مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

11-‏تە‌تقىق ماقالىسى

چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە قانداق تە‌ييارلىنالايسىز؟‏

چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە قانداق تە‌ييارلىنالايسىز؟‏

‏«مانا سۇ،‏ مېنىڭ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە نېمە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلالايدۇ؟‏» —‏ئە‌لچى.‏ 8:‏36‏.‏

48-‏ناخشا ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋا بىلە‌ن يۈر!‏

بۇ ماقالىدە a

دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدا ياش-‏قېرىلار روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈۋاتىدۇ (‏1،‏ 2-‏ئابزاسلىرىغا قاراڭ)‏

1،‏ 2.‏ ئە‌گە‌ر سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تېخى تە‌ييار بولمىغان بولسىڭىز،‏ نېمە ئۈچۈن ئۈمىدسىزلە‌نمە‌سلىكىڭىز كېرە‌ك؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

 ئە‌گە‌ر سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى خالىسىڭىز،‏ ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى مە‌قسە‌ت قويغان بولىسىز.‏ ھازىر بۇ قە‌دە‌منى بېسىشقا تە‌ييار بولدىڭىزمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر تە‌ييار بولسىڭىز ۋە ئاقساقاللارنىڭ چۆمۈلدۈرۈلىشىڭىزگە قوشۇ‌لىدىغانلىقىغا ئىشە‌نسىڭىز،‏ ئۇ‌نداقتا ئىككىلە‌نمە‌ي سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈڭ.‏ شۇ‌ندىلا،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىپ،‏ قانائە‌تلىنە‌رلىك ھايات كە‌چۈرىسىز.‏

2 ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ باشقىلار سىزگە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى تېخىمۇ كۆپرە‌ك ئىلگىرىلە‌ش كېرە‌كلىكىنى ئېيتتىمۇ؟‏ ياكى بۇ‌نى ئۆزىڭىز ھېس قىلدىڭىزمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ ئۈمىدسىزلە‌نمە‌ڭ.‏ مە‌يلى ياش ياكى ياشانغان بولۇ‌ڭ،‏ بۇ مۇ‌ھىم قە‌دە‌منى بېسىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلىيە‌لە‌يسىز.‏

نېمە ماڭا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلالايدۇ؟‏

3.‏ ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدار فىلىپتىن نېمىنى سورىغان ۋە نە‌تىجىدە قانداق سوئال پە‌يدا بولغان؟‏ (‏ئە‌لچىلە‌ر 8:‏36،‏ 38‏)‏

3 ئە‌لچىلە‌ر 8:‏36،‏ 38-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئېفىئوپىيىلىك ئوردا ئە‌مە‌لدارى خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزگۈچى فىلىپتىن:‏ «مېنىڭ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە نېمە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلالايدۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان.‏ ئېفىئوپىيىلىك بۇ كىشى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى ئارزۇ قىلغان،‏ بىراق ئۇ راستىنلا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييار بولغانمۇ؟‏

ئېفىئوپىيىلىك كىشى يە‌ھۋا ھە‌ققىدە داۋاملىق ئۆگىنىشنى قە‌تئىي قارار قىلغان (‏4-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

4.‏ ئېفىئوپىيىلىك كىشى ئۆزىنىڭ داۋاملىق ئۆگىنىشنى قە‌تئىي قارار قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

4 ئاشۇ ئېفىئوپىيىلىك كىشى يېرۇ‌سالىمغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن بارغان ئىدى (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏27‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ چوقۇ‌م يە‌ھۇ‌دىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشى بولغان.‏ ئۇ يە‌ھۇ‌دىي دىننى قوبۇ‌ل قىلغان چە‌ت ئە‌للىك كىشى ئىدى.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئۇ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ئىبرانىيچە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ تېخىمۇ كۆپرە‌ك نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنىش ئارزۇ-‏ئىستىكى كۈچلۈك ئىدى.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ فىلىپ يولدا ئاشۇ ئە‌مە‌لدار بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ندە،‏ ئە‌مە‌لدارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.‏ ئۇ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇ‌ۋاتقان ئىدى (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏28‏)‏.‏ ئۇ ئوقۇ‌ۋاتقان يازمىلاردا چوڭقۇ‌ر ھە‌قىقە‌تلە‌ر بار ئىدى.‏ ئاشۇ ئە‌مە‌لدار پە‌قە‌ت ئازغىنە ئاساسى بىلىملە‌رنى بىلىش بىلە‌نلا قانائە‌ت قىلمىغان.‏ ئۇ داۋاملىق كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىشنى خالىغان ئىدى.‏

5.‏ ئېفىئوپىيىلىك كىشى ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تلە‌رگە ماس نېمە قىلغان؟‏

5 بۇ كىشى ئېفىئوپىيىلىك ئايال پادىشاھ كانداسنىڭ قول ئاستىدىكى يۇ‌قىرى دە‌رىجىلىك ئە‌مە‌لدار ئىدى (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏27‏)‏.‏ ئۇ خە‌زىنىلە‌رنى باشقۇ‌راتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ چوقۇ‌م نۇ‌رغۇ‌ن ۋە‌زىپىلە‌ر بىلە‌ن ئالدىراش ئۆتىدىغان ئادە‌م بولغان.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ ۋاقىت چىقىرىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغان.‏ ئۇ پە‌قە‌ت ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنىش بىلە‌نلا قانائە‌ت تاپمىغان،‏ ئە‌كسىچە ئۆگە‌نگە‌نلىرى بويىچە ئىش قىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت بىلىش ئۈچۈن ئېفىئوپىيە‌دىن يېرۇ‌سالىمدىكى ئىبادە‌تخانىغا بارغان.‏ بۇ سە‌پە‌ر ئۈچۈن چوقۇ‌م نۇ‌رغۇ‌ن ۋاقىت ۋە پۇ‌ل خە‌جلە‌شكە توغرا كېلىدۇ.‏ بىراق،‏ بۇ كىشى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن ھە‌رقانداق بە‌دە‌ل تۆلە‌شتىن باش تارتمىغان.‏

6،‏ 7.‏ ئېفىئوپىيىلىك كىشىنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتى قانداق كۈچە‌يگە‌ن؟‏

6 ئېفىئوپىيىلىك كىشى فىلىپتىن،‏ كىم مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بە‌زى مۇ‌ھىم يېڭى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏34،‏ 35‏)‏.‏ بۇ ئوردا ئە‌مە‌لدارى ئە‌يسانىڭ ئۆزى ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌نى نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏ ئۇ ئىلگىرىكىدە‌كلا ھۆرمە‌تكە سازاۋە‌ر يە‌ھۇ‌دىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشى بولۇ‌پ قالالايتتى.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋاغا ۋە ئوغلىغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتى كۈچىيىپ،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى سۈپىتىدە چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇ‌ل قىلىپ ھاياتىنى ئۆزگە‌رتىش قارارىغا كە‌لگە‌ن.‏ بۇ كىشىنىڭ تە‌ييار بولغانلىقىنى كۆرگە‌ن فىلىپ ئۇ‌نى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرگە‌ن.‏

7 ئە‌گە‌ر ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدارنى ئۈلگە قىلسىڭىز،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييارلىق قىلالايسىز.‏ سىزمۇ قە‌تئىي ئىشە‌نچ بىلە‌ن،‏ «مېنىڭ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە نېمە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلالايدۇ؟‏» دېيە‌لە‌يسىز.‏ ئېفىئوپىيىلىك كىشى باسقان قە‌دە‌ملە‌رنى قانداق باسالايدىغانلىقىڭىزنى بىرلىكتە مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى.‏ ئۇ بىلىم ئېلىشنى داۋاملاشتۇ‌ردى،‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلدى،‏ داۋاملىق ئۆزىنىڭ خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۈچلە‌ندۈردى.‏

بىلىم ئېلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش

8.‏ يۇ‌ھاننا 17:‏3-‏ئايە‌ت سىزنى نېمە قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ؟‏

8 يۇ‌ھاننا 17:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌يسانىڭ بۇ سۆزلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى قارار قىلىشىڭىزغا ياردە‌م قىلدىمۇ؟‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرىمىزغا شۇ‌نداق ياردە‌م قىلغان.‏ ئە‌مما،‏ ئوخشاش سۆزلە‌ر يە‌نە بىزنى داۋاملىق بىلىم ئېلىشقا ئۈندە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە.‏ بىز ھە‌رگىزمۇ بىردىن-‏بىر ھە‌ق خۇ‌دا ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىشنى توختاتمايمىز (‏ۋە‌ز 3:‏11‏)‏.‏ مە‌ڭگۈ ئۆگىنىمىز،‏ داۋاملىق بىلىم ئالىمىز.‏ قانچە كۆپ ئۆگە‌نگە‌نسېرى،‏ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 73:‏28‏.‏

9.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاساسىي تە‌لىملە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ چوقۇ‌م نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

9 چۈشىنىشكە بولىدۇ‌كى،‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ئۆگىنىش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي تە‌لىملىرىنى ئۆگىنىشتىن باشلىنىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئىبرانىيلار يازغان خېتىدە ئاساسىي تە‌لىملە‌رنى باشلانغۇ‌چ تە‌لىملە‌ر دە‌پ،‏ ئاشۇ تە‌لىماتنى كە‌مسىتمىگە‌ن.‏ ئۇ ئۇ‌نى بوۋاقنى ئوزۇ‌قلاندۇ‌رىدىغان سۈت بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان ئىدى (‏ئىبرانىي.‏ 5:‏12؛‏ 6:‏1‏)‏.‏ ئۇ بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى ئاشۇ ئاساسىي تە‌لىملە‌ر بىلە‌ن چە‌كلىنىپ قالماي،‏ خۇ‌دا سۆزىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇ‌ر ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگىنىشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ سىزمۇ ئېچىرقىغان قە‌لبىڭىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى چوڭقۇ‌ر ھە‌قىقە‌تلە‌ر بىلە‌ن ئوزۇ‌قلاندۇ‌رۇ‌شقا ئادە‌تلە‌ندىڭىزمۇ؟‏ داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلىشنى،‏ يە‌نى يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى ھە‌ققىدە داۋاملىق بىلىم ئېلىشنى خالامسىز؟‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌ر تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى قىيىن ھېس قىلىدۇ؟‏

10 بە‌لكىم،‏ تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش نۇ‌رغۇ‌نلىرىمىز ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ سىزمۇ قىيىن ھېس قىلامسىز؟‏ مە‌كتە‌پتە چوڭقۇ‌رراق تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى ياكى ياخشىراق ئوقۇ‌شنى ئۆگە‌نگە‌نمۇ؟‏ تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشنىڭ كىشىگە خۇ‌شاللىق بېغىشلاپ،‏ كۆڭۈلنى قانائە‌ت تاپقۇ‌زىدىغانلىقىنى بايقىغانمۇ؟‏ ياكى كىتابلاردىن ئۆگىنىشكە ئۆزىڭىزنى ئانچە ماھىر ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلغانمىدىڭىز؟‏ يالغۇ‌ز سىزلا ئە‌مە‌س،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر شۇ‌نداق ھېس قىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا سىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ مۇ‌كە‌ممە‌ل ۋە كائىناتتىكى ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌ستاز!‏

11.‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ «ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستاز» ئىكە‌نلىكىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟‏

11 يە‌ھۋا ئۆزىنى «ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستاز» دە‌پ ئاتايدۇ (‏يە‌شايا 30:‏20،‏ 21‏)‏.‏ ئۇ سە‌ۋرچان،‏ ئاق كۆڭۈل،‏ باشقىلارنى چۈشىنىدىغان مۇ‌ئە‌للىم.‏ ئۇ ئوقۇ‌غۇ‌چىلارنىڭ ياخشىلىق تە‌رىپىنى كۆرۈشكە تىرىشىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 130:‏3‏)‏.‏ ئۇ بىز قىلالمايدىغان ئىشنى قىلىشمىزنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ ئۇ ئاجايىپ بىر سوۋغاتنى،‏ يە‌نى مېڭىمىزنى ئۆزى لايىھىلىگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 139:‏14‏)‏.‏ ئۆگىنىشكە ئىنتىلىدىغان ئاچ تە‌بىئىتىمىز بار.‏ ياراتقۇ‌چىمىز بىزنىڭ ئۆگىنىشنى مە‌ڭگۈ داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىمىزنى ۋە ئۇ‌نىڭدىن ھۇ‌زۇ‌ر ئېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى ھە‌قىقە‌تكە بولغان تە‌شنالىقنى يېتىلدۈرۈش ئە‌ڭ ئاقىلانە ئىشتۇ‌ر (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏2‏)‏.‏ سىز ئۆزىڭىز يېتە‌لىگىدە‌ك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ،‏ ھە‌مدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌ش ۋە تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋاقىت جە‌دۋىلىنى تۈزۈپ،‏ شۇ‌نىڭغا قە‌تئىي ئە‌مە‌ل قىلىڭ (‏يە‌شۇ‌ئا 1:‏8‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ ئۇ ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك ئوقۇ‌ش ۋە تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشتىن ھۇ‌زۇ‌ر ئالالايسىز.‏

12.‏ نېمە ئۈچۈن شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىشىمىزدە ئە‌يساغا دىققىتىمىزنى قارىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

12 ھە‌ر دائىم ئە‌يسانىڭ ھاياتى ۋە ۋە‌ز خىزمىتى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ بۈگۈنكى كۈندە قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى خالىساق،‏ چوقۇ‌م ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئىزىدىن ئە‌گىشىپ مېڭىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ بە‌ك مۇ‌ھىم!‏ (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏21‏)‏ ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىنى ئوچۇ‌ق ئېيتقان ئىدى (‏لۇ‌قا 14:‏27،‏ 28‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ،‏ خۇ‌ددى ئۆزىگە خۇ‌داغا سادىق قالالايدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 16:‏33‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ھايات كە‌چۈرمىشلىرى ھە‌ققىدىكى تە‌پسىلاتلارنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىڭ ۋە كۈندىلىك ھاياتىڭىزدا ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ.‏

13.‏ يە‌ھۋاغا نېمە ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلىشىڭىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

13 پە‌قە‌ت بىلىم بولسىلا،‏ يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ بىلىم ئېلىشتىكى ئاساسىي مە‌قسە‌ت —‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە تېخىمۇ چوڭقۇ‌رراق ھە‌قىقە‌تلە‌رنى بىلىش ۋە ئۇ‌نىڭغا بولغان مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئىشە‌نچ دېگە‌نگە ئوخشاش ھە‌رتۈرلۈك سۈپە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش (‏1-‏كورىنت.‏ 8:‏1–‏3‏)‏.‏ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رغىنىڭىزدا،‏ يە‌ھۋادىن ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن ياردە‌م سوراڭ (‏لۇ‌قا 17:‏5‏)‏.‏ ئۇ دۇ‌ئالارغا سېخىيلىق بىلە‌ن جاۋاب بېرىدۇ.‏ خۇ‌دايىمىز ھە‌ققىدىكى توغرا بىلىمگە ئاساسلانغان ھە‌قىقىي ئېتىقاد ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 2:‏26‏.‏

ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىڭ

نۇ‌ھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌ر توپان سۈيىنىڭ ئالدىدا ئۆگە‌نگە‌نلىرىگە ماس ئە‌مە‌لىي ھە‌رىكە‌ت قىلغان (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

14.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س ئۆگە‌نگە‌نلىرىمىزگە ماس ئە‌مە‌لىي ھە‌رىكە‌ت قىلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى قانداق تە‌كىتلىگە‌ن؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

14 ئە‌لچى پېترۇ‌س مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئالغان بىلىملىرىگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلىگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌ر توغرىسىدىكى ئۈزۈندىلە‌رنى تىلغا ئالغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رگە توپان سۈيى ئارقىلىق شۇ زاماندىكى رە‌زىل كىشىلە‌رنى ھالاك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ نۇ‌ھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ ئامان قېلىشى ئۈچۈن كېلە‌چە‌كتە توپان سۈيىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س ئىدى.‏ بۇ‌نىڭغا دىققە‌ت قىلسىڭىز،‏ پېترۇ‌س توپاندىن بۇ‌رۇ‌نقى ۋاقىتنى ‏«كېمە ياسىلىۋاتقان مە‌زگىلدە»‏ دە‌پ تىلغا ئالغان (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏20‏)‏.‏ نۇ‌ھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌ر غايە‌ت زور كېمە ياساپ،‏ خۇ‌دادىن ئۆگە‌نگە‌نلىرىگە ماس ئە‌مە‌لىي ھە‌رىكە‌ت قىلغان (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏7‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ پېترۇ‌س نۇ‌ھنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى چۆمۈلدۈرۈلۈش بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌پ مۇ‌نداق يازغان:‏ «سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈش .‏ .‏ .‏ قۇ‌تقۇ‌زىدۇ» (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏21‏)‏.‏ مە‌لۇ‌م مە‌نىدىن ئېيتقاندا،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييارلىق قىلىش ئۈچۈن،‏ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى نۇ‌ھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ كېمە ياساش ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن يىل قىلغان خىزمە‌تلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييار بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشىڭىز كېرە‌ك.‏

