10-تەتقىق ماقالىسى
نېمە ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىڭىز كېرەك؟
«ھەر بىرىڭلار . . . سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈڭلار».—ئەلچى. 2:38.
29-ناخشا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يۈرۈش
بۇ ماقالىدە a
1، 2. كىشىلەر سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندە، دائىم نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ ۋە سىز چوقۇم نېمە ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشىڭىز كېرەك؟
سىز بىر توپ چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييار بولغان نامزاتلارنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ ئۇلار سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى ئىككى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ئىشەنچ بىلەن جاۋاب بەرگەن ئاۋازىنى ئاڭلايسىز. ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوستلىرىنىڭ خۇشاللىققا چۆمگەنلىكىنى كۆرىسىز. ئاشۇ نامزاتلار سۇدىن چىققاندا، چاۋاك ئاۋازلىرىنى ئاڭلايسىز ۋە ئۇلارنىڭ چىرايىدا پارلىغان خۇشاللىق نۇرىنى كۆرىسىز. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، ھەر ھەپتىدە مىڭلىغان كىشى بۇ قەدەمنى بېسىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، يەھۋا خۇدانىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن گۇۋاھچىلىرىغا ئايلىنىدۇ.
2 سىزچۇ؟ ئەگەر سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى ئويلاۋاتقان بولسىڭىز، بۇ رەزىل دۇنيادا يەھۋانى ئىزدەۋاتقان ئادەمدەك پارلاق نۇرىڭىزنى چاچىسىز (زەبۇر 14:1، 2). مەيلى ياش ياكى ياشانغان بولۇڭ، بۇ ماقالە سىزگە ياردەم بېرىدۇ. بىز ئاللىقاچان چۆمۈلدۈرۈلگەن ئېتىقادچىلارمۇ يەھۋاغا مەڭگۈ خىزمەت قىلىش ئىرادىمىزنى كۈچەيتىشنى خالايمىز. ئۇنداقتا، ھازىر يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى ئارىسىدىن ئۈچ سەۋەبنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى.
ھەقىقەت ۋە ھەققانىيلىققا بولغان مۇھەببىتىڭىز
شەيتان نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان يەھۋانىڭ ئىسىمىغا تۆھمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ھازىرمۇ شۇنداق قىلىدۇ (3، 4-ئابزاسلارغا قاراڭ)
3. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ھەقىقەتنى ۋە ھەققانىيلىقنى سۆيىدۇ؟ (زەبۇر 119:128، 163)
3 يەھۋا ئۆز خەلقىگە ھەقىقەتنى سۆيۈشنى بۇيرىغان (زەكەرىيا 8:19). ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى ھەققانىيلىقنى قوغلىشىشقا چاقىرغان (مەتتا 5:6). دېمەك، بۇ خۇدانىڭ كۆزىدە توغرا، ياخشى ۋە پاك ئىشلارنى قىلىشتا كۈچلۈك ئارزۇ-ئىستىكىمىز بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەقىقەتنى ۋە ھەققانىيلىقنى سۆيەمسىز؟ سىزنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز. يالغانچىلىقنى، خاتا ۋە يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچ كۆرىسىز (زەبۇر 119:128، 163-نى ئوقۇڭ). يالغانچىلار بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى شەيتاننىڭ مىجەز-خۇلقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ (يۇھاننا 8:44؛ 12:31). شەيتاننىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى — يەھۋانىڭ مۇقەددەس ئىسىمىغا تۆھمەت قىلىش. شەيتان ئېرەم بېغىدىكى ئىسياندىن بۇيان، خۇدايىمىز ھەققىدە يالغاننى تارقىتىپ كەلمەكتە. ئۇ يەھۋانى ئىنسانلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بەرمەيدىغان شەخسىيەتچى، يالغانچى ھۆكۈمران دەپ كۆرسەتكەن (يارىت. 3:1، 4، 5). شەيتاننىڭ يەھۋا خۇدا ھەققىدە ئېيتقان يالغانلىرى كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى ۋە قەلبىنى زەھەرلەپ كەلمەكتە. ئىنسانلار ھەقىقەتنى سۆيمەسلىكنى تاللىغاندا، شەيتان ئۇلارنى ھەر خىل ناھەق ۋە رەزىل قىلمىشلارنى قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.—رىملىقلار 1:25–31.
