مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرى

بىرىنچى نۆۋە‌تتە نېمىنى تە‌تقىق قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئويلاڭ

ھە‌ممىمىزنىڭ شە‌خسىي ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋاقتىمىز قىس بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭا ئۆگىنىش ۋاقتىمىزنى ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ بىرىنچىدىن،‏ ئوقۇ‌ۋاتقان نە‌رسىلىرىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاش ئۈچۈن يېتە‌رلىك ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ ئالدىراپ جىق مە‌لۇ‌مات ئوقۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئاز مە‌لۇ‌مات بولسىمۇ،‏ دىققە‌ت بىلە‌ن ئوقۇ‌ش ياخشى.‏

كېيىن بىرىنچى نۆۋە‌تتە نېمە ئوقۇ‌يدىغانلىقىڭىزنى قارار قىلىڭ (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏15،‏ 16‏)‏.‏ كە‌لتۈرۈلگە‌ن بىرنە‌چچە مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌ڭ (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏2‏)‏.‏ ئىش دە‌پتىرىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش جە‌دۋىلى بويىچە ئوقۇ‌ڭ.‏

  • بىرىنچى نۆۋە‌تتە «كۈزىتىش مۇ‌نارى»غا ۋە ھە‌پتە ئوتتۇ‌رىسىدىكى يىغىلىشقا تە‌ييارلىق قىلىپ،‏ جاۋابلارنى تە‌ييارلاشقا تىرىشىڭ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 22:‏22‏.‏

  • شۇ‌نداقلا jw.org تور بېكىتىمىزدە نە‌شىر قىلىنىپ تۇ‌رىدىغان فىلىملە‌رنى كۆرۈپ،‏ ئاممىۋىي ژۇ‌رناللار ۋە باشقا نە‌شىرلە‌رنى ئوقۇ‌ش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشقا تىرىشىڭ.‏

  • سىز ئۈچۈن قىزىق بولىدىغان ماۋزۇ‌لارنى تە‌تقىق قىلىڭ.‏ بە‌لكىم،‏ بىر ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لدىڭىز ياكى قانداقتۇ بىر سوئاللىرىڭىز بار،‏ ياكى بولمىسا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زى تە‌لىملىرىنى ياخشىراق چۈشىنىشنى خالايسىز.‏ jw.org تور بېكىتىمىزدىكى «‏تە‌تقىق قىلىش تاپشۇ‌رمىلىرى‏» دېگە‌ن يە‌ردىن بە‌زى ماۋزۇ‌لارنى تاپالايسىز.‏