مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تە‌رجىمىھال

كۈتمىگە‌ن ۋە‌زىپىلە‌ر ۋە تە‌جرىبە-‏ساۋاقلارغا تولغان ھايات

كۈتمىگە‌ن ۋە‌زىپىلە‌ر ۋە تە‌جرىبە-‏ساۋاقلارغا تولغان ھايات

بالىلىق چاغلىرىمدا،‏ ھە‌ر قېتىم ئايروپىلاننىڭ ئۇ‌چۇ‌پ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە،‏ بە‌زى دۆلە‌تلە‌رگە ئۇ‌چۇ‌شنى ئارزۇ قىلاتتىم.‏ ئە‌مما،‏ بۇ ماڭا مۇ‌مكىن بولمايدىغان چۈشتە‌ك تۇ‌يۇ‌لاتتى.‏

ئاتا-‏ئانام ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى مە‌زگىلىدە ئېستونىيە‌دىن ئايرىلىپ،‏ گېرمانىيە‌گە كە‌تكە‌نىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن گېرمانىيە‌دە تۇ‌غۇ‌لغان.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ ئۇ‌لار كاناداغا كۆچۈشكە تە‌ييارلىق قىلىشقا باشلىغان ئىكە‌ن.‏ تۇ‌نجى ئۆيىمىز،‏ كانادانىڭ ئوتتاۋا شە‌ھىرىگە يېقىن بىر جايدىكى توخۇ كاتىكىنىڭ ئاقارتىلغان بىر بۇ‌لۇ‌ڭى ئىدى.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ ئىنتايىن نامرات بولساقمۇ،‏ بىراق ناشتىلىق ئۈچۈن تۇ‌خۇ‌م يېيە‌لە‌يتتۇ‌ق.‏

بىر كۈنى،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئاپامغا ۋە‌ھىيلە‌ر 21-‏باب 3،‏ 4-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌دى.‏ ئۇ ئاڭلىغانلىرىدىن بە‌ك تە‌سىرلىنىپ،‏ يىغلاشقا باشلىدى.‏ ھە‌قىقە‌ت ئۇ‌رۇ‌قى ئۆسۈپ،‏ ئاپام بىلە‌ن دادام ناھايىتى تېزلا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى.‏

ئاتا-‏ئانام ئىنگلىز تىلىنى ياخشى سۆزلىيە‌لمىسىمۇ،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋاغا قىزغىنلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلاتتى.‏ ئونتارىيونىڭ سۇ‌دبۇ‌رى دېگە‌ن يېرىدە،‏ دادام نىكېل تاۋلاش زاۋۇ‌تىدا كېچىچە جاپالىق ئىشلىگە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ ھە‌ر شە‌نبە كۈنى دېگۈدە‌ك،‏ مېنى ۋە سىڭلىم سىلۋىيانى ۋە‌ز خىزمە‌تكە ئېلىپ باراتتى.‏ بىز ھە‌ر ھە‌پتە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە «كۈزىتىش مۇ‌نارىنى» ئۆگىنە‌تتۇ‌ق.‏ ئاپام-‏دادام ماڭا خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمنى كۈچە‌يتىشنى ئۆگە‌تتى.‏ نە‌تىجىدە،‏ 1956-‏يىلى ئون يېشىمدا،‏ ئۆزۈمنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىدىم.‏ ھە‌ر قېتىم ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان كۈچلۈك مۇ‌ھە‌ببىتى ھە‌ققىدە ئويلانغىنىمدا،‏ داۋاملىق خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكىم تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏

تولۇ‌ق ئوتتۇ‌را مە‌كتە‌پنى پۈتتۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ دىققىتىم سە‌ل-‏پە‌ل چېچىلىپ كە‌تتى.‏ ئە‌گە‌ر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولسام،‏ دۇ‌نيانى ساياھە‌ت قىلىش ئارزۇ‌يۇ‌منى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌رگىزمۇ يېتە‌رلىك پۇ‌ل تاپالمايمە‌ن دە‌پ ئويلىغان ئىدىم.‏ مە‌ن يە‌رلىك رادىئو ستانسىياسىدا مۇ‌زىكا پروگراممىسىغا رىياسە‌تچىلىك قىلىدىغان ئىشنى تاپتىم،‏ بۇ خىزمىتىمنى بە‌ك ياخشى كۆرە‌تتىم.‏ لېكىن،‏ مە‌ن كە‌چتە ئىشلىگە‌چ،‏ دائىم ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشالمىدىم ۋە خۇ‌دانى سۆيمە‌يدىغانلار بىلە‌ن باردى-‏كە‌لدى قىلدىم.‏ ئاخىرىدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ماس تە‌ربىيىلە‌نگە‌ن ۋىجدانىم مېنى ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشقا ئۈندىدى.‏

