ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ۋاقتى توشماي تۇغۇلغان بالىدەك دېگەن سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (1-كورىنتلىقلار 15:8)
ئەلچى پاۋلۇس 1-كورىنتلىقلار 15:8-ئايەتتە: «ھەممىسىدىن كېيىن ئۇ خۇددى ۋاقتى توشماي تۇغۇلغان بالىدەك بولغان ماڭىمۇ كۆرۈندى»،— دېگەن. ئىلگىرى بۇ ئايەتنى مۇنداق چۈشەنگەن ئىدۇق: پاۋلۇس بىر ۋەھىيدە، تىرىلدۈرۈلگەن ئەيسانى كۆرۈپ، روھىي ھاياتلىق ئۈچۈن تۇغۇلۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەندەك بولغان. باشقىچە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىگە تېخى نەچچە ئەسىر ۋاقىت بار بولسىمۇ، ئاسماندىكى تىرىلىشكە بالدۇرراق ئېرىشكەندەك بولغان. بىراق، بىز بۇ ئايەتنى چوڭقۇرراق تەتقىق قىلغاندا، بۇ چۈشەنچىمىزنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتۇق.
پاۋلۇسنىڭ بۇ يەردە ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغان ۋەقەنى ئېيتىۋاتقانلىقى راست. پاۋلۇس ئۆزى توغرۇلۇق «ۋاقتى توشماي تۇغۇلغان» دېگەندە، نېمىنى كۆزدە تۇتقان؟ ھازىر بىرنەچچە ئوي-پىكىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.
پاۋلۇسنىڭ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇشى تۇيۇقسىز ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىك بولغان. بالدۇر تۇغۇلۇش دائىم ئاتا-ئانىلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. سائۇل (كېيىنرەك پاۋلۇس دەپ تونۇلغان) مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن دەمەشققە كېتىۋاتقاندا، ۋەھىي ئارقىلىق تىرىلگەن ئەيسانى كۆرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ چۈشىگىمۇ كىرمىگەنىدى. پاۋلۇس ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزى ۋە دەمەشىقتىكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈنمۇ ھەيران قارارلىق، كۈتۈلمىگەن ئىش بولغان. ئۇنىڭدىن تاشقىرى، تىرىلگەن ئەيسانى كۆرۈش ئۇنىڭغا ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلگەن، چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى ۋاقىتلىق كۆرمەي قالغانىدى.—ئەلچى. 9:1–9، 17–19.
پاۋلۇس تۇيۇقسىز كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغان. گرېك تىلىدىكى «ۋاقتى توشماي تۇغۇلغان» دېگەن سۆزنى، يەنە «تۇيۇقسىز كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا توغۇلغان» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. «يېرۇسالىم مۇقەددەس كىتاب» نەشىرىدە، بۇ ئايەت: «مەن ھېچكىم كۈتمىگەن ۋاقىتتا تۇغۇلغان» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. پاۋلۇس ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغاندا، ئەيسا ئاللىقاچان ئاسمانغا كۆتىرىلىپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئايەتنىڭ ئالدىدىكى ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر تىرىلدۈرۈلگەن ئەيسانى ئاسمانغا چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن كۆرگەن ئىدى. ئەمما، پاۋلۇس شۇ چاغدا ئەيسانى كۆرمىگەن (1-كورىنت. 15:4–8). ھەتتا «تۇيۇقسىز كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا تۇغۇلغان» بولسىمۇ، يەنى ئەيسا مەسىھ تىرىلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇنى كۈتمىگەن ۋاقىتتا كۆرۈش شان-شەرىپىگە ئېرىشكەن.
ئۇ ئۆز سۆزىدە كەمتەرلىكنى كۆرسەتكەن. بەزى ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، پاۋلۇس بۇ ئىبارىنى ئۆزىنى يۇقىرى قويماسلىق ئۈچۈن قوللانغان. ئەگەر پاۋلۇس راستىنلا شۇنى نەزەردە تۇتقان بولسا، پاۋلۇس ئۆزىنىڭ ئەلچى بولۇشقا نالايىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇڭا، ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «مەن ئەلچىلەرنىڭ ئارىسىدا ئەڭ تۆۋىنى ھەم ئەلچى دەپ ئاتىلىشقىمۇ لايىقسىز، چۈنكى مەن خۇدانىڭ جامائىتىنى تەقىپلىگەن ئېدىم. ئەمما رەببىمنىڭ مول مېھىرلىكى بويىچە مەن ھازىر سىلەر كۆرۈۋاتقان دەرىجىگە يەتتىم».—1-كورىنت. 15:9، 10.
دېمەك خۇلاسىلىسەك، پاۋلۇس بۇ يەردە ئەيسانىڭ تۇيۇقسىز كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا كۆرۈنگەنلىكى، ھېچكىم كۈتمىگەن پەيتتە ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغانلىقى ۋە مۇشۇ ئاجايىپ ۋەھىينى كۆرۈشكە ئۆزىنى لايىق ئەمەس دەپ قارىغانلىقى توغرۇلۇق ئېيتقان بولۇشى مۇمكىن. مەيلى ۋەزىيەت قانداق بولسۇن، پاۋلۇس ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن ئاشۇ ۋەقەنى مۇھىم دەپ قارىغان. ئۇ ئەيسانىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلىكىگە گۇمان قىلمىغان. شۇڭا ئېنىقكى، ئۇ ئەيسانىڭ تىرىلىشى توغرۇلۇق ۋەز قىلغاندا، ئاشۇ ۋەقەنى ھەردائىم تىلغان ئالغان.—ئەلچى. 22:6–11؛ 26:13–18.