10-تەتقىق ماقالىسى
كونا تەبىئىتىڭىزنى چۆرۈپ تاشلىۋىتەلەيسىز
«كونا تەبىئىتىڭلارنى ئىشلىرى بىلەن قوشۇپ سېلىپ تاشلاڭلار».—كولوسى. 3:9.
34-ناخشا ئىسمىمىزغا ماس ياشايلى!
بۇ ماقالىدە a
1. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ھاياتىڭىز قانداق ئىدى؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى، قانداق ھايات كەچۈرگەن ئېدىڭىز؟ كۆپىنچىمىز ئۆتمۈشىمىزنى ئەسلەشنى ياخشى كۆرمەيمىز. چۈنكى، بىزنىڭ كۆز قارىشىمىز ۋە مىجەز-خۇلقىمىز بۇ دۇنيانىڭ قىممەت قارىشىغا، يەنى توغرا-خاتا ئۆلچەملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، بىز «ئۈمىدسىز ۋە خۇداسىز» ياشىغان (ئەفەس. 2:12). مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەندىن كېيىن، ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلىمىز ئۆزگەردى!
2. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن، قانداق ئىشلارنى بايقىدىڭىز؟
2 سىز مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەندە، سىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئاسماندىكى ئاتىڭىزنىڭ بارلىقىنى بايقىدىڭىز. ئەگەر سىز يەھۋانى خۇرسەن قىلماقچى ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغان چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولماقچى بولسىڭىز، ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلىڭىز، كۆز قارىشىڭىزدا كۆپلىگەن ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىڭىز. سىز يەھۋا توغرا دېگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىرگە، خاتا دېگەن ئىشلاردىن يىراق قېچىشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك.—ئەفەس. 5:3–5.
3. كولوسىلىقلارغا 3:9، 10-ئايەتلەرگە ئاساسەن، يەھۋا بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى خالايدۇ ۋە بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 بىزنىڭ ياراتقۇچىمىز ۋە ئەرشتىكى ئاتىمىز يەھۋانىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قانداق ئىبادەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بار. ئۇ بىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، كونا تەبىئىتىمىزنى بۇرۇنقى قىلمىشلار بىلەن بىللە چۆرۈپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىدۇ b (كولوسلىقلار 3:9، 10-نى ئوقۇڭ). بۇ ماقالە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلمەكچى بولغانلارنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ سوئالغا جاۋاب تېپىشىغا ياردەم بېرىدۇ: (1) «كونا تەبىئەت» دېگەن نېمە؟ (2) نېمە ئۈچۈن يەھۋا بىزنى ئۇنى چۆرۈپ تاشلاشقا دەۋەت قىلىدۇ؟ (3) شۇنداق قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ ئاللىقاچان سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن بولسا، بۇ تەتقىق ماقالىسى ئىلگىرى تاشلىۋەتكەن كونا تەبىئىتىمىزدىكى مىجەز-خۇلقلارنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
كونا تەبىئەت دېگەن نېمە؟
4. «كونا تەبىئىتى» تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان ئادەم قانداق ھەرىكەت قىلىدۇ؟
4 كونا تەبىئىتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان ئادەم ئادەتتە تەننىڭ خاھىشلىرىغا بېرىلىپ، يەنى گۇناھلىق ئىشلارنى ئويلايدۇ ۋە قىلىدۇ. ئۇ شەخسىيەتچى، تېز ئاچچىقلىنىشى، مىننەتدارسىز ۋە تەكەببۇر بولۇشى مۇمكىن. ئۇ شەھۋانىي ماتېرىئاللارنى كۆرۈش ۋە ئەخلاقسىزلىق ياكى زوراۋانلىق مەزمۇن قىلىنغان كىنو-فىلىملەرنى كۆرۈشتىن ھۇزۇرلىنىشى مۇمكىن. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ بەزى ياخشى مىجەز-خۇلقلىرى بار، ئۇ بەلكىم ئۆزى يامان گەپ-سۆزلەر ياكى ئىشلارنى قىلغاندا، ئۆزىنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇنىڭ ئوي-پىكىر ۋە ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىش ئارزۇ-ئىستىگى كۈچلۈك ئەمەس.—گالاتىيا. 5:19–21؛ 2-تىموت. 3:2–5.
5. بىزنىڭ كونا تەبىئىتىمىزنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ چۈشەندۈرۈڭ (ئەلچىلەر 3:19).
5 بىز مۇكەممەل ئەمەس، شۇڭا ھېچقايسىمىز قەلبىمىز ۋە مېڭىمىزدىكى بارلىق يامان ئوي-پىكىرلەر ۋە خاھىشلارنى پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلىيالمايمىز. بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزۈمىز پۇشايمان قىلىدىغان گەپ-سۆزنى ياكى ئىشنى قىلىپ سالىمىز (يەرەم. 17:9؛ ياقۇپ 3:2). ئەمما، بىز كونا تەبىئەتنى چۆرۈپ تاشلىغاندا، تەننىڭ خاھىشلىرى ۋە ئىشلىرى بىزنى يەنە كونترول قىلالمايدۇ. بىز باشقىچە بىر ئادەم بولىمىز.—يەشايا 55:7؛ ئەلچىلەر 3:19-نى ئوقۇڭ.
6. نېمە ئۈچۈن يەھۋا بىزنى كونا تەبىئىتمىزدىكى خاتا ئوي-خىيال ۋە ناچار ئادەتلىرىمىزنى تاشلاشقا ئۈندەيدۇ؟
6 يەھۋا بىزنى خاتا ئوي-خىيال ۋە ناچار ئادەتلەرنى تاشلاشقا ئۈندەيدۇ، چۈنكى ئۇ بىزنى سۆيىدۇ ۋە بىزنىڭ شاد-خۇرام ھايات كەچۈرۈشىمىزنى بەك خالايدۇ (يەشايا 48:17، 18). ئۇ خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قارشى كۈرەش قىلمىغانلارنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە ئازار بېرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بىزنىڭ ئۆزۈمىزگە ۋە باشقىلارغا ئازار بەرگەنلىكىمىزنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ كۆڭلى ئازابلىنىدۇ.
7. رىملىقلار 12:1، 2-ئايەتلەرگە ئاساسەن، بىزنىڭ قانداق تاللىشىمىز بار؟
7 بەزى دوستلىرىمىز ۋە ئائىلە ئەزالىرىمىز دەسلەپتە مىجەز-خۇلقلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىقىمىزنى كۆرۈپ، بىزنى مەسخىرە قىلىشى مۇمكىن (1-پېتر. 4:3، 4). بەلكىم، ئۇلار: بىز نېمە قىلىشنى خالىساق، شۇنداق قىلىش ھوقۇقىمىز بار، باشقىلارنىڭ بىزگە نېمە قىلىشنى ئۆگىتىشىگە رۇخسەت بەرمەسلىكىمىز كېرەك، دەيدۇ. ئەمما، يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىنى رەت قىلغانلار ئەمەلىيەتتە ئەركىن ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇلار شەيتاننىڭ تەسىرى ئاستىدىكى دۇنيانىڭ ئۆزلىرىنى كونترول قىلىشىغا يول بەرگەن (رىملىقلار 12:1، 2-نى ئوقۇڭ). ھەممىمىز بىر تاللاشقا دۇچ كېلىمىز: گۇناھ ۋە شەيتاننىڭ دۇنياسىنىڭ تەسىرىدە كونا تەبىئىتىمىز بىلەن ياشاۋېرىمىز ياكى يەھۋانىڭ بىزنى ھازىر ياخشى بىر كىشىگە ئۆزگەرتىشىگە يول بېرىمىز.—يەشايا 64:8.
كونا تەبىئەتنى قانداق سېلىپ تاشلىيالايسىز؟
8. خاتا ئوي-پىكىر ۋە ناچار ئادەتلەردىن يىراق بولۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
8 يەھۋا بىزنىڭ خاتا ئوي-پىكىر ۋە ناچار ئادەتلىرىمىزدىن يىراق بولۇشىمىزغا ئۈچۈن ۋاقىت ۋە كۈچ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ (زەبۇر 103:13، 14). شۇنداقتىمۇ، يەھۋا ئۆز سۆزى، روھى ۋە تەشكىلاتى ئارقىلىق بىزگە ئۆزۈمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كېرەكلىك ئەقىل-پاراسەت، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئىلھام-مەدەت بېرىدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللىقاچان سىزگە ياردەم بەرگەن. ئەمدى سىز كونا تەبىئىتىڭىزنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھەتتا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لاياقەتلىك بولۇش ئۈچۈن قايسى بەزى قەدەملەرنى باسالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ چىقايلى.
