14-تەتقىق ماقالىسى
ئاقساقاللار، داۋاملىق ئەلچى پاۋلۇسنى ئۈلگە قىلىڭلار
«سىلەرمۇ مېنى ئۈلگە قىلىڭلار».—1-كورىنت. 11:1.
31-ناخشا بىز — يەھۋا گۇۋاھچىلىرى
بۇ ماقالىدە a
1، 2. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسى بۈگۈنكى كۈندە ئاقساقاللارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
ئەلچى پاۋلۇس قېرىنداشلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن. ئۇ ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئىشلىگەن (ئەلچى. 20:31). شۇ سەۋەبتىن، قېرىنداشلار پاۋلۇسنى بەك ياخشى كۆرگەن. بىر قېتىم ئەفەس شەھىرىدىكى ئاقساقاللار ئۇنى قايتا كۆرەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەندە، كۆز يېشى قىلىشقان ئىدى (ئەلچى. 20:37). پاۋلۇسقا ئوخشاش، ساداقەتمەن ئاقساقاللىرىمىزمۇ قېرىنداشلىرىنى سۆيىدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىشتىن كۈچىنى ئايىمايدۇ (فىلىپى. 2:16، 17). شۇنداقتىمۇ، ياشانغانلار بەزىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
2 تىرىشچان ئاقساقاللىرىمىز ئەلچى پاۋلۇسنىڭ مىسالى ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلسا بولىدۇ (1-كورىنت. 11:1). ئۇنىڭ پەرىشتىلەردەك قابىلىيىتى يوق ئىدى. پاۋلۇس نامۇكەممەل بولۇپ، بەزىدە توغرا ئىش قىلىشتا قىينالغان (رىملىقلار 7:18–20). ئۇ ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. بىراق پاۋلۇس قېرىنداشلىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىپ، خۇشاللىقىنى يوقاتمىغان. پاۋلۇسنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق، ئاقساقاللار ھەتتا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندىمۇ، خۇشاللىق بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. بۇنى قانداق قىلالايدۇ؟ ھازىر بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
3. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟ يەنە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 بۇ ماقالىدە ئاقساقاللار دائىم دۇچ كېلىدىغان تۆرت قىيىنچىلىقنى كۆرۈپ چىقىمىز: (1) ۋەز ئېيتىش خىزمىتى بىلەن باشقا مەسئۇلىيەتلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، (2) كۆيۈمچان پادىچى بولۇش، (3) ئۆز ئاجىزلىقلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە (4) باشقا نامۇكەممەل كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش. بىز پاۋلۇسنىڭ ھەربىر قىيىنچىلىقنى قانداق يەڭگەنلىكى ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئۇنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىپ چىقىمىز.
ۋەز ئېيتىش خىزمىتى بىلەن باشقا مەسئۇلىيەتلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش
4. نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللارنىڭ ۋەز ئېيتىش خىزمىتىدە باشلامچى بولۇشى قىيىن بولىدۇ؟
4 بۇ نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟ ئاقساقاللارنىڭ ۋەز ئېيتىش خىزمىتىدە باشلامچى بولۇشتىنمۇ باشقا نۇرغۇن مەسئۇلىيىتى بار. مەسىلەن، كۆپىنچە ئاقساقاللار نۆۋەت بىلەن ھەپتە ئوتتۇرىسىدىكى يىغىلىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ۋە جامائەت مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ باشقا نۇتۇق ئېيتىش ۋەزىپىلىرى بار. ئۇلار قىزغىنلىق بىلەن ياردەمچى خىزمەتچىلەرنى تەربىيىلەيدۇ ۋە قېرىنداشلارغا تەسەللى بېرىدۇ (1-پېتر. 5:2). بەزى ئاقساقاللار يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغان يىغىلىش زاللىرىنى سېلىش ۋە باشقا ئىمارەتلەرنى ئاسراپ ساقلاش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ. شۇنداقتىمۇ، جامائەتنىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئوخشاش، ئاقساقاللارنىڭ ھەممىدىن مۇھىم خىزمىتى — ۋەز ئېيتىش.—مەتتا 28:19، 20.
