38-تەتقىق ماقالىسى
روھىي ئائىلىڭىزگە يېقىنلىشىڭ
«مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ ئاتاڭلارنىڭ . . . يېنىغا قايتىپ» چىقىمەن.—يۇھاننا 20:17.
152-ناخشا كۈچىمىز، ئۈمىدىمىز ۋە يار-يۆلىكىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. ساداقەتمەن ئىنسانلار يەھۋا بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ؟
يەھۋا خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان ئېتىقادچىلارنىڭ ئائىلىسىدە، ئەيسا «بارچە يارىتىلغان مەۋجۇداتلارنىڭ تۇنجىسىدۇر» ۋە يەنە سان-ساناقسىز پەرىشتىلەر بار (كولوسى. 1:15؛ زەبۇر 103:20). ھەزرىتى ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا، ساداقەتمەن ئىنسانلارنىڭ يەھۋانى ئاتام دەپ چاقىرالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆز شاگىرتلىرىغا سۆزلىگەندە، يەھۋانى «مېنىڭ ئاتام ۋە سىلەرنىڭ ئاتاڭلار» دەپ تىلغا ئالغان (يۇھاننا 20:17). بىز يەھۋاغا ئۆزۈمىزنى بېغىشلاپ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان ئېتىقادچىلارنىڭ چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولىمىز.—ماركۇس 10:29، 30.
2. بۇ ماقالىدە، نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 بەزىلەر ئۈچۈن يەھۋانى مېھىر-مۇھەببەتلىك ئاتىدەك كۆرۈش قىيىن. باشقىلار ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ ماقالىدە، يەھۋانى ئاتا دەپ چاقىرىشىمىزغا ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىمىزغا ئەيسانىڭ قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. يەنە يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىمىز.
يەھۋا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنى خالايدۇ
3. ئۈلگىلىك دۇئا بىزنى يەھۋاغا قانداق يېقىنلاشتۇرىدۇ؟
3 يەھۋا مېھىر-مۇھەببەتلىك ئاتا. ئەيسا ئۆزىگە ئوخشاش، بىزنىڭمۇ يەھۋانى قوپال بۇيرۇقۋاز ئەمەس، بەلكى مۇلايىم، كۆيۈمچان، ئاسان پاراڭلاشقىلى بولىدىغان ئاتىدەك كۆرۈشىمىزنى خالىغان. بۇنى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا قانداق دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكىنىدىن كۆرەلەيمىز. ئۇ ئۈلگىلىك دۇئانى «ئاتىمىز» دېگەن سۆز بىلەن باشلىغان (مەتتا 6:9). ئەيسا بىزنى يەھۋانى «ھەممىگە قادىر»، «ياراتقۇچى»، «مەڭگۈلۈك پادىشاھ» دېگەندەك ھەر خىل نام-ئۇنۋانلار بىلەن ئاتاشقا ئۈندىيەلەيتتى (يارىت. 49:25؛ يەشايا 40:28؛ 1-تىموت. 1:17). بىراق، ئەيسا يېقىن مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدىغان «ئاتا» سۆزىنى ئىشلەتكەن.
4. يەھۋا بىزنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى قەيەردىن بىلىمىز؟
4 بەزىلىرىمىز كىچىكىمىزدىن ئاتا مېھرىنى كۆرمەي چوڭ بولغاچ، بىز ئۈچۈن يەھۋانى مېھىر-شەپقەتلىك ئاتىدەك قوبۇل قىلىش قىيىنغا چۈشىشى مۇمكىن. يەھۋا بىزنىڭ شۇنداق ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى چۈشىنىدۇ. بۇنى بىلىش بىز ئۈچۈن چوڭ بىر تەسەللى. ئۇ بىزگە يېقىنلىشىشنى خالايدۇ. شۇڭا، مۇقەددەس كىتاب بىزنى ئۈندەپ شۇنداق دەيدۇ: «خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، شۇندىلا ئۇ ھەم سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ» (ياقۇپ 4:8). يەھۋا بىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ بىز ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئاتا مېھرىنى بىزگە يەتكۈزىدۇ.
5. لۇقا 10:22-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، يەھۋاغا يېقىنلىشىشىمىزغا ئەيسا قانداق بېرەلەيدۇ؟
5 ئەيسا بىزنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇ يەھۋانى ياخشى بىلگەچ، ھەر بىر سۆز-ھەرىكەتلىرىدە، ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇ: «مېنى كۆرگەن كىشى، ئاتامنى ھەم كۆرگەن بولىدۇ»،— دېگەن (يۇھاننا 14:9). ئەيسا ئۇ خۇددى ئاكىمىزدەك، ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ھۆرمەتلەشنى ۋە بويسۇنۇشنى، ئۇنى خۇرسەن قىلمايدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشنى ۋە ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشنى ئۆگىتىدۇ. بىراق، بولۇپمۇ يەر يۈزىدە بولغاندا، ئەيسانىڭ گەپ-سۆزلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى يەھۋانىڭ قانچىلىك مېھىر-شەپقەتلىك ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان ئاتا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ (لۇقا 10:22-نى ئوقۇڭ). تۆۋەندە، بەزى مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.
6. يەھۋا ئەيسانىڭ دۇئالىرىغا قۇلاق سالغانلىقىنى قەيەردىن بىلىمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
6 يەھۋا ئۆز پەرزەنتلىرىنى دىققەت بىلەن تىڭشايدۇ. يەھۋا تۇنجى ئوغلىنىڭ سۆزىگە قانداق قۇلاق سالغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۆز ئوغلى يەر يۈزىدە بولغاندا قىلغان دۇئالىرىغا، يەھۋا ھەرقاچان قۇلاق سالغان (لۇقا 5:16). ئەيسا مەسىھ 12 ئەلچىسىنى تاللاشقا ئوخشاش مۇھىم قارارلارنى چىقىرىش ئالدىدا دۇئا قىلغاندا، ئۇ قۇلاق سالغان (لۇقا 6:12، 13). يەنە ئوغلىنىڭ غەم-تەشۋىشكە چۈشكەندە قىلغان دۇئالىرىغا قۇلاق سالغان. يەھۇدا ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنى تۇتۇپ بېرىشتىن ئاۋۋال، ئۇ ئۆز ئاتىسىغا يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلغان. يەھۋا ئۇنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە سۆيۈملۈك ئوغلىغا كۈچ-مەدەت بېرىش ئۈچۈن بىر پەرىشتىسىنى ئەۋەتكەن.—لۇقا 22:41—44.
7. يەھۋا دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سالىدىغانلىقىنى بىلگەندە، قانداق ھېس-تۇيغىدا بولىمىز؟
7 بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا داۋاملىق ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ دۇئالىرىغا قۇلاق سالىدۇ ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئەڭ ياخشى يول بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ (زەبۇر 116:1، 2). يەھۋانىڭ ئۆز دۇئالىرىغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، ھىندىستاندىكى بىر قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ ئۇزۇن ۋاقىت، زىيادە غەم-تەشۋىش ئىچىدە ياشىغان ۋە مۇشۇ ئىش ھەققىدە يەھۋاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغان. ئۇ مۇنداق يازدى: «JW تېلېۋىزىيىسى 2019-يىل، 5-ئايدىكى پروگراممىسى غەم-ئەندىشىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە بولۇپ، ئۇ دەل مېنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان ئىدى. مۇشۇ يول بىلەن يەھۋا دۇئالىرىمغا جاۋاب بەردى».
8. ئەيساغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى، يەھۋا قايسى ئۇسۇلدا ئىپادىلىگەن؟
8 يەھۋا ئەيساغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەندەك، بىزگىمۇ غەمخورلۇق قىلىپ، مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ (يۇھاننا 5:20). ئەيسا يەر يۈزىدە ياشىغاندا، يەھۋا ئۇنىڭ روھىي، ھېسسىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا ئۆز ئوغلىغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ۋە ئۇنىڭدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرغان (مەتتا 3:16، 17). ئاسماندىكى مېھىر-شەپقەتلىك ئاتىسى دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاچ، ئەيسا ھېچقاچان ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلمىغان.—يۇھاننا 8:16.
9. يەھۋانىڭ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟
9 خۇددى ئەيساغا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ھېس قىلىۋاتىمىز. يەھۋا بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى ۋە ھېسسىي جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىمىزنى قامداش ۋە خۇشال-خۇرام بولۇشىمىز ئۈچۈن مېھىر-مۇھەببەتكە ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىققا تولغان بىر روھىي ئائىلىنى بەردى (يۇھاننا 6:44). ئۇنىڭدىن باشقا، كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادىمىزنى ساقلىشىمىز ئۈچۈن، يەھۋا روھىي ئوزۇقلارنى بەردى. ھەتتا، ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا كېرەكلىك ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى تەمىنلەپ بېرىۋاتىدۇ (مەتتا 6:31، 32). يەھۋانىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغانسېرى، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزمۇ ئاشىدۇ.
روھىي ئائىلىمىزنى يەھۋا سۆيگەندەك سۆيۈڭ
10. يەھۋانىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
10 يەھۋا قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيىدۇ. بىراق، بىز ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېس قىلىش ۋە ئۆزۈمىزنىڭ شۇلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئاسانغا چۈشمەسلىكى مۇمكىن. سەۋەبى، بىز ئوخشىمايدىغان مەدەنىيەت ۋە ئارقا كۆرۈنىشىگە ئىگە. بىز ھەممىمىز خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىمىز، باشقىلارنى تېرىكتۈرىمىز ياكى ئۈمىدسىزلەندۈرىمىز. ئەمما، روھىي ئائىلىمىزگە سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيمىز. شۇنداق قىلىش ئۈچۈن، ھەر دائىم ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ئۈلگە قىلىپ، قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى (ئەفەس. 5:1، 2؛ 1-يۇھاننا 4:19). ھازىر ئاتىمىز يەھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.
11. ئەيسا مەسىھ، يەھۋانىڭ «رەھىم-شەپقىتىنى» قانداق كۆرسەتكەن؟
11 يەھۋا رەھىم-شەپقەتلىك ئاتا (لۇقا 1:78). مېھىر-شەپقەتلىك ئىنسان باشقىلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئۇلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرىدۇ. ئۇلارغا ياردەم ۋە تەسەللى بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ. ئەيسا ئادەملەرگە ھېسداشلىق قىلىپ، يەھۋانىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن (يۇھاننا 5:19). ئەيسا بىر توپ ئادەملەرنى كۆرگەندە قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقى ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق دەيدۇ: «توپلاشقان ئادەملەرنى كۆرۈپ، ئۇ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار تاشلىۋېتىلگەن پادىچىسى يوق قويلاردەك تارقىلىپ كەتكەن ۋە ئېزىلگەن ئىدى» (مەتتا 9:36). ئەيسا ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىپلا قالماي، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان. ئۇ ئاغرىقلارنى ساقايتىپ، جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلارغا ئاراملىق بېرىش ئۈچۈن ياردەم قولىنى سۇنغان.—مەتتا 11:28—30؛ 14:14.
12. مېھىر-شەپقىتىمىزنى باشقىلارغا قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
12 بىز قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىشتىن بۇرۇن، ئۇلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك. بىر ئايال قېرىندىشىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى ناچار دەيلى، ئۇ ھېچقاچان ئۆز قىيىنچىلىقلىرىنى باشقىلارغا ئېيتمايدۇ. بىراق، ئۇنىڭغا ياردەم قولىمىزنى سۇنساق، ئۇ خۇشال بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۆزۈمىزدىن شۇنداق سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: ئۆز ئائىلىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامداشقا، ئۇنىڭ كۈچى يېتەمدۇ؟ تاماق تەييارلىشى ۋە ئۆي ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ، ئازغىنە بولسىمۇ يۈكىنى يېنىكلىتەلەيمەنمۇ؟ بىر بۇرادەرنى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالدى دەيلى. يېڭى بىر خىزمەتنى تاپقۇچە، ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىشىغا ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئېيتماي ئازغىنە پۇلىنى سوۋغات سۈپىتدە بېرەلەيمىزمۇ؟
13، 14. يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، سېخىيلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
13 يەھۋا سېخىي ئاتىمىز (مەتتا 5:45). قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزدىن ياردەم سورىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماي، يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا مېھرى-شەپقەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك. بىز ھېچقاچان ھەر كۈنى قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن دۇئا قىلمايمىز. شۇنداقتىمۇ، ھەممە جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى، ھەتتا يەھۋاغا مىننەتدار بولمىغانلار ئۈچۈنمۇ، ئۇ سېخىيلىق بىلەن قۇياش نۇرىنى چاچقۇزىدۇ. ئېھتىياجلىرىمىزنى قامداش ئارقىلىق، بىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق مېھىرىبان ۋە سېخىي خۇدايىمىزنى بەك ياخشى كۆرىمىز.
