مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تە‌رجىمىھال

باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۆمۈرلۈك بە‌رىكە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلىدۇ

باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۆمۈرلۈك بە‌رىكە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلىدۇ

1948-‏يىلى،‏ ئانام،‏ سىڭلىم ۋە پات بىلە‌ن بىللە

ئانگلىكان چېركاۋسى ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تمە‌يدۇ.‏ قىزىم داۋاملىق ھە‌قىقە‌تنى ئىزدە‌ڭ.‏ ئانگلىكان چېركاۋىغا بارغان مومام مۇ‌شۇ سۆزنى قىلغاندىن كېيىن،‏ ئاپام ھە‌قىقىي دىننى ئىزدە‌شكە باشلىغانىدى.‏ بىراق،‏ ئۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن پاراڭلىشىشنى خالىمىغان،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لار كانادانىڭ تورونتودىكى ئۆيىمىزگە كە‌لگە‌ندە ماڭا يوشۇ‌رۇ‌نۇ‌ۋېلىشنى ئېيتقان.‏ ئە‌مما،‏ 1950-‏يىلى ئاپامنىڭ سىڭلىسى گۇ‌ۋاھچىلار بىلە‌ن تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى باشلىغاندا،‏ ئاپام سىڭلىسىغا قوشۇ‌لۇ‌پ ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ھاممامنىڭ (‏كىچىك ئاپام)‏ ئۆيىدە ئۆگە‌نگە‌ن ۋە كېيىن سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن.‏

دادام بولسا كانادا يە‌رلىك بىرلە‌شمە چېركاۋىنىڭ بىر ئاقساقىلى ئىدى،‏ شۇ‌ڭا ھە‌ر ھە‌پتىدە ئۇ سىڭلىم بىلە‌ن ئىككىمىزنى چېركاۋنىڭ بالىلارغا ئۆگىتىدىغان يە‌كشە‌نبە ئە‌تىگە‌نلىك دە‌رسلىرىگە ئە‌ۋە‌تە‌تتى،‏ سائە‌ت 00:‏11دە دادام بىلە‌ن بىرلىكتە چېركاۋنىڭ ئىبادىتىگە قاتنىشاتتۇ‌ق.‏ چۈشتىن كېيىن بولسا،‏ بىز ئاپام بىلە‌ن بىللە گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ ئىبادە‌ت يىغىلىش زالىغا باراتتۇ‌ق.‏ بىز ئىككى دىننىڭ پە‌رقىنى ئاسانلا كۆرە‌لىگە‌نىدۇ‌ق.‏

1958-‏يىلىدىكى «خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى» ناملىق خە‌لقئارا چوڭ يىغىلىشتا خوتچىسون ئائىلىسى بىلە‌ن بىللە

ئاپام ئۆزىنىڭ يېڭى ئېتىقادىنى ئۇ‌زۇ‌ن يىللىق دوستلىرى بوب ۋە مارىيون خۇ‌تچسون بىلە‌ن ئورتاقلاشتى،‏ ئۇ‌لارمۇ ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بولدى.‏ 1958-‏يىلى خۇ‌تچسون ئائىلىسى مېنى ئۈچ ئوغلى بىلە‌ن بىللە نيۇ-‏يوركتا ئۆتكۈزۈلگە‌ن خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى ناملىق سە‌ككىز كۈنلۈك خە‌لقئارا چوڭ يىغىلىشقا ئېلىپ باردى.‏ ئۆتمۈشنى ئە‌سلە‌پ كە‌ينىگە قارىسام،‏ ئۇ‌لارنىڭ مېنى ئۆزلىرى بىلە‌ن ئېلىۋېلىشى ئاسان بولمىغانلىقىنى ئە‌مدى چۈشە‌ندىم،‏ ئە‌مما شۇ چوڭ يىغىلىش ھاياتىمدىكى ئە‌ڭ ئە‌ھمىيە‌تلىك گۈزە‌ل ئە‌سلىمىلە‌رنى قالدۇ‌رغان

قېرىنداشلار يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشىمغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن

ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا،‏ مە‌ن دېھقانچىلىق مە‌يدانىدا تۇ‌راتتىم.‏ ئۇ يە‌ردە ئۆي ھايۋانلىرى ۋە قۇ‌شلىرىنى بېقىپ،‏ كۈنلىرىم خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ئۆتە‌تتى.‏ مە‌ن مال دوختۇ‌رى بولۇ‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق ئە‌ستايىدىل ئويلغانىدىم.‏ بۇ ئويۇ‌منى ئاپام بىر جامائە‌ت ئاقساقىلىغا ئېيتتى.‏ ئۇ مېھرىبانلىق بىلە‌ن ماڭا «ئاخىر زاماندا» ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئە‌سكە‌رتىپ،‏ بىرنە‌چچە يىل ئۇ‌نىۋېرسىتېتتا ئوقۇ‌شنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمگە قانداق تە‌سىر كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىنى سورىدى ‏(‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1‏)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ مە‌ن ئۇ‌نىۋېرسىتېتتا ئوقۇ‌شقا بارماسلىقنى قارار قىلدىم.‏

مە‌ن تولۇ‌ق ئوتتۇ‌را مە‌كتە‌پنى پۈتتۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ نېمە قىلىشىم كېرە‌كلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق يە‌نىلا ئويلاپ يۈرە‌تتىم.‏ گە‌رچە ھە‌ر ھە‌پتە ئاخىرىدا ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتناشقان بولساممۇ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ھېچبىر خۇ‌شاللىق تاپالمىغانىدىم ۋە ئۆزۈمنى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولالايمە‌ن دە‌پ ئويلىمايتتىم.‏ شۇ چاغلاردا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س دادام ۋە تاغام مېنى تورونتودىكى داڭلىق بىر سۇ‌غۇ‌رتا شىركىتىدە پۈتۈن كۈن ئىشلە‌شكە دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ ئۇ يە‌ردە تاغامنىڭ مۇ‌ھىم ھوقۇ‌ق ئورنى بار ئىدى،‏ شۇ‌ڭا مە‌ن بۇ خىزمە‌تنى قوبۇ‌ل قىلدىم.‏

تورونتودا،‏ كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا نورمال ئىش ۋاقتىدىن ئاشۇ‌رۇ‌پ ئىشلە‌ش ۋە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س كىشىلە‌ر بىلە‌ن باردى-‏كە‌لدى ئالاقىدە بولۇ‌ش دائىم جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ۋە ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىشقا توسالغۇ بولدى.‏ مە‌ن دە‌سلە‌پتە گۇ‌ۋاھچى بولمىغان بوۋام بىلە‌ن تۇ‌راتتىم.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن،‏ باشقا بىر تۇ‌رىدىغان جايغا ئېھتىياجلىق بولدۇ‌م.‏

مېنى 1958-‏يىلدىكى چوڭ يىغىلىشقا ئېلىپ بارغان خۇ‌تچسون ئە‌ر-‏ئايال ماڭا ئۆز ئاتا-‏ئانامدە‌كلا كۆيۈنە‌تتى.‏ ئۇ‌لار مېنى ئۆز ئۆيىدە تۇ‌رۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلدى ۋە مېنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌قۇ‌منى كۈچە‌يتىشىمگە ياردە‌م بە‌ردى.‏ 1960-‏يىلى،‏ مە‌ن ئۇ‌لارنىڭ ئوغلى جون بىلە‌ن بىللە سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلدۈم.‏ جون پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شقا باشلىدى،‏ ئۇ مېنى كۆپرە‌ك ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىقىشقا ئۈندىدى.‏ جامائە‌تتىكى بۇ‌رادە‌رلە‌ر مېنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىكى ئىلگىرىلىگە‌نلىكىمگە دىققە‌ت قىلغانىدى،‏ ئاخىرىدا ھازىر ھاياتىمىز ۋە ۋە‌ز خىزمىتىمىز يىغىلىشى دە‌پ ئاتالغان تە‌لىم-‏تە‌ربىيىگە مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌ندىم a‏.‏

ئاجايىپ بىر ھە‌مراھنى تاپتىم ۋە پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولدۇ‌م

1966-‏يىلى،‏ توي كۈنىمىز

1966-‏يىلى،‏ مە‌ن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا ئېھتىياجلىق جايدا خىزمە‌ت قىلىشنى ئوتتە‌ك ئارزۇ قىلدىغان،‏ قىزغىن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى راندى بېرگې بىلە‌ن توي قىلدىم.‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بىز بىلە‌ن پاراڭلىشىشقا شە‌خسە‌ن ۋاقىت چىقىرىپ،‏بىزنى ئونتارىيونىڭ ئورىلىيادىكى جامائە‌تكە ياردە‌م بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ دە‌رھال نە‌رسىلىرىمىزنى يىغىشتۇ‌رۇ‌پ،‏ كۆچۈپ كە‌تتۇ‌ق

ئورىلىياغا كېلىپلا،‏ راندىغا قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولدۇ‌م.‏ ئۇ‌نىڭ قىزغىنلىقى ئاللىقاچان ماڭا تە‌سىر قىلغان ئىدى!‏ مە‌ن ماھىر بىر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌ش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشقاندىن كېيىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئىشلىتىشتىن ۋە كىشىلە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌تنى چۈشىنىشنى كۆرۈشتىن كېلىدىغان خۇ‌شاللىقنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم.‏ ئورىلىيادا ئېسىل بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايالنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىدا ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بولۇ‌شىغا ياردە‌م قىلىش نە‌قە‌دە‌ر كىشىنى خۇ‌شال قىلىدىغان بە‌رىكە‌ت،‏ ھە!‏

يېڭى تىل ئۆگە‌ندۇ‌ق ۋە كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگە‌رتتۇ‌ق

تورونتوغا ساياھە‌تتە بارغاندا،‏ مە‌ن ئارنولد ماكنامارا بۇ‌رادە‌ر بىلە‌ن كۆرۈشتۈم.‏ ئۇ بە‌يتە‌لدە يېتە‌كچىلىك قىلدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ بىرى ئىدى.‏ ئۇ بىزنىڭ مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شنى خالايدىغان-‏خالىمايدىغانلىقىمىزنى سورىدى.‏ مە‌ن دە‌رھال جاۋاب بە‌ردىم:‏ «ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌مما كۋېبېكتىن باشقا جايلاردا!‏» مە‌ن ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان كانادالىقلارنىڭ كۋېبېك ئۆلكىسىدىكى فرانسۇ‌زچە سۆزلىشىدىغانلار ھە‌ققىدىكى سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىغان ئىدىم.‏ ئە‌ينى ۋاقىتتا،‏ كىشىلە‌ر ھۆكۈمە‌تكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ،‏ كۋېبېكنىڭ كانادادىن ئايرىلىپ،‏مۇ‌ستە‌قىل دۆلە‌ت بولۇ‌شىنى تە‌شە‌ببۇ‌س قىلغانىدى

بۇ‌رادە‌ر ئارنولد جاۋاب بېرىپ مۇ‌نداق دىدى:‏ «ھازىر بە‌يتە‌ل مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنى پە‌قە‌تلا كۋېبېك ئۆلكىسىگە ئە‌ۋە‌تىدۇ».‏ مە‌ن دە‌رھال بېرىشقا قوشۇ‌لدۇ‌م.‏ مە‌ن ئاللىقاچان راندىنىڭ ئۇ يە‌ردە خىزمە‌ت قىلىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلە‌تتىم.‏ كېيىنچە،‏ بۇ‌نىڭ ھاياتىمىزدىكى ئە‌ڭ ياخشى قارارلارنىڭ بىرى بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم

بە‌ش ھە‌پتىلىك فرانسۇ‌ز تىلى دە‌رسىگە قاتناشقاندىن كېيىن،‏ راندى ئىككىمىز باشقا بىر جۈپلە‌ر بىلە‌ن مونترېالغا تە‌خمىنە‌ن 540 كىلومېتىر كېلىدىغان شە‌رقىي شىمالدىكى رىموسكىغا باردۇ‌ق.‏ ئۇ ۋاقىتتا فرانسۇ‌زچە‌م ياخشى ئە‌مە‌س ئىدى.‏ بىر قېتىم،‏ جامائە‌ت يىغىلىشىدا بىر ئېلاننى ئوقۇ‌غاندا،‏ شۇ‌نداق بىر ئىش يۈز بە‌رگە‌نلىكى ئېسىمدىن چىقمايدۇ.‏ مە‌ن پات-‏ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ يىغىلىشتا نۇ‌رغۇ‌ن «ئاۋسترىيە‌لىك مېھمانلار» كېلىدۇ دە‌پ ئوقۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن «تۆگە قۇ‌ش مېھمانلار» كېلىدۇ دە‌پ ئوقۇ‌غان ئىدىم.‏

رىموسكىدىكى ئاقسارايدا

رىموسكىدا،‏ بىز ئىككى جۈپلە‌رگە يە‌نە تۆت قىزغىن ئايال قېرىنداش،‏ خۇ‌بېردىۇ‌س ئە‌ر-‏ئايال ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئىككى قىزى قوشۇ‌لدى.‏ خۇ‌بېردىۇ‌س ئە‌ر-‏ئايال بىر يە‌تتە ھۇ‌جرىلىق چوڭ بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالغان بولۇ‌پ،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ ھە‌ممىسى شۇ ئۆيدە تۇ‌راتتى،‏ كۆپچىلىك بىرلىشىپ،‏ ئىجارە ھە‌ققىنى تۆلە‌يتتى.‏ ئۇ ئۆينىڭ سىرتى ۋە ئىشىكى ئالدىدىكى تۈۋرۈكلە‌ر ئاق رە‌ڭدە بولغاچ،‏ بىز ئۇ ئۆينى ئاق ساراي دە‌پ ئاتايتتۇ‌ق.‏ ئۇ ئۆيدە ئادە‌تتە 12دىن 14كىچە ئادە‌م ياشايتتى.‏ بىز مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغاچ،‏ راندى ئىككىمىز ئە‌تىگە‌ندىن كە‌چكىچە ۋە‌ز خىزمە‌تتە بولاتتۇ‌ق.‏ دائىم بىز بىلە‌ن بىرلىكتە،‏ ھە‌تتا قىش پە‌سلىدىكى سوغۇ‌ق كە‌چقۇ‌رۇ‌ن چاغلاردا،‏ بىز بىلە‌ن بىللە ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىقىدىغان ئادە‌م تېپىلاتتى.‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ بولغانلىقىغا ئىنتايىن مىننە‌تدار ئىدۇ‌ق.‏

بىز ئاشۇ سادىق پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار بىلە‌ن ئىنتايىن يېقىن بولۇ‌پ كە‌تتۇ‌ق،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن خۇ‌ددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدە‌ك بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن ئىدۇ‌ق.‏ بە‌زىدە بىز بىرلىكتە دالىدا گۈلخان يېقىپ،‏ ئە‌تراپىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇ‌راتتۇ‌ق.‏ ئۇ كۈنى ھە‌ممىمىز ئوخشىمىغان قىيمىلارنى تە‌ييارلاپ،‏ بىرلىكتە ئولتۇ‌رۇ‌پ چۆچۈرە تۈگۈشۈپ يە‌تتۇ‌ق.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر مۇ‌زىكانت ئىدى،‏ شۇ‌ڭا شە‌نبە كۈنى كە‌چتە بىز دائىم ناخشا ئېيتىپ ئۇ‌سسۇ‌ل ئوينايتتۇ‌ق.‏

رىموسكىدىكى ۋە‌ز خىزمىتىمىز مېۋە بە‌ردى!‏ بە‌ش يىل ئىچىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغانلاردىن بىرقانچە كىشى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى.‏ جامائىتىمىزدە 35 ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بار بولدى.‏ بۇ‌نى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇ‌شال بولدۇ‌ق.‏

كۋېبېكتا،‏ بىز خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلغۇ‌چىلار سۈپىتىدە ناھايىتى ياخشى تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ئالدۇ‌ق.‏ ۋە‌ز خىزمە‌تتە ۋە ماددىي ئېھتىياجىمىزنى قامداشتا،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردە‌م قىلغانلىقىنى كۆردۇ‌ق.‏ ئۇ‌ندىن باشقا،‏ بىز فرانسۇ‌زچە سۆزلە‌يدىغان كىشىلە‌رنى،‏ ئۇ‌لارنىڭ تىلىنى ۋە مە‌دە‌نىيىتىنى سۆيۈشنى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ كېيىنرە‌ك،‏ بۇ بىزنىڭ كۆڭلى كۆكسىمىزنى كە‌ڭ تۇ‌تۇ‌پ،‏ باشقا خە‌لقلە‌رنىڭ مە‌دە‌نىيە‌تلىرىنى سۆيۈشمىزگە ياردە‌م بە‌ردى.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 6:‏13‏.‏

ئويلىمىغان يە‌ردىن،‏ بە‌يتە‌ل بىزنى يېڭى برۇ‌نسىۋىكنىڭ شە‌رقىي قىرغىقىدىكى تراكادى شە‌ھە‌ر-‏بازىرىغا كۆچۈشنى تە‌لە‌پ قىلدى.‏ بۇ ئۆزگۈرۈش بە‌زى قىيىنچىلىققا يول ئاچتى.‏ چۈنكى،‏ بىز ئە‌مدىلا ئۆي ئىجارە توختامى تۈزگە‌ن ۋە مە‌ن مە‌كتە‌پ مۇ‌دىرىيىتى بىلە‌ن سائە‌تلىك ئوقۇ‌تۇ‌ش توختامى ئىمزالىغان ئىدىم.‏ ئۇ‌ندىن باشقا،‏ بىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغان بە‌زى كىشىلە‌ر ئە‌مدىلا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغان ئىدى ۋە بىز ئىبادە‌ت زالى قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدۇ‌ق.‏

بىز ھە‌پتە ئاخىرىدا پۈتۈن كۈن بۇ ئىش توغرىسىدا دۇ‌ا قىلدۇ‌ق ۋە تراكادىغا بىر قېتىم بېرىپ كۆردۇ‌ق.‏ بۇ يە‌ر رىموسكىغا ئوخشىمايتتى.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا بىزنى ئۇ يە‌رگە تە‌كلىپ قىلغانىكە‌ن،‏ چوقۇ‌م بېرىشنى قارار قىلدۇ‌ق.‏ بىز يە‌ھۋانى سىناپ باقتۇ‌ق ۋە ئۇ‌نىڭ ئالدىمىزدىكى ھە‌ر بىر توساقنى ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى كۆردۇ‌ق (‏مالاك.‏ 3:‏10‏)‏.‏ راندى پىداكار،‏ خۇ‌شخۇ‌ي ۋە يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغانلىقتىن،‏ باشقا يە‌رگە كۆچۈش ئاسانراق بولغان.‏

روبېرت روس يېڭى جامائىتىمىزدىكى بىردىن-‏بىر ئاقساقال ئىدى.‏ ئۇ ئايالى لىندا بىلە‌ن تراكادىدا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلاتتى،‏ ئۇ‌لارنىڭ تۇ‌نجى بالىسى تۇ‌غۇ‌لغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لار بۇ جامائە‌تتە قېلىشنى قارار قىلغان ئىدى.‏ ئۇ‌لار كىچىك بالىسىنى بېقىشقا كۆڭۈل بۆلۇ‌ۋاتقان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئىمان-‏ئېتىقادى،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تتىكى قىزغىنلىقى ئە‌ر-‏ئايال ئىككىمىزگە كۆپ ئىلھام بە‌ردى.‏

