تور بېكەتنى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى—فېۋرال 2023
باش بەتتە چىققان ماقالىنى كېيىن قانداق تاپالايمىز؟
كۆپ قېرىنداشلار jw.org تور بېكىتىنىڭ باش بېتىدىكى ماقالىلەرنى ۋەز خىزمىتىدە ئىشلىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇلانمىسىنى باشقىلارغا ئەۋەتىش ئاسان ۋە بۇ ماقالىلەردە ھازىر دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر مۇقەددەس كىتابتا ئالدىن بېشارەت قىلىنغانلىقى چۈشەندۈرۈلىدۇ. بىر قېرىنداشنىڭ ئېيتىشىچە، باش بەتتە چىقىدىغان ماقالىلەردە «ھازىر دەل ۋەز خىزمەتتە كېرەك تېمىلار ھەققىدە يېزىلغان».
بىراق، بۇ ماقالىلەر دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، بۇرۇن چىققانلىرىنى نەدىن تاپالايمىز؟
jw.org تور بېكىتىنىڭ باش بېتىدە ئەڭ يۇقىرىدىكى سۈرەتنىڭ ئاستىدىكى «كۆپرەك» دېگەن يەرگە بېسىڭ. شۇ چاغدا، «باش بەتتە چىققان ئاخىرقى ماقالىلەر» دېگەن ماقالىلەر تىزىملىكى چىقىدۇ.
jw.org تور بېكىتىدە «كۇتۇپخانا»، كېيىن «بىر قاتار ماقالىلەر» ۋە ئاخىرىدا «باشقا ماۋزۇلار» دېگەن سەھىپىنى تاللاڭ. بۇ يەردە تور بېكىتىمىزنىڭ باش بېتىدە چىققان نۇرغۇن ماقالىلەر بار. شۇنداقلا بۇ ماقالىلەرنى «®JW Library» پروگراممىسىدىمۇ تاپالايسىز.