سىز بىلەمسىز؟
قەدىمكى بابىلون خارابىلىكىدىن تېپىلغان خىش كېسەك ۋە ئۇنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغانلارنىڭ توغرىلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟
قەدىمكى بابىلون خارابىلىكىدە، ئارخېئولوگلار شەھەرنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن نۇرغۇنلىغان پىششىق خىشلارنى كولاپ چىقارغان. ئارخېئولوگ روبېرت كولدېۋېينىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ خىل خىشلار «شەھەر سىرىتىدىكى خۇمدانلاردا پىشۇرۇلغان. ئۇ يەردە سېغىز توپا ياخشى ۋە . . . يېقىلغۇ قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئوتۇن مول بولغان».
قەدىمكى خاتىرە يازمىلاردىن ئايان بولۇشىچە، بابىلونلۇق ئەمەلدارلارمۇ ئاشۇ ئوچاقلارنى تېخىمۇ قەبىھ مەقسەتتە ئىشلەتكەن. تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسسۇرولوگىيە پروفېسسورى پائۇل-ئالايىن بېۇلىۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىرقانچە بابىلون خاتىرە يازمىلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، پادىشاھ بەزى ئىسيانچى ۋە كۇپۇرلۇق قىلغۇچى جىنايەتچىلەرنى تىرىك كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن».
پادىشاھ نېبۇقادنىسار زامانىدىن قالغان خاتىرە يازمىدا مۇنداق سۆزلەر يېزىلغان: «ئۇلارنى ئاشپەزنىڭ تونۇرىغا تاشلاڭلار، . . . كۆيدۈرۈڭلار، كاۋاپ قىلىڭلار، پۈتۈنلەي يوق قىلىڭلار . . . قويۇق ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلسۇن، ئۇلارنى يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتا كۆيدۈرۈپ، كۈلگە ئايلاندۇرۇڭلار. بۇ تەسۋىرلەر مۇقەددەس كىتابنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە دانىيال كىتابى 3-بابتا بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنى ئەسلىتىدۇ. بۇ تارىخى خاتىرىگە قارىغاندا، پادىشاھ نېبۇقادنىسار بابىلون شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى دۇرا تۈزلەڭلىكىگە ئالتۇندىن ياسالغان غايەت زور ھەيكەلنى تىكلىگەن. شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگو ئىسىملىك ئۈچ ئىبرانىي ياش بۇ ھەيكەلگە سەجدە قىلىشنى قىلغاندا، نېبۇقادنىسار قاتتىق غەزەپلىنىپ، بىر ئوچاقنى «ئادەتتىكى چاغلاردىن يەتتە ھەسسە ئىسسىق» قىزىتىپ، ئاشۇ ئۈچ يىگىتنى «لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈپ تۇرغان ئوچاققا تاشلاشقا» بۇيرۇق قىلغان. كۈچلۈك بىر پەرىشتە ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۈپ قالغان.—دانىيال 3:1–6، 19–28.
بابىلوندىن قېزىلغان خىشلارمۇ مۇقەددەس يازمىلارنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ خىشلارنىڭ كۆپىنچىسىدە پادىشاھ مەدھىيلەنگەن سۆزلەر بېسىلغان. شۇلارنىڭ بىرىدە مۇنداق يېزىلغان: «بابىلون پادىشاھى نېبۇقادنىسار . . . مەن ئۇلۇغ پادىشاھ سالغان خان سارىيىدا . . . مېنىڭ ئەۋلادلىرىم ئۇنىڭدا مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن». بۇ خىشلار ئۈستىدە يېزىلغان تەسۋىرلەر دانىيال 4:30-ئايەتتىكى سۆزلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئايەتتە نېبۇقادنىسار ماختىنىپ مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ بۈيۈك بابىلون شەھىرىگە قاراڭلار! بۇنى مەن ئۆز ئۇلۇغلۇقۇم ۋە شان-شۆھرىتىم ئۈچۈن پادىشاھلىقىنىڭ خانلىق سارىيى بولسۇن دەپ ئۆز كۈچ-قۇدرىتىم بىلەن سالدۇرغان ئەمەسمۇ؟»