قە‌يە‌ردە ئېھتىياج بولسا،‏ شۇ يە‌ردە خىزمە‌ت قىلىپ،‏ خۇ‌شاللىق تاپتۇ‌ق

تۇ‌نجى قېتىم زىيارە‌ت خىزمىتىنى باشلىغان چاغدىكى قىش پە‌سلى

بىز تراكادادا ئىككى يىل پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولغاندىن كېيىن،‏ ئويلىمىغان يە‌ردىن يە‌نە بىر قېتىم ھە‌يران قالارلىق بىر تە‌كلىپ تاپشۇ‌رۇ‌ۋالدۇ‌ق.‏ بىزنى ئىنگىلىز تىلى جامائە‌تلىرىنى زىيارە‌ت قىلىش خىزمىتىگە تە‌يىنلىدى.‏ بىز ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان جامائە‌تلە‌ر ئارىسىدا يە‌تتە يىل خىزمە‌ت قىلغاندىن كېيىن،‏ كۋېبېكتىكى فرانسۇ‌ز تىلى جامائە‌تلىرىنى زىيارە‌ت قىلىش خىزمىتىگە ئە‌ۋە‌تىلدۇ‌ق.‏ بىزنىڭ كۋېبېكتىكى دائىرىگە مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال لېونسې كرېپولت ئېيتقان نۇ‌تۇ‌قلىرىم ئۈچۈن ماختىدى.‏ ئە‌مما،‏ كېيىن ئۇ ھە‌مىشە «قانداق قىلغاندا،‏ ئۇ‌لار تېخىمۇ ئە‌مە‌لىي قوللىنىشچان بولىدۇ؟‏»‏ b دە‌پ سورايتتى.‏ ئۇ‌نىڭ ماڭا شە‌خسە‌ن كۆڭۈل بۆلۈشى بىلە‌ن،‏ تېخىمۇ ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك تە‌لىم بېرىشكە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌شنى ئۆگە‌ندىم.‏

ئە‌ڭ ئۇ‌نتۇ‌لغۇ‌سىز ۋە‌زىپىلىرىمدىن بىرى،‏ 1978-‏يىلى،‏ مونترېالدا ئۆتكۈزۈلگە‌ن «غە‌لبە قازاندۇ‌رغۇ‌چى ئېتىقاد» ناملىق خە‌لقئارالىق چوڭ يىغىلىشتا ماڭا تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىش ئىدى.‏ مە‌ن يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك تە‌مىنلە‌ش خىزمىتىنى قىلدىم.‏ بىز 000،‏80 ئادە‌م ئۈچۈن مۇ‌لازىمە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌كتى.‏ يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن يېڭى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌ش يولغا قويۇ‌لغان بولۇ‌پ،‏ ھە‌ممىسى پۈتۈنلە‌ي يېڭى ئىدى:‏ ئۈسكۈنىلە‌ر،‏ تاماق تىزىملىكى ۋە تە‌ييارلىق ئۇ‌سۇ‌لى.‏ بىزدە 20چە چوڭ توڭلاتقۇ بار بولۇ‌پ،‏ بە‌زىدە ئۇ‌لار ئىشلىمە‌ي قالاتتى.‏ تە‌نتە‌ربىيە مۇ‌سابىقە پائالىيىتى سە‌ۋە‌بلىك،‏ مە‌يدانغا كىرە‌لمىگە‌چ،‏ بىرىنچى كۈنى باشلىنىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ يېرىم كېچىگىچە تە‌ييارلىق قىلىشنى باشلىيالمىدۇ‌ق.‏ تاڭ ئېتىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ناشتىلىق تە‌ييارلاش ئۈچۈن دوخوپكىلارنى قىزىتىشنى باشلىشىمىز كېرە‌ك ئىدى!‏ بىز ھېرىپ ھالىمىزدىن كە‌تتۇ‌ق،‏ ئە‌مما جاپادىن قورمايدىغان،‏ ئىماندا پىشىپ يېتىلگە‌ن ۋە يۇ‌مۇ‌رىستىك قېرىنداشلاردىن نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌ندىم.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن ھازىرغىچە دوستلۇ‌قىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ.‏ بۇ كۋېبېكتا ئۆتكۈزۈلگە‌ن تارىخى بىر چوڭ يىغىلىش بولدى،‏ ھە‌ممىمىز شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمدۇ‌ق!‏ چۈنكى،‏ بۇ ئۆلكىدە 1940—‏1950-‏يىللار ئارىسىدا،‏ كۆپلىگە‌ن زىيانكە‌شلىكلە‌رنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن ئىدۇ‌ق

1985-‏يىلى،‏ راندى ئىككىمىز چوڭ يىغىلىشنىڭ تە‌ييارلىق ئىشلىرىغا ياردە‌م بېرىۋاتقاندا

مونترېالدىكى چوڭ يىغىلىشتىن باشقا رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللاردىن نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌ندىم.‏ بىر يىلى،‏ ھازىر يېتە‌كچى كېڭە‌شتە خىزمە‌ت قىلىۋاتقان دېيۋىد سىپلان چوڭ يىغىلىشقا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال ئىدى.‏ كېيىنكى بىر چوڭ يىغىلىش ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌ش خىزمىتىگە مېنى مە‌سئۇ‌ل قىلىپ تە‌يىنلىدى.‏ ئە‌مما،‏ دېيۋىد خىزمىتىمگە ھە‌مكارلاشتى.‏

راندى ئىككىمىز جامائە‌تنى زىيارە‌ت قىلىش خىزمىتىنى 36 يىل داۋام قىلغاندىن كېيىن،‏ مېنى جامائە‌ت ئاقساقاللىرىنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌تقۇ‌چى بولۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلدى.‏ بىز ئىككى يىل ئىچىدە ئوخشىمىغان 75 كارىۋاتتا ئۇ‌خلىدۇ‌ق،‏ ئە‌مما ھە‌ر بىر قۇ‌ربانلىقنى بېرىشكە ئە‌رزىيدۇ.‏ ھە‌ر ھە‌پتىنىڭ ئاخىرىدا،‏ ئاقساقاللار ئىنتايىن مىننە‌تدار بولاتتى.‏ چۈنكى،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئاقساقاللارنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆردى.‏

كېيىن،‏ پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىنى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلىرىنى تە‌ربىيلە‌ش مە‌كتىپىدە دە‌رس بە‌ردىم.‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىلار ھە‌مىشە چارچاش ھېس قىلىپ قالماي،‏ غە‌م-‏تە‌شۋىش ھە‌م قىلاتتى:‏ كۈندە يە‌تتە سائە‌ت ئە‌تراپىدا دە‌رستە ئولتۇ‌رۇ‌ش،‏ ھە‌ر كۈنى كە‌چتە ئۈچ سائە‌ت تاپشۇ‌رۇ‌ق ئىشلە‌ش،‏ ھە‌پتىدە تۆت ياكى بە‌ش تاپشۇ‌رۇ‌قنى ئورۇ‌نداش.‏ باشقا ئوقۇ‌تقۇ‌چى بىلە‌ن مە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بولمىسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈردۇ‌ق.‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىلار يە‌ھۋاغا تايىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرى ئويلىغاندىنمۇ كۆپ نە‌تىجىگە ئېرىشە‌لىگە‌نلىكىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لار قانچىلىك ھە‌يران قالغانلىقىنى ھە‌ردائىم ئېسىمدىن چىقارمايمە‌ن.‏

باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۆمۈرلۈك بە‌رىكە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلىدۇ

ئاپامنىڭ باشقىلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلە‌تتى،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغانلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ياردە‌م بېرىپ قالماي،‏ ھە‌تتا دادامنىڭ ھە‌قىقە‌تكە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌نىدى.‏ ئاپام ۋاپات بولۇ‌پ ئۈچ كۈندىن كېيىن،‏ دادام جامائە‌ت يىغىلىشىغا كېلىپ،‏ ئاممىۋى نۇ‌تۇ‌قنى ئاڭلىدى،‏ بۇ بىزنى بە‌ك ھە‌يران قالدۇ‌ردى.‏ ئۇ كېيىنكى 26 يىلدا،‏ داۋاملىق ئىبادە‌ت يىغىلىشىغا قاتناشتى.‏ گە‌رچە دادام چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمىگە‌ئىن بولىسمۇ،‏ ئاقساقاللار ماڭا ئۇ‌نىڭ ھە‌ر ھە‌پتە يىغىلىشىلارغا بىرىنچى بولۇ‌پ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.‏

ئاپامنىڭ ئۈلگىسى ماڭا ۋە ئۈچ سىڭلىمغا چوڭقۇ‌ر تە‌سىر قالدۇ‌رغانىدى.‏ مېنىڭ ئۈچ سىڭلىم ۋە ئۇ‌لارنىڭ يولداشلىرى يە‌ھۋاغا سادىقلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ ئىككى سىڭلىم تارماق بە‌يتە‌للە‌ردە،‏ يە‌نى بىرى پورتۇ‌گالىيە‌دە،‏ يە‌نە بىرى ھايتىدا خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏

راندى ئىككىمىز ھازىر ئونتارىيونىڭ خامىلتون شە‌ھىرىدە مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىمىز.‏ بىز جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىش خىزمىتىنى قىلىۋاتقان چېغىمىزدا،‏ بىز باشقىلارنىڭ قايتا يوقلاش ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشلىرىگە قاتنىشىپ خۇ‌شال بولاتتۇ‌ق.‏ ئە‌مما،‏ ھازىر بىز،‏ ئۆزىمىز بىلە‌ن تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ يە‌ھۋانى سۆيۈشنى ئۆگە‌نگە‌نلىكىنى كۆرۈپ خۇ‌شال بولدۇ‌ق.‏ يېڭى جامائىتىمىزدىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌شقا باشلىغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ ياخشى-‏يامان كۈنلە‌ردە ئۇ‌لارنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌نلىكىنى كۆردۇ‌ق،‏ بۇ بىزگە كۆپ ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بە‌ردى.‏

ئارقىمىزغا قارايدىغان بولساق،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنىڭ بىزگە شە‌خسە‌ن كۆڭۈل بۆلگىنى ئۈچۈن چوڭقۇ‌ر مىننە‌تدارمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىزمۇ باشقىلارغا سە‌مىمىي كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ئۇ‌لارنى ئۆزىدە بار بولغان ئە‌ڭ ياخشىسىنى يە‌ھۋاغا بېرىشكە ئىلھاملاندۇ‌ردۇ‌ق (‏2-‏كورىنت.‏ 7:‏6،‏ 7‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر ئائىلىدە ئانا،‏ ئوغۇ‌ل،‏ قىز ئۈچ كىشى تولۇ‌پ ۋاقىت يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلاتتى.‏ مە‌ن ئائىلە بېشى بولغان بۇ‌رادە‌ردىن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شنى ئويلاپ باققانمۇ؟‏ دە‌پ سورىدىم.‏ ئۇ جاۋاب بېرىپ،‏ ئائىلىسىدىكى ئۈچ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭدىن،‏ «ئۇ‌لارنى يە‌ھۋادىن ياخشىراق قوللىيامسىز؟‏» دە‌پ سورىدىم.‏ مە‌ن ئۇ‌نى ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌ر ھۇ‌زۇ‌رلىنىۋاتقان نە‌رسىلە‌ردىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىشقا ئىلھاملاندۇ‌ردۇ‌م.‏ ئۇ ئالتە ئايدىن كېيىن،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولدى.‏

راندى ئىككىمىز يە‌ھۋانىڭ «ئېسىل ئە‌سە‌رلىرى» توغرىسىدا داۋاملىق «كېيىنكى ئە‌ۋلادلارغا سۆزلە‌يمىز»،‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌لازىمىتىدىن بىزدە‌ك بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌شىنى ئۈمىد قىلىمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 71:‏17،‏ 18‏.‏

a ھازىر «ھاياتىمىز ۋە خىزمىتىمىز» يىغىلىشىغا جاۋابكار ئاقساقال دە‌پ ئاتىلىدۇ.‏

b لېونسې كرېپولنىڭ تە‌رجىمھالىنى،‏ كۈزىتىش مۇ‌نارى 2020-‏يىل،‏ 2-‏ئاي سانى،‏ 26-‏بە‌تتىن 30-‏بە‌تتىن ئوقۇ‌ڭ.‏