26-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋانىڭ كۈنى ئۈچۈن تەييار تۇرۇڭ
«يەھۋانىڭ كۈنى خۇددى كېچىدىكى ئوغرىدەك كېلىدۇ».—1-سالونىكا. 5:2.
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋانىڭ كۈنىدە قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن چوقۇم نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟
مۇقەددەس كىتابتا «يەھۋانىڭ كۈنى» دېگەن ئىبارە تىلغا ئېلىنغاندا، يەھۋانىڭ دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ۋە ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزىدىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ئۆتمۈشتە خۇدا بەزى خەلقلەرنى جازالىغان (يەشايا 13:1، 6؛ ھەزەك. 13:5؛ زەف. 1:8). بۈگۈنكى كۈنىمىزدە، يەھۋانىڭ كۈنى سىياسىي رەھبەرلەر، ساختا دىن ئىمپېرىيىسى، بۈيۈك بابىلغا ھۇجۇم قىلغاندا باشلىنىپ، ئارماگېدون ئۇرۇشى بىلەن ئاياقلىشىدۇ. ئاشۇ كۈندە ئامان قېلىش ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك. ئەيسا بىزگە دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتكە تەييارلىنىشنىلا ئەمەس، داۋاملىق تەييار تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەن.—مەتتا 24:21؛ لۇقا 12:40.
2. نېمە ئۈچۈن سالونىكىلىقلارغا يېزىلغان 1-خەت بىز ئۈچۈن پايدىلىق؟
2 ئەلچى پاۋلۇس سالونىكادىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە 1-خېتىنى ئەۋەتكەندە، بىرقانچە مىساللارنى ئىشلىتىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ يەھۋانىڭ ئۇلۇغ ھۆكۈم كۈنىگە تەييارلىق قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. پاۋلۇس يەھۋانىڭ كۈنى دەل شۇ ۋاقىتتا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەن (2-سالونىكا. 2:1–3). شۇنداقتىمۇ، ئۇ قېرىنداشلىرىنى ئاشۇ كۈنگە خۇددى ئەتە كېلىدىغاندەك تەييارلىق قىلىشقا ئۈندىگەن. بۈگۈنكى كۈندە، بىزمۇ ئۇنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالساق بولىدۇ. ئۇنىڭ بەزى چۈشەندۈرۈشلىرى تۆۋەندىكى سوئاللار جاۋاب بېرىدۇ: (1) يەھۋانىڭ كۈنى قانداق يېتىپ كېلىدۇ؟ (2) شۇ كۈنى كىم ئامان قالىدۇ؟ (3) شۇ كۈندە قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلالايمىز؟
يەھۋانىڭ كۈنى قانداق كېلىدۇ؟
3. يەھۋانىڭ كۈنى خۇددى كېچىدىكى ئوغرىدەك قانداق كېلىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
3 «خۇددى كېچىدىكى ئوغرىدەك» (1-سالونىكا. 5:2). بۇ يەھۋانىڭ كۈنىنىڭ كېلىشىنى تەسۋىرلىگەن ئۈچ مىسالنىڭ بىرى. ئادەتتە ئوغرىلار ئادەملەر كۈتمىگەن چاغدا يوشۇرۇن ۋە تېز ھەرىكەت قىلىدۇ. يەھۋانىڭ كۈنىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، تۇيۇقسىز كېلىدۇ. ھەتتا، مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىمۇ ۋەقەلەرنىڭ قانچىلىك تېز يۈز بەرگەنلىكىگە ھەيران قېلىشى مۇمكىن. ئەمما، رەزىل كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى، بىز ھالاك بولمايمىز.
4. يەھۋانىڭ كۈنى قايسى جەھەتتىن تولغاق ئازابىغا ئوخشايدۇ؟
4 «ھامىلدار ئايالنىڭ تولغىقى تۇتقىنىغا ئوخشاش» (1-سالونىكا. 5:3). ھامىلدار ئايال قاچان تۇغىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدۇ. بىراق، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغىدىغانلىقىدىن ھېچبىر گۇمان قىلمايدۇ. تۇغقاندا تۇيۇقسىز تولغاق ئازابى بولىدۇ ۋە ئۇنى توختاتقىلى بولمايدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋانىڭ كۈنى باشلىنىدىغان كۈننى ۋە سائەتنى بىلمەيمىز. شۇنداقتىمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، شۇ كۈن چوقۇم كېلىدۇ ۋە خۇدانىڭ رەزىللەر ئۈستىدىن چىقىرىدىغان ھۆكۈمى تۇيۇقسىز بولىدۇ. ئۇلار بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
5. قايسى جەھەتتىن، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت تاڭنىڭ ئېتىشىغا ئوخشايدۇ؟
5 تاڭنىڭ ئاتقىنىغا ئوخشايدۇ. ئۈچىنچى مىسالنى كەلتۈرۈپ، ئەلچى پاۋلۇس يەنە ئوغرىلارنىڭ كېچىدە ئوغرىلىق قىلىشى ھەققىدە تىلغا ئالغان. ئەمما، بۇ قېتىم پاۋلۇس يەھۋانىڭ كۈنىنى تاڭنىڭ ئېتىشى بىلەن سېلىشتۇرغان (1-سالونىكا. 5:4). كېچىدە كەلگەن ئوغرىلار بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەچ، ۋاقىتنىڭ قانداق تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلمايدۇ. يېڭى كۈننىڭ يورۇقى ئۇلارنى تۇيۇقسىز ئاشكارىلىشى مۇمكىن. خۇددى شۇنىڭدەك، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتمۇ خۇدا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىدىغانلارنى ئوغرىلاردەك ئاشكارا قىلىدۇ. ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، يەھۋانى رەنجىتىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى رەت قىلىپ، «ھەرخىل ياخشىلىق، ھەققانىيلىق ۋە ھەقىقەت»نى قوغلىشىش ئارقىلىق تەييار بولالايمىز (ئەفەس. 5:8–12). پاۋلۇس كېيىن بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق ئىككى مىسالنى ئىشلىتىپ، قۇتقۇزۇلمايدىغانلارنى تەسۋىرلىگەن.
يەھۋانىڭ كۈنىدە كىم قۇتقۇزۇلمايدۇ؟
6. كۆپىنچە كىشىلەر قايسى مەنىدە ئۇخلاۋاتىدۇ؟ (1-سالونىكالىقلار 5:6، 7)
6 «ئۇخلايدىغانلار» (1-سالونىكالىقلار 5:6، 7-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇس يەھۋانىڭ كۈنىدە ئامان قالمايدىغان كىشىلەرنى ئۇخلاپ ياتقان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغان. ئۇلار ئەتراپىدا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقى ۋە ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز. شۇڭلاشقا، ئۇلار قانداق مۇھىم ئىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى بىلمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كۆپىنچە كىشىلەر روھىي جەھەتتىن ئۇخلاۋاتىدۇ (رىملىقلار 11:8). ئۇلار ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىز ۋە دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت پات-يېقىندا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا پەرۋا قىلمايدۇ. دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان چوڭ-چوڭ ۋەقەلەر بەزىلەرنى روھىي جەھەتتىكى ئۇيقۇدىن ئويغىتىپ، ئۇلارنى بىز يەتكۈزۈۋاتقان پادىشاھلىق خەۋىرىگە ئازىراق بولسىمۇ قىزىقىش كۆرسىتىشكە ھەرىكەتلەندۈرۈشى مۇمكىن. ئەمما، كۆپ ساندىكى كىشىلەر سەگەك تۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇخلاۋاتىدۇ. ھەتتا ھۆكۈم كۈنىگە ئىشەنگەن بەزى كىشىلەرمۇ، ‹ئۇ كۈن ھازىرچە تېخى كەلمەيدۇ› دەپ ئويلايدۇ (2-پېتر. 3:3، 4). بىراق، بىز ئۈچۈن سەگەك تۇرۇش كۈندىن-كۈنگە مۇھىم بولۇۋاتىدۇ.
7. خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغانلار قايسى مەنىدە مەست كىشىلەرگە ئوخشايدۇ؟
7 «مەست بولغۇچىلار». ئەلچى پاۋلۇس خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغانلارنى مەست كىشىلەرگە ئوخشاتقان. ھاراق ئىچىپ مەست يۈرىدىغان كىشىلەر ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئىشلارغا ئاستا ئىنكاس قايتۇرىدۇ ۋە ناچار قارارلارنى چىقىرىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، رەزىل كىشىلەر خۇدانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ. ئۇلار ھالاكەتكە يېتەكلەيدىغان يولنى تاللايدۇ. ئەمما، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۆز ھوشيارلىقىنى ساقلاپ، سەگەك تۇرۇشى كېرەك (1-سالونىكا. 5:6). بىر مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىسى سەگەك تۇرۇشنى «ئىشلارنى مۆلچەرلەپ ھۆكۈم قىلالايدىغان ۋە توغرا قارار چىقىرالايدىغان، تىنچ-خاتىرجەم ۋە مۇقىم روھىي كەيپىيات» دەپ تەسۋىرلىگەن. نېمە ئۈچۈن بىز چوقۇم تىنچ-خاتىرجەم ۋە مۇقىم روھىي كەيپىياتتا بولۇشىمىز كېرەك؟ چۈنكى، بۈگۈنكى كۈندىكى سىياسىي ياكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئارىلىشىپ قالماسلىقىمىز كېرەك. يەھۋانىڭ كۈنى يېقىنلاشقانسېرى، بۇ مەسىلىلەردە بىر تەرەپنى تاللاش بېسىمى كۈچىيىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بىز قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش توغرۇلۇق غەم-ئەندىشە قىلماسلىقىمىز كېرەك. خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى بىزنىڭ تىنچ-خاتىرجەم ۋە مۇقىم روھى كەيپىياتنى ساقلاپ، دانا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.—لۇقا 12:11، 12.
يەھۋانىڭ كۈنىگە تەييارلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمىز؟
8. 1-سالونىكالىقلار 5:8-ئايەتتە، پاۋلۇس ئىشلىتىلگەن سېلىشتۇرۇشلار سەگەك ۋە ھوشىيار تۇرۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
8 ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىنى كىيىڭ. پاۋلۇس بىزنى ھوشيارلىق تۇرۇپ، جەڭگە تەييارلىنىش ئۈچۈن كىيىنگەن ئەسكەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغان (1-سالونىكالىقلار 5:8-نى ئوقۇڭ). ھازىر ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقان ئەسكەر ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييار تۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ ئېتىقاد ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ساۋۇتىنى ۋە ئۈمىدنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىش ئارقىلىق يەھۋانىڭ كۈنىگە تەييار تۇرالايسىز. بۇ پەزىلەتلەر بىزگە كۆپ ياردەم بېرەلەيدۇ.
9. ئېتىقادىمىز بىزنى قانداق قوغدايدۇ؟
9 ساۋۇت ئەسكەرنىڭ يۈرىكىنى قوغدىغان. ئىمان ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆچمە مەنىدىكى قەلبىمىزنى قوغدايدۇ. ئۇلار خۇداغا خىزمەت قىلىشىمىز ۋە داۋاملىق ئەيساغا ئەگىشىپ مېڭىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئىمان بىزنى شۇنىڭغا ئىشەندۈرىدۇ: يەھۋا پۈتۈن قەلبى بىلەن ئىزدىگەنلەرنى مۇكاپاتلايدۇ (ئىبرانىي. 11:6). ھەتتا، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كەلگەندىمۇ، ئىمان بىزنى يولباشچىمىز ئەيساغا سادىق قېلىشقا ئۈندەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە زىيانكەشلىككە ياكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ئۈلگە قىلىپ، ھاياتىمىزدىكى تۈرلۈك سىناقلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتەلەيمىز. ئاددى-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىۋاتقان قېرىنداشلارنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق بايلىق قوغلىشىشنىڭ تۇزۇقىدىن ساقلىنالايمىز b.
10. خۇدانى ۋە ئىنسانلارنى سۆيۈش چىدامچان بولۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
10 مۇھەببەت سەگەك تۇرۇپ، ھوشيارلىقىمىزنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم (مەتتا 22:37–39). خۇداغا بولغان سۆيگىمىز ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، داۋاملىق چىدامچانلىق بىلەن ۋەز قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (2-تىموت. 1:7، 8). يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغانلارغىمۇ سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان جايلاردىكى ئادەملەرگە ۋەز قىلىمىز. ھەتتا تېلېفون قىلىش ۋە خەت يېزىش ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىمىز. ھامان بىر كۈنى كىشىلەرنىڭ ئۆزگىرىپ، توغرا يولدا مېڭىشنى باشلايدىغانلىقىدىن ئۈمىد ئۈزمەيمىز.—ھەزەك. 18:27، 28.
11. قېرىنداشلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (1-سالونىكالىقلار 5:11)
11 بىز باشقىلارنى ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيىمىز. سۆيگۈمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، «بىر-بىرىڭلارغا تەسەللى بېرىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلارنى كۈچلەندۈرۈڭلار» دېگەن نەسىھەتكە ئەمەل قىلشقا تىرىشىمىز (1-سالونىكالىقلار 5:11-نى ئوقۇڭ). جەڭدە مۈرىنى-مۆرىگە تىرەپ، ئۇرۇش قىلغان ئەسكەرلەرگە ئوخشاش، بىز بىر-بىرىمىزگە تەسەللى بېرىمىز. ئەلۋەتتە، بىر ئەسكەر شىددەتلىك جەڭدە ئېھتىياتسىزلىقتىن سەپدىشىنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇ ھەرگىزمۇ قەستەن قىلمايدۇ. بىزمۇ ھەرگىز قېرىنداشلىرىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن رەنجىتمەيمىز. ياكى بىزنى رەنجىتكىنى ئۈچۈن، قايتۇرۇپ قېرىندىشىمىزنى رەنجىتمەيمىز (1-سالونىكا. 5:13، 15). بىز يەنە جامائەتكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئاقساقاللارنى ھۆرمەتلەش ئارقىلىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى نامايان قىلىمىز (1-سالونىكا. 5:12). ئەلچى پاۋلۇس بۇ خېتىنى يازغاندا، سالونىكىدىكى جامائەتنىڭ قۇرۇلغىنىغا تېخى بىر يىل بولمىغان ئىدى. ئۇ تەيىنلىگەن بۇرادەرلەر، بەلكىم تەجرىبىسىز ۋە كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزگەن. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار ھۆرمەتلەشكە ئەرزىگەن. دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت يېقىنلىغانسېرى، يەرلىك ئاقساقاللارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە تېخىمۇ مۇھتاج بولۇشىمىز مۇمكىن. دۇنياۋى باش ئىدارە ياكى يەرلىك بەيتەل بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، ھازىر ئاقساقاللارنى ياخشى كۆرۈشنى ۋە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. مەيلى قانداق ئىش يۈز بېرىشتىن قەتئىينەزەر، ھوشيارلىقىمىزنى ساقلايلى. ئاقساقاللارنىڭ كەمچىلىكلىرىگە ئەمەس، بەلكى يەھۋانىڭ ئاشۇ ساداقەتمەن ئەرلەرنى مەسىھ ئارقىلىق يېتەكلەۋاتقانلىقىغا دىققەت ئاغدۇرايلى.
