26-تەتقىق ماقالىسى
سۆيگۈ-مۇھەببەت قورقۇنچنى يېڭىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
«يەھۋا مېنىڭ يېنىمدادۇر، مەن ھېچ قورقمايمەن».—زەبۇر 118:6.
3-ناخشا «خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر»
بۇ ماقالىدە a
1. قانداق قورقۇنچلار بار؟
بەزى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى باشتىن ئۆتكۈزگەن ئىشلارنى كۆرۈپ باقايلى. نېستور ۋە ئايالى مارىيا ۋەز ئېيتقۇچىلارغا موھتاج بولغان يەرگە كۆچۈشنى خالىغان b. ئەمما، شۇنداق قىلىش ئۈچۈن ئۇلار تېجەشلىك، ئاددى-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىنىشكە توغرا كەلگەن. ئۇلار دەسلەپتە ئازغىنە پۇل بىلەن ھايات كەچۈرسەك، ھەقىقىي بەختكە ئېرىشەلمەيمىز دەپ قورققان ئىدى. ئىش-پائالىيەتلىرىمىز چەكلەنگەن دۆلەتتە ياشايدىغان بىنېئام ئىسىملىك كىشى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغاندا، زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ بۇنىڭدىن قورققان. ئۇ يەنە ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ يېڭى دىننى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلسە، قانداق ئىنكاس قايتۇرىشى ھەققىدە غەم قىلىپ تېخىمۇ قورقۇپ كەتكەن. ۋالېرىيا ئىسىملىك ئايالغا ئېغىر راك كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان قانغا بولغان كۆزقارىشىنى ھۆرمەتلەيدىغان بىر دوختۇرنى تېپىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدىگەن. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورققان.
2. نېمە ئۈچۈن قورقۇنچىمىزنى يېڭىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك؟
2 سىزمۇ بۇنداق قورقۇنچنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ كۆپچىلىكىمىز ھېس قىلىمىز. ئەگەر قورقۇنچىمىزنى كونترول قىلمىساق، چىقارغان ناتوغرا قارارلىرىمىز يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە يامان تەسىر قىلىدۇ. شەيتان نەق شۇنى خالايدۇ. شۇنىڭدەك، شەيتان بىزنىڭ يەھۋا خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنماسلىقىمىز، شۇ جۈملىدىن خۇش خەۋەرنى ئېيتماسلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنى قورقۇنچقا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ (ۋەھىي. 12:17). شەيتان تاش يۈرەك، رەھىمسىز ۋە كۈچلۈك شەخس. بىراق، ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى ھىمايە قىلالايسىز. قانداق قىلىپ؟
3. قورقۇنچىمىزنى يېڭىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
3 يەھۋانىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ۋە بىز تەرەپتە تۇرۇپ، دائىم بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلساق، شەيتاندىن قورقمايمىز (زەبۇر 118:6). مەسىلەن، زەبۇر 118-بابنىڭ يازغۇچىسى كۆپ غەم-تەشۋىشكە سالىدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ئۇنىڭ كۆپ دۈشمەنلىرى كۆپ بولغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەتتا ھوقۇقدارلار بار ئىدى (9، 10-ئايەتلەر). بەزىدە، ئۇ ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلگەن (13-ئايەتلەر). يەھۋا ئۇنى قاتتىق تەربىيىلەپ تۈزەتكەن (18-ئايەت). شۇنداقتىمۇ، زەبۇر يازغۇچىسى: «قورقمايمەن»،— دەپ ناخشا ئېيتقانىدى. نېمە ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنى شۇنچە بېخەتەر ھېس قىلغان؟ چۈنكى، ئۇ يەھۋانىڭ ئۇنى تۈزەتكەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەرشتىكى ئاتىسىنىڭ ئۇنى بەكمۇ سۆيىدىغانلىقىنى بىلگەن. زەبۇر يازغۇچىسى مەيلى قانداق ئېغىر ئەھۋالغا دۇچ كەلمىسۇن، كۆيۈمچان ئاتىسىنىڭ ھەردائىم ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغان.—زەبۇر 118:29.
4. خۇدانىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلساق، قانداق قورقۇنچلارنى يېڭەلەيمىز؟
4 بىز ياراتقۇچىمىزنىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشىمىز كېرەك. ئىشەنچىمىز (1) ئائىلىنى تەمىنلىيەلمەي قېلىشتىن قورقۇش، (2) ئىنساندىن قورقۇش ۋە (3) ئۆلۈمدىن قورقۇشتەك قورقۇنچلارنى يېڭىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بىرىنچى ئابزاستا تىلغا ئېلىنغان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنى خۇدانىڭ سۆيىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغاچ، ئۆز قورقۇنچلىرىنى يېڭەلىگەن.
ئائىلىمىزنى تەمىنلىيەلمەي قېلىشتىن قورقۇش
5. قانداق ۋەزىيەتلەر ئائىلە بېشىنى غەم-تەشۋىشكە سالىدۇ؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
5 ئائىلە بېشى ئۆز ئائىلىسىگە غەمخورلۇق قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇھىم دەپ قارايدۇ (1-تىموت. 5:8). ئەگەر ئائىلە بېشى بولسىڭىز، بەلكىم يېقىندا تارقالغان يۇقۇملۇق ۋىرۇس مەزگىلىدە ئىشتىن ئايرىلىپ قالغانسىز. ئېھتىمال، ئائىلەمنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەش، ئىجارە ھەققى ياكى ئۆيۈمنىڭ قەرزنى تۆلەش قىيىنغا چۈشىدۇ دەپ غەم-ئەندىشە قىلغانسىز. شۇنداقلا،ئىشتىن ئايرىلىپ قالسام، باشقا ئىشنى تاپالايمەنمۇ دەپ قورققانسىز. ياكى بولمىسا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نېستور ۋە مارىياغا ئوخشاش، ئازراق پۇل تاپسام، تۇرمۇشىمىز قانداق ئۆتەر دەپ غەم قىلىپ، ھاياتىڭىزدا ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشتا ئىككىلىنىپ قالغانسىز. شەيتان بۇنداق قورقۇنچلارنى ئىشلىتىشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
6. شەيتان بىزنى نېمىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ؟
6 يەھۋا خۇدا بىزگە شەخسەن كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، بىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە ئائىلىمىزگە غەمخورلۇق قىلىشىمىزغا ياردەم بەرمەيدۇ، دەپ ئىشىنىشىمىزنى شەيتان بەك خالايدۇ. ئۇ بىزنى شۇنىڭغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. نەتىجىدە، بىز ئىشىمىزدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىچە ھەممىنى قىلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلىشىمىز، ھەتتا يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان بەزى ئىشلارنى قىلىشىمىز مۇمكىن.
7. ئەيسا مەسىھ بىزنى نېمىگە ئىشىنىشكە دەۋەت قىلغان؟
7 ئاتىسىنى ھەرقانداق بىرىدىن ياخشىراق تونۇغان ئەيسا مەسىھ، بىزنى ياراتقۇچىغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىپ: «ئاتاڭلار نېمىگە موھتاج بولغىنىڭلارنى سىلەر ئۇنىڭدىن تىلىمەستىن ئىلگىرى بىلىدۇ»،— دېگەن (مەتتا 6:8). ئەيسا مەسىھ يەھۋا خۇدانىڭ ئېھتىياجلىرىمىزنى قامداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بىز خۇدا خىزمەتچىلىرى سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز. يەھۋا بۇ ئائىلىمىزنىڭ بېشىدۇر. 1-تىموتىي 5:8-ئايەتتە، ياراتقۇچىمىزنىڭ بارلىق ئائىلە بېشىغا بەرگەن نەسىھەت سۆزلىرىگە ئۆزى ھەم ئەمەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز.
8. (1) ئائىلىمىزنى تەمىنلىيەلمەي قېلىش قورقۇنچىنى يېڭىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (مەتتا 6:31–33) (2) سۈرەتتىكى بىر قېرىنداشقا تاماق ئېلىپ كەلگەن ئەر-ئايالدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
8 يەھۋا بىزنى ۋە ئائىلىمىزنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلساق، ئۇنىڭ ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بىلەن بىزنى تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز (مەتتا 6:31–33-نى ئوقۇڭ). يەھۋا بىزنى تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئۇ ھەقىقەتەن مېھىر-شەپقەتلىك ۋە سېخىي تەڭدۇر! ئۇ يەر يۈزىنى ياراتقاندا، ھايات كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن زۆرۈر ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى بېرىپلا قالماي، بەلكى ھاياتتىن ھۇزۇر ئېلىشىمىز ئۈچۈن يەر يۈزىنى ئاجايىپ نەرسىلەرگە تولدۇرۇپ، سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەن (يارىت. 2:9). ھەتتا بەزىدە كۈن كەچۈرۈش ئۈچۈن پەقەتلا زۆرۈر نەرسىلىرىمىز بار بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ئۆزىمىزدە بار شۇ زۆرۈر نەرسىلەرنىمۇ يەھۋا خۇدايىمىز تەمىنلەپ بەرگەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك (مەتتا 6:11). ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا بىزگە، بىز قۇربانلىققا بەرگەن ماددىي نەرسىلەردىن كۆپرەك نەرسىلەرنى بېرىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. كېلەچەكتە ئۇ بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنى بېرىدۇ. نېستور ۋە مارىيا نەق شۇنى چۈشىنىپ يەتكەن.—يەشايا 65:21، 22.
9. نېستور ۋە مارىيانىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
9 نېستور ۋە مارىيانىڭ كولۇمبىيىدە تۇرمۇش شارائىتى ياخشى ئىدى. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئاددى-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈپ، كۆپرەك يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ھەققىدە ئويلاندۇق. بىراق، ئازغىنە پۇل بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلمەيمىز دەپ قورقاتتۇق». ئۇلارنىڭ بۇ قورقۇنچنى يېڭىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇلار خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە تۈرلۈك يوللار بىلەن سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغان. بۇ ئەر-ئايال خۇدانىڭ دائىم ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىغا كۆز يېتىپ، يۇقىرى مائاشلىق ئىشىنى تاشلاپ كەتكەن. نېستور ۋە مارىيا ئۆز ئۆيىنى سېتىۋېتىپ، ۋەز ئېيتقۇچىلارغا موھتاج بولغان يەرگە كۆچكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چىقارغان قارارى توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ؟ نېستور مۇنداق دەيدۇ: «بىز مەتتا 6:33-ئايەتتىكى سۆزلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ھېچقاچان زۆرۈر نەرسىلىرىمىز كەم بولمىدى. ھازىر تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز».
ئىنساندىن قورقۇش
10. نېمە ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىدىن قورقۇشى ھەيران قالارلىق ئەمەس؟
10 ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا تەڭرى يەھۋاغا قارشى ئىسىيان كۆتەرگەندىن تارتىپ، تا ھازىرغىچە ئىنسانلار بىر-بىرىگە زىيان يەتكۈزۈپ كەلمەكتە (ۋەز 8:9). مەسىلەن، كىشىلەر ئۆز ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىدۇ، جىنايەتچىلەر زوراۋانلىق قىلىدۇ، بوزەك قىلغۇچىلار مەكتەپتە ئەدەبسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ، سىنىپداشلىرىغا تەھدىت سالىدۇ. يەنە باشقىلار بولسا، ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ناچار مۇئامىلە قىلىپ، رەھىم-شەپقەتسىزلىك قىلىدۇ. شۇڭا، ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىدىن قورقۇشى ھەيران قالارلىق ئەمەس! شەيتان بىزگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىنساندىن قورقۇش تۇيغۇسىدىن پايدىلىنىدۇ. قانداق؟
11، 12. شەيتان ئىنساندىن قورقۇش تۇيغۇسىدىن پايدىلىنىپ، بىزنى قانداق قورقىتىدۇ؟
11 شەيتان ئىنسانلاردىن قورقۇش تۇيغۇسىدىن پايدىلىنىپ، بىزنى قورقۇتىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىزنى خۇداغا بويسۇنۇش ۋە ۋەز قىلىشتىن توختىتىشقا ئۇرۇنىدۇ. شەيتاننىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ھۆكۈمەتلەر ئىش-پائالىيىتىمىزنى چەكلەپ، بىزگە زىيانكەشلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ (لۇقا 21:12؛ ۋەھىي. 2:10). شەيتان باشقۇرۇۋاتقان بۇ دۇنيادا، نۇرغۇن كىشىلەر يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدە يالغان گەپ-سۆزلەرنى تارقىتىپ يۈرىدۇ. بۇ يالغانچىلىقلارغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر بىزنى مەسخىرە قىلىشى ياكى قول كۆتۈرۈپ بىزگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن (مەتتا 10:36). شەيتاننىڭ بۇنداق ھىيلە-مىكىرلىرى بىزنى ھەيران قالدۇرمايدۇ. ئۇ بىرىنچى ئەسىردىمۇ دەل شۇنداق ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن!—ئەلچى. 5:27، 28، 40.
