36-تەتقىق ماقالىسى
ياشلارنى قەدىرلەڭ
«يىگىتلەرنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇلارنىڭ شان-شۆھرىتىدۇر».—پەند. نە 20:29.
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
بۇ ماقالىدە a
1. ياشىنىپ قالغىنىمىزغا ئەگىشىپ، ئۆزۈمىزگە قانداق مەقسەتلەرنى قويالايمىز؟
بىز ياشىنىپ قالغانسېرى، بەلكىم يەھۋاغا ياش ۋاقتىمدىكىدەك خىزمەت قىلالايمەنمۇ دەپ ئەنسىرىشىمىز مۇمكىن. گەرچە ھازىر ياش ۋاقتىمىزدىكىدەك جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولمىسىمۇ، ئۆزۈمىز توپلىغان مول تەجرىبىلەر ۋە ماھارەتلەر ئارقىلىق، ياشلارنىڭ يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ۋە يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىغا ياردەم بېرەلەيمىز. ئۇزۇن ۋاقىت ئاقساقال بولۇپ، خىزمەت قىلغان بىر بۇرادەر شۇنداق دەيدۇ، «مەن ياشىنىپ ئىلگىرىكىدەك خىزمەت قىلىشقا كۈچۈم يەتمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىنىمدا، ياش بۇرادەرلەرنىڭ ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار بولغىنىدىن بەكمۇ مىننەتدار بولدۇم».
2. بۇ ماقالىدە، نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 ئالدىنقى ماقالىدە، ياشلار ياشانغانلار بىلەن يېقىن دوست بولسا، نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىققان ئىدۇق. بۇ ماقالىدە، كىچىك پېئىللىق، كەمتەرلىك، مىننەتدارلىق، سېخىيلىققا ئوخشاش پەزىلەتلەر ياشانغانلارغا ياشلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى ۋە نەتىجىدە پۈتۈن جامائەتنىڭ قانداق بەرىكەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈمىز.
كىچىك پېئىل بولۇڭ
3. فىلىپىلىكلەر 2:3، 4-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، كىچىك پېئىل بولۇشى دېگەن نېمە ۋە ئۇ خۇدانىڭ بىر خىزمەتچىسىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
3 ياشانغانلار ياشلارغا ياردەم بېرىشنى خالىسا، كىچىك پېئىل بولۇشى كېرەك. كىچىك پېئىل كىشى باشقىلارنى ئۆزىدىن يۇقىرى كۆرىدۇ (فىلىپىلىكلەر 2:3، 4-نى ئوقۇڭ). كىچىك پېئىللىقنى كۆرسىتىدىغان ئادەملەر شۇنى تونۇپ يېتىدۇكى، مەلۇم بىر ۋەزىپىنى ئورۇنداشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ياكى مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپى يالغۇز بىرلا ئەمەسلىكىنى ياخشى چۈشىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلار بىر ۋەزىپىنى باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا ئۇسۇلدا ئورۇندىشىنى كۈتمەيدۇ (ۋەز 7:10). ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ياشلارغا بېرەلەيدۇ، بىراق ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە يېڭى ۋەزىيەتكە ئۆزلىرىنى تەييارلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك.—1-كورىنت. 7:31.
4. ياشانغان رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار قەدىمقى لاۋىيلارغا ئوخشاش كۆزقاراشنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟
4 كىچىك پېئىل ياشىنىپ قالغان قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدەك كۆپ خىزمەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. مەسىلەن، ياشانغان رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللارنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇلار 70 ياشقا يەتكەندە، باشقا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. بەلكىم، بۇ ئۇلارغا قىيىن بولغان. ئەمما، ئۇلار باشقا قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشتىن خۇشاللىق تاپقان. ئۇلار بۇ ۋەزىپىنى بەكمۇ ياخشى كۆرگەچ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە كۆپرەك باشقىلارغا خىزمەت قىلىش ئىستىگى تا ھازىرغىچە كۈچلۈك. بىراق، ئۇلار ياشلارنىڭ شۇ خىزمەتنى ياخشىراق قىلالايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلار قەدىمقى ئىسرائىلدىكى لاۋىيلارغا ئوخشاش كۆزقاراشنى كۆرسەتكەن، شۇ زامانلاردا لاۋىيلار ئىبادەت چېدىردا خىزمەت قىلىشنى 50 ياشقىچە داۋام قىلاتتى. شۇ ياشانغان لاۋىيلار ئۆزلىرى قانداق خىزمەتكە تەيىنلىنىشتىن قەتئىينەزەر خۇشال بولغان. ئۇلار قىزغىنلىق بىلەن قولىدىن كەلگىنىچە قىلغان ۋە ياشلارغا ياردەم بەرگەن (سانلار 8:25، 26). ئىلگىرى رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغانلار، بۈگۈنكى كۈندە گەرچە جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى قىلالمىسىمۇ، بىراق ئۆزى تەيىنلەنگەن جامائەتكە كۆپ ياردەم ۋە ئىلھام بېرەلەيدۇ.
5. دان ۋە كېيتىنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىلىرىدىن سىز نېمە ئۆگىنەلەيسىز؟
5 23 يىل رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغان داننىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ 70 ياشقا يەتكەندە، ئايالى كېيتى بىلەن مەخسۇس پىدائىي ۋەز خىزمەتكە تەيىنلەنگەن. ئۇلار يېڭى ۋەزىپىسىدە خۇشاللىق تېپىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلغان؟ داننىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ھازىر ئۇ ئىلگىرىكىدىنمۇ ئالدىراش بولغان! ئۇ جامائەتتە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغاندىن باشقا، بۇرادەرلەرنىڭ ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشقا لاياقەتلىك بولۇشىغا، باشقىلارنىڭ چوڭ شەھەردە ۋە تۈرمىلەردە گۇۋاھلىق بېرىشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئەزىز ياشانغانلار، سىلەر تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇڭلار ياكى بولماڭلار، باشقىلارغا كۆپ ياردەم بېرەلەيسىلەر. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆز ۋەزىيىتىڭلارغا ماس يېڭى مەقسەتلەرنى قويۇپ، ئۆزۈڭلار قىلالمايدىغان ئىشقا ئەمەس، بەلكىم قولۇڭلاردىن كېلىدىغان ئىشلارغا دىققىتىڭلارنى قارىتىڭلار.
كەمتەر بولۇڭ
6. نېمە ئۈچۈن كەمتەر بولۇش مۇھىم؟ مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈڭ.
6 كەمتەر ئادەم ئۆز قابىلىيەتلىرىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ (پەند نە. 11:2). ئۇ ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە تەلەپچان بولۇپ، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشقا ئۆزىنى زورلىمايدۇ. نەتىجىدە، ئۇ خۇشاللىقنى يوقۇتۇپ قويماي، داۋاملىق تىرىشىپ خىزمەت قىلىدۇ. كەمتەر ئادەمنى ۋېلىسىپىت مىنىپ دۆڭگە قاراپ كېتىۋاتقان كىشىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇ كىشى داۋاملىق ئوخشاش تېزلىكتە ماڭمايدۇ، بەلكى ئاستىراق سۈرەت بىلەن مېڭىشى مۇمكىن. ئەمما، ئالغا ئىلگىرىلەشنى توختىتىپ قويمايدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، كەمتەر ئادەم قاچان ئاستىلاش ۋە ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى بىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇ يەھۋاغا قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىدۇ ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىدۇ.—فىلىپى. 4:5.
7. بارزىللاي كەمتەرلىكنى قانداق كۆرسەتتى؟
7 80 ياشلىق بارزىلاينىڭ مىسالى ھەققىدە ئويلاپ كۆرەيلى. ئۇنى پادىشاھ داۋۇت ئۆز پادىشاھلىق سارىيىغا تەكلىپ قىلغاندا، ئۇ كەمتەرلىك بىلەن پادىشاھنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان. سەۋەبى، ئۇ ئۆزىنىڭ ياشىنىپ، كۈچ-ماغدۇرىدىن قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۆز ئورنىغا ياش كىمخامنى تەۋسىيە قىلغان (2-سام. 19:35–37). خۇددى بارزىلايدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ياشانغان بۇرادەرلەر ياشلارغا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنى، خۇشاللىق بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ.
8. ئىبادەتخانا سېلىشنى ئارزۇ قىلغان داۋۇت پادىشاھ كەمتەرلىكنى قانداق كۆرسەتكەن؟
8 پادىشاھ داۋۇت ھەم كەمتەرلىكنىڭ ئېسىل ئۈلگىسىنى قالدۇرغان. ئۇ يەھۋا ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى چىن قەلبىدىن بەكمۇ ئارزۇ قىلغان. بىراق، يەھۋا ئۇنىڭغا بۇ ئىمتىيازنى ياش سۇلايمانغا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، داۋۇت خۇدانىڭ بۇ قارارىنى قوبۇل قىلغان ۋە قۇرۇلۇش ئىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن (1-تارىخ. 17:4؛ 22:5). سۇلايمان «ياش ۋە تەجرىبىسىز» بولغاچ، داۋۇت بۇ قۇرۇلۇش ئىشىنى مەن ياخشىراق قىلالايمەن دەپ ئويلىمىغان (1-تارىخ. 29:1). داۋۇت شۇنى ئېنىق بىلگەنكى، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىشى ھەرگىزمۇ قۇرۇلۇش ئىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلارنىڭ يېشى ياكى تەجرىبىسىگە ئەمەس، يەھۋانىڭ بەرىكەتلىشىگە باغلىق. بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋۇتنى ئۈلگە قىلغان ياشانغان بۇرادەرلەر، گەرچە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، قىزغىنلىق بىلەن ئۆز خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئىلگىرى قىلغان ئىشلارنى قىلىۋاتقان ياشلارنى يەھۋانىڭ بەرىكەتلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
9. بەيتەل كومىتېتىدىكى بىر بۇرادەر كەمتەرلىكنى قانداق كۆرسەتكەن؟
9 شىگو ئىسىملىك بۇرادەر بۈگۈنكى كۈندە كەمتەرلىكنىڭ ئۈلگىسىنى قالدۇرغان. ئۇ، 1976-يىلى، 30 يېشىدا بەيتەل كومىتېتىدا خىزمەتكە تەيىنلەنگەن. 2004-يىلى، بەيتەل كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. كېيىنرەك، ئۇ ياشىنىپ كۈچىدىن قالغانلىقىنى، ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىلگىرىكىدەك قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ ئۆزى قىلىۋاتقان خىزمەتنى ياشراق بىرىنىڭ ئۆز قولىغا ئېلىشى ھەققىدە دۇئا قىلغان. گەرچە شىگو ھازىر رىياسەتچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلمىسىمۇ، ئەمما بەيتەل كومىتېتىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. بارزىللاي، داۋۇت پادىشاھ ۋە شىگونىڭ مىساللىرىدىن كۆرگىنىمىزدەك، كىچىك پېئىل، كەمتەر كىشى ياشلارنىڭ تەجرىبىسىنىڭ كەمچىل بولۇشىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆپرەك نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىغا نەزەر سالىدۇ. ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رىقابەتچىلىرى ئەمەس، ئەكسىچە خىزمەتداشلىرى سۈپىتىدە كۆرىدۇ.—پەند. نە 20:29.
مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭ
10. جامائەتتە ياشانغان بۇرادەرلەر ياشلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولىدۇ؟
10 ياشانغان بۇرادەرلەر ياشلارنى يەھۋادىن كەلگەن ھەدىيە سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن، مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىغا ئەگىشىپ، جامائەتتە ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان ۋە ئېلىشقا تەييار بولغان كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان ياشلارنى كۆرگىنىدە، ئۇلاردىن بەكمۇ مىننەتدار بولىدۇ.
11. رۇت 4:13—16-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ياشانغانلار مىننەتدارلىق بىلەن ياشلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلسا، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدۇ؟
11 مۇقەددەس يازمىلاردىكى نائومىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى، ئۇ ياش بىرىنىڭ ياردىمىنى مىننەتدارلىق بىلەن قوبۇل قىلغان. دەسلەپتە نائومى، تۇل قالغان كېلىنى رۇتنى ئائىلىسىگە قايتىپ كېتىشىگە دەۋەت قىلغان. رۇت نائومى بىلەن بەيتلەھەمگە بىللە قايتىمەن دەپ قەتئىي تۇرۇپلىۋالغاچ، ئۇ خۇشاللىق بىلەن رۇتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغان (رۇت 1:7، 8، 18). نەتىجىدە ھەر ئىككى ئايال بەرىكەتكە ئېرىشكەن! (رۇت 4:13—16-نى ئوقۇڭ) كىچىك پېئىللىق ياشانغانلارنى نائومىدىن ئۈلگە ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
12. پاۋلۇس ئۆز مىننەتدارلىقىنى قانداق بىلدۈرگەن؟
12 ئەلچى پاۋلۇس باشقىلارنىڭ ياردىمى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن. مەسىلەن، ئۇ فىلىپى شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئۆزىگە ماددىي ياردەملەرنى ئەۋەتكىنى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان (فىلىپى. 4:16). ئۇ تىموتىينىڭ ئۆزىگە قىلغان ياردىمى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەن (فىلىپى. 2:19—22). پاۋلۇس رىمغا مەھبۇس سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەندە، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىشكە كەلگەنلەر ئۈچۈن خۇداغا مىننەتدار بولغان (ئەلچى. 28:15). پاۋلۇس جۇشقۇن، كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان كىشى ئىدى، ئۇ نەچچە مىڭ كىلومېتىر سەپەر قىلىپ، ۋەز قىلغان ۋە جامائەتلەرگە ئىلھام بەرگەن. ئەمما، ئۇ كىچىك پېئىللىق بىلەن باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغان.
13. ياشلار ئۈچۈن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ياشانغانلار قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟
13 ياشانغانلار جامائىتىڭلاردىكى ياشلار ئۈچۈن مىننەتدارلىقىڭلارنى كۆرسىتىشنىڭ نۇرغۇن يوللىرى بار. ئەگەر سىلەر بىر جايغا بېرىپ-كېلىش، كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ياكى جىسمانىي كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشتا ياردەمگە مۇھتاج بولساڭلار، ياشلارنىڭ ياردىمىنى مىننەتدارلىق بىلەن قوبۇل قىلىڭلار. شۇلارنىڭ ياردىمىنى يەھۋانىڭ سىلەرگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى دەپ بىلىڭلار. بەلكىم، سىلەر ياردەم قولىنى سۇنغانلار بىلەن يېقىن دوست بولالايسىلەر. شۇ دوستۇڭلارنىڭ يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىڭلار، ئۇلارنىڭ جامائەتتە تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردىن خۇشال ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇلارغا ئېيتىڭلار. ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۆز ھاياتىڭلاردا باشتىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبەڭلارنى سۆزلەپ بېرىڭلار. شۇنداق قىلغىنىڭلاردا، يەھۋانىڭ جامائەتكە ياشلارنى جەلپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتقىنىڭلارنى كۆرسىتىسىلەر.—كولوسى. 3:15؛ يۇھاننا 6:44؛ 1-سالونىكا. 5:18.
سېخىي بولۇڭ
14. پادىشاھ داۋۇت ئۆز سېخىيلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
14 داۋۇتنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى، ياشانغانلار داۋۇتنى ئۈلگە قىلىپ، سېخىيلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سۇلايمان شان-شەرەپكە ئېرىشسىمۇ، داۋۇت ئۆز غەزىنىسىدىكى بايلىقلارنى قوشۇمچە ئىئانە قىلغان (1-تارىخ. 22:11–16؛ 29:3، 4). خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان ئىمارەتلەرنى سېلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتىمىز يەتمىسە، بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ئىئانىلەرنى بېرىش ئارقىلىق، شۇ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيمىز. ئۇزۇن يىللار توپلىغان تەجرىبىلىرىمىزنى ياشلار بىلەن بۆلۈشۈپ، ئۇلارغا ياردەم بېرەلەيمىز.
15. ئەلچى پاۋلۇس سېخىيلىق بىلەن تىموتىيغا نېمىلەرنى ئۆگەتكەن؟
15 پاۋلۇسنىڭ سېخىيلىق ئۈلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش سەپىرىدە، تىموتىينى ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشقا تەكلىپ قىلغان، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش ئۇسۇلىنى بۇ ياش يىگىتكە سېخىيلىق بىلەن ئۆگەتكەن (ئەلچى. 16:1—3). پاۋلۇسنىڭ كۆرسەتمىلىرى تىموتىينىڭ ماھىر ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشىغا ياردەم بەرگەن (1-كورىنت. 4:17). كېيىن، تىموتىي پاۋلۇسنىڭ ئۆگەتكەنلىرىنى ئىشلىتىپ، باشقىلارنىمۇ ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىشكە ئۆگەتكەن.
16. بۇرادەرىمىز شىگو نېمە ئۈچۈن باشقىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن؟
16 ياشانغانلار بۈگۈنكى كۈندە ياشلارنى ئىلگىرى ئۆزلىرى قىلغان خىزمەتنى قىلىشقا ئۆگەتسە، ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ كېرىكى قالمايدۇ دەپ ئەنسىرىمەيدۇ. مەسىلەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قېرىندىشىمىز شىگو، بەيتەل كومىتېتىدىكى ياشراق بۇرادەرلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق، ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە ياردەم بەرگەن. نەتىجىدە، ئۇ ئەمدى بەيتەل كومىتېتىدا رىياسەتچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا كۈچى يەتمىگەندە، ئۆزى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن بۇرادەر ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. قېرىندىشىمىز شىگو، 45 يىلدىن كۆپرەك بەيتەل كومىتېتىدا خىزمەت قىلىپ توپلىغان مول تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ ياشراق بۇرادەرلەرگە ياردەم بېرىدۇ. شىگوغا ئوخشاش بۇرادەرلەرنىڭ بولغىنى يەھۋانىڭ خەلقى ئۈچۈن چوڭ بەرىكەت!
17. لۇقا 6:38-ئايەتكە ماس ياشانغانلار باشقىلارغا نېمىنى بېرەلەيدۇ؟
17 ياشانغان قېرىنداشلار، سىلەر ھاياتنى ئەڭ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ يولى، يەھۋاغا ئىشەنچ ۋە ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدىڭلار. سىلەر ئۆز ئۈلگەڭلار ئارقىلىق، مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۇلارنى ھاياتتا ئەمەلىي قوللىنىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى كۆرسەتتىڭلار. ئۆتمۈشتە مول تەجرىبىلەرنى توپلىغان بولساڭلارمۇ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ماسلىشىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندىڭلار. يېقىندا چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ياشانغان قېرىنداشلار، سىلەرمۇ جامائەتتە باشقىلارغا كۆپ ياردەم بېرەلەيسىلەر. ياشىنىپ قالغاندا، سىلەر يەھۋانى تونۇپ قانچىلىك خۇشاللىققا ئېرىشكەنلىكىڭلارنى ياشلارغا ئېيتىپ بېرەلەيسىلەر. توپلىغان تەجرىبەڭلار ۋە ھاياتتا ئالغان ساۋاقلىرىڭلارنى ئېيتىپ بەرگەندە، ياشلار خۇشاللىق بىلەن قۇلاق سالىدۇ. ئەگەر غەزىنە كەبى توپلىغان تەجرىبەڭلارنى ئايىماي، باشقىلار بىلەن بۆلۈشسەڭلار، يەھۋا سىلەرنى مول بەرىكەتلەيدۇ.—لۇقا 6:38-نى ئوقۇڭ.
18. ياشانغانلار بىلەن ياشلار بىر بىرىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
18 ياشانغانلار بىلەن ياشلار يېقىن دوست بولغاندا، ئۇلار ئۆزئارا ئىلھام بېرەلەيدۇ (رىملىقلار 1:12). ياشانغانلار ياكى ياشلار بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىنىڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك تەرىپى بار. ياشانغانلار ئۇزۇن يىللار داۋامىدا مول تەجرىبە ۋە دانالىقنى توپلىغان بولسا، ياشلار جۇشقۇن ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان. ئۇلار دوست بولۇپ، بىرلىكتە خىزمەت قىلغاندا ئاسماندىكى ئاتىمىزغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ ۋە جامائەت ئۈچۈن بەرىكەت بولىدۇ.
53-ناخشا ئىنـاق بىللە خىزمەت قىلىـش
a يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ياشلارنىڭ كۆپ بولۇشى جامائەتلىرىمىز ئۈچۈن بەرىكەت. جامائەتتىكى ياشانغانلار ئۆزلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىماي، يەھۋاغا پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان ياشلارغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
b سۈرەتتە: بىر رايونغا مەسئۇل ئاقساقال 70 ياشقا يەتكەندە، ئايالى بىلەن يېڭى بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. ئۇلار ھازىر ئۆزلىرى خىزمەت قىلىۋاتقان جامائەتتە باشقىلارغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ.