىغا دىققە‌ت قىلىڭ.‏ ئالاقە قىلىش ماھارىتىنى قانچە ياخشى يېتىلدۈرسىڭىز،‏ باشقىلار بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىز تېخىمۇ ياخشىراق بولىدۇ.‏

ئائىلىدىكى ئىشلارنى ئۆگىنىۋالغان قېرىنداشلار ئائىلىسى ۋە جامائە‌ت ئۈچۈن چوڭ بە‌رىكە‌ت (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

13.‏ ئۆي ئىشلىرىنى قانداق ئۆگىنىشكە بولىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

13 تۇ‌رمۇ‌شتا پىششىق بولۇ‌شنى ئۆگىنىڭ.‏ نۇ‌رغۇ‌ن جايلاردا ئاياللار ئائىلىدىكى ئۆي-‏ئىشلىرىنى قىلىش مە‌سئۇ‌لىيىتىنى كۆپرە‌ك ئۈستىگە ئالغان.‏ بە‌لكىم،‏ سىز ئانىڭىز ياكى باشقا قېرىنداشلاردىن چوقۇ‌م ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ماھارە‌تلە‌رنى ئۆگىنە‌لىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ سىندى ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاپام ماڭا ئۆگە‌تكە‌ن ئە‌ڭ قىممە‌تلىك دە‌رس،‏ جاپالىق ئىشلە‌شتىن كېلىدىغان خۇ‌شاللىقتىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ش.‏ تاماق ئېتىش،‏ تازىلاش،‏ تىككۈچىلىك ئىشلىرى ۋە مال سېتىۋېلىش قاتارلىق ماھارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىش تۇ‌رمۇ‌شىمنى ئاسانلاشتۇ‌ردى ۋە يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشىمغا يول ئېچىپ بە‌ردى.‏ ئاپام ماڭا يە‌نە مېھماندوست بولۇ‌شنى ئۆگە‌تتى.‏ ئۇ ماڭا ئۈلگە بولالايدىغان ئېسىل قېرىنداشلار بىلە‌ن كۆرۈشۈشنىڭ پۇ‌رسىتىنى يارىتىپ بە‌ردى» (‏پە‌ند.‏ نە 31:‏15،‏ 21،‏ 22‏)‏.‏ تۇ‌رمۇ‌ش ئىشلىرىغا پىشقان،‏ تىرىشچان،‏ مېھماندوست ئايال ئائىلىدە ۋە جامائە‌تتە باشقىلار ئۈچۈن خۇ‌شاللىق ۋە بە‌رىكە‌ت.‏—‏پە‌ند.‏ نە 31:‏13،‏ 17،‏ 27؛‏ ئە‌لچى.‏ 16:‏15‏.‏

14.‏ كرىستالنىڭ تە‌جرىبىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنىسىز؟‏ دىققىتىڭىز نېمىدە بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

14 ئۆزىڭىزنى بېقىشنى ئۆگىنىڭ.‏ ھە‌ممە مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۆزىنى تە‌مىنلە‌شنى ئۆگىنىشى مۇ‌ھىم (‏فىلىپى.‏ 4:‏11‏)‏.‏ كرىستال ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئوتتۇ‌را مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌ۋاتقان چېغىمدا ئاتا-‏ئانام كېلە‌چە‌كتە تۇ‌رمۇ‌شۇ‌مدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشقا بولىدىغان دە‌رسلە‌رنى تاللىشىمغا ياردە‌م بە‌ردى.‏ دادام مېنى بۇ‌غالتىرلىقنى ئۆگىنىشكە ئۈندىدى،‏ كېيىن بۇ تۇ‌رمۇ‌شۇ‌مدا كۆپ ياردە‌م بە‌ردى».‏ پە‌قە‌ت قانداق پۇ‌ل تېپىشىنى ئە‌مە‌س،‏ دانالىق بىلە‌ن شۇ پۇ‌لنى پىلانلىق خە‌جلە‌شنى ئۆگىنىڭ (‏پە‌ند.‏ نە 31:‏16،‏ 18‏)‏.‏ بارىغا شۈكۈر قىلىپ،‏ ئاددى-‏ساددا تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشتىن قانائە‌ت ھاسىل قىلىشنى ئۆگە‌نسىڭىز،‏ زۆرۈر بولمىغان قە‌رزگە كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ،‏ زېھنىڭىزنى خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا قارىتالايسىز.‏—‏1-‏تىموت.‏ 6:‏8‏.‏

