مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

14-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«بۇ‌نىڭدىن ھە‌ممىسى سىلە‌رنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكە‌نلىكىڭلارنى بىلىدۇ»‏

‏«بۇ‌نىڭدىن ھە‌ممىسى سىلە‌رنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكە‌نلىكىڭلارنى بىلىدۇ»‏

‏«ئە‌گە‌ر ئاراڭلاردا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بولسا،‏ بۇ‌نىڭدىن ھە‌ممىسى سىلە‌رنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكە‌نلىكىڭلارنى بىلىدۇ».‏—‏يۇ‌ھاننا 13:‏35‏.‏

3-‏ناخشا ‏«خۇ‌دا ئۆزى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر»‏

بۇ ماقالىدە a

گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌س نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئارىسىدىكى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرگىنىدە،‏ بۇ ئۇ‌لارغا قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏ (‏1-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

1.‏ قىزىقىش كۆرسىتىدىغان كىشىلە‌ر يىغىلىشلىرىمىزغا قاتناشقاندا،‏ ئۇ‌لارغا نېمە چوڭقۇ‌ر تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

 بىرىنچى قېتىم يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئىبادە‌ت يىغىلىشىغا قاتناشقان بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايالنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ‌لار قېرىنداشلارنىڭ دوستانە مۇ‌ئامىلىدە بولۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىكىدىن ئىنتايىن تە‌سىرلە‌ندى.‏ يىغىلىشتىن كېيىن ئۆيگە قايتىش يولىدا،‏ ئايالى ئېرىگە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ كىشىلە‌ر مە‌ن ئۇ‌چراتقان باشقا كىشىلە‌ردىن پە‌رقلىق.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا ئۆزۈمنى خۇ‌شال ھېس قىلدىم».‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌ر يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختىتىدۇ؟‏

2 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ جامائىتىدىكىلە‌ر ئارىسىدا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ھە‌قىقە‌تە‌ن كىشىلە‌رنى ئۆزىگە جە‌لپ قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نامۇ‌كە‌ممە‌ل كىشىلە‌ر (‏1-‏يۇ‌ھاننا 1:‏8‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز جامائە‌تتىكى كىشىلە‌ر بىلە‌ن تونۇ‌شقانسېرى،‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زى كە‌مچىلىك تە‌رە‌پلىرىنى كۆرۈشىمىز مۇ‌مكىن (‏رىملىقلار 3:‏23‏)‏.‏ ئە‌پسۇ‌سلىنارلىقى شۇ‌كى،‏ باشقىلارنىڭ كە‌مچىلىكى سە‌ۋە‌بلىك بە‌زىلە‌ر يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختىتىدۇ.‏

3.‏ ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى قانداق بىلە‌لە‌يسىلە‌ر؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35‏)‏

3 بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي تېما ئايىتىگە قاراڭ ‏(‏يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىھنىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنە‌رلىك ئالاھىدىلىكى نېمە؟‏ ئۇ مۇ‌كە‌ممە‌للىك ئە‌مە‌س،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت.‏ دىققە‌ت قىلسىڭىز،‏ ئە‌يسا:‏ «بۇ‌نىڭدىن سىلە‌ر مېنىڭ شاگىرتىم ئىكە‌نلىكىڭلارنى بىلىسىلە‌ر»،‏—‏ دېمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ:‏ «بۇ‌نىڭدىن ھە‌ممىسى سىلە‌رنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكە‌نلىكىڭلارنى بىلىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئە‌يسانىڭ مۇ‌شۇ سۆزلىرى پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى جامائە‌تنىڭ سىرتىدىكى كىشىلە‌رمۇ ئۇ‌لار ئارىسىدا شە‌خسىيە‌تچىلىكتىن خالى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بولغىنىدىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىكە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يېتىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏

4.‏ بە‌زىلە‌ر ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى بىلىشنى خالايدۇ؟‏

4 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بولمىغان بە‌زى كىشىلە‌ر مۇ‌نداق ئويلىشى مۇ‌مكىن:‏ «سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى تونۇ‌شىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئە‌يسا ئە‌لچىلىرىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ بۈگۈنكى كۈندە ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلىشقا بولىدۇ؟‏» گۇ‌ۋاھچىلار بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىدۇ.‏ بۇ بولۇ‌پمۇ،‏ باشقىلارنىڭ كە‌مچىلىكىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏2‏.‏

ھە‌قىقىي مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ بىردىن-‏بىر بە‌لگىسى

5.‏ يۇ‌ھاننا 15:‏12،‏ 13-‏ئايە‌تلە‌ردىكى ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىنى چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

5 ئە‌يسا ئالاھىدە مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى تونۇ‌تىدىغان بە‌لگە ئىكە‌نلىكىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن ‏(‏يۇ‌ھاننا 15:‏12،‏ 13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ئۇ‌لارغا نېمە قىلىشنى بۇ‌يرۇ‌غانلىقىغا قاراپ باقايلى:‏ «خۇ‌ددى مە‌ن سىلە‌رنى سۆيگە‌ندە‌ك،‏ سىلە‌رمۇ بىر-‏بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار».‏ ئۇ نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏ ئە‌يسا چۈشە‌ندۈرگە‌ندە‌ك،‏ بۇ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى ئۆزىنى پىدا قىلىدىغان سۆيگۈ،‏ يە‌نى كېرە‌ك بولسا،‏ ھە‌تتا قېرىندىشى ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشقا ئۈندە‌يدىغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر b‏.‏

6.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى قانداق تە‌كىتلە‌يدۇ؟‏

6 خۇ‌دا سۆزىدە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ ئىنتايىن مۇ‌ھىملىقى تە‌كىتلە‌نگە‌ن.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر تۆۋە‌ندىكى ئايە‌تلە‌رنى ياخشى كۆرىدۇ:‏ «خۇ‌دا ئۆزى مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر» (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8‏)‏.‏ «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆي» (‏مە‌تتا 22:‏39‏)‏.‏ «سۆيگۈ كۆپلىگە‌ن گۇ‌ناھلارنى ياپىدۇ» (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏8‏)‏.‏ «مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئە‌سلا تۈگە‌پ كە‌تمە‌يدۇ» (‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏8‏)‏.‏ مۇ‌شۇ ۋە باشقا ئايە‌تلە‌ر باشقىلارغا گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇ‌نى نامايان قىلىشنىڭ نە‌قە‌دە‌ر مۇ‌ھىملىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏

7.‏ نېمە ئۈچۈن شە‌يتان ئىنسانلارنى بىر-‏بىرىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشكە ۋە ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشكە ئۆگىتە‌لمە‌يدۇ؟‏

7 نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر مۇ‌نداق سورايدۇ:‏ «ھە‌قىقىي دىننى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدۇ؟‏ بارچە دىنلار ئۆزلىرىنىڭ ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ،‏ بىراق ھە‌ر بىرى خۇ‌دا ھە‌ققىدە ئوخشىمايدىغان تە‌لىملە‌رنى ئۆگىتىدۇ».‏ شە‌يتان نۇ‌رغۇ‌نلىغان ساختا دىنىي تە‌شكىلاتلارنى بارلىققا كە‌لتۈرۈپ،‏ كىشىلە‌رنى قايمۇ‌قتۇ‌رىۋە‌تكە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ھە‌رگىزمۇ بىر-‏بىرىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدىغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ خە‌لقئارالىق قېرىنداشلىق رىشتىنى ئورنىتالمايدۇ.‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋا شۇ‌نداق قىلالايدۇ.‏ بىز بىلىمىزكى،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ مە‌نبە‌سى —‏ يە‌ھۋادۇ‌ر.‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋانىڭ روھىغا ۋە ئۇ‌نىڭ بە‌رىكىتىگە ئېرىشكە‌نلە‌ر بىر-‏بىرىگە ھە‌قىقىي سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏7‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسانىڭ پە‌قە‌ت ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بىر-‏بىرىـگە ھە‌قىـقىي سـۆيگۈ-‏مۇ‌ھـە‌ببە‌ت كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئە‌جە‌بلىنە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏

8،‏ 9.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رگە قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏

8 ئە‌يسا ئالدىن ئېيتقاندە‌ك،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۇ‌نىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى بىر-‏بىرىگە كۆرسە‌تكە‌ن ھە‌قىقىي سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتىن تونۇ‌پ كېلىۋاتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىئان ئىسىملىك بىر بۇ‌رادە‌ر ئۆزىنىڭ ئۆيىگە يېقىن بىر تە‌نتە‌ربىيە مە‌يدانىدا ئۆتكۈزۈلگە‌ن چوڭ يىغىلىشقا قاتناشقان ۋاقتىنى ئە‌سلىگە‌ن.‏ ئۇ بىرنە‌چچە ئاي بۇ‌رۇ‌ن تە‌نتە‌ربىيە مە‌يدانىدا مۇ‌سابىقە ئۆتكۈزۈلگە‌ندە شۇ يە‌رگە كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ قېتىم شۇ يە‌رگە كە‌لگىنىمدە،‏ ھە‌ممە نە‌رسە پە‌رقلىق ئىدى.‏ گۇ‌ۋاھچىلار ئە‌دە‌پلىك ۋە چىرايلىق كىيىنگە‌ن.‏ بالىلىرىمۇ ئە‌دە‌پ-‏ئە‌خلاقلىق ئىدى.‏ ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىمى،‏ بۇ كىشىلە‌ردە مە‌منۇ‌نلۇ‌ق ۋە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك تۇ‌يغۇ‌سى بار ئىدى.‏ مە‌ن بۇ مۇ‌ھىتنى ئىنتايىن ياقتۇ‌ردۇ‌م.‏ چۈنكى ھاياتىمدا شۇ‌نداق ھېس تۇ‌يغۇ كە‌لمىدى.‏ شۇ كۈنى قانداق نۇ‌تۇ‌قلار بولغانلىقى ئېسىمدە يوق.‏ ئە‌مما گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شى ماڭا ئۇ‌نتۇ‌لغۇ‌سىز تە‌سىرات قالدۇ‌رغان c‏».‏ مۇ‌نداق يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌ش ئە‌لۋە‌تتە بىر-‏بىرىمىزگە بولغان ھە‌قىقىي مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ نە‌تىجىسىدۇ‌ر.‏ بىز قېرىنداشلىرىمىزنى ياخشى كۆرگە‌چ،‏ ئۇ‌لارغا مېھرىبانلىق ۋە ھۆرمە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىمىز.‏

9 جون ئىسىملىك بىر بۇ‌رادە‌ر جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشقا باشلىغاندا،‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌نى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «دوستانە مۇ‌ئامىلە ماڭا قاتتىق تە‌سىر قىلدى.‏ ئۇ يە‌ردىكى كىشىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى مۇ‌كە‌ممە‌لدە‌ك كۆرۈنگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌قىقىي مۇ‌ھە‌ببىتى مېنى ھە‌ق دىننى تاپقىنىمغا قايىل قىلدى d‏».‏ بۇ‌لار ۋە باشقا نۇ‌رغۇ‌ن كە‌چۈرمىشلە‌ر يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىنىڭ ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏

10.‏ بولۇ‌پمۇ قانداق ۋاقىتلاردا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە خاس سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى نامايان قىلىش پۇ‌رسىتىمىز بولىدۇ؟‏ (‏ئىزاھاتكە ھە‌م قاراڭ)‏

