ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
يەردە كىملەر تىرىلىدۇ ۋە ئۇلار قانداق تىرىلىشنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا بۇ توغرۇلۇق نېمە يېزىلغانلىقىنى كۆرەيلى.
ئەلچىلەر 24:15-ئايەتتە، «خۇدانىڭ ھەققانىيلار ۋە ھەققانىي ئەمەسلەرنى تىرىلدۈرۈشىگە ئۈمىد باغلايمەن» دەپ يېزىلغان. ھەققانىي كىشىلەر ھايات چېغىدا خۇداغا ئىتائەتمەن بولغان، شۇڭا ئۇلارنىڭ ناملىرى خاتىرە كىتابىغا يېزىلغان (مالاك. 3:16). ھەققانىي ئەمەسلەر ھايات چېغىدا يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم ئېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك پۇرسىتى بولماي ئۆلۈپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى خاتىرە كىتابىغا يېزىلمىغان.
يۇھاننا 5:28، 29-ئايەتلەر بىلەن ئەلچىلەر 24:15-ئايەتتە، ئوخشاش ئىككى توپ ئادەملەر توغرۇلۇق يېزىلغان. ئەيسا پەيغەمبەر «ياخشىلىق قىلغانلار ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىلىدۇ، يامانلىق قىلغانلار ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىدۇ» دېگەن. ھەققانىي كىشىلەر ئۆلۈشتىن ئاۋۋال ياخشىلىق قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ھاياتلىق كىتابىغا يېزىلغاچقا، ئۇلار ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىلىدۇ. بىراق، ھەققانىي ئەمەسلەر بولسا، ئۆلۈشتىن ئاۋۋال يامانلىق قىلغان. ئۇلار ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى خاتىرە كىتابىغا تېخى يېزىلمىغان. ئۇلار ھۆكۈم قىلىنىش ئۈچۈن مەلۇم بىر ۋاقىت كۈزىتىلىدۇ. ئاشۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم ئېلىش ۋە ئۆز ئىسىملىرىنىڭ ھاياتلىق كىتابىغا يېزىلىش پۇرسىتى بولىدۇ.
ۋەھىيلەر 20:12، 13-ئايەتتە، ھەممە تىرىلگەن كىشىلەر «كىتابلاردا يېزىلغىنى بويىچە» ياشىشى كېرەكلىكى چۈشەندۈرۈلىدۇ. خۇدا بىزگە يېڭى دۇنيادا يېڭى قانۇنلارنى بېرىدۇ. ئۇلارغا ئەمەل قىلمىغانلار ھالاك قىلىنىدۇ.—يەشايا 65:20.
دانىيال 12:2-ئايەتتە، «تۇپراقتا ئۇخلىغانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئويغىنىدۇ» ۋە بەزىلىرى «مەڭگۈلۈك نەپرەت ئۈچۈن ئويغىنىپ قوپىدۇ» دەپ ئالدىن يېزىلغان. بۇ ئايەتتە تىرىلىشنىڭ ئىككى نەتىجىسى يېزىلغان: «مەڭگۈلۈك ھاياتلىق» ۋە «مەڭگۈلۈك نەپرەت». دېمەك، مىڭ يىلنىڭ ئاخىرىدا بەزىلىرى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ، باشقىلىرى بولسا مەڭگۈگە ھالاك بولىدۇ.—ۋەھىي. 20:15؛ 21:3، 4.
بىر مىسال ئالايلى. بۇ ئىككى توپ ئادەمنىڭ تىرىلىشىنى باشقا دۆلەتتە ياشاشنى خالىغان چەتئەللىك كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ھەققانىي كىشىلەر خۇددى بىر ئىش ئورنىغا ياكى شۇ جايدا تۇرۇش ئۈچۈن ۋىزىغا ئېرىشىدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش. ئۇلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئەركىنلىكى بار بولىدۇ. ھەققانىي ئەمەسلەر بولسا، ۋاقىتلىق تۇرۇش ياكى ساياھەت ئۈچۈن ۋىزا ئالغاندەك بولىدۇ. شۇنداق چەتئەللىكلەرنىڭ يېڭى دۆلەتتە داۋاملىق ياشىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش، تىرىلگەن ھەققانىي ئەمەس كىشىلەر جەننەتتە داۋاملىق ياشىشى ئۈچۈن يەھۋانىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. چەتئەللىكلەر دەسلەپتە قانداق ۋىزا بىلەن باشقا بىر دۆلەتكە كىرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەزىلىرى ئاخىرىدا شۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى بولالايدۇ، يەنە بەزىلىرى شۇ دۆلەتتىن قوغلىنىپ چىقىرىلىشى مۇمكىن. ئەڭ ئاخىرقى قارار بولسا، ئۇلارنىڭ يېڭى دۆلەتكە بولغان كۆزقارىشى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىغا باغلىق بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، تىرىلگەن كىشىلەرنىڭ يېڭى دۇنيادىكى ساداقەتمەنلىكى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارغا ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.
يەھۋا پەقەت مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدا بولۇپلا قالماي، بەلكى ئادالەتلىك خۇدادۇر (تەكرار. قا 32:4؛ زەبۇر 33:5). ئۇ ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، ھەققانىي ۋە ھەققانىي ئەمەس كىشىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. بىراق، ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي ئۆلچەملىرىگە ماس ياشاشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەھۋانى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنىدىغان كىشىلەر يېڭى دۇنيادا داۋاملىق ياشىيالايدۇ.