كېلە‌چە‌ك ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى تە‌ييارلاڭ

15،‏ 16.‏ يالغۇ‌ز قېرىنداشلار باشقىلارغا قانداق پايدا ئە‌كېلىدۇ؟‏ (‏ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30‏)‏

15 يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈڭ ۋە تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىدىغان ماھارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىڭ.‏ ئۇ‌لار كېيىنكى ھاياتىڭىزدا ياخشى قارارلارنى چىقىرىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

16 بىر مە‌زگىل توي قىلماي يالغۇ‌ز ئۆتۈشنى قارار قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ گە‌رچە بە‌زى مە‌دە‌نىيە‌تتە،‏ توي قىلمىغانلار باشقىلارنىڭ بېسىمىغا ئۇ‌چرىسىمۇ،‏ بە‌زى ئاياللار ئە‌يسا مە‌سىھ ئېيتقاندە‌ك،‏ توي قىلماي ئۆتۈشنى تاللايدۇ (‏مە‌تتا 19:‏10–‏12‏)‏.‏ باشقىلىرى بولسا،‏ ھە‌رتۈرلۈك سە‌ۋە‌بلە‌ر تۈپە‌يلى توي قىلمايدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ يالغۇ‌ز ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنى ئىنتايىن قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدا توي قىلمىغان قېرىنداشلار جامائە‌ت ئۈچۈن چوڭ بە‌رىكە‌ت.‏ ئۇ‌لار باشقىلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە سە‌مىمىي غە‌مخورلۇ‌ق كۆرسە‌تكە‌چ،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرىمىز ئۈچۈن ئۇ‌لار خۇ‌ددى روھىي ئاچا-‏سىڭىللار ۋە ئانىلارغا ئوخشاشتۇ‌ر.‏—‏ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ 1-‏تىموت.‏ 5:‏2‏.‏

17.‏ ياش قېرىنداش تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌تكە ھازىردىن باشلاپ قانداق تە‌ييار بولالايدۇ؟‏

17 سىز تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌تكە قاتنىشالايسىز.‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىدە ئايال قېرىنداشلار ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشالايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 68:‏11‏)‏.‏ تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىشنى ئويلىنىۋاتامسىز؟‏ سىز پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى،‏ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىدا پىدائىي ياردە‌م بە‌رگۈچى ياكى بە‌يتە‌ل ئائىلىسىدە خىزمە‌تچى بولۇ‌ش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويسىڭىز بولىدۇ.‏ شۇ مە‌قسىتىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق يە‌ھۋاغا چىن قە‌لبىڭىزدىن دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ شۇ‌نداق مە‌قسە‌تكە يە‌تكە‌ن قېرىنداشلار بىلە‌ن پاراڭلىشىڭ.‏ ئۆزىڭىزنىڭمۇ شۇ‌نىڭغا لاياقە‌تلىك بولۇ‌شى ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىشىڭىز كېرە‌كلىكىنى بىلىۋېلىڭ.‏ شۇ مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتە‌لىگۈدە‌ك تۈزۈڭ.‏ ئە‌گە‌ر تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تچى بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالايسىز.‏

ئە‌گە‌ر توي قىلىشنى ئويلاۋاتقان بولسىڭىز،‏ ھە‌مراھىڭىزنى ناھايىتى ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن تاللىشىڭىز كېرە‌ك (‏18-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

