38-تەتقىق ماقالىسى
ئىشەنچىلىك كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ
«ئىشەنچىلىك كىشى سىر ساقلايدۇ».—پەند. نە 11:13.
53-ناخشا ئىناق بىللە خىزمەت قىلىش
بۇ ماقالىدە a
1. بىرسىنىڭ ئىشەنچىلىك ئادەمنى قانداق بىلەلەيمىز؟
ئىشەنچىلىك ئادەم ۋەدىسىدە تۇرىدۇ ۋە ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ (زەبۇر 15:4). كىشىلەر ئۆزىنىڭ شۇنداق ئادەمگە تايانسا بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزگە تايىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز. نېمە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
2. ئۆزىمىزنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
2 بىز باشقىلارنى بىزگە ئىشىنىشكە مەجبۇرلىيالمايمىز. چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. كىشىلەر ئىشەنچنى پۇلغا ئوخشايدۇ دېيىشىدۇ. ئىشەنچ قازىنىش تەس؛ ئۇنى يوقىتىش ئاسان. ئېنىقكى، يەھۋا بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى قولغا كەلتۈردى. بىز ئۇنىڭغا ھەمىشە ئىشىنەلەيمىز، چۈنكى، «ئۇ قىلغان بارچە ئىشلار ئىشەنچىلىكتۇر» (زەبۇر 33:4). ئۇ بىزنىڭ ئۇنى ئۈلگە قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ (ئەفەس. 5:1). يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئەرشتىكى ئاتىسىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بەزى مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى. بىز يەنە ئىشەنچىلىك كىشى بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان بەش پەزىلەتنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
يەھۋانىڭ ئىشەنچىلىك خىزمەتچىلىرىدىن ئۆگىنىڭ
3، 4. دانىيال پەيغەمبەر ئىشەنچىلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلىغان ۋە بۇ بىزنى ئۆزىمىزدىن قانداق سوئال سوراشقا دەۋەت قىلىدۇ؟
3 دانىيال پەيغەمبەر ئىشەنچىلىك بولۇشنىڭ ئېسىل ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن. گەرچە ئۇ بابىلونلىقلار تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ئىشەنچىلىك ئادەم دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇ بابىل پادىشاھى نېبۇقادنىسارنىڭ كۆرگەن چۈشىنى يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن ئۆرۈپ بەرگەندە، ئۇنىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ ئاشقان. بىر قېتىم، دانىيال پادىشاھقا يەھۋانىڭ ئۇنىڭدىن نارازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا توغرا كەلگەن. بۇنداق قىلىش جاسارەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى. چۈنكى، نېبۇقادنىسارنىڭ مىجەزى ئىنتايىن قوپال ئىدى (دانىيال 2:12؛ 4:20–22، 25). نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، دانىيال بابىل ئوردىسىدىكى تامدا پەيدا بولغان بىر سىرلىق خەۋەرنى توغرا شەرھىلەپ، ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغان ئىدى (دانىيال 5:5، 25–29). كېيىنچە، مىدىيا پادىشاھى دارىئوس ۋە ئۇ تەيىنلىگەن ئەمەلدارلارمۇ دانىيالدا ناھايىتى ئۇلۇغ بىر روھ بارلىقىنى بايقىغان. ئۇلار دانىيالنىڭ ئىشەنچىلىك، بىخەستىلىك قىلمايدىغان ۋە چىرىكلىكتىن يىراق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان (دانىيال 6:3، 4). شۇنداق، ھەتتا بۇتپەرەس ھۆكۈمرانلارمۇ يەھۋانىڭ بۇ خىزمەتچىسىگە ئىشەنسە بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.
