40-تەتقىق ماقالىسى
نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا يېتەكلەڭلار
«نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا يېتەكلەيدىغانلار يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئەبەدىل-ئەبەد پارلاپ تۇرىدۇ».—دانىيال 12:3.
12-ناخشا ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈ ھاياتلىق
بۇ ماقالىدە a
1. مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە قانداق خۇشال قىلارلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ؟
مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، يەر يۈزىدە تىرىلىش باشلىنىدىغان كۈننى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ! نەقەدەر گۈزەل بىر كۈن،– ھە! يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى قايتا كۆرۈشكە تەشنا. يەھۋا خۇدامۇ تېخىمۇ شۇنداق! (ئايۇپ 14:15) يەر يۈزىدە سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز بىلەن قايتا جەم بولۇش بىزنى چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدۈرىدۇ. ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگەنگىنىمىزدەك، ھاياتلىق كىتابىغا ئىسىمى يېزىلغان «ھەققانىيلار» «ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىلىدۇ» (ئەلچى. 24:15؛ يۇھاننا 5:29). بەلكىم، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ يېقىن كىشىلىرى ئارماگېدوندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇمكىن b. بۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا خۇدانى تونۇش ياكى ئۇنىڭغا سادىق خىزمەت قىلىش پۇرسىتى بولماي ئۆلۈپ كەتكەن ھەققانىي ئەمەسلەر «ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىدۇ».
2، 3. (1) يەشايا 11:9، 10-ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى قانداق ئىش يولغا قويۇلىدۇ؟ (2) بۇ ماقالىدە قايسى سوئاللار ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 تىرىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە تەلىم بېرىش كېرەك (يەشايا 26:9؛ 61:11). شۇڭا، پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كەڭ كۆلەملىك تەلىم-تەربىيە بېرىش ئىشى يولغا قويۇلۇشى كېرەك (يەشايا 11:9، 10-نى ئوقۇڭ). نېمە ئۈچۈن؟ بىرىنچىدىن، تىرىلدۈرۈلگەن ھەققانىي ئەمەسلەر ئەيسا مەسىھ، پادىشاھلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، تۆلەم قۇربانلىقى ۋە يەھۋانىڭ ئىسىمى ۋە پەقەت ئۇ پۈتكۈل كائىناتقا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆگىنىشى كېرەك. ھەتتا ھەققانىيلارمۇ يەھۋا يەر يۈزى ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسى ھەققىدە بىر-بىرلەپ ئاشكارىلىغان ھەقىقەتلەرنى ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ ساداقەتمەن كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى مۇقەددەس يازمىلار پۈتۈنلەي تاماملىنىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن. ھەققانىيلار ۋە ھەققانىي ئەمەسلەر ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار.
3 بۇ ماقالىدە تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىمىز: بۇ كەڭ كۆلەملىك تەلىم بېرىش ئىشى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ بۇ ئىش كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ھاياتلىق كىتابىغا مەڭگۈلۈك يېزىلىشى ياكى يېزىلماسلىقىغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى، بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم! كۆرگىنىمىزدەك، دانىيال ۋە ۋەھىي كىتابلىرىدا يېزىلغان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بەزى بېشارەتلەر ئۆلۈكلەر تىرىلگەندە، نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. ئاۋۋال، دانىيال 12:1، 2-ئايەتلەردىكى بېشارەتتە تىلغا ئېلىنغان ھاياجانلىق ۋەقەلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
ئۇخلاۋاتقانلار ئويغىنىدۇ
4، 5. دانىيال 12:1-ئايەت، زامان ئاخىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئاشكارىلايدۇ؟
4 دانىيال 12:1-نى ئوقۇڭ. دانىيالنىڭ كىتابى ئاخىرقى زامان كۈنلىرىدە يۈز بېرىدىغان ھاياجانلىق ئىش-ۋەقەلەرنىڭ تەرتىپىنى ئاشكارىلىغان. مەسىلەن، دانىيال 12:1-ئايەتتە، پەرىشتە مىكائىل، يەنى ئەيسا مەسىھ خۇدا خەلقىنىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ بېشارەتنىڭ بىر قىسىمى، 1914-يىلى ئەيسا ئاسماندا خۇدا پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھى بولۇپ تەختتە ئولتارغاندا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
5 ئۇنىڭدىن باشقا، دانىيال پەيغەمبەر دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان بالايىئاپەت يۈز بېرىدىغان كۈنلەردە ئەيسانىڭ قوغدىغۇچى بولىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان. مەتتا 24:21-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ‹بۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەت› بولسا «دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت»نى كۆرسىتىدۇ. دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت ئاخىرلاشقاندا، يەنى ئارماگېدوندا ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، خۇدا خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. ۋەھىي كىتابى، بۇ زور بىر توپ خالايىقنى دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر دەيدۇ.—ۋەھىي. 7:9، 14.
6. زور بىر توپ خالايىق دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. (يەنە يەردە ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلۈش توغرىسىدىكى «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرىغا» قاراڭ)
6 دانىيال 12:2-نى ئوقۇڭ. زور بىر توپ خالايىق دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟ بۇ بېشارەت بىز ئىلگىرى چۈشەنگەندەك، بىر سىمۋوللۇق تىرىلىشنى، يەنى خۇدا خەلقىنىڭ روھىي گۈللىنىشىنى كۆرسەتمەيدۇ c. ئەكسىچە، بۇ سۆزلەر كەلگۈسىدىكى يېڭى دۇنيادا يۈز بېرىدىغان ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بىز نېمىشقا بۇنداق خۇلاسە چىقىرالايمىز؟ ئايۇپ 17:16-ئايەتتىكى «تۇپراق» ئىبارىسى ئوخشاشلا قەبرىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، دانىيال 12:2-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان تىرىلىش بولسا، ئاخىرقى زامان ئاخىرلىشىپ، ئارماگېدون ئۇرۇشىدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئۇدۇل مەنىدىكى ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
7. (1) بەزىلەرنىڭ «مەڭگۈلۈك ھاياتقا» ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىلىشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (2) «كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشىراق تىرىلىشكە ئېرىشىش نېمە ئۈچۈن ئەۋزەل؟
7 ئۇنداقتا، دانىيال 12:2-ئايەتتە يېزىلغان بەزىلەرنىڭ «مەڭگۈلۈك ھاياتقا» ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىلىشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، ئۆلۈمدىن تىرىلىپ، ياراتقۇچى يەھۋا ۋە مەسىھ ئەيسانى تونۇغان ياكى تونۇيدىغان ھەمدە ئۇلارغا بويسۇنغانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (يۇھاننا 17:3). كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشىراق تىرىلىشكە ئېرىشىش، ئۆتمۈشتە بەزى ئىنسانلار قايتا ئېرىشكەن ھاياتلىققا قارىغاندا كۆپ ئەۋزەل (ئىبرانىي. 11:35). نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئاشۇ نامۇكەممەل ئىنسانلار يەنە ئۆلۈپ كەتكەن.
8. بەزىلەرنىڭ شەرمەندە بولۇش ۋە مەڭگۈلۈك خورلۇق ئۈچۈن تىرىلىشى قانداق بولىدۇ؟
8 ئەمما، تىرىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى يەھۋانىڭ تەلىم-تەربىيىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. دانىيالنىڭ بېشارىتىدە بەزىلەر شەرمەندە بولۇش ۋە مەڭگۈلۈك خورلۇق ئۈچۈن تىرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇلار ئىسيانكارلىق روھنى نامايان قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ھاياتلىق كىتابىغا يېزىلمايدۇ ۋە ئۇلار مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار مەڭگۈلۈك خورلۇققا دۇچ كېلىدۇ، يەنى ھالاك بولىدۇ. شۇڭا، دانىيال 12:2-ئايەت، ئۆلۈمدىن تىرىلگەن بارلىق ئىنسانلار تىرىلگەندىن كېيىن قىلغان ئىشلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارغا ئاخىرىدا نېمە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ d (ۋەھىي. 20:12). بەزىلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ، يەنە بەزىلىرى ئېرىشمەيدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەڭلار
9، 10. دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتىن كېيىن يەنە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ ۋە كىملەر «ئاسمان گۈمبىزىدەك يورۇقلۇق بېرىدۇ»؟
9 دانىيال 12:3-نى ئوقۇڭ. يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بالايىئاپەتلىك بىر دەۋرىدىن كېيىن يەنە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ دانىيال 12:2-ئايەتتىن باشقا، 3-ئايەتتىمۇ دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلار كۆرسىتىلگەن.
10 كىملەر «ئاسمان گۈمبىزىدەك يورۇقلۇق بېرىدۇ»؟ مەتتا 13:43-ئايەتتىكى ئەيسانىڭ سۆزلىرى بۇنى بىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ: «ئۇ چاغدا ھەققانىي ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىدا قۇياشتەك چاقنايدۇ». بۇ سۆزلەرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەردە، «پادىشاھلىقنىڭ ئوغۇللىرى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، ئەيسا ئۆزى بىلەن بىللە ئاسماندا پادىشاھلىق قىلىدىغان مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلىرى ھەققىدە سۆزلىگەن ئىدى (مەتتا 13:38). شۇڭا، دانىيال 12:3-ئايەتتە، چوقۇم مەسىھ قىلىنغانلار ۋە ئۇلارنىڭ مىڭ يىللىق پادىشاھلىق مەزگىلىدە قىلىدىغان خىزمىتى تىلغا ئېلىنغان.
11، 12. 144000 تاللانغانلار مىڭ يىل جەريانىدا قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟
11 مەسىھ قىلىنغانلار «نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا يېتەكلەيدىغانلار» سۈپىتىدە نېمە قىلىدۇ؟ مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئەيسا مەسىھ بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، 1000 يىل جەريانىدا يەر يۈزىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەلىم-تەربىيە ئىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. 144000 تاللانغانلار پەقەت پادىشاھلىق قىلىپلا قالماي، يەنە روھانىي بولۇپ خىزمەت قىلىشىدۇ (ۋەھىي. 1:6؛ 5:10؛ 20:6). شۇ ئارقىلىق ئۇلار خەلقلەرگە شىپا بېرىش ئىشىغا قاتنىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئاستا-ئاستا مۇكەممەل ھالەتكە قايتىشىغا ياردەم بېرىدۇ (ۋەھىي. 22:1، 2؛ ھەزەك. 47:12). مەسىھ قىلىنغانلار ئۈچۈن بۇ نەقەدەر زور خۇشاللىق-ھە!
12 ھەققانىيلىق يولىغا يېتەكلەيدىغانلارغا ئەگىشىپ، توغرا يولغا ماڭغان نۇرغۇن كىشىلەر كىملەر؟ بۇلار ئۆلۈمدىن تىرىلىدىغانلار ۋە ئارماگېدوندىن ئامان-ئېسەن ئۆتكەنلەر بىلەن يېڭى دۇنيادا تۇغۇلۇشى مۇمكىن بولغان بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىڭ يىل ئاخىرلاشقاندا، يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇكەممەل بولىدۇ. ئۇنداقتا، قاچان ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ھاياتلىق كىتابىغا قېرىنداش قەلەم بىلەن ئەمەس، بەلكى سىياھ قەلەم بىلەن مەڭگۈلۈك يېزىلىدۇ؟
ئەڭ ئاخىرقى سىناق
13، 14. يەر يۈزىدىكى بارلىق مۇكەممەل ئىنسانلار مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟
13 شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، مۇكەممەل بولۇشنىڭ ئۆزى ئادەمنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالەت بەرمەيدۇ. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنى ئويلاڭ. ئۇلار مۇكەممەل ئىدى. ئەمما، ئۇلار مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشتىن بۇرۇن يەھۋا خۇداغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى كېرەك ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇلار شۇنداق قىلمىغانىدى.—رىملىقلار 5:12.
14 مىڭ يىلنىڭ ئاخىرىدا يەر يۈزىدە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇكەممەل بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئاشۇ مۇكەممەل كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مەڭگۈ قوللامدۇ؟ ياكى بەزىلىرى ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىغا ئوخشاش مۇكەممەل بولۇشىغا قارىماي، خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلامدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش كېرەك. ئەمما قانداق؟
15، 16. (1) قاچان پۈتكۈل ئىنسانلار يەھۋاغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ؟ (2) ئەڭ ئاخىرقى سىناقتىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟
15 شەيتان 1000 يىل سولاپ قويۇلىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ ھېچكىمنى ئازدۇرالمايدۇ. لېكىن 1000 يىل ئاخىرلاشقاندا، شەيتان قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇ مۇكەممەل ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ سىناقتا، يەر يۈزىدىكى بارلىق مۇكەممەل ئىنسانلار خۇدانىڭ ئىسىمىنى ھۆرمەتلەيدىغان-ھۆرمەتلىمەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قوللايدىغان-قوللىمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ (ۋەھىي. 20:7–10). ھەربىر كىشىنىڭ بۇ ئەڭ ئاخىرقى سىناقتىكى تاللىشى ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ھاياتلىق كىتابىغا مەڭگۈلۈك يېزىلىدىغان-يېزىلمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
16 مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، بەزى ئىنسانلار ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىغا ئوخشاش يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى رەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ۋەھىيلەر 20:15-ئايەت مۇنداق دەيدۇ: «ئىسىملىرى ھاياتلىق كىتابىدا يېزىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوت كۆلىگە تاشلاندى». شۇنداق، بۇ ئىسىيانچىلار مەڭگۈ يوق بولىدۇ. ئەمما، كۆپ ساندىكى مۇكەممەل ئىنسانلار بۇ ئەڭ ئاخىرقى سىناقتىن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ھاياتلىق كىتابىغا مەڭگۈلۈك يېزىلىدۇ.
زامان ئاخىرىدا
17. پەرىشتە دانىيالغا بىزنىڭ زامانىمىز ھەققىدە نېمە دېگەن؟ (دانىيال 12:4، 8–10)
17 كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان مۇشۇ ۋەقەلەرنى ئويلىغىنىمىزدا ھاياجانغا چۆمىمىز! بىراق، بىزنىڭ زامانىمىز، يەنى زامان ئاخىرى ھەققىدە دانىيال پەيغەمبەر بىر پەرىشتىدىن بەزى مۇھىم مەلۇماتلارغا تاپشۇرۇۋالغان ئىدى (دانىيال 12:4، 8–10-نى ئوقۇڭ؛ 2-تىموت. 3:1–5). پەرىشتە دانىيالغا: «توغرا بىلىم ئېشىپ زىيادىلىشىدۇ»،— دېگەن. شۇنداق، خۇدانىڭ خەلقى بۇ كىتابتىكى بېشارەتلىك سۆزلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشەندى. پەرىشتە زامان ئاخىرىدا ھەققىدە يەنە شۇنداق دېگەن: «يامانلار يامانلىق قىلىۋېرىدۇ ۋە يامانلارنىڭ ھېچبىرى بۇ سۆزلەرنى چۈشەنمەيدۇ».
18. پات يېقىندا يامانلارغا نېمە بولىدۇ؟
18 بۈگۈن كۈندە يامانلارنىڭ يامان قىلمىشلىرى جازاسىز قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن (مالاك. 3:14، 15). لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەيسا ئۆچكە كەبى يامان ئىنسانلارنى ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى قويغا ئوخشاش ياخشى ئىنسانلاردىن ئايرىيدۇ (مەتتا 25:31–33). بۇ يامانلىق قىلغۇچىلار دەھشەتلىك چوڭ بالايئاپەتتىن قۇتۇلالمايدۇ ۋە يېڭى دۇنيادىكى ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى مالاكى 3:16-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «خاتىرە كىتابى»غا يېزىلمايدۇ.
19. ھازىر نېمە قىلىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟ (مالاكى 3:16–18)
19 ھازىر ئۆزىمىزنىڭ يامانلار ئارىسىدا ئەمەسلىكىمىزنى ئىسپاتلايدىغان پەيتتۇر (مالاكى 3:16–18-نى ئوقۇڭ). يەھۋا ئۆزى «خاس مۈلۈك» ياكى قىممەتلىك بايلىق دەپ قارىغان كىشىلەرنى يىغىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولۇشنى خالايمىز.
20. يەھۋا دانىيالغا قانداق ۋەدە بەرگەن ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىسىز؟
20 ھەقىقەتەن، بىز ئاجايىپ زاماندا ياشاۋاتىمىز. ئەمما، تېخىمۇ ھەيران قالارلىق ئىشلار يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇزۇن ئۆتمەي، بىز بارلىق يامانلىقلارنىڭ يوق بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۋانىڭ دانىيالغا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرىمىز: «كۈنلەر ئاخىرلاشقاندا، ئۆز نېسىۋەڭنى ئېلىش ئۈچۈن قوپۇسەن» (دانىيال 12:13). ھەممىمىز دانىيالغا ئوخشاش سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز قوپىدىغان، يەنى تىرىلىدىغان كۈننى تەشنالىق بىلەن كۈتىۋاتىمىز. ئۇ كۈننى كۆرەلىشىمىز ئۈچۈن ھازىر پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن سادىق بولۇپ قېلىشقا تىرىشايلى. شۇنداق بولغاندا، ئىسىمىمىز يەھۋانىڭ ھاياتلىق كىتابىدا داۋاملىق ساقلىنىپ قالىدۇ.
1-ناخشا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى
a دانىيال 12:2، 3-ئايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن، ئىلگىرى ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان كەڭ كۆلەملىك تەلىم-تەربىيە بېرىش ئىشىغا بولغان يېڭى ئۆزگەرتىلگەن چۈشەنچىمىز مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بىز بۇ ئىشنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقى ۋە كىملەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. بىز يەنە بۇ تەلىم-تەربىيە ئىشىنىڭ يەر يۈزىدىكىلەرنى مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان چاغدىكى ئەڭ ئاخىرقى سىناققا قانداق تەييارلايدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.
b بەلكىم، تىرىلىش ئاخىرقى زاماندا سادىقلىقنى ساقلاپ ئۆلۈپ كەتكەنلەردىن باشلىنىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋام قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، ھەربىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆزى تونۇيدىغان كىشىلەرنى قارشى ئېلىش پۇرسىتى بولىدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇقەددەس يازمىلاردا ئاسمانغا تىرىلىش ھەققىدە «ھەر بىرى ئۆز نۆۋىتى بىلەن تىرىلىدۇ» دېيىلگەن. بىز يەر يۈزىدىكى تىرىلىشنىڭمۇ نۆۋىتى بىلەن تەرتىپلىك بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز.—1-كورىنت. 14:33؛ 15:23.
c بۇ چۈشەندۈرۈش «دانىيال پەيغەمبەرنىڭ بېشارىتىگە دىققەت قىلىڭ» ناملىق كىتابنىڭ 17-بابى ۋە «كۈزىتىش مۇنارى»، 1987-يىل، 1-ئىيۇل سانى، 21–25-بەتلەردە شەرھىلەنگەن چۈشەنچىگە قارىتا ئۆزگەرتىشكە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش.
d سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ئەلچىلەر 24:15-ئايەتتىكى «ھەققانىيلار» ۋە «ھەققانىي ئەمەسلەر» سۆزلىرى بىلەن، يۇھاننا 5:29-ئايەتتىكى «ياخشىلىق قىلغانلار» ۋە «يامانلىق قىلغانلار» ئىبارىلىرى، تىرىلدۈرۈلگەنلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇنقى قىلغان ئىشلىرىغا قارىتىلغان.