10 ماقالىنىڭ بېشىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدە‌ك،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ ھېچقايسىسى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا،‏ ئۇ‌لار بىزنى رە‌نجىتىپ قويىدىغان سۆزلە‌رنى ياكى ئىشلارنى قىلىدۇ e (‏ياقۇ‌پ 3:‏2‏)‏.‏ بۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە خاس سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى نامايان قىلىشقا پۇ‌رسىتىمىز بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق ۋاقىتلاردا،‏ ئە‌يسانىڭ كۆرسە‌تكە‌ن ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏—‏يۇ‌ھاننا 13:‏15‏.‏

ئە‌يسا ئۆز ئە‌لچىلىرىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

گە‌رچە ئە‌لچىلىرى نۇ‌رغۇ‌ن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏11–‏13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

11.‏ ياقۇ‌پ بىلە‌ن يۇ‌ھاننا قانداق يامان مىجە‌ز-‏خۇ‌لۇ‌قنى كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

11 ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىدىن مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لارنىڭ يېقىمسىز مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرىنى تۈزىتىشىگە مېھرىبانلىق بىلە‌ن ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىپ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلالىغان.‏ بىر قېتىم ئۇ‌نىڭ ئىككى ئە‌لچىسى ياقۇ‌پ بىلە‌ن يۇ‌ھاننا ئۆز ئانىسىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئە‌يسادىن پادىشاھلىقتا مۇ‌ھىم ئورۇ‌نلارنى بېرىشىنى ئۆتۈنگە‌ن (‏مە‌تتا 20:‏20،‏ 21‏)‏.‏ بۇ ھە‌رىكىتى بىلە‌ن ياقۇ‌پ ۋە يۇ‌ھاننا ئۆزلىرىنىڭ تە‌كە‌ببۇ‌ر ۋە ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن يۇ‌قىرى قويۇ‌شنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏پە‌ند.‏ نە 16:‏18‏.‏

12.‏ پە‌قە‌ت ياقۇ‌پ بىلە‌ن يۇ‌ھاننا ناچار مىجە‌ز-‏خۇ‌لۇ‌قنى كۆرسە‌تكە‌نمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

12 ئاشۇ پە‌يتتە ناچار مىجە‌ز-‏خۇ‌لقنى نامايان قىلغانلار پە‌قە‌ت ياقۇ‌پ بىلە‌ن يۇ‌ھاننا ئە‌مە‌س ئىدى.‏ باشقا ئە‌لچىلە‌ر ئۇ‌لارنىڭ ھە‌رىكە‌تلىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىپ باقايلى:‏ «باشقا ئون شاگىرت بۇ‌نى ئاڭلاپ،‏ ئۇ ئاكا-‏ئۇ‌كا ئىككىسىگە قاتتىق خاپا بولۇ‌شتى» (‏مە‌تتا 20:‏24‏)‏.‏ ياقۇ‌پ،‏ يۇ‌ھاننا ۋە باشقا ئە‌لچىلە‌رنىڭ غە‌زە‌پلىنىپ،‏ تاللاش-‏تارتىش قىلغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلساق بولىدۇ.‏ باشقىلار مۇ‌نداق دېگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن:‏ «ئۆزۈڭلارنى كىم چاغلاپ قالدىڭلار؟‏ سىلە‌ر ئۆزۈڭلارنى بىزدىن ياخشىراق دېمە‌كچىمۇ‌سىلە‌ر؟‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆزۈڭلارچە بىزدىن يۇ‌قىرى مە‌رتىۋە ئورنىنى سورىدىڭلار.‏ پە‌قە‌ت سىلە‌ر ئە‌يسا بىلە‌ن جاپالىق خىزمە‌ت قىلمىدىڭلار.‏ بىزمۇ ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشىشكە لايىق».‏ مە‌يلى ئۇ‌لار نېمە ئويلىغان ياكى سۆزلىگە‌ن بولسۇ‌ن،‏ ئاشۇ ۋە‌زىيە‌تتە ئۇ‌لار بىر-‏بىرىگە ھە‌مىشە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشى كېرە‌كلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌غان.‏

13.‏ ئە‌يسا ئۆز ئە‌لچىلىرىنىڭ كە‌مچىلىكىگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ (‏مە‌تتا 20:‏25–‏28‏)‏

13 مۇ‌شۇ ئە‌ھۋالدا ئە‌يسا نېمە قىلغان؟‏ ئۇ ئاچچىقلانمىغان.‏ ئۇ ھە‌مىشە بىر-‏بىرىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىدىغان،‏ ئۇ‌لاردىن تېخىمۇ كە‌متە‌ر كىشىلە‌ر ئارىسىدىن ياخشىراق ئە‌لچىلە‌رنى ئىزدە‌يدىغانلىقىنى ئېيتمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ ئاشۇ سە‌مىمىي شاگىرتلىرى بىلە‌ن سۆھبە‌تلە‌شكە‌ن ‏(‏مە‌تتا 20:‏25–‏28-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ گە‌رچە ئە‌لچىلە‌رنىڭ ئىچىدە كىم ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ ئىكە‌نلىكى توغرىسىدىكى تاللاش-‏تارتىش داۋاملىشىپ تۇ‌رغان بولسىمۇ،‏ ئە‌يسا ھە‌مىشە ئە‌لچىلىرىگە مېھرىبانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏—‏ماركۇ‌س 9:‏34؛‏ لۇ‌قا 22:‏24‏.‏

14.‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌لچىلىرى قانداق مۇ‌ھىتتا چوڭ بولغان؟‏

14 ئېنىقكى،‏ ئە‌يسا ئە‌لچىلە‌ر چوڭ بولغان مە‌دە‌نىيە‌تنىڭ يامان تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىغانلىقىنى ئە‌ستىن چىقارمىغان (‏يۇ‌ھاننا 2:‏24،‏ 25‏)‏.‏ ئۇ‌لار دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر نام-‏ئابروي ۋە مە‌رتىۋە ئورنىغا ئالاھىدە ئە‌ھمىيە‌ت بېرىدىغان بىر مۇ‌ھىتتا چوڭ بولغان ئىدى (‏مە‌تتا 23:‏6‏)‏.‏ شۇ زاماندا يە‌ھۇ‌دىي دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ياخشىراق دە‌پ ئويلايتتى f (‏لۇ‌قا 18:‏9–‏12‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نداق مۇ‌ھىت ئە‌لچىلە‌رنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا تە‌سىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن (‏پە‌ند.‏ نە 19:‏11‏)‏.‏ ئۇ ئۆز شاگىرتلىرىدىن ھە‌رگىزمۇ خاتالىق ئۆتكۈزمە‌سلىكنى تە‌لە‌پ قىلمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لار خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارغا سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلى ياخشى كىشىلە‌ر ئىكە‌نلىكىنى بىلە‌تتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارنى مە‌غرۇ‌رلۇ‌ق ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇ‌تۇ‌شتە‌ك يامان ئىللە‌تلە‌رنى تاشلاپ،‏ تېخىمۇ كە‌متە‌ر بولۇ‌شقا ۋە باشقىلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشكە ئۆگە‌تكە‌ن.‏

بىز ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

15.‏ ياقۇ‌پ ۋە يۇ‌ھاننا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ۋە‌قە‌دىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

15 بىز ياقۇ‌پ بىلە‌ن يوھاننا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئاشۇ ۋە‌قە‌دىن نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ پادىشاھلىقتا يۇ‌قىرى مە‌رتىۋە ئورنىنى سورىشى خاتا ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ باشقا ئە‌لچىلە‌رمۇ خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشقا ھە‌رىكە‌ت قىلمىغان.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا 12 ئە‌لچىسىگە مېھرىبانلىق ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏ بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ پە‌قە‌ت باشقىلارنىڭ نېمە قىلىشىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌لارنىڭ خاتالىقى ياكى كە‌مچىلىكىگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شىمىزمۇ ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ شۇ‌نداق قىلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ بىر قېرىندىشىمىزغا خاپا بولغاندا،‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن مۇ‌نۇ‌لارنى سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ:‏ «ئۇ‌نىڭ قىلغانلىرى نېمىشقا مېنى شۇ‌نچە خاپا قىلىدۇ؟‏ بۇ مېنىڭ ئۆزگە‌رتىشكە تېگىشلىك ناچار مىجە‌ز-‏خۇ‌لقۇ‌م بارلىقىنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏ كۆڭلۈمنى ئاغرىتقان كىشى مە‌لۇ‌م بىر قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌نمىدۇ؟‏ گە‌رچە ئاچچىقلىنىشقا ھە‌قلىق بولساممۇ،‏ مە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ ئۇ‌نى كە‌چۈرۈۋېتىشكە تە‌ييارمۇ؟‏» باشقىلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلغانسېرى،‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىكە‌نلىكىمىزنى تېخىمۇ كۆپرە‌ك ئىسپاتلايمىز.‏

16.‏ ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىدىن يە‌نە نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

16 ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسى يە‌نە بىزگە قېرىنداشلىرىمىزنى چۈشىنىشكە تىرىشىشنى ئۆگىتىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 20:‏5‏)‏.‏ ئۇ باشقىلارنىڭ يۈرىكىدە نېمە بارلىقىنى بىلە‌لە‌يدۇ.‏ بىز بىلە‌لمە‌يمىز.‏ ئە‌مما،‏ قېرىنداشلىرىمىز بىزنى رە‌نجىتكە‌ندە،‏ ئۇ‌لارغا سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتە‌لە‌يمىز (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏1،‏ 2؛‏ 1-‏پېتر.‏ 3:‏8‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لارنىڭ مە‌دە‌نىيە‌ت ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلسە‌ك،‏ شۇ‌نداق قىلىش تېخىمۇ ئاسانراق بولىدۇ.‏ بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏

17.‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال باشقا بىر قېرىنداشنى ياخشىراق تونۇ‌شنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرگە‌ن؟‏

17 شە‌رقىي ئافرىقىدا جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىدىغان بىر ئاقساقال بىر بۇ‌رادە‌رنى مىجە‌زى قوپال كىشى دە‌پ قارىغانلىقىنى ئە‌سلە‌يدۇ.‏ ئاشۇ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال نېمە ئىش قىلغان؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ بۇ‌رادە‌ردىن ئۆزۈمنى قاچۇ‌رۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌نى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇ‌شنى قارار قىلدىم».‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق ئۇ ئاقساقال ئاشۇ بۇ‌رادە‌رنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىغا تە‌سىر قىلغان بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن شۇ بۇ‌رادە‌رنىڭ باشقىلار بىلە‌ن چىقىشىپ ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقى ۋە ئاللىقاچان نۇ‌رغۇ‌ن ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلغانلىقى،‏ ئە‌مما شۇ‌نداق قىلىش ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن قانچىلىك قىيىن بولغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى.‏ بىز يېقىن دوست بولۇ‌پ كە‌تتۇ‌ق».‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى چۈشىنىشكە تىرىشساق،‏ ئۇ‌لارغا ھە‌مىشە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۆرسىتىش ئاسانراق بولىدۇ.‏

18.‏ ئە‌گە‌ر بىر قېرىندىشىمىزغا رە‌نجىگە‌ن بولساق،‏ ئۆزىمىزدىن قانداق سوئاللارنى سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 26:‏20‏)‏

18 بە‌زىدە بىزنى رە‌نجىتىپ قويغان قېرىنداش بىلە‌ن سۆزلىشىشىمىز كېرە‌ك دە‌پ قارىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئاۋۋال ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن مۇ‌نداق سوئاللارنى سوراپ كۆرسە‌ك ياخشى:‏ «مە‌ن يۈز بە‌رگە‌ن ئىشنى تولۇ‌ق چۈشىنىمە‌نمۇ؟‏» (‏پە‌ند.‏ نە 18:‏13‏)‏ «ئۇ قە‌ستە‌ن شۇ‌نداق قىلمىغان بولسىچۇ؟‏» (‏ۋە‌ز 7:‏20‏)‏ «مە‌نمۇ ئىلگىرى شۇ‌نداق خاتالىقنى سادىر قىلغانمۇ؟‏» (‏ۋە‌ز 7:‏21،‏ 22‏)‏ «ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن مۇ‌شۇ توغرىسىدا پاراڭلاشسام،‏ تۈگمىدە‌ك ئىش تۆگىدە‌ك يوغان بولۇ‌پ كېتە‌مدۇ»؟‏ ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 26:‏20-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏ مۇ‌شۇ سوئاللار ئۈستىدە ئويلانساق،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى يۈز بە‌رگە‌ن ئىشلارنى داۋاملىق خىيال قىلىشنى توختىتىشقا ئۈندىشى مۇ‌مكىن.‏

19.‏ نېمە قىلىشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلىدىڭىز؟‏

19 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىر-‏بىرىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي شاگىرتلىرى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.‏ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كە‌مچىلىكلىرىگە قارىماي،‏ ئۇ‌لارغا شە‌خسىيە‌تچىلىكتىن خالى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۆرسە‌تكىنىمىزدە،‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىسى ئىكە‌نلىكىمىزنى ئىسپاتلايمىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ باشقىلارنىڭ ھە‌قىقىي دىننى تونۇ‌شىغا ۋە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ مە‌نبە‌سى يە‌ھۋا خۇ‌داغا بىز بىلە‌ن بىرلىكتە ئىبادە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى ئىكە‌نلىكىمىزنى تونۇ‌تىدىغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى داۋاملىق كۆرسىتىشكە بە‌ل باغلايلى.‏

25-‏ناخشا ھە‌قىقىي شاگىرت بولۇ‌شنىڭ بە‌لگىسى

a نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئارىمىزدىكى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرۈپ،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ سۆزى ھە‌ققىدە ئۆگىنىشكە قىزىققان.‏ ئە‌مما،‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل،‏ بە‌زىدە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ.‏ ھازىر نېمە ئۈچۈن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت شۇ‌نچە مۇ‌ھىم ۋە باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

c ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2012-‏يىل،‏ 1-‏نويابىر سانى،‏ 13،‏ 14-‏بە‌تلە‌ردىكى «‏ ئاخىرى مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرۈدۈم!‏‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

d ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2012-‏يىل،‏ 1-‏ماي سانى،‏ 18،‏ 19-‏بە‌تلە‌ردىكى «‏ئۇ‌تۇ‌ق قازاندىم دە‌پ ئويلىغان ئىدىم‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

e بۇ ماقالىدە،‏ 1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9،‏ 10-‏ئايە‌تلە‌ردە تىلغا ئېلىنغان ئاقساقاللار بىر تە‌رە‌پ قىلىشى كېرە‌ك بولغان ئېغىر گۇ‌ناھلار ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىنمايدۇ.‏

f قە‌دىمقى يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ بىر يازمىلىرىدا بىر رە‌بباي (‏يە‌ھۇ‌دىي دىن رە‌ھبىرى)‏ شۇ‌نداق سۆزلە‌رنى قىلغان:‏ «دۇ‌نيادا ئىبراھىمغا ئوخشاش ھە‌ققانىي ئادە‌مدىن ئاز دېگە‌ندە ئوتتۇ‌زى بار.‏ ئە‌گە‌ر ئوتتۇ‌زى بولسا،‏ ئىككىسى ئوغلۇ‌م بىلە‌ن مە‌ن.‏ ئونى بولسا،‏ ئىككىسى ئوغلۇ‌م بىلە‌ن مە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر بە‌شى بولسا،‏ ئىككىسى ئوغلۇ‌م بىلە‌ن مە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر ئىككىسى بولسا،‏ ئۇ‌لار ئوغلۇ‌م بىلە‌ن مە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر پە‌قە‌ت بىرىلا بولسا،‏ ئۇ مە‌ن».‏