مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

30-‏تە‌تقىق ماقالىسى

سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى داۋاملىق كۈچە‌يتىڭ

سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى داۋاملىق كۈچە‌يتىڭ

‏«ھە‌ممە نە‌رسىدە مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن ئۆسۈپ يېتىلە‌يلى»—‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏15‏.‏

138-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ سېنىڭ ئىسىمىڭ

بۇ ماقالىدە a

1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشقا باشلىغاندا،‏ قايسى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى باشلىغان ۋاقىتىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمى بارلىقىنى بىلگىنىڭىزدە،‏ ھە‌يران قالغان بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ سىز خۇ‌دانىڭ كىشىلە‌رنى دوزاخ ئوتىدا ئازابلىمايدىغانلىقىنى بىلگىنىڭىزدە،‏ كۆڭلىڭىز ئورنىغا چۈشكە‌ن.‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىڭىزنى قايتا كۆرۈش ۋە ئۇ‌لار بىلە‌ن يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە ياشاش ئۈمىدى ھە‌ققىدە ئۆگە‌نگىنىڭىزدە،‏ ئىنتايىن ھاياجانلانغان.‏

2.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ندىن كېيىن يە‌نە قانداق ئىلگىرىلە‌شلە‌رنى قىلدىڭىز؟‏ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏1،‏ 2‏)‏

2 خۇ‌دانىڭ سۆزىنى قانچە كۆپ تە‌تقىق قىلغانسېرى،‏ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز شۇ‌نچە چوڭقۇ‌رلاشتى.‏ ئاشۇ مۇ‌ھە‌ببە‌ت سىزنى ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى ھاياتىڭىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا ئاساسە‌ن تېخىمۇ ياخشىراق قارارلارنى چىقاردىڭىز.‏ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالىغاچقا،‏ كۆز قاراشلىرىڭىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭىزنى ئۆزگە‌رتتىڭىز.‏ خۇ‌ددى بىر بالا ئۆزىنىڭ كۆيۈمچان ئاتا-‏ئانىسىنى ئۈلگە قىلغانغا ئوخشاش،‏ سىزمۇ ئاسماندىكى ئاتىمىزنى ئۈلگە قىلىشقا باشلىدىڭىز‏.‏—‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن قانداق سوئاللارنى سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ؟‏

3 ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ:‏ «مېنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىم دە‌سلە‌پتە مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا كۈچلۈكمۇ؟‏ مە‌ن سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن بۇ‌يان،‏ ئوي-‏پىكىرىم ۋە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شلىرىمدا،‏ بولۇ‌پمۇ قېرىنداشلىرىمغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشتە يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىمە‌نمۇ؟‏» ئە‌گە‌ر دە‌سلە‌پكى مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە سوۋۇ‌پ كە‌تكە‌ن بولسا،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئۈمىدسىزلە‌نمە‌ڭ.‏ شۇ‌نداق ئىشلار بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىدىمۇ يۈز بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لاردىن ۋاز كە‌چمىگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ بىزدىنمۇ ۋاز كە‌چمە‌يدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 2:‏4،‏ 7‏)‏.‏ ئۇ شۇ‌نى بىلىدۇ‌كى،‏ بىز ھە‌قىقە‌تنى تۇ‌نجى قېتىم ئۆگە‌نگە‌ن چاغدىكى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قايتىدىن ھېس قىلىشنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏

4.‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

4 بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋاغا ۋە باشقىلارغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداق قىلىپ داۋاملىق كۈچە‌يتە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئاندىن كېيىن،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۈچـە‌يتسـە‌ك،‏ قانـداق بـە‌زى بە‌رىكە‌تـلە‌رگە ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.‏

يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى كۈچە‌يتىڭ

5،‏ 6.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ۋە‌ز خىزمىتىدە قانداق قارشىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋە نېمە ئۇ‌نى داۋاملىق يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏

5 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىپ ھاياتىدا قانائە‌ت تاپقان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ نۇ‌رغۇ‌ن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە توغرا كە‌لگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س دائىم ئۇ‌زۇ‌ن سە‌پە‌رگە چىققان ۋە ئاشۇ زامانلاردا سە‌پە‌ر قىلىش ئاسان ئە‌مە‌س ئىدى.‏ ئۇ سە‌پە‌رلىرىدە،‏ بە‌زىدە «دە‌ريالاردا خە‌تە‌رلە‌رگە،‏ بۇ‌لاڭچىلارغا ئۇ‌چراپ خە‌تە‌رلە‌رگە» دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە ئارىلاپ-‏ئارىلاپ قارشى تۇ‌رغۇ‌چىلارنىڭ ئۇ‌رۇ‌پ-‏سوقۇ‌شىغا ئۇ‌چرىغان (‏2-‏كورىنت.‏ 11:‏23–‏27‏)‏.‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلار،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن سە‌مىمىي تىرىشچانلىقلىرىغا ھە‌ردائىم مىننە‌تدارلىق بىلدۈرمىگە‌ن ئىدى.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 10:‏10؛‏ فىلىپى.‏ 4:‏15‏.‏

6 پاۋلۇ‌سنىڭ داۋاملىق يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىغا نېمە ياردە‌م قىلغان؟‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن ۋە ئۆز كە‌چۈرمىشلىرىدىن نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س ئۆزىنى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن (‏رىملىقلار 8:‏38،‏ 39؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 2:‏4،‏ 5‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭمۇ يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتى ئىنتايىن كۈچە‌يگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س داۋاملىق «مۇ‌قە‌ددە‌س كىشىلە‌رگە خىزمە‌ت قىلىپ»،‏ ئۆزىنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈسىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏ئىبرانىي.‏ 6:‏10‏.‏

7.‏ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۈچە‌يتىشنىڭ بىر يولى قايسى؟‏

7 بىز ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈمىزنى كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غىنىڭىزدا،‏ ھە‌ر بىر بۆلە‌ك مە‌زمۇ‌ننىڭ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئاشكارا قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ.‏ ئۆزىڭىزدىن شۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «بۇ ئۈزۈندە،‏ يە‌ھۋانىڭ ماڭا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟‏ ماڭا يە‌ھۋانى سۆيۈش ئۈچۈن قانداق سە‌ۋە‌بلە‌ر بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟‏»‏

8.‏ دۇ‌ئا خۇ‌داغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنىڭ كۈچىيىشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

8 يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۈچە‌يتىشنىڭ يە‌نە بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ دائىم دۇ‌ئادا ئۇ‌نىڭغا ئىچ باغرىمىزنى تۆكۈپ بېرىش (‏زە‌بۇ‌ر 25:‏4،‏ 5‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏21،‏ 22‏)‏.‏ ئاسىيادا ياشايدىغان بىر خانقىز ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىم دە‌سلە‌پتە ئۆگە‌نگە‌ن بىلىمگە ئاساسلانغان ئىدى.‏ كېيىنچە،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئالىرىمغا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىم تېخىمۇ كۈچە‌يدى.‏ بۇ مېنىڭ ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكىمنى ئاشۇ‌ردى»‏ b‏.‏

باشقىلارغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى كۈچە‌يتىڭ

9.‏ تىموتىي ئۆزىنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشتە ئىلگىرىلە‌ۋاتقانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

9 مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌پ بىرقانچە يىلدىن كېيىن،‏ پاۋلۇ‌س تىموتىي ئىسىملىك ياش يىگىت بىلە‌ن تونۇ‌شقان.‏ تىموتىي يە‌ھۋا خۇ‌دانى ۋە ئىنسانلارنى ياخشى كۆرە‌تتى.‏ پاۋلۇ‌س فىلىپىلىكلە‌ر شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يېنىمدا ھال-‏ئە‌ھۋالىڭلارغا ئۇ‌نىڭدە‌ك چىن قە‌لبىدىن كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا بىرى يوق» (‏فىلىپى.‏ 2:‏20‏)‏.‏ مۇ‌شۇ يە‌ردە پاۋلۇ‌س تىموتىينىڭ تە‌شكىللە‌ش ياكى ئاممىۋىي نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىش قابىلىيە‌تلىرى ھە‌ققىدە سۆز قىلمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ پاۋلۇ‌س تىموتىينىڭ قېرىنداشلىرىغا بولغان سۆيگۈسىدىن ئىنتايىن تە‌سىرلە‌نگە‌ن.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ تىموتىي زىيارە‌ت قىلغان جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار ئۇ‌نىڭ كېلىشىنى تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن كۈتكە‌ن.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 4:‏17‏.‏

10.‏ ئاننا ۋە يولدىشى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق ئىپادىلىگە‌ن؟‏

10 بىزمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردە‌م بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدە‌يمىز (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏16‏)‏.‏ ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ن ئاننانىڭ كە‌چۈرمىشلىرىنى ئە‌سلە‌پ كۆرە‌يلى.‏ كۈچلۈك قارا بوراندىن كېيىن ئۇ ۋە يولدىشى بىر گۇ‌ۋاھچىنىڭ ئائىلىسىنى يوقلاپ بارغان ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسى كۈچلۈك بوران-‏چاپقۇ‌ندا ۋە‌يران بولغانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ بۇ ئائىلىدىكى كىشىلە‌رنىڭ پاكىز كىيىملىرى قالمىغان ئىدى.‏ ئاننا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ‌لارنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ بېرىپ يۇ‌يدۇ‌ق،‏ دە‌زماللاپ،‏ چىرايلىق قاتلاپ،‏ ئۇ‌لارغا قايتۇ‌رۇ‌پ بە‌ردۇ‌ق.‏ بۇ بىز ئۈچۈن قىيىن ئىش ئە‌مە‌س ئىدى.‏ شۇ‌نداق قىلغاچ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌پ كە‌تتۇ‌ق.‏ دوستلىقىمىز ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ».‏ ئاننا ۋە يولدىشىنىڭ قېرىنداشلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۇ‌لارنى ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىشكە ئۈندىگە‌ن.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏17،‏ 18‏.‏

11.‏ (‏1)‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىمىز باشقىلارغا قانداق تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏ (‏2)‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 19:‏17-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تسە‌ك،‏ يە‌ھۋا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ؟‏

11 ئە‌گە‌ر باشقىلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە مېھرىبانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌لار سىزنىڭ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار مېھرىبانلىقىمىز ئۈچۈن مىننە‌تدار بولغانلىقىنى بىز بىلمە‌سلىكىمىز مۇ‌مكىن.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان خانقىز ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م قىلغانلارنى ئە‌سلىگە‌ندە كۆڭلى سۆيىنىدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنى ۋە‌ز خىزمە‌تكە بىرگە ئېلىپ چىققان كۆيۈمچان قېرىنداشلار ئۈچۈن بە‌كمۇ مىننە‌تدارمە‌ن.‏ ئۇ‌لار مېنى ماشىنىسىغا ئېلىۋالاتتى.‏ چاي ئىچىشكە ياكى تاماققا تە‌كلىپ قىلاتتى ۋە ئۆيۈمگە بىخە‌تە‌ر ئە‌كېلىپ قوياتتى.‏ ھازىر شۇ‌نى تونۇ‌پ يە‌تتىمكى،‏ ئۇ‌لار مە‌ن ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلغان.‏ مە‌ن ئۇ‌لارنى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ھېس قىلدىم».‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌ممىلا كىشى بىزنىڭ ئۇ‌لارغا ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىمىزغا رە‌ھمە‌ت ئېيتماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ خانقىز ئۆزىگە ياردە‌م بە‌رگە‌نلە‌ر ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «گە‌رچە ئۇ‌لارنىڭ ماڭا قىلغان بارچە ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌شنى خالىساممۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ قە‌يە‌ردە تۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمە‌ن.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ياخشىلىقلىرىغا جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ.‏ يە‌ھۋا مە‌ن ئۈچۈن ئۇ‌لارغا جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌شى توغرۇ‌لۇ‌ق دۇ‌ئا قىلىمە‌ن».‏ خانقىزنىڭ ئېيتقانلىرى ھە‌قىقە‌تە‌ن توغرا.‏ يە‌ھۋا باشقىلارغا قىلغان كىچىككىنە ياخشىلىقىمىزغا ھە‌م دىققە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ ئۇ‌نى قىممە‌تلىك قۇ‌ربانلىق سۈپىتىدە كۆرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قايتۇ‌رۇ‌شقا تېگىشلىك قە‌رزى دە‌پ قارايدۇ.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 19:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

بىر كىشى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتا ئالغا ئىلگىرىلىسە،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدە‌يدۇ (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

12.‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر جامائە‌تكە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏رە‌سىملە‌رگە ھە‌م قاراڭ)‏

12 ئە‌گە‌ر سىز بۇ‌رادە‌ر بولسىڭىز،‏ باشقىلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م قولۇ‌ڭىزنى سۇ‌نۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ جوردان ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر بىر ئاقساقالدىن ئۆزىنىڭ جامائە‌تكە تېخىمۇ كۆپرە‌ك ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىنى سورىغان.‏ ئاقساقال ئۇ‌نىڭ ئاللىقاچان ئىلگىرىلە‌شلە‌رنى قىلغانلىقىنى ماختىغان.‏ ئاندىن،‏ قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇ‌نىڭغا مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ جوردانغا ئىبادە‌ت يىغىلىشىغا بالدۇ‌رراق كېلىپ باشقىلارغا سالام بېرىش،‏ يىغىلىشلارغا قاتنىشىش،‏ دائىم ئۆز توپىدىكىلە‌ر بىلە‌ن ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىقىش ۋە باشقىلارغا ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدە‌شنى تە‌ۋسىيە قىلغان.‏ جوردان شۇ مە‌سلىھە‌تنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىپ،‏ يېڭى ماھارە‌تلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ندىن باشقا،‏ ئۇ‌نىڭ قېرىنداشلىرىغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى كۈچە‌يگە‌ن.‏ جوردان شۇ‌نى ئېنىق چۈشە‌نگە‌نكى،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشنى بىر بۇ‌رادە‌ر ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولغاندا باشلىمايدۇ‏،‏ ئە‌كسىچە داۋاملاشتۇ‌رىدۇ‏.‏—‏1-‏تىموت.‏ 3:‏8–‏10،‏ 13‏.‏

13.‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كرىستىئان ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنى قايتا ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشقا قانداق دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏

13 ئىلگىرى ياردە‌مچى خىزمە‌تچى ياكى ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان بولسىڭىزچۇ؟‏ يە‌ھۋا ھە‌رگىز ئۆتمۈشتە قىلغان ئىشلىرىڭىزنى ۋە شۇ‌نداق قىلىشقا سىزنى دە‌ۋە‌ت قىلغان سۆيگىڭىزنى ئۇ‌نتۇ‌مايدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏58‏)‏.‏ ئۇ سىزنىڭ داۋاملىق كۆرسىتىۋاتقان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى كۆرۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ كرىستىئان ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر ئاقساقال بولۇ‌ش ۋە‌زىپىسىدىن ئېلىنغاندا،‏ بە‌كمۇ ئۈمىدسىزلە‌نگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌يلى ئاقساقال بولاي ياكى بولماي،‏ يە‌ھۋاغا پۈتۈن كۈچۈم بىلە‌ن قولۇ‌مدىن كېلىشىچە خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلدىم».‏ ۋاقتى كە‌لگە‌ندە،‏ كرىستىئان قايتا ئاقساقال بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ شۇ‌نى ئېتىراپ قىلغان:‏ «مە‌ن بۇ ۋە‌زىپىگە قايتا تە‌يىنلە‌نگە‌ندە،‏ بىر ئاز ئە‌نسىرىدىم.‏ بىراق،‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا مېھىر-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىپ،‏ مېنى قايتا ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌يىنلىگە‌ن بولسا،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان قېرىنداشلىرىمغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىم سە‌ۋە‌بلىك،‏ بۇ ۋە‌زىپىنى ئۈستۈمگە ئېلىشنى قە‌تئىي قارا قىلدىم».‏

14.‏ گرۇ‌زىيە‌دە ياشايدىغان قېرىنداشنىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

14 يە‌ھـۋانىڭ خىزمە‌تـچىلىرى يە‌نـە باشـقىلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ (‏مە‌تتا 22:‏37–‏39‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ گرۇ‌زىيە‌دە ياشايدىغان ئېلېنا ئىسىملىك بىر قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىم مېنى ۋە‌ز قىلىشقا ئۈندىگە‌ن ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئاسماندىكى ئاتامغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىم چوڭقۇ‌رلاشقانسېرى،‏ ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىممۇ كۈچە‌يدى.‏ مە‌ن ئۇ‌لارنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌نلىكى ۋە قايسى ماۋزۇ ئۇ‌لارنىڭ قە‌لبىگە تە‌سىر قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىشقا تىرىشتىم.‏ مۇ‌شۇ ئۇ‌سۇ‌لدا،‏ ئۇ‌لار ھە‌ققىدە قانچە كۆپ ئويلانغانسېرى،‏ مېنىڭ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىش ئىستىكىم شۇ‌نچە كۈچە‌يدى».‏—‏رىملىقلار 10:‏13–‏15‏.‏

باشقىلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تسە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزنى مۇ‌كاپاتلايدۇ

سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلغان ھە‌ر بىر ئىش باشقا كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌رگە بە‌رىكە‌ت ئېلىپ كېلە‌لە‌يدۇ (‏15،‏ 16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

15،‏ 16.‏ سە‌ھنىلە‌شتۈرۈلگە‌ن كۆرۈنۈشتە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ندە‌ك،‏ باشقىلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدۇ؟‏

15 قېرىنداشلىرىمىزغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئىپادىلىگە‌ندە،‏ بۇ‌نىڭ پايدىسىنى پە‌قە‌تلا ئۇ‌لار ئە‌مە‌س،‏ باشقىلارمۇ كۆرىدۇ.‏ 19-COVID ۋابا كېسىلى باشلىغاندىن كېيىن،‏ پاۋلو ئىسىملىك بىر بۇ‌رادە‌ر ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالى كۆپلىگە‌ن ياشانغان قېرىنداشلارغا ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن ئېلېكترونلۇ‌ق ئۈسكىنىلە‌رنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ بىر قېرىنداشقا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش دە‌سلە‌پتە تە‌سكە توختىغان بولسىمۇ،‏ ئاخىرىدا ئۆگىنىۋالغان.‏ ئۇ بۇ‌نى ئىشلىتىپ،‏ تۇ‌غقانلىرىنى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلغان.‏ ئۇ ۋە ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىدىن 60 كىشى ۋىدىئولۇ‌ق ئۇ‌لىنىش ئارقىلىق شۇ يىغىلىشقا قاتناشقان.‏ شۇ قېرىنداش ۋە ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرى پاۋلو ۋە ئايالنىڭ كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرگە‌ن.‏ كېيىنرە‌ك،‏ شۇ قېرىنداش پاۋلوغا مۇ‌نداق يازغان:‏ «بىزگە ئوخشاش ياشانغانلارغا ئۆگە‌تكىنىڭلار ئۈچۈن ساڭا كۆپ رە‌ھمە‌ت.‏ مە‌ن يە‌ھۋانىڭ غە‌مخورلۇ‌قى ۋە سىلە‌رنىڭ بە‌ل قويۋە‌تمە‌ي كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىڭلارنى ھە‌رگىز ئۇ‌نتۇ‌پ قالمايمە‌ن».‏

16 مۇ‌شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر پاۋلوغا مۇ‌ھىم بىر نە‌رسىنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئۇ دائىم ئۆزىگە شۇ‌نى ئە‌سلىتىپ تۇ‌رغان،‏ يە‌نى بىلىم ياكى تە‌بىئىي قابىلىيە‌تلە‌ردىن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت مۇ‌ھىمراق!‏ ئۇ ئە‌سلە‌پ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئىلگىرى رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال ئىدىم.‏ بۈگۈن شۇ‌نى تونۇ‌پ يە‌تتىمكى،‏ قېرىنداشلار مە‌ن ئېيتقان نۇ‌تۇ‌قلارنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشلارنى ئە‌سلىيە‌لە‌يدۇ».‏

17.‏ بىز سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ندە،‏ يە‌نە كىملە‌ر پايدىسىنى كۆرىدۇ؟‏

17 بىز باشقىلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ندە،‏ ئۆزىمىزمۇ ئويلىمىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرىمىز.‏ يېڭى زېلاندىيە‌دە ياشايدىغان يوناتان بۇ‌نى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ھاۋا ئىسسىق بىر شە‌نبە كۈنى،‏ ئۇ يول بويىدا بىر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىنىڭ ۋە‌ز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ يوناتان شە‌نبە كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن ئاشۇ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بىلە‌ن بىرگە خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلغان.‏ ئۇ دە‌سلە‌پتە ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمىگە‌ن ئىدى.‏ يوناتان مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «شۇ ۋاقىتلاردا،‏ مە‌ن ۋە‌ز خىزمە‌تنى ياخشى كۆرمە‌يتتىم.‏ ئە‌مما،‏ شۇ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىنىڭ تە‌لىم بېرىش ئۇ‌سۇ‌لىنى ئاڭلاپ،‏ خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى كۆردۈم.‏ بۇ ۋە‌ز خىزمە‌تكە بولغان كۈچلۈك قىزغىنلىقىمنى ئويغاتتى.‏ مە‌ن يە‌نە روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ-‏يېتىلىشىم،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تتە خۇ‌شاللىق تېپىشىم ۋە يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىنلىشىشىمغا ياردە‌م بېرىدىغان ياخشى دوستقا ئېرىشتىم».‏

18.‏ يە‌ھۋا ھە‌ممىمىزنىڭ نېمە قىلىشىنى خالايدۇ؟‏

18 يە‌ھۋا ھە‌ممىمىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا ۋە باشقىلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ كۈچىيىشىنى خالايدۇ.‏ ئۆگىنىپ ئۆتكىنىمىزدە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزىنى ئوقۇ‌ش،‏ ئوقۇ‌غانلىرىمىز ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ۋە دائىم دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن پاراڭلىشىش ئارقىلىق يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز.‏ بىز يە‌نە ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز بىلە‌ن قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز.‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز كۈچە‌يگە‌نسېرى،‏ يە‌ھۋاغا ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىمىز.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قتىن مە‌ڭگۈ ھۇ‌زۇ‌ر ئالىمىز!‏

25-‏ناخشا ھە‌قىقىي شاگىرت بولۇ‌شنىڭ بە‌لگىسى

a مە‌يلى ھە‌قىقە‌تكە تېخى يېڭىلا كە‌لگە‌ن ياكى ئۇ‌زۇ‌ن يىللاردىن بۇ‌يان يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىۋاتقان بولايلى،‏ ھە‌ممىمىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىيە‌لە‌يمىز.‏ ھازىر يە‌ھۋاغا ۋە باشقىلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۈچە‌يتىش ۋە شۇ‌نداق قىلىشنىڭ مۇ‌ھىم بىر يولى ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ مۇ‌شۇ ئۆگە‌نمە‌كچى بولغان مە‌زمۇ‌نلار ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغىنىڭىزدا،‏ ئاللىقاچان قانداق ئىلگىرىلىگە‌نلىكىڭىزنى ۋە كېلە‌چە‌كتە قانداق ئىلگىرىلىمە‌كچى بولغانلىقىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

b بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