مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

25-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئاقساقاللار،‏ گىدېئوندىن ئۈلگە ئېلىڭلار

ئاقساقاللار،‏ گىدېئوندىن ئۈلگە ئېلىڭلار

‏«گىدېئون … توغرىسىدا سۆزلە‌شنى داۋام قىلسام،‏ ۋاقىت يە‌تمە‌يدۇ».‏ ‏—‏ئىبرانىي.‏ 11:‏32‏.‏

18-‏ناخشا خۇ‌دانىڭ چىن مۇ‌ھە‌ببىتى

بۇ ماقالىدە a

1.‏ 1-‏پېترۇ‌س 5:‏2-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ ئاقساقاللار قانداق مۇ‌ھىم خىزمە‌تنى قىلىدۇ؟‏

 جامائە‌تتىكى ئاقساقاللار يە‌ھۋانىڭ قىممە‌تلىك قويلىرىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشى كېرە‌ك.‏ بۇ ساداقە‌تمە‌ن ئە‌ر كىشىلە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لارغا ئىشە‌نگە‌نلىكى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرىدۇ.‏ ئۇ‌لار پادىچىلار سۈپىتىدە پادىلاردىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈپ خىزمە‌ت قىلىدۇ (‏يە‌رە‌م.‏ 23:‏4؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 5:‏2-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ جامائىتىمىزدە شۇ‌نداق كىشىلە‌رنىڭ بولغىنى ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تە‌ن مىننە‌تدارمىز!‏

2.‏ بە‌زى ئاقساقاللار قانداق سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىشى مۇ‌مكىن؟‏

2 ئۆز مە‌سئۇ‌لىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئاقساقاللار كۆپلىگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرى،‏ جامائە‌تكە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن جاپالىق خىزمە‌ت قىلىش كېرە‌ك.‏ ئامېرىكىدىكى تونى ئىسىملىك بىر ئاقساقال ۋە‌زىپىنى قوبۇ‌ل قىلىشقا توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌شنى ئۆگىنىشى كېرە‌ك بولغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «19-COVID ۋىرۇ‌سى تارقىلىشقا باشلىغاندا،‏ يىغىلىشلارنى ۋە ۋە‌ز خىزمىتىنى تە‌شكىللە‌ش ئۈچۈن تىرىشىپ،‏ كۆپ خىزمە‌ت قىلدىم.‏ لېكىن،‏ مە‌ن كۆپ ئىش قىلساممۇ،‏ قىلىشقا تېگىشلىك يە‌نە نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئىشلار بار ئىدى.‏ ئاخىرىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌ش،‏ شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆتكۈزۈش ۋە دۇ‌ئا قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالماي قالدىم».‏ كوسوۋودا ياشايدىغان ئە‌لېر ئىسىملىك ئاقساقال باشقا بىر قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭغا ئۇ‌رۇ‌ش بولۇ‌ۋاتقان رايوندا تە‌شكىلاتنىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌ش قىيىن بولغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌رلىك بە‌يتە‌ل مېنى خە‌تە‌رلىك رايونلاردىكى قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرىشكە تە‌يىنلىگە‌ندە جاسارىتىم سىنالدى.‏ مە‌ن قورقتۇ‌م.‏ بېرىلگە‌ن يول-‏يورۇ‌ق ئە‌مە‌لىيە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن ئە‌مە‌ستە‌ك كۆرۈنگە‌ن».‏ ئاسىيادىكى تىم ئىسىملىك بىر مىسسىئونېر ھە‌ر كۈنى ھە‌ممە ئىشلارغا ئۈلگۈرۈش قىيىن ئىكە‌نلىكىنى ھېس قىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بە‌زى چاغلاردا،‏ مە‌ن روھىي ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ جە‌ھە‌تتىن ھارغىنلىق ھېس قىلاتتىم».‏ مۇ‌شۇ‌لارغا ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ئاقساقاللارغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

3.‏ ھاكىم گىدېئوننىڭ مىسالىنى مۇ‌ھاكىمە قىلغاندا،‏ قانداق پايدىسىنى كۆرە‌لە‌يمىز؟‏