18.‏ نېمە ئۈچۈن قېرىنداش ئە‌ر تاللىغاندا،‏ ناھايىتى ئە‌ستايىدىل تاللىشى كېرە‌ك؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

18 توي قىلىشقا قارار قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ن پە‌زىلە‌تلە‌ر ۋە ماھارە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش سىزنىڭ ئىقتىدارلىق ئايال بولۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئە‌گە‌ر سىز توي قىلىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز،‏ ھە‌مراھ تاللاشتا ئېھتىياتچان بولۇ‌ڭ.‏ چۈنكى،‏ توي قىلىش ھاياتىڭىزدا چىقىرىدىغان مۇ‌ھىم قارارلاردىن بىرى.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ سىز توي قىلغاندىن كېيىن،‏ چوقۇ‌م ئېرىڭىزنىڭ باشچىلىقىغا بويسۇ‌نۇ‌شىڭىز كېرە‌ك (‏رىملىقلار 7:‏2؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 5:‏23،‏ 33‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ:‏ «مە‌ن تاللىغان يىگىت پىشىپ يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسىمۇ؟‏ ئۇ ھاياتىدا يە‌ھۋانى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويامدۇ؟‏ ئۇ دانا قارار چىقىرامدۇ؟‏ ئۇ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلامدۇ؟‏ ئۇ ئاياللارنى ھۆرمە‌تلە‌مدۇ؟‏ ئۇ ئائىلىۋى ئىبادە‌تكە باشچىلىق قىلالامدۇ؟‏ ئائىلىسىنى روھىي،‏ ماددىي ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ جە‌ھە‌تتىن قامداش ئۈچۈن كېرە‌كلىك ماھارە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرگە‌نمۇ؟‏ ئۇ ئۆز مە‌سئۇ‌لىيىتىنى ياخشى ئادا قىلامدۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ جامائە‌تتە قانداق مە‌سئۇ‌لىيىتى بار ۋە ئۇ مە‌سئۇ‌لىيىتىنى قانداق ئورۇ‌نلايدۇ؟‏» (‏لۇ‌قا 16:‏10؛‏ 1-‏تىموت.‏ 5:‏8‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌گە‌ر ياخشى ئە‌ر بولىدىغان يىگىتنى تاپماقچى بولسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزمۇ ياخشى ئايال بولۇ‌شنى ئۆگىنىشىڭىز كېرە‌ك.‏

19.‏ نېمە ئۈچۈن «ياردە‌مچى» بولۇ‌ش،‏ بۇ ھە‌رگىز ئايال كىشىنى تۆۋە‌ن كۆرگە‌نلىك بولمايدۇ؟‏

19 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ياخشى ئايالنى ئېرى ئۈچۈن «لايىق بىر ياردە‌مچى ھە‌مراھ» دە‌يدۇ (‏يارىت.‏ 2:‏18‏)‏.‏ بۇ ئايالنى تۆۋە‌ن كۆرۈپ،‏ چۈشۈرگە‌نلىك بولامدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق.‏ ياردە‌مچى بولۇ‌ش شان-‏شە‌رە‌پلىك ۋە‌زىپە!‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌ھۋا خۇ‌دانى «ياردە‌مچى» دە‌پ تە‌سۋىرلە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 54:‏4؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏6‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن شۇ‌نداق خۇ‌لاسە قىلالايمىزكى،‏ خۇ‌دا ئايالغا بۇ رولنى ئۇ‌نى تۆۋە‌ن كۆرۈش ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌نى شان-‏شە‌رە‌پكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بە‌رگە‌ن.‏ ئايالى ئېرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌پ،‏ چىقارغان قارارىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رسە،‏ ئۇ‌نىڭ ياخشى ياردە‌مچىسى بولالايدۇ.‏ ئۇ يە‌ھۋانى چىن قە‌لبىدىن سۆيگە‌چ،‏ ئېرىنىڭ ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت قازىنىشىغا كۈچ چىقىرىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 31:‏11،‏ 12؛‏ 1-‏تىموت.‏ 3:‏11‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى چوڭقۇ‌رلاشتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆي ئىچىدە ھە‌م جامائە‌تتە باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش ئارقىلىق كە‌لگۈسىدە ياخشى ئايال بولۇ‌شقا تە‌ييارلىق قىلالايسىز.‏

20.‏ ئانا قانداق تە‌سىر ئېلىپ كېلىدۇ؟‏

20 كە‌لگۈسىدە ئانا بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن.‏ توي قىلغاندىن كېيىن،‏ سىلە‌ر پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌شۇ‌ڭلار مۇ‌مكىن (‏زە‌بۇ‌ر 127:‏3‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ‌نى ئالدىنئالا ئويلاپ كۆرۈش دانالىق بولىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىپ چىققان پە‌زىلە‌تلە‌ر ۋە ماھارە‌تلە‌ر توي قىلسىڭىز ياكى ئانا بولسىڭىز،‏ سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ سىزنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز،‏ ئاق-‏كۆڭۈللۈكىڭىز ۋە سە‌ۋرچانلىقىڭىز بالىلىرىڭىزغا بىخە‌تە‌رلىك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنى بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ساغلام ئائىلە مۇ‌ھىتىغا ئېرىشىشىگە ھە‌سسە قوشىدۇ.‏​—‏پە‌ند.‏ نە 24:‏3‏.‏

نۇ‌رغۇ‌ن ئە‌رلە‌ر ۋە ئاياللار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌لىم ئالماقتا ۋە ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ھاياتىدا قوللىنىپ،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بولماقتا (‏21-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

21.‏ بىز قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق قارايمىز؟‏ نېمىشكە؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىم)‏

21 ياش قېرىنداشلار،‏ سىلە‌رنى بە‌كمۇ ياخشى كۆرىمىز،‏ چۈنكى سىلە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە جامائە‌ت ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلە‌ر (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏10‏)‏.‏ ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ گۈزە‌ل قىلىش ئۈچۈن ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌رنى راۋاجلاندۇ‌رۇ‌ش ۋە كېرە‌كلىك ماھارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىڭلار ۋە كە‌لگۈسىدە ئۆز ئۈستۈڭلارغا ئالىدىغان مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌ر ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تە‌ييارلىق قىلىڭلار.‏ سىلە‌ر يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممە‌تلىك مە‌رۋايىتلارغا ئوخشايسىلە‌ر.‏

3-‏ناخشا ‏«خۇ‌دا ئۆزى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر»‏

a قە‌دىرلىك ياش ئاچا-‏سىڭىللار،‏ سىلە‌رنى جامائە‌تتە قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ سىلە‌ر خۇ‌داغا خاس پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش،‏ تۇ‌رمۇ‌شتا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشچان ماھارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىش ۋە كە‌لگۈسىدە ئۆز رولىڭلارنى ئورۇ‌نداشقا تە‌ييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولالايسىلە‌ر.‏ نە‌تىجىدە،‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمىتىدە نۇ‌رغۇ‌ن بە‌رىكە‌تلە‌ردىن بە‌ھرىمە‌ن بولىسىلە‌ر.‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ پىشىپ يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقىدىن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى خۇ‌دادىن ئۆگىنىدۇ.‏ ئۇ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن مە‌ھكە‌م مۇ‌ناسىۋە‌تنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلە‌يدۇ ۋە باشقىلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىدۇ.‏

d ئوقۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقى توغرىسىدا jw.org تور بېكىتىدىن «‏نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇ‌ش بالىلار ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏ 1-‏قىسىم.‏ ئوقۇ‌ش ياكى كۆرۈش‏» دېگە‌ن ماقالىنى كۆرۈڭ.‏