4 دانىيالنىڭ ئۈلگىسىنى ئەستە ساقلىغان ھالدا، ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «جامائەتنىڭ سىرتىدا قانداق نام-ئابرويۇم بار؟ باشقىلار مېنى مەسئۇلىيەتچان ۋە ئىشەنچىلىك ئادەم دەپ قارامدۇ؟» نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزدىن بۇ مۇھىم سوئالنى سورىشىمىز كېرەك؟ چۈنكى، بىز ئىشەنچىلىك بولغاندا يەھۋاغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىمىز.
5. ھانانيانىڭ ئىشەنچىلىك ئادەم بولۇشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
5 مىلادىدىن ئىلگىرىكى 455-يىلى، ۋالىي نەھەمىيا يېرۇسالىمنىڭ سېپىلىنى قايتا تىكلىگەندىن كېيىن، شەھەرنى ياخشى قوغدايدىغان، ئىشەنچىلىك كىشىلەرنى ئىزدىگەن ئىدى. نەھەمىيا باشقىلار ئارىسىدىن قورغان قوماندانى ھانانيانى تاللىغان. مۇقەددەس يازمىلاردا، ھانانيا ئىنتايىن ئىشەنچىلىك ۋە باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك خۇدادىن قورقىدىغان كىشى دەپ تەسۋىرلەنگەن (نەھەم. 7:2). يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئۇنى نارازى قىلىشتىن قورقۇش ھانانيانى ئۆزىگە بېرىلگەن ھەرقانداق ۋەزىپىنى ئەستايىدىل ئورۇنداشقا ئۈندىگەن. بۇ پەزىلەتلەر بىزنىڭ خۇداغا خىزمەت قىلىشتا ئىشەنچىلىك بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
6. تىكىكۇس ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ئىشەنچىلىك دوستى ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلىغان؟
6 ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ئىشەنچىلىك ھەمراھى تىكىكۇسنىڭ مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. پاۋلۇس ئۆيدە نازارەت ئاستىدا بولغاندا، تىكىكۇسقا ئىشەنگەن ۋە ئۇنى «سادىق بىر خىزمەتچى» دېگەن (ئەفەس. 6:21، 22). پاۋلۇس ئۇ ئارقىلىق ئەفەس ۋە كولوسى شەھىرىدىكى قېرىنداشلارغا خەت ئەۋەتكەن ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلارغا ئىلھام-مەدەت ۋە تەسەللى بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. تىكىكۇسنىڭ مىسالى بىزگە، بۈگۈنكى كۈندە روھىي ئېھتىياجىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان سادىق ۋە ئىشەنچىلىك ئەرلەرنى ئەسلىتىدۇ.—كولوسى. 4:7–9.
7. جامائىتىڭىزدىكى ئاقساقاللار ۋە ياردەمچى خىزمەتچىلەردىن ئىشەنچىلىك بولۇش توغرىسىدا نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز؟
7 بۈگۈن بىز ئىشەنچىلىك ئاقساقاللار ۋە ياردەمچى خىزمەتچىلەرگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. دانىيال، ھانانىيا ۋە تىكىكۇسقا ئوخشاش، ئۇلارمۇ ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئورۇندايدۇ. مەسىلەن، ھەپتە ئوتتۇرىسىدىكى ئىبادەت يىغىلىشى پروگراممىلىرىنىڭ ھەممە بۆلەكلىرى قېرىنداشلارغا تاپشۇرۇلغانلىقىدىن گۇمانلانمايمىز. ئاقساقاللار ئەر ياكى ئايال قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تاپشۇرۇلغان تاپشۇرۇقلارغا تەييارلىق قىلىپ، يىغىلىشلاردا ئورۇندىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ! بىز ئىككىلەنمەيلا مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىلەرنى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىبادەت يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىمىز، ھەرگىزمۇ بىرى ئاممىۋىي نۇتۇق سۆزلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ؟— دەپ ئەنسىرىمەيمىز. بىز ۋەز خىزمەتتە ئىشلىتىدىغان نەشىرى ماتېرىياللىرىمىزنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۇ ساداقەتمەن قېرىنداشلار روھىي ئېھتىياجلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇلار ئۈچۈن يەھۋاغا رەھمەت ئېيتىمىز! ئۆزىمىزنى ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلىيالايمىز؟
مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئارقىلىق ئىشەنچىلىك بولۇڭ
8. باشقىلارغا قىزىقىپ كۆڭۈل بۆلگەندە، قايسى جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشىمىز كېرەك؟ (پەندى-نەسىھەت 11:13)
8 بىز قېرىنداشلىرىمىزنى ياخشى كۆرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قىزىقىمىز. بىراق، بىز چوقۇم تەڭپۇڭ بولۇشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. بىرىنچى ئەسىردىكى ئېتىقادچىلار جامائىتىدە غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدىغان بەزى كىشىلەر بولغان (1-تىموت. 5:13). بىز ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولۇشنى خالىمايمىز. ئەمما، بەزىلەر شەخسىي ئىشلىرى ھەققىدە ئېيتىپ بېرىپ، بىزدىن بۇنى باشقىلارغا ئېيتماسلىقنى ئېيتتى دەپ پەرەز قىلايلى. مەسىلەن، بىر قېرىنداش بىزگە ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان ساغلاملىق مەسىلىسى ياكى باشقا سىناقلار ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، بۇنى باشقىلارغا ئېيتماسلىقنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنىدەك قىلىشىمىز لازىم b (پەندى-نەسىھەت 11:13-نى ئوقۇڭ). ئەمدى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مۇھىم بولغان باشقا بىرقانچە ۋەزىيەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
9. ئائىلە ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلىيالايدۇ؟
9 ئائىلىدە. ئائىلىنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىڭ ئائىلىدىكى ئىشلارنى مەخپىي تۇتۇش مەجبۇرىيىتى بار. مەسىلەن، بىر ئېتىقادچى ئايالىنىڭ ئۆيىدە قىزىقارلىق ئىشلارنى قىلىپ، ئېرىنى كۈلدۈرىدىغان ئادىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەر بۇ توغرۇلۇق باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆزلەپ، ئايالىنى خىجىل قىلامدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنداق قىلمايدۇ! ئۇ ئايالىنى سۆيىدۇ ۋ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئىشنى قىلىشنى خالىمايدۇ (ئەفەس. 5:33). ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرىگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى خالايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنى تونۇپ يېتىشى بەك مۇھىم. ئۇلار بالىلىرىنىڭ خاتالىقلىرىنى باشقىلارغا ئېيتىپ، بالىلىرىنى خىجالەتتە قالدۇرماسلىقى كېرەك (كولوسى. 3:21). بالىلار زېرەك ۋە ھوشىيار بولۇشنى ئۆگىنىپ، ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرىنى خىجىل قىلىدىغان خەۋەرنى سىرتتىكىلەرگە ئاشكارىلىماسلىقى كېرەك (تەكرار. قا 5:16). ئائىلىنىڭ ھەربىر ئەزاسى ئائىلىدىكى مەخپىيەتلىكنى ساقلىسا، ئۇلارنىڭ مېھىر-مۇھەببەت رىشتىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
10. ھەقىقىي دوست قانداق بولىدۇ؟ (پەندى-نەسىھەت 17:17)
10 دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزدە. بەزى چاغلاردا يېقىن سىرداش دوستىمىزغا ئىچىمىزنى تۆكۈشنى خالايمىز. ئەمما، بۇنداق قىلىش بەزىدە قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم، بىز باشقىلارغا كۆڭلىمىزدە ئويلىغانلىرىمىزنى ئېيتىشقا ئادەتلەنمىگەن بولۇشىمىز مۇمكىن ۋە دوستىمىزغا ئېيتقانلىرىمىزنى كېيىن باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىساق، كۆڭلىمىز قاتتىق ئاغرىيدۇ. ئەمما، مەخپىيەتلىكىمىزنى ساقلىغان دوستنى قەدىرلەيمىز. ئۇ بىزنىڭ ھەقىقىي سىرداش دوستىمىزدۇر!—پەندى-نەسىھەت 17:17-نى ئوقۇڭ.
11. (1) ئاقساقاللار ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟ (2) جامائەتنىڭ مەخپىي ئىشىنى ئائىلىسىدىكىلەردىن سىر تۇتقان ئاقساقالدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ (رەسىمگە قاراڭ)
11 جامائەتتە. ئاقساقاللارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلايدىغانلىقىنى ھەممىسى بىلىدۇ. ئۇلار قېرىنداشلىرى ئۈچۈن شامالدىن دالدىلىنىدىغان، بوران-چاپقۇندىن ساقلىنىدىغان پاناھگاھتۇر (يەشايا 32:2). بىز بۇ كىشىلەر بىلەن ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشالايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. ئېيتقانلىرىمىزنى ئۇلار مەخپىي ساقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇلارنى شەخسىي مەخپىيەتلىكىمىزنى چوقۇم ساقلاشقا ۋەدە بېرىشكە قىستىمايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاقساقاللىرىمىزنىڭ ئاياللىرىدىن مىننەتدارمىز، چۈنكى ئۇلار ئەرلىرىدىن گەپ ئېلىشقا ئۇرۇنمايدۇ. ئاقساقالنىڭ ئايالىغا قېرىنداشلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرى ھەققىدە ئېيتماسلىقى ھەقىقەتەن بەرىكەتتۇر! بىر ئاقساقالنىڭ ئايالى مۇنداق دەيدۇ: «يولدۇشۇم بەزى قېرىنداشلارنى زىيارەت قىلىپ، پادىچى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئورۇندايدۇ. جامائەتتە كىمنىڭ روھىي جەھەتتە ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەمما، ھېچقاچان ئۇلار ھەققىدە ماڭا بىر نەرسە ئېيتمايدۇ، ھەتتا ئىسىملىرىنىمۇ ئېيتمايدۇ. شۇڭا، مەن ھېچ نېمە قىلالمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن غەم قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ۋە جامائەتتىكى ھەممە قېرىنداشلار بىلەن ئەركىن ئالاقە قىلالايمەن. مەن ئېرىمگە شەخسىي ھېس-تۇيغۇلىرىم ياكى قىيىنچىلىقلىرىمنى سۆزلەپ بەرسەم، بۇلارنىمۇ باشقىلاردىن مەخپىي تۇتىدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىمەن». ئەلۋەتتە، ھەممىمىز ئىشەنچىلىك كىشى دېگەن نامغا ئېرىشىشنى خالايمىز. قايسى پەزىلەتلەر بۇ مەقسەتكە يېتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ؟ ئۇلاردىن بەشىنى مۇھاكىمە قىلىپ چىقايلى.
ئىشەنچىلىك كىشى بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈڭ
12. نېمە ئۈچۈن مۇھەببەتنى ئىشەنچنىڭ ئۇل-ئاساسى دېيەلەيمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
12 مۇھەببەت ئىشەنچنىڭ ئۇل-ئاساسى. ئەيسا ئەڭ مۇھىم ئىككى ئەمىر بولسا، يەھۋانى سۆيۈش ۋە قوشنىمىزنى سۆيۈش دېگەن (مەتتا 22:37–39). يەھۋاغا بولغان مۇھەببىتىمىز بىزنى ئۇنىڭ مۇكەممەل ئۈلگىسىگە ئەگىشىپ، ئىشەنچىلىك كىشى بولۇشقا ئۈندەيدۇ. مەسىلەن، قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مۇھەببەت بىزنى ئۇلارنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى مەخپىي تۇتۇشقا ئۈندەيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارنى خىجىل قىلىدىغان ياكى كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايمىز.—يۇھاننا 15:12.
13. كەمتەرلىك ئىشەنچىلىك كىشى بولۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
13 كەمتەرلىك ئىشەنچىلىك كىشى بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. كەمتەر بىر مەسىھ ئەگەشكۈچىسى باشقىلاردا ياخشى تەسىرات قالدۇرماقچى بولۇپ، مەلۇم بىر يېڭى خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلىمايدۇ (فىلىپى. 2:3). ئۇ ئۆزى بىلگەن مەخپىي بىر خەۋەرنى باشقىلارغا ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلمايدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر ئىش مۇقەددەس كىتاب ياكى تەشكىلات تەمىنلىگەن نەشىرى ماتېرىياللاردا مۇھاكىمە قىلىنمىغان بولسا، كەمتەر كىشى ئۆزىنىڭ شۇ ئىشقا بولغان كۆزقاراشلىرىنى ھەممىلا يەردە ئېيتىپ يۈرمەيدۇ.
14. ئەقىل-پاراسەت ئىشەنچىلىك كىشى بولۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
14 ئەقىل-پاراسەت بىر مەسىھ ئەگەشكۈچىسىگە قاچان سۈكۈت قىلىش، قاچان سۆزلەش كېرەكلىكىنى پەرق ئېتىشكە ياردەم بېرىدۇ (ۋەز 3:7). بەزى مەدەنىيەتلەردە، كىشىلەر «سۆز كۈمۈش، ئەمما سۈكۈت بولسا ئالتۇندۇر» دېيىشىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، بەزىدە سۈكۈت قىلىش سۆزلەشتىن كۆپ ئەۋزەل. شۇڭا، پەندى-نەسىھەت 11:12-ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ھەقىقىي پەم-پاراسەتلىك كىشى سۈكۈت قىلار». تەجرىبىلىك بىر ئاقساقالنىڭ مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. باشقا جامائەتلەر قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، بۇ ئاقساقالدىن ياردەم سورايدۇ. يەنە بىر ئاقساقال ئۇ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ھەمىشە باشقا جامائەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشتىن تولىمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ». بۇ ئاقساقالنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئۇنى جامائىتىدىكى ئاقساقاللار كېڭىشى ئارىسىدا ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرگەن. ئۇلار ئۇنىڭ مەخپىي ئىشلارنى باشقىلارغا ئاشكارىلىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
15. نېمە ئۈچۈن سەمىمىي كىشى باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ؟ بىر مىسال كەلتۈرۈڭ.
15 سەمىمىيلىك بىلەن ئىشەنچ بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق. بىز سەمىمىي ئادەمگە ئىشىنىمىز، چۈنكى بىز ئۇنىڭ دائىم ھەقىقەتنى سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز (ئەفەس. 4:25؛ ئىبرانىي. 13:18). مەسىلەن، سىزنى تەلىم بېرىش قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرمەكچى دەپ پەرەز قىلايلى. نۇتۇقىڭىزنى ئاڭلاپ، پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشكە بىرىنى تەكلىپ قىلماقچى بولسىڭىز، قانداق كىشىنى تەكلىپ قىلىسىز؟ سىز پەقەت قۇلىقىڭىزغا خۇش ياقىدىغان يېقىملىق سۆزلەرنى قىلىدىغان كىشىنىمۇ ياكى مۇلايىملىق بىلەن سىزگە راست گەپ قىلىدىغان كىشىنىمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى بەك ئېنىق. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «يوشۇرۇن سۆيگىدىن، ئوچۇق-ئاشكارە تەنبىھ ياخشىدۇر. دوست سالغان جاراھەت ۋاپادارلىقتىندۇر» (پەند. نە 27:5، 6). گەرچە دەسلەپتە مەسلىھەتنى ئاڭلاش قىيىن بولسىمۇ، كېيىنرەك، ئاشۇ سەمىمىي مەسلىھەتنىڭ پايدىسىنى كۆرىمىز.
