«كۈزىتىش مۇنارى»دىكى قوشۇمچە ماقالىلەر
كۆپلىگەن قېرىنداشلار «®JW Library» پروگراممىسىنى قوللىنىپ، يىغىلىشلارغا تەييارلىق قىلىدۇ. ئۇلار بۇ پروگراممىنىڭ، «كۈزىتىش مۇنارى» تەتقىق ماقالىلىرىنى ئوقۇشقا قولايلىق ياراتقانلىقىغا مىننەتدار! بىراق، «كۈزىتىش مۇنارى» تەتقىق نەشىرىدە، روھى ئوزۇقلۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشۇمچە ماقالىلەرمۇ بار. «JW Library» پروگراممىسىدىن، شۇ ماقالىلەرنى تېپىپ، پايدىلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
ھەر بىر «كۈزىتىش مۇنارى» تەتقىق نەشىرىنىڭ ئاخىرىدا، «قوشۇمچە ماقالىلەر» دېگەن ماۋزۇ بار. بۇ ماۋزۇنىڭ ئاستىدىكى، «بۇ ساندىكى باشقا ماقالىلەر» دېگەن ئۇلىنىشقا چېكىڭ. مۇندەرىجىدىن، ھەر بىر تەتقىق ماقالىسىنىڭ نامى ۋە نۇمۇرىنى كۆرەلەيسىز. ئوقۇماقچى بولغان ماقالىنىڭ نامىغا چېكىڭ.
«JW Library» پروگراممىسىنىڭ باش بېتىدىكى، «يېڭىدىن چىققان نەشىرلەر» دېگەن سەھىپىدىن «كۈزىتىش مۇنارى»نىڭ يېڭى سانىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ. چۈشۈرۈۋالغان «كۈزىتىش مۇنارى»نىڭ مۇندەرىجىسىنى ئېچىپ كۆرۈڭ ۋە ھەر بىر ماقالىنى ئوقۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىڭ.