مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

31-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«مە‌ھكە‌م ۋە تە‌ۋرە‌نمە‌ي تۇ‌رۇ‌ڭلار»‏

‏«مە‌ھكە‌م ۋە تە‌ۋرە‌نمە‌ي تۇ‌رۇ‌ڭلار»‏

‏«ئە‌زىز قېرىنداشلىرىم،‏ مە‌ھكە‌م ۋە تە‌ۋرە‌نمە‌ي تۇ‌رۇ‌ڭلار»—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏58‏.‏

32-‏ناخشا تە‌ۋرە‌نمە‌ي چىڭ تۇ‌رايلى!‏

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ قايسى مە‌نىدە مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسىنى ئېگىز بىناغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ؟‏ (‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏58‏)‏

 1978-‏يىلى،‏ ياپونىيە‌نىڭ توكيو شە‌ھىرىدە 60 قە‌ۋە‌تلىك ئېگىز بىر بىنا ئاستا-‏ئاستا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.‏ بىنانى كۆرگە‌نلە‌ر دائىم يە‌ر تە‌ۋرە‌يدىغان بۇ شە‌ھە‌ردە شۇ بىنانىڭ قانداق مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌شى ھە‌ققىدە ئويلانغان.‏ بىنانىڭ مە‌ھكە‌م تۇ‌رالىشىنىڭ سىرى بارمۇ؟‏ ئېنژىنىرلار بىنانى مۇ‌ستە‌ھكە‌م،‏ ئە‌مما يە‌ر تە‌ۋرە‌شكە بە‌رداشلىق بېرە‌لىگۈدە‌ك ئە‌ۋرىشىمچان ھالە‌تتە لاھىيىلىگە‌ن.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىمۇ ئاشۇ ئېگىز بىناغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏

2 مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى چوقۇ‌م مە‌زمۇ‌ت،‏ مە‌ھكە‌م بولۇ‌ش بىلە‌ن ئە‌ۋرىشىمچان بولۇ‌ش ئوتتۇ‌رىسىدىكى تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىشى كېرە‌ك.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرى ۋە ئۆلچە‌ملىرىگە ئە‌مە‌ل قىلىشتا چوقۇ‌م مە‌ھكە‌م ۋە تە‌ۋرە‌نمە‌س بولۇ‌شى لازىم ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏58-‏نى ئوقۇ‌ڭ‏)‏.‏ ئۇ «ئىتائە‌ت قىلىشقا تە‌ييار» ۋە مۇ‌رە‌سسە قىلمايدىغان بولۇ‌شى لازىم.‏ يە‌نە بىر جە‌ھە‌تتىن،‏ ۋە‌زىيە‌ت شۇ‌نىڭغا يول قويسا ياكى تە‌لە‌پ قىلسا،‏ ئۇ «غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان» ۋە ئە‌ۋرىشىمچان بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏ياقۇ‌پ 3:‏17‏)‏.‏ شۇ‌نداق تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراشنى ساقلاشنى ئۆگە‌نگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى ھە‌ددىدىن زىيادە قاتتىق قول ياكى ھە‌ممە نە‌رسىگە پە‌رۋاسىزلىق قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ قاچان چوقۇ‌م تە‌ۋرە‌نمە‌ي مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ شە‌يتاننىڭ قايسى بە‌ش خىل ئۇ‌سۇ‌لنى قوللىنىپ،‏ مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌ش ئىرادىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌شقا ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.‏

مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

3.‏ ئە‌لچىلە‌ر 15:‏28،‏ 29-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ ئە‌ڭ ئالىي قانۇ‌ن چىقارغۇ‌چى قايسى قانۇ‌نلارنى تىلغا ئالغان؟‏

3 ئە‌ڭ ئالىي قانۇ‌ن چىقارغۇ‌چى سۈپىتىدە يە‌ھۋا داۋاملىق تۈردە ئۆز خە‌لقىگە ناھايىتى ئېنىق قانۇ‌نلارنى يە‌تكۈزگە‌ن (‏يە‌شايا 33:‏22‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى يېتە‌كچى كېڭە‌ش مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئۈچ ئىشتا مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌شى لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بە‌رگە‌ن:‏ (‏1)‏ بۇ‌تپە‌رە‌سلىكنى رە‌ت قىلىش،‏ (‏2)‏ يە‌ھۋانىڭ قاننى مۇ‌قە‌ددە‌س دە‌پ ھۆرمە‌تلە‌ش بۇ‌يرۇ‌غىغا بويسۇ‌نۇ‌ش،‏ ‏(‏3)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يۇ‌قىرى ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملىرىگە ئە‌مە‌ل قىلىش ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏28،‏ 29-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بۇ ئۈچ ئىشتا مە‌ھكە‌م تۇ‌رالىشى ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏

4.‏ پە‌قە‌تلا يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىمىز؟‏ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11‏)‏

