37-تەتقىق ماقالىسى
مەن پۈتكۈل ئەللەرنى زىل-زىلىگە كەلتۈرىمەن
«مەن پۈتكۈل مىللەتلەرنى تەۋرىتىپ زىل-زىلىگە كەلتۈرىمەن. بارچە مىللەتلەرنىڭ قىممەتباھا مال-دۇنياسى ئېلىپ كېلىنىدۇ».—ھاگاي 2:7.
16-ناخشا قېچىپ بار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. ھاگاي پەيغەمبەر بىزنىڭ زامانىمىز ھەققىدە قانداق بېشارەت ئېيتقان؟
2015-يىلى، نىپالدا شىددەتلىك يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن. شۇ يەر تەۋرەشتە ئامان قالغانلاردىن بىر قانچىسى شۇنداق دەيدۇ: «بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە، دۇكانلار ۋە كونا بىنالار ئارقا-ئارقىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشتى. نۇرغۇن ئادەم قورقۇپ كەتتى. كۆپىنچىلەر ئىككى مىنۇتچە داۋام قىلدى دېيىشىدۇ. مەن ئۈچۈن ئۇزۇن داۋام قىلغانىدى». ئەگەر سىزمۇ شۇنداق قورقۇنچلۇق ئىشنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىڭىز، شۇنى ئۇنتۇپ كېتىش ئاسان بولمايدۇ.
2 ھازىر بىز بىر شەھەر ياكى دۆلەتنى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن تەۋرەش ئەمەس، بەلكى باشقىچە بىر تەۋرەشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. بۇ تەۋرەش نەچچە ئون يىل مابەينىدە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئەللەرنى زىل-زىلىگە سېلىۋاتىدۇ. ھاگاي پەيغەمبەر مۇشۇ تەۋرەش ھەققىدە بېشارەت ئېيتقان ئىدى. ئۇ شۇنداق يازغان: «قوشۇنلارنىڭ سەركەردىسى يەھۋا مۇنداق دەيدۇ: «مەن بولسام بىرئاز ۋاقىتتىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئاسمانلار بىلە يەرنى، دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇقنى تەۋرىتىپ، زىل-زىلىگە كەلتۈرىمەن»».—ھاگاي 2:6.
3. سىمۋوللۇق زىل-زىلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ئۇدۇل مەنىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بار؟
3 ھاگاي پەيغەمبەر تىلغا ئالغان زىل-زىلىگە كەلتۈرۈش، يەر يۈزىنى ۋەيرانچىلىققا سالىدىغان ئۇدۇل مەنىدىكى يەر تەۋرەش ئەمەس، بەلكى ئادەملەرگە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغان زىل-زىلىگە سېلىش. يەھۋا ئۆزى بىزگە شۇنداق دەيدۇ: «مەن پۈتۈن مىللەتلەرنى تەۋرىتىپ، زىل-زىلىگە كەلتۈرىمەن. بارچە مىللەتلەرنىڭ قىممەتباھا مال-دۇنياسى ئېلىپ كېلىنىدۇ ۋە بۇ ئۆينى ئۇلۇغلۇق بىلەن تولدۇرىمەن» (ھاگاي 2:7). بۇ بېشارەت ھاگاي پەيغەمبەرنىڭ زاماندا ياشىغانلار ئۈچۈن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان؟ بىز ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئەھمىيىتى بار؟ ھازىر مۇشۇ سوئالنىڭ جاۋاب تاپىمىز ۋە بۈگۈنكى كۈندە خەلقلەرنى زىل-زىلىگە سالىدىغان پائالىيەتكە ئۆز ھەسسىمىزنى قانداق قوشالايدىغانلىقىمىزنى مۇلاھىزە قىلىمىز.
ھاگاينىڭ زامانىدىكى كىشىگە تەسەللى بېرىدىغان خەۋەر
4. يەھۋا نېمە ئۈچۈن ئۆز خەلقىگە ھاگاي پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەن؟
4 ھاگاي پەيغەمبەر يەھۋادىن مۇھىم بىر ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغان. شۇنىڭدىن بۇرۇن، نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئويلاپ باقايلى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 537-يىلى خۇدا خەلقى بابىلوندىكى ئەسىرلىكتىن قۇتۇلۇپ يېرۇسالىمغا قايتقاندا، ھاگاي پەيغەمبەر شۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار يېرۇسالىمغا قايتىپ كېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي سادىق ئىبادەت قىلغۇچىلار يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇلىنى سېلىشقا باشلىغان (ئەزرا 3:8، 10). بىراق، ئۇزۇنغا بارماي كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىش يۈز بەرگەن، ئەتراپتىكى باشقا خەلقلەر ئۇلارنى قورقۇتقاچ، قۇرۇلۇش ئىشى توختاپ قالغان (ئەزرا 4:4؛ ھاگاي 1:1، 2). شۇڭا، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى، ئۆز خەلقىنىڭ ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى تاماملىشى ئۈچۈن، يەھۋا ھاگاي پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە جاسارىتىنى ئويغاتقان b.—ئەزرا 6:14، 15.
5. نېمە ئۈچۈن ھاگاينىڭ سۆزلىرى خۇدانىڭ خەلقىگە كۈچ مەدەت بەرگەن؟
5 يەھۋانىڭ ھاگاي پەيغەمبەرنى ئەۋەتىش مەقسىتى، ئۆز خەلقىگە سۆزلىرىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ئىدى. پەيغەمبەر قورقۇپ كەتكەن خەلققە مۇنۇ سۆزلەرنى جاسارەت بىلەن يەتكۈزگەن: «ئەي يۇرت خەلقى سىلەر ھەممىڭلار جاسارەتلىك بولۇڭلار ۋە ئىشقا كىرىشىڭلار»،— دەيدۇ يەھۋا. «چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن»،— دەيدۇ قوشۇنلارنىڭ سەركەردىسى يەھۋا!» (ھاگاي 2:4) «قوشۇنلارنىڭ سەركەردىسى يەھۋا» دېگەن بۇ سۆز-ئىبارە، چوقۇم ئۇلارغا كۈچ-مەدەت بەرگەن. ئۇنىڭ قول ئاستىدا نۇرغۇنلىغان كۈچلۈك پەرىشتىلەر قوشۇنى بار، شۇڭا يەھۇدىيلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭغا تايىنىشى كېرەك ئىدى.
6. ھاگاي پەيغەمبەرنىڭ زىل-زىلىگە سېلىش ھەققىدىكى بېشارىتىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغان؟
6 يەھۋا ھاگاي پەيغەمبەرنى، پۈتكۈل مىللەتلەرنى زىل-زىلىگە سالىدىغان بىر سىمۋوللۇق تەۋرىتىش ھەققىدىكى خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن. يەھۋا شۇ زاماندا نۇرغۇن ئەللەرنى بېسىۋالغان پارس ئىمپېرىيىسىنى تەۋرىتىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن، قورقۇپ كېتىپ ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى توختاتقانلار ئۈچۈن، بۇ ۋەھىيلەر ئىلھام ۋە كۈچ-مەدەت بەرگەن. شۇ تەۋرىتىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغان؟ ئاۋۋال خۇدانىڭ خەلقى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن، شۇ قايتا تىكلەنگەن ئىبادەتخانىدا يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشقا باشلىغان. بۇ خەۋەر چوقۇم خۇدانىڭ خەلقىگە ئىلھام ۋە كۈچ-مەدەت بەرگەن.—زەكەرىيا 8:9.
بۈگۈنكى كۈندە يەر يۈزىنى زىل-زىلىگە سېلىۋاتقان ۋەز خىزمىتى
بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل يەر يۈزىنى تەۋرىتىپ زىل-زىلىگە سالىدىغان خىزمەتكە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشۇۋاتامسىز؟ (7، 8-ئابزاسلارغا قاراڭ) d
7. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈرىدىغان قانداق خىزمەتكە قاتنىشىۋاتمىز؟ چۈشەندۈرۈڭ.
7 ھاگاينىڭ بېشارەتلىرى بىز ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ يەھۋا خۇدا يەنە بىر قېتىم بارلىق ئەللەرنى زىل-زىلىگە كەلتۈرىۋاتىدۇ، بۇ ئىشقا بىزمۇ قاتىنىشىۋاتىمىز. بۇنى ئويلاپ كۆرۈڭ: 1914-يىلى، يەھۋا ئاسماندىكى پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ئەيسا مەسىھنى تىكلىگەن (زەبۇر 2:6). خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ تىكلىنىشى بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمرانلار ئۈچۈن يامان خەۋەر بولغان. بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇ يەھۋا يات ئەللەرگە «بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىت» ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، شۇ بەلگىلەنگەن مەزگىلدە يەھۋاغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھۆكۈمران بولمىغان (لۇقا 21:24). بۇنىڭدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالىمىزكى، بولۇپمۇ 1919-يىلدىن بۇيان، يەھۋانىڭ خەلقى ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئىنسانلار ئۈچۈن بىردىن-بىر ئۈمىد ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا ۋەز قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ ۋەز قىلىنىشى پۈتكۈل دۇنيانى تەۋرىتىپ زىل-زىلىگە كەلتۈرىۋاتىدۇ.—مەتتا 24:14.
8. زەبۇر 2:1—3 ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، كۆپىنچە ئەرلەر بۇ خەۋەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
8 بۇ خەۋەرگە ئادەملەر قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟ كۆپىنچىسى رەت قىلدى (زەبۇر 2:1—3-نى ئوقۇڭ). نۇرغۇن ئەللەرنىڭ خەلقى بۇنىڭدىن بىئارام بولدى. ئۇلار يەھۋا تەيىنلىگەن ھۆكۈمراننى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ. بىز يەتكۈزۈۋاتقان پادىشاھلىق خەۋىرىنى ئۇلار خۇش خەۋەر دەپ قارىمايدۇ. دېمەك، بەزى ھۆكۈمەتلەر ۋەز خىزمىتىنى مەنئىي قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۆزىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمىز دەپ جاكارلىسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا، ئەيسانىڭ زامانىدىكى ھۆكۈمرانلارغا ئوخشاش، ئۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇدا تەيىنلىگەن مەسىھكە قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ.—ئەلچى. 4:25—28.
9. يەھۋا ئەللەرنىڭ سەلبىي ئىنكاسىغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟
9 يەھۋا ئەللەرنىڭ سەلبىي ئىنكاسىغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟ زەبۇر 2:10—12-ئايەتلەر: «ئەمدى ئەي پادىشاھلار ئەقىللىق بولۇڭلار، ئەي جاھاندىكى ھۆكۈمرانلار ئىبرەت ئېلىڭلار. ئەيمىنىش بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىڭلار ۋە تىتىرەپ خۇشال بولۇڭلار. ئۇ غەزەپلىنىپ، يولۇڭلاردا ھالاك بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، ئوغلىنى سۆيۈڭلاركى، خۇدانىڭ غەزەپ ئوتى تۇتاشمىسۇن. ئۇنىڭدا پاناھ تاپقانلارنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر»،— دەيدۇ. مېھىر-شەپقەتلىك يەھۋا ئاشۇ قارشىلاشقۇچىلارغا توغرا قارار چىقىرىش ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقىت بېرىدۇ. ئۇلار ھېلىھەم ئەقلىنى تېپىپ، يەھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى قوبۇل قىلالايدۇ. ئەمما، بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشاي دەپ قالدى. چۈنكى، بىز بۇ دۇنيا تۈزۈلمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلەردە ياشاۋاتىمىز (2-تىموت. 3:1؛ يەشايا 61:2). دېمەك، بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقەتنى بىلىپ، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشتىنمۇ ئەڭ جىددىي ئىش يوق.
بۇ تەۋرىتىشكە قايتۇرغان ئىجابىي ئىنكاس
10. ھاگاي 2:7—9-ئايەتلەردە، تەۋرىتىپ زىل-زىلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە ئادەملەرنىڭ قانداق ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن؟
10 ھاگاي بېشارەت قىلغان تەۋرىتىپ زىل-زىلىگە كەلتۈرۈش بەزى ئادەملەرگە ئىجابىي تەسىر قىلىدۇ. بۇ تەۋرىتىشنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە ئۇ شۇنداق دېگەن: خۇداغا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن «بارچە مىللەتلەرنىڭ قىممەتباھا مال-دۇنياسى [يەنى، سەمىمىي كىشىلەر] ئېلىپ كېلىنىدۇ» c (ھاگاي 2:7—9-نى ئوقۇڭ). ئاخىرقى زاماننىڭ كۈنلىرىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە، يەشايا ۋە مىكاھ پەيغەمبەرلەرمۇ بېشارەت قىلغان.—يەشايا 2:2—4؛ مىكاھ 4:1، 2.
11. بىر بۇرادەر تۇنجى قېتىم خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خەۋەرنى ئاڭلىغاندا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
11 مەركىزى باش ئىدارىدا خىزمەت قىلىدىغان كېن ئىسىملىك بۇرادەرگە، يەر يۈزىنى زىل-زىلىگە سالغان خەۋەر قانداق تەسىر قىلىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ 40 يىل بۇرۇن خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋاقىتنى ھازىرمۇ ئېنىق ئەسلىيەلەيدۇ. كېن مۇنداق دەيدۇ: «تۇنجى قېتىم مۇقەددەس كىتابتىن ھەقىقەت سۆزىنى ئاڭلىغاندا، بىزنىڭ بۇ دۇنيانىڭ تۈزۈلمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ، بەكمۇ خۇشال بولغان ئىدىم. مەن خۇدانىڭ ماقۇللىشىغا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ ئۆزگۈرۈپ تۇرۇۋاتقان دۇنيانى تاشلاپ، خۇدا تەرەپتە مەھكەم تۇرۇشۇم كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن ئىدىم. مەن دەرھال يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، شۇنداق قىلدىم. مەن بۇ دۇنيانى تاشلاپ پاناھگاھ تېپىش ئۈچۈن ھېچكىم تەۋرىتەلمەيدىغان خۇدا پادىشاھلىقىغا قېچىپ باردىم».
12. بۇ ئاخىرقى كۈنلەردە، يەھۋانىڭ روھى ئىبادەتخانىسى قانداق شان شەرەپكە تولغان؟
12 يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىنى بەرىكەتلەپ كېلىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق. بۇ ئاخىرقى كۈنلەردە، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. 1914-يىلى، بىز پەقەت بىر قانچە مىڭ كىشى ئىدۇق. ھازىر يەھۋاغا قىزغىنلىق بىلەن ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى سەككىز مىليوندىن كۆپرەك، ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر يىلى مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا مىليونلارچە ئادەملەر قاتنىشىۋاتىدۇ. يەھۋانىڭ پاك ئىبادەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماس، ئۇنىڭ روھىي ئىبادەتخانىسىنىڭ يەر يۈزىدىكى ھويلىسى ئەللەرنىڭ مال دۇنياسى بىلەن توشتى. ئاشۇ كىشىلەر ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىپ، يېڭى تەبىئەتنى كىيىش ئارقىلىق يەھۋانىڭ ئىسىمىنى ئۇلۇغلاۋاتىدۇ.—ئەفەس. 4:22–24.
پۈتۈن دۇنيا يۈزىدە خۇدا خەلقى باشقىلارغا خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇشاللىق بىلەن ۋەز قىلغان (13-ئابزاسىغا قاراڭ)
13. پاك ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە، قايسى باشقا بېشارەتلەر ئەمەلگە ئاشقان؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
13 پاك ئىبادەتنىڭ گۈللىنىشى يەنە باشقا بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرسەتكەن، شۇلاردىن بىرى يەشايا كىتابىنىڭ 60-باب 22-ئايىتىدىن ئوقالايمىز: «ئازلا كىشى مىڭ بولۇپ، كىچىك بىرى كۈچ-قۇدرەتلىك بىر خەلق بولىدۇ. مەن يەھۋا ۋاقتى كەلگەندە، بۇنى تېزلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرىمەن». خۇداغا ھەق ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاجايىپ ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەللەرنىڭ مال دۇنياسى، يەنى ئادەملەر ئۆز ماھارەتلىرى ۋە قابىلىيەتلىرىنى ئىشلىتىپ، پادىشاھلىق خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش ئىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پىداكارلىق روھىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. نەتىجىدە، يەھۋانىڭ خەلقى يەشايا پەيغەمبەر، ئەللەرنىڭ سۈتى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن ماھارەتلەرنى ئىشلىتىۋاتىدۇ (يەشايا 60:5، 16). شۇ قىممەتلىك بايلىق كەبى ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ياردىمىدە ۋەز قىلىش خىزمىتى 240 كۆپرەك مەملىكەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ۋە 1000 ئارتۇق تىلدا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللىرىمىز نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ.
قارار قىلىش پەيتى
14. ئادەملەر ھازىر قانداق قارار قىلىشى كېرەك؟
14 بۇ زاماننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، ئەللەرنى تەۋرىتىپ زىل-زىلىگە سېلىش كىشىلەرنى قارار چىقىرىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئۇلار خۇدا پادىشاھلىقىنى قوللامدۇ ياكى بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمەتكە ئىشەنچ باغلامدۇ؟ بۇ بارچە ئىنسان دۇچ كېلىدىغان بىر تاللاش. گەرچە يەھۋانىڭ خەلقى ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانۇنىغا بويسۇنسىمۇ، بۇ دۇنيانىڭ سىياسىي ئىشلىرىدا پۈتۈنلەي بىتەرەپلىكنى ساقلايدۇ (رىملىقلار 13:1–7). ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى پەقەت خۇدا پادىشاھلىقى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇ پادىشاھلىق بۇ دۇنيادىن ئەمەس.—يۇھاننا 18:36، 37.
15. ۋەھىيلەر كىتابىدا، خۇدا خەلقىنىڭ ساداقەتمەنلىكى قانداق سىنىلىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن؟
15 ۋەھىيلەر كىتابىدا، ئاخىرقى زامان كۈنلىرىدە خۇدا خەلقىنىڭ ساداقەتمەنلىكى سىنىلىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. شۇ سىناقتا قاتتىق قارشىلىققا ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرايمىز. بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەر بىزدىن ئۆزلىرىگە چوقۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى رەت قىلغىنىمىز ئۈچۈن، ئۇلار بىزگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ (ۋەھىي. 13:12، 15). ۋەھىيلەر كىتابىدا، كەلگۈسىدە ھۆكۈمەتلەرنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق بېشارەت يېزىلغان: «ئۇ كىچىك ۋە چوڭ، باي ۋە نامرات، قوللار ياكى ئەركىن بولسۇن، ھەممىسىنى ئوڭ قولى ياكى پېشانىسىگە بىر بەلگە ئۇرغۇزۇشقا مەجبۇرلايتتى» (ۋەھىي. 13:16). قەدىمقى زاماندا قۇللارغا كىمنىڭ قۇللىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بەلگۈلەر سېلىنغان. شۇنىڭغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ قوللىرى ۋە پېشانىلىرىدە، كىمنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان سىمۋوللۇق مەنىدىكى بىر بەلگە بولۇشى كېرەك. ھۆكۈمەتلەر ھەر بىر كىشىنىڭ ئوي-پىكىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە قايسى سىياسىي تۈزۈمنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشىنى خالايدۇ.
16. نېمە ئۈچۈن كېچىكتۈرمەي، ھازىرنىڭ ئۆزىدە يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك؟
16 سىز سىمۋوللۇق بەلگۈنى ئۇرغۇزۇپ سىياسىي ھۆكۈمەتلەرنى قولامسىز؟ شۇ بەلگۈنى ئۇرغۇزۇشنى رەت قىلغانلار قىيىنچىلىقلارغا، ھەتتا خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ. سەۋەبىنى ۋەھىيلەر كىتابىدا مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «بەلگە ئۇرغۇزغانلاردىن باشقا ھېچكىم بىر نەرسە سېتىۋالالمايتتى ياكى ساتالمايتتى» (ۋەھىي. 13:17). بىراق، ۋەھىيلەر 14:9، 10 ئايەتتە، بەلگە ئۇرغۇزغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەنلىكىنى خۇدا خەلقى ئېنىق بىلىدۇ. ئۇلار قوللىرىغا ئاشۇ سىمۋوللۇق بەلگىنى ئۇرغۇزۇشنىڭ ئورنىغا، «يەھۋاغا مەنسۇپ»، دېگەن سۆزلەرنى سىمۋوللۇق قوللىرىغا يازغۇزىدۇ (يەشايا 44:5). دېمەك، ھازىر دەل يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى مۇستەھكەملەشنىڭ پەيتى! شۇنداق قىلساق، يەھۋا ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنى خۇشاللىق بىلەن جاكارلايدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى تەۋرىتىش
17. يەھۋانىڭ سەۋر-تاقىتى ھەققىدە نېمىنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟
17 يەھۋا بۇ زاماننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە كۆپ سەۋر-تاقەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ (2-پېتر. 3:9). شۇڭا، ئۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش يولىنى تاللىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىۋاتىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ سەۋر-تاقىتىنىڭمۇ چېكى بار. مۇشۇ پۇرسەتنى رەت قىلغانلار خۇددى مۇسانىڭ زامانىدىكى فىرئەۋنگە ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ، يەھۋا فىرئەۋنگە مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆز قولۇمنى سوزۇپ، سېنى ۋە خەلقىڭنى دەھشەتلىك ۋابا بىلەن ئۇرغان بولسام، بۇ ۋاقىتقىچە سەن يەر يۈزىدىن يوق بولۇپ كەتكەن بولاتتىڭ. لېكىن، ساڭا ئۆز قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، ئىسىمىمنى پۈتۈن يەر يۈزىدە جاكارلاش ئۈچۈن سېنى تىرىك قالدۇردۇم» (چىق. 9:15، 16). ئاخىرىدا، بارچە خەلقلەر يەھۋانىڭ بىردىن-بىر ھەق خۇدا ئىكەنلىكىنى تونۇپ ئېتىدۇ (ھەزەك. 38:23). بۇ ئىشلار قانداق يۈز بېرىدۇ؟
18. (1) ھاگاي 2:6، 20—22-ئايەتلەردە، يەرنى قانداق باشقا شەكىلدە تەۋرىتىپ زىل-زىلىگە كەلتۈرۈش تەسۋىرلەنگەن؟ (2) ھاگاينىڭ سۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى قەيەردىن بىلىمىز؟
18 ھاگاي 2:6، 20—22-نى ئوقۇڭ. ھاگاي پەيغەمبەر ئۆلۈپ نەچچە يۈز يىللاردىن كېيىن، ئەلچى پاۋلۇس بۇ ئايەتلەردىكى سۆزلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىشى ھەققىدە، ئىبرانىيلارغا يازغان خېتىدە دېگەن: «بىراق، ھازىر ئۇ يەنە شۇنداق ۋەدە بېرىۋاتىدۇ: »مەن يەنە بىر قېتىم پەقەت يەرنىلا ئەمەس، بەلكى ئاسماننى تەۋرىتىپ زىل-زىلىگە كەلتۈرىمەن». لېكىن «يەنە بىر قېتىم» دېگەن سۆز، خۇدا ياراتمىغان نەرسىلەرنىڭ تەۋرىنىپ يوق بولىدىغانلىقى ۋە شۇنىڭدەك تەۋرەنمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» (ئىبرانىي. 12:26، 27). بۇ قېتىملىق تەۋرىتىش، ھاگاي 2:7-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان تەۋرىتىشكە ئوخشىمايدۇ، بۇ قەدىمقى تەۋرىتىپ زىل-زىلىگە كەلتۈرۈش، كېلەچەكتە يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغانلارنىڭ فىرئەۋنگە ئوخشاش مەڭگۈلۈك ھالاك قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
19. نېمە تەۋرەنمەي ئۆز ئورنىدا تۇرىدۇ ۋە بۇنى قەيەردىن بىلىمىز؟
19 ئەڭ ئاخىرقى تەۋرىتىپ زىلزىلىگە كەلتۈرۈشتە، نېمە ئۆز ئورنىدا تەۋرەنمەي تۇرىدۇ؟ پاۋلۇس سۆزىنى داۋام قىلىپ: «شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز تەۋرەنمەس پادىشاھلىققا ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى بىلگەن ئىكەنمىز، داۋاملىق ئىلتىپاتىغا ئىگە بولايلى. بۇ ئارقىلىق خۇدا قوبۇل قىلىدىغان تەرىقىدە ئىخلاس ۋە ئەيمىنىش بىلەن مۇقەددەس خىزمەتنى قىلالايمىز»،— دەپ يازغان (ئىبرانىي. 12:28). بۇ ئاخىرقى تەۋرىتىپ زىل-زىلىگە كەلتۈرۈشتىن كېيىن، پەقەت خۇدا پادىشاھلىقىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆز ئورنىدا تەۋرەنمەي مەڭگۈ تۇرىدۇ!—زەبۇر 110:5، 6؛ دانىيال 2:44.
20. ئادەملەر قانداق تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ ۋە بىز ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
20 ھازىر ۋاقىت كۆپ قالمىدى! ئادەملەر چوقۇم بىر تالاش قىلىشى كېرەك. ئۇلار مۇشۇ دۇنيانىڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپ ھايات كەچۈرۈشنى تاللىسا، ئۇلار ھالاك قىلىنىدۇ، ئەمما ئۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماس ياشاش ئۈچۈن ھاياتىدا ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشنى تاللىسا، مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ (ئىبرانىي. 12:25). ئۇنداقتا، بىز كىشىلەرنىڭ بۇ مۇھىم قارارىنى چىقىرىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ خۇدا پادىشاھلىقى توغرۇلۇق ۋەز قىلىش ئارقىلىق! شۇڭا، داۋاملىق قىزغىنلىق بىلەن بايلىق كەبى قەدىر-قىممەتلىك كىشىلەرنىڭ خۇدا پادىشاھلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىغا ياردەم بېرەيلى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسانىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەستىن چىقارمايلى: «بۇ پادىشاھلىق خۇش خەۋىرى بارچە مىللەتلەرگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادا ۋەز قىلىنىدۇ ۋە ئاندىن كېيىن ئاخىرى كېلىدۇ».—مەتتا 24:14.
31-ناخشا بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى
a ھاگاي 2-باب 7-ئايەت ھەققىدىكى يېڭى چۈشەنچىنى كۆرۈپ چىقىمىز. پۈتكۈل دۇنيانى تەۋرىتىپ، خەلقلەرنى زىل-زىلىگە سالىدىغان ئاجايىپ خىزمەتكە ئۆز ھەسسىمىزنى قانداق قوشالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز. بارچە ئىنسانلارنى زىل-زىلىگە سالىدىغان ۋەز ئېتىش پائالىيىتىگە بەزىلەرنىڭ ئىجابىي، يەنە بەزىلىرىنىڭ سەلبىي ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنىمۇ كۆرۈپ چىقىمىز.
b بىز ھاگاينىڭ يەھۋا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنلىغانلىقىنى بىلىمىز، سەۋەبى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 515-يىلى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي تاماملانغان.
c بۇ يېڭى بىر چۈشەنچە. ئىلگىرى بىز پۈتكۈل ئەللەرنى تەۋرىتىپ زىل-زىلىگە سېلىش ئارقىلىق، يەھۋا سەمىمىي كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلمىغان دېگەن ئىدۇق. كۈزىتىش مۇنارى 2006-يىل 15-ماي سانىدىكى، «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» دېگەن سەھىپىگە قاراڭ.
d سۈرەتتە: ھاگاي خەلقىنى قىزغىنلىق بىلەن ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى تۈگىتىشكە دەۋەت قىلىۋاتىدۇ؛ بۈگۈنكى كۈندە خۇدا خەلقى پادىشاھلىق خۇش خەۋەرنى قىزغىنلىق بىلەن جاكارلاۋاتىدۇ. بىر جۈپ پۈتكۈل دۇنيانى تەۋرىتىپ زىل-زىلىگە كەلتۈرىدىغان ئاخىرقى تەۋرىتىش ھەققىدە كىشىلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈۋاتىدۇ.