مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ۋە‌قە

ۋە‌قە

ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رگە ئىچ ئاغرىتىش

يېڭى زېلانىدىيادىكى بىر قېرىنداش بىر كۈنى «‏تە‌ننىڭ ئە‌زالىرى بىر-‏بىرىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ‏» ناملىق فىلىمنى كۆردى.‏ بۇ فىلىم‌دا يە‌ھۋا خۇ‌دا ھىسداشلىقنى ھېس قىلىپ قالماي،‏ ئۇ‌نى ئە‌مە‌لىيە‌تتە كۆرسىتىدىغانلىقى مۇ‌لاھىزە قىلىنغان (‏يە‌شايا 63:‏7–‏9‏)‏.‏ قېرىندىشىمىز ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىشنى قارار قىلىپ،‏ باشقىلارغا ياردە‌م قىلىشنىڭ مۇ‌مكىنچىلىكىنى ئىزدىگە‌ن.‏ كېلە‌ركى كۈنى ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك دۇ‌كانىدا ئۆيى يوق ئايالنى ئۇ‌چرىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا تاماق سېتىپ ئېلىشنى تە‌كلىپ قىلدى.‏ ئايال قارشى بولمىدى.‏ قېرىندىشىمىز تاماقنى ئېلىپ كە‌لگە‌ندە،‏ «قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت بولمايدىغان ۋاقىت كېلە‌مدۇ؟‏» دېگە‌ن ۋاراقچىنى قوللىنىپ،‏ قىسقىچە ۋە‌ز ئېيتقان.‏

شۇ چاغدا ئايال كۆزىگە ياش ئالدى.‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تتە چوڭ بولۇ‌پ،‏ بىراق كۆپ يىللار بۇ‌رۇ‌ن تاشلاپ كە‌تكە‌نلىكىنى ئېيتتى.‏ يېقىندا ئۇ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا قايتىپ كېلىشكە ياردە‌م سورىغان ئېكە‌ن.‏ قېرىندىشىمىز ئۇ‌نىڭغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى بېرىپ،‏ ئۆگىنىش دە‌رسىنى تە‌كلىپ قىلدى a‏.‏

بىز يە‌ھۋا خۇ‌دادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمىزغا ۋە جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارغا ئىچ ئاغرىتىمىز ۋە ئادە‌ملە‌رگە گۇ‌ۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت ئىزدە‌يمىز.‏

a پائالىيە‌تسىز بولۇ‌پ قالغان ئېتىقادداشلارغا قانداق ياردە‌م بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى 2020-‏يىلنىڭ ئىيۇ‌ن سانىدىكى «كۈزىتىش مۇ‌نارىدىكى» «‏مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار‏» ناملىق ماقالىدىن بىلە‌لە‌يسىز.‏