مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

27-‏تە‌تقىق ماقالىسى

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

‏«يە‌ھۋا ئۆزىدىن ئە‌يمىنىدىغانلارنى يېقىن دوست تۇ‌تار».‏‏—‏زە‌بۇ‌ر 25:‏14‏.‏

49-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ بىزنىڭ پاناھگاھىمىز

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ زە‌بۇ‌ر 25:‏14-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌شنى خالىساق،‏ چوقۇ‌م نېمىنى قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

 سىزنىڭچە،‏ باشقىلار بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌قنى ساقلىماقچى بولسىڭىز،‏ چوقۇ‌م قايسى پە‌زىلە‌تلە‌ر بولۇ‌شى زۆرۈر؟‏ بە‌لكىم،‏ ياخشى دوستلار بىر-‏بىرىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى كېرە‌ك دە‌پ جاۋاب بېرىسىز.‏ ياكى،‏ ياخشى دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌ش بىلە‌ن ئە‌يمىنىشنىڭ ھېچبىر مۇ‌ناسىۋىتى يوق،‏ ئۇ مۇ‌ھىم رول ئوينىمايدۇ دە‌پ قارىغانسىز.‏ بىراق،‏ بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي ئايىتىدە دېيىلگە‌ندە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈن چوقۇ‌م ئۇ‌نىڭدىن ئە‌يمىنىش كېرە‌ك.‏—‏زە‌بۇ‌ر 25:‏14-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2 مە‌يلى بىز يە‌ھۋاغا قانچىلىك ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت خىزمە‌ت قىلايلى،‏ ھە‌ممىمىز ئۇ‌نى داۋاملىق چىن كۆڭلىمىزدىن چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلىشىمىز لازىم.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىش دېگە‌ن نېمە؟‏ يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ ئوبادىيا،‏ باش روھانىي بولغان يە‌ھوياداھ ۋە يە‌ھوئاش پادىشاھلارنىڭ مىسالىدىن خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىش توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىش دېگە‌ن نېمە؟‏

3.‏ قورقۇ‌نچ بىزنى قانداق قوغدايدىغانلىقى ۋە قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

3 ئە‌گە‌ر ئۆزىمىزنىڭ مە‌لۇ‌م بىر زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرايدىغانلىقىمىزنى بىلسە‌ك،‏ قورقۇ‌نچ ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق قورقۇ‌نچنىڭ بولۇ‌شى ياخشى،‏ ئۇ بىزنى دانالىق بىلە‌ن ئىش قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏ يىقىلىپ چۈشۈشتىن قورقۇ‌ش بىزنى قىيا تاشنىڭ گىرۋىكىگە بە‌ك يېقىن مېڭىشتىن توسۇ‌پ قالىدۇ.‏ يارىلىنىپ قېلىشتىن قورقۇ‌ش بىزنى خە‌تە‌رلىك ئە‌ھۋالدىن قېچىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلدۇ‌رىدۇ.‏ يېقىن دوستلۇ‌قىمىزنىڭ بۇ‌زۇ‌لۇ‌شىدىن قورقۇ‌ش بىزنى ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان كىشىلە‌رگە قوپال سۆزلە‌رنى ياكى ئىشلارنى قىلىشتىن توسىدۇ.‏

4.‏ شە‌يتان كىشىلە‌رنىڭ يە‌ھۋادىن قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا قورقۇ‌شىنى خالايدۇ؟‏

4 شە‌يتان كىشىلە‌رنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن ناتوغرا ئۇ‌سۇ‌لدا قورقۇ‌شىنى خالايدۇ.‏ ئۇ بىزنىڭ يە‌ھۋانى ھە‌رقاچان غە‌زە‌پلىنىدىغان،‏ جازالايدىغان ۋە ئۇ‌نى رازى قىلىش قىيىن دە‌پ ئىشىنىشىمىزنى خالايدۇ.‏ شە‌يتان ئۆتمۈشتە ئېلىفاز ئارقىلىق شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىرنى تە‌شۋىق قىلغان (‏ئايۇ‌پ 4:‏18،‏ 19‏)‏.‏ شە‌يتان بىزنىڭ يە‌ھۋادىن شۇ‌نداق ناتوغرا ئۇ‌سۇ‌لدا قورقۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختىتىشىمىزنى خالايدۇ.‏ بۇ تۇ‌زاققا چۈشمە‌سلىك ئۈچۈن خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىپ،‏ توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا قورقۇ‌شنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك.‏

5.‏ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

5 خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىش ئىچىدە قورقىدىغان ئادە‌م ئۇ‌نى چىن قە‌لبىدىن ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھە‌رقانداق نە‌رسىنىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قىغا زىيان يە‌تكۈزۈشىنى خالىمايدۇ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ خۇ‌دادىن دە‌ل شۇ‌نداق ئە‌يمىنگە‌ن ئىدى (‏ئىبرانىي.‏ 5:‏7‏)‏.‏ ئۇ يە‌ھۋادىن قورقۇ‌پ،‏ ۋە‌ھىمىگە چۈشمىگە‌ن (‏يە‌شايا 11:‏2،‏ 3‏)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ چىن قە‌لبىدىن ئۇ‌نى سۆيگە‌چ،‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌شنى خالىغان (‏يۇ‌ھاننا 14:‏21،‏ 31‏)‏.‏ خۇ‌ددى ئە‌يسادە‌ك،‏ بىزمۇ يە‌ھۋانى چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئە‌يمىنىمىز.‏ چۈنكى،‏ ئۇ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك،‏ ئادىل،‏ دانا ۋە كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك خۇ‌دادۇ‌ر.‏ بىز يە‌نە شۇ‌نى بىلىمىزكى،‏ يە‌ھۋا بىزنى سۆيىدۇ ۋە بىزگە تە‌لىم بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىدىغانلىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋاغا ئىتائە‌ت قىلمىساق،‏ ئۇ‌نى رە‌نجىتىمىز،‏ ئە‌كسىچە ئىتائە‌ت قىلساق،‏ ئۇ‌نى خۇ‌شال قىلىمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 78:‏41؛‏ پە‌ند.‏ نە 27:‏11‏.‏

خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىشنى ئۆگىنىش

6.‏ يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىشنى ئۆگىنىشنىڭ بىر يولى قايسى؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏11‏)‏

6 بىز توغۇ‌لۇ‌پلا،‏ يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىشنى بىلمە‌يمىز،‏ چوقۇ‌م ئۇ‌نىڭدىن ئە‌يمىنىشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم ‏(‏زە‌بۇ‌ر 34:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ‌نىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ خۇ‌دا ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلارنى كۈزىتىپ تە‌كشۈرۈش.‏ ياراتقۇ‌چىنىڭ ئە‌قىل-‏پاراسىتى،‏ كۈچ-‏قۇ‌درىتى ۋە بىزگە بولغان چوڭقۇ‌ر مۇ‌ھە‌ببىتىنى يارىتىلغان مە‌ۋجۇ‌داتلاردىن قانچە كۆپ كۆرگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىز ۋە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز شۇ‌نچە چوڭقۇ‌رلىشىدۇ (‏رىملىقلار 1:‏20‏)‏.‏ ئادرىئان ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلاردا ئاشكارا بولغان دانالىق مېنى بە‌كمۇ ھە‌يران قالدۇ‌ردى ۋە ئۇ‌نىڭ مە‌ن ئۈچۈن نېمە ئە‌ڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى تونۇ‌پ يېتىشىمگە ياردە‌م بە‌ردى».‏ ئۇ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ،‏ شۇ‌نداق يە‌كۈن چىقارغان:‏ «ماڭا ھاياتلىق بە‌رگە‌ن يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قنى بۇ‌زىدىغان ھە‌رقانداق ئىشنى قىلىشنى خالىمايمە‌ن».‏ بۇ ھە‌پتە يە‌ھۋا ياراتقان مە‌لۇ‌م بىر نە‌رسە ھە‌ققىدە ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ھۆرمىتىڭىز ۋە مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز چوڭقۇ‌رلىشىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 111:‏2،‏ 3‏.‏

7.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىپ قورقۇ‌شنى ئۆگىنىشىمىزگە دۇ‌ئا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

7 خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىشنى ئۆگىنىشنىڭ يە‌نە بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ دائىم دۇ‌ئا قىلىش.‏ قانچە كۆپ دۇ‌ئا قىلساق،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن تېخىمۇ ياخشىراق تونۇ‌شىمىز.‏ ھە‌ر قېتىم ئۇ‌نىڭدىن بىر سىناققا بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن كۈچ سورىغىنىمىزدا،‏ ئۇ‌نىڭ كىشىنى ئە‌يمە‌ندۈرىدىغان كۈچ-‏قۇ‌درىتى ئېسىمىزگە كېلىدۇ.‏ ئوغلىنى بىز ئۈچۈن سوۋغات سۈپىتىدە بە‌رگىنىگە مىننە‌تدارلىق بىلدۈرگىنىمىزدە،‏ ئۆزىمىزگە يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئە‌سلىتىمىز.‏ يە‌ھۋادىن قىيىنچىلىقىمىزغا ياردە‌م بېرىشنى ئۆتۈنگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ نە‌قە‌دە‌ر دانالىقىنى ئە‌سكە ئالىمىز.‏ شۇ‌نداق دۇ‌ئالار بىزنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى چوڭقۇ‌رلاشتۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىزغا زىيان يە‌تكۈزىدىغان ھە‌رقانداق ئىشنى قىلماسلىق ئىرادىمىز كۈچىيىدۇ.‏

8.‏ داۋاملىق خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىپ ياشىشىمىز ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

8 بىزنىڭ داۋاملىق خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىپ ياشىشىمىزغا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ياخشى ۋە يامان كىشىلە‌رنىڭ مىساللىرىنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئاۋۋال،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىككى سادىق خىزمە‌تچىسى پادىشاھ ئاخابنىڭ ئائىلىسىدىكى خىزمە‌تچى ئوبادىيا ۋە باش روھانىي يە‌ھوياداھنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ كېيىن،‏ دە‌سلە‌پتە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىپ،‏ كېيىنرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنى توختاتقان يە‌ھۇ‌دا پادىشاھى يە‌ھوئاشتىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرىمىز.‏

خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىدىغان ئوبادىيادە‌ك جاسارە‌تلىك بولۇ‌ڭ

9.‏ يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىش ئوبادىياگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏1-‏پادىشاھلار 18:‏3،‏ 12‏)‏

9 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوبادىيانى b تۇ‌نجى قېتىم تىلغا ئالغاندا،‏ مۇ‌نداق سۆزلە‌ر بىلە‌ن تە‌سۋىرلىگە‌ن:‏ «ئوبادىيا يە‌ھۋادىن تولىمۇ ئە‌يمىنە‌تتى» ‏(‏1-‏پادىشاھلار 18:‏3،‏ 12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىش ئوبادىياگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ بىرىنچىدىن،‏ بۇ ئۇ‌نى سە‌مىمىي ۋە ئىشە‌نچىلىك قىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ پادىشاھ ئۇ‌نى خان جە‌مە‌تىگە باشقۇ‌رغۇ‌چى قىلغان (‏نە‌ھە‌م.‏ 7:‏2-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىش ئوبادىيانى تولۇ‌پ تاشقان جاسارە‌تكە ئىگە قىلغان.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن زۆرۈر بىر پە‌زىلە‌ت بولغان.‏ چۈنكى،‏ ئۇ رە‌زىل پادىشاھ ئاخابنىڭ زاماندا ياشىغان.‏ ئاخابنىڭ «قىلغان يامانلىقلىرى يە‌ھۋانىڭ نە‌زىرىدە ئۇ‌نىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكە‌ن ھە‌ممە پادىشاھلاردىنمۇ ئېشىپ كە‌تكە‌ن ئىدى» (‏1-‏پادىشاھ.‏ 16:‏30‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ بائالغا چوقۇ‌نىدىغان ئايالى ئىزە‌بە‌ل يە‌ھۋاغا ئىنتايىن ئۆچ بولۇ‌پ،‏ ئۇ شىمالىي پادىشاھلىقتىكى ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنى يوقىتىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏ ئۇ ھە‌تتا نۇ‌رغۇ‌نلىغان خۇ‌دانىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنى ئۆلتۈرگە‌ن (‏1-‏پادىشاھ.‏ 18:‏4‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ ئوبادىيا ئىنتايىن قىيىن بىر زاماندا يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغان.‏

10.‏ ئوبادىيا تولۇ‌پ تاشقان جاسارىتىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

10 ئوبادىيا تولۇ‌پ تاشقان جاسارىتىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ ئىزە‌بە‌ل خۇ‌دانىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلىرىنى قوغلاپ،‏ ئۇ‌لارنى ئۆلتۈرمە‌كچى بولغاندا،‏ ئۇ 100 پە‌يغە‌مبە‌رنى ئۆڭكۈرگە يوشۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا نان ۋە سۇ تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌ن (‏1-‏پادىشاھ.‏ 18:‏13،‏ 14‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌نىڭ ئىشلىرى ئاشكارا بولۇ‌پ قالغان بولسا،‏ ئىزە‌بە‌ل بۇ جاسارە‌تلىك كىشى ئوبادىيانى ئۆلتۈرۈۋە‌تكە‌ن بولاتتى.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئوبادىيا ئۆلۈمدىن قورققان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۇ يە‌ھۋانى ۋە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلغانلارنى ئۆزىنىڭ ھاياتىدىنمۇ بە‌كرە‌ك سۆيگە‌ن.‏

ئىش-‏پائالىيىتىمىز چە‌كلە‌نگە‌ن بولسىمۇ،‏ بىر بۇ‌رادە‌ر باتۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن باشقا گۇ‌ۋاھچىلارغا روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارنى يە‌تكۈزۈپ بېرىۋاتىدۇ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

11.‏ يە‌ھۋانىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى خىزمە‌تچىلىرى ئوبادىياغا ئوخشاش بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىۋاتىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

11 بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌نلىغان يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىمىز مە‌نئىي قىلىنغان دۆلە‌تلە‌ردە ياشاۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جايلاردىكى ھۆكۈمە‌تلە‌رگە ھۆرمە‌ت كۆرسىتىدۇ.‏ بىراق،‏ ئوبادىياغا ئوخشاش،‏ بۇ قە‌دىرلىك قېرىنداشلار يە‌ھۋاغا تە‌ۋە بولغان نە‌رسىنى ئۇ‌نىڭغا بېرىدۇ،‏ يە‌نى چىن قە‌لبىدىن ئىبادە‌ت قىلىدۇ (‏مە‌تتا 22:‏21‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئىنسانلارغا ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇ‌نىڭدىن ئە‌يمىنىپ قورقىدىغانلىقىنى ئىپادىلە‌يدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 5:‏29‏)‏.‏ ئۇ‌لار ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن،‏ داۋاملىق يوشۇ‌رۇ‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىدۇ ۋە ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ (‏مە‌تتا 10:‏16،‏ 28‏)‏.‏ ئۇ‌لار قېرىنداشلىرىنىڭ زۆرۈر روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارغا ئېرىشىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىمىز بىر مە‌زگىل چە‌كلە‌نگە‌ن ئافرىقىدىكى بىر دۆلە‌تتە ياشىغان ھېنرىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ شۇ مە‌زگىلدە،‏ ھېنرى پىدائىي خىزمە‌تكە قاتنىشىپ،‏ گۇ‌ۋاھچىلارغا نە‌شرىي ماتېرىياللارنى يە‌تكۈزگە‌نىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق يازغان:‏ «مە‌ن تارتىنچاق ئىدىم،‏ شۇ‌ڭا يە‌ھۋاغا بولغان چوڭقۇ‌ر ھۆرمىتىم ماڭا زۆرۈر جاسارە‌تنى ئاتا قىلغانلىقىغا ئىشىنىمە‌ن».‏ ئۆزىڭىزنى ھېنرىنىڭ ئورنىغا قويۇ‌پ،‏ جاسارە‌تكە تولغانلىقىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈپ بېقىڭ.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىشنى ئۆگە‌نسىڭىز،‏ سىزمۇ جاسارە‌تلىك بولالايسىز.‏

خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىدىغان باش روھانىي يە‌ھوياداھدە‌ك سادىق بولۇ‌ڭ

12.‏ باش روھانىي يە‌ھوياداھ ۋە ئايالى يە‌ھوشابات يە‌ھۋاغا بولغان كۈچلۈك ساداقە‌تمە‌نلىكىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

12 باش روھانىي يە‌ھوياداھ يە‌ھۋادىن ئە‌يمە‌نگە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌نى خۇ‌داغا سادىق بولۇ‌پ،‏ ھە‌ق ئىبادە‌تنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئىزە‌بە‌لنىڭ قىزى ئاتاليا يە‌ھۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ تە‌ختىنى تارتىۋالۋاقچى بولغاندا،‏ يە‌ھوياداھنىڭ خۇ‌دادىن ئە‌يىمنىدىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنگە‌ن.‏ شۇ چاغدا،‏ كىشىلە‌ر ئاتاليادىن قورققان ئىدى.‏ چۈنكى،‏ ئۇ رە‌ھىمسىز بولۇ‌پ،‏ ئاچكۆزلۈك بىلە‌ن ھوقۇ‌قنى قولىغا كە‌لتۈرۈش ئۈچۈن،‏ ھە‌تتا پۈتۈن خان جە‌مە‌تىنى،‏ يە‌نى ئۆزىنىڭ نە‌ۋرىلىرىنى ئۆلتۈرمە‌كچى بولغان (‏2-‏تارىخ.‏ 22:‏10،‏ 11‏)‏.‏ شۇ‌لارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى يە‌ھوئاش ئامان قالغان،‏ چۈنكى يە‌ھوياداھنىڭ ئايالى يە‌ھوشابات ئۇ‌نى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌پ قالغان.‏ ئۇ ۋە ئۇ‌نىڭ ئېرى بالىنى يوشۇ‌رۇ‌پ قويۇ‌پ ئۇ‌نىڭدىن خە‌ۋە‌ر ئالغان.‏ مۇ‌شۇ ئارقىلىق يە‌ھوياداھ ۋە يە‌ھوشابات داۋۇ‌تنىڭ تە‌ختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان پادىشاھنى قوغداپ قالغان.‏ يە‌ھوياداھ يە‌ھۋاغا سادىق بولغاچ،‏ ئۇ ئاتاليادىن قورقۇ‌پ،‏ ۋە‌ھىمىگە چۈشمىگە‌ن.‏—‏پە‌ند.‏ نە 29:‏25‏.‏

13.‏ يە‌ھوئاش يە‌تتە ياشقا كىرگە‌ندە،‏ يە‌ھوياداھ ساداقە‌تمە‌نلىكىنى يە‌نە بىر قېتىم قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

13 يە‌ھوئاش يە‌تتە ياشقا كىرگە‌ندە،‏ يە‌ھوياداھ يە‌نە بىر قېتىم يە‌ھۋاغا بولغان ساداقىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ بىر پىلان تۈزگە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر پىلانى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولسا،‏ يە‌ھوئاش داۋۇ‌تنىڭ تە‌ختىگە ۋارىسلىق قىلاتتى.‏ ئە‌گە‌ر پىلان مە‌غلۇ‌پ بولسا،‏ يە‌ھوياداھ جە‌زمە‌ن ھاياتىدىن ئايرىلاتتى.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىشى بىلە‌ن بۇ پىلان ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولغان.‏ يە‌ھوياداھ يېتە‌كچىلە‌ر ۋە لاۋىيلارنىڭ قوللىشى بىلە‌ن يە‌ھوئاشنى پادىشاھ تىكلە‌پ،‏ ئاتاليانى ئۆلتۈرگە‌ن (‏2-‏تارىخ.‏ 23:‏1–‏5،‏ 11،‏ 12،‏ 15؛‏ 24:‏1‏)‏.‏ يە‌ھوياداھ يە‌نە «داۋاملىق يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى بولسۇ‌ن دە‌پ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن پادىشاھ ۋە خە‌لق ئارىسىدا بىر ئە‌ھدە تۈزدى» (‏2-‏پادىشاھ.‏ 11:‏17‏)‏.‏ يە‌ھوياداھ «ھېچبىر ناپاك كىشى كىرە‌لمە‌سلىكى ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ئۆيىنىڭ دە‌رۋازىلىرىغا دە‌رۋازىۋە‌نلە‌رنى تۇ‌رغۇ‌زدى».‏—‏2-‏تارىخ.‏ 23:‏19‏.‏

14.‏ يە‌ھۋانى ھۆرمە‌تلىگىنى ئۈچۈن،‏ يە‌ھوياداھ قانداق شان-‏شە‌رە‌پكە ئېرىشكە‌ن؟‏

14 يە‌ھۋا ئىلگىرى:‏ «مېنى ھۆرمە‌ت قىلغانلارنى،‏ مە‌نمۇ ھۆرمە‌ت قىلىمە‌ن» دېگە‌ن.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ ئۇ يە‌ھوياداھنى مۇ‌كاپاتلىغان (‏1-‏سام.‏ 2:‏30‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دا باش روھانىينىڭ قىلغان ئىشلىرىنى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا يازدۇ‌رغان،‏ شۇ‌ڭا بىز ئۈزۈندىلە‌ردىن يە‌ھوياداھ ھە‌ققىدە ئۆگىنە‌لە‌يمىز (‏رىملىقلار 15:‏4‏)‏.‏ يە‌ھوياداھ ۋاپات بولغاندا،‏ ئالاھىدە شان-‏شە‌رە‌پكە ئېرىشكە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ‌نى داۋۇ‌تنىڭ شە‌ھىرىدە پادىشاھلار دە‌پنە قىلىنىدىغان جايغا كۆمۈشتى،‏ چۈنكى ئۇ ئىسرائىلدا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆيى ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلغانىدى».‏—‏2-‏تارىخ.‏ 24:‏15،‏ 16‏.‏

باش روھانىي يە‌ھوياداھقا ئوخشاش،‏ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىپ قورقۇ‌ش بىزنى قېرىنداشلىرىمىزغا سادىقلىق بىلە‌ن ياردە‌م قىلىشقا ئۈندىسۇ‌ن (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

15.‏ يە‌ھوياداھ ھە‌ققىدىكى ئۈزۈندىلە‌ردىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

15 يە‌ھوياداھ ھە‌ققىدىكى ئۈزۈندە ھە‌ممىمىزنىڭ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ جامائە‌ت ئاقساقاللىرى ھوشيارلىقىنى ساقلاش ۋە خۇ‌دانىڭ پادىلىرىنى ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن قوغداش ئارقىلىق يە‌ھوياداھنى ئۈلگە قىلالايدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏28‏)‏.‏ ياشىنىپ قالغانلار خۇ‌داغا ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاپ،‏ يە‌ھوياداھنى ئۈلگە قىلالايدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى ئۆز مە‌قسە‌تلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شتا ئىشلىتە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ ئۇ‌لارنى چە‌تكە قاقمايدۇ.‏ ياشلار يە‌ھۋانىڭ يە‌ھوياداھقا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىپ،‏ ساداقە‌تمە‌ن ياشانغانلارغا،‏ بولۇ‌پمۇ ئۇ‌زۇ‌ن يىل ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغانلارغا ھۆرمە‌ت ۋە ۋاپادارلىق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ.‏ (‏پە‌ند.‏ نە 16:‏31‏)‏.‏ خۇ‌لاسە قىلساق،‏ ھە‌ممىمىز يە‌ھوياداھنى قوللىغان يېتە‌كچىلە‌ر ۋە لاۋىيلاردىن ئۈلگە ئالالايمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يېتە‌كچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلارغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق،‏ ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ئۇ‌لارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يلى.‏—‏ئىبرانىي.‏ 13:‏17‏.‏

پادىشاھ يە‌ھوئاشقا ئوخشاپ قالماڭ

16.‏ نېمە يە‌ھوئاشنىڭ رە‌زىل پادىشاھ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

16 يە‌ھوياداھ،‏ پادىشاھ يە‌ھوئاشنىڭ ياخشى ئادە‌م بولۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏2-‏پادىشاھ.‏ 12:‏2‏)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ پادىشاھ ياش ۋاقتىدا يە‌ھۋانى مە‌منۇ‌ن قىلماقچى بولغان.‏ بىراق،‏ يە‌ھوياداھ ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ھوئاش ھە‌قىقە‌تتىن چە‌تنىگە‌ن شاھزادىلە‌رنىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سالغان.‏ ئاقىۋىتى قانداق بولغان؟‏ ئۇ ۋە ئۇ‌نىڭ پۇ‌قرالىرى ئىلاھلارغا ئۈچۈن تىكلە‌نگە‌ن تۈۋرۈكلە‌رگە ۋە بۇ‌تلارغا چوقۇ‌نۇ‌شقا باشلىغان (‏2-‏تارىخ.‏ 24:‏4،‏ 17،‏ 18‏)‏.‏ گە‌رچە يە‌ھۋا بۇ‌نىڭدىن قاتتىق رە‌نجىگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ ئۇ‌لارنى يولىدىن قايتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنى ئە‌ۋە‌تىپ تۇ‌رغان ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار قۇ‌لاق سېلىشنى رە‌ت قىلغان.‏ ئۇ‌لار يە‌ھوياداھنىڭ ئوغلى زە‌كە‌رىيانىڭ سۆزىنىمۇ ئاڭلىمىغان،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ پە‌يغە‌مبىرى ۋە روھانىي بولۇ‌پلا قالماي،‏ يە‌ھوئاشنىڭ نە‌ۋرە تۇ‌غقىنى ئىدى.‏ ئۇ ئە‌سلىدە زە‌كە‌رىيانىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقلىرىغا مىننە‌تدار بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى،‏ ئە‌كسىچە زە‌كە‌رىيانى ئۆلتۈرۈۋە‌تكە‌ن.‏—‏2-‏تارىخ.‏ 22:‏11؛‏ 24:‏19–‏22‏.‏

17.‏ يە‌ھوئاشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان؟‏

17 يە‌ھوئاش داۋاملىق يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىپ ياشاشنى خالىمىغاچ،‏ يامان ئاقىۋە‌تكە قالغان.‏ يە‌ھۋا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنى مە‌نسىتمىگە‌نلە‌رنى،‏ مە‌نمۇ شە‌رمە‌ندە قىلىمە‌ن» (‏1-‏سام.‏ 2:‏30‏)‏.‏ كېيىن،‏ سۈرىيە‌نىڭ كىچىك بىر قوشۇ‌نى يە‌ھوئاشنىڭ ناھايىتى چوڭ قوشۇ‌نىنى مە‌غلۇ‌پ قىلىپ،‏ ئۇ‌نى ئېغىر يارىلاندۇ‌رغان.‏ سۈرىيە‌لىكلە‌ر كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ھوئاش زە‌كە‌رىيانى ئۆلتۈرگە‌نلىكى ئۈچۈن ئۆز خىزمە‌تچىلىرى تە‌رىپىدىن ئۆلتۈرۈلگە‌ن.‏ كىشىلە‌ر ئۇ‌نى ئىنتايىن رە‌زىل پادىشاھ دە‌پ قارىغاچ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نى پادىشاھلارنىڭ ئارىسىغا دە‌پنە قىلمىغان.‏—‏2-‏تارىخ.‏ 24:‏23–‏25‏.‏

18.‏ يە‌رە‌مىيا 17:‏7،‏ 8-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھوئاشقا ئوخشاپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنالايمىز؟‏

18 پادىشاھ يە‌ھوئاشنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ ئۇ يېنىدا تىرە‌پ تۇ‌رىدىغان تىرە‌ك ياغاچقا تايىنىدىغان يىلتىزى تېيىز دە‌رە‌خقە ئوخشاش بولغان.‏ يېنىدا تىرە‌ك ياغاچ يە‌ھوياداھ يوق بولغاندا،‏ ھە‌قىقە‌تتىن يۈز ئۆرگۈزىدىغان شامال چىققاندا،‏ يە‌ھوئاش يىلتىزىدىن قومۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا ساداقە‌تسىزلىك قىلغان.‏ بۇ مىسال بىزگە شۇ‌نى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ‌كى،‏ يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىشىمىز ھە‌رگىزمۇ ئائىلە ئە‌زالىرىمىز ياكى جامائە‌تتە باشقىلارنىڭ بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رۇ‌شىغا باغلىق ئە‌مە‌س.‏ بىز خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ چوقۇ‌م ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ۋە ھۆرمىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىشىمىز،‏ دائىم تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش،‏ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ۋە دۇ‌ئا قىلىش ئارقىلىق ئە‌يمىنىش ئىچىدە خۇ‌داغا سادىق قېلىشىمىز كېرە‌ك‏.‏—‏يە‌رە‌مىيا 17:‏7،‏ 8-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ كولوسى.‏ 2:‏6،‏ 7‏.‏

19.‏ يە‌ھۋا بىزدىن نېمىنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ؟‏

19 يە‌ھۋا بىزدىن كۆپ نە‌رسىنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ ۋە‌ز 12:‏13-‏ئايە‌تتە ئۇ‌نىڭ بىزدىن نېمە تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقى خۇ‌لاسە قىلىنغان:‏ «ھە‌ق خۇ‌دادىن قورققىن ۋە ئۇ‌نىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلغىن.‏ چۈنكى،‏ ئىنساننىڭ بارچە مە‌جبۇ‌رىيىتى بۇ‌دۇ‌ر».‏ بىز خۇ‌دادىن قورقساق،‏ كە‌لگۈسىدە قانداق سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لمە‌يلى،‏ ئوبادىيا ۋە يە‌ھوياداھقا ئوخشاش ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزدە چىڭ تۇ‌رالايمىز.‏ ھېچقانداق نە‌رسە يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىزغا زىيان يە‌تكۈزە‌لمە‌يدۇ.‏

152-‏ناخشا كۈچىمىز،‏ ئۈمىدىمىز ۋە يار-‏يۆلىگىمىز

a مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىشلىتىلگە‌ن «ئە‌يمىنىش» سۆزى كە‌ڭ مە‌نىدە ئىشلىتىلىدىغان سۆزدۇ‌ر.‏ مە‌زمۇ‌نغا ئاساسە‌ن يە‌نە ئە‌يمىنىش سۆزىنى قورقۇ‌ش،‏ ھېيىقىش ياكى ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش دېگە‌ن مە‌نىدىمۇ قوللىنىشقا بولىدۇ.‏ بۇ ماقالە بىزنىڭ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئە‌يمىنىش بىزنى جاسارە‌ت ۋە سادىقلىق بىلە‌ن ئاسماندىكى ئاتىمىزغا خىزمە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏

b بۇ ئوبادىيا،‏ نە‌چچە ئە‌سىرلە‌ردىن كېيىن ياشىغان،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ ئوبادىيا دېگە‌ن كىتابىنى يازغان ئوبادىيا ئىسىملىك پە‌يغە‌مبە‌ر ئە‌مە‌س.‏

c سۈرە‌تلە‌ردە:‏ بۇ سە‌ھنىلە‌شتۈرۈلگە‌ن كۆرۈنۈشتە،‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئىش-‏پائالىيىتىمىز چە‌كلە‌نگە‌ن مە‌زگىلدە روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارنى يە‌تكۈزۈپ بېرىۋاتىدۇ.‏

d سۈرە‌تلە‌ردە:‏ بىر ياش قېرىنداش ياشتا چوڭ قېرىنداشتىن تېلېفوندا گۇ‌ۋاھلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ؛‏ يېشى چوڭراق بۇ‌رادە‌ر ئاممىۋىي ئورۇ‌نلاردا جاسارە‌ت بىلە‌ن گۇ‌ۋاھلىق بېرىشتە ئۈلگە بولۇ‌ۋاتىدۇ؛‏ تە‌جرىبىلىك بۇ‌رادە‌ر باشقىلارغا ئىبادە‌ت يىغىلىشى زالىنى قانداق ئاسراشنى ئۆگىتىۋاتىدۇ.‏