مە‌ن ئونتارىئونىڭ ئوشاۋا شە‌ھىرىگە كۆچۈپ كە‌تتىم.‏ ئۇ يە‌ردە مە‌ن راي نورمان،‏ ئۇ‌نىڭ سىڭلىسى لېسلى ۋە باشقا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌م.‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى مېنى قىزغىن قارشى ئالدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌شاللىقىنى كۆرۈپ،‏ ھاياتىم توغرۇ‌لۇ‌ق قايتا ئويلىنىشقا باشلىدىم.‏ ئۇ‌لار مېنى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شقا ئىلھاملاندۇ‌ردى ۋە 1966-‏يىلى سېنتە‌بىردە،‏ مە‌ن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولدۇ‌م.‏ مە‌ن خۇ‌شال بولدۇ‌م،‏ تۇ‌رمۇ‌شۇ‌م كۆڭۈللۈك ئۆتە‌تتى.‏ بىراق،‏ ھاياتىمنى ئۆزگە‌رتىدىغان بە‌زى كۈتۈلمىگە‌ن ئىشلار مېنى ساقلاپ تۇ‌رغان ئىكە‌ن.‏

يە‌ھۋا بە‌زى ئىشنى قىلىشقا سىزنى تە‌كلىپ قىلسا،‏ ئۇ ئىشنى سىناپ بېقىڭ

مە‌ن تولۇ‌ق ئوتتۇ‌را مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌ۋاتقان چېغىمدا،‏ كانادانىڭ تورونتو شە‌ھىرىدىكى بە‌يتە‌لگە ئىلتىماس قىلغان ئىدىم.‏ كېيىن،‏ مە‌ن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغاندا،‏ بە‌يتە‌لدە تۆت يىل خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌كلىپ قىلىندىم.‏ لېكىن،‏ مە‌ن لېسلىنى ھە‌قىقە‌تە‌ن ياخشى كۆرە‌تتىم،‏ ئە‌گە‌ر بۇ تە‌كلىپنى قوبۇ‌ل قىلسام،‏ ئۇ‌نى قايتا كۆرە‌لمە‌سلىكىمدىن قورقاتتىم.‏ مە‌ن چىن قە‌لبىمدىن يە‌ھۋاغا ئۇ‌زۇ‌ن دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن،‏ ئاخىرى بە‌يتە‌لنىڭ چاقىرىقىنى قوبۇ‌ل قىلدىم ۋە كۆزۈم قىيمىغان ھالدا لېسلى بىلە‌ن خوشلىشىپ كە‌تتىم.‏

مە‌ن ئاۋۋال بە‌يتە‌لنىڭ كىيىم-‏كېچە‌كلە‌رنى يۇ‌يۇ‌ش بۆلۈمىدە ئىشلىدىم،‏ كېيىن يە‌نە كاتىپ بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلدىم.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر ۋاقىتتا،‏ لېسلى كۋېبېك ئۆلكىسىنىڭ گاتىناۋ شە‌ھىرىدە مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشقا باشلىدى.‏ مە‌ن دائىم ئۇ‌نىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزۈمنىڭ توغرا قارار چىقارغان-‏چىقارمىغانلىقىم ھە‌ققىدە ئويلىدىم.‏ كېيىن،‏ ھاياتىمدىكى ئە‌ڭ خۇ‌شاللىنارلىق بىر ئىش يۈز بېرىپ،‏ لېسلىنىڭ ئاكىسى راي بە‌يتە‌لگە تە‌كلىپ قىلىندى.‏ ئۇ مە‌ن بىلە‌ن ياتاقداش بولدى!‏ بۇ مېنىڭ لېسلى بىلە‌ن دوستلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىشكە سە‌ۋە‌ب بولدى.‏ تۆت يىللىق ۋە‌زىپە‌م ئاخىرلاشقان كۈنى،‏ يە‌نى 1971-‏يىلى فېۋرال 27-‏كۈنى،‏ بىز توي قىلدۇ‌ق.‏

1975-‏يىلى جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىش خىزمىتىنى باشلاش

لېسلى ئىككىمىز كۋېبېكتىكى بىر فرانسۇ‌ز تىلى جامائىتى بىلە‌ن بىللە خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌يىنلە‌ندۇ‌ق.‏ بىر نە‌چچە يىلدىن كېيىن،‏ مە‌ن رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌يىنلە‌ندىم.‏ شۇ چاغدا،‏ 28 ياشتا ئىدىم،‏ ئىنتايىن ھە‌يران بولدۇ‌م.‏ ئۆزۈمنى تېخى ياش ۋە تە‌جرىبە‌م كە‌مچىل دە‌پ ئويلىدىم،‏ ئە‌مما،‏ يە‌رە‌مىيا 1-‏باپ 7،‏ 8-‏ئايە‌تلە‌ر مېنى ئىلھاملاندۇ‌ردى.‏ بىراق،‏ لېسلى بىرقانچە قېتىم قاتناش ۋە‌قە‌سىگە يولۇ‌ققاچ،‏ ئۇ‌خلاشتا قىينىلاتتى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىش خىزمىتىنى قانداق قىلالايمىز؟‏ لېكىن،‏ ئۇ:‏ «ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا بىزنى بىرە‌ر ئىش قىلىشقا تە‌كلىپ قىلسا،‏ بىز ئۇ ئىشنى قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌پ بېقىشىمىز كېرە‌ك ئە‌مە‌سمۇ؟‏»—‏ دېدى.‏ بىز ۋە‌زىپىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىق ئىچىدە 17 يىل زىيارە‌ت خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌ردۇ‌ق.‏

زىيارە‌ت خىزمىتى ئالدىراش ئۆتكە‌چ،‏ مە‌ن ھە‌مىشە لېسلىغا ھە‌مراھ بولۇ‌شقا ۋاقىت چىقىرالماتتىم.‏ مۇ‌شۇ تە‌رە‌پتە يە‌نە ئۆگىنىشىم كېرە‌ك ئىدى.‏ مە‌لۇ‌م بىر دۈشە‌نبە كۈنى ئە‌تىگە‌ندە،‏ ئىشىك قوڭغۇ‌رىقى سايرىدى.‏ ئۇ يە‌ردە ھېچكىم يوق،‏ پە‌قە‌ت داستىخان،‏ مېۋە-‏چىۋە،‏ قايماق،‏ نان،‏ بىر بوتۇ‌لكا ئۈزۈم ھارىقى،‏ رومكىلار ۋە «ئايالىڭىزنى سە‌يلە قىلىشقا ئېلىپ بېرىڭ» دە‌پ يېزىلغان نامسىز خە‌ت تۇ‌راتتى.‏ بۇ ھاۋا ئوچۇ‌ق،‏ چىرايلىق بىر كۈن ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ مە‌ن لېسلىغا نۇ‌تۇ‌ق تە‌ييارلىشىم كېرە‌كلىكىنى،‏ شۇ‌ڭا بارالمايدىغانلىقىمنى چۈشە‌ندۈردۈم.‏ ئۇ مېنى چۈشە‌ندى،‏ ئە‌مما بىراز كۆڭلى يېرىم بولۇ‌پ قالدى.‏ ئۈستە‌لدە ئولتۇ‌رسام،‏ ۋىجدانىم مېنى ئاۋارە قىلىشقا باشلىدى.‏ مە‌ن ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏ 25،‏ 28-‏ئايە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلىدىم.‏ بۇ سۆزلە‌ر ئارقىلىق يە‌ھۋا ماڭا ئايالىمنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئېسىمگە سېلىۋاتمامدۇ؟‏ دۇ‌ئادىن كېيىن،‏ مە‌ن لېسلىغا «ماڭايلى» دېدىم،‏ ئۇ بە‌ك خۇ‌شال بولۇ‌پ كە‌تتى.‏ بىز ماشىنا ھە‌يدە‌پ،‏ دە‌ريا بويىدىكى چىرايلىق بىر جايغا باردۇ‌ق ۋە داستىخاننى يېيىپ،‏ بىرلىكتە ئە‌ڭ كۆڭۈللۈك بىر كۈننى ئۆتكۈزدۇ‌ق.‏ كېيىن،‏ نۇ‌تۇ‌قۇ‌منى ھە‌م تە‌ييارلىدىم.‏

بىز ئە‌نگلىيە كولۇ‌مبىيە ئۆلكىسىدىن تاكى نيۇ‌فاۇ‌ندلېندغىچە،‏ كۆپلىگە‌ن جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلاتتۇ‌ق،‏ خىزمىتىمىزدىن زور خۇ‌شاللىق تاپتۇ‌ق.‏ مېنىڭ ساياھە‌ت قىلىش ئارزۇ‌يۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشتى.‏ مە‌ن گىلىئاد مە‌كتىپى ھە‌ققىدە ئويلانغان،‏ ئە‌مما ياتئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى (‏مىسسىئونېر)‏ بولۇ‌ش ئارزۇ‌يۇ‌م يوق ئىدى.‏ چۈنكى،‏ مىسسىئونېرلار ماڭا ئالاھىدە ئادە‌ملە‌ردە‌ك بىلىنە‌تتى ۋە ئۆزۈمنى لايىق ئە‌مە‌س ھېس قىلاتتىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مە‌ن بىزنىڭ ئافرىقىدىكى كېسە‌للىك ۋە ئۇ‌رۇ‌ش ئاپىتىگە ئۇ‌چرىغان دۆلە‌تكە ئە‌ۋە‌تىلىشىمىزدىن ئە‌نسىرە‌تتىم.‏ كانادا مە‌يلى قە‌يە‌ردە خىزمە‌ت قىلساق،‏ خۇ‌شال ئىدىم.‏

كۈتمىگە‌ندە ئېستونىيە ۋە باشقا بالتىق دېڭىزى بويىدىكى دۆلە‌تلە‌رگە تە‌كلىپ قىلىندۇ‌ق

بالتىق دېڭىزى بويىدىكى دۆلە‌تلە‌ردە سە‌پە‌ر قىلىش

سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بە‌زى دۆلە‌تلە‌ردە ئە‌ركىن ۋە‌ز قىلىشقا باشلىغانىدى.‏ 1992-‏يىلى،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر بىزدىن ئېستونىيە‌گە كۆچۈپ،‏ مىسسىئونېر بولۇ‌شنى خالايدىغان-‏خالىمايدىغانلىقىمىزنى سورىدى.‏ بىز ھە‌يران قالدۇ‌ق،‏ ئە‌مما بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق دۇ‌ئا قىلدۇ‌ق.‏ بىز يە‌نە «ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا بىزنى بىرە‌ر ئىش قىلىشقا تە‌كلىپ قىلسا،‏ بىز ئۇ ئىشنى قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌پ بېقىشىمىز كېرە‌ك ئە‌مە‌سمۇ؟‏» دە‌پ ئويلىدۇ‌ق.‏ بىز تە‌كلىپنى قوبۇ‌ل قىلدۇ‌ق.‏ مە‌ن كۆڭلۈمدە «ياخشى بولدى،‏ ئافرىقىغا بارمايدىغان بولدۇ‌ق» دە‌پ ئويلىدىم.‏

بىز دە‌رھال ئېستونىيە تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىدۇ‌ق.‏ ئۇ دۆلە‌تتە بىر-‏ئىككى ئاي تۇ‌رغاندىن كېيىن،‏ جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىش خىزمىتىگە تە‌يىنلە‌ندۇ‌ق.‏ بىز بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلە‌ت ۋە روسىيە‌نىڭ كالىنىنگراد رايونىدىكى 46 جامائە‌ت ۋە توپلارنى زىيارە‌ت قىلدۇ‌ق.‏ بىز لاتۋىيا،‏ لىتۋا ۋە رۇ‌س تىللىرىنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك بولدى.‏ بۇ قىيىن كە‌لدى.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ دوستلار بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزدىن تە‌سىرلە‌ندى ۋە بىزگە ياردە‌م بە‌ردى.‏ 1999-‏يىلى ئېستونىيە‌دە بە‌يتە‌ل ئىدارىسى قۇ‌رۇ‌لدى.‏ مە‌ن توماس ئېدۇ‌ر،‏ لېمبىت رېيلې ۋە توممى كاۋكو بىلە‌ن بىللە بە‌يتە‌ل كېڭىشىدە خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌يىنلە‌ندىم.‏

ئوڭ:‏ لىتۋادا بىر چوڭ يىغىلىشتا نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىۋاتقاندا

سول:‏ 1999-‏يىلى ئېستونىيە‌دە قۇ‌رۇ‌لغان بە‌يتە‌ل كېڭىشى

بىز ئىلگىرى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان نۇ‌رغۇ‌ن گۇ‌ۋاھچىلار بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌ق.‏ گە‌رچە تۈرمىدە ناچار مۇ‌ئامىلىلە‌رگە ئۇ‌چرىغان ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ھە‌رگىزمۇ ئاغرىنمايتتى.‏ ئۇ‌لار خىزمە‌تكە بولغان قىزغىنلىقىنى ۋە خۇ‌شاللىقىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.‏ بۇ بىزنىڭ قىيىن ئە‌ھۋالدا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى ۋە خۇ‌شال بولالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈشكە ياردە‌م بە‌ردى.‏

بىز تۈزۈك دە‌م ئالماي،‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىل تىرىشىپ خىزمە‌ت قىلدۇ‌ق.‏ شۇ‌ڭا،‏ لېسلى قاتتىق ھېرىپ-‏چارچىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى.‏ ئۇ‌نىڭ ھارغىنلىقىنىڭ مۇ‌سكۇ‌ل تالاسى كېسلى (‏فىبرومىئالگىيا)‏ بىلە‌ن باغلىنىشى بارلىقىنى بىلمىگە‌ن ئىدۇ‌ق.‏ بىز كاناداغا قايتىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئە‌ستايىدىل ئويلىنىۋاتقاندا،‏ ئامېرىكىنىڭ نيۇ-‏يورك،‏ پاتتېرسوندىكى مە‌كتە‌پكە ئوقۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلىندۇ‌ق.‏ بە‌لكىم،‏ بىز بارالمايمىز دە‌پ ئويلىدىم.‏ بىراق،‏ ئىخلاس بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن،‏ تە‌كلىپنى قوبۇ‌ل قىلدۇ‌ق.‏ يە‌ھۋا بۇ قارارىمىزنى بە‌رىكە‌تلىدى.‏ بۇ مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌ۋاتقان چاغدا،‏ ئاخىرى لېسلىنىڭ كېسىلىنى ياخشىراق داۋالىتىش پۇ‌رسىتى بولدى.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىمىزنى نورمال ھالە‌تكە كە‌لتۈرە‌لىدۇ‌ق.‏

يە‌نە بىر كۈتمىگە‌ن ۋە‌زىپە —‏ ئافرىقىغا بېرىش

ئېستونىيە‌گە قايتىپ كە‌لگە‌ندىن كېيىن،‏ 2008-‏يىلى بىر كۈنى كە‌چتە،‏ دۇ‌نياۋىي باش ئىدارىدىن تېلېفون قىلىپ،‏ كونگودىكى ۋە‌زىپىنى قوبۇ‌ل قىلالايدىغان-‏قىلالمايدىغانلىقىمىزنى سورىدى ۋە ئە‌تە جاۋاب بېرىشىمنى ئۆتۈندى.‏ مە‌ن ئىنتايىن ھە‌يران قالدىم.‏ دە‌سلە‌پتە،‏ مە‌ن بۇ ھە‌ققىدە لېسلىغا ئېغىز ئاچمىدىم،‏ چۈنكى ئۇ‌نىڭ شۇ كۈنى كە‌چتە ئۇ‌خلىمايدىغانلىقىنى بىلە‌تتىم.‏ نە‌تىجىدە،‏ مە‌ن ئۆزۈم ئۇ‌خلىيالمىدىم.‏ چۈنكى ئافرىقا توغرىسىدىكى غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىمنى ئېيتىپ،‏ پۈتۈن كېچە يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ چىقتىم.‏

ئە‌تىسى مە‌ن لېسلىغا ئېيتقىنىمدا،‏ «يە‌ھۋا بىزنى ئافرىقىغا بېرىشقا تە‌كلىپ قىلىۋاتىدۇ.‏ سىناپ باقمىساق،‏ بۇ ئىشنى قىلالمايدىغانلىقىمىزنى ۋە خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولالمايدىغانلىقىمىزنى قانداق بىلىمىز؟‏» دە‌پ ئويلىدۇ‌ق.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئېستونىيە‌دە 16 يىل تۇ‌رغاندىن كېيىن،‏ بىز كونگو،‏ كىنشاساغا قاراپ ئۇ‌چتۇ‌ق.‏ بۇ يە‌ردە بە‌يتە‌ل يېشىللىققا پۈركە‌نگە‌ن ۋە تىپ-‏تىنچ ئىدى.‏ لېسلى ھۇ‌جرىمىزغا تۇ‌نجى بولۇ‌پ،‏ ئۇ كانادادىن ئايرىلغاندىن بۇ‌يان ساقلىغان كارتىنى تىزىپ قويدى.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىدە «قە‌يە‌رگە تېرىلسىڭىز،‏ شۇ يە‌ردە چېچە‌كلە‌ڭ» دېگە‌ن خە‌ت يېزىلغان ئىدى.‏ يە‌رلىك قېرىنداشلار بىلە‌ن تونۇ‌شقاندىن كېيىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈپ،‏ بۇ يە‌ردە ياتئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ،‏ زور خۇ‌شاللىق تاپتۇ‌ق.‏ كېيىن،‏ بىز باش ئىدارىگە ۋاكالىتە‌ن ئافرىقىدىكى باشقا 13 دۆلە‌تتىكى بە‌يتە‌ل ئىشخانىلىرىنى زىيارە‌ت قىلىش ئىمتىيازىدىن بە‌ھرىمە‌ن بولدۇ‌ق.‏ بىز نۇ‌رغۇ‌نلىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌پ،‏ تۈرلۈك مىللە‌ت ۋە مە‌دە‌نىيە‌تنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزە‌للىكىنى كۆرۈپ يە‌تتۇ‌ق.‏ دە‌سلە‌پكى غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىمدىن ئازراقمۇ ئىزنا قالمىدى ۋە يە‌ھۋانىڭ بىزنى ئافرىقىغا خىزمە‌ت قىلىشقا ئە‌ۋە‌تكە‌نلىكىگە رە‌ھمە‌ت ئېيتتۇ‌ق.‏

كونگودا،‏ قېرىنداشلار بىزنى ئىلگىرى بىز يە‌پ كۆرۈپ باقمىغان ھاشارە‌تلە‌ردىن قىلىنغان تاماقلارنى يېيىشكە تە‌كلىپ قىلدى.‏ قېرىنداشلارنىڭ ھۇ‌زۇ‌رلىنىپ يە‌ۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە،‏ ئۇ‌لارنى سىناپ تېتىپ باقتۇ‌ق ۋە ياخشى كۆرۈپ قالدۇ‌ق.‏

كونگونىڭ شە‌رقىدىكى رايونلاردا،‏ پارتىزانلار دائىم پە‌رقلىق كە‌نتلە‌رگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىپ،‏ ئاياللار ۋە بالىلارغا زىيانكە‌شلىك قىلاتتى،‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ رايونلارغا بېرىپ،‏ قېرىنداشلارغا روھى تە‌سە‌للى بىرىپ،‏ ماددىي ياردە‌ملە‌رنى قوللىرىغا تە‌ككۈزە‌تتۇ‌ق.‏ قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ناھايىتى كە‌مبە‌غە‌ل ئىدى.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ قايتا تىرىلىشكە بولغان كۈچلۈك ئۈمىدى،‏ يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ساداقىتى بىزنى قاتتىق تە‌سىرلە‌ندۈردى.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈلگىسى بىزنى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشتىكى مە‌قسە‌ت-‏مۇ‌ددىئالىرىمىزنى قايتىدىن تە‌كشۈرۈپ،‏ ياراتقۇ‌چىمىزغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشكە تۈرتكە بولدى.‏ بە‌زى بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئۆي-‏جايلىرى ۋە ئۆستۈرۈۋاتقان ئاشلىق زىرائە‌تلە‌ردىن ئايرىلدى.‏ بۇ ماڭا ماددى نە‌رسىلە‌رنىڭ قانچىلىك تېز يوقىلىدىغانلىقى ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تنى قە‌دىرلە‌شنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىملىقىنى ئە‌سلە‌تتى.‏ قېرىنداشلار ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزسىمۇ،‏ ئىنتايىن ئاز ئاغرىناتتى.‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆز قارىشى بىزنى قىيىنچىلىقلىرىمىز ۋە ساغلاملىق مە‌سىلىلىرىمىزگە جاسارە‌ت بىلە‌ن يۈزلىنىشكە دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏

ئوڭ:‏ بىر توپ مۇ‌ساپىرلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن نۇ‌تۇ‌ق سۆزلە‌ۋاتقاندا

سول:‏ ئىنسانپە‌رۋە‌رلىك ۋە تىببىي داۋالاش ياردىمىنى يە‌تكۈزۈش

ئاسىياغا ئە‌ۋە‌تىلدۇ‌ق

كېيىن،‏ كۈتمىگە‌ن باشقا بىر ئۆزگىرىش بولدى.‏ بىز شياڭگاڭ بە‌يتە‌لگە كۆچۈش تە‌كلىپىنى تاپشۇ‌رۇ‌ۋالدۇ‌ق.‏ بىز شە‌رقتە ياشاشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇ‌ق!‏ ئە‌مما،‏ باشقا بارلىق ۋە‌زىپىلە‌ردە يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك قولىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌چ،‏ بىز تە‌كلىپنى قوبۇ‌ل قىلدۇ‌ق.‏ 2013-‏يىلى،‏ كۆزلىرىمىزگە ئىسسىق ياش ئېلىپ،‏ قە‌دىردان دوستلىرىمىز ۋە گۈزە‌ل ئافرىقا بىلە‌ن خوشلاشتۇ‌ق.‏ ئە‌مما،‏ ئالدىمىزدا بىزنى نېمە ئىشلارنىڭ كۈتۈپ تۇ‌رغانلىقىنى بىلمە‌يتتۇ‌ق.‏

شياڭگاڭ تە‌رە‌ققىي قىلىپ گۈللە‌نگە‌ن،‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىن كە‌لگە‌ن ئادە‌ملە‌ر توپلانغان،‏ ئىنتايىن چوڭ بىر شە‌ھە‌ر ئىدى.‏ بىز ئۈچۈن بە‌ك چوڭ ئۆزگىرىش بولدى.‏ گۇ‌ۋاڭدۇ‌ڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئاسان ئە‌مە‌س ئىدى.‏ بىراق،‏ قېرىنداشلار بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە يە‌رلىك يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كلە‌ردىن ھە‌قىقە‌تە‌ن ھۇ‌زۇ‌رلاندۇ‌ق.‏ بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت دائىرىسىنىڭ تېز كېڭىشى بىلە‌ن بىرگە،‏ شياڭگاڭدا تۇ‌رالغۇ ئۆي ۋە يە‌ر-‏جاي باھاسى شىددە‌ت بىلە‌ن ئۆرلە‌پ كە‌تتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش دانالىق بىلە‌ن بە‌يتە‌لنىڭ كۆپ قىسىم يە‌ر-‏مۈلۈكىنى سېتىۋېتىشنى قارار قىلدى.‏ ئۇ‌زاق ئۆتمە‌ي،‏ 2015-‏يىلى بىز كورېيىگە كۆچۈپ كە‌لدۇ‌ق ۋە ھازىرغىچە بۇ دۆلە‌تتە خىزمە‌ت قىلىۋاتىمىز.‏ بىز يە‌نە قىيىن بىر تىلنى ئۆگىنىشكە دۇ‌چ كە‌لدۇ‌ق،‏ ھازىرچە ئانچە ياخشى سۆزلىيە‌لمە‌يمىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ قېرىنداشلار كورېيىچە سۆزلە‌شتە ئالغا ئىلگىرىلە‌پ قالغانلىقىمىزنى ئېيتىپ،‏ بىزگە ئىلھام بېرىۋاتىدۇ.‏

ئوڭ:‏ شياڭگاڭدا يېڭى تۇ‌رمۇ‌شىمىزنى باشلىدۇ‌ق

سول:‏ كورېيە‌دىكى بە‌يتە‌ل

يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىپ،‏ توپلىغان تە‌جرىبە-‏ساۋاقلار

يېڭى دوستلارنى تېپىش ھە‌مىشە ئاسان ئە‌مە‌س،‏ ئە‌مما بىز تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن مېھماندوست بولۇ‌ش ئارقىلىق باشقىلار بىلە‌ن بالدۇ‌رراق تونۇ‌شالايدىغانلىقىمىزنى بايقىدۇ‌ق.‏ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر-‏بىرىدىن پە‌رقلىق ئىكە‌نلىكىنى كۆردۇ‌ق ۋە يە‌ھۋانىڭ بىزنى كۆڭلى كۆكسىمىزنى كە‌ڭ تۇ‌تۇ‌پ،‏ پە‌رقلىق كىشىلە‌رنى مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن قارشى ئالىدىغان قىلىپ،‏ ئاجايىپ ياراتقانلىقىنى كۆرۈپ يە‌تتۇ‌ق.‏

بىز كىشىلە‌رنى يە‌ھۋاغا ئوخشاش قوبۇ‌ل قىلىشىمىز ۋە ھاياتىمىزدا يە‌ھۋانىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقى ۋە بىزنى يېتە‌كلە‌يدىغانلىقىنىڭ دە‌لىل-‏ئىسپاتلىرىنى ئىزدە‌شنىڭ لازىملىقىنى كۆردۇ‌ق.‏ كۆڭلىمىز يېرىم بولغاندا ياكى قېرىنداشلار بىزنى ياقتۇ‌رغان-‏ياقتۇ‌رمىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق غە‌م-‏تە‌شۋىش قىلغاندا،‏ دوستلىرىمىز يازغان كارتىلار ياكى خە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌پ،‏ ئىلھام-‏مە‌دە‌تكە ئېرىشتۇ‌ق.‏ بىز ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رغانلىقىنى ۋە ئىشە‌نچىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌پ،‏ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بە‌رگە‌نلىكىنى ھېس قىلدۇ‌ق.‏

نۇ‌رغۇ‌ن يىللاردىن بۇ‌يان،‏ لېسلى ئىككىمىز ھە‌ر قانچە ئالدىراش بولساقمۇ ،‏ بىر-‏بىرىمىزگە ۋاقىت ئاجرىتىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ بىز يە‌نە خاتالىق سادىر قىلغاندا،‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزگە كۈلۈش لازىملىقىنى چۈشىنىپ يە‌تتۇ‌ق،‏ بولۇ‌پمۇ يېڭى تىل ئۆگىنىۋاتقاندا،‏ تېخىمۇ شۇ‌نداق قىلىش كېرە‌ك.‏ ھە‌ر كۈنى كە‌چتە،‏ بىز يە‌ھۋاغا رە‌ھمە‌ت ئېيتىشقا سە‌ۋە‌ب بولىدىغان خۇ‌شاللىنارلىق ئىشلارنى ئىزدە‌شكە تىرىشىمىز.‏

راستىنى ئېيتقاندا،‏ مە‌ن ئىلگىرى ھە‌رگىزمۇ مىسسىئونېر بولالمايمە‌ن ياكى باشقا دۆلە‌تلە‌ردە ياشىيالمايمە‌ن دە‌پ ئويلىغان.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋانىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى بىلە‌ن ھە‌ممە ئىشنىڭ مۇ‌مكىن بولىدىغانلىقىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم.‏ مە‌ن بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن خۇ‌شالمە‌ن!‏ يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مۇ‌نۇ سۆزى ئېسىمگە كېلىدۇ:‏ «ئە‌ي يە‌ھۋا،‏ سە‌ن مېنى ئە‌خمە‌ق قىلدىڭ» (‏يە‌رە‌م.‏ 20:‏7‏)‏.‏ شۇ‌نداق،‏ ئۇ بىزگە نۇ‌رغۇ‌ن كۈتمىگە‌ن،‏ ھە‌يران قالارلىق ۋە تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلغۇ‌سىز بە‌رىكە‌تلە‌رنى ياغدۇ‌ردى.‏ ھە‌تتا مېنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ساياھە‌ت قىلىش ئارزۇ‌يۇ‌منى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌ردى.‏ ھە‌تتا بالىلىق چاغلىرىمدا خىيال قىلىپ باقمىغان نۇ‌رغۇ‌ن جايلارغا ئۇ‌چۇ‌پ،‏ بە‌ش قىتئە‌دە بە‌يتە‌للە‌رنى زىيارە‌ت قىلدۇ‌ق.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مە‌يلى قانداق ۋە‌زىپە ئورنىدا بولسۇ‌ن،‏ لېسلىنىڭ چىن كۆڭلىدىن مېنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌پ كە‌لگىنىگە كۆپ رە‌ھمە‌ت ئېيتىمە‌ن.‏

بىز ھە‌مىشە ئۆز-‏ئۆزىمىزگە،‏ بۇ ئىشنى كىم ئۈچۈن ۋە نېمە ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئە‌سكە‌رتىپ تۇ‌رىمىز.‏ بۈگۈن بىز بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ۋاتقان بە‌رىكە‌تلە‌ر،‏ كېلە‌چە‌كتە يېڭى دۇ‌نيادىكى ھاياتنىڭ نە‌قە‌دە‌ر گۈزە‌ل بولىدىغانلىقىنىڭ ئالدىن بېشارىتى خالاس.‏ شۇ ۋاقىت كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا قولىنى ئېچىپ،‏ ھە‌ر بىر جانلىقنىڭ تە‌شنالىقىنى قاندۇ‌رىدۇ!‏—‏زە‌بۇ‌ر 145:‏16‏.‏