39-تەتقىق ماقالىسى
يېقىن كىشىمىز يەھۋانى تاشلاپ كەتكەندە
«تالاي قېتىم ئۇلار . . . ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردى!»—زەبۇر 78:40.
42-ناخشا ئاجىزلارغا ياردەم بەر
بۇ ماقالىدە a
1. بىرى جامائەتتىن چىقىرىلغاندا، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرى قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
يېقىن كىشىڭىز جامائەتتىن چىقىرىلغانمۇ؟ بۇ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى پىچاق سالغاندەك ئاغرىتىدۇ! ھىلدا b ئىسىملىك بىر قېرىنداش شۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەمراھىم بىلەن 41 يىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندە، شۇنچىلىك قايغۇ-ھەسرەت كەچتىمكى، ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئازاب يوق دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق، ئوغلۇم جامائەتنى، ئايالى ۋە بالىلىرىنى تاشلاپ كەتكەندە، چەككەن ئازاپلارنى تىل بىلەن تەسۋىرلىيەلمەيمەن».
2، 3. زەبۇر 78:40، 41-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆز خىزمەتچىلىرى يەھۋانى تاشلاپ كەتسە، ئۇ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
2 ئويلاپ كۆرۈڭە! يەھۋانىڭ روھىي ئائىلىسىدىكى پەرىشتىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈنگەندە، ئۇنىڭ يۈرىكى قانچىلىك ئاغرىغاندۇ،- ھە! (يەھۇدا 6). ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا ياخشى كۆرگەن ئىسرائىل خەلقى قايتا-قايتا ئۇنىڭغا قارشى چىققاندا، ئۇنىڭ كۆڭلى قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ (زەبۇر 78:40، 41-نى ئوقۇڭ). ناھايىتى ئېنىقكى، يېقىن كىشىلىرىڭىزدىن بىرى يەھۋانى تاشلاپ كەتسە، ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ كۆڭلى بەك ئاغرىيدۇ. ئۇ قايغۇ-ھەسرەتلىرىڭىزنى چۈشىنىدۇ. ئۇ سىزگە ھېسداشلىق قىلىپ، سىز ئېھتىياجلىق بولغان تەسەللى ۋە ياردەمنى بېرىدۇ.
3 يېقىن كىشىلىرىمىزدىن بىرى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتسا، ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز. يەنە يېقىن كىشىسى جامائەتتىن چىقىرىلغان بىرىگە جامائەتتىكى قېرىنداشلار قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئاۋۋال، بەزى سەلبىي ئوي-پىكىرلەردىن قانداق يىراق بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ
4. ئوغلى ياكى قىزى يەھۋانى تاشلاپ كەتكەندە، ئاتا-ئانىلار قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
4 ئامراق ئوغلى ياكى قىزى يەھۋانى تاشلاپ كەتكەندە، ئاتا-ئانىلار ھەر دائىم بالىمىزنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن. يەنە قانداق كۆپرەك ياردەم بېرىشىمىز كېرەك ئىدى دەپ ئويلايدۇ. ئوغلى جامائەتتىن چىقىرىلغاندىن كېيىن، دوك ئىسىملىك بىر بۇرادەر شۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆز-ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم، ئۇ ھەققىدە يامان چۈشلەرنى كۆردۈم. بەزىدە يىغلايتتىم ۋە يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىدى». ئوخشاش ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن ئېلىزابېت ئىسىملىك بىر قېرىنداش: «مەن بەلكىم ياخشى ئانا ئەمەس؟ ئوغلۇمغا يەھۋانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىتەلمەپتىمەن»،— دەپ ئويلىغان.
5. بىرى يەھۋانى تاشلاپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن كىم ئەيىبلىك؟
5 شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، يەھۋا ھەربىرىمىزگە تاللاش-ئەركىنلىكىنى سوۋغات قىلغان. بۇ ئۇنىڭغا بويسۇنۇش-بويسۇنماسلىقنى تاللىيالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. بەزى ياشلارنىڭ ئۆزىگە ياخشى ئۈلگە بولىدىغان ئاتا-ئانىلىرى يوق بولسىمۇ، ئۇلار يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى قارار قىلىپ، ئۇنىڭغا سادىق قالىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا يەھۋانى ياخشى كۆرۈشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆگەتكەن بولسىمۇ، كېيىنرەك ئۇلار يەھۋانى تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ. دېمەك، خۇلاسە قىلساق، يەھۋاغا خىزمەت قىلىش-قىلماسلىقنى چوقۇم ئۆزۈمىز قارار قىلىمىز (يەشۇئا 24:15). شۇڭا، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىڭلار يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتسا، بۇ سىلەرنىڭ خاتالىقلىرىڭلار ئەمەس، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەشنى توختىتىڭلار!
6. ئاتا-ئانىسى خۇداغا خىزمەت قىلىشنى توختاتسا، ياشلار قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇشى مۇمكىن؟
6 بەزىدە بىر ئاتا ياكى ئانا يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى، ھەتتا ئۆز ئائىلىسىنى تاشلاپ كېتىدۇ (زەبۇر 27:10). ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئۇلاردىن پەخىرلىنىدىغان بالىلار ئۈچۈن، بۇ ئىنتايىن چوڭ بىر زەربە. ئاتىسى جامائەتتىن چىقىرىلغان ئەستېر مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەر دائىم كۆز يېشى قىلاتتىم. سەۋەبى، دادام ھەقىقەت يولىدىن كېتىپلا قالغان ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدىن كېيىن، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان ئىدى. مەن دادامنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، شۇڭا ئۇ جامائەتتىن چىقىرىلغاندا، ھەر قاچان ئۇنىڭ ئۈچۈن غەم قىلاتتىم، ھەتتا مېنى قورقۇنچ چىرمىۋالاتتى».
7. ئاتا ياكى ئانىسى جامائەتتىن چىقىرىلغان ياشلارغا قارىتا، يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
7 ياشلار ئەگەر ئاتا ياكى ئاناڭلار جامائەتتىن چىقىرىلسا، بىزنىڭ كۆڭلىمىزمۇ يېرىم بولىدۇ! شۇنىڭغا ئىشەنچىڭلار كامىل بولسۇنكى، يۈرىكىڭلارنىڭ قانچىلىك ئاغرىغانلىقىنى يەھۋا ئېنىق بىلىدۇ. ئۇ سىلەرنى سۆيىدۇ ۋە سىلەرنىڭ ساداقەتمەنلىك بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىنىڭلاردىن ناھايىتى خۇرسەن بولىدۇ، بىز ھەم جامائەتتىكى قېرىنداشلار خۇرسەن بولىمىز. ئۇنتۇماڭلاركى، ئاتا-ئاناڭلارنىڭ چىقارغان قارارى ئۈچۈن، سىلەر ئەيىبلىك ئەمەس. بىز يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكەندەك، يەھۋا ھەر-بىر ئىنساننىڭ قەلبىگە تاللاش ئەركىنلىكىنى سالغان. چوقۇم ئۆزىنى بېغىشلاپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن «ھەركىم ئۆزىنىڭ يۈكىنى ئۆزى كۆتۈرىدۇ».—گالاتىيا. 6:5.
8. يېقىن كىشىسىنىڭ يەھۋاغا قايتىپ كېلىشنى كۈتۈۋاتقان سادىق ئائىلە ئەزالىرى قانداق يول تۇتسا بولىدۇ؟ (« يەھۋاغا قايتىپ كېلىڭ» دېگەن رامكىغا قاراڭ)
8 يېقىنلىرىڭىزدىن بىرى يەھۋانى تاشلاپ كەتكەندە، ناھايىتى تەبئىيكى، ئۇنىڭ بىر كۈنى يەھۋاغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز. شۇنى كۈتكەندىن باشقا يەنە نېمە قىلالايسىز؟ ئېتىقادىڭىز تەۋرەنمەي تۇرۇشى ئۈچۈن، قولۇڭىزدىن كەلگىنىچە تىرىشىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئائىلىڭىزدىكى باشقا كىشىلەرگە، ھەتتا جامائەتتىن چىقىرىلغان كىشىگە ياخشى ئۈلگە بولالايسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئازابلىق ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى يېڭىش ئۈچۈن، كېرەكلىك كۈچ-مەدەتكە ئىگە بولىسىز. ھازىر ئېتىقادتا تەۋرەنمەي تۇرۇشنىڭ بىر قانچە يوللىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئىمان-ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشنىڭ يوللىرى
9. يەھۋانىڭ كۈچ-مەدىتىگە ئېرىشىشنىڭ قانداق يوللىرى بار؟ (« يېقىن كىشىڭىز يەھۋانى تاشلاپ كەتكەندە، سىزگە تەسەللى بېرىدىغان ئايەتلەر» دېگەن رامكىغا قاراڭ)
9 ئىزچىل تۈردە روھىي ئىش-پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇڭ. ئۆزىڭىزنى ۋە ئائىلىڭىزدىكى باشقىلارنى روھىي جەھەتتىن داۋاملىق مۇستەھكەملەش بەك مۇھىم. بۇنى قانداق قىلالايسىز؟ مۇقەددەس كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى تاشلىماڭ ۋە ئوقۇغانلىرىڭىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ ھەم جامائەت يىغىلىشلىرىغا دائىم قاتنىشىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز، يەھۋانىڭ كۈچ-مەدىتىگە ئېرىشەلەيسىز. دادىسى ۋە بىر قېرىندىشى ھەقىقەتنى تاشلاپ كەتكەن جوئاننا مۇنداق دەيدۇ: «مەن مۇقەددەس كىتابتىكى ئابىگائىل، ئەستېر، ئايۇپ، يۈسۈپ ۋە ئەيساغا ئوخشاش شەخسلەر ھەققىدە ئوقۇغاندا، كۆڭلۈم تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشكەندەك ھېس قىلاتتىم. ئۇلارنىڭ مىساللىرى قەلبىمگە تەسەللى بېرىپ، ئىجابىي ئوي-پىكىردە بولۇشۇمغا ۋە ئازابلىرىمنى يېڭىشىمغا ياردەم بەردى. مەدھىيە ناخشىلىرىمىزمۇ تەسەللى تېپىشىمغا ياردەم بەرگەن».
10. زەبۇر 32:6—8-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئازابلىق ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى يېڭىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
10 ئۆز غەم-تەشۋىشلىرىڭىزنى يەھۋاغا ئېتىپ بېرىڭ. سىزنى ئازابلىق ھېس-تۇيغۇلار چىرمىۋالغاندا، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشنى توختاتماڭ. مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدايىمىزدىن ھەر ۋەزىيەتكە ئۇنىڭغا ئوخشاش كۆزقاراشتا قاراشنى ئۆگىنىش ۋە ئەقىل-ئىدراك بېرىپ ماڭىدىغان يولۇڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىشى ئۈچۈن، يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىڭ (زەبۇر 32:6—8-نى ئوقۇڭ). ئەلۋەتتە، ئازابلىق ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى يەھۋاغا سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش قىيىنغا چۈشۈشى مۇمكىن. بىراق، ئۇ چېكىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭىزنى تولۇق چۈشىنىدۇ. ئۇ سىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئىچ-باغرىڭىزنى ئۇنىڭغا تۆكۈپ بېرىشكە ئۈندەيدۇ.—چىق. 34:6؛ زەبۇر 62:7، 8.
11. ئىبرانىيلار 12:11-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، بىز نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ مېھىر-شەپقەتكە ئاساسلانغان پرىنسىپىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك؟ (« جامائەتتىن چىقىرىلىش يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
11 ئاقساقاللارنىڭ چىقارغان قارارلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەڭ. جامائەتتىن چىقىرىلىشنى يەھۋا ئورۇنلاشتۇرۇغان. ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان تۈزىتىش ئۇسۇلى، ھەممە كىشى، ھەتتا خاتالىق سادىر قىلغان كىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىقتۇر (ئىبرانىيلار 12:11-نى ئوقۇڭ). بەزىلەر جامائەتتىن چىقىرىلغان كىشى ئۈستىدە ئاقساقاللار توغرا قارار چىقارمىدى، دەپ جامائەتتە سەلبىي گەپ سۆزلەرنى قىلىشى مۇمكىن. بىراق، شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئاشۇ سەلبىي سۆزلەرنى قىلغانلار خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ ياخشى تەرىپىنى تىلغان ئېلىپ، خاتالىقى ھەققىدە سەلبىي سۆزلەرنى ئېيتىشنى خالىمايدۇ. بىز ئىشلارنىڭ ھەممە تەپسىلاتلىرىنى بىلمەيمىز. شۇنداق ئىكەن، ئاقساقاللارنىڭ مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى بويىچە «يەھۋا ئۈچۈن» ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش دانالىق بولىدۇ.—2-تارىخ. 19:6.
12. بەزىلەر يەھۋانىڭ ئەدەپلەپ تۈزىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، قانداق ياخشى نەتىجىنى كۆرگەن؟
12 ئەگەر ئاقساقاللارنىڭ يېقىن كىشىڭىزنى جامائەتتىن چىقىرىش قارارىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىسىڭىز، ئۇنىڭ يەھۋاغا قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بېرەلىشىڭىز مۇمكىن. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئېلىزابېت شۇنداق دەيدۇ: «قورامىغا يەتكەن ئوغلىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلماسلىق ھەقىقەتەن بەك قىيىن بولدى. ئەمما، ئۇ يەھۋاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ جامائەتتىن چىقىرىلغانلىقىنىڭ ياخشى قارار بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. كېيىنرەك، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ تەجرىبە-ساۋاققا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتتى. مەن يەھۋانىڭ ھەردائىم ئەدەپلەپ تۈزىتىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئۆگەندىم». ئۇنىڭ يولدىشى مارك: «ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن، ئوغلۇم، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلمىغانلىقىمىز سەۋەبلىك، ئۇ قايتىپ كېلىشنى خالىغانلىقىنى ماڭا ئېيتتى. يەھۋانىڭ ئىتائەتچان بولۇپ قېلىشىمىز ئۈچۈن، بىزگە ياردەم بەرگىنىگە ئىنتايىن خۇشالمەن»،— دەيدۇ.
13. ئازابلىق ھېس-تۇيغۇلارغا قارشى تۇرۇشىڭىزغا، نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
13 ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى چۈشىنىدىغان دوستلار بىلەن مۇڭدىشىڭ. ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدىغان پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىڭ (پەند نە. 12:25؛ 17:17). يۇقىرىدا تىلغا ئالغان جوئاننا: «قەلبىمنى يالغۇزلۇق ھېس-تۇيغۇسى چىرمىۋالغان ئىدى. ئىشەنچىلىك دوستلىرىم بىلەن مۇڭدىشىش ماڭا كۆپ ياردەم بەردى»،— دەيدۇ. بىراق، جامائەتتە ئەگەر بىرى سىزنى تېخىمۇ يامان ھېس-تۇيغۇغا سالىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلسا، نېمە قىلالايسىز؟
14. نېمە ئۈچۈن «بىز بىر-بىرىمىزگە كەڭ قوساق» بولۇپ، ئۆزئارا كەچۈرۈشىمىز كېرەك؟
14 قېرىنداشلىرىڭىزغا سەۋر-تاقەت كۆرسىتىڭ. رېئاللىق شۇكى، بىز ھەر بىر كىشىنىڭ ھەر دائىم توغرا سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلمايمىز (ياقۇپ 3:2). بىز ھەممىمىز نامۇكەممەل، شۇڭا بىرى نېمە دېيىشنى بىلمىسە ياكى رەنجىتىدىغان سۆزنى قىلىپ قويسا، ھەرگىزمۇ ھەيران قالماڭ. پاۋلۇسنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەستىن چىقارماڭ: «بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار، . . . ئاراڭلاردا بىرى سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى ئاغرىتقان بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار» (كولوسى. 3:13). تۇققىنى جامائەتتىن چىقىرىلغان بىر قېرىنداش شۇنداق دەيدۇ: «ماڭا ئىلھام بېرىشنى خالىغان، ئەمما بۇنىڭ ئورنىغا كۆڭلۈمگە ئازار بېرىپ قويغان قېرىنداشلىرىمنى كەچۈرۈشۈمگە يەھۋا ياردەم بەرگەن». جامائەت ساداقەتمەن ئائىلە ئەزالىرىغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
جامائەتنىڭ ياردىمى
15. يېقىن كىشىسى جامائەتتىن چاقىرىلغانلارغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
15 ساداقەتمەن ئائىلە ئەزالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، دوستانە مۇئامىلە قىلىڭ. مەريەم ئىسىملىك بىر قېرىنداش ئۇنىڭ ئىنىسى جامائەتتىن چىقىرىلغاندىن كېيىن، جامائەت يىغىلىشىغا بېرىشتىن ئەنسىرىگەنلىكىنى ئېيتتى: «مەن باشقىلار نېمە دەيدۇ، دەپ ئەنسىرىگەن. بىراق، شۇ بولغان ئىشلار سەۋەبلىك نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان ۋە ئۇلار كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلىمىغان، جامائەتتىن چىقىرىلغان ئىنىم ھەققىدە يامان گەپلەرنى قىلمىغان، مەن شۇلا ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. شۇ ئازابلىق كۈنلەردە ئۆزۈمنى يالغۇز ھېس قىلمىدىم». باشقا بىر قېرىندىشىمىز ئەسلەپ شۇنداق دەيدۇ: «ئوغلىمىز جامائەتتىن چىقىرىلغاندىن كېيىن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىمىز كېلىپ، بىزگە تەسەللى بەردى. بەزىلەر ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ نېمە دېيىشنى بىلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار مەن بىلەن بىرلىكتە كۆز-يېشى قىلدى ۋە تەسەللى بېرىدىغان خەتلەرنى يېزىپ ئەۋەتتى. ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا چوڭ ياردەم بەردى».
16. جامائەتتىن چىقىرىلغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا جامائەتتىكىلەر قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
16 داۋاملىق سادىق ئائىلە ئەزالىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەڭ. ئۇلار ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، بولۇپمۇ ھازىر بەكرەك مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىلھام-مەدەتلىرىڭىزگە مۇھتاج (ئىبرانىي. 10:24، 25). بەزىدە جامائەتتىن چىقىرىلغانلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى خۇددى ئۆزلىرىمۇ جامائەتتىن چىقىرىلغاندەك، جامائەتتىكى بەزىلەر ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشنى خالىمايۋاتقاندەك ھېس قىلغان. بىز ئۇلارنىڭ شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇشىنى خالىمايمىز! بولۇپمۇ، ئاتا-ئانىسى ھەقىقەتنى تاشلاپ كەتكەن ياشلار ماختاشقا ۋە ئىلھام-مەدەتكە مۇھتاج. يولدىشى جامائەتتىن چىقىرىلغان ۋە ئائىلىنى تاشلاپ كەتكەن مەريەم شۇنداق دەيدۇ: «بەزى دوستلىرىم ئۆيۈمگە كېلىپ تاماق ئېتىشكە ۋە ئائىلىۋى ئىبادەتنى ئۆتكۈزۈشكە ياردەم بەردى. مەن ئازابلانغاندا، ئۇلار تەڭ ئازابلىنىپ، بىللە كۆز-يېشى قىلدى. باشقىلار مەن توغرۇلۇق سۆز-چۆچەك قىلغاندا، ئۇلار مېنى قوغدىدى. ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا كۆپ ئىلھام-مەدەتلەرنى بەردى!»—رىملىقلار 12:13، 15.
17. قايغۇ-ھەسرەت چېكىۋاتقانلارغا ئاقساقاللار قانداق تەسەللى بېرەلەيدۇ؟
17 ئاقساقاللار ھەر بىر پۇرسەتنى چىن تۇتۇپ، سادىق ئائىلە ئەزالىرىغا ئىلھام-مەدەتلەرنى بېرىڭلار. سىلەرگە يېقىن كىشىسى يەھۋانى تاشلاپ كەتكەن قېرىنداشلارغا ئىلھام بېرىش مەسئۇلىيىتى ئالاھىدە يۈكلەنگەن (1-سالونىكا. 5:14). جامائەت يىغىلىشىدىن بۇرۇن ياكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارغا ئىلھام بېرىشتە تەشەببۇسكار بولۇڭلار. ئۆيلىرىگە يوقلاپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە دۇئا قىلىڭلار. ۋەز خىزمەتكە بىللە چىقىڭلار ۋە بەزىدە ئائىلىۋى ئىبادەتلىرىڭلارغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىڭلار. روھىي پادىچىلار يەھۋانىڭ قايغۇ-ھەسرەت چېكىۋاتقان قويلىرىغا ھېسداشلىق، غەمخورلۇق قىلىشى ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشى كېرەك.—1-سالونىكا. 2:7، 8.
ئۈمىدۋار بولۇپ، داۋاملىق يەھۋاغا ئىشىنىڭ
18. 2-پېترۇس 3:9-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ئۆزىگە خىزمەت قىلىشنى توختاتقانلاردىن، خۇدا نېمىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟
18 يەھۋا «ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ، ئەكسىنچە ھەممە ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ» (2-پېترۇس 3:9-نى ئوقۇڭ). بىر كىشى ھەتتا ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى يەنىلا يەھۋا ئۈچۈن بەك قەدىر-قىممەتلىك. ھەر بىر گۇناھكار ئىنسان ئۈچۈن، يەھۋانىڭ ئۆز سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ ھاياتىنى پىدا قىلىپ، زور بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ئەستىن چىقارماڭ. يەھۋانى تاشلاپ كەتكەنلەرنىڭ ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىشىگە، ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ. ئەيسانىڭ يوقالغان ئوغۇل ھەققىدىكى تەمسىلىدىن كۆرگىنىمىزدەك، خۇدا ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ (لۇقا 15:11—32). ھەقىقەتنى تاشلاپ كەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر كېيىنرەك ئاسماندىكى مېھىر-شەپقەتلىك ئاتىسىغا قايتىپ كەلگەن. جامائەت ئۇلارنى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالغان. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان قېرىندىشىمىز ئېلىزابېت ئۆز ئوغلىنىڭ جامائەتكە قايتا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ شاد-خۇراملىققا چۆمگەن. ئۇ ئەسلەپ: «بىزگە ئىلھام بېرىپ، بىزنى ئۈمىدۋار بولۇشقا ئۈندىگەن قېرىنداشلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن مىننەتدارمەن»،— دەيدۇ.
19. نېمە ئۈچۈن بىز داۋاملىق يەھۋاغا ئىشەنچ قىلالايمىز؟
19 بىز ھەردائىم يەھۋاغا ئىشەنچ قىلالايمىز. ئۇ ھەرگىزمۇ بىزگە زىيانلىق نەسىھەتلەرنى بەرمەيدۇ؛ يەھۋا سېخىي ۋە رەھىمدىل ئاتا، ئۇنى سۆيىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرگە، ئۇ چەكسىز مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭكى، ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈنلىرىڭىزدە، يەھۋا ھەرگىزمۇ سىزنى ياردەمسىز تاشلاپ قويمايدۇ (ئىبرانىي. 13:5، 6). يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مارك شۇنداق دەيدۇ: «قىيىن كۈنلىرىمىزدە يەھۋا بىزنى ھېچقاچان ياردەمسىز تاشلاپ قويمىدى». يەھۋا داۋاملىق سىزگە ئادەتتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچ-قۇۋۋەتنى بېرىدۇ (2-كورىنت. 4:7). ھەتتا يېقىن كىشىڭىز يەھۋانى تاشلاپ كەتسىمۇ، سىز ئۈمىدۋار بولۇپ، ساداقەتمەنلىكنى ساقلىيالايسىز.
38-ناخشا يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا!
a يېقىن كىشىمىز يەھۋانى تاشلاپ كەتكەندە، قەلبىمىزنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىدىغانلىقى؛ شۇنىڭدەك، يەھۋانىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغانلىقى؛ جامائەتتىن چىقىرىلغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكى سادىق قالغانلارنىڭ تەسەللى تېپىشى ۋە ئىمان-ئېتىقادىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. كېيىن، جامائەتتىكىلەر شۇ ئائىلىدىكىلەرگە قانداق تەسەللى ۋە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b ئىزاھات، بۇ ماقالىدە بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلگەن.