28-تەتقىق ماقالىسى
داۋاملىق خۇدادىن ئەيمىنىپ ياشاشنىڭ پايدىسى
«يەھۋادىن قورققان ئادەم توغرا يولدا ماڭىدۇ».—پەند. نە 14:2.
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. لۇتقا ئوخشاش، خۇدا خىزمەتچىلىرى قانداق ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟
بۈگۈنكى كۈندە بىز بۇ دۇنيادا ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، خۇددى ھەققانىي كىشى لۇتقا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇدا بولىمىز. لۇت ئەخلاقسىز ئىشلارغا بېرىلگەن ئادەملەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنى كۆرگەندە، قاتتىق ئازابلانغان. چۈنكى، ئۇ ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ يامان ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى بىلگەن (2-پېتر. 2:7، 8). خۇدادىن ئەيمىنىش ۋە ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت لۇتنى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ناچار ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى رەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان. بۈگۈن بىزمۇ يەھۋانىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ياشايمىز. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئەگەر داۋاملىق خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ساقلاپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ ياشاشنى ئۆگەنسەك، ئەخلاق جەھەتتىن پاكلىقنى ساقلىيالايمىز.—پەند. نە 14:2.
2 بۇنداق قىلىشىمىز ئۈچۈن يەھۋا پەندى-نەسىھەت كىتابى ئارقىلىق بىزگە مېھرىبانلىق بىلەن ئىلھام بېرىدۇ. بارلىق خۇدا خىزمەتچىلىرى، ئەرلەر ياكى ئاياللار، ياشلار ۋە قېرىلار ئاشۇ دانا نەسىھەت توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلغاندا، ئۇنىڭ ھەقىقىي پايدىسىنى كۆرەلەيدۇ.
خۇدادىن ئەيمىنىش بىزنى ھىمايە قىلىدۇ
3. پەندى-نەسىھەت 17:3-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، قەلبىمىزنى قوغدىشىمىزدىكى مۇھىم بىر سەۋەب نېمە؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
3 كۆچمە مەنىدىكى يۈرىكىمىزنى قوغداشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى يەھۋا قەلبىمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. دېمەك، ئۇ بىزنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىمىزگە قەلبىمىزگە قارايدۇ (پەندى-نەسىھەت 17:3-نى ئوقۇڭ). ئەقلىمىزنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان دانالىق بىلەن تولدۇرساق، ئۇ بىزدىن خۇرسەن بولىدۇ (يۇھاننا 4:14). شۇندىلا، شەيتاننىڭ ئەخلاقسىزلىق، يالغانچىلىق ۋە بۇ دۇنيادىكى رەزىل ئادەملەرنىڭ ئوي-پىكىرى ئارقىلىق بىزنى زەھەرلىشىدىن ساقلىنالايمىز. يەھۋاغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمىز ۋە ھۆرمىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. چۈنكى، ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشنى خالىمايمىز، ھەتتا گۇناھ قىلىشنى ئويلاشنىمۇ ئۆچ كۆرىمىز. خاتا ئىش قىلىشقا ئېزىقتۇرۇلغاندا، ئۆز-ئۆزىمىزدىن شۇنداق سورايمىز: «ماڭا شۇنچە كۆپ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەن بىرىنى قانداقمۇ قەستەن رەنجىتەي؟»—1-يۇھاننا 4:9، 10.
4. يەھۋادىن ئەيمىنىش بىر قېرىنداشنى ئېزىقتۇرۇلۇشتىن قانداق قوغداپ قالغان؟
4 كىرودىيەدە ياشايدىغان مارتا ئىسىملىك قېرىندىشىمىز جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا ئېزىقتۇرۇلغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «مېنىڭ ئەقلىم ئىشلىمەيلا قالغان ۋە گۇناھنىڭ ۋاقىتلىق ھۇزۇرىدىن خۇشاللىق تېپىش ئىستىكىنى بېسىش تەسكە توختىغان ئىدى. لېكىن، يەھۋادىن ئەيمىنىش مېنى ھىمايە قىلدى» b. خۇدادىن ئەيمىنىش قانداق قىلىپ ئۇنى ھىمايە قىلالىغان؟ مارتا ئۆزىنىڭ خاتا قارارى قانداق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلانغان. بىزمۇ شۇنداق قىلالايمىز. ئەڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت شۇكى، بىز يەھۋانىڭ قەلبىنى ئازابلايمىز ۋە ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىبادەت قىلالماي قالىمىز.—يارىت. 6:5، 6.
5. لېئونىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيسىز؟
5 يەھۋادىن ئەيمىنىپ قورقساق، ناچار قىلمىشلىرىمىز ئۈچۈن باھانە- سەۋەب كۆرسىتىشتىن ئېھتىيات قىلىمىز. كونگودا ياشايدىغان لېئو شۇنداق ساۋاققا ئىگە بولغان. ئۇ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈپ تۆت يىلدىن كېيىن، يامان كىشىلەر بىلەن دوست بولغان. ئۇ مۇنداق ئويلىغان: «مەن ئۆزۈم يامان ئىشلارنى قىلمىساملا، يەھۋاغا قارشى گۇناھ قىلمىغان بولىمەن». بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي، يامان دوستلىرى ئۇنى كۆپ ھاراق ئىچىشكە ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا دەۋەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆگەتكەنلىرى ۋە ئۆزىنىڭ يوقىتىپ قويغان خۇشاللىقى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىغان. نەتىجىسى قانداق بولغان؟ ئۇ ئەقلى-ھوشىنى تاپقان. ئاقساقاللارنىڭ ياردىمى بىلەن، لېئو يەھۋاغا قايتىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئاقساقال ۋە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ، خۇشال-خۇرام خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
6. ئىككى ئايالنىڭ مىسالى ھەققىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
6 پەندى-نەسىھەت 9-بابنى كۆرۈپ باقايلى. بۇ بابتا ئىككى ئايال تەسۋىرلەنگەن. بىرى دانالىققا، يەنە بىرى ئەخمەقلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ (رىملىقلار 5:14؛ گالاتىيا. 4:24-نى سېلىشتۇرۇڭ). بۇ بابنى ئوقۇغاندا، شەيتاننىڭ دۇنياسىنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە تولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ (ئەفەس. 4:19). شۇڭا، داۋاملىق خۇدادىن ئەيمىنىپ ياشاشنى ئۆگىنىپ، يامانلىقتىن يىراق تۇرۇشىمىز ئىنتايىن مۇھىم (پەند. نە 16:6). نەتىجىدە، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، بۇ بابتا بېرىلگەن نەسىھەتنىڭ پايدىسىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ ئىككى ئايالنىڭ ھەر ئىككىلىسى تەجرىبىسى كەمچىل، ئەخمەق كىشىلەرنى: «ئۆيۈمگە كىرىپ، تاماق يېگىن»،— دەپ تەكلىپ قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن (پەند. نە 9:1، 5، 6، 13، 16، 17). بىراق، ئىككىسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى پەرقلىق ئىدى.
ئەقىلسىز ئايالنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىڭ
7. پەندى-نەسىھەت 9:13–18-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، تەكلىپلەرنىڭ بىرى قەيەرگە يېتەكلەيدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
7 «ئەقىلسىز ئايال» نېمە دېگەنلىكىنى ئوقۇپ باقايلى (پەندى-نەسىھەت 9:13–18-نى ئوقۇڭ). ئۇ ئايال نومۇسسىزلارچە تەجرىبىسىز كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ئۇ يەردە ئۆلۈكلەرنىڭ گۆرى بار. سەل ئاۋۋال، پەندى-نەسىھەتتە تىلغا ئېلىنغان كۆچمە مەنىدىكى تەسۋىرلەشلەر ئېسىڭىزگە كېلىشى مۇمكىن. بىزنى «يولدىن چىققان خوتۇندىن» ۋە «بۇزۇق خوتۇندىن» ئاگاھلاندۇرغان. «ئۇنىڭ ئۆيى كىشىنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارار» (پەند. نە 2:11–19). پەندى-نەسىھەت 5:3–10-ئايەتلەردىمۇ، «ئاياقلىرى ئۆلۈمگە» ئېلىپ بارىدىغان باشقا بىر «يولدىن چىققان ئايال»دىن يىراق تۇرۇش ھەققىدە ھەم ئاگاھلاندۇرۇش بار.
8. بىز قانداق تاللاشقا دۇچ كېلىمىز؟
8 ئەقىلسىز ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغانلار بىر تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ: ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش. بەلكىم، بىز شۇنداق تاللاشقا دۇچ كېلىمىز. ئەگەر بىرى بىزنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا ئازدۇرسا ياكى ئىنتېرنېت ۋە تاراتقۇلاردا شەھۋانىيلىق تەرغىپ قىلىنىدىغان نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشساق، نېمە قىلىمىز؟
9، 10. جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق تۇرۇشنىڭ قانداق بەزى سەۋەبلىرى بار؟
9 جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىشىمىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم سەۋەبلىرى بار. ئەقىلسىز ئايالنىڭ «ئوغرىلانغان سۇ تاتلىق» دېگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. «ئوغرىلانغان سۇ» دېگەن نېمە؟ مۇقەددەس كىتابتا نىكاھلىق ئەر-ئايالنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ھۇزۇرلىنىشىنى، كىشىگە ھۇزۇر-بەخش ئېتىدىغان سۇ بىلەن سېلىشتۇرغان (پەند. نە 5:15–18). پەقەت نىكاھدا باغلانغان بىر جۈپلا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ھۇزۇر ئالالايدۇ. ئەمما، ئوغرىلانغان سۇ بولسا پەرقلىق. ئۇ مەنئىي قىلىنغان ئەخلاقسىز جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى ئوغرى دائىم يوشۇرۇن ئوغرىلىق قىلغانغا ئوخشاش، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقمۇ يوشۇرۇن بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ گۇناھىنى باشقىلاردىن يوشۇرۇپ قالالىسا، «ئوغرىلانغان سۇ» بەكمۇ تاتلىق كۆرۈنۈشى مۇمكىن. نەقەدەر ئېچىنىشلىق ئالدامچىلىق،— بۇ! يەھۋا خۇدا ھەممىنى كۆرىدۇ. يەھۋانىڭ سۆيگۈسىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىنمۇ يامان ئاقىۋەت يوق. شۇڭا، ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ ھەرگىزمۇ «تاتلىق» نەرسە ئەمەس (1-كورىنت. 6:9، 10). بۇ گۇناھنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ.
10 جىنسىي ئەخلاقسىزلىق شەرمەندىچىلىككە قېلىش، ئۆزىنى ھېچنەرسىگە يارىماس ھېس قىلىش، خالىمىغان ھالدا ھامىلدار بولۇش ۋە ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىدەك يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېمەك، ئېنىقكى ئەقىلسىز ئايالنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تاماققا ئېغىز تېگىشتىن يىراق تۇرۇش دانالىقتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق بۇزۇپلا قالماي، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچىلار ئۆلۈمگە يېتەكلەيدىغان ئاغرىقلارغا گىرىپتار بولىدۇ (پەند. نە 7:23، 26). پەندى-نەسىھەت 9:18-ئايەت، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ: «ئاشۇ خوتۇننىڭ مېھمانلىرى گۆردە بولىدۇ». ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كىشىلەر شۇنداق پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە يېتەكلەيدىغان ئېزىقتۇرۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ؟—پەند. نە 9:13–18.
11. نېمە ئۈچۈن شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈش ئىنتايىن زىيانلىق؟
11 ناھايىتى كۆپ دۇچ كېلىدىغان بىر تۇزاق — شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەر. بەزىلەر شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشنى زىيانسىز دەپ قارايدۇ. ئەكسىچە، شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەر زىيانلىق، ئۆز-ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا بولغان ھۆرمەتنى يوقىتىشقا سەۋەب بولىدۇ ۋە ئۇنى كۆرۈش ئادىتىدىن قۇتۇلۇش بەك قىيىن. ئەخلاقسىز كۆرۈنۈشلەر مېڭىگە سىڭىپ قالىدۇ. ئۇلارنى چىقىرىپ تاشلاش بەك قىيىن. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەر خاتا ئارزۇ-ھەۋەسنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ (كولوسى. 3:5؛ ياقۇپ 1:14، 15). شۇنداق شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشىدۇ.
12. جىنسىي ھەۋىسىمىزنى قوزغايدىغان سۈرەتلەرگە قارشى ھوشيارلىقنى ساقلاۋاتقانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟
12 بىز كۈتمىگەندە تۇيۇقسىز شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈپ قالساق، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ دەرھال شۇنداق كۆرۈنۈشتىن كۆزىمىزنى ئېلىپ قېچىشىمىز لازىم. ئەگەر يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزگە ئالساق، بۇ دەرھال شۇلارنى رەت قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ھەتتا بەزى رەسىملەر شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەر بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار بىزنىڭ جىنسىي ھەۋىسىمىزنى قوزغىشى مۇمكىن. نېمىشقا ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك؟ چۈنكى، يۈرىكىمىزدە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا قەدەم باستۇرىدىغان كىچىك بىر ئىشنىمۇ قىلىشنى خالىمايمىز (مەتتا 5:28، 29). تايلاندتىكى دېيۋىد ئىسىملىك ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز-ئۆزۈمدىن شۇنداق سورايمەن: ‹گەرچە سۈرەتلەر شەھۋانىي مەزمۇندا بولمىسىمۇ، مەن داۋاملىق ئۇنىڭغا قارىسام، يەھۋانى خۇرسەن قىلىمەنمۇ؟› شۇنداق ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈش ماڭا دانالىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ».
13. دانالىق بىلەن يول تۇتۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
13 يەھۋانىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان ھەرقانداق ئىشنى رەت قىلساق، دانا يول تۇتىمىز. يەھۋادىن قورقۇش — «دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر» (پەند. نە 9:10). پەندى-نەسىھەت 9-بابنىڭ باشلىنىشىدا، ھەقىقىي دانالىق باشقا بىر ئايال بىلەن سېلىشتۇرۇلغانلىقىنى بىلىمىز.
دانا ئايالنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىڭ
14. پەندى-نەسىھەت 9:1–6 ئايەتلەردە، قانداق پەرقلىق تەكلىپلەر ھەققىدە ئوقۇدۇق؟
14 پەندى-نەسىھەت 9:1–6-نى ئوقۇڭ. بۇ ئايەتلەردە، ياراتقۇچىمىز ۋە بارلىق دانالىقنىڭ مەنبەسى بولغان يەھۋادىن كەلگەن بىر تەكلىپنى ئوقۇيمىز (پەند. نە 2:6؛ رىملىقلار 16:27). ئايەتلەردە، يەتتە تۈۋرىكى بار چوڭ بىر ئۆي تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئۆي بولسا، يەھۋانىڭ سېخىي-مەردلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن كەلگەن ئەقىل-پاراسەتنى ئۆگىنىشنى خالايدىغانلارغا ئىشىكى كەڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
15. خۇدا بىزنى نېمە ئىش قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟
15 يەھۋا سېخىي ۋە مول بەرىكەت بەرگۈچى خۇدادۇر. مەسىلەن، 9-بابتا، «ھەقىقىي دانالىق» سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن ئايالدىن، يەھۋانىڭ سېخىيلىقى ۋە بارلىق ياخشى نەرسىلەرنى بىزگە بېرىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز. بۇ ئۈزۈندىدە، كۆچمە مەنىدىكى ئايال داستىخىنىغا گۆشلەرنى، ئارىلاشتۇرۇلغان شارابلارنى تەييارلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان (پەند. نە 9:2). ئۇنىڭدىن باشقا، 4، 5-ئايەتلەردە، ئۇ ئەقىلسىزلەرنى: «كېلىڭلار، مېنىڭ نېنىمنى يەڭلار»،— دەپ تەكلىپ قىلغان. نېمە ئۈچۈن بىز ھەقىقىي دانالىقنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تامىغىغا ئېغىز تېگىشىمىز كېرەك؟ يەھۋا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ دانا ۋە بىخەتەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ بىزنى پۇشايمانغا سالىدىغان خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىمىزنىڭ قەلبىنى ئازابلايدىغان تەجرىبە-ساۋاقلاردىن ئۆگىنىشىمىزنى خالىمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، «ئۇ توغرا يولدا ماڭغانلار ئۈچۈن دانالىقنى ساقلاپ قويار» (پەند. نە 2:7). ئەيمىنىش ئىچىدە يەھۋادىن قورقۇپ ياشىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىمىز. دانا نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇنى ھاياتىمىزدا قوللانغىنىمىزدا، خۇشاللىق تاپىمىز.—ياقۇپ 1:25.
16. خۇدادىن ئەيمىنىش ئالايننىڭ دانا قارار چىقىرىشىغا قانداق ياردەم بەرگەن ۋە نەتىجىدە نېمە بولغان؟
16 خۇدادىن ئەيمىنىشنىڭ ئالاين ئىسىملىك بۇرادەرگە دانا قارار چىقىرىشىغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ جامائەتتە ئاقساقال ۋە مەكتەپتە بىر ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىم شەھۋانىي مەزمۇندىكى فىلىملەرنى جىنسىيەت تەربىيىسىنىڭ بىر تۈرى دەپ قاراتتى. ئەمما، ئالاين بۇ كۆز قاراشقا ئالدانمىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خۇدادىن ئەيمىنىش شۇنداق فىلىملەرگە بولغان كۆز قاراشنى قەتئىي رەت قىلىشىمغا ياردەم بەردى. خىزمەتداشلىرىمغا ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى رەت قىلىدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈردىم». ئۇ «ھەقىقىي دانالىق» بەرگەن «دانالىق يولىدىن چىقماي مېڭىڭلار» دېگەن نەسىھەتكە قۇلاق سالغان ئىدى (پەند. نە 9:6). ئالايننىڭ قەتئىي قارارى بەزى خىزمەتداشلىرىغا تەسىر قىلغان ۋە ئۇلار ھازىر مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىپ، جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.
17، 18. ھەقىقىي دانالىقنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلار قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدۇ ۋە ئۇلارنى نېمە كۈتمەكتە؟
17 يەھۋا ئاشۇ ئىككى ئايالنىڭ مىسالنى ئىشلىتىپ، گۈزەل بىر كېلەچەككە قانداق ئېرىشىشنىڭ يولىنى بىزگە كۆرسىتىدۇ. ئەقىلسىز ئايالنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلار جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن خۇشاللىق تېپىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئېنىق ئېيتقاندا، ئۇلار كەلگۈسىگە بىپەرۋالىق قىلىپ، پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرۈپ ياشايدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۇلار ئۆلۈكلەر بارىدىغان جاي گۆردە بولىدۇ.—پەند. نە 9:13، 17، 18.
18 «ھەقىقىي دانالىق»نىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلارنىڭ كېلەچىكى مۇتلەق باشقىچە بولىدۇ! ئۇلار بەختلىك، چۈنكى ئۇلارنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەممە نەرسىلىرى بار (يەشايا 65:13). يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق، يەھۋا مۇنداق دەيدۇ: «سۆزۈمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، ياخشى يېمەكلىكنى يەڭلار، ئېسىل تائاملارنىڭ لەززىتى كۆڭلۈڭلارنى سۆيۈندۈرۈپ، شاد-خۇرام بولىسىلەر» (يەشايا 55:1، 2). بىز يەھۋا ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى ياخشى كۆرۈشنى ۋە ئۆچ كۆرىدىغان نەرسىنى ئۆچ كۆرۈشنى ئۆگىنىمىز (زەبۇر 97:10). بىز باشقىلارنى «ھەقىقىي دانالىق»تىن ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىپ، قانائەت تاپىمىز. بىز «شەھەرنىڭ ئېگىز جايلىرىدا، … كىمكى تەجرىبىسىز بولسا، بۇ يەرگە كەلسۇن»،— دەپ توۋلىغان خىزمەتچىلەرگە ئوخشايمىز. بۇ ئۆزىمىزگە ۋە تەكلىپكە قۇلاق سالغانلارغا ھازىرلا ئەمەس، بەلكى مەڭگۈگە پايدىلىقتۇر. بىز «دانالىق يولىدىن چىماي» مەڭگۈ ياشايمىز.—پەند. نە 9:3، 4، 6.
19. ۋەز 12:13، 14-ئايەتلەرگە ماس، نېمە قىلىشقا بەل باغلىدۇق؟ (« خۇدادىن ئەيمىنىشنىڭ پايدىسى» ناملىق رامكىغىمۇ قاراڭ)
19 ۋەز 12:13، 14-نى ئوقۇڭ. مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە يەھۋاغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت بىزنى قوغدايدۇ ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن پاك بولۇپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا ياردەم بېرىدۇ. بىز مۇمكىنقەدەر كۆپرەك كىشىلەرنى «ھەقىقىي دانالىق»نىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشكە چاقىرىمىز. چۈنكى، يەھۋانى چىن قەلبىمىزدىن سۆيىمىز ۋە ھۆرمەتلەيمىز.
29-ناخشا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يۈرەيلى
a مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى چوقۇم خۇدادىن ئەيمىنىپ قورقۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك. بۇنداق قورقۇش قەلبىمىزنى ھىمايە قىلىپ، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەردىن بىزنى قوغدايدۇ. بۇ ماقالىدىن، پەندى-نەسىھەت كىتابى 9-بابىدا، كۆچمە مەنىدە تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئايالنىڭ، يەنى دانالىق ۋە ئەخمەقلىق ئوتتۇرىسىدىكى روشەن سېلىشتۇرما پەرقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. مۇشۇ بابتىكى نەسىھەت بىزگە ھازىر ۋە كېلەچەكتە داۋاملىق ياردەم بېرەلەيدۇ.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.