3 ئاقساقاللار ئىسرائىلدا ھاكىم بولغان گىدېئوننىڭ مىسالىدىن ئۆگىنە‌لە‌يدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏12؛‏ 11:‏32‏)‏.‏ ئۇ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ قوغدىغۇ‌چىسى ۋە پادىچىسى ئىدى (‏ھاكىم.‏ 2:‏16؛‏ 1-‏تارىخ.‏ 17:‏6‏)‏.‏ گىدېئونغا ئوخشاش،‏ ئاقساقاللار مۇ‌شۇ ئاخىرقى زامان كۈنلىرىدە خۇ‌دا خە‌لقىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشقا تە‌يىنلە‌نگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏28؛‏ 2-‏تىموت.‏ 3:‏1‏)‏.‏ بىز گىدېئوننىڭ كە‌متە‌ر،‏ كىچىك پېئىل ۋە ئىتائە‌تچانلىقىدىن ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ ۋە‌زىپىلىرىنى ئورۇ‌نلىغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ چىدامچانلىقى سىنالغان.‏ مە‌يلى ئاقساقال سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلايلى ياكى قىلمايلى،‏ ئاقساقاللارغا تېخىمۇ كۆپرە‌ك مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ بۇ تىرىشچان خىزمە‌تچىلە‌رنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌لە‌يمىز.‏—‏ئىبرانىي.‏ 13:‏17‏.‏

كە‌متە‌رلىك ۋە كىچىك پېئىللىقىڭىز سىنالغاندا

4.‏ گىدېئـون كە‌متـە‌رلىكنى ۋە كىـچىك پېئىلـلىقنى قـانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

4 گىدېئون كىچىك پېئىل ۋە كە‌متە‌ر ئادە‌م ئىدى b‏.‏ يە‌ھۋانىڭ پە‌رىشتىسى گىدېئونغا ئىسرائىللارنى كۈچلۈك مىدىيانلىقلارنىڭ قولىدىن قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئۇ‌نى تاللىغانلىقىنى ئېيتقاندا،‏ ئۇ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن مۇ‌نداق جاۋاب بە‌رگە‌ن:‏ «مېنىڭ جە‌مە‌تىم ماناسسە قە‌بىلىسى ئارىسىدا ئە‌ڭ كىچىك جە‌مە‌ت،‏ مە‌ن ئۆزۈممۇ ئاتامنىڭ ئۆيىدە ئە‌ڭ كىچىكىمە‌ن» (‏ھاكىم.‏ 6:‏15‏)‏.‏ ئۇ ئۆزىنى بۇ ۋە‌زىپىگە لايىق ئە‌مە‌ستە‌ك كۆرگە‌ن.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى لايىق كۆرگە‌ن.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن گىدېئون ۋە‌زىپىسىنى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق تاماملىغان.‏

5.‏ ئاقساقاللارنىڭ كىچىك پېئىللىقى ۋە كە‌متە‌رلىكى قانداق سىنىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

5 ئاقساقاللار بارلىق ئىشلاردا كىچىك پېئىللىق ۋە كە‌متە‌رلىكنى كۆرسىتىدۇ (‏مىكاھ 6:‏8؛‏ ئە‌لچى.‏ 20:‏18،‏ 19‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيە‌تلىرىنى ياكى قازانغان ئۇ‌تۇ‌قلىرىنى مۇ‌بالىغە قىلمايدۇ.‏ ئۆز كە‌مچىلىكى ياكى مە‌غلۇ‌بىيىتى ئۈچۈن ئۆزىدىن ئاغرىنمايدۇ.‏ بىراق،‏ بە‌زىدە ئاقساقاللارنىڭ كە‌متە‌ر ۋە كىچىك پېئىل بولۇ‌شى ئاسان ئە‌مە‌س.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ كۆپلىگە‌ن ۋە‌زىپىلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلالىشى،‏ كېيىن ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى ئورۇ‌نلاشنىڭ قىيىنلىقىنى بايقىشى مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ بىر ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌ندىغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار ماختىغاندا ياكى تە‌نقىد قىلغاندا،‏ كىچىك پېئىل ۋە كە‌متە‌ر بولۇ‌ش قىيىنغا توختىشى مۇ‌مكىن.‏ ئاقساقاللار بۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە گىدېئوننىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

كىچىك پېئىل ئاقساقال،‏ گىدېئوننى ئۈلگە قىلىپ،‏ قول ھارۋۇ‌سى بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىش خىزمىتىنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ياردە‌م سوراشقا تە‌ييار بولىۋاتىدۇ (‏6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

6.‏ ئاقساقاللار گىدېئوننىڭ كىچىك پېئىللىقىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

6 باشقىلاردىن ياردە‌م سوراڭ.‏ كىچىك پېئىل كىشى ئۆزىنىڭ قىلالمايدىغان ئىشلىرىنى بىلىدۇ.‏ گىدېئون كىچىك پېئىل بولۇ‌پ،‏ باشقىلاردىن ياردە‌م سورىغان (‏ھاكىم.‏ 6:‏27،‏ 35؛‏ 7:‏24‏)‏.‏ دانا ئاقساقاللار ھە‌م شۇ‌نداق قىلىدۇ.‏ ئىلگىرى تىلغا ئالغان تونى چۈشە‌ندۈرۈپ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بالىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپ،‏ ئۆزۈم قىلالايدىغان كۆپرە‌ك ئىشلارنى قىلىشقا ئۆگە‌نگە‌چ،‏ قولۇ‌مدىن كېلىدىغاندىنمۇ كۆپرە‌ك ئىشلارنى قىلىشنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم.‏ شۇ‌ڭا ئائىلىۋى ئىبادىتىمىزدە كىچىك پېئىللىق توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌ھاكىمە قىلىشنى قارار قىلدىم ۋە ئايالىمنىڭ ئۇ‌نىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدىم.‏ jw.org تور بېكىتىدىن ‹‏ئە‌يساغا ئوخشاش باشقىلارنى ئۆگىتىڭ،‏ ئۇ‌لارغا ئىشىنىڭ ۋە ھوقۇ‌ق بېرىڭ‏› ناملىق فىلىمنى كۆرۈپ چىقتىم».‏ تونى باشقىلارنى جامائە‌تتىكى ئىشلارنى قىلىشقا ياردە‌مگە چاقىرغان.‏ تونى يە‌نە شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «جامائە‌تتىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش ئىشلىرىمۇ ئۆز يولىدا داۋاملاشتى ۋە ئۆزۈمنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىمنى كۈچە‌يتىشكە كۆپرە‌ك ۋاقىت چىقاردىم».‏

7.‏ ئە‌گە‌ر ئاقساقاللار تە‌نقىد قىلىنسا،‏ ئۇ‌لار گىدېئوننى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏ (‏ياقۇ‌پ 3:‏13‏)‏

7 تە‌نقىد قىلىنسىڭىز مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئاقساقاللار تە‌نقىدكە ئۇ‌چرىغاندا،‏ يە‌نە بىر سىناققا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ بۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە گىدېئوننىڭ ئۈلگىسى ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ گىدېئون ئۆز كە‌مچىلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏ ئە‌فرائىملىقلار ئۇ‌نى تە‌نقىد قىلغاندا،‏ گىدېئون ئاچچىقلانماي،‏ مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رغان (‏ھاكىم.‏ 8:‏1–‏3‏)‏.‏ ئۇ ئۇ‌لارنىڭ ئاغرىنىشلىرىغا قۇ‌لاق سېلىش ۋە مېھرىبانلىق بىلە‌ن سۆزلە‌ش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كە‌متە‌رلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئە‌فرائىملىقلار ئاچچىقلىرىنى بېسىۋالغان.‏ دانا ئاقساقاللار ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن ئاڭلاش ۋە تە‌نقىد قىلىنغاندا،‏ مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن جاۋاب بېرىش ئارقىلىق گىدېئوننى ئۈلگە قىلىدۇ ‏(‏ياقۇ‌پ 3:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌لار شۇ‌نداق قىلىپ،‏ جامائە‌تنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىغا ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشىدۇ.‏

8.‏ ئاقساقاللار ماختاش سۆزلىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

8 يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌ڭ.‏ گىدېئون مىدىياننى مە‌غلۇ‌پ قىلغاندا،‏ باشقىلار ئۇ‌نى ماختىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ بارچە شان-‏شە‌رە‌پنى يە‌ھۋاغا بە‌رگە‌ن (‏ھاكىم.‏ 8:‏22،‏ 23‏)‏.‏ ۋە‌زىپىگە تە‌يىنلە‌نگە‌ن كىشىلە‌ر گىدېئوننى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن شان-‏شە‌رە‌پنى يە‌ھۋاغا بېرە‌لە‌يدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 4:‏6،‏ 7‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر ئاقساقال ئۆزىنىڭ تە‌لىم بېرىش قابىلىيىتى ئۈچۈن ماختاشلارغا ئېرىشكە‌ن بولسا،‏ ئۇ تە‌لىملە‌رنىڭ مە‌نبە‌سى بولغان خۇ‌دانىڭ سۆزى ياكى يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى تە‌مىنلىگە‌ن تە‌ربىيىلە‌شلە‌ر ئۈچۈن مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىنى بىلدۈرە‌لە‌يدۇ.‏ ئاقساقاللار ئۆزىنىڭ تە‌لىم بېرىش ئۇ‌سۇ‌لى بىلە‌ن يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌مدۇ ياكى پە‌قە‌تلا كىشىلە‌رگە چوڭقۇ‌ر تە‌سىر قالدۇ‌رامدۇ؟‏ مۇ‌شۇ سوئاللار ھە‌ققىدە ئويلاپ باقسا بولىدۇ.‏ تىموتىي ئىسىملىك بىر ئاقساقالنىڭ كە‌چۈرمىشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ يېڭىلا ئاقساقال بولغاندا،‏ ئاممىۋىي نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن نۇ‌تۇ‌قلارنى ئۇ‌زۇ‌ن ۋە مۇ‌رە‌ككە‌پ كىرىش سۆزلىرى بىلە‌ن تە‌ييارلايتتىم.‏ ئۇ‌لار دائىم باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋە‌ر بولدى.‏ بە‌كمۇ ئە‌پسۇ‌س،‏ باشقىلارنىڭ دىققىتى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياكى يە‌ھۋاغا ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىچە ماڭا قارىتىلغان ئىدى».‏ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ تىموتىي باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتماسلىق ئۈچۈن تە‌لىم بېرىش ئۇ‌سۇ‌لىنى ئۆزگە‌رتىشى كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن (‏پە‌ند.‏ نە 27:‏21‏)‏.‏ نە‌تىجىسى قانداق بولغان؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «ھازىر قېرىنداشلار ماڭا نۇ‌تۇ‌قىمنىڭ ئۇ‌لارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىگە ياكى يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئېيتىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ شۇ سۆزلىرىدىن ئىنتايىن خۇ‌رسە‌ن بولدۇ‌م.‏ بىرنە‌چچە يىل ئىلگىرى ئۇ‌لارنىڭ مېنى ماختىغان سۆزلىرىگە قارىغاندا،‏ ھازىر ئۇ‌لارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدىن تېخىمۇ كۆپرە‌ك خۇ‌شال بولىمە‌ن».‏

ئىتائە‌تچان ياكى جاسارە‌تلىك بولۇ‌شقا توغرا كە‌لگە‌ندە

گىدېئون ھوشىيار بولغان 300 كىشىنى تاللاپ،‏ ئە‌سكە‌رلە‌رىنىڭ سانىنى ئازايتتى (‏9-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

9.‏ گىدېئوننىڭ ئىتائە‌تچانلىقى ۋە جاسارىتى قانداق سىنالغان؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

9 گىدېئون ئىسرائىللارغا ھاكىم بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئىتائە‌تچانلىقى ۋە جاسارىتى سىنالغان.‏ ئۇ‌نىڭغا دادىسى بائال بۇ‌تىغا ئاتاپ ياسىغان قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىنى ۋە‌يران قىلىشتە‌ك خە‌تە‌رلىك بىر ۋە‌زىپە تاپشۇ‌رۇ‌لغان (‏ھاكىم.‏ 6:‏25،‏ 26‏)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ گىدېئون بىر قوشۇ‌ننى توپلىغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ سانىنى ئىككى قېتىم ئازايتىشقا بۇ‌يرۇ‌لغان (‏ھاكىم.‏ 7:‏2–‏7‏)‏.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ يېرىم كېچىدە دۈشمە‌ن قوشۇ‌نىنىڭ لە‌شكە‌رگاھىغا ھۇ‌جۇ‌م قىلىشقا بۇ‌يرۇ‌لغان.‏—‏ھاكىم.‏ 7:‏9–‏11‏.‏

10.‏ بىر ئاقساقالنىڭ ئىتائە‌تچانلىقى قانداق سىنىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

10 ئاقساقاللار «ئىتائە‌ت قىلىشقا تە‌ييار» بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏ياقۇ‌پ 3:‏17‏)‏.‏ ئىتائە‌تچان ئاقساقال مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا دېيىلگە‌ن سۆزلە‌رگە ۋە خۇ‌دا تە‌شكىلاتىنىڭ يول-‏يورۇ‌قلىرىغا ئاسانلا بويسۇ‌نىدۇ.‏ شۇ ئارقىلىق ئۇ باشقىلارغا ياخشى ئۈلگە تىكلە‌پ بېرىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ ئىتائە‌تچانلىقى يە‌نىلا سىنىلىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ قوبۇ‌ل قىلغان كۆرسە‌تمىلە‌رگە دائىم بويسۇ‌نۇ‌ش قىيىنغا توختىتىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ ئۇ بە‌لكىم مە‌لۇ‌م يول-‏يورۇ‌قنىڭ راستىنلا ئە‌مە‌لىيە‌تچان ياكى ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق ئىكە‌نلىكىدىن گۇ‌مان قىلىدۇ.‏ ياكى ئۇ‌نىڭدىن ھە‌تتا قولغا ئېلىنىش خە‌ۋپ-‏خە‌تىرىگە تە‌ۋە‌ككۈل قىلىدىغان ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلاش تە‌لە‌پ قىلىنىدۇ.‏ بۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئاقساقاللار گىدېئوننىڭ ئىتائە‌تچانلىقىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

11.‏ ئاقساقاللارنىڭ ئىتائە‌تچان بولۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

11 يول-‏يورۇ‌ققا قۇ‌لاق سېلىڭ ۋە ئۇ‌نى ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىڭ.‏ خۇ‌دا گىدېئونغا دادىسىنىڭ قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىنى قانداق ۋە‌يران قىلىشنى ۋە يە‌ھۋاغا قە‌يە‌ردە يېڭى قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىنى ياساشنى ۋە قايسى ھايۋاننى قۇ‌ربانلىق قىلىشنى ئېيتقان.‏ گىدېئون ئاشۇ كۆرسە‌تمىلە‌ردىن گۇ‌مان قىلمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئېيتقانلىرى بويىچە ئىش قىلغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئاقساقاللار خە‌تلە‌ر،‏ ئېلانلار ۋە كۆرسە‌تمىلە‌ر ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىن كە‌لگە‌ن روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىمىز بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك يول-‏يورۇ‌قلارنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏ بىز ئاقساقاللىرىمىزنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىن كە‌لگە‌ن يول-‏يورۇ‌قلارغا بويسۇ‌نغانلىقىدىن ئىنتايىن مىننە‌تدارمىز.‏ بۇ پۈتكۈل جامائە‌ت ئۈچۈن پايدىلىق!‏—‏زە‌بۇ‌ر 119:‏112‏.‏

12.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئېيتسا،‏ ئاقساقاللار ئىبرانىيلار 13:‏17-‏ئايە‌تنى قانداق ئە‌مە‌لىي قوللىنالايدۇ؟‏

12 ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىشقا تە‌ييار تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌لىپى بويىچە،‏ گىدېئون قوشۇ‌ننىڭ 99 پىرسە‌نتىدىن كۆپرە‌ك قىسىمىنى ئۆيگە ئە‌ۋە‌تىۋە‌تكە‌ن (‏ھاكىم.‏ 7:‏8‏)‏.‏ ئۇ بە‌لكىم شۇ‌نداق ئويلىغان:‏ «بۇ‌نداق ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىش ھە‌قىقە‌تە‌ن زۆرۈرمۇ؟‏ ئۇ‌نداق قىلسام،‏ غە‌لىبە قازىنىمىزمۇ؟‏» شۇ‌نداقتىمۇ،‏ گىدېئون كۆرسە‌تمىگە بويسۇ‌نغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە تە‌شكىلات ئاقساقاللارغا بە‌زى ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىش ھە‌ققىدە كۆرسە‌تمىلە‌رنى بە‌رگە‌ندە،‏ ئىتائە‌تچان بولۇ‌ش ئارقىلىق گىدېئوننى ئۈلگە قىلىدۇ ‏(‏ئىبرانىيلار 13:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 2014-‏يىلى يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئىبادە‌ت يىغىلىش زالى ۋە چوڭ يىغىلىش زالى قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىنى ئىقتىساد بىلە‌ن تە‌مىنلە‌ش ئۇ‌سۇ‌لىنى ئۆزگە‌رتتى (‏2-‏كورىنت.‏ 8:‏12–‏14‏)‏.‏ جامائە‌تلە‌ر ئە‌مدى قە‌رز قايتۇ‌رمايدىغان،‏ ئە‌كسىچە دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى جامائە‌تلە‌ر ئىقتىسادىي ئە‌ھۋالى قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ قە‌يە‌ردە ئېھتىياج بولسا،‏ شۇ يە‌ردە قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق قارارنى ماقۇ‌للىغان ئىدى.‏ بۇ ئۆزگە‌رتىش توغرىسىدا ئاڭلىغاندا،‏ جوسى بۇ قارارنىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولىدىغانلىقىدىن گۇ‌مانلىنىپ،‏ مۇ‌نداق ئويلىغان:‏ ‹ھە‌تتا بىرمۇ يىغىلىش زالى سېلىنمايدۇ.‏ بۇ بىز ياشاۋاتقان جايدا ھېچكىم،‏ ھېچقاچان بۇ‌نداق ئىش قىلىپ باققان ئە‌مە‌س›.‏ جوسىنىڭ كۆرسە‌تمىلە‌رنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏5،‏ 6-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر،‏ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ قىلىشىم كېرە‌كلىكىنى ئە‌سكە‌رتتى.‏ كۆرسە‌تمىلە‌ر ھە‌قىقە‌تە‌ن ئاجايىپ نە‌تىجىلە‌رگە ئېرىشتۈردى!‏ بىز تېخىمۇ كۆپ يىغىلىش زاللىرىنى سېلىپلا قالماي،‏ پە‌رقلىق ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشۇ‌شنى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ھە‌ممە يە‌ردە تە‌ڭ باراۋە‌رلىك بولىدۇ».‏

ھە‌تتا ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىمىز مە‌نئىي قىلىنغان بولسىمۇ،‏ جاسارە‌ت بىلە‌ن ئۈنۈملۈك ۋە‌ز قىلالايمىز (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

13.‏ (‏1)‏ گىدېئون نېمىگە ئىشە‌نگە‌ن؟‏ (‏2)‏ ئاقساقاللار گىدېئوننى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

13 يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى جاسارە‌ت بىلە‌ن ئورۇ‌نلاڭ.‏ گىدېئون قورقۇ‌ش ۋە خە‌تە‌رگە قارىماي،‏ يە‌ھۋاغا ئىتائە‌تچان بولغان (‏ھاكىم.‏ 9:‏17‏)‏.‏ يە‌ھۋا كاپالە‌ت بە‌رگە‌ندىن كېيىن،‏ گىدېئون خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنى قوغدىغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆزىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىمىز چە‌كلە‌نگە‌ن رايونلاردا ياشايدىغان ئاقساقاللار گىدېئوننى ئۈلگە قىلغان.‏ ئۇ‌لار قولغا ئېلىنىش،‏ سوراق قىلىنىش،‏ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىش ياكى زوراۋانلىققا ئۇ‌چراش خە‌تە‌رلىرىگە قارىماي،‏ جاسارە‌ت بىلە‌ن ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرى ۋە ۋە‌ز خىزمىتىگە يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ c‏.‏ چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە كۆرسە‌تمىلە‌رگە بويسۇ‌نۇ‌ش خە‌تە‌رلىك بولسىمۇ،‏ ئاقساقاللار جاسارە‌ت بىلە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌رگە بويسۇ‌نۇ‌شى كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھۆكۈم خە‌ۋىرى ۋە ماگوگدىن بولغان گوگنىڭ ھۇ‌جۇ‌مىدىن ئامان قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە كۆرسە‌تمىلە‌ر بېرىلىشى مۇ‌مكىن.‏—‏ھە‌زە‌ك.‏ 38:‏18؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 16:‏21‏.‏

چىدامچانلىقىڭىز سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە

14.‏ گىدېئوننىڭ چىدامچانلىقى قانداق سىنالغان؟‏

14 گىدېئون ھاكىملىق ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ كېچىدە جە‌ڭ بولۇ‌ۋاتقاندا مىدىيانلىقلار قېچىپ كە‌تكە‌ندە،‏ گىدېئون ئۇ‌لارنى جە‌زرە‌ئە‌ل جىلغىسىدىن تاكى ئىئوردان دە‌رياسىغىچە قوغلىغان.‏ بە‌لكىم،‏ ئاشۇ جايلار چاتقاللىقلار بىلە‌ن قورشالغان (‏ھاكىم.‏ 7:‏22‏)‏.‏ گىدېئون ئىئوردان دە‌رياسىغا كە‌لگە‌ندە توختاپ قالغانمۇ؟‏ ياق!‏ گە‌رچە ھېرىپ قالغان بولسىمۇ،‏ ئۇ 300 كىشى بىلە‌ن دە‌ريادىن ئۆتۈپ،‏ قوغلاشنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ‌لار مىدىيانلىقلارغا يېتىشىۋېلىپ،‏ ئۇ‌لارنى مە‌غلۇ‌پ قىلغان.‏—‏ھاكىم.‏ 8:‏4–‏12‏.‏

15.‏ قاچان ئاقساقاللارنىڭ چىدامچانلىقى سىنىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

15 بىر ئاقساقال بە‌زىدە جامائە‌ت ۋە ئۆز ئائىلىسىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىپ،‏ جىسمانىي،‏ روھىي ياكى ھېس-‏تۇ‌يغۇ جە‌ھە‌تتە ھېرىپ-‏چارچاش ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئاقساقاللار گىدېئوننى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏

كۆيۈمچان ئاقساقاللار قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شكە ئېھتىياجلىق نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلارغا تە‌سە‌للى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ (‏16،‏ 17-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

16،‏ 17.‏ گىدېئوننىڭ چىدامچان بولۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن ۋە ئاقساقاللار نېمىگە ئىشە‌نسە بولىدۇ؟‏ (‏يە‌شايا 40:‏28–‏31‏)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

16 يە‌ھۋانىڭ سىزنى كۈچلە‌ندۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.‏ گىدېئون يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ ئۈمىدسىزلە‌نمىگە‌ن (‏ھاكىم.‏ 6:‏14،‏ 34‏)‏ بىر قېتىم،‏ تۆگىگە مىنىپ قاچقان ئىككى مىدىيان پادىشاھىنى گىدېئون ۋە ئۇ‌نىڭ ئادە‌ملىرى پىيادە قوغلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏ھاكىم.‏ 8:‏12،‏ 21‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن قە‌تئىي ئىرادىلىك ئىسرائىللار جە‌ڭدە غە‌لىبە قىلغان.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئاقساقاللارمۇ يە‌ھۋاغا تايىنالايدۇ،‏ چۈنكى،‏ «ئۇ ھېچقاچان چارچىمايدۇ ياكى ھېرىپ ھالىدىن كە‌تمە‌يدۇ».‏ ئاقساقاللار مۇ‌ھتاج بولغاندا،‏ ئۇ ئۇ‌لارغا كۈچ بېرىدۇ‏.‏—‏يە‌شايا 40:‏28–‏31-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

17 دوختۇ‌رخانا بىلە‌ن ئالاقىلىشىش كومىتېتىنىڭ بىر ئە‌زاسى بولغان مە‌تىيۇ ئىسىملىك ئاقساقالنىڭ كە‌چۈرمىشىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ‌نىڭ چىدامچان بولۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ مە‌تىيۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏13-‏ئايە‌تنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم.‏ مە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن قېتىم ئىنتايىن ھېرىپ-‏چارچاپ،‏ ۋە‌زىپە‌منى داۋاملاشتۇ‌رالمايدىغاندە‌ك ھېس قىلغاندا،‏ خۇ‌داغا توختىماي دۇ‌ئا قىلىپ،‏ داۋاملىق قېرىنداشلىرىمغا ياردە‌م بېرە‌لىشىم ئۈچۈن،‏ ماڭا جىسمانىي ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن كۈچ بېرىشنى ئۆتۈندۈم.‏ شۇ پە‌يتلە‌ردە،‏ خۇ‌دانىڭ روھى ماڭا كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بېرىپ،‏ چىدامچان بولۇ‌شىمغا ياردە‌م بە‌ردى».‏ گىدېئونغا ئوخشاش ساداقە‌تمە‌ن ئاقساقاللار جان كۆيدۈرۈپ،‏ پادىلارنى باققاندا،‏ يە‌نە توسالغۇ‌لارغا دۇ‌چ كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌لار كىچىك پېئىل بولۇ‌شى ۋە ھە‌ردائىم ئۆزلىرى ياخشى كۆرگە‌ن ھە‌ممىلا ئىشنى قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇ‌پ يېتىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌ندىلا،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ ياردە‌م سوراپ قىلغان دۇ‌ئالىرىنى يە‌ھۋانىڭ ئاڭلايدىغانلىقى ۋە چىدامچان بولۇ‌شى ئۈچۈن كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 116:‏1؛‏ فىلىپى.‏ 2:‏13‏.‏

18.‏ تە‌كرارلىساق،‏ ئاقساقاللار گىدېئوننىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

18 ئاقساقاللار گىدېئوننىڭ ئۈلگىسىدىن نۇ‌رغۇ‌نلىغان نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار مە‌يلى قانچە كۆپ خىزمە‌ت قىلسۇ‌ن،‏ باشقىلار ماختىسۇ‌ن ياكى تە‌نقىدلىسۇ‌ن،‏ چوقۇ‌م كىچىك پېئىل بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لار چوقۇ‌م ئىتائە‌تچانلىقىنى ۋە جاسارىتىنى كۆرسىتىشى لازىم.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى ئاز قالغان ئىكە‌ن،‏ تېخىمۇ شۇ‌نداق قىلىشى كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لار ھە‌رقانداق توسالغۇ‌لارغا دۇ‌چ كېلىشتىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى كۈچلە‌ندۈرىدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنىشى لازىم.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ «بۇ‌نداق كىشىلە‌رنى قە‌دىرلە‌ڭلار» دېگە‌ن نە‌سىھە‌ت سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ تىرىشچان پادىچىلارنى قە‌دىرلە‌يمىز.‏—‏فىلىپى.‏ 2:‏29‏.‏

21-‏ناخشا رە‌ھىمدىل بولغان بە‌ختلىك

a ئىسرائىل خە‌لقى تارىخىدىكى ئىنتايىن مۈشكۈل زاماندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا پادىچىلىق قىلىپ قوغداش ئۈچۈن گىدېئوننى تە‌يىنلىگە‌ن.‏ گىدېئون بۇ ۋە‌زىپىنى 40 يىل سادىقلىق بىلە‌ن ئورۇ‌نلىغان.‏ بىراق،‏ ئۇ نۇ‌رغۇ‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈلگىسى بۈگۈنكى كۈندە ئاقساقاللارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b كىچىك پېئىللىق ۋە كە‌متە‌رلىك بىر-‏بىرى بىلە‌ن زىچ باغلىنىشلىق.‏ ئە‌گە‌ر بىز كە‌متە‌ر بولساق،‏ ئۆزىمىز توغرىسىدا كۆپ ئويلىمايمىز ۋە بە‌زى ئىشلار قولىمىزدىن كە‌لمە‌يدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.‏ ئە‌گە‌ر كىچىك پېئىل بولساق،‏ باشقىلارنى ھۆرمە‌تلە‌يمىز ۋە ئۇ‌لارنى ئۆزىمىزدىن مۇ‌ھىمراق دە‌پ قارايمىز (‏فىلىپى.‏ 2:‏3‏)‏.‏ كىچىك پېئىل كىشى ھە‌م كە‌متە‌ر كىشى.‏

c ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2019-‏يىل،‏ ئىيۇ‌ل سانى،‏ 10،‏ 11-‏بە‌تلە‌ردىكى «پائالىيىتىمىز مە‌نئىي قىلىنغاندىمۇ،‏ داۋاملىق يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلايلى!‏» ناملىق ماقالىنىڭ 10–‏13-‏ئابزاسلىرىغا قاراڭ.‏