9. خۇدانىڭ سۆزى سىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
9 مۇقەددەس كىتابتىن پايدىلىنىپ، ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈڭ. خۇدانىڭ سۆزى خۇددى ئەينەك ئوخشاش. ئۇ سىزنىڭ ئويلاش، سۆزلەش ۋە ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلىڭىزنى تەھلىل قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ (ياقۇپ 1:22–25). سىز بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزىۋاتقان كىشى ياكى باشقا ئىماندا پىشىپ يېتىلگەن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سىزگە مەسلىھەتلەرنى بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، ئۇلار مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق سىزنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىك تەرەپلىرىڭىزنى ئېنىقلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇلار سىزگە ناچار ئادەتلەرنى قانداق يېڭىش توغرىسىدا ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى بېرىدىغان مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان مەلۇماتلارنى قانداق تېپىشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا سىزگە ياردەم بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار. ئۇ سىزگە قانداق ياردەم قىلىشنى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. ئۇ كۆڭلۈڭىزدىكىنى بىلىدۇ (پەند. نە 14:10؛ 15:11). شۇڭا، ھەر كۈنى ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ.
10. ئېلىنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
10 يەھـۋانىڭ ئۆلـچەم-قائىدىلىرىنىڭ ئـەڭ ياخشىلىقىغا ئىشىنىڭ. يەھۋا بىزدىن قىلىشنى تەلەپ قىلغان بارچە ئىشلار بىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشايدىغانلار ئۆز-ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدۇ؛ مەنىلىك ھايات كەچۈرۈپ، ھەقىقىي شات-خوراملىققا ئېرىشىدۇ (زەبۇر 19:7–11). بۇنىڭ ئەكسىچە، يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىنى رەت قىلغانلار تەننىڭ خاھىشى بىلەن ياشاپ، يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ. ئېلى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىنى رەت قىلىپ، نېمىلەرنى دېگەنلىكىگە دىققەت قىلىپ باقايلى. ئۇنى چوڭ قىلغان ئاتا-ئانا يەھۋانى سۆيىدىغان كىشىلەر بولغان. ئەمما، ئېلى ئۆسمۈرلۈك چېغىدا يامانلار بىلەن ئارىلىشىشنى تاللىغان. ئۇ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە ئوغرىلىقلارنى قىلىشقا باشلىغان. ئېلى ئۆزىنىڭ بارغانسېرى قەھرى-غەزەپ ۋە زوراۋان بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتىپ، شۇنى ئېتىراپ قىلغان: «ئېنىق ئېيتقاندا، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، دەپ ئۆگىتىلگەن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدىم». بىراق، ئېلى ياش ۋاقىتلىرىدا ئۆگەنگەنلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى. ئاخىرىدا، ئۇ مۇقەددەس كىتابنى قايتا ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ يامان ئادەتلىرىنى تاشلاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە 2000-يىلى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن. ئۇ يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشاشنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرگەن؟ ئېلى مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر كۆڭلۈم تىنچ-خاتىرجەم ۋە ۋىجدانىم پاك» c. مۇشۇ مىسالدىن كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىنى رەت قىلغانلار ئۆز-ئۆزىگە ئازار بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، يەھۋا ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىشكە تەييار.
11. يەھۋا نېمىلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ؟
11 يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى ئۆچ كۆرۈشنى ئۆگىنىڭ. (زەبۇر 97:10) مۇقەددەس كىتابتا، يەھۋانىڭ «تەكەببۇرلۇق بىلەن قارايدىغان كۆزلەر، يالغانچى تىل، بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى تۆكىدىغان قوللار»نى ئۆچ كۆرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن (پەند. نە 6:16، 17). يەنە ئۇ ھەققىدە شۇنداق سۆزلەر يېزىلغان: «قانخور ۋە ھىيلىگەر كىشىلەردىن يىرگىنەر» (زەبۇر 5:6). يەھۋا بۇنداق ئىللەتلەرنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىدۇ. ئۇ نۇھنىڭ زامانىدا يەر يۈزىنى زوراۋانلىق بىلەن تولدۇرغان بارچە رەزىل كىشىلەرنى ھالاك قىلغان (يارىت. 6:13). باشقا بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. يەھۋا مالاكى پەيغەمبەر ئارقىلىق ھىيلىگەرلىك بىلەن بېگۇناھ ھەمراھىدىن ئاجرىشىپ، نىكاھىنى بۇزغان ۋاپاسىزلارنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. خۇدا ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىنى رەت قىلىدۇ ۋە قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۇلاردىن ھېساب ئالىدۇ.—مالاك. 2:13–16؛ ئىبرانىي. 13:4.
12. «رەزىل نەرسىنى ئۆچ كۆرۈش» دېگەن نېمە؟
12 يەھۋا بىزگە «يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار» دەيدۇ (رىملىقلار 12:9). «يىرگىنچ» سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس ھېس-تۇيغۇسىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ بىر نەرسىنى قاتتىق ئۆچ كۆرۈش، ئۇنىڭدىن بىزار بولۇش دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر سىزدىن سېسىپ قالغان بىر تەخسە تاماقنى يېيىشنى تەلەپ قىلسا، قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. بۇنى ئويلاشنىڭ ئۆزى كۆڭلۈڭىزنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋا يامان دېگەن ئىشنى، ھەتتا ئويلاشتىنمۇ يىرگىنىشىمىز كېرەك.
13. نېمە ئۈچۈن چوقۇم ئوي-پىكىرىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك؟
13 ئوي-پىكىرىڭىزنى قوغداڭ. ئوي-پىكىرىمىز ئىش-ھەرىكىتىمىزگە تەسىر قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەيسا بىزگە ئېغىر گۇناھقا يېتەكلەيدىغان ئوي-پىكىرنى رەت قىلىشنى ئۆگەتكەن (مەتتا 5:21، 22، 28، 29). بىز ئاسماندىكى ئاتىمىزنى خۇرسەن قىلىشنى خالايمىز. شۇنداق ئىكەن، كاللىمىزدا پەيدا بولغان ھەرقانداق يامان ئوي-خىيالنى دەرھال رەت قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم!
14. گەپ-سۆزلىرىمىز نېمىنى ئاشكارىلايدۇ ۋە قانداق سوئاللارغا جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك؟
14 گەپ-سۆزۈڭىزنى كونترول قىلىڭ. ئەيسا مەسىھ: «ئېغىزدىن چىققان نەرسىلەر كۆڭۈلدىن چىقىدۇ، ئىنساننى ئەنە شۇلار ناپاك قىلىدۇ»،— دېگەن (مەتتا 15:18). شۇنداق، بىزنىڭ ئېغىزىمىزدىن چىققان سۆزلەر ئىچكى دۇنيامىزنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. شۇڭا، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنۇ سوئاللارنى سوراپ كۆرۈڭ: «راست گەپ قىلسام، كۆپ ئاۋارىچىلىققا قالىدىغان بولساممۇ، يالغان سۆزلەشنى رەت قىلامدىم؟ توي قىلغان ئادەم بولغاچ، يات جىنسلىقلار بىلەن كۆز-قاش ئوينىتىشتىن ئېھتىيات قىلىمەنمۇ؟ مەن ئەخلاقسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن پۈتۈنلەي ساقلىنامدىم؟ باشقىلار مېنى رەنجىتكەندە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرامدىم؟». بۇ سوئاللار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش سىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. تون چاپاننى يىڭنە تىكىشلىرى بىر-بىرىگە ئۇلاپ تۇرغاندەك، يامان گەپ-سۆزلەر كونا تەبىئەتنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. دېمەك، كونا تەبىئىتىمىزنى يىتىپ تاشلاشنى خالىساق، پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ھاقارەتلىك، يالغان ۋە ئەخلاقسىز گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى توختىتىشىمىز لازىم.
15. كونا تەبىئىتىمىزنى تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلاش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
15 زۆرۈر ئىشنى قىلىشقا تەييار تۇرۇڭ. ئەلچى پاۋلۇس بىر تەمسىلنى ئىشلىتىپ، بىزگە ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىشنىڭ بەك مۇھىملىقىنى ئۆگەتكەن. ئۇ كونا تەبىئىتىمىزنى چوقۇم تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلىشىمىز كېرەكلىكىنى يازغان ئىدى (رىملىقلار 6:6). باشقىچە ئېيتقاندا، بىز مەسىھنىڭ ئۈلگىسىگە ئەگىشىشنى خالايمىز. بىز يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان كۆزقاراش ۋە ئادەتلەرنى تاشلىشىمىز لازىم. پاك ۋىجدانغا ۋە مەڭگۈلۈك ھايات ئۈمىدىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم بۇ قەدەملەرنى بېسىشىمىز زۆرۈر (يۇھاننا 17:3؛ 1-پېتر. 3:21). ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يەھۋا بىزنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆلچەملىرىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئەكسىچە، بىز ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس ياشاش ئۈچۈن ئۆزۈمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز لازىم.—يەشايا 1:16–18؛ 55:9.
16. نېمە ئۈچۈن تەننىڭ ئاجىزلىقلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىڭىز كېرەك؟
16 تەننىڭ خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. سىز سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ، داۋاملىق تەننىڭ خاھىشىغا قارشى كۈرەش قىلىشىڭىز كېرەك. ماۋرىسىيو ئىسىملىك كىشىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە دىققەت قىلىڭ. ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا ئۇخشاش جىنسلىقىلار بىلەن ئەخلاقسىز تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان. ئاخىرىدا، ئۇ يەھۋانىڭ خەلقىنى ئۇچرىتىپ، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان. ئۇ ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، 2002-يىلى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن. گەرچە ھازىر يەھۋاغا خىزمەت قىلغىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان بولسىمۇ، ماۋرىسىيو مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇنى ئېتىراپ قىلىشىم كېرەككى، مەن بەزىدە نامۇۋاپىق ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىم كېرەك». ئۇ بۇنىڭ ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرىشىگە يول بەرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇ ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئەگەشمەسلىكنى تاللاش ئارقىلىق، يەھۋانى خۇرسەن قىلالايدىغانلىقىمنى بىلگەچ، كۆڭلۈم تەسەللى تاپىدۇ d.
17. نەبىخانىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟
17 دۇئا قىلىپ يەھۋادىن ياردەم سوراڭ ۋە ئۆز كۈچىڭىزگە تايانماي، ئۇنىڭ روھىغا تايىنىڭ. (گالاتىيا. 5:22؛ فىلىپى. 4:6). ئەگەر كونا مىجەز-خۇلقىمىزنى تاشلاپ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشنى خالىساق، چوقۇم كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. نەبىخا ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەندە، دادىسى ئۇنى تاشلىۋەتكەنىدى. ئۇ: «بۇ ماڭا روھىي ۋە ھېسسىي جەھەتتىن ئېغىر زەربە بولغان»،— _دەيدۇ. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، نەبىخا بارغانسېرى ئاچچىقچان ۋە تىلى زەھەردەك قوپال ئايال بولغان. ئۇ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى سېتىشقا باشلىغان ۋە قولغا ئېلىنىپ بىرقانچە يىل تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىنى زىيارەت قىلىپ، ۋەز ئېيتقان گۇۋاھچىلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشنى باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن، نەبىخا ھەيران قالارلىق چوڭ ئۆزگەرتىشلەرنى قىلغان ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بەزى يامان ئادەتلىرىمنى تاشلاش ئاسان بولدى، ئەمما تاماكا تاشلاشتا بەك قىينالدىم». نەبىخا بىر يىلدىن كۆپرەك جاپالىق كۈرەش قىلىپ، تاماكىنى ئاخىرى تاشلىغان ئىدى. بۇنى قانداق قىلالىغان؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تاماكىنى تاشلاشقا ياردەم سوراپ يەھۋاغا توختىماي دۇئا قىلدىم». ئۇ ھازىر باشقىلارغا: «مەن يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۆزگەرتەلىگەن ئىكەنمەن، ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەم شۇنداق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!»— دەيدۇ e.
سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لاياقەتلىك بولالايسىز!
18. 1-كورىنتلىقلار 6:9–11-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، خۇدانىڭ نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلىرى نېمە قىلالىغان؟
18 بىرىنچى ئەسىردە، يەھۋا تەرىپىدىن ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە پادىشاھلار بولۇشقا تاللانغان بەزى ئەرلەر ۋە ئاياللار ئىلگىرى يامان ئادەتلەرگە قۇل بولۇپ ياشىغان ئىدى. مەسىلەن، ئۇلار زىناخورلار، ئوخشاش جىنسلىقلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلار ۋە ئوغرىلار ئىدى. ئەمما، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ياردىمىدە، ئۇلار مىجەز-خۇلقلىرىنى ئۆزگەرتەلىگەن (1-كورىنتلىقلار 6:9–11-نى ئوقۇڭ). خۇددى شۇنىڭدەك بۈگۈنكى كۈندىمۇ، مۇقەددەس كىتاب مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ f. ئۇلار ئۆزلىرىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان يامان ئادەتلەرنى قومۇرۇپ تاشلىدى. ئۇلارنىڭ مىسالى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، سىزمۇ مىجەز-خۇلقلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، يامان ئادەتلەرنى تاشلاپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە لاياقەتلىك بولالايسىز!
19. كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
19 سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى خالايدىغانلار كونا تەبىئەت، يەنى مىجەز-خۇلقىنى چۆرۈپ تاشلاشتىن باشقا، يەنە يېڭى تەبىئەتنى كىيىش ئۈچۈن چوقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. كېيىنكى ماقالىدە، يېڭى تەبىئەتنى قانداق كىيەلەيمىز ۋە شۇنداق قىلىشىمىزغا باشقىلار قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ دېگەنلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
6-ناخشا خۇدا خىزمەتچىسىنىڭ دۇئاسى
a چۆمدۈرۈلۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئۆزۈمىزنىڭ مىجەز-خۇلقلىرىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. بۇ ماقالە بىزگە كونا تەبىئەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، نېمە ئۈچۈن شۇ كونا تەبىئەتلىرىمىزنى تاشلىشىمىز كېرەكلىكى ۋە شۇنى قانداق قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. كېيىنكى ماقالىدە، ھەتتا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، داۋاملىق يېڭى تەبىئەتنى كىيىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: «كونا تەبىئەتنى سېلىپ تاشلاش» يەھۋانىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان كۆزقاراش ۋە خاھىشلاردىن يىراق تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن بۇرۇن باشلاش كېرەك.—ئەفەس. 4:22.
c كۆپرەك تەپسىلاتلارنى بىلىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇنارى»، 2012-يىل، 1-ئاپرېل سانىدا نەشىر قىلىنغان «مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ _ مەن يەھۋاغا قايتىشىم كېرەك ئىدى» دېگەن ماقالىنى ئوقۇڭ.
d كۆپرەك تەپسىلاتلارنى بىلىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇنارى»، 2012-يىل، 1-ماي سانىدا نەشىر قىلىنغان «مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ _ ئۇلار ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلدى» دېگەن ماقالىنى ئوقۇڭ.
e كۆپرەك تەپسىلاتلارنى بىلىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇنارى»، 2012-يىل، 1-ئۆكتەبىر سانىدا نەشىر قىلىنغان «مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ _ مەن ئاچچىقچان، تىلى زەھەردەك قوپال ئايال ئېدىم» دېگەن ماقالىنى ئوقۇڭ.
f « مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ» دېگەن رامكىغا قاراڭ.
g سۈرەتتە: يامان ئوي-پىكىرلەر ۋە ئادەتلەرنى تاشلاش خۇددى كونا كىيىمنى سېلىپ، سېلىپ تاشلىغانغا ئوخشاش