12 ھۆكۈمەتلەرنى ئىشلىتىپ زىيانكەشلىك قىلىش، شەيتاننىڭ بىردىن-بىر قورقۇتۇش ئۇسۇلى ئەمەس. بەزىلەر يەھۋا گۇۋاھچىسى بولسا، ئۆزىنىڭ جىسمانىي زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىنمۇ كۆپرەك، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قانداق ئويلىشىدىن قورقىدۇ. ئۇلار شەك-شۈبھىسزكى، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يەھۋا خۇدانى تونۇپ، ئۇنى سۆيۈشىنى خالايدۇ. ئەمما، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەق خۇدا ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلارغا تىل تەككۈزۈپ، ھاقارەتلىك سۆزلەرنى قىلسا، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئازار يەيدۇ. شۇنداقتىمۇ بەزى ۋەزىيەتلەردە، دەسلەپتە قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كېيىنرەك ھەقىقەتنى قوبۇل قىلغان. بىراق، ئېتىقادىمىز سەۋەبلىك، ئائىلىمىزدىكىلەر بىز بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزسىچۇ؟ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىمىز؟
13. يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىگە بولغان ئىشەنچىمىز ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا بەرداشلىق بېرىشكە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (زەبۇر 27:10)
13 زەبۇر 27:10-نى ئوقۇڭ. بىز بۇ ئايەتتىكى ئاجايىپ سۆزلەردىن تەسەللى تاپالايمىز. خۇدانىڭ بىزگە بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئەستىن چىقارمىساق، ھەرقانداق قارشىلىققا دۇچ كېلىشتىن قورقماي، ئۆزىمىزنى بېخەتەر ھېس قىلىمىز. بىز ياراتقۇچىمىزنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ھېچبىر ئىنسان بىزنىڭ جىسمانىي، ھېسسىي ۋە روھىي ئېھتىياجلىرىمىزنى، كۆيۈمچان ئاتىمىز يەھۋادەك تەمىنلەپ بېرەلمەيدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىنېئام دەل شۇنى باشتىن ئۆتكۈزگەن.
14. بىز بىنېئامنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
14 گەرچە بىنېئام ئۆزى ياشايدىغان دۆلەتتە ھۆكۈمەت يەھۋا گۇۋاھچىلىرىغا رەھىمسىزلارچە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۇ يەنىلا يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغان. ياراتقۇچى يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىنېئامنىڭ ئىنسانلاردىن قورقۇشنى يېڭىشىگە ياردەم بەرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكى مەن تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ دەھشەتلىك ئىدى. بىراق، مەن ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەس، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىدىن كۆپرەك قورققان ئىدىم. يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشنى قارار قىلسام، دادامنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشتىن ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئەمدى مېنى ھۆرمەتلىمەسلىكىدىن قورققان ئىدىم». لېكىن، بىنېئام خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارغا دائىم غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغان. ئۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ: «مەن باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار، كەمسىتىش ۋە توپىلاڭچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا بەرداشلىق بېرىشىگە، يەھۋانىڭ قانداق ياردەم بەرگەنلىكى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانغان ئىدىم. مەن شۇنى بىلدىمكى، ئەگەر يەھۋا تەرەپتە تۇرسام، ئۇ مېنى چوقۇم بەرىكەتلەيدۇ. مەن بىر نەچچە قېتىم قولغا ئېلىنغاندا، ھەتتا قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ سوراققا تارتىلغاندا، يەھۋاغا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ قالساق، قىيىن پەيتلەردە ئۇنىڭ ھەردائىم بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم». بىنېئام ئۈچۈن يەھۋا ھەقىقىي ئاتا ۋە ئۇنىڭ خەلقى ھەقىقىي ئائىلە بولغان.
ئۆلۈمدىن قورقۇش
15. نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقۇش بۇ تەبىئىي ھېس-تۇيغۇ؟
15 مۇقەددەس كىتاب ئۆلۈمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ (1-كورىنت. 15:25، 26). بولۇپمۇ ئۆزىمىز ياكى يېقىن كىشىلىرىمىز ئېغىر كېسەل بولغاندا، ئۆلۈم توغرىسىدىكى ئوي-خىياللار بىزنى غەم-تەشۋىشكە سالىدۇ. بىز نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقىمىز؟ سەۋەبى، يەھۋا ئىنسانلارنى ياراتقاندا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاش ئارزۇ-ئىستىكىنى سالغان (ۋەز 3:11). ئۆلۈمدىن قورقۇشقا بولغان تەڭپۇڭ كۆزقاراش ھاياتىمىزنى قوغداشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، ئۇ توغرا ئوزۇقلىنىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادەتلىرىگە قارىتا توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ياكى بولمىسا، بۇنداق قورقۇش زۆرۈر بولغاندا، دوختۇرلار ياكى تىببىي خادىملاردىن مەسلىھەت سورىشىمىزغا، ھەمدە ھاياتىمىزنى بىكاردىن-بىكار خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماسلىقىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
16. شەيتان ئۆلۈمدىن قورقۇشتەك تەبىئىي ھېس-تۇيغۇمىزدىن قانداق پايدىلىنىدۇ؟
16 شەيتان ھاياتىمىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ. ئەمما، ئۇ بىزنى جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارچە نەرسىلەردىن، ھەتتا خۇدا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتتىن ۋاز كېچىدۇ،— دەپ جار سالىدۇ (ئايۇپ 2:4، 5). شەيتاننىڭ جار سېلىشى پۈتۈنلەي يالغان! بىراق، ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان شەيتان ئۆلۈمدىن قورقۇش ھېس-تۇيغۇمىزدىن پايدىلىنىپ، بىزنى يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشتىن توختىتىشقا ئۇرۇنىدۇ (ئىبرانىي. 2:14، 15). بەزى ۋەزىيەتلەردە شەيتاننىڭ تەسىرى ئاستىدىكى كىشىلەر خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىگە: «ئېتىقادىڭلاردىن ۋاز كەچمىسەڭلار، ئۆلتۈرۈۋېتىمىز»،— دەپ قورقىتىدۇ. بەزىدە جىددىي داۋالىنىشقا موھتاج بولغانلىقىمىزنى كۆرگەن شەيتان، ھاياتىمىزدىكى خەتەرلىك پەيتتىن پايدىلىنىپ، بىزنى يەھۋانىڭ قانۇنلىرىنى بۇزىدىغان قارارنى قىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ . دوختۇرلار ۋە يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىزنى يەھۋانىڭ قانۇنىنى بۇزۇپ، قان سېلىشنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، كىمدۇ-بىرسى بىزنى مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارغا زىت بولغان باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىشقا قايىل قىلىشى مۇمكىن.
17. رىملىقلار 8:37–39-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق؟
17 ئەلۋەتتە، بىز ئۆلۈشنى خالىمايمىز. ئەمما، شۇنى بىلىمىزكى، ئۆلۈپ كەتكەن ھالەتتىمۇ، يەھۋا خۇدا بىزنى داۋاملىق سۆيىدۇ (رىملىقلار 8:37–39-نى ئوقۇڭ). يەھۋانىڭ دوستلىرى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇ ئۇلارنى يەنىلا ھاياتتەك، يادىدا ساقلايدۇ (لۇقا 20:37، 38). خۇدا ئۇلارنى تىرىلدۈرۈشكە بەك تەشنا (ئايۇپ 14:15). ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، يەھۋا قىممەت-باھالىق بىر بەدەلنى تۆلىگەن (يۇھاننا 3:16). بىز ئۇنىڭ بىزگە بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتى ۋە غەمخورلۇقىنى بىلىمىز. شۇڭا، ھەتتا بىز ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئۆلۈم خەتىرىگە دۇچ كەلسەكمۇ، خۇدانى تاشلاپ كېتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭدىن كۈچ-مەدەت ۋە دانالىق سورايمىز. ۋالېرىيا ۋە ئېرى دەل شۇنداق قىلغان.—زەبۇر 41:3.
18. ۋالېرىيانىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ؟
18 35 ياشلىق ۋالېرىياغا راك كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈم قورقۇنچىنى يېڭىشىگە سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا قويۇلغان دىئاگنوز تۇرمۇشىمىزنى بىر كېچىدىلا ئۆزگەرتتى. ھايات قېلىشىم ئۈچۈن چوڭ ئوپېراتسىيە قىلىنىشىم كېرەك ئىدى. مەن نۇرغۇن دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سورۇدۇم. بىراق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قانسىز ئوپېراتسىيە قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. مەن قورقۇپ كەتكەن ئىدىم. بىراق، خۇدانىڭ بۇيرۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەن قان سېلىشنى رەت قىلدىم. يەھۋا پۈتكۈل ئۆمۈرۈم بويى ماڭا شۇنچىلىك كۆپ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسەتتى. مانا ئەمدى خۇداغا مېھىر-مۇھەببىتىمنى كۆرسىتىش نۆۋىتى ماڭا كەلدى. ھەر قېتىم شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، يەھۋا مېنىڭدىن پەخىرلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا ۋە شەيتاننىڭ ئۈستۈمدىن غەلبە قازىنىشىغا يول قويماسلىققا تېخىمۇ مەھكەم بەل باغلىدىم. نەتىجىدە، ماڭا قىلىنغان قانسىز ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. گەرچە مەن تېخىغىچە داۋالاشقا موھتاج بولساممۇ، يەھۋا بىزنى ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بىلەن دائىم تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن، ماڭا دىئاگنوز قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، دەم ئېلىش كۈنىدىكى جامائەت يىغىلىشىدا «بۈگۈنكى كۈندىكى قىيىنچىلىقلارغا جاسارەت بىلەن بەرداشلىق بېرىش» ناملىق ماقالىنى كۆرۈپ چىقتۇق c. بۇ ماقالىدىن چوڭ تەسەللى تاپتۇق. بىز ئۇنى قايتا-قايتا ئوقۇيمىز. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماقالىلەر ۋە خۇدا خىزمىتى بىلەن بەنت بولۇش كۆڭلىمىزنى تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈردى ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشىمىزغا ۋە توغرا قارار چىقىرىشىمىزغا ياردەم بەردى».
قورقۇنچلىرىمىزنى يېڭىش
19. پات-يېقىندا قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟
19 دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئېتىقادداشلار ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، شەيتانغا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە (1-پېتر. 5:8، 9). سىزمۇ شۇنداق قىلالايسىز. ياراتقۇچىمىز يەھۋا پات-يېقىندا ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پادىشاھلىق قىلىدىغانلارنى شەيتاننىڭ قىلمىشلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ (1-يۇھاننا 3:8). ئاندىن كېيىن، يەھۋانىڭ: «ھېچ نەرسىدىن قورقمايسەن. خەۋپ-خەتەر سەندىن نېرى كېتەر»،— دېگەن سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشىدۇ (يەشايا 54:14؛ مىكاھ 4:4). بىراق، شۇ ۋاقىت كەلگىچە، قورقۇنچلىرىمىزنى يېڭىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرەك.
20. قورقۇنچلىرىمىزنى يېڭىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
20 قورقۇنچلىرىمىزنى يېڭىش ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىنى سۆيىدىغانلىقىغا ۋە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى داۋاملىق كۈچەيتىشىمىز كېرەك. يەھۋا ئۆتمۈشتە ئۆز خىزمەتچىلىرىنى قانداق ھىمايە قىلغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، باشقىلارغا ئېيتىپ بەرسەك، ئىشەنچىمىز كۈچىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا ئىلگىرى قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەسكە ئالساق بولىدۇ. خۇدايىمىز يەھۋانىڭ ياردىمىدە، بىز قورقۇنچلىرىمىزنى يېڭەلەيمىز!—زەبۇر 34:4.
154-ناخشا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىمىز
a قورقۇنچ ھېس-تۇيغۇسىدا بولۇش تەبئىي ئەھۋال ۋە ئۇ بىزنى خەۋپ-خەتەردىن قوغدىيالايدۇ. بىراق، بەزىدە نامۇۋاپىق قورقۇنچ تۇيغۇسى بىز ئۈچۈن پايدىسىز، ئۇ بىزگە زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن. قانداقلارچە؟ شەيتان بۇنداق قورقۇنچنى ئىشلىتىپ، بىزگە قارشى چىقىدۇ. ئېنىقكى، بىز چوقۇم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن شۇنداق قورقۇنچنى كونترول قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. بىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ بۇ ماقالە شۇنى كۆرسىتىدۇكى، يەھۋا بىز تەرەپتە ۋە ئۇ بىزنى سۆيىدۇ، بۇنىڭغا ئىشەنسەك، ھەرقانداق قورقۇنچنى يېڭەلەيمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.