مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

53-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ياش يىگىتلە‌ر،‏ پىشىپ يېتىلگە‌ن خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى بولۇ‌ڭلار!‏

ياش يىگىتلە‌ر،‏ پىشىپ يېتىلگە‌ن خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى بولۇ‌ڭلار!‏

‏«سە‌ن كۈچلۈك بول ۋە ئە‌ركە‌كتە‌ك ياشىغىن».‏—‏1-‏پادىشاھ.‏ 2:‏2‏.‏

11-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلىش

بۇ ماقالىدە a

1.‏ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنىش ئۈچۈن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

 پادىشاھ داۋۇ‌ت سۇ‌لايمانغا شۇ‌نداق نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن:‏ «سە‌ن كۈچلۈك بول ۋە ئە‌ركە‌كتە‌ك ياشىغىن» (‏1-‏پادىشاھ.‏ 2:‏1–‏3‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان ئە‌رلە‌ر بۇ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىشى بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ ئىشلىرىدا مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنىش ئۈچۈن،‏ چوقۇ‌م خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌شنى ئۆگىنىشى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى ھاياتىنىڭ ھە‌رقايسى ساھە‌سىدە ئە‌مە‌لىي قوللىنىشى كېرە‌ك (‏لۇ‌قا 2:‏52‏)‏.‏ ياش بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن ئە‌رلە‌رگە ئايلىنىشى نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە مۇ‌ھىم؟‏

2،‏ 3.‏ نېمە ئۈچۈن ياش بۇ‌رادە‌رنىڭ پىشىپ يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌شى مۇ‌ھىم؟‏

2 بۇ‌رادە‌رنىڭ ھە‌م ئائىلىدە،‏ ھە‌م جامائە‌تتە ئىنتايىن مۇ‌ھىم مە‌سئۇ‌لىيىتى بار.‏ ياش بۇ‌رادە‌رلە‌ر،‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ سىلە‌ر كە‌لگۈسىدىكى مە‌سئۇ‌لىيىتىڭلار ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆردۈڭلار.‏ سىلە‌ر يە‌ھۋاغا تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌ت قىلالايسىلە‌ر.‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى،‏ كېيىن جامائە‌ت ئاقساقىلى بولالايسىلە‌ر.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ توي قىلىپ بالىلىق بولۇ‌شۇ‌ڭلار مۇ‌مكىن (‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏4؛‏ 1-‏تىموت.‏ 3:‏1‏)‏.‏ بۇ مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتىش ۋە خىزمىتىڭلارنىڭ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك بولۇ‌شى ئۈچۈن،‏ ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن ئېتىقادچى بولۇ‌شۇ‌ڭلار كېرە‌ك b‏.‏

3 ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك مۇ‌ھىم ماھارە‌تلە‌ر بار.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كېلە‌چە‌كتە ھە‌رقانداق مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۈستۈڭلارغا ئېلىشقا تە‌ييار بولۇ‌ش ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە نېمە قىلالايسىلە‌ر؟‏

پىشىپ يېتىلىش ئۈچۈن باسىدىغان قە‌دە‌ملە‌ر

ئە‌يسانىڭ پە‌زىلە‌تلىرىنى ئۈلگە قىلىش،‏ پىشىپ يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏4-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

4.‏ ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن ياخشى مىساللارنى قە‌يە‌ردىن تېپىشقا بولىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

4 ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن ياخشى مىساللارنى تاللاڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۈلگە ئالالايدىغان ياش يىگىتلە‌رنىڭ ياخشى مىساللىرى بار.‏ ئۆتمۈشتە ياشىغان ئاشۇ كىشىلە‌ر خۇ‌دانى چىن قە‌لبىدىن سۆيگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ خە‌لقىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن ھە‌رتۈرلۈك مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.‏ ئائىلىڭىزدە ۋە جامائىتىڭىزدە ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن ئە‌رلە‌ر ئارىسىدىن ياخشى ئۈلگىلە‌رنى تاپالايسىز (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏7‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌ڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىمىز —‏ ئە‌يسا مە‌سىھتۇ‌ر (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏21‏)‏.‏ سىز شۇ‌نداق كىشىلە‌رنىڭ ئۈلگىلىرىنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئاجايىپ پە‌زىلە‌تلىرىگە دىققە‌ت قارىتىڭ (‏ئىبرانىي.‏ 12:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ئۇ‌لاردىن ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىڭ.‏

5.‏ تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يسىز ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏9‏)‏

5 تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈڭ ۋە ئۇ‌نى ساقلاڭ (‏پە‌ند.‏ نە 3:‏21‏)‏.‏ تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشى مە‌لۇ‌م ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى ئە‌ستايىدىل ئويلىنىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بۇ ئىقتىدارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇ‌نى ساقلاشقا تىرىشىڭ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ بۇ دۇ‌نيادىكى كۆپلىگە‌ن ياشلار پە‌قە‌ت ئۆزىگە تايىنىدۇ ياكى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا ئە‌گىشىپ ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 7:‏7؛‏ 29:‏11‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ تېلېۋىزور پروگراممىلىرى،‏ فىلىملە‌ر،‏ ئىنتېرنېت ۋە تاراتقۇ‌لار سىزگە قاتتىق تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ سىز تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يسىز؟‏ ئاۋۋال،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئۆگىنىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ پايدىسى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىڭ.‏ ئاندىن بۇ پرىنسىپلارنى ھاياتىڭىزدا قوللىنىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان قارارلارنى چىقىرىڭ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 119:‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ مۇ‌ھىم ماھارە‌تنى يېتىلدۈرسىڭىز،‏ ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن بۇ‌رادە‌ر بولۇ‌ش ئۈچۈن چوڭ قە‌دە‌منى تاشلايسىز (‏پە‌ند.‏ نە 2:‏11،‏ 12؛‏ ئىبرانىي.‏ 5:‏14‏)‏.‏ تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئىقتىدارى ئىككى ئە‌ھۋالدا،‏ بىرىنچى،‏ ئېتىقادچى ئايال قېرىنداشلار بىلە‌ن ئالاقە قىلغاندا ۋە ئىككىنچى،‏ تاشقى كۆرۈنىشىمىزدە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

6.‏ ياش بۇ‌رادە‌رنىڭ ئاياللارنى ھۆرمە‌تلىشىگە تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئىقتىدارى قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

6 تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئىقتىدارى سىزگە ئاياللارنى ھۆرمە‌تلە‌شكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ياش بۇ‌رادە‌رنىڭ بىر قېرىنداشقا قىزىقىشى ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىن تونۇ‌شۇ‌شنى خالىشى نورمال ئە‌ھۋال.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭ توي قىلىش نىيىتى بولمىسا،‏ ئۇ قىز قېرىنداشنى خاتا ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌غا كە‌لتۈرىدىغان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ئېيتمايدۇ ياكى يازمايدۇ ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى قىلمايدۇ ‏(‏1-‏تىموت.‏ 5:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ بىر قېرىنداش بىلە‌ن مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىپ يۈرۈۋاتقان بولسا،‏ قىزنىڭ نامىغا داغ كە‌لتۈرمە‌سلىك ئۈچۈن،‏ ھېچكىم يوق ئە‌ھۋالدا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يالغۇ‌ز قالماسلىقى كېرە‌ك.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 6:‏18‏.‏

7.‏ ياش بۇ‌رادە‌رنىڭ كىيىم كېچە‌ك تاللىشىغا تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئىقتىدارى قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

7 تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگە‌ن ياشلار كىيىم-‏كېچە‌ك ۋە چاچ پاسونلىرىنى تاللاشتا ياخشى قارارلارنى چىقىرىدۇ.‏ دائىم يېڭىلىنىۋاتقان مودا ئېقىمى كۆپىنچە يە‌ھۋا خۇ‌دانى ھۆرمە‌تلىمە‌يدىغان ياكى ئە‌خلاقسىز تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرىدىغان كىشىلە‌ر ئۈچۈن لايىھىلە‌نگە‌ن ۋە تە‌شۋىق قىلىنغان.‏ شۇ‌نداق ئە‌خلاقسىز كۆز قارىشى بار كىشىلە‌ر تار،‏ بە‌دە‌نگە يېپىشىپ تۇ‌رىدىغان ياكى ئاياللارنىڭ كىيىمىگە ئوخشاش كىيىملە‌رنى كىيىشىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ياش بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئىمان-‏ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىنى خالىسا،‏ چوقۇ‌م مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلار بويىچە كىيىنىشى ۋە جامائە‌تتىكى ئۈلگىلىك قېرىنداشلاردىن ئۆگىنىشى لازىم.‏ ئۇ ئۆزىگە مۇ‌نداق سوئال قويسا بولىدۇ:‏ «تاشقى كۆرۈنۈشۈم ساغلام ئوي-‏پىكىرلىك ۋە باشقىلارنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغان كىشى ئىكە‌نىمنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏ كىيىم-‏كېچىكىم باشقىلارغا مېنىڭ خۇ‌داغا سادىق خىزمە‌تچىسى ئىكە‌نىمنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏» (‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏31–‏33؛‏ تىتۇ‌س 2:‏6‏)‏ تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئىقتىدارغا ئىگە كىشى پە‌قە‌ت ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ ئە‌مە‌س،‏ ھە‌م ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ ئىززە‌ت-‏ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.‏

8.‏ ياش بۇ‌رادە‌ر قانداق قىلىپ ئىشە‌نچىلىك كىشى بولۇ‌شنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

8 ئىشە‌نچىلىك كىشى بولۇ‌ڭ.‏ ئىشە‌نچىلىك بۇ‌رادە‌ر ئۈستىگە ئالغان بارلىق مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن ئورۇ‌نلايدۇ (‏لۇ‌قا 16:‏10‏)‏.‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىمىز ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ بۇ ئە‌زە‌لدىن بىپە‌رۋالىق ياكى مە‌سئۇ‌لىيە‌تسىزلىك قىلمىغان ئىدى.‏ ئە‌كسىنچە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا تاپشۇ‌رغان ۋە‌زىپىلە‌رنى ھە‌تتا ئورۇ‌نلاش قىيىن ئە‌ھۋالدىمۇ ئورۇ‌نلىغان.‏ ئۇ ئىنسانلارنى سۆيگە‌ن ۋە ئۇ‌لار ئۈچۈن،‏ بولۇ‌پمۇ ئۆز شاگىرتلىرى ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلغان (‏يۇ‌ھاننا 13:‏1‏)‏.‏ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ سىزگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان ھە‌رقانداق ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى چىقىرىڭ.‏ ئە‌گە‌ر تاپشۇ‌رۇ‌لغان ۋە‌زىپىنى قانداق ئورۇ‌نلاشنى بىلمىسىڭىز،‏ ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌ردىن كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ياردە‌م سوراڭ.‏ ھېچنېمىنى قىلمىغاندىن ياخشىراق دە‌پ قولنىڭ ئۇ‌چىدىلا ئىش قىلىپ قويماڭ (‏رىملىقلار 12:‏11‏)‏.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ۋە‌زىپىڭىزنى ياخشى ئورۇ‌نلاڭ،‏ يە‌نى ئۇ‌نى «ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن قىلغاندە‌ك» قىلىشقا تىرىشىڭ (‏كولوسى.‏ 3:‏23‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ سىز مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س،‏ شۇ‌ڭا كىچىك پېئىل بولۇ‌پ،‏ ئۆتكۈزگە‌ن ھە‌رقانداق خاتالىقىڭىزنى بوينىڭىزغا ئېلىپ،‏ ئېتىراپ قىلىڭ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 11:‏2‏.‏

تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدا كېرە‌ك بولىدىغان ماھارە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈڭ

9.‏ نېمە ئۈچۈن ياش بۇ‌رادە‌ر ئە‌مە‌لىي قوللىنىشچان ماھارە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشى كېرە‌ك؟‏

9 روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلىش ئۈچۈن تۇ‌رمۇ‌شتا كېرە‌كلىك ماھارە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشىڭىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لار جامائە‌تتە مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىزغا،‏ ئۆزىڭىزنى ياكى ئائىلىڭىزنى بېقىش ئۈچۈن ئىش تېپىشىڭىزغا ۋە باشقىلار بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ پايدىلىق ماھارە‌تلە‌ردىن بىر نە‌چچىسىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ياخشى ئوقۇ‌ش ۋە يېزىشنى بىلىش ئۆزىڭىز ۋە جامائە‌ت ئۈچۈن پايدىلىق (‏10،‏ 11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

10،‏ 11.‏ ياش بۇ‌رادە‌رنىڭ ئوقۇ‌ش ۋە يېزىشنى ياخشى بىلىشىنىڭ ئۆزى ۋە جامائە‌ت ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1–‏3‏)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

10 ئوقۇ‌ش ۋە يېزىشنى ئۆگىنىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تۇ‌رمۇ‌شى بە‌ختلىك ۋە ئىشلىرى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق ئادە‌م ھە‌ر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئوقۇ‌يدىغانلىقى ۋە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1–‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ئارقىلىق،‏ ئۇ ئادە‌م يە‌ھۋانىڭ تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى بىلىدۇ.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ئوچۇ‌ق ئوي-‏پىكىر يۈرگۈزۈپ،‏ ياخشى خۇ‌لاسە چىقىرىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 1:‏3،‏ 4‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن جامائە‌ت شۇ‌نداق بۇ‌رادە‌رلە‌رگە مۇ‌ھتاج؟‏

11 ئېتىقادچى قېرىنداشلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىپ،‏ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ۋە مە‌سلىھە‌ت بېرە‌لە‌يدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌رگە مۇ‌ھتاج (‏تىتۇ‌س 1:‏9‏)‏.‏ ياخشى ئوقۇ‌ش ۋە يېزىشنى بىلسىڭىز،‏ قېرىنداشلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۈچە‌يتىشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان نۇ‌تۇ‌قلارنى ۋە جاۋابلارنى تە‌ييارلىيالايسىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ سىز شە‌خسىي تە‌تقىق قىلغاندا ۋە جامائە‌ت يىغىلىشى ۋە چوڭ يىغىلىشلاردا نۇ‌تۇ‌ق ئاڭلىغاندا،‏ خاتىرىلە‌رنى يازالايسىز.‏ يېزىپ قالدۇ‌رغان ئوي-‏پىكىرلە‌ر ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتىشكە ۋە باشقىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

12.‏ ياخشى ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

12 باشقىلار بىلە‌ن ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈڭ.‏ بۇ‌رادە‌ر باشقىلار بىلە‌ن ياخشى ئالاقىدە بولۇ‌شنى ئۆگىنىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق كىشى باشقىلارنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىگە قۇ‌لاق سالىدۇ ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 20:‏5‏)‏.‏ ئۇ باشقىلارنىڭ ئاۋازى،‏ چىراي ئىپادىسى ۋە ئىما-‏ئىشارىتىگە قاراپ،‏ ئۇ‌لارنى پە‌رقلە‌ندۈرۈشنى بىلىدۇ.‏ بۇ‌نى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن كۆپرە‌ك ئارىلىشىش مۇ‌ھىم.‏ دائىم ئېلېكترونلۇ‌ق خە‌ت ۋە قىسقا ئۇ‌چۇ‌ر ئە‌ۋە‌تىش ئارقىلىق ئالاقە قىلسىڭىز،‏ كىشىلە‌ر بىلە‌ن يۈزمۇ-‏يۈز ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىڭىز ئاجىزلاپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ باشقىلار بىلە‌ن يۈزمۇ-‏يۈز پاراڭلىشىش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت يارىتىڭ.‏—‏2-‏يۇ‌ھاننا 12‏.‏

ئىش تېپىشقا ياردە‌م بېرىدىغان ماھارە‌تنى ئۆگىنىش ياخىشى (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

13.‏ ياش بۇ‌رادە‌رلە‌ر يە‌نە نېمىلە‌رنى ئۆگىنىشى كېرە‌ك؟‏ (‏1-‏تىموتىي 5:‏8‏)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

13 ئۆز-‏ئۆزىڭىزنى قامداشنى ئۆگىنىڭ.‏ ئىماندا پىشقان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان ئە‌ركە‌ك چوقۇ‌م ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى باقالايدىغان بولۇ‌شى كېرە‌ك ‏(‏1-‏تىموتىي 5:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بە‌زى دۆلە‌تلە‌ردە ياش بۇ‌رادە‌رلە‌ر دادىسى ياكى باشقا ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىدىن مە‌لۇ‌م بىر ھۈنە‌رنى ئۆگىنىدۇ.‏ يە‌نە باشقا دۆلە‌تلە‌ردە ئوتتۇ‌را مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌غاندا،‏ سودا-‏تىجارە‌ت قىلىش ياكى باشقا تۈرلۈك كە‌سپىي ماھارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌يلى قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ سىزنىڭ ئىش تېپىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدىغان ماھارە‌تنى ئۆگىنىڭ (‏ئە‌لچى.‏ 18:‏2،‏ 3؛‏ 20:‏34؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 4:‏28‏)‏.‏ جاپالىق ئىشلە‌يدىغان ۋە ۋە‌زىپىنى ئاخىرغىچە ئورۇ‌نلايدىغان ئىشچى دېگە‌ن نام-‏ئاتاقنى قازىنىڭ.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئىش تاپالايسىز ۋە ئىش-‏ئورنىڭىزنى ساقلاپ قالالىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بىز مۇ‌لاھىزە قىلىپ چىققان پە‌زىلە‌تلە‌ر ۋە ماھارە‌تلە‌ر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان ئە‌ركە‌ك ئۈچۈن ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ ھازىر بە‌زى مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

كېلە‌چە‌كتىكى مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رگە ئۆزىڭىزنى تە‌ييارلاڭ

14.‏ ياش بۇ‌رادە‌ر تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تكە قانداق تە‌ييار بولالايدۇ؟‏

14 تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن ئە‌رلە‌ر تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىشنى ياش چېغىدىن باشلىغان.‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌ش بىر ياشنىڭ ھە‌رخىل مىجە‌زلىك كىشىلە‌ر بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىپ ئىشلە‌شنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ خىزمە‌ت ئۇ‌نىڭغا پۇ‌لنى دانالىق بىلە‌ن خە‌جلە‌شنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏فىلىپى.‏ 4:‏11–‏13‏)‏.‏ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تكە قە‌دە‌م تاشلاشنىڭ ياخشى يولى —‏ ياردە‌مچى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شنى باشلاش.‏ نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار بىر مە‌زگىل ياردە‌مچى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولىدۇ.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شى ئۈچۈن تە‌ييارلىق قىلىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌ش قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش خىزمە‌تچىسى بولۇ‌ش ياكى بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىش قاتارلىق تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تكە ئىشىك ئېچىشى مۇ‌مكىن.‏

15،‏ 16.‏ بىر ياش بۇ‌رادە‌ر جامائە‌تكە خىزمە‌ت قىلىشقا لاياقە‌تلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلسا بولىدۇ؟‏

15 ياردە‌مچى خىزمە‌تچى ياكى ئاقساقال بولۇ‌ش.‏ بارلىق ئېتىقادچى ئە‌رلە‌ر جامائىتىدىكى قېرىنداشلارغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئاقساقال بولۇ‌شنى مە‌قسە‌ت قويسا بولىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن بە‌زى تە‌لە‌پلە‌رگە لايىق بولۇ‌ش كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «كىمكى يېتە‌كچى بولۇ‌ش ئۈچۈن لاياقە‌تلىك بولۇ‌شقا ئىنتىلسە،‏ ئۇ ياخشى بىر ئىشنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» (‏1-‏تىموت.‏ 3:‏1‏)‏.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئاقساقال بولۇ‌شتىن ئىلگىرى چوقۇ‌م ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا لايە‌قە‌تلىك بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر ئاقساقاللارغا كۆپ تە‌رە‌پلە‌ردىن ئە‌مە‌لىي ياردە‌ملە‌رنى بېرىدۇ.‏ ئاقساقاللار ۋە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا خىزمە‌ت قىلىدۇ ۋە ۋە‌ز خىزمە‌تكە قىزغىن قاتنىشىدۇ.‏ ياش يىگىتلە‌ر ئون نە‌چچە يېشىدىلا ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌ش لاياقىتىگە ئېرىشە‌لە‌يدۇ.‏ مە‌سئۇ‌لىيىتىنى ياخشى ئادا قىلغان ياردە‌مچى خىزمە‌تچى يىگىرمە ياشتىن ئاشقاندا ئاقساقال بولۇ‌پ تە‌يىنلىنە‌لە‌يدۇ.‏

16 ياردە‌مچى خىزمە‌تچى ۋە ئاقساقاللار بولۇ‌شقا لاياقە‌تلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا قانداق پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش كېرە‌كلىكى يېزىلغان.‏ بۇ تە‌لە‌پلە‌ر يە‌ھۋاغا،‏ ئائىلىگە ۋە جامائە‌تكە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئاساسلانغان (‏1-‏تىموت.‏ 3:‏1–‏13؛‏ تىتۇ‌س 1:‏6–‏9؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏2،‏ 3‏)‏.‏ ھە‌ربىر تە‌لە‌پنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا لايىق بولۇ‌ش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ c‏.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا ئە‌ر كىشىدىن ئايالىنى ۋە بالىلىرىنى سۆيۈشنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ جىسمانىي،‏ ھېسسىي ۋە ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىم روھىي ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌شنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

17.‏ ياش بۇ‌رادە‌ر ياخشى ئە‌ر ۋە ئائىلە بېشى بولۇ‌ش ئۈچۈن قانداق تە‌ييارلىق قىلالايدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

17 توي قىلىش ۋە ئائىلە بېشى بولۇ‌ش.‏ ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك،‏ ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن بە‌زى بۇ‌رادە‌رلە‌ر بويتاق ياشاشنى قارار قىلىدۇ (‏مە‌تتا 19:‏12‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ سىز توي قىلىشنى خالىسىڭىز،‏ ئە‌ر ۋە ئائىلە بېشى بولۇ‌شتە‌ك قوشۇ‌مچە مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى ھە‌م ئۈستىڭىزگە ئالىسىز (‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏3‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئە‌ر كىشىدىن ئۆز ئايالىنى سۆيۈشنى ۋە ئۇ‌نى جىسمانىي،‏ ھېسسىي ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن تە‌مىنلە‌شنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏28،‏ 29‏)‏.‏ بۇ ماقالىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىنغان تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئىقتىدارى،‏ ئاياللارنى ھۆرمە‌تلە‌ش ۋە ئىشە‌نچىلىك بولۇ‌ش قاتارلىق پە‌زىلە‌تلە‌ر ۋە كېرە‌كلىك ماھارە‌تلە‌ر سىزنىڭ ياخشى ئە‌ر بولۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ سىز ئە‌ر ۋە ئائىلە بېشى بولۇ‌ش مە‌سئۇ‌لىيىتىڭىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ياخشى تە‌ييارلىنالايسىز.‏

18.‏ ياش بۇ‌رادە‌ر دادا بولۇ‌ش ئۈچۈن قانداق تە‌ييارلىق قىلالايدۇ؟‏

18 ئاتا بولۇ‌ش.‏ توي قىلغاندىن كېيىن،‏ دادا بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ياخشى دادا بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋادىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يسىز (‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏4‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئوغلى ئە‌يسانى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌نىڭدىن رازى ئىكە‌نلىكىنى ئوچۇ‌ق ئاشكارا ئېيتقان (‏مە‌تتا 3:‏17‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر كېلە‌چە‌كتە دادا بولسىڭىز،‏ بالىلىرىڭىزغا دائىم ئۇ‌لارنى سۆيىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.‏ قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن ماختاپ تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىدىغان ئاتىلار پە‌رزە‌نتلىرىنىڭ ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئائىلىڭىزدىكىلە‌رگە ۋە جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى ۋە مىننە‌تدارلىقىڭىزنى ئىپادىلە‌ش ئارقىلىق ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياخشى دادا بولۇ‌شنى ئۆگىنە‌لە‌يسىز (‏يۇ‌ھاننا 15:‏9‏)‏.‏ بۇ سىزنىڭ كە‌لگۈسىدە ياخشى ئە‌ر ۋە دادا بولۇ‌ش مە‌سئۇ‌لىيىتىڭىزنى ئادا قىلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ يە‌ھۋا سىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ؛‏ سىز ھە‌م ئائىلىڭىزگە،‏ ھە‌م جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارغا كۆپ ياردە‌م بېرىسىز.‏

ھازىر نېمە قىلالايسىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌لىم ئالغان ۋە ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ئە‌مە‌لىي قوللانغان نۇ‌رغۇ‌ن ياشلار ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولۇ‌پ يېتىلىۋاتىدۇ (‏19،‏ 20-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

19،‏ 20.‏ ياش بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ پىشىپ يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىم)‏

19 قە‌دىرلىك ياش بۇ‌رادە‌رلە‌ر،‏ ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭلار مۇ‌ھىم.‏ سىلە‌ر ياخشى ئۈلگىلە‌رنى تاللاش،‏ تە‌پە‌ككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش،‏ ئىشە‌نچىلىك بولۇ‌ش،‏ تۇ‌رمۇ‌شتا كېرە‌كلىك ماھارە‌تلە‌رنى ئۆگىنىش ۋە كېلە‌چە‌كتىكى مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى ئۈستۈڭلارغا ئېلىش ئۈچۈن تە‌ييارلىق قىلىشىڭلار كېرە‌ك.‏

20 بۇ يېتىلدۈرۈش كېرە‌ك ماھارە‌تلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغاندا،‏ بۇ مە‌ن ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن دە‌پ ئويلىشىڭلار مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ بۇ سىلە‌رنىڭ قولۇ‌ڭلاردىن كېلىدۇ.‏ ئېسىڭلاردا بولسۇ‌نكى،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا سىلە‌رگە ياردە‌م بېرىشنى خالايدۇ (‏يە‌شايا 41:‏10،‏ 13‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارمۇ سىلە‌رگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ سىلە‌ر ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن بۇ‌رادە‌ر بولغاندىن كېيىن،‏ ئىنتايىن مە‌نىلىك ۋە قانائە‌تلىنە‌رلىك ھايات كە‌چۈرىسىلە‌ر.‏ قە‌دىرلىك ياش بۇ‌رادە‌رلە‌ر،‏ بىز سىلە‌رنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز!‏ يە‌ھۋا سىلە‌رنىڭ ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن ئېتىقادچى بولۇ‌ش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىڭلارنى مول بە‌رىكە‌تلىگە‌ي.‏—‏پە‌ند.‏ نە 22:‏4‏.‏

45-‏ناخشا ئالغا باس!‏

a جامائە‌تلىرىمىز ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌رگە ئىنتايىن مۇ‌ھتاج.‏ بۇ ماقالىدە بىز ياش يىگىتلە‌رنىڭ ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن ئېتىقادچى بولۇ‌شى ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىشى كېرە‌كلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b ئالدىنقى ماقالىدىكى «‏سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسىنى‏» كۆرۈڭ.‏

c ‏«يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشنى تە‌شكىللە‌ش» ناملىق كىتابىنىڭ 5‏،‏ 6-‏بابلىرىغا قاراڭ.‏