4. يەھۋا ھەقىقەتنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلىغان؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
4 يەھۋا، ئۇ ھەقىقەتنىڭ خۇداسى. ئۇ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارغا سېخىيلىق بىلەن ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ (زەبۇر 31:5). شۇنداق قىلىش ئارقىلىق خۇدا ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى شەيتاننىڭ يالغانچىلىقلىرىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي ۋە توغرا بولۇشنى ئۆگىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئىززەت-ھۆرمەت ۋە كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشەلەيدۇ (پەند. نە 13:5، 6). سىز مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقىنىڭىزدا، يەھۋا سىزگىمۇ شۇنداق قىلغانمۇ؟ ياراتقۇچىنىڭ يوللىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ۋە سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆگەندىڭىز (زەبۇر 77:13). شۇڭا، يەھۋا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىدا چىڭ تۇرۇشنى خالايسىز (مەتتا 6:33). سىز ھەقىقەتنى قوغداپ، يەھۋا خۇدايىمىزغا يالغان تۆھمەت قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ياردەم قىلماقچىسىز. ئەمما، بۇنى قانداق قىلالايسىز؟
5. قانداق قىلىپ ھەقىقەت ۋە ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرالايسىز؟
5 سىز مۇنداق بىر ھاياتلىق يولىنى تاللىيالايسىز. ئەمەلىيەتتە، بۇ سىزنىڭ: «مەن شەيتاننىڭ يالغانچىلىقىنى رەت قىلىمەن، ھەقىقەتنى قوغدايمەن، يەھۋا ھۆكۈمرانىم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىشنى خالايمەن»،— دېگىنىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. بۇنى قانداق قىلالايسىز؟ دۇئادا يەھۋاغا يېقىنلىشىڭ. ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭغا بېغىشلاڭ، ئاندىن چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغانلىقىڭىزنى كۆپچىلىك ئالدىدا كۆرسىتىڭ. ھەقىقەت ۋە ھەققانىيلىققا بولغان مۇھەببەت، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى تاللاشقا دەۋەت قىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ!
ئەيسا مەسىھكە بولغان مۇھەببەت
6. زەبۇر 45:4-ئايەت، سىزگە ئەيسا مەسىھنى سۆيۈشنىڭ قانداق سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟
6 نېمە ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنى سۆيىسىز؟ زەبۇر 45:4-ئايەتتىكى بەزى قايىل قىلارلىق سەۋەبلەرگە دىققەت قىلىپ باقايلى (ئوقۇڭ). ئەيسا ھەقىقەت، كەمتەرلىك ۋە ھەققانىيلىقنى سۆيىدۇ. ئەگەر ھەقىقەت ۋە ھەققانىيلىقنى سۆيسىڭىز، ئەيسا مەسىھنىمۇ سۆيىدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ھەقىقەت ۋە ھەققانىيلىقنى قانداق قوغدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ (يۇھاننا 18:37). ئۇ كەمتەرلىكنى قانداق كۆرسەتكەن؟
7. ئەيسانىڭ كەمتەرلىكى سىزنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ؟
7 ئەيسا ئۆز ئۈلگىسى ئارقىلىق كەمتەرلىكىنى كۆرسەتكەن. مەسىلەن، ئۇ بارلىق شان-شەرەپنى ئۆزىگە ئەمەس، ئاتىسىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم تىلغا ئالغان (ماركۇس 10:17، 18؛ يۇھاننا 5:19). سىزنىڭ ئەيسانىڭ كەمتەرلىكىگە بولغان كۆز قارىشىڭىز قانداق؟ بۇ سىزنى خۇدانىڭ ئوغلىنى سۆيۈشكە ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە دەۋەت قىلمامدۇ؟ ئەلۋەتتە، شۇنداق قىلىدۇ. ئەيسا نېمە ئۈچۈن كەمتەر؟ چۈنكى، ئۇنىڭ ئاتىسى كەمتەر. ئۇ ئاتىسىنى سۆيىدۇ ۋە ئۇنى ئۈلگە قىلىدۇ (زەبۇر 18:35؛ ئىبرانىي. 1:3). ئەيسا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرگەن، بۇنى بىلىش سىزنى ئەيساغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرمامدۇ؟
8. پادىشاھىمىز ئەيسانى نېمە ئۈچۈن سۆيىمىز؟
8 بىز پادىشاھىمىز ئەيسا مەسىھنى سۆيىمىز. چۈنكى، ئۇ ئەڭ ياخشى ھۆكۈمران. يەھۋا ئۆزى ئوغلىنى تەربىيىلەپ، ئۇنى ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلىدى (يەشايا 50:4، 5). ئەيسا جېنىنى پىدا قىلىپ، كۆرسەتكەن چوڭقۇر مۇھەببىتى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ (يۇھاننا 13:1). ئەيسا پادىشاھىڭىز بولغاچ، ئۇ سۆيۈشىڭىزگە ئەڭ لايىق. ئەيسا ئۆزىنى ھەقىقىي سۆيىدىغان دوستلىرىنىڭ ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى ئېيتقان (يۇھاننا 14:15؛ 15:14، 15). ئۇنىڭ دوستى بولۇش نەقەدەر زور شان-شەرەپ!
9. مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى مەسىھنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشىگە قانداق ئوخشاپ كېتىدۇ؟
9 ئەيسانىڭ بۇيرۇقلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى چوقۇم سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى كېرەك (مەتتا 28:19، 20). ئۇ ئۆزى ئۈلگە قالدۇرغان. مەلۇم مەنىدە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى بەزى جەھەتلەردىن ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشىدىن پەرقلىق (« ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى بىلەن شاگىرتلىرىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ). ئەمما، بەزى جەھەتتىن ھەم ئوخشاشلىقى بار. ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن (ئىبرانىي. 10:7). خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنى يەھۋا خۇداغا بېغىشلىغانلىقىنى كۆپچىلىك ئالدىدا كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتىدۇ. ئەمدى ئۇلار ھاياتىدا پۈتۈن دىققىتىنى ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشقا مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇلار ئۆز ئۇستازىنىڭ ئۈلگىسىگە ئەگىشىدۇ.
10. نېمە ئۈچۈن ئەيساغا بولغان مۇھەببەت سىزنى چۆمۈلدۈرۈلۈشكە دەۋەت قىلىدۇ؟
10 ئەيسا يەھۋانىڭ بىردىن-بىر ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەندىڭىزمۇ؟ ئۇ پادىشاھىمىز بولۇشقا تەيىنلەنگەنلىكىنى قوبۇل قىلدىڭىزمۇ؟ ئەيسانىڭ كەمتەرلىك بىلەن ئاتىسىنى مۇكەممەل ئۈلگە قىلغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ ئاچ قالغانلارنى تويغۇزۇپ، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەرگە تەسەللى بېرىپ، ھەتتا كېسەللەرنى ساقايتقانلىقىنى ئۆگەندىڭىزمۇ؟ (مەتتا 14:14–21). بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ جامائەتنى يېتەكلەۋاتقانلىقىغا كۆز يەتكۈزدىڭىزمۇ؟ (مەتتا 23:10). ئۇنىڭدىن باشقا، پات يېقىندا خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە، تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ ئەگەر مۇشۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرسىڭىز، ئەيساغا بولغان سۆيگىڭىزنى، ئۇنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق كۆرسىتەلەيسىز (يۇھاننا 14:21). بۇنىڭ ئۈچۈن باسىدىغان ئەڭ مۇھىم قەدەم، ھاياتىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش.
يەھۋا خۇداغا بولغان مۇھەببەت
11. چۆمۈلدۈرۈلۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟
11 چۆمۈلدۈرۈلۈشىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى نېمە؟ ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم بۇيرۇقنى كۆرسىتىپ شۇنداق دېگەن: «خۇدايىڭ يەھۋانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن» (ماركۇس 12:30). بۇ سۆزلەر خۇداغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى تەسۋىرلەپ بېرەمدۇ؟
سىز ھۇزۇرلىنىپ كېلىۋاتقان ۋە كېلەچەكتە ھۇزۇرلىنىدىغان بارلىق ياخشى نەرسىلەرنىڭ مەنبەسى يەھۋا (12، 13-ئابزاسلارغا قاراڭ)
12. نېمە ئۈچۈن يەھۋانى سۆيىسىز؟
12 يەھۋانى سۆيۈش ئۈچۈن نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. مەسىلەن، سىز ئۇنىڭ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق ياخشى ۋە مۇكەممەل سوۋغاتنى بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىڭىز (زەبۇر 36:9؛ ياقۇپ 1:17). سىز ھۇزۇرلىنىۋاتقان بارلىق ياخشى نەرسىلەر سېخىي ۋە كۆيۈمچان خۇدايىمىزدىن كېلىدۇ.
13. نېمە ئۈچۈن تۆلەم ئەڭ ئېسىل سوۋغات؟
13 تۆلەم، يەھۋا بىزگە بەرگەن ئەڭ ئېسىل سوۋغات. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دېيەلەيمىز؟ يەھۋا بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئارىسىدىكى يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەت ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. ئەيسا: «ئاتام مېنى سۆيىدۇ» ۋە ‹مەن ئاتامنى سۆيىمەن›،— دېگەن (يۇھاننا 10:17؛ 14:31). مىلياردلارچە يىللار داۋامىدا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت رىشتى تېخىمۇ كۈچەيگەن (پەند. نە 8:22، 23، 30). ئويلاپ بېقىڭ، ئوغلىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ئۆلۈشىگە يول قويۇش ئۈچۈن خۇدا ئۆزى قانچىلىك ئازابلانغاندۇ،-ھە! يەھۋا ئىنسانىيەتنى سۆيىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ سىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ سۆيۈملۈك ئوغلىنى سىز ۋە باشقىلارنىڭ مەڭگۈ ياشىيالىشى ئۈچۈن قۇربانلىققا بېرىشنى خالىغان (يۇھاننا 3:16؛ گالاتىيا. 2:20). خۇدانى سۆيۈشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق سەۋەبى يوق.
14. ھاياتىڭىزدا چىقىرالايدىغان ئەڭ مۇھىم قارار نېمە؟
14 يەھۋا توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپرەك بىلىم ئالغانسېرى، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىز تېخىمۇ ئاشتى. شەك-شۈبھىسىزكى، ھازىر ۋە مەڭگۈ ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشنى خالايسىز ۋە چوقۇم شۇنداق قىلالايسىز. ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن، سىزنى ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ (پەند. نە 23:15، 16). بۇنى پەقەت سۆزىڭىز بىلەن ئەمەس، ئىش-ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىقمۇ قىلالايسىز. ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلىڭىز، يەھۋانى ھەقىقەتەن سۆيىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (1-يۇھاننا 5:3). ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ماس ھايات كەچۈرۈشنى تاللاڭ! بۇ سىز چىقىرالايدىغان ئەڭ مۇھىم قارار.
15. يەھۋاغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى قانداق ئىپادىلىيەلەيسىز؟
15 يەھۋاغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى قانداق ئىپادىلىيەلەيسىز؟ ئالدى بىلەن، بىردىن-بىر ھەق خۇداغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ھەققىدە دۇئا قىلىڭ (زەبۇر 40:8). ئاندىن كېيىن، چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغانلىقىڭىزنى كۆپچىلىككە كۆرسىتەلەيسىز. بۇ ماقالىدە سەل ئىلگىرى مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدەك، بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق بىر قەدەم، يەنى ھاياتىمىزنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى. سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يەھۋا ئۈچۈن يېڭى ھاياتىڭىزنى باشلايسىز (رىملىقلار 14:8؛ 1-پېتر. 4:1، 2). بۇ تاشلاش زۆرۈر بولغان چوڭ بىر قەدەمدەك كۆرۈنىدۇ ۋە ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق. ئەمما، ئۇ ئەڭ ياخشى ھاياتلىق يولىنى ئاچىدۇ. قانداق؟
16. زەبۇر 41:12-ئايەتتە كۆرسىتىلگەندەك، ھاياتىنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا بېغىشلىغانلارنى، ئۇ قانداق مۇكاپاتلايدۇ؟
16 يەھۋا ئەڭ سېخىي خۇدادۇر. ئۇنىڭغا نېمە بېرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ھەمىشە سىزگە تېخىمۇ كۆپرەك قايتۇرىدۇ (ماركۇس 10:29، 30). ئۇ سىزگە ئەڭ ئەھمىيەتلىك، بەرىكەتلىك ۋە قانائەتلىنەرلىك ھاياتنى بېرىدۇ. ھەتتا يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ رەزىل دۇنيادىمۇ شۇنداق. بۇ پەقەت باشلىنىشى خالاس. سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش بىلەن باشلانغان بۇ ھايات سەپىرىڭىزنىڭ ئاخىرلىشىشى يوق. كۆيۈمچان ئاتىڭىزغا مەڭگۈ خىزمەت قىلالايسىز. ئاتىڭىز بىلەن ئاراڭلاردا بولغان مۇھەببىتىڭلار داۋاملىق كۈچىيىدۇ. ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدا، سىزمۇ مەڭگۈ ياشايسىز.—زەبۇر 41:12-نى ئوقۇڭ.
17. يەھۋاغا نېمىنى بېرەلەيسىز؟
17 ھاياتىمىزدا بىزگە خۇشاللىق بېرىدىغان ھەممە نەرسىلەر يەھۋادىن كەلگەن. ئۇ ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ياراتقۇچى ئىگىسى بولسىمۇ، سىز ئۇنىڭغا بېرەلەيدىغان بىر نەرسە بار: ئۆزىڭىز خالاپ، ھاياتىڭىزنى يەھۋا بېغىشلاش ۋە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش ئۇنىڭغا بېرەلەيدىغان ئەڭ قىممەتباھا سوۋغاتتۇر (ئايۇپ 1:8؛ 41:11؛ پەند. نە 27:11). يەھۋا خىزمەت قىلىش ئەڭ ياخشى ھايات كەچۈرۈش يولى. شەك-شۈبھىسىزكى، يەھۋاغا بولغان مۇھەببىتىڭىز، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قارار قىلىشىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى سەۋەبىدۇر.
چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييار بولدىڭىزمۇ؟
18. ئۆزىڭىزدىن قانداق سوئاللارنى سوراپ كۆرسىڭىز بولىدۇ؟
18 ئۇنداقتا، «سىز چۆمۈلدۈرۈلمەكچىمۇ؟» دېگەن سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىسىز؟ بۇ سوئالغا پەقەت ئۆزىڭىز جاۋاب بېرەلەيسىز. ئەمما، ئۆزىڭىزدىن «مەن تەييار بولدۇممۇ؟» دەپ سورىسىڭىز، بۇ سىزگە ياردەم بېرىدۇ (ئەلچى. 8:36). بىز يۇقىرىدا كۆرۈپ چىققان ئۈچ سەۋەبنى ئەستە ساقلاڭ. بىرىنچى، ھەقىقەتنى ۋە ھەققانىيلىقنى سۆيىسىز. ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «مەن ھەممە ئىنسانلار راست گەپ قىلىپ، توغرا ئىش قىلىدىغان كۈننى كۆرۈشنى خالايمەنمۇ؟» ئىككىنچى، ئەيسا مەسىھنى سۆيىسىز. ئۆزىڭىزدىن شۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلىنى پادىشاھىم دەپ قوبۇل قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئۈلگىسىگە ئەگىشىشنى خالايمەنمۇ؟» ئۈچىنچى، يەھۋا خۇدانى سۆيىسىز. ئۆزىڭىزدىن شۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «مەن خۇداغا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشنى خالايمەنمۇ؟» ئەگەر بۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرىڭىز، «ھەئە» بولسا، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلمەيسىز؟ نېمىنى ساقلاۋاتىسىز؟—ئەلچى. 16:33.
19. نېمە ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىككىلەنمەسلىكىمىز كېرەك؟ بىر مىسال كەلتۈرۈڭ (يۇھاننا 4:34).
19 ئەگەر چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىككىلىنىپ تۇرۇۋاتقان بولسىڭىز، ئەيسانىڭ بىر تەمسىلىنى ئويلاپ كۆرۈڭ (يۇھاننا 4:34-نى ئوقۇڭ). دىققەت قىلسىڭىز، ئەيسا ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى تاماق بىلەن سېلىشتۇرغان ئىدى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، تاماق بىز ئۈچۈن پايدىلىق. ئەيسا مەسىھ يەھۋا خۇدا بىزدىن تەلەپ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن. يەھۋا بىزنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرايدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىشىمىزنى خالىمايدۇ. يەھۋا سىزنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشىڭىزنى خالامدۇ؟ ئەلۋەتتە! (ئەلچى. 2:38) ئۇنداقتا، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشنىڭ سىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر قىلچە ئىككىلەنمەي ئەڭ ياخشى تاماقتىن ھۇزۇرلانسىڭىز، نېمە ئۈچۈن ئىككىلەنمەي چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلمايسىز؟
20. كېيىنكى ماقالىدە قايسى سوئالغا جاۋاب تاپىمىز؟
20 نېمە ئۈچۈن بەزىلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ؟ نۇرغۇن كىشىلەر «مەن تېخى تەييار ئەمەس» دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۆزىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قارار قىلىش ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قارار. شۇڭا، بۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا ۋاقىت كېتىدۇ. ئەستايىدىل ئويلىنىش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر چۆمۈلدۈرۈلۈشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئارزۇ قىلسىڭىز، ئۇنداق ھازىر ئۆزىڭىزنى تەييارلاش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ كېيىنكى ماقالىدە، بۇ سوئالغا جاۋاب تاپىمىز.
27-ناخشا يەھۋا تەرەپتە تۇرۇڭلار!
a سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەم. ئۆگىنىۋاتقان كىشىنى بۇ قەدەمنى بېسىشقا نېمە دەۋەت قىلالايدۇ؟ ئاددىي بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا، مۇھەببەت. نېمىگە ۋە كىمگە بولغان مۇھەببەت؟ بۇ ماقالىدە، مۇشۇ سوئالغا جاۋاب تېپىپ، چۆمۈلدۈرۈلگەن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى سۈپىتىدە ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز زۆرۈرلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.