37-تەتقىق ماقالىسى
قېرىنداشلىرىڭلارغا ئىشىنىڭلار
«مۇھەببەت ... ھەممە نەرسىگە ئىشىنىدۇ، ھەممە نەرسىگە ئۈمىد باغلايدۇ».—1-كورىنت. 13:4، 7.
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى
بۇ ماقالىدە a
1. نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادا كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالمايمىز؟
كىشىلەر شەيتاننىڭ دۇنياسىدا كىمگە ئىشىنىشىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار داۋاملىق سودا-تىجارەت، سىياسىي ئىشلار ۋە دىنىي داھىيلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر دوستلىرى، قوشنىلىرى، ھەتتا ئائىلە ئەزالىرىغىمۇ ئىشەنمەيدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك. مۇقەددەس كىتابتا: «ئاخىر زاماندا ... ئىنسانلار ... ۋاپاسىز، ... تۆھمەتخور، ... ساتقۇن» بولىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان. باشقىچە ئېيتقاندا، كىشىلەر بۇ دۇنيانىڭ ئىشەنچسىز ئىلاھى بولغان شەيتاننىڭ مىجەز-خۇلقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.—2-تىموت. 3:1–4؛ 2-كورىنت. 4:4.
2. (1) بىز كىمگە تولۇق ئىشەنچ قىلالايمىز؟ (2) بەزىلەر قانداق ئويلىشى مۇمكىن؟
2 مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى سۈپىتىدە، بىز يەھۋاغا تولۇق ئىشەنچ قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز (يەرەم. 17:7، 8). بىز ئۇنىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ۋە ئۆز دوستلىرىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز (زەبۇر 9:10). يەنە بىز مەسىھ ئەيساغا ئىشەنچ قىلالايمىز، چۈنكى ئۇ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان (1-پېتر. 3:18). بىز باشتىن ئۆتكۈزگەن ئىشلاردىن مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ئىشەنچىلىك كۆرسەتمىلەرنى بېرىدىغانلىقىنى ئۆگەندۇق (2-تىموت. 3:16، 17). بىز ياراتقۇچى يەھۋا، مەسىھ ئەيسا ۋە مۇقەددەس كىتابقا ئىشەنچ قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. ئەمما، بەزىلەر جامائەتتىكى قېرىنداشلارغا ھەردائىم ئىشىنەلەيمىزمۇ؟ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەگەر جاۋاب «ھەئە» بولسا، ئۇنداقتا، نېمىشقا ئۇلارغا ئىشىنەلەيمىز؟
بىز قېرىنداشلىرىمىزغا مۇھتاج
3. بىزدە قانداق ئالاھىدە ئىمتىياز بار؟ (ماركۇس 10:29، 30)
3 يەھۋا بىزنى، ئۆزىگە ئىبادەت قىلىدىغان خەلقئارالىق چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشقا تاللىغان. ئويلاپ كۆرۈڭ، بۇ بىر ئالاھىدە ئىمتىياز ۋە بىزنى زور بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ! (ماركۇس 10:29، 30-نى ئوقۇڭ). دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بىزگە ئوخشاش، يەھۋانى سۆيىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشاشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بار. تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە كىيىنىشىمىز بىر-بىرىگە ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە، ئۆزىمىزنى ئۇلارغا يېقىندەك ھېس قىلىمىز. مېھىر-مۇھەببەتلىك، ئاسماندىكى ئاتىمىزنى مەدھىيىلەش ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىللە بولۇشنى ياخشى كۆرىمىز.—زەبۇر 133:1.
4. نېمە ئۈچۈن بىز قېرىنداشلىرىمىزغا مۇھتاج؟
4 ھازىر ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتىشىمىز كېرەك. بەزى ۋاقىتلاردا، ئۇلار يۈكۈمىزنى كۆتۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ (رىملىقلار 15:1؛ گالاتىيا. 6:2). ئۇلار بىزنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقىمىزنى يوقاتماسلىققا ۋە ياراتقۇچىمىز بىلەن بولغان دوستلىقىمىزنى ساقلاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ (1-سالونىكا. 5:11؛ ئىبرانىي. 10:23–25). ئەگەر ئورتاق دۈشمىنىمىز شەيتان ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ رەزىل دۇنياسىغا قارشى تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان جامائەتنىڭ ھىمايىسى بولمىسا، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ. شەيتان ۋە ئۇ كونترول قىلىۋاتقان كىشىلەر پات-يېقىندا خۇدانىڭ خەلقىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. تەسەۋۋۇر قىلىڭ، شۇ چاغدا قېرىنداشلىرىمىز يېنىمىزدا بولغىنىغا مىننەتدار بولىمىز!
5. نېمە ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئىشىنىشى تەسكە توختايدۇ؟
5 ئەمما، بەزىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئىشىنىشى تەسكە توختايدۇ. سەۋەبى، بىر قېرىنداش مەخپىي دەپ قارىغان ئىشنى باشقىلارغا ئېيتىپ قويۇشى ياكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم، جامائەتتە بىرلىرى ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق ئازار بېرىدىغان سۆزلەرنى ياكى ئىشلارنى قىلغان. بۇنداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرسەك، باشقىلارغا ئىشىنىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان ئىشەنچىمىزنى قايتا تۇرغۇزۇشقا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
سۆيگۈ-مۇھەببەت ئىشەنچىمىزنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىدۇ
6. مۇھەببەت ئىشەنچىمىزنى تۇرغۇزۇشقا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (1-كورىنتلىقلار 13:4–8)
6 مۇھەببەت ئىشەنچنىڭ ئاساسىدۇر. كورىنتلىقلارغا يېزىلغان 1-خەت 13-بابتا، باشقىلارغا بولغان ئىشەنچىمىزنى تۇرغۇزۇش ياكى قايتا تىكلەشكە ياردەم بېرەلەيدىغان مۇھەببەتنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى بايان قىلىنغان (1-كورىنتلىقلار 13:4–8-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، 4-ئايەتتە «مۇھەببەت سەۋرچان ۋە مېھرىباندۇر» دېيىلگەن. بىز يەھۋاغا قارشى گۇناھ قىلساقمۇ، ئۇ بىزگە سەۋرچان بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، قېرىنداشلىرىمىز بىزنى تېرىكتۈرىدىغان ياكى كۆڭلىمىزنى ئاغرىتىدىغان سۆزلەرنى ياكى ئىشلارنى قىلسا، چوقۇم سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك. يەنە 5-ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «[مۇھەببەت] ئاسانلا ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىمايدۇ». بىز ئۆتمۈشتە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىمىزنى ئاغرىتقان گەپ-سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئېسىمىزدە ساقلىۋېلىپ، قەلبىمىزدە ئاداۋەت ساقلاشنى خالىمايمىز. ۋەز 7:9-ئايەت، بىزنى «ئاسانلا ئاچچىقلانمىغىن»، دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئەفەسلىكلەر 4:26-ئايەتنى ھاياتىمىزدا ئەمەلىي قوللىنىش بەك مۇھىم: «غەزىپىڭلاردىن قايتماي تۇرۇپ، كۈنمۇ پېتىپ كەتمىسۇن».
7. مەتتا 7:1–5-ئايەتلەردىكى پرىنسىپلار ئىشەنچىمىزنى تۇرغۇزۇشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
7 قېرىنداشلىرىمىزغا ئىشەنچ قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان يەنە بىر ئۇسۇل _ ئۇلارغا يەھۋانىڭ نەزىرى بىلەن قاراش. خۇدا ئۇلارنى سۆيىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭمايدۇ. بىزمۇ ئۇنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك (زەبۇر 130:3). ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىغا دىققەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ياخشى پەزىلەتلىرىنى كۆرۈشكە تىرىشىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىش يوشۇرۇن كۈچى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك (مەتتا 7:1–5-نى ئوقۇڭ). بىز ئۇلارنىڭ ياخشىلىق قىلىدىغانلىقى ۋە بىزگە زىيان يەتكۈزۈش نىيىتى يوقلىقىغا ئىشىنىمىز. چۈنكى، مۇھەببەت «ھەممە نەرسىگە ئىشىنىدۇ» (1-كورىنت. 13:7). بۇ سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇ يەھۋانىڭ بىزدىن باشقىلارغا قارغۇلارچە ئىشىنىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەچكە، ئۇلارغا ئىشىنىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ b.
8. قانداق قىلغاندا، قېرىنداشلىرىڭىزغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى كۈچلەندۈرەلەيسىز؟
8 خۇددى ھۆرمەتكە ئوخشاش، ئىشەنچىگە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت كېتىدۇ. سىز ئۆزىڭىز قېرىنداشلىرىڭىزغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى قانداق كۈچەيتەلەيسىز؟ ئۇلار بىلەن ياخشى تونۇشۇڭ. ئۇلار بىلەن جامائەت يىغىلىشىدا پاراڭلىشىڭ. ئۇلار بىلەن بىللە ۋەز خىزمەتكە چىقىشنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ئۇلارغا سەۋرچان بولۇڭ، ئۇلارغا ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشنىڭ پۇرسىتىنى بېرىڭ. دەسلەپتە، تېخى يېقىن تونۇمايدىغان كىشىلەرگە شەخسىي ئىشلىرىڭىز ھەققىدە ئېيتماسلىقىڭىز، ئەكسىچە ئۇلار بىلەن ياخشىراق تونۇشقاندىن كېيىن، ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى ئوچۇق ئېيتىشىڭىز مۇمكىن (لۇقا 16:10). ئەمما، بىر بۇرادەر ئىشەنچىڭىزگە خىيانەت قىلسا، قانداق قىلالايسىز؟ ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە ئالدىرىماڭ. بەلكى ئۇنىڭ ئورنىغا، بىر ئاز ۋاقىت بېرىڭ. بىرقانچە كىشىنىڭ قىلغانلىرىنى دەپ باشقا قېرىنداشلارغا بولغان ئىشەنچىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ. ھازىر مۇشۇ توغرىسىدا، يەھۋانىڭ بەزى ساداقەتمەن خىزمەتكارلىرى كۆرسەتكەن ئۈلگىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز.
قەدىمقى زاماندىكى كىشىلەرنى ئۈلگە قىلىڭ
9. (1) يەھۋاغا ۋەكىللىك قىلدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ خاتالىقىغا قارىماي، ھاننا يەھۋانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بولغان ئىشەنچىنى قانداق ساقلاپ قالغان؟ (2) ھاننانىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرى يەھۋانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىشىنىش توغرۇلۇق سىزگە نېمىلەرنى ئۆگىتىدۇ؟ (رەسىمگە قاراڭ)
9 يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇرادەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتى سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنمىدى؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ھاننانىڭ ئۈلگىسى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئاشۇ زاماندا، باش روھانىي ئەلى ئىسرائىللارنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلاتتى. ئەمما، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈلگىلىك ئائىلە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بەلگىلەنگەن ۋەزىپە ئورۇنلىرىدا، دائىم نومۇسسىز، ئەخلاقسىز ئىشلارنى قىلاتتى. بىراق، دادىسى ئۇلارنى تۈزەتمىگەن ئىدى. يەھۋا دەرھال ئەلىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىمىدى. شۇنداقتىمۇ، ھاننا باش روھانىي ئەلى ۋەزىپە ئۆتىگەن چاغدا، ئىبادەت چېدىرىدا ئىبادەت قىلىشنى رەت قىلىپ، خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشى چىقمىغان ئىدى. ئەلى ھاننانىڭ قاتتىق ئازاب ئىچىدە دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى مەست بولۇپ قاپتۇ، دەپ خاتا يەكۈن چىقارغان. ئۇ ئېنىق تەكشۈرمەي تۇرۇپ، كۆڭلى بىئارام ئايالنى تەنقىد قىلغان ئىدى (1-سام. 1:12–16). شۇنداق بولسىمۇ، ئەگەر ھاننا ئوغلى بولسا، ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىشقا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى ئەلىنىڭ غەمخورلۇق قىلىشىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى قەسەم قىلغان (1-سام. 1:11). ئۇنداقتا، ئەلىنىڭ ئوغۇللىرىغا نېمە بولغان؟ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، يەھۋا ئۇلارنى جازالىغان (1-سام. 4:17). ھاننا بولسا مۇكاپاتلىنىپ، سامۇئىل ئىسىملىك بىر ئوغۇلنى تۇغقان.—1-سام. 1:17–20.
10. پادىشاھ داۋۇت بەزىلەرنىڭ ئاسىيلىق قىلغىنىغا قارىماي، باشقىلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى قانداق ساقلاپ قالغان؟
10 يېقىن دوستىڭىز ئىلگىرى سىزگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ باققانمۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسا، پادىشاھ داۋۇتنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇنىڭ ئاخىتوفەل ئىسىملىك يېقىن بىر دوستى بار ئىدى. ئەمما، داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابشالوم ئاتىسىدىن پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغاندا، ئاخىتوفەل ئابشالومغا قوشۇلۇپ، داۋۇتقا ئاسىيلىق قىلغان. ئۆز ئوغلى ۋە دوستىم دەپ قارىغان كىشىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان داۋۇتنىڭ كۆڭلى قانچىلىك بىئارام بولغاندۇ،_ ھە! شۇنداقتىمۇ، داۋۇت بۇ ئاسىيلىق تۈپەيلى، باشقىلارغا ئىشىنىشتىن توختاپ قالمىغان. ئۇ ئىسىيانغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان يەنە بىر سادىق دوستى خۇشايغا داۋاملىق ئىشەنگەن ئىدى. داۋۇتنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىشىگە يېتەرلىك سەۋەبلىرى بار ئىدى. خۇشاي ياخشى دوست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، ھەتتا داۋۇتقا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان ئىدى.—2-سام. 17:1–16.
11. نابالنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بىر ئىشەنچىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
11 نابالنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بىرىنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ياخشىلىق قىلىپ، نابال ئىسىملىك بىر ئىسرائىلنىڭ خىزمەتكارلىرىنى قوغدىغان ئىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاشۇ باي كىشىدىن داۋۇت ئۆز ئادەملىرى ئۈچۈن يېمەكلىك سورىغان. نابال ئۆز قولىدىن كېلىدىغان بۇ ئاددىي تەلەپنى رەت قىلغان. داۋۇت ئىنتايىن ئاچچىقلىنىپ، نابالنىڭ ئائىلىسىدىكى بارچە ئەر كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان ئىدى. بىر خىزمەتچى نابالنىڭ ئايالى ئابىگائىلغا بۇ ئەھۋالنى خەۋەر قىلغان. ئۇ بۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ھاياتىنىڭ ئابىگائىلنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ قېچىپ كېتىشنىڭ ئورنىغا، ئابىگائىلنىڭ بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇنىڭ شۇنداق ئىشەنچ قىلالىشىنىڭ سەۋەبى، ھەممىسى ئۇ ئايالنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. كېيىن يۈز بەرگەن ئىش، ئۇنىڭ ئابىگائىلغا ئىشىنىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئابىگائىل جاسارەت بىلەن يول تۇتۇپ، داۋۇتنى ئۆز نىيىتىدىن يېنىشقا قايىل قىلغان ئىدى (1-سام. 25:2–35). ئۇ داۋۇتنىڭ غەرەز ئۇقىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.
12. ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
12 ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ خاتالىقىغا قارىماي، ئۇلارغا ئىشەنگەن (يۇھاننا 15:15، 16). ياقۇپ بىلەن يۇھاننا ئەيسادىن پادىشاھلىقىدا ئالاھىدە ئورۇن بېرىشنى تەلەپ قىلغان. شۇ چاغدا، ئەيسا ئۇلارنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىش نىيىتىدىن گۇمانلانمىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئەلچى بولۇش ئىمتىيازىنى بىكار قىلمىغان (ماركۇس 10:35–40). كېيىنرەك، ئۇ قولغا ئېلىنغان كېچىدە، بارلىق شاگىرتلىرى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن (مەتتا 26:56). شۇنداقتىمۇ، ئەيسا ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى ھەرگىز يوقاتمىغان ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ نامۇكەممەللىكىنى ئوبدان بىلگەن ۋە ئۇلارنى ئاخىرىغىچە سۆيگەن (يۇھاننا 13:1). ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ 11 سادىق ئەلچىسىگە شاگىرت يېتىشتۈرۈش خىزمىتىدە باشلامچىلىق قىلىش ۋە قىممەتلىك قويلىرىغا غەمخورلۇق قىلىشتەك ئېغىر مەسئۇلىيەتنى تاپشۇرغان (مەتتا 28:19، 20؛ يۇھاننا 21:15–17). بۇ نامۇكەممەل ئىنسانلار ئەيسانىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويمىغان. يەر يۈزىدىكى ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغان ئىدى. ئېنىقكى، نامۇكەممەل كىشىلەرگە ئىشىنىشتە، ھاننا، داۋۇت، نابالنىڭ خىزمەتچىسى، ئابىگائىل ۋە ئەيسا بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان.
ئىشەنچىڭىزنى قايتا تىكلەڭ
13. باشقىلارغا بولغان ئىشەنچىمىزنىڭ تەۋرىنىپ قېلىشىغا نېمە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن؟
13 بىر بۇرادەرگە مەخپىي مەلۇماتنى ئېيتىپ، كېيىنرەك ئۇ ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويغان ۋەزىيەتنى باشتىن ئۆتكۈزگەنمىدىڭىز؟ ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، بۇ ئىچىڭىزنى بەك ئاچچىق قىلغان. بىر قېتىم، بىر قېرىنداش ئاقساقالغا ئۆزىنىڭ شەخسىي مەسىلىسىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئەتىسى ئاقساقالنىڭ ئايالى قېرىنداشقا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغان. ئېنىقكى، ئاقساقال قېرىنداش بىلەن بولغان سۆھبىتىنى ئايالىغا ئېيتقان ئىدى. چۈشىنىشكە بولىدۇكى، قېرىنداشنىڭ ئاشۇ ئاقساقالغا بولغان ئىشەنچىسى تەۋرىنىپ قالغان. لېكىن، ئۇ توغرا يول تۇتۇپ ياردەم سورىغان. ئۇ بولغان ئىش ھەققىدە باشقا ئاقساقال بىلەن پاراڭلاشقان. ئۇ ئاقساقال قېرىنداشنىڭ ئاقساقاللارغا بولغان ئىشەنچىسىنى قايتا تىكلىشىگە ياردەم بەرگەن.
14. بىر بۇرادەرنىڭ ئىشەنچىسىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟
14 بىر بۇرادەر ئىككى ئاقساقالغا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە خاپا بولۇپ، ئۇلارغا ئىشەنمەي يۈرگەن. ئەمما، كېيىنرەك ئۇ بەك ھۆرمەتلەيدىغان بۇرادەرنىڭ سۆزلىرىنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا باشلىغان. بۇ ئاددىي، ئەمما ئىنتايىن كۈچلۈك سۆزلەر ئىدى: «قېرىنداشلىرىمىز ئەمەس، بەلكى شەيتان بىزنىڭ دۈشمىنىمىز». بۇرادەر بۇ سۆزلەر ئۈستىدە خېلى كۆپ ئويلانغان ۋە دۇئا قىلىپ يەھۋادىن ياردەم سورىغان. ئۇ ئاخىرىدا ئاشۇ ئىككى ئاقساقال بىلەن تىنچ-ئىناق مۇناسىۋەتنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
15. نېمىشقا ئىشەنچنى قايتا تىكلەشكە ۋاقىت كېتىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
15 قانداقتۇ بىر ئىمتىيازدىن ئايرىلىپ قالغان ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟ شۇنداق ئەھۋالدا، كىشى ھەقىقەتەن ئازابلىنىدۇ. 1930-يىللىرى ناتسىست گېرمانىيىسىدە خىزمىتىمىز چەكلەنگەن ۋاقىتتا، گرېت ۋە ئانىسى سادىق گۇۋاھچىلار ئىدى. گرېت ئېتىقادچى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇنارى» نۇسخىسىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن خەت بېسىش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن. ئەمما، بۇرادەرلەر دادىسىنىڭ ھەقىقەتكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دادىسىنىڭ جامائەتكە خائىنلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلار گرېتنى بۇ ئىمتىيازدىن توختىتىپ قويغان. ئۇنىڭ سىناقلىرى بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىگەن ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قېرىنداشلار گرېت ۋە ئانىسىغا ژۇرنالنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بەرمىگەن. كوچىدا ئۇچرىشىپ قالغاندا، ھەتتا ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلغان. بۇ ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئېغىر كەلگەن! قەلب يارىسى بەك چوڭقۇر بولغاچ، گرېت ئۆزىنىڭ ئاشۇ قېرىنداشلىرىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇ يەھۋانىڭ چوقۇم ئۇلارنى كەچۈرگەنلىكىنى ۋە ئۆزىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن c.
«دۈشمىنىمىز شەيتان، قېرىنداشلىرىمىز ئەمەس»
16. نېمە ئۈچۈن ئىشەنچىمىزنى تىكلەشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق توسالغۇلارنى يېڭىشىمىز كېرەك؟
16 ئەگەر سىزمۇ شۇنىڭدەك كۆڭلۈڭىزنى ئاغرىتقان ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىڭىز، ئىشەنچىڭىزنى قايتا تىكلەڭ. ئەلۋەتتە، بۇ ئاسان ئەمەس ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك. ئەمما، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئەرزىيدۇ. ئويلاپ كۆرۈڭ، ئەگەر ئىلگىرى يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەن بولساق، كېيىن يېمەكلىكلەرنى يېگەن پەيتتە چوقۇم ئېھتىيات قىلىمىز، ھەرگىزمۇ يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن توختاپ قالمايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز بىر قېتىم كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىساق، قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقاتماسلىقىمىز كېرەك. ئىشەنچىمىزنى قايتا تىكلىسەك، تېخىمۇ خۇشال بولىمىز ۋە بىز دىققىتىمىزنى جامائەتتە ئۆزئارا ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشكە ھەسسە قوشىدىغان ئىشلارغا قارىتالايمىز.
17. نېمە ئۈچۈن ئىشەنچ شۇنچە مۇھىم، كېيىنكى ماقالىدە نېمىلەرنى مۇلاھىزە قىلىمىز؟
17 شەيتاننىڭ بۇ دۇنياسىدا، ئىشەنچىلىك ئادەملەر ئاز ئۇچرايدۇ. ئەمما، سۆيگۈ-مۇھەببەتكە ئاساسلانغان ئىشەنچ دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ خىل ئىشەنچ خۇشاللىقىمىز ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىقىمىزغا ھەسسە قوشۇپ، ئالدىمىزدىكى دۇچ كېلىدىغان قىيىن كۈنلەردە بىزنى قوغدايدۇ. ئەگەر كىمدۇ بىرى سىزنى رەنجىتكەن ياكى ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويغان بولسىچۇ؟ مەسىلىلەرگە يەھۋانىڭ كۆزقارىشى بىلەن قاراشقا تىرىشىڭ، مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى ئەمەلىي قوللىنىڭ، قېرىنداشلىرىڭىزغا بولغان سۆيگىڭىزنى كۈچلەندۈرۈڭ ۋە مۇقەددەس كىتاب زامانىدىكى ئېتىقادچىلاردىن ئۈلگە ئېلىڭ. بىز ئازابلىق ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى يېڭىپ، باشقىلارغا بولغان ئىشەنچىمىزنى قايتا تىكلىيەلەيمىز. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، نۇرغۇنلىغان ياخشى دوستلارنى تاپالايمىز (پەند. نە 18:24). كېيىنكى ماقالىدە، قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ ئىشەنچىلىك كىشى ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
31-ناخشا بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى
a بىز قېرىنداشلىرىمىزغا ئىشىنىشىمىز كېرەك. بۇ ھەمىشە ئاسان ئەمەس، چۈنكى ئۇلار بەزىدە بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بۇ ماقالىدە، مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىش ۋە ئۆتمۈشتىكى مىساللار ئۈستىدە ئويلىنىش قېرىنداشلىرىمىزغا ئىشىنىشكە ياكى ئىشەنچىمىزنى يەردە قويغان بولسا، قايتا ئىشەنچىمىزنى تىكلەشكە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
b مۇقەددەس كىتاب جامائەتتىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىمىزگە لايىق بولماسلىقى مۇمكىنلىكى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان (يەھۇدا 4). بەك ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋاللاردا، ساختا قېرىنداشلار بۇرمىلانغان «خاتا تەلىم» ئارقىلىق باشقىلارنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن (ئەلچى. 20:30). بىز بۇنداق كىشىلەرگە ئىشەنمەسلىكنى ياكى سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىقنى تاللايمىز.
c يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ 1974-يىلدىكى يىلنامىسىنىڭ 129–131-بەتلىرىدىن (باشقا تىلدا)، گرېتنىڭ كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى ئوقۇڭ.