15.‏ چىن قە‌لبىدىن ھە‌قىقىي توۋا قىلىش نېمىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏

15 چوقۇ‌م بىرىنچى بولۇ‌پ قىلىدىغان ئىشىمىز —‏ گۇ‌ناھلىرىمىزغا سە‌مىمىي توۋا قىلىش (‏ئە‌لچى.‏ 2:‏37،‏ 38‏)‏.‏ چىن قە‌لبىمىزدىن توۋا قىلساق،‏ ھە‌قىقىي ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىمىز.‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان ھە‌رقانداق ناچار قىلمىشلارنى،‏ يە‌نى ئە‌خلاقسىز تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش،‏ تاماكا چېكىش،‏ يامان سۆزلە‌رنى ياكى ھاقارە‌تلىك سۆزلە‌رنى قىلىشنى تاشلىدىڭىزمۇ؟‏ (‏1-‏كورىنت.‏ 6:‏9،‏ 10؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 7:‏1؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 4:‏29‏)‏ ئە‌گە‌ر تېخى شۇ‌نداق قىلمىغان بولسىڭىز،‏ داۋاملىق ئۆزىڭىزنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن تىرىشىڭ.‏ سىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقان گۇ‌ۋاھچى بىلە‌ن پاراڭلىشىڭ ياكى جامائە‌ت ئاقساقاللىرىدىن ياردە‌م ۋە كۆرسە‌تمە سوراڭ.‏ ئە‌گە‌ر تېخى ياش ۋە يە‌نىلا ئاتا-‏ئانىڭىز بىلە‌ن ياشاۋاتقان بولسىڭىز،‏ چۆمۈلدۈرۈلىشىڭىزگە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدىغان ھە‌رقانداق ناچار ئادە‌تلە‌رنى تاشلاش ئۈچۈن ئاتا-‏ئانىڭىزدىن ياردە‌م سوراڭ.‏

16.‏ روھىي ئىشلار بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌شقا ئادە‌تلىنىش نېمىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏

16 روھىي ئىشلار بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌ش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ،‏ ھە‌ر دائىم ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌ل قىلىشمۇ ناھايىتى مۇ‌ھىم.‏ بۇ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە يىغىلىشتا جاۋابلارنى بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏24،‏ 25‏)‏.‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىشقا لاياقە‌تلىك بولغاندىن كېيىن،‏ دائىم ۋە‌ز خىزمىتىگە چىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ.‏ ھاياتنى قۇ‌تقۇ‌زىدىغان بۇ مۇ‌ھىم خىزمە‌تكە قانچە كۆپرە‌ك قاتناشسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭدىن شۇ‌نچە كۆپ خۇ‌شاللىق تاپىسىز (‏2-‏تىموت.‏ 4:‏5‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر تېخى ياش ۋە ئاتا-‏ئانىڭىز بىلە‌ن ياشاۋاتقان بولسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «ئاتا-‏ئانام جامائە‌ت يىغىلىشىغا قاتنىشىشىم ياكى ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىقىشىم كېرە‌كلىكىنى ئە‌سكە‌رتە‌مدۇ ياكى ئۆزۈم تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن شۇ‌نداق قىلىمە‌نمۇ؟‏» روھىي ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌رگە تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن قاتنىشىش ئارقىلىق ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى ئىپادىلە‌پ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز ۋە مىننە‌تدارلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز.‏ خۇ‌داغا بېغىشلانغان شۇ‌نداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭىز يە‌ھۋاغا سۇ‌نغان سوۋغاتلىرىڭىزدۇ‌ر (‏2-‏پېتر.‏ 3:‏11؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏15‏)‏.‏ مە‌جبۇ‌رىي ئە‌مە‌س،‏ ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلە‌ن سۇ‌نغان ھە‌دىيە‌لە‌رنىڭ ھە‌ممىسى خۇ‌دايىمىزنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ (‏2-‏كورىنتلىقلار 9:‏7-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ روھىي ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌رگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن قاتنىشىشقا تىرىشساق،‏ يە‌ھۋا قولىمىزدىن كە‌لگىنىنى ئۇ‌نىڭغا تە‌غدىم قىلغىنىمىزدىن مە‌منۇ‌ن بولىدۇ.‏

يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى داۋاملىق كۈچە‌يتىڭ

17،‏ 18.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لايىق بولۇ‌ش ئۈچۈن ئىلگىرىلىشىڭىزگە قانداق مۇ‌ھىم پە‌زىلە‌ت ياردە‌م بېرىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏3–‏6‏)‏

17 سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لاياقە‌تلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتقىنىڭىزدا،‏ قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چرايسىز.‏ بە‌زىلە‌ر يېڭى ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز سە‌ۋە‌بلىك سىزنى مە‌سخىرە قىلىشىدۇ.‏ ئۇ‌لار ھە‌تتا سىزگە قارشى چىقىشى ياكى زىيانكە‌شلىك قىلىشى مۇ‌مكىن (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏12‏)‏.‏ ناچار ئادە‌تلىرىڭىزنى تاشلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندا،‏ ئاندا-‏ساندا ئۇ‌نى قايتا تە‌كرارلاپ قويۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ مە‌قسىتىڭىزگە يېتىش تېخى مۇ‌مكىن ئە‌مە‌ستە‌ك كۆرۈنۈپ،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلالماي،‏ كۆڭلىڭىز يېرىم بولىدۇ.‏ چىدامچان بولۇ‌شىڭىزغا نېمە ياردە‌م قىلىدۇ؟‏ ئىنتايىن مۇ‌ھىم بىر پە‌زىلە‌ت —‏ يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببە‌ت.‏

18 يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئە‌ڭ ئېسىل بىر پە‌زىلە‌ت.‏ سىزدىمۇ شۇ‌نداق ئېسىل پە‌زىلە‌ت بار ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏3–‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خۇ‌داغا بولغان كۈچلۈك مۇ‌ھە‌ببە‌ت ھاياتتىكى قىيىنچىلىقلارغا ئوڭۇ‌شلۇ‌ق تاقابىل تۇ‌رۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌مىشە يە‌ھۋانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە بولغان سادىق مۇ‌ھە‌ببىتى تىلغا ئېلىنغان.‏ بۇ ھە‌رگىز يوقالمايدىغان ۋە ھە‌رگىز بۇ‌زۇ‌لمايدىغان كۈچلۈك سۆيگۈ رىشتىسى (‏زە‌بۇ‌ر 100:‏5‏)‏.‏ سىز خۇ‌دانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان (‏يارىت.‏ 1:‏26‏)‏.‏ بۇ‌نداق مۇ‌ھە‌ببە‌تنى ئۆزىڭىزدە ئە‌كس ئە‌تتۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

يە‌ھۋاغا ھە‌ر كۈنى مىننە‌تدارلىقىڭىزنى كۆرسىتە‌لە‌يسىز (‏19-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b

19.‏ يە‌ھۋانىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىغا بولغان مىننە‌تدارلىقىڭىزنى قانداق بىلدۈرە‌لە‌يسىز؟‏ (‏گالاتىيالىقلار 2:‏20‏)‏

19 مىننە‌تدارلىقىڭىزنى ئىپادىلە‌ش بىلە‌ن باشلاڭ (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏18‏)‏.‏ ھە‌ر كۈنى ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن:‏ «يە‌ھۋا ماڭا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ؟‏»—‏ دە‌پ سوراپ بېقىڭ.‏ كېيىن،‏ ئۇ سىز ئۈچۈن قىلغان ئىشلارنى دۇ‌ئالىرىڭىزدا ئېنىق تىلغا ئېلىپ،‏ رە‌ھمە‌ت ئېيتىڭ.‏ خۇ‌ددى ئە‌لچى پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا سىزنى سۆيگە‌چ،‏ شۇ ئىشلارنى سىز ئۈچۈن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىڭ ‏(‏گالاتىيالىقلار 2:‏20-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ:‏ «ئۇ‌نىڭغا جاۋابە‌ن،‏ ئۆزۈمنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىشنى خالايمە‌نمۇ؟‏».‏ يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئېزىقتۇ‌رۇ‌شلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌شىڭىزغا ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا ئوڭۇ‌شلۇ‌ق تاقابىل تۇ‌رۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌نە روھىي ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌ر بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌ش ئادىتىڭىزنى قە‌تئىي داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا ۋە ھە‌ر كۈنى ئاسماندىكى ئاتىڭىزغا بولغان سۆيگىڭىزنى نامايان قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏

20.‏ ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاش نېمىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏ بۇ قارار قانچىلىك مۇ‌ھىم؟‏

20 ۋاقتى كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز سىزنى ئالاھىدە بىر دۇ‌ئانى قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ يە‌نى،‏ دۇ‌ئادا سىز ئۆزىڭىزنى خۇ‌داغا بېغىشلايسىز.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغاندىن كېيىن،‏ ئاجايىپ بىر كېلە‌چىكىڭىز بولىدۇ.‏ سىز ئۇ‌نىڭغا مە‌ڭگۈ تە‌ۋە بولىسىز.‏ ھاياتىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغاندا،‏ مە‌يلى ياخشى ياكى يامان كۈنلە‌ردە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىدىغانلىقىڭىزنى ۋە‌دە قىلىسىز.‏ بۇ ۋە‌دىنى قايتا يېڭىلاشنىڭ ھاجىتى يوق.‏ دە‌رۋە‌قە،‏ بىز ئۆزىمىزنى بېغىشلىغاندا،‏ بۇ مۇ‌ھىم قە‌دە‌منى باسىمىز.‏ بىراق،‏ بۇ ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ ھاياتىڭىزدا نۇ‌رغۇ‌ن قارارلارنى چىقىرىسىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى بە‌ك ياخشى.‏ بىراق،‏ ھاياتىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاش ئە‌ڭ ياخشى قارار!‏ (‏زە‌بۇ‌ر 50:‏14‏)‏ شە‌يتان سىزنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىزدىن ۋاز كېچىشىڭىزنى خالىغاچ،‏ ئاتىڭىزغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىدۇ.‏ ھە‌رگىزمۇ شە‌يتاننىڭ غە‌لبە قىلىشىغا يول قويماڭ (‏ئايۇ‌پ 27:‏5‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا بولغان كۈچلۈك مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز،‏ ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغاندا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىڭىزگە ئە‌مە‌ل قىلىپ ياشىشىڭىزغا ۋە ئاسماندىكى ئاتىڭىزغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

21.‏ نېمە ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈش ئاخىرلىشىش ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى باشلىنىش دە‌پ ئېيتالايمىز؟‏

21 ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغاندىن كېيىن،‏ كېيىنكى مۇ‌ھىم قە‌دە‌منى بېسىش توغرىسىدا جامائە‌تتىكى ئاقساقاللار بىلە‌ن پاراڭلىشىڭ.‏ ھە‌ردائىم ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش ئۇ ئاخىرلىشىش ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى باشلىنىش!‏ ئۇ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنىڭ تۈگىمە‌س ھايات مۇ‌ساپىسىنى باشلايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئاسماندىكى ئاتىڭىزغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى كۈچە‌يتىڭ.‏ مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ،‏ شۇ‌ندىلا ئۇ‌نىڭغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز كۈندىن-‏كۈنگە كۈچىيىدۇ.‏ بۇ ئاخىرىدا سىزنى چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييارلايدۇ.‏ ئاشۇ كۈن ئاجايىپ گۈزە‌ل بىر كۈن بولىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بۇ پە‌قە‌ت بىر باشلىنىش.‏ يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ ئوغلىغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز مە‌ڭگۈ كۈچە‌يسۇ‌ن!‏

11-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلىش

a چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لايىق بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ بىزدە چوقۇ‌م توغرا نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌ت بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ بىز يە‌نە توغرا ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئېفىئوپىيىلىك ئوردا ئە‌مە‌لدارىنىڭ مىسالى ئارقىلىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان كىشى چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لايىق بولۇ‌شى ئۈچۈن قانداق قە‌دە‌ملە‌رنى بېسىشى كېرە‌كلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b سۈرە‌تتە:‏ ياش قېرىنداش دۇ‌ئادا يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن قىلغانلىرىغا مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ.‏