29-تەتقىق ماقالىسى
دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتكە تەييارمۇسىز؟
«تەييار تۇرۇڭلار»—مەتتا 24:44.
49-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ پاناھگاھىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. نېمە ئۈچۈن بالايىئاپەتلەرگە تەييارلىق قىلىشنى دانالىق دەيمىز؟
ئەگەر بىز ھەرقاچان تەييار تۇرغان بولساق، بۇ ھاياتىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ. مەسىلەن، بالايىئاپەت يۈز بەرگەندە، ئۇنىڭغا ئالدىن تەييارلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ ھايات قېلىشى ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ. ياۋرۇپادىكى بىر ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتى شۇنداق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان: «پۇختا تەييارلىق قىلىش كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ جانلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ».
2. نېمە ئۈچۈن دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتكە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك؟ (مەتتا 24:44)
2 «دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت» تۇيۇقسىزلا باشلىنىدۇ (مەتتا 24:21). باشقا نۇرغۇنلىغان بالايىئاپەت بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ ئاپەتنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار. 2000 يىل ئىلگىرى، ئەيسا مەسىھ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى ئاشۇ كۈنگە تەييار تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغان (مەتتا 24:44-نى ئوقۇڭ). ئەگەر بىز پۇختا تەييارلىق قىلساق، ئۇ قىيىن كۈندىن ئۆتۈشىمىز ۋە باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىغا ياردەم بېرىشىمىز ئاسانراق بولىدۇ.—لۇقا 21:36.
3. چىدامچانلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەت دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتكە تەييار بولۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
3 دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتكە تەييار بولۇشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدىغان ئۈچ پەزىلەتنى كۆرۈپ باقايلى. ئەگەر بىز قاتتىق زەربە بېرىدىغان ھۆكۈم خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلساق، قانداق ئىنكاس قايتۇرىمىز؟ (ۋەھىي. 16:21) يەھۋانىڭ بىزنى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن چىدامچان بولۇشىمىز كېرەك. ئەگەر قېرىنداشلىرىمىز پۈتكۈل مال-مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا، قانداق قىلىمىز؟ (ھاباق. 3:17، 18) بىز ئۇلارغا كۆيۈمچان بولۇپ، ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى تەمىنلەشكە كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم. دۆلەتلەر ئىتتىپاقى ھۇجۇم قىلغاندا، بىر مەزگىل قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىر جايدا ياشاشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىمىز؟ (ھەزەك. 38:10–12). بۇ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن، قېرىنداشلارغا بولغان كۈچلۈك سۆيگۈ-مۇھەببەتكە مۇھتاج بولىمىز.
4. مۇقەددەس كىتاب داۋاملىق چىدامچانلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى قانداق كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟
4 خۇدانىڭ سۆزى سىزنى داۋاملىق چىدامچان، كۆيۈمچان ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. لۇقا 21:19-ئايەتتە مۇنداق يېزىلغان: «سەۋر-تاقەتلىك بولساڭلار، جېنىڭلار ساقلاپ قالىسىلەر». كولوسىلىقلار 3:12-ئايەتتە بولسا: «مېھىر-شەپقەت، . . . ئوخشاش پەزىلەتلەر بىلەن كىيىنىڭلار»،— دەپ يېزىلغان. 1-سالونىكالىقلار 4:9، 10-ئايەتلەردە مۇنداق سۆزلەر بار: «سىلەر ئۆزۈڭلار بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈشنى خۇدادىن ئۆگەنگەنسىلەر. . . . شۇنداقتىمۇ، قېرىنداشلار، بىز سىلەرنى داۋاملىق ۋە تېخىمۇ كۆپرەك شۇنداق قىلىشقا ئۈندەيمىز». بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللىقاچان چىدامچان، كۆيۈمچان ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن شاگىرتلارغا قارىتىلغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار بۇ پەزىلەتلەرنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈشى زۆرۈر ئىدى. بىزمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئاشۇ ھەر بىر پەزىلەتنى قانداق نامايان قىلغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىش شۇنداق قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئاندىن ئاشۇ شاگىرتلارنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرىمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتكە تەييار تۇرغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايمىز.
چىدامچانلىقىڭىزنى كۈچەيتىڭ
5. بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى سىناقلاردا قانداق چىدامچانلىق كۆرسەتكەن؟
5 بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى چىدامچان بولۇشى كېرەك ئىدى (ئىبرانىي. 10:36). ئۇلار بارلىق كىشىلەر دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ قالماي، باشقا قوشۇمچە سىناقلارغىمۇ دۇچ كەلگەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت يەھۇدىي دىنىي رەھبەرلىرى ۋە رىم ھۆكۈمىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭمۇ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان (مەتتا 10:21). جامائەت ئىچىدە، ئۇلار بەزىدە ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگەنلەرنىڭ تەسىرى ۋە بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان تەلىملىرى بىلەن كۈرەش قىلىشقا توغرا كەلگەن (ئەلچى. 20:29، 30). شۇنداقتىمۇ، ئاشۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى چىدامچانلىق كۆرسەتكەن (ۋەھىي. 2:3). ئۇلار ئايۇپقا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ چىدامچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدىكى مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئۈلگىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانغان (ياقۇپ 5:10، 11). ئۇلار كۈچ-قۇۋۋەت سوراپ دۇئا قىلغان (ئەلچى. 4:29–31). ئەگەر ئۇلار چىدامچانلىق كۆرسەتسە، يەھۋانىڭ ئۇلارنى مۇكاپاتسىز قويمايدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارمىغان.—ئەلچى. 5:41.
6. مېرىتانىڭ قارشىلىققا بەرداشلىق بەرگىنىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
6 بىز دائىم خۇدا سۆزىدىكى ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلانغان نەشرىي ماتېرىياللىرىمىزدىكى چىدامچان بولۇشتا ئۈلگە قالدۇرغانلارنىڭ مىساللىرىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنسەك، ئۇلار ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانساق، بىزمۇ چىدامچان بولالايمىز. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئالبانىيەدىكى مېرىتا ئىسىملىك قېرىنداش ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا بەرداشلىق بېرەلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئايۇپ توغرىسىدىكى ئۈزۈندىلەرنى ئۆگەنگىنىمدە ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ئۇ شۇنچە كۆپ جاپالارنى چەككەن. ئەمما، بۇ سىناقلار كىمدىن كەلگەنلىكىنى بىلمىگەن. ئۇ: ‹تاكى ئۆلگىچە، مەن توغرىلىقىمدىن ۋاز كەچمەيمەن›،— دېگەن (ئايۇپ 27:5). ئايۇپنىڭ دۇچ كەلگەن شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىقلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، مېنىڭ قىيىنچىلىقىم ھېچنېمە ئەمەسلىكىنى ئويلىدىم. ئايۇپتىن پەرقلىق يېرى، مەن قىيىنچىلىقلىرىمنى كىم پەيدا قىلغانلىقىنى بىلىمەن».
7. گەرچە ھازىر ئېغىر بىر سىناققا دۇچ كەلمىسەكمۇ، چوقۇم نېمە قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟
7 بىز يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، دائىم ئۆز غەم-ئەندىشىلىرىمىز توغرۇلۇق ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق چىدامچانلىقىمىزنى كۈچەيتەلەيمىز (فىلىپى. 4:6؛ 1-سالونىكا. 5:17). سىز بەلكىم ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئېغىر سىناققا دۇچ كەلمىگەنسىز. شۇنداق بولسىمۇ، كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا، قايمۇقۇپ نېمە قىلىشنى بىلمەي قالغاندا ياكى بېسىم ھېس قىلغاندا، خۇدادىن كۆرسەتمە سورامسىز؟ ئەگەر ھازىر كۈندىلىك تۇرمۇشتا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ئۈچۈن دائىم خۇدادىن ياردەم سورىسىڭىز. كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭراق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ھېچ ئىككىلەنمەيلا، ئۇنىڭدىن ياردەم سورايسىز. شۇندىلا، ئۇنىڭ قاچان ۋە قانداق سىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولىدۇ.—زەبۇر 27:1، 3.
8. بۈگۈنكى كۈندە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشنىڭ كەلگۈسىدىكى سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى مىرانىڭ مىسالى قانداق كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟ (ياقۇپ 1:2–4) (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
8 بۈگۈنكى كۈندە سىناقلارغا بەرداشلىق بەرسەك، كەلگۈسىدىكى دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتكە بەرداشلىق بېرەلىشىمىز مۇمكىن (رىملىقلار 5:3). نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېيەلەيمىز؟ نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ھەر قېتىم ئېغىر ۋەزىيەتنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ يەنە باشقا ئېغىر سىناققا بەرداشلىق بېرەلىگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن. چىدامچانلىق ئۇلارنى تاۋلىغان ۋە ئۇلارنىڭ يەھۋانىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتكەن. ئۇلار يەھۋاغا ئىشەنگەچ، كېيىنكى سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ (ياقۇپ 1:2–4-نى ئوقۇڭ). ئالبانىيەدىكى مىرا ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەن كەچۈرمىشلىرى ھازىر ئۇنىڭ داۋاملىق قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە ياردەم قىلغانلىقىنى بايقىغان. بەزىدە ئۇ شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا پەقەت ئۆزىلا دۇچ كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما، ئۇ كېيىنرەك يەھۋانىڭ 20 يىلدىن بۇيان، ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن قانچىلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئەسلەپ، ئۆز-ئۆزىگە شۇنداق دېگەن: «داۋاملىق سادىق بولۇپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى ھەرگىز توختاتما! چۈنكى، ئۇ سېنىڭ شۇنچە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىڭگە ياردەم بەردى». سىزمۇ داۋاملىق بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن، يەھۋانىڭ سىزگە قانداق ياردەملەرنى بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇ سىزنىڭ ھەر قېتىم سىناققا چىدامچانلىق بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭىزنى كۆرىدىغانلىقىغا ۋە سىزنىمۇ مۇكاپاتلايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ (مەتتا 5:10–12). شۇنداق بولغاندا، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت باشلانغاندا، سىز قانداق بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىسىز ۋە داۋاملىق چىدامچان بولۇشقا قەتئىي بەل باغلايسىز.
كۆيۈمچان بولۇڭ
9. سۈرىيەنىڭ ئانتاكيا شەھىرىدىكى جامائەت قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
9 يەھۇدىيەدىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئېغىر ئاچارچىلىق ئاپىتىنى باشتىن كەچۈرگەندە، نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. سۈرىيەنىڭ ئانتاكيادىكى جامائەت ئاچارچىلىق ھەققىدە ئاڭلىغاندا، ئۇلار شەك-شۈبھىسىزكى يەھۇدىيەدىكى قېرىنداشلارغا ھېسداشلىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار قېرىنداشلىرىغا كۆيۈنۈپ، ياردەم قولىنى سۇنغان. «شاگىرتلار ھەربىرى ئۆز ئىمكانىيىتىگە قاراپ، يەھۇدىيەدە ياشايدىغان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئەۋەتىشنى قارار» قىلغان. (ئەلچى. 11:27–30). گەرچە ئاچارچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرى ئۇلاردىن يىراقتا ياشىغان بولسىمۇ، ئەمما ئانتاكىيادىكى ئېتىقادچىلار ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان.—1-يۇھاننا 3:17، 18.
10. ئېتىقادچى قېرىنداشلار بالايىئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، قايسى يوللار بىلەن ئۇلارغا كۆيۈمچانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
10 بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ بالايىئاپەتتە زىيانغا ئۇچرىغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا كۆيۈمچانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. بەلكىم، بىز ئاقساقاللاردىن سوراپ، دۇنيا يۈزلۈك ئىش-پائالىيىتىمىزگە ئىئانە بېرىش، ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش ئارقىلىق دەرھال ياردەم قولىمىزنى سۇنالايمىز b (پەند. نە 17:17). 2020-يىلىدا، پۈتۈن دۇنيادا 950دىن كۆپرەك ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش كومىتېتى تەشكىللەنگەن. ئۇلار COVID-19 يۇقۇملۇق ۋىرۇسىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بەرگەن. ئاشۇ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان قېرىنداشلارغا ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. ئۇلار قېرىنداشلارغا كۆيۈنۈپ، زۆرۈر نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بەردى ۋە ئۇلارنىڭ داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بەردى. بەزى ۋەزىيەتلەردە قېرىنداشلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ئىبادەت قىلىدىغان جايلىرىنى رېمونت قىلدى ياكى قايتا ياساپ چىقتى.—2-كورىنتلىقلار 8:1–4-نى سېلىشتۇرۇڭ.
11. كۆيۈمچانلىقىمىز ئەرشتىكى ئاتىمىزغا قانداق شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ؟
11 ئاپەتتىن كېيىن، بىز كۆيۈمچانلىقىمىزنى كۆرسەتسەك، باشقىلار بەرگەن قۇربانلىقلىرىمىزغا دىققەت قىلىدۇ. مەسىلەن، 2019-يىلى، دورىيان ناملىق قارا بولغان باخاما ئارالىدىكى بىر ئىبادەت يىغىلىش زالىنى ۋەيران قىلغان. قېرىنىداشلىرىمىز زالنى قايتا ياساۋاتقاندا، گۇۋاھچى ئەمەس بىر قۇرۇلۇش ھۆدىگىرى بىلەن بەزى ئىشلارنى توختاملاشقان. ئاشۇ كىشى قېرىنداشلارغا مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارغا كۆرسەتكەن كۆيۈمچانلىقىڭلاردىن قاتتىق تەسىرلەندىم. سىلەرنىڭ تەشكىلاتقا ئىئانە قىلىشنى خالايمەن. قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىدىغان قورال-سايمانلار، ئەمگەكچى ۋە ماتېرىياللارنى سىلەرگە ئىئانە قىلىمەن». بۇ دۇنيادا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يەھۋانى تونۇمايدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى كۈزىتىدۇ. كۆيۈمچانلىقىمىز باشقىلارنى يەھۋا ھەققىدە بىلىشكە قىزىقتۇرىدىغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولىمىز.—ئەفەس. 2:4.
12. بۈگۈنكى كۈندە كۆيۈمچانلىقنى يېتىلدۈرۈش بىزنى دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتكە قانداق تەييارلايدۇ؟ (ۋەھىيلەر 13:16، 17)
12 نېمە ئۈچۈن دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە بىر-بىرىمىزگە كۆيۈمچان بولۇشىمىز كېرەك؟ مۇقەددەس كىتابتا، مۇشۇ دۇنيانىڭ سىياسىي ھۆكۈمەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىمىگەنلەر بۈگۈنكى كۈندە ۋە كېلەچەكتىكى دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ئېنىق تەكىتلەنگەن (ۋەھىيلەر 13:16، 17-نى ئوقۇڭ). قېرىنداشلىرىمىز تۇرمۇشىنى قامداشقا ئۈچۈن ياردەمگە مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن. پادىشاھىمىز ئەيسا مەسىھ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشقا كەلگەندە، ئۆزئارا كۆيۈمچان بولغانلىقىمىزنى كۆرسە، ئۇ بىزنى پادىشاھلىقىغا ۋارىس بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ.—مەتتا 25:34–40.
سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كۈچەيتىڭ
13. رىملىقلار 15:7-ئايەتتە كۆرسىتىلگەندەك، دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى مۇھەببەت رىشتىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟
13 ھەممە كىشى بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلگەن. بىراق، ئۇلارنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشى ئاسانغا بولغانمۇ؟ رىمدىكى جامائەتتە پەرقلىق قېرىنداشلارنىڭ بولغانلىقىنى ئويلاپ كۆرەيلى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇپ چوڭ بولغان يەھۇدىيلار ۋە تۈرلۈك مىللەتتىن كەلگەن يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن كىشىلەرمۇ بار ئىدى. بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى، بەلكىم قۇللار ياكى ئەركىن كىشىلەر، ھەتتا قۇل ئېگىلىرى بولغان. ئاشۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدىكى پەرقلەرگە قارىماي، بىر-بىرىگە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟ ئەلچى پاۋلۇس ئۇلارنى بىر-بىرىنى «قوبۇل قىلىشقا» دەۋەت قىلغان (رىملىقلار 15:7-نى ئوقۇڭ). ئۇ نېمە دېمەكچى بولغان؟ «قوبۇل قىلىش» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز، بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ياكى دوست-يارەنلەر ئارىسىدا، مېھرىبانلىق ياكى مېھماندوستلۇق كۆرسىتىپ، بىرىنى قوبۇل قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، پاۋلۇس فىلىمۇنغا، قېچىپ كەتكەن قۇلى ئونېسىمۇسنى «مېھرىبانلىق بىلەن قوبۇل قىلغىن» دېگەنىدى (فىلىمۇن 17). پرىسكىلا بىلەن ئاكىلا، مەسىھ ھەققىدە ئۆزلىرىدىن بىلىمى ئازراق بولغان ئاپوللوسنى قوبۇل قىلىپ، سەپىرىدە ئۇنى ئۆزلىرىگە ھەمراھ قىلىۋالغان (ئەلچى. 18:26). ئاشۇ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى پەرقلەرنىڭ ئۆزلىرى ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلىشىغا يول قويماي، ئەكسىچە بىر-بىرىنى قىزغىن قارشى ئالغان.
14. ئاننا ۋە ئېرى سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى قانداق ئىپادىلىدى؟
14 بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز. شۇنداق بولغاندا، ئۇلارمۇ ھەردائىم بىزگە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ (2-كورىنت. 6:11–13). ئاننا ۋە ئېرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇلار يېڭىلا غەربىي ئافرىقىدا مىسسىئونېرلىق خىزمىتىنى باشلاپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا، COVID-19 تارقىلىشچان ۋىرۇسى باشلىنىپ كەتكەن. ئۇلار يېڭى كەلگەچ، جامائەتتىكى باشقىلار بىلەن يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشەلمىگەن. بۇ بىر جۈپلەر ئۆزلىرىنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى قانداق ئىپادىلىگەن؟ ئۇلار ۋىدىئولۇق ئۇلىنىشى ئارقىلىق بۇ يەردىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلار بىلەن تېخىمۇ ياخشىراق ئارىلاشماقچى بولغان. جامائەتتىكى قېرىنداشلار دائىم تېلېفون قىلىش ۋە ئۇچۇرلار ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرغان. بۇ مىسسىئونېرلار نېمە ئۈچۈن جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن تونۇشۇشقا تىرىشقان؟ ئاننا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ياخشى-يامان كۈنلەردە، ماڭا ۋە ئائىلەمدىكىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن قېرىنداشلىرىمنى ھەرگىز ئۇنتالمايمەن. ئۇلارنىڭ ئۈلگىلىرى مېنىمۇ سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلدى».
15. بارلىق قېرىنداشلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسەتكەن ۋانېسسانىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
15 كۆپىنچىلىرىمىز ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ھەرخىل مىجەز-خۇلققا ئىگە قېرىنداشلاردىن تەشكىل تاپقان جامائەتلەردە خىزمەت قىلىمىز. بىز قېرىنداشلارنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرىگە دىققەت ئاغدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۈچەيتەلەيمىز. يېڭى زېلاندىيەدە خىزمەت قىلىدىغان ۋانېسسا ئىسىملىك قېرىنداش ئىلگىرى جامائىتىدىكى بەزى قېرىنداشلىرى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنى تەس كۆرگەن. ئەمما، ئۇ كېيىن مىجەز-خۇلقى ئۆزىنى تېرىكتۈرىدىغان كىشىلەردىن يىراقلىشىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلار بىلەن كۆپرەك بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. ئۇ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق، يەھۋانىڭ ئۇلارنىڭ قايسى تەرەپلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئېرىم رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ، خىزمەت قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، بىز ئوخشىمىغان مىجەز-خۇلقى بار قېرىنداشلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزدۇق ۋە ئۇلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنىڭ ئاسان ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ھازىر پەرقلىق قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرىمەن. ناھايىتى ئېنىقكى، يەھۋامۇ شۇنداق ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزى بىزنى شۇنداق پەرقلىق كىشىلەرنىڭ توپىغا جەلپ قىلغان». بىز باشقىلارنى يەھۋانىڭ كۆز قارشى بىلەن كۆرۈشنى ئۆگەنسەك، ئۇلارنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.—2-كورىنت. 8:24.
16. نېمە ئۈچۈن دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىش بەك مۇھىم؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
16 دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە بىر-بىرىمىزگە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىش ئىنتايىن مۇھىم. ئاشۇ چوڭ بالايىئاپەت باشلانغاندا، يەھۋا بىزنى قانداق ھىمايە قىلىدۇ؟ قەدىمقى زاماندا بابىلونلۇقلار ھۇجۇم قىلغاندا، يەھۋا ئۆز خەلقىگە نېمە قىلىشنى بۇيرۇغانلىقىنى ئويلاپ كۆرەيلى. ئۇ شۇنداق دېگەن: «ئەي خەلقىم، ئىچكىرى ھۇجرا ئۆيۈڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، ئىشىكلىرىڭلارنى تاقاپ قويۇڭلار. غەزەپ ئۆتۈپ كەتكەنگە قەدەر بىرئاز يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار» (يەشايا 26:20). قارىماققا، مۇشۇ سۆزلەر دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتكە دۇچ كېلىدىغان بىزلەر ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ‹ئىچكىرى ھۇجرا ئۆي› بەلكىم جامائەتلىرىمىزنى كۆرسىتىدۇ. دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە، بىز ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا قوشۇلساق، يەھۋا ۋەدە قىلغان ھىمايىگە ئېرىشىمىز. شۇڭا، چوقۇم قېرىنداشلىرىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە داۋاملىق تىرىشىشىمىز كېرەك. قۇتقۇزۇلۇپ قېلىشىمىز دەل مۇشۇنىڭغا باغلىق بولۇشى مۇمكىن!
ھازىرنىڭ ئۆزىدە تەييارلىق قىلىڭ
17. ئەگەر ھازىرنىڭ ئۆزىدە تەييارلىق قىلساق، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە نېمە قىلالايمىز؟
17 يەھۋانىڭ چوڭ كۈنى بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن بىر ۋاقىت بولىدۇ (زەف. 1:14، 15). يەھۋانىڭ خەلقىمۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئەمما، بىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە تەييارلىق قىلساق، تىنچ-خاتىرجەم بولۇپ، باشقىلارغا ياردەم بېرەلەيمىز. كېلەچەكتە دۇچ كېلىدىغان ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارغا چىدامچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرىمىز. قېرىنداشلىرىمىز ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىدە، كۆيۈمچان بولۇپ، ئۇلارغا ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى تەمىنلەپ بېرىش ئارقىلىق، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قولىمىزنى سۇنىمىز. ھازىرنىڭ ئۆزىدە قېرىنداشلىرىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگەنسەك، كېلەچەكتىمۇ شۇنداق قىلىمىز. شۇندىلا، كېلەچەكتە بارچە بالايىئاپەتلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدىغان يېڭى دۇنيادا، يەھۋا بىزنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.—يەشايا 65:17.
24-ناخشا كۆزۈڭ بولسۇن مۇكاپاتتا!
a دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت يېقىندا باشلىنىدۇ. چىدامچانلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەت بىزنىڭ پات-ئارىدا يۈز بېرىدىغان، ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ئىشلارغا تەييارلىق قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بىرىنچى ئەسىردىكى دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بۇ پەزىلەتلەرنى قانداق يېتىلدۈرگەنلىكى، بۈگۈنكى كۈندە بىز شۇلارغا ئوخشاش پەزىلەتلەرنى قانداق يېتىلدۈرەلەيدىغانلىقىمىز ۋە بۇ پەزىلەتلەر دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتكە تەييار تۇرۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەم قىلماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن «يەرلىك لايىھىلەش/قۇرۇلۇش پىدائىيلار» ئىلتىماسى (DC-5) ياكى «پىدائىيلار پروگراممىسى» ئىلتىماسىنى (A-19) تولدۇرۇپ، ئاندىن بۇ خىزمەتكە قاتنىشىش تەكلىپىنى كۈتۈشى كېرەك.