16. پەندى-نەسىھەت 10:19-ئايەت ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش كېرەكلىكىنى قانداق تەكىتلەنگەن؟
16 ئەگەر باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشمەكچى بولساق، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش كەم بولسا بولمايدىغان پەزىلەت. بەزىدە مەخپىي مەلۇماتلارنى باشقىلارغا ئېيتىشنى خالاپ قالىدىغان چاغلار بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق چاغلاردا بۇ پەزىلەت ئېغىزىمىزنى چىڭ تۇتۇشقا ياردەم بېرىدۇ (پەندى-نەسىھەت 10:19-نى ئوقۇڭ). ئەگەر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنى ئىشلەتكەندە، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىش ئاسان بولماسلىقى ھەمدە ئېھتىياتسىزلىقتىن بەزى مەخپىي ئىشلارنى باشقىلارغا ئاشكارىلاپ قويۇشىمىز مۇمكىن. بەزى ئۇچۇرلار تورغا يوللانغاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى ۋە قانچىلىك زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كونترول قىلالمايمىز. يەنە بىر جەھەتتىن، ھەقىقەتكە قارشى تۇرغۇچىلار قېرىنداشلىرىمىزغا خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى ئازدۇرغاندا، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش سۈكۈت قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. خىزمىتىمىز چەكلەنگەن ياكى مەنئىي قىلىنغان جايلاردا ساقچىلار بىزنى سوراق قىلغاندا، شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. بىز بۇ ۋە باشقا ۋەزىيەتلەردىمۇ ئېغىزىمىزنى تىكىپ قويۇپ، تىلىمىزنى تارتساق بولىدۇ (زەبۇر 39:1). مەيلى ئائىلىمىزدىكىلەر، دوستلىرىمىز ۋە ئىمانداشلىرىمىز ياكى باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىشەنچىلىك بولۇشىمىز كېرەك. ئىشەنچىلىك كىشى بولۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىز لازىم.
17. جامائىتىمىزدە ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ كۈچىيىشىگە ئۆز ھەسسىمىزنى قانداق قوشالايمىز؟
17 يەھۋانىڭ خەلقى سۈپىتىدە، بىز بىر-بىرىمىزنى سۆيىمىز ۋە بىر-بىرىمىزگە ئىشىنىمىز. بۇنداق بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولالىغانلىقىمىز ئۈچۈن يەھۋا ئىنتايىن مىننەتدارمىز! ھەممىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. ھەربىرىمىز شەخسەن مۇھەببەت، كەمتەرلىك، ئەقىل-پاراسەت، سەمىمىيلىك ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتەك پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشساق، جامائىتىمىزدە ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ كۈچىيىشىگە ھەسسىمىزنى قوشىمىز. ئىشەنچىلىك كىشى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىش توختىمايدىغان جەرياندۇر. ئۇنداقتا، يەھۋا خۇدايىمىزنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشەنچىلىك كىشى ئىكەنلىكىنى داۋاملىق كۆرسىتەيلى.
43-ناخشا ھوشيار تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
a ئەگەر باشقىلارنىڭ بىزگە ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلساق، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەك. ھازىر بىر-بىرىمىزگە ئىشىنىشنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىملىقىنى ۋە قانداق پەزىلەتلەر ئىشەنچىلىك ئادەم بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b ئەگەر بىز جامائەتتىكى بىرىنىڭ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلسەك، ئۇنى ئاقساقاللاردىن ياردەم سوراشقا ئۈندەيمىز. ئەگەر ئۇ ئۇنداق قىلمىسا، يەھۋاغا ۋە ئېتىقادچىلار جامائىتىگە بولغان ساداقىتىمىز بىزنى روھىي پادىچىلارغا بېرىپ، ئۇلارغا ئۆزىمىز بىلگەن ئىشنى ئېيتىشقا ئۈندەيدۇ.
c سۈرەتتە: ئاقساقال مەخپىي ئىشلار ھەققىدە ئائىلە ئەزالىرىغا ئېيتمايدۇ.