تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرى
«يېڭىدىن چىققان نەشىرلەر» سەھىپىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش
«®JW Library» پروگراممىسى ۋە jw.org تور بېكىتىدىكى، «يېڭىدىن چىققان نەشىرلەر» سەھىپىسىدە يېڭى ماتېرىياللار بار. يېڭىلىقلارنى بىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ سەھىپىدىن قانداق پايدىلىنالايسىز؟
«JW Library» پروگراممىسىدا
يېڭى بىر ماقالە چىقسا، ئۇ قايسى ماقالىلەر سەھىپىسىگە تەۋە بولسا، شۇ سەھىپىنىڭ نامى ئاستىدا چىقىدۇ. دېمەك، «يېڭىدىن چىققان نەشىرلەر» دېگەن يەردە بىر ماقالە چىقسا، ئاشۇ بىر قاتار ماقالىلەرنىڭ ئەڭ يېڭىسىنى توردىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېيىن، نەشىر قىلىنغان ۋاقتى بويىچە تىزىملىكتە ئەڭ ئۈستىدە تۇرغان يېڭى ماقالىنى ئوقۇيالايسىز.
ژۇرنالنى ياكى باشقا بىر ھەجىمى چوڭ كىتابنى بىر ئولتۇرۇپلا ئوقۇپ تۈگىتەلمەيسىز. شۇ سەۋەبتىن، تېخى ئوقۇپ تۈگەتمىگەن نەشىرلەرنى ئاسان تېپىش ئۈچۈن، «ياقتۇرغان تاللانغانلار» دېگەن تىزىملىككە قوشسىڭىز بولىدۇ. ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى «تاللانغانلاردىن» ئۆچۈرۈپ تاشلىيالايسىز.
JW.ORG تور بېكىتىدە
بەزى يېڭىلىقلار ۋە خەۋەرلەر «JW Library» پروگراممىسىدا ئەمەس، پەقەت jw.org تور بېكىتىدە چىقىدۇ. شۇڭا، تور بېكەتتىكى «يېڭىدىن چىققان نەشىرلەر» سەھىپىسىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ.