ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
نېمە ئۈچۈن «پالانچى» دەپ تىلغا ئېلىنغان كىشى رۇتقا ئۆيلەنسە، ئۆز مىراسىنى ۋەيران قىلاتتى؟ (رۇت 4:1، 6)
مۇقەددەس كىتاب زامانىدا، ئۆيلەنگەن ئەر كىشى ئەۋلاد قالدۇرماي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ زېمىنىغا كىم ۋارىسلىق قىلغان؟ ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچۈپ كەتكەنمۇ؟ مۇشۇنىڭدەك سوئاللار پەيدا بولغان ۋە بۇ مەسىلىلەر تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەل قىلىنغان.
ۋاپات بولغان كىشىنىڭ يەر-زېمىنى ئۇنىڭ قېرىندىشى ياكى يېقىن تۇققىنىغا مىراس قالاتتى. ئەگەر ئەر كىشى نامراتلىشىپ، زېمىنىنى سېتىشقا مەجبۇر بولسا، قېرىندىشى ياكى يېقىن تۇققىنى ئۇنى قايتا سېتىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. شۇنداق بولغاندا، يەر-زېمىنى يەنىلا شۇ ئائىلىگە تەۋە بولۇپ قالاتتى.—لاۋى. 25:23–28؛ سانلار 27:8–11.
ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ جەمەت نامى قانداق ساقلانغان؟ رۇتنىڭ ۋەزىيىتىدە بولغاندەك، يولدىشى ۋاپات بولسا، ئايالى ئۇنىڭ ئاكىسى ياكى ئىنىسىغا تۇرمۇشقا چىقىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئەۋلاد ئاشۇ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ ھېسابلىناتتى ۋە ئائىلە مىراسى ئۇنىڭغا قالاتتى. بۇ چارە تۇل ئاياللارغا ھەم غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.—تەكرار. قا 25:5–7؛ مەتتا 22:23–28.
نائومىنىڭ مىسالىنى ئالايلى. ئۇ ئېلىمېلەك ئىسىملىك كىشىگە تۇرمۇشقا چىققانىدى. يولدىشى ۋە ئىككى ئوغلى ئۆلۈپ كەتكەندە، نائومىغا غەمخورلۇق قىلىدىغان ئەر كىشى بولمىغان (رۇت 1:1–5). شۇنداق قىلىپ، نائومى كېلىنى رۇت بىلەن يەھۇداغا قايتقان. كېيىن، ئۇ ئېلىمېلەكنىڭ يېقىن تۇققىنى بولغان بوئاز ئىسىملىك كىشىگە رۇتنى ئەۋەتىپ، ئېلىمېلەكنىڭ يەر-زېمىنىنى سېتىۋېلىپ، تۇققان سۈپىتىدە بورچىنى ئورۇنلاشنى ئۆتۈنگەن (رۇت 2:1، 19، 20؛ 3:1–4). بىراق، بوئاز ئۇنىڭدىنمۇ يېقىن تۇققان بارلىقىنى ئېيتقانىدى. دېمەك، بىرىنچى نۆۋەتتە ئاشۇ يېقىن تۇققىنى ئۆز بورچىنى ئورۇنلىشى كېرەك ئىدى.—رۇت 3:9، 12، 13.
شۇ پالانچى كىشى بورچىنى ئورۇنلاشقا تەييار بولغان ئىدى (رۇت 4:1–4). گەرچە ئېلىمېلەكنىڭ يەر-زېمىنىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە توغرا كەلسىمۇ، پالانچى نائومى قېرىپ قالغاچقا، پەرزەنتلىك بولالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ ئېلىمېلەكنىڭ مىراسى ئۆز جەمەتىگە ئۆتىدىغان بولدى دەپ قارىغانىدى.
بىراق، پالانچى زېمىننى قايتۇرۇپ سېتىۋالسا، رۇتقا ئۆيلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلگەندە، ئوي-پىكىرىنى دەرھال ئۆزگەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇنى سېتىۋالالمايمەن، چۈنكى مىراسىمنى ۋەيران قىلىشىم مۇمكىن» (رۇت 4:5، 6). ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېگەن؟
پالانچى ياكى باشقا بىرى رۇتقا ئۆيلىنىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئوغۇل ئېلىمېلەكنىڭ مىراسىغا ۋارىس بولاتتى. بىراق، قانداقلارچە ئۇ مىراسىنى «ۋەيران» قىلىشى مۇمكىن ئىدى؟ مۇقەددەس كىتابتا بۇ توغرۇلۇق يېزىلمىغان. لېكىن، بۇنىڭغا بىرنەچچە ۋەزىيەتلەر سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىدى:
بىرىنچىدىن، پالانچى ئېلىمېلەكنىڭ يېرىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن خەشلىگەن پۇلى يوق بولۇپ كېتەتتى. چۈنكى، سېتىۋالغان بۇ يەر ئاخىرىدا رۇتنىڭ بالىسىغا تەۋە بولاتتى.
ئىككىنچىدىن، ئۇ نائومىغا ۋە رۇتقا غەمخورلۇق قىلىشى كېرەك ئىدى.
ئۈچىنچىدىن، رۇتتىن توغۇلغان بالىلارمۇ، ئۆزىنىڭ باشقا بالىلىرىمۇ پالانچىنىڭ مىراسىغا مىراسخور بولۇشى كېرەك ئىدى.
تۆتىنچىدىن، پالانچىنىڭ ئۆز بالىلىرى بولمىغان بولسا، رۇتنىڭ بالىسىدا ھەم ئېلىمېلەكنىڭ، ھەم پالانچىنىڭ يەر-زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولاتتى. شۇنداق قىلىپ، پالانچىنىڭ يەر-زېمىنى ئۆزىنىڭكى ئەمەس، ئېلىمېلەكنىڭ جەمەت نامىنى داۋاملاشتۇرغان ئوغۇلغا تەۋە بولاتتى. دېمەك، ئۇ «مىراسىمنى ۋەيران قىلىشىم مۇمكىن» دېگەن ئوي بىلەن نائومىغا ياردەم بېرىشنى خالىمىغان. شۇڭا، يەرنى سېتىۋېلىش ھوقۇقى بار يەنە بىر كىشىگە، يەنى بوئازغا مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش بۇرچىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بوئاز «ئۆلگەن كىشىنىڭ ئىسىمى ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن» تۇغقان سۈپىتىدە ئۆز بورچىنى ئادا قىلغان.—رۇت 4:10.
ئېنىقكى، پالانچى ئۆزىنىڭ جەمەت نامى ۋە مىراسىنى ساقلاشقا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەن. ئەمما، نامىمنى ساقلايمەن دەپ، ئەكسىنچە ئىسىمى تارىختىن ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئىنتايىن چوڭ شان-شەرەپتىن ئايرىلىپ قالغانىدى. بوئاز بولسا، ئاشۇ چوڭ شان-شەرەپكە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئىسىمى مەسىھنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ نەسەبنامە تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان. پالانچى پەقەت ئۆزىنىلا ئويلىغان ۋە مۇھتاجلىقتا قالغان كىشىگە ياردەم بېرىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان. ئۇنىڭ ھاياتى نەقەدەر ئەپسۇسلىنارلىق ئاخىرلاشقان-ھە!—مەتتا 1:5؛ لۇقا 3:23، 32.