14 نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ئۈلگە قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سېخىيلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. مەسىلەن، 2013-يىلى دەھشەتلىك قارا-بوران خايان فىلىپپىنغا زور ۋەيرانچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئۆي-ماكانلىرىدىن ۋە مال-مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلدى. ئەمما، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى روھىي ئائىلە ئەزالىرىمىز ئۇلارغا تېزلىكتە ياردەم قولىنى سۇندى. كۆپلىگەن قېرىنداشلار ئىقتىسادى ياردەم بەردى ياكى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتناشتى. نەتىجىدە، ئۇلار بىر يىل ئىچىدە 750 كۆپرەك ئۆيلەرنى رېمونت قىلدى ياكى قايتا ياساپ چىقتى. تاجسىمان ۋىرۇس مەزگىلىدە، گۇۋاھچىلار قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى. روھىي ئائىلىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا دەرھال ياردەم قولىمىزنى سۇنساق، ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
15، 16. لۇقا 6:36-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
15 يەھۋا رەھىمدىل ۋە كەچۈرۈمچان ئاتىمىز (لۇقا 6:36-نى ئوقۇڭ). ھەر كۈنى بىز ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ رەھىمدىللىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز (زەبۇر 103:10—14). ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى نامۇكەممەل بولسىمۇ، ئۇ ئۇلارغا رەھىمدىل ۋە كەچۈرۈمچان بولغان. ئۇ ئۆز ھاياتىنى ھەتتا گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن قۇربانلىققا بەرگەن (1-يۇھاننا 2:1، 2). يەھۋا ۋە ئەيسانىڭ رەھىمدىللىقى ۋە كەچۈرۈمچانلىقى بىزنى ئۇلارغا يېقىنلاشتۇرىدۇ.
16 بىز كەچۈرۈمچان بولساق روھىي ئائىلىمىزنىڭ مۇھەببەت رىشتىسىنى كۈچەيتىمىز (ئەفەس. 4:32). بەزىدە باشقىلارنى كەچۈرۈش ئاسان ئەمەس، شۇنداقتىمۇ كەچۈرۈشكە تىرىشىمىز كېرەك. بىر قېرىندىشىمىزنىڭ كەچۈرۈمچان بولۇشنى ئۆگىنىشىگە، كۈزىتىش مۇنارىدىكى «بىر-بىرىڭلارنى چىن دىلدىن كەچۈرۈڭلار» دېگەن بىر ماقالە ياردەم بەرگەن. ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «بۇ ماقالىنى ئوقۇپ، باشقىلارنى كەچۈرۈش ماڭا قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندىم. شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى، كەچۈرۈمچان بولۇش باشقىلار ئۆتكۈزگەن خاتالىقلارنى ئاقلاش ياكى يەتكۈزگەن زىيانلىرىغا پەرۋا قىلماسلىقنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، كەچۈرۈمچان بولۇش شۇنداق خاتالىقلارنى ئۇنتۇپ، ئاداۋەت ساقلىماي، كۆڭلىمىزنى تىنچ-خاتىرجەم ساقلاشنى بىلدۈرىدۇ». بىز قېرىنداشلىرىمىزنى كەچۈرسەك، ئۇلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۆرستىپ، ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋانى ئۈلگە قىلغان بولىمىز.
يەھۋانىڭ ئائىلىسىدىكى ئورنىڭىزنى قەدىرلەڭ
17. مەتتا 5:16-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ئاسماندىكى ئاتىمىزغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
17 دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى قېرىنداشلاردىن تەشكىل تاپقان، مېھىر-مۇھەببەت تولغان چوڭ ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولۇش بىز ئۈچۈن ئاجايىپ شان-شەرەپتۇر. ئەلۋەتتە، بىز تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىزگە قوشۇلۇپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىشىنى خالايمىز. شۇنى ئەستە تۇتقان ھالدا، بىز يەھۋانىڭ خەلقى ياكى ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرىدىغان ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشتىن ئۆزۈمىزنى يىراق تۇتۇشىمىز كېرەك. بىز ياخشى ئىش ھەرىكەتلىرىمىز ئارقىلىق، كىشىلەرنى خۇش خەۋەرگە جەلپ قىلىشنى خالايمىز.—مەتتا 5:16-نى ئوقۇڭ.
18. قورقماي گۇۋاھلىق بېرىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
18 ئاسماندىكى ئاتىمىزغا بويسۇنۇپ ياشىساق، بەزىدە باشقىلارنىڭ تەنقىدلىشىگە، ھەتتا زىيانكەشلىكىگە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. باشقىلارغا ئىمان-ئېتىقادىمىز ھەققىدە سۆز قىلىشتىن قورقساق، بىز نېمە قىلساق بولىدۇ؟ يەھۋا ۋە ئوغلىنىڭ بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنسەك بولىدۇ. ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا نېمە دېيىش، قانداق سۆزلەش ھەققىدە غەم-قىلماسلىقنى ئېيتقان. نېمە ئۈچۈن؟ ئەيسا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «نېمە دېيىش كېرەكلىكى ئاشۇ سائەتتە سىلەرگە بېرىلىدۇ. يەنى سىلەر ئۆزلۈكۈڭلاردىن سۆزلىمەيسىلەر، بەلكى ئاتاڭلارنىڭ ياردىمىدە سۆزلەيسىلەر».—مەتتا 10:19، 20.
19. جاسارەت بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن بىرىنىڭ مىسالىنى ئېتىپ بېرىڭ.
19 روبېرتنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگىنىگە تېخى ئۇزۇن بولمىغاچ، مۇقەددەس كىتاب ھەققىدىكى بىلىمى چەكلىك ئىدى. ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر ھەربىي سوتقا تارتىلغاندا، سوت ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنى سۆيگۈنى ئۈچۈن، بىتەرەپلىكنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى جاسارەت بىلەن چۈشەندۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ روھىي ئائىلىسىدىكى ئورنىنى قەدىرلىگەن ئىدى! سوتچى تۇيۇقسىز ئۇنىڭدىن «كىملەر سېنىڭ قېرىندىشىڭ؟»— دەپ سورىغان. بۇ روبېرت ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن بىر سوئال ئىدى، بىراق ئۇ دەرھال شۇ كۈندىكى كۈندىلىك ئايەتنى ئېسىگە ئالغان. ئۇ مەتتا 12:50-ئايەت ئىدى: «كىمكى ئاسماندىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلىسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئۇكام، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر». ھەتتا مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگىنىگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، روبېرتنىڭ كۈتۈلمىگەن بۇ ئۇدۇل سوئالغا ۋە باشقا بىر قانچە سوئاللارغا جاۋاب بېرىشىگە يەھۋا ئۆز روھىي ئارقىلىق ياردەم بەرگەن. يەھۋا چوقۇم روبېرتتىن بەكمۇ پەخىرلەنگەن! شۇنىڭدەك، بىزمۇ ئۇنىڭغا تايىنىپ، ھەر تۈرلۈك قىيىن ۋەزىيەتلەردە جاسارەت بىلەن ۋەز ئېيتساق، ئۇ بىزدىنمۇ پەخىرلىنىدۇ.
20. بىز چوقۇم نېمە قىلىشنى قەتئىي قارار قىلىشىمىز كېرەك؟ (يۇھاننا 17:11، 15)
20 بىز مېھىر مۇھەببەتكە تولغان روھىي ئائىلىگە تەۋە، بۇ بەرىكەتنى داۋاملىق قەدىرلەيلى. بىزنىڭ ئۆزۈمىز ئارزۇ قىلغاندەك ئاتىمىز ۋە شۇنچە كۆپ ئۆزىنى بېغىشلىغان روھىي قېرىنداشلىرىمىز بار. بىز چوقۇم ھەر قاچان ئۇنىڭ ئۈچۈن مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك. شەيتان ۋە ئۇنىڭ رەزىل ئەگەشكۈچىلىرى بىزنى يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىدىن گۇمانلاندۇرۇشقا ۋە ئارىمىزدىكى بىرلىكنى بۇزۇشقا تىرىشىدۇ. بىراق، ئەيسا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، ئاتىمىزدىن بىزنى قوغداشنى سورىغان. يەھۋا بۇ دۇئاغا جاۋاب بېرىۋاتىدۇ، شۇڭا ھازىر روھىي ئائىلىمىزنىڭ بىرلىكى بۇزۇلماي ساقلىنىۋاتىدۇ (يۇھاننا 17:11، 15-نى ئوقۇڭ). بىزمۇ ئەيساغا ئوخشاش، ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدىن ھەرگىزمۇ گۇمان قىلمايلى. قەتئىي قارارغا كېلىپ داۋاملىق روھىي ئائىلىمىزگە يېقىنلىشايلى!
31-ناخشا بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى
a بىز مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن روھىي ئائىلىنىڭ ئەزالىرى بولۇش ئالاھىدە شان-شەرىپىگە ئىگە بولغىنىمىزدىن بەك خۇرسەن. ئارىمىزدا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت رىشتىسىنى كۈچەيتىشنى ھەممىمىز خالايمىز. شۇنداق قىلىشنىڭ ئىككى يولى بار: (1) ئاسماندىكى سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان ئاتىمىزنىڭ بىزگە قىلىدىغان مۇئامىلىسىنى ئۈلگە قىلىش، (2) ئەيسا مەسىھ ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى ئۈلگە قىلىش.
b سۈرەتتە: گېتسىمانە باغچىسىدا ئەيسانى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن، يەھۋا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتكەن.
c سۈرەتتە: تاجسىمان ۋىرۇس مەزگىلىدە، قېرىنداشلار يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.
d سۈرەتتە: بىر ئاتا-ئانا ئۆز قىزىنىڭ تۈرمىدىكى بىر بۇرادەرگە ئىلھام بېرىدىغان خەتنى ئەۋەتىشىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ.