35-تەتقىق ماقالىسى
ياشانغان قېرىنداشلىرىمىزنى قەدىرلەڭ
«ئاقارغان چاچ گۈزەللىك تاجىدۇر».—پەند. نە 16:31.
4-ناخشا خۇدا ئالدىدا ياخشى نام-ئاتاق تىكلەش
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) پەندى-نەسىھەت 16:31-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ياشانغان ساداقەتمەن قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق كۆزقاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟ (2) بۇ ماقالىدە، قايسى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
ئادەتتە، تەبىئىي ھالەتتىكى ئالماس پارقىرىمايدۇ ياكى كۆزۈمىزگە ئانچە چېلىقمايدۇ. شۇڭا، بىر كىشى تەبىئىي ھالەتتىكى ئالماسنى كۆرسە، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىگى، ھەتتا بۇ قىممەتلىك گۆھەرنى دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.
2 مەلۇم جەھەتتىن، ساداقەتمەن ياشانغان قېرىنداشلىرىمىز ئاشۇ ئالماسقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىممەتلىك غەزنىدۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇلارنىڭ ئاق-چاچلىرى تاجىغا سېلىشتۇرۇلغان (پەندى-نەسىھەت 16:31-نى ئوقۇڭ؛ 20:29). بىز ئاشۇ غەزنە كەبى قېرىنداشلىرىمىزنى كۆزگە ئاسان چېلىقتۇرماسلىقىمىز مۇمكىن. ياشلار ئاشۇ ياشانغانلارنىڭ قەدرىنى چۈشەنسە، ماددىي بايلىقلاردىنمۇ كۆپرەك بايلىقلارغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ ماقالىدە، ئۈچ سوئالغا جاۋاب تاپىمىز: نېمە ئۈچۈن يەھۋا ساداقەتمەن قېرىنداشلىرىمىزنى غەزنىدەك كۆرىدۇ؟ ئۇلارنىڭ يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا قانداق رولى بار؟ ئۇلارنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىلىرىدىن كۆپرەك ئۆگىنىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن يەھۋا ساداقەتمەن قېرىنداشلىرىمىزنى غەزنىدەك كۆرىدۇ؟
3. زەبۇر 92:12—15-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن يەھۋا ياشانغان سادىق خىزمەتچىلەرنى قەدىرلەيدۇ؟
3 ياشانغان سادىق خىزمەتچىلەر خۇدا ئۈچۈن قەدىر-قىممەتلىكتۇر. يەھۋا ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، يەنى ئۇلارنىڭ قانداق گۈزەل پەزىلەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ ۋە شۇلارنى قەدىرلەيدۇ. ئۇلار ئۇزۇن يىل جەريانىدا توپلىغان دانالىقىنى ياشلارغا ئۆگەتسە، يەھۋا خۇرسەن بولىدۇ (ئايۇپ 12:12؛ پەند نە. 1:1—4). ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قەدىرلەيدۇ (مالاك. 3:16). ئۇلارنىڭ ھاياتى قىيىنچىلىقسىز ئۆتكەن ئەمەس، ئەمما خۇداغا بولغان ئىمان-ئېتىقادى ھېچقاچان تەۋرەنمىگەن. ئۇلارنىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمىدى، ھەقىقەتنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان ۋاقىتقا قارىغاندا، تېخىمۇ كۈچەيگەن. يەھۋا ئۇلاردىن سۆيىنىدۇ، سەۋەبى ئۇلار قېرىسىمۇ، داۋاملىق ئۇنىڭ ئىسىمىنى جاكارلاۋاتىدۇ.—زەبۇر 92:12—15-نى ئوقۇڭ.
4. ياشىنىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا نېمە ئىلھام بېرەلەيدۇ؟
4 ئەگەر ياشىنىپ بولۇپ قالسىڭىز، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، يەھۋا ئۆتمۈشتە قىلغان ئىشلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ (ئىبرانىي. 6:10). سىز ئىلگىرى قىزغىنلىق بىلەن ۋەز خىزمەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدىڭىز، بۇنىڭدىن ئاسماندىكى ئاتىمىز بەكمۇ سۆيىنىدۇ. ھەتتا سىزنى ئازابلىغان تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بەردىڭىز. مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرىگە ماس ھايات كەچۈردىڭىز. تاپشۇرۇلغان ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئورۇنلىدىڭىز ۋە باشقىلارغا ئۆگەتتىڭىز. يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدىكى كۆپلىگەن ئۆزگۈرۈشلەرنى پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلدىڭىز. تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلارغا ئىلھام بەردىڭىز. يەھۋا ساداقەتمەنلىكىڭىزنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزدىن، بەكمۇ سۆيىنىدۇ . يەھۋا شۇنداق ۋەدە بەرگەن: « تاشلىماس ئۆزىنىڭ سادىق بەندىسىنى» (زەبۇر 37:28). ئۇ سىزگە مۇنداق ۋەدە بېرىۋاتىدۇ: «چېچىڭلار ئاق كىرىپ كەتسىمۇ، مەن سىلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن» (يەشايا 46:4). شۇڭا، سىز ياشىنىپ بولسىڭىز، ھەرگىزمۇ ئەمدى يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا مېنىڭ ھېچ كېرىكىم يوق دەپ ئويلىماڭ. سىز ھەقىقەتەن قەدىرلىك!
ياشانغانلارنىڭ يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا مۇھىم رولى بار
5. ياشانغان قېرىنداشلار نېمىنى ئەستىن چىقارماسلىقى كېرەك؟
5 گەرچە ياشانغانلارنىڭ ئىلگىرىكىدەك جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن يىللار داۋامىدا غەزنىدەك توپلانغان مول تەجرىبىلىرى بار. شۇ تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئۇلار يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا ئۆز ھەسسىسىنى قوشالايدۇ. ھازىر كۆرۈپ چىقىدىغان ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى زاماندىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ مىسالى، يەھۋانى ڭ داۋاملىق ياشانغانلارغا ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
6، 7. يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغان ياشانغان خىزمەتچىلەرنى، خۇدا قانداق بەرىكەتلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
6 ياشىنىپ قالغاندىمۇ يەھۋاغا قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلغان سادىق كىشىلەرنىڭ مىساللىرىنى مۇقەددەس كىتابتىن تاپالايمىز. مەسىلەن، يەھۋانىڭ پەيغەمبىرى مۇسا، ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، خىزمەت قىلىشقا باشلىغاندا 80 ياشلاردا ئىدى. يەھۋا يەنە 90 ياشتىن ئاشقان دانىيال ئارقىلىق پەيغەمبەرلىك سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن. ئەلچى يۇھاننا ۋەھىي كىتابىنى يازغاندا، بەلكىم 90 ياشلاردىن ئاشقان.
7 باشقىلارغا ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان نۇرغۇن ساداقەتمەن ئادەملەر بولغان. ئەمما، ئۇلار يەھۋانىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالمىغان ۋە ئۇلارنىڭ ساداقىتى مۇكاپاتلانغان. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابتا سىمون ئىسىملىك «ھەققانىي ۋە ئىخلاسمەن» كىشى ھەققىدە، پەقەت بىر قانچە جۈملە سۆزلەر بار. بىراق، يەھۋا ئۇنى ياخشى بىلگەن ۋە ئۇنىڭغا بوۋاق ئەيسانى كۆرۈش ۋە شۇ بوۋاق ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ھەققىدە، بېشارەتلەرنى بىلىش شان-شەرىپىنى بەرگەن (لۇقا 2:22، 25—35). 84 ياشلىق ئايال پەيغەمبەر ھاننا ھەققىدە ئويلاپ باقايلى. ئۇ ئىبادەتخانىغا بېرىشنى تاشلىمىغان. يەھۋا ئۇنى ئالاھىدە بەرىكەتلەپ، بوۋاق ئەيسانى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلغان. كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋا سىمون ۋە ھاننانى قەدىرلىگەن.—لۇقا 2:36—38.
8، 9. تۇل قالغان قېرىنداشلىرىمىز داۋاملىق ئۆز ھەسسىسىنى قانداق قوشالايدۇ؟ بىر مىسال كەلتۈرۈڭ.
8 بۈگۈنكى كۈندە ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ياشانغانلار، ياشلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. لۇئىس ئىسىملىك بىر قېرىنداشنىڭ مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ 21 يېشىدا، كانادادا مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنى باشلىغان. كېيىن، ئۇ يولدىشى جون بىلەن، نۇرغۇن يىللار جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان. كېيىنرەك، ئۇلار كانادا بەيتەلدە 20 يىل خىزمەت قىلغان. لۇئىس 58 ياشتا بولغاندا، جون بىلەن ئۇنى ئۇكرائىنادا خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. ئۇلار تەكلىپنى قوبۇل قىلغانمۇ؟ ياكى بىز ياشىنىپ قالدۇق، باشقا دۆلەتكە بېرىپ خىزمەت قىلالايمىزمۇ، دەپ ئويلىغانمۇ؟ ئۇلار تەكلىپنى قوبۇل قىلغان، جون ئۇكرائىنا بەيتەل كومىتېتىدا خىزمەتكە تەيىنلەنگەن. 7 يىلدىن كېيىن، جون ئۆلۈپ كەتكەن، ئەمما لۇئىس، ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. ھازىر لۇئىس 81 ياشتا، داۋاملىق يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇكرائىنا بەيتەلدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
9 لۇئىسقا ئوخشاش تۇل قالغان قېرىنداشلار، بەلكىم ئۆز ئەرلىرى ھايات ۋاقتىدىكىدەك باشقىلارنىڭ نەزەرىگە چۈشمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار تۇل قالسىمۇ، داۋاملىق قەدىرلىنىدۇ. تۇل قالغان قېرىنداشلىرىمىز، نۇرغۇن يىللار ئۆز ئەرلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكى ۋە ھازىرمۇ ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ كېلىۋاتقىنى ئۈچۈن، يەھۋا ئۇلارنى قەدىرلەيدۇ (1-تىموت. 5:3). ئۇنىڭدىن باشقا، شۇ قېرىنداشلىرىمىز ياشلارغا كۆپ ئىلھام بېرەلەيدۇ.
10. قېرىندىشىمىز تونى قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان؟
10 ياشانغانلاردىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە ياشايدىغان ياشىنىپ قالغان قېرىنداشلىرىمىز، بىز ئۈچۈن خۇددى روھىي غەزنىلەردەك. مەسىلەن، تونى ئىسىملىك بۇرادىرىمىز شۇنداق يەردە ياشاۋاتىدۇ، ئۇ 1942-يىلى 20 يېشىدا ئامېرىكىدا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ بىتەرەپلىكنى ساقلاشتا سىناققا دۇچ كەلگەن ۋە ئاخىرىدا ئىككى يېرىم يىل تۈرمىدە ياتقان. ئۇ ئايالى خىلدا بىلەن بىرلىكتە ئىككى پەرزەنتىنى ھەقىقەتتە چوڭ قىلغان. نۇرغۇن يىللار جەريانىدا، تونى ئۈچ جامائەتتە رىياسەتچى ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغان، ھەمدە ئۇنىڭغا رايونلۇق چوڭ يىغىلىشقا مەسئۇل بولۇش خىزمىتى تاپشۇرۇلغان. ئۇ تۈرمىلەرگە بېرىپ يىغىلىشلارنى ۋە مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگۈنۈشلىرىنى ئۆتكۈزگەن. قېرىندىشىمىز تونى ھازىر 98 ياشتا بولسىمۇ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختىتىپ قويغىنى يوق. ئۇ يەرلىك جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، يەھۋاغا قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.
11. ياشانغانلاردىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى، قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
11 ياشانغانلاردىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە، تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ مۇمكىنچىلىك بولغاندا، ئاقساقاللار ياشانغانلارنىڭ جامائەت يىغىلىشلىرىغا ۋە ۋەز خىزمەتكە قاتنىشىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. بىز ئۇلارنى يوقلاش ياكى ۋىدىئولۇق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، شەخسەن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. ئۆزى قاتنىشىدىغان جامائەتتىن يىراق جايدىكى ياشانغانلاردىن خەۋەر ئېلىش مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشنى خالايمىز. ئەگەر دىققەتچان بولمىساق، ئۇلار ئاسانلا نەزىرىمىزدىن چەتتە قالىدۇ. بەلكىم، ئۇلاردىن بەزىلىرى ئۆز قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە ئېيتىشتىن خىجىل بولۇشى ياكى باشقىلارغا ئېيتىشنىڭ كېرىكى يوق دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بىز ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشسەك، ئۇلار يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا خۇشال-خۇرام خىزمەت قىلغان چاغلىرى ھەققىدە ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇلاردىن بىز كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز.
12. جامائىتىمىزدە غەزنە كەبى ياشانغان قېرىنداشلار بارمۇ؟
12 جامائىتىمىزدىكى ياشانغان ساداقەتمەن قېرىنداشلارنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىلىرى ھەققىدە ئاڭلىغىنىمىزدا ھەيران قېلىشىمىز مۇمكىن. خارىئېت ئىسىملىك قېرىندىشىمىز ئامېرىكىنىڭ نيۇ-جېرىزىي شىتاتىدا ئۆز جامائىتىدە، نەچچە ئون يىل ساداقەتمەنلىك بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلغان. كېيىنرەك، ئۇ ئۆز قىزى بىلەن ياشاش ئۈچۈن، باشقا يەرگە كۆچۈپ بارغان. يېڭى جامائەتتىكى بۇرادەرلەر ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ۋە ئۇنىڭ خۇددى غەزنە كەبى قەدىر-قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن. ئۇ 1925-يىللىرى تۇنجى قېتىم ھەقىقەتنى ئاڭلىغان، ئۇ شۇ زامانلاردا ۋەز خىزمەتتە يۈز بەرگەن ئىش ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرغان. شۇ چاغدا، ئۇ ھەر دائىم يېنىغا چىش چوتكىسىنى سېلىۋالغان، سەۋەبى ئۇ ۋەز خىزمەتتە بولغاندا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىشى مۇمكىن ئىدى. ھەقىقەتەن 1933-يىلى، ئۇ ئىككى قېتىم بىر ھەپتىدىن تۈرمىدە ياتقان. ئۇ تۈرمىدە ياتقان چاغلاردا، گۇۋاھچى ئەمەس يولدىشى ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ئۈچ پەرزەنتىدىن خەۋەر ئالغان. شۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، خارىئېتقا ئوخشاش ساداقەتمەن ياشانغان قېرىنداشلار، ھەقىقەتەن قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ!
13. يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا ياشانغان قېرىنداشلارنىڭ قانداق رولى بارلىقى ھەققىدە نېمە ئۆگەندۇق؟
13 يەھـۋانىڭ تەشكىلاتىدا ياشانغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇھىم رولى بار. ئۇلار يەھۋانىڭ ئۆز تەشكىلاتىنى ۋە شەخسەن ئۇلارنى ھەرخىل يوللار بىلەن قانداق بەرىكەتلىگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئۇلار ئۆتكۈزگەن خاتالىقلاردىن مۇھىم ساۋاقلارنى ئالغان. ئۇلارنى دانالىق ئېقىپ چىقىۋاتقان بۇلاق كەبى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆگىنىشكە تىرىشىڭ (پەند نە. 18:4). ئەگەر ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلار بىلەن تونۇشسىڭىز، كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز ۋە ئىمان-ئېتىقادىڭىز كۈچىيىدۇ!
ياشانغانلار قالدۇرغان ئۈلگىلەردىن كۆپرەك ئۆگىنەيلى
14. تەكرار قانۇن 32:7 ياشلارنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟
14 ياشانغانلار بىلەن مۇڭدىشىش ئۈچۈن تەشەببۇسكار بولۇڭ (تەكرار قانۇن 32:7-نى ئوقۇڭ). بەلكىم، ئۇلارنىڭ كۆزى ھازىر ياخشى كۆرمەيدۇ، يول مېڭىشى قىيىن ۋە ئۈنلۈك سۆزلىيەلمەيدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ يۈرىكى تېخىچە ياش ۋە ئۇلار يەھۋانىڭ ئالدىدا ياخشى نام-ئاتاق تىكلىگەن (ۋەز 7:1). يەھۋا نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماي، داۋاملىق ئۇلارغا ھۆرمەت كۆرسىتەيلى. ئېلىشانى ئۈلگە قىلايلى. ئۇ ئىلياسنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلەردە ئۇنىڭدىن ئايرىلماسلىقنى قەتئىي قارار قىلغان. ئۇ ئۈچ قېتىم شۇنداق دېگەن: «سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن».—2-پادىشاھ. 2:2، 4، 6.
15. بىز ياشانغانلاردىن قانداق سوئاللارنى سورىساق بولىدۇ؟
15 ھۆرمەت بىلەن ياشانغانلاردىن سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق، سەمىمىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىڭ (پەند. نە 1:5؛ 20:5؛ 1-تىموت. 5:1، 2). ئۇلاردىن مۇنداق سوراپ بېقىڭ: «ياش ۋاقتىڭىزدا ھەقىقەتنى تاپقىنىڭىزغا، نېمە سىزنى قايىل قىلغان؟» «ھاياتىڭىزدا باشتىن كەچۈرگەن قانداق ئىشلار يەھۋاغا يېقىنلىشىشىڭىزغا ياردەم بەرگەن؟» «يەھۋاغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا نېمە ياردەم بەرگەن؟» (1-تىموت. 6:6–8). ئۇلار ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىش-ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بەرگەندە، دىققەت بىلەن تىڭشاڭ.
16. ياشانغانلار بىلەن ياشلار ئۆزئارا سۆھبەتلەشسە، ئۇلار قانداق ئىلھام ئالالايدۇ؟
16 ياشانغانلار ۋە ياشلار ئۆزئارا سۆھبەتلەشكەندە، ھەر ئىككىلىسى ئىلھام ئالالايدۇ (رىملىقلار 1:12). ياشلار يەھۋانىڭ ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرىگە قانداق كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادى كۈچىيىدۇ. ياشانغانلار بولسا، ئۆزلىرىنى قەدىرلىگەندەك ھېس قىلىدۇ. ئۇلار ياشلارغا خۇشاللىق بىلەن، يەھۋانىڭ ئۆزلىرىنى قانداق بەرىكەتلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
17. نېمە ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ساداقەتمەن ياشانغان قېرىنداشلارنى تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ، دەيمىز؟
17 ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئادەملەرنىڭ چىراي گۈزەللىكى كېتىپ قالىدۇ، بىراق يەھۋاغا سادىق بولغانلار يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ گۈزەلىشىدۇ (1-سالونىكا. 1:2، 3). نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ سەۋەبى، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار مۇقەددەس روھنىڭ، ئۇلارنى شەكىلگە كەلتۈرۈشىگە يول بېرىپ، گۈزەل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرگەن. بىز ئاشۇ ئەزىز ياشانغان قېرىنداشلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلاردىن ئۆگەنگەنسېرى، ئۇلارنى بىباھا غەزنە كەبى قەدىرلەيدىغان بولىمىز!
18. كېيىنكى ماقالىدە، نېمە ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز؟
18 پەقەت ياشلار ياشانغان قېرىنداشلارنى قەدىرلەپلا قالماي، بەلكى ياشانغانلارمۇ ياشلارنى قەدىرلىگەندىلا جامائەت گۈللەپ كۈچىيىدۇ. كېيىنكى ماقالىدە، ياشانغانلار جامائەتتىكى ياشلارنى قەدىرلىگەنلىكىنى قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
24-ناخشا كۆزۈڭ بولسۇن مۇكاپاتتا!
a ياشانغان سادىق قېرىنداشلىرىمىز خۇددى قىممەتلىك غەزنىگە ئوخشاش. تۆۋەندىكى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئۇلارنى قەدىرلىگەنلىكىمىزنى ۋە ھۆرمەتلىگەنلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ ياشانغان قېرىنداشلارنىڭ دانالىقى ۋە تەجرىبىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپرەك پايدىلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا ئۇلارنىڭ قانداق رولى بار؟