5. پاۋلۇس ۋەز ئېيتىشتا قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟
5 پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسى. پاۋلۇس ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاچقۇچىنى فىلىپىلىكلەر 1:10-ئايەتتە تىلغا ئېلىپ، بىزنى نېمە ئىشنىڭ بەكرەك مۇھىم ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. پاۋلۇس ئۆزىنىڭ نەسىھەت سۆزىگە ئەمەل قىلغان ئىدى. ئۇ ۋەز خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن بولۇپ، نەچچە ئون يىللار ھاياتىدا ۋەز خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ئۇ ئاممىۋىي سورۇنلاردا ۋە ئۆيمۇ ئۆي خۇش خەۋەر ئېيتقان (ئەلچى. 20:20). ئۇ ۋەز خىزمىتىنى بىر كۈن ئىچىدە مەلۇم بىر ۋاقىت ياكى ھەپتىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى بىلەنلا چەكلەپ قويمىغان. ئۇ بارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ۋەز قىلغان ئىدى! مەسىلەن، ئۇ ئافىنادا ھەمراھلىرىنى ساقلاۋاتقاندا، پەرقلىق كىشىلەر توپىغا خۇش خەۋەر يەتكۈزگەن ۋە بەزى كىشىلەر ياخشى ئىنكاس قايتۇرغان (ئەلچى. 17:16، 17، 34). پاۋلۇس ھەتتا ئۆيىدە مەھبۇس بولۇپ، نازارەت ئاستىدا تۇرغاندىمۇ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ۋەز قىلغان.—فىلىپى. 1:13، 14؛ ئەلچى. 28:16–24.
6. پاۋلۇس باشقىلارغا نېمىنى ئۆگەتكەن؟
6 پاۋلۇس ئۆز ۋاقتىدىن ئەڭ ياخشى پايدىلانغان. ئۇ دائىم باشقىلارنى ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. مەسىلەن، ئۇ تۇنجى قېتىملىق ۋەز ئېيتىش سەپىرىدە ماركۇسنى، ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرىدە تىموتىينى ئۆزى بىلەن ئېلىۋالغان (ئەلچى. 12:25؛ 16:1–4). شەك-شۈبھىسىزكى، پاۋلۇس بۇ كىشىلەرگە جامائەتنى قانداق تەشكىللەش، پادىچىلىق خىزمىتىنى قانداق قىلىش ۋە ئۈنۈملۈك تەلىم بەرگۈچى بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشنى ئۆگەتكەن.—1-كورىنت. 4:17.
7. ئاقساقاللار ئەفەسلىكلەر 6:14، 15-ئايەتلەردىكى پاۋلۇسنىڭ نەسىھەت سۆزلىرىگە قانداق ئەمەل قىلالايدۇ؟
7 ئاقساقاللار پاۋلۇستىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ ئاقساقاللار ئۆيمۇ ئۆي ۋەز ئېيتىشتىلا ئەمەس، يەنە ھەرقانداق جاي ۋە ۋاقىتتا گۇۋاھلىق بېرىشكە تەييار بولۇشتا پاۋلۇسنى ئۈلگە قىلالايدۇ (ئەفەسلىكلەر 6:14، 15-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، ئۇلار مال سېتىۋالغاندا ياكى خىزمەت ئورنىدا گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ. ياكى ئىبادەت زاللىرى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتناشقاندا، ئەتراپتا ياشايدىغان قوشنىلارغا ۋە ئۆزلىرىگە مال ساتقۇچىلارغا خۇش خەۋەر ئېيتسا بولىدۇ. پاۋلۇسقا ئوخشاش، ئاقساقاللار ۋەز خىزمىتىگە چىققاندا، ياردەمچى خىزمەتچىلەر ۋە باشقا قېرىنداشلارنى ئۆگىتەلەيدۇ.
8. بەزى ۋاقىتلاردا، ئاقساقال نېمە قىلىشى كېرەك؟
8 ئاقساقاللار جامائەت ياكى رايوندىكى ۋەزىپىلىرى بىلەن بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ۋەز خىزمىتىگە ۋاقىت چىقىرالماي قېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك. تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۇلار گاھىدا بەزى تاپشۇرۇقلارغا «ياق» دېيىشى مۇمكىن. دۇئا قىلىپ ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇلار ئەگەر شۇ تاپشۇرۇقنى قوبۇل قىلسا، مۇھىمراق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقتى بولماي قالىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى مۇمكىن. بۇنداق ئىشلار ھەر ھەپتىدىكى ئائىلىۋى ئىبادەت، ۋەز خىزمىتىگە تولۇق قاتنىشىش ياكى بالىلىرىنى ۋەز خىزمەتتە تەربىيىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن كۆپرەك ئىمتىيازنى قوبۇل قىلىشتىن ۋاز كېچىش تەسكە توختايدۇ، ئەمما ئۇلار شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، يەھۋا ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشتا تەڭپۇڭ بولۇش ئارزۇسىنى چۈشىنىدۇ.
كۆيۈمچان پادىچى بولۇش
9. ئالدىراش ياشانغانلار قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ؟
9 بۇ نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟ يەھۋانىڭ خەلقى نۇرغۇن سىناقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ ئاخىرقى كۈنلەردە ھەممىمىز ئىلھام-مەدەت، قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ۋە تەسەللىگە مۇھتاج. بەزى ۋاقىتلاردا خاتا ئىش-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەزىلەر ياردەمگە مۇھتاج (1-سالونىكا. 5:14). ئەلۋەتتە، ئاقساقاللار يەھۋانىڭ خەلقى دۇچ كەلگەن بارلىق سىناقلارنى يوق قىلالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، يەھۋا ئاقساقاللارنىڭ ئۆز قويلىرىغا تەسەللى بېرىش ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلىشتا قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى خالايدۇ. ئاللىقاچان ئالدىراش بولۇۋاتقان ئاقساقاللار ياردەمگە مۇھتاج قېرىنداشلار ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟
10. 1-سالونىكالىقلار 2:7-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، پاۋلۇس يەھۋانىڭ خەلقىگە قانداق كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى؟
10 پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسى. پاۋلۇس قېرىنداشلىرىنى ماختاش ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىگەن ئىدى. ئاقساقاللار يەھۋانىڭ خەلقىگە مۇلايىملىق ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق پاۋلۇسنى ئۈلگە قىلالايدۇ (1-سالونىكالىقلار 2:7-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇس قېرىنداشلىرىنى سۆيىدىغانلىقىنى ۋە خۇدانىڭ ئۇلارنى سۆيىدىغانلىقىنى ئېيتقان (2-كورىنت. 2:4؛ ئەفەس. 2:4، 5). پاۋلۇس جامائەتتىكىلەرگە دوستلىرىدەك مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ قورقۇنچى ۋە ئاجىزلىقى ھەققىدە ئوچۇق سۆزلەش ئارقىلىق ئۇلارغا ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن (2-كورىنت. 7:5؛ 1-تىموت. 1:15). ئەمما ئۇ دىققىتىنى ئۆز قىيىنچىلىقلىرىغا قاراتمىغان، ئەكسىنچە قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىشنى خالىغان ئىدى.
11. نېمە ئۈچۈن پاۋلۇس قېرىنداشلىرىغا نەسىھەت بەرگەن؟
11 بەزى ۋاقىتلاردا، پاۋلۇسنىڭ قېرىنداشلىرىغا نەسىھەت بېرىشىگە توغرا كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇ رەنجىگەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇنداق قىلمىغان. ئۇ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇلارنى تۈرلۈك خەتەرلەردىن قوغدىماقچى بولغىنى ئۈچۈن نەسىھەت بەرگەن. ئۇ بەرگەن نەسىھىتىنىڭ چۈشىنىشكە ئاسان بولۇشىنى ۋە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشىنى خالىغان ئىدى. مەسىلەن، كورىنتلىقلارغا يازغان خېتىدە، پاۋلۇس قاتتىق نەسىھەت قىلغان. ئۇ خەتنى يازغاندىن كېيىن، تىتۇسنى ئۇلارغا ئەۋەتكەن. پاۋلۇس ئۇلارنىڭ خەتكە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلىشكە ئىنتىزار بولغان ئىدى. ئۇلار نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ، ھاياتىدا ئەمەلىي قوللانغانلىقىنى بىلگەندە، پاۋلۇسنىڭ كۆڭلى قانچىلىك خۇشال بولغاندۇ-ھە!—2-كورىنت. 7:6، 7.
12. ئاقساقاللار ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنى قانداق كۈچلەندۈرەلەيدۇ؟
12 ئاقساقاللار پاۋلۇستىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ ئاقساقاللار ئېتىقادچى قېرىنداشلار بىلەن بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق پاۋلۇسنى ئۈلگە قىلالايدۇ. بۇنى قىلىشنىڭ بىر يولى، جامائەت يىغىلىشلىرىغا بالدۇرراق كېلىپ، باشقىلار بىلەن ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان ماۋزۇلاردا پاراڭلىشىش. بەزىدە ئىلھامغا مۇھتاج قېرىنداشلارغا كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بىر نەچچە مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ (رىملىقلار 1:12؛ ئەفەس. 5:16). پاۋلۇسنى ئۈلگە قىلغان ئاقساقاللار خۇدا سۆزىدىن پايدىلىنىپ، قېرىنداشلىرىغا تەسەللى بېرىدۇ ۋە خۇدانىڭ ئۇلارنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قېرىنداشلارنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇلار بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ماختاش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەيدۇ. چوقۇم ئاقساقال نەسىھەت بېرىش زۆرۈر بولغاندا، ئۇ خۇدا سۆزىگە ئاساسلىنىپ نەسىھەت بېرىدۇ. ئۇ ئوچۇق، ئەمما مۇلايىملىق بىلەن شۇنداق قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ نەسىھەت سۆزىنى قېرىنداشنىڭ قوبۇل قىلىشىنى خالايدۇ.—گالاتىيا. 6:1.
ئۆز ئاجىزلىقلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش
13. ئاقساقالغا ئۆز ئاجىزلىقلىرى قانداق تەسىر قىلالايدۇ؟
13 بۇ نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟ ئاقساقاللار مۇكەممەل ئەمەس. ئۇلارمۇ باشقىلارغا ئوخشاش خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ (رىملىقلار 3:23). بەزىدە ئۆزىنىڭ نامۇكەممەللىكىگە تەڭپۇڭ قاراشتا بولۇش، ئۇلار ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بەزىلەر ھەددىدىن زىيادە ئۆزىنىڭ كەمچىلىكلىرىگە دىققەت قارىتىپ، ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ. باشقىلار بەلكىم، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئانچە مۇھىم ئەمەس دەپ قاراپ، زۆرۈر ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشقا ھەرىكەت قىلمايدۇ.
14. فىلىپىلىكلەر 4:13-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، كەمتەرلىك پاۋلۇسنىڭ ئۆز ئاجىزلىقلىرىغا توغرا كۆزقاراشتا بولۇشىغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
14 پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسى. پاۋلۇس ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىغا ئۆزى تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن تونۇپ يەتكەن ئىدى. ئۇ خۇدا تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان كۈچ-قۇۋۋەتكە مۇھتاج ئىدى. ئىلگىرى، پاۋلۇس قىزغىنلىق بىلەن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغان ئىدى. بىراق كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۆز كۆزقارىشى ۋە مىجەز-خۇلقىنى ئۆزگەرتىشكە ھەرىكەت قىلغان (1-تىموت. 1:12–16). يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن پاۋلۇس مېھرىبان، كۆيۈمچان، كەمتەر ئاقساقالغا ئايلانغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ،ئاشۇ ئاجىزلىقلىرى ئۈستىدە داۋاملىق ئويلاشنىڭ ئورنىغا، يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئىشەنچ قىلىشنى تاللىغان (رىملىقلار 7:21–25). ئۇ مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلمىغان. ئەكسىچە، ئۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە خاس مىجەز-خۇلقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشقان ۋە كەمتەرلىك بىلەن يەھۋانىڭ ياردىمىگە تايىنىپ خىزمىتىنى تاماملىغان ئىدى.—1-كورىنت. 9:27؛ فىلىپىلىكلەر 4:13-نى ئوقۇڭ.
15. ئاقساقاللار ئۆز ئاجىزلىقلىرىغا قانداق تەڭپۇڭ كۆزقاراشتا بولۇشى كېرەك؟
15 ئاقساقاللار پاۋلۇستىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ ئۇلار مۇكەممەل بولغىنى ئۈچۈن، ئاقساقال بولۇشقا تەيىنلەنگەن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، يەھۋا ئۇلارنىڭ ئۆز خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ۋە مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە خاس مىجەز-خۇلقنى يېتىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ (ئەفەس. 4:23، 24). ئاقساقال ئۆزىنى خۇدانىڭ سۆزىگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ، زۆرۈر بولغان ئۆزگىرىشلەرنى قىلىشى كېرەك. ئاندىن يەھۋا ئۇنىڭ شاد-خۇرام ۋە ياخشى ئاقساقال بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.—ياقۇپ 1:25.
باشقا نامۇكەممەل ئىنسانلار بىلەن ھەمكارلىشىش
16. ئەگەر بىر ئاقساقال دىققىتىنى باشقىلارنىڭ كەمچىلىكلىرىگە قاراتسا، نېمە ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن؟
16 بۇ نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟ ئاقساقاللار جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن يېقىن ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى بايقىشى مۇمكىن. ئەمما ئېھتىيات قىلمىسا، ئاقساقاللار تېرىككەك، قوپال ياكى تېزلا ھۆكۈم چىقىرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. پاۋلۇس مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، شەيتان ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.—2-كورىنت. 2:10، 11.
17. پاۋلۇس قېرىنداشلىرىغا قانداق كۆزقاراشتا بولغان؟
17 پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسى. ئۇ قېرىنداشلىرىغا ئىجابىي كۆزقاراشتا بولغان ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئۇبدان بىلەتتى، چۈنكى بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەتتا ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن. قانداقلا بولمىسۇن، پاۋلۇس يامان ئىللەتلەر بىلەن ناچار كىشىلەرنىڭ پەرقىنى بىلەتتى. ئۇ قېرىنداشلىرىنى ياخشى كۆرگەن ۋە دىققىتىنى ئۇلارنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرىگە قاراتقان. ئەگەر ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى توغرا ئىش قىلىشتا قىينىلىۋاتقان بولسا، ئۇ ئۇلارنىڭ توغرا ئىش قىلىشنى خالايدىغانلىقى ھەمدە ئۇلارغا قانداق ياردەم بەرسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلانغان.
18. پاۋلۇسنىڭ ئېۋودىيا بىلەن سىنتىھىياگە بەرگەن ياردىمىدىن نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟ (فىلىپىلىكلەر 4:1–3)
18 مەسىلەن، پاۋلۇسنىڭ فىلىپى شەھىرىدىكى جامائەتتىكى ئىككى ئايال قېرىنداشلارغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى (فىلىپىلىكلەر 4:1–3-نى ئوقۇڭ). ئېۋودىيا ۋە سىنتىھىيا ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ دوستلىقى بۇزۇلغان ئىدى. پاۋلۇس ئۇلارغا قوپال تەگمىگەن ياكى تېزلا ھۆكۈم چىقارمىغان. ئۇ ئۇلارنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرىگە دىققەت ئاغدۇرغان. ئۇلار ئۇزۇن يىللار يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلغان قېرىنداشلار ئىدى. پاۋلۇس يەھۋانىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. پاۋلۇس بۇ قېرىنداشلارغا ئىجابىي كۆزقاراشتا بولغاچ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سوغاقچىلىقنى ھەل قىلىپ، ئىناقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرغان. ئۇ قېرىنداشلارنىڭ ياخشى سۈپەتلىرىگە دىققەت ئاغدۇرغاچ، خۇشاللىقىنى ساقلاپ، شۇ جامائەتتىكى ئېتىقادچىلار بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغان.
19. (1) ئاقساقاللار قېرىنداشلىرىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟ (2) رەسىمدىكى ئاقساقالنىڭ ئىبادەت يىغىلىشى زالىنى تازىلاۋاتقىنىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز؟
19 ئاقساقاللار پاۋلۇستىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ ئاقساقاللار، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرۈشكە تىرىشىڭلار. ھەممە ئادەم نامۇكەممەل؛ شۇنداقتىمۇ، ھەربىرىمىزنىڭ باشقىلار ياقتۇرىدىغان ياخشى سۈپەتلىرى بار (فىلىپى. 2:3). شۇنداق، ئاقساقاللار ئارىلاپ-ئارىلاپ قېرىنداشلىرىغا نەسىھەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما پاۋلۇسقا ئوخشاش، ئاقساقاللار دىققىتىنى باشقىلارنىڭ تېرىكتۈرىدىغان سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قارىتىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىشى كېرەك. ئەكسىچە، ئۇلار شۇ كىشىنىڭ يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى، ئۇنىڭ خۇداغا خىزمەت قىلىشتىكى چىدامچانلىقى ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىش يوشۇرۇن كۈچىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئويلىشى كېرەك. ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرۈشكە تىرىشىدىغان ئاقساقاللار جامائەتتە قىزغىن ۋە يېقىملىق كەيپىياتنى يارىتىدۇ.
داۋاملىق پاۋلۇسنى ئۈلگە قىلىڭلار
20. ئاقساقاللار پاۋلۇسنى ئۈلگە قىلىشتىن داۋاملىق قانداق پايدا ئالالايدۇ؟
20 ئاقساقاللار، داۋاملىق پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسىنى تەتقىق قىلساڭلار، كۆپ پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيسىلەر. مەسىلەن، «كۈزىتىش مۇنارى كۆرسەتكۈچىدىن» «پاۋلۇس» دېگەن باش ماۋزۇ ئاستىدىكى «ئاقساقاللارنىڭ ئۈلگىسى» دېگەن كىچىك ماۋزۇغا قارىسىڭىز بولىدۇ. ئۇ يەردە كۆرسىتىلگەن بەزى ماقالىلەرنى ئوقۇغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسى ئاقساقاللىق مەسئۇلىيتىمنى خۇشاللىق بىلەن ئادا قىلىشقا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟»
21. ئاقساقاللار نېمىگە ئىشەنسە بولىدۇ؟
21 ئاقساقاللار، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، يەھۋا سىلەردىن مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ؛ ئۇ سىلەردىن سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ (1-كورىنت. 4:2). ئۇ پاۋلۇسنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە ساداقەتمەنلىكىدىن مەمنۇن بولغان. شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، خۇدا سىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلاردىن خۇرسەن بولىدۇ. يەھۋا «سىلەرنىڭ ئۆتمۈشتە ۋە ھازىر مۇقەددەس كىشىلەرگە خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسىمى ئۈچۈن كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭلار ۋە قىلغان ئىشلىرىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ».—ئىبرانىي. 6:10.
20-ناخشا يىغىلىشلىرىمىزغا بەرىكەت بەر
a كۆيۈمچان، مۇلايىم ئاقساقاللارنىڭ ئەجىر-مېھنىتى بىز ئۈچۈن بەرىكەت، ئۇلارغا مىننەتدارمىز! بۇ ماقالىدە ئاقساقاللار ھەردائىم دۇچ كېلىدىغان تۆت قىيىنچىلىق ئۈستىدە توختىلىمىز. بىز يەنە ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئاقساقاللارنىڭ شۇ قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بۇ ماتېرىيال ھەممىمىزنىڭ ئاقساقاللارغا ھېسداشلىق قىلىشىمىزغا ۋە ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
b سۈرەتتە: بىر بۇرادەر ئىشتىن قايتقىنىدا، خىزمەتدىشىغا خۇش خەۋەر ئېيتىۋاتىدۇ.
c سۈرەتتە: ئاقساقال قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئالغان بىر بۇرادەرگە غەمخورلۇق قىلىۋاتىدۇ.
d سۈرەتتە: بىر بۇرادەر بىرەر ئىشتىن رەنجىگەن قېرىنداشقا پايدىلىق مەسلىھەت بېرىۋاتىدۇ.
e سۈرەتتە: پىدائىي ياردەم بېرىشنى خالىغان بۇرادەر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىمىغاندا، بىر ئاقساقال ئۇنى تەنقىد قىلمايدۇ.