12. ئۈمىدىمىز ئوي-پىكرىمىزنى قانداق قوغدايدۇ؟
12 خۇددى دۇبۇلغا ئەسكەرنىڭ بېشىنى قوغدىغاندەك، قۇتقۇزۇلۇش ئۈمىدى بىزنىڭ ئوي-پىكرىمىزنى قوغدايدۇ. ئۈمىدىمىز كۈچلۈك بولسا، بۇ دۇنيا ۋەدە قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەرزىمەس ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز (فىلىپى. 3:8). ئۈمىدىمىز تىنچ-خاتىرجەم ۋە مۇقىم روھىي كەيپىياتنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئافرىقىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاللېس ۋە لاۋرىندا شۇنداق ھەقىقەتنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ھەر ئىككىلىسىنىڭ بىرىنىڭ ئاپىسى، بىرىنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن. 19-COVID تارقىلىشچان ۋىرۇسى سەۋەبلىك، ئۇلار يۇرتىغا قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولالمىغان. ۋاللېس مۇنداق يازغان: «قايتا تىرىلىش ئۈمىدى ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى ھالىتىنى ئەمەس، بەلكى يېڭى دۇنيانىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىكى ھالىتىنى ئويلىشىمغا ياردەم بېرىدۇ. قايغۇ-ھەسرەت ياكى يېقىنىدىن ئايرىلىش ھېس-تۇيغۇسى بىلەن كۈرەش قىلغىنىمدا، بۇ ئۈمىد ماڭا تىنچ-خاتىرجەملىك بېرىدۇ».
13. مۇقەددەس روھقا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
13 «روھنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەڭلار» (1-سالونىكا. 5:19). ئەلچى پاۋلۇس مۇقەددەس روھنى قەلبىمىزدىكى ئوت بىلەن سېلىشتۇرغان. بىزدە خۇدانىڭ روھى بولغاندىلا، توغرا ئىشلارنى قىلىش قىزغىنلىقىمىز ئوتتەك يالقۇنلاپ، يەھۋا ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا جان كۆيدۈرىمىز (رىملىقلار 12:11). مۇقەددەس روھقا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ بىز دۇئا قىلالايمىز، خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنەلەيمىز ۋە ئۇنىڭ روھى يېتەكلەۋاتقان تەشكىلات بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولالايمىز. شۇنداق قىلىش «روھنىڭ مېۋىسى»نى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.—گالاتىيا. 5:22، 23.
14. خۇدانىڭ روھىغا داۋاملىق ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم نېمىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
14 خۇدا بىزگە مۇقەددەس روھىنى بەرگەندىن كېيىن، بىز چوقۇم روھىنىڭ يالقۇنلۇق ئوتىنى ئۆچۈرمەسلىك ئۈچۈن ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك. خۇدا ئۆز روھىنى پەقەت پاك ئوي-پىكىر ۋە پاك ئىش-ھەرىكەتتە بولغانلارغا بېرىدۇ. ئەگەر ناپاك ئوي-پىكىردە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىش قىلساق، ئۇ ئۆز روھىنى داۋاملىق بىزگە بەرمەيدۇ (1-سالونىكا. 4:7، 8). داۋاملىق مۇقەددەس روھقا ئېرىشىش ئۈچۈن، چوقۇم «بېشارەتلەرگە بىپەرۋالىق قىلماڭلار» دېگەن نەسىھەتكە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك (1-سالونىكا. 5:20). بۇ ئايەتتىكى «بېشارەتلەر» دېگەن سۆز، يەھۋا مۇقەددەس روھى ئارقىلىق، يەھۋانىڭ كۈنى ۋە جىددىي بىر زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىز ھەققىدە بەرگەن خەۋەرنى بىلدۈرىدۇ. بەلكىم، يەھۋانىڭ كۈنىنى يەنى ئارماگېدوننى بۇ ئۆمرىمىزدە كۆرمەيمىز دەپ ئويلىمايمىز. ئەكسىچە، دائىم ئۇنى ئەستە ساقلايمىز، يەنى ھەر كۈنى ئىش-ھەرىكىتىمىزدە پاك بولۇپ، مۇقەددەس يۈرۈش-تۇرۇشىمىزنى ساقلاش ئارقىلىق داۋاملىق ئالدىراش بولىمىز.—2-پېتر. 3:11، 12.
«ھەممە نەرسىنى تەكشۈرۈپ» كۆرۈڭلار
15. ناتوغرا خەۋەر ياكى جىن-شەيتانلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئالدىنىپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنالايمىز؟ (1-سالونىكالىقلار 5:21)
15 يېقىن كېلەچەكتە خۇدانىڭ دۈشمەنلىرى «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك!» دەپ جاكارلايدۇ (1-سالونىكا. 5:3). جىن-شەيتانلارنىڭ تەشۋىقاتلىرى يەر-يۈزىنى تولدۇرۇپ، كۆپلىگەن ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ (ۋەھىي. 16:13، 14). بىزچۇ؟ ئەگەر بىز «ھەممە نەرسىنى تەكشۈرۈپ» كۆرسەك، ئالدىنىپ قالمايمىز (1-سالونىكالىقلار 5:21-نى ئوقۇڭ). «تەكشۈرۈپ كۆرۈش» دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېك سۆزى، ھەردائىم قىممەتلىك مېتاللارنى تەكشۈرۈشكە قارىتا قوللىنىلغان. شۇڭلاشقا، بىز ئاڭلىغان ياكى ئوقۇغان نەرسىلەرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىمىز كېرەك. بۇنداق قىلىش سالونىكىدىكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان. دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت يېقىنلاپ كەلگەنسېرى، بۇنداق قىلىش بىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇۋاتىدۇ. باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە سادىللىق قىلىپ، قۇلاق سېلىشنىڭ ئورنىغا، تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئىشلىتىپ، ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغانلىرىمىزنى مۇقەددەس كىتاب ۋە يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇشىمىز كېرەك. شۇ ئارقىلىق، بىز جىن-شەيتانلارنىڭ تەشۋىقاتلىرى ياكى ھىيلە-مىكىرلىرىگە ئالدانمايمىز.—پەند. نە 14:15؛ 1-تىموت. 4:1.
16. بىزدە قانداق ئۈمىد بار؟ نېمە قىلىشقا قەتئىي بەل باغلىدۇق؟
16 بىز خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى، بىر توپ سۈپىتىدە دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتە ئامان قالىمىز (ياقۇپ 4:14). بىراق، شەخسەن ھەربىرىمىزگە ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. مەيلى دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلدە ھايات بولايلى ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتەيلى، ئەگەر ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلىساق، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىمىز. مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئاسماندا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولىدۇ. باشقا قويلار يەر يۈزىدىكى جەننەتتە بولىدۇ. ھەممىمىز دىققىتىمىزنى ئاجايىپ ئۈمىدىمىزگە قارىتىپ، يەھۋانىڭ كۈنىگە تەييار تۇرايلى.
49-ناخشا يەھۋا — بىزنىڭ پاناھگاھىمىز
a 1-سالونىكالىقلار 5-بابتا، بىر قاتار مىساللار ۋە سېلىشتۇرۇشلار بار. ئۇلار بىزگە يەھۋانىڭ كېلەچەكتىكى كۈنى ھەققىدە تەلىم بېرىدۇ. «يەھۋانىڭ كۈنى» دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق كېلىدۇ؟ ئۇ كۈندە كىم قۇتقۇزۇلىدۇ ۋە كىم قۇتقۇزۇلمايدۇ؟ ئۇ كۈنگە قانداق تەييارلىنالايمىز؟ بىز ئەلچى پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى تەكشۈرۈپ، بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىمىز.
b «ئۇلار تەييارلىق روھىنى كۆرسەتكەن» ناملىق بىر قاتار ماقالىلەرنى كۆرۈڭ.