4 بىز بۇ‌تپە‌رە‌سلىكنى رە‌ت قىلىپ،‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىمىز.‏ ئۇ ئىسرائىل خە‌لقىگە پە‌قە‌تلا ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشنى بۇ‌يرىغان ئىدى (‏تە‌كرار.‏ قا 5:‏6–‏10‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھمۇ شە‌يتاننىڭ ئازدۇ‌رۇ‌شىغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ چوقۇ‌م يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 4:‏8–‏10‏)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بىز بۇ‌تلارغا چوقۇ‌نمايمىز.‏ دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر،‏ سىياسىي ھۆكۈمرانلار،‏ تە‌نتە‌ربىيە ياكى كىنو چولپانلىرى دېگە‌ندە‌ك ئىنسانلارنى خۇ‌دالارغا ئوخشاش كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لارغا چوقۇ‌نمايمىز.‏ پە‌قە‌ت خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌پ،‏ ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رنىڭ ياراتقۇ‌چىسى بولغان ئۇ‌نىڭغىلا ئىبادە‌ت قىلىمىز‏.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

5.‏ بىز نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ھايات ۋە قاننىڭ مۇ‌قە‌ددە‌سلىكى توغرىسىدىكى قانۇ‌نغا بويسۇ‌نىمىز؟‏

5 بىز ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا چۈشۈرگە‌ن ھايات ۋە قاننىڭ مۇ‌قە‌ددە‌سلىكى توغرىسىدىكى قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نىمىز.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆزىدە،‏ قان ھاياتقا ۋە‌كىللىك قىلىدۇ ۋە بۇ ئۇ‌نىڭدىن كە‌لگە‌ن قىممە‌تلىك سوۋغات (‏لاۋى.‏ 17:‏14‏)‏.‏ يە‌ھۋا تۇ‌نجى قېتىم ئىنسانلارغا ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشكە رۇ‌خسە‌ت قىلغاندا،‏ ئۇ‌لارغا قاننى يېمە‌سلىكنى بۇ‌يرىغان (‏يارىت.‏ 9:‏4‏)‏.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق ئىسرائىل خە‌لقىگە قانۇ‌نلارنى چۈشە‌رگە‌ندە،‏ شۇ بۇ‌يرۇ‌قنى قايتا تە‌كرارلىغان (‏لاۋى.‏ 17:‏10‏)‏.‏ خۇ‌دا بىرىنچى ئە‌سىردىكى يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئارقىلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى قاندىن ساقلىنىشقا بۇ‌يرۇ‌غان (‏ئە‌لچى.‏ 15:‏28،‏ 29‏)‏.‏ بىز تىببىي داۋالاشقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك قارارلارنى چىقارغاندا،‏ بۇ بۇ‌يرۇ‌ققا قە‌تئىي ئە‌مە‌ل قىلىمىز b‏.‏

6.‏ يە‌ھۋانىڭ يۇ‌قىرى ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرى بىلە‌ن ياشاش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز؟‏

6 بىز يە‌ھۋانىڭ يۇ‌قىرى ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملىرىگە قە‌تئىي ئە‌مە‌ل قىلىمىز (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏4‏)‏.‏ جانلىق تىلنى ئىشلىتىپ،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىزگە تە‌ننىڭ ئە‌زالىرىنى ئۆلتۈرۈش،‏ يە‌نى تە‌ننىڭ خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ بىز جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلىشقا باشلايدىغان ھە‌رقانداق ئىشلارنى قىلىشتىن ياكى كۆرۈشتىن ساقلىنىمىز (‏كولوسى.‏ 3:‏5؛‏ ئايۇ‌پ 31:‏1‏)‏.‏ ئېزىقتۇ‌رۇ‌شقا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىزغا زىيان يە‌تكۈزىدىغان ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىر ياكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تنى دە‌رھال رە‌ت قىلىمىز.‏

7.‏ قە‌تئىي ئىرادىلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

7 يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا ‹چىن كۆڭلىمىزدىن ئىتائە‌ت قىلىشىمىزنى› خالايدۇ (‏رىملىقلار 6:‏17‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ كۆرسە‌تمىلىرى ھە‌ردائىم بىز ئۈچۈن پايدىلىق.‏ بىز ئۇ‌نىڭ قانۇ‌نلىرىنى ئۆزگە‌رتە‌لمە‌يمىز (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 6:‏9،‏ 10‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ۋە زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىغا ئوخشاش كۆز قاراشنى ئىپادىلە‌ش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىمىز:‏ «مە‌ن ھە‌مىشە قانۇ‌ن-‏قائىدىلىرىڭگە ئاخىرغىچە چىن قە‌لبىمدىن ئىتائە‌ت قىلىشنى قارار قىلدىم» (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏112‏)‏.‏ بىراق،‏ شە‌يتان مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌ش ئىرادىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ مە‌قسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قانداق ئۇ‌سۇ‌للارنى قوللىنىدۇ؟‏

شە‌يتان مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌ش ئىرادىمىزدىن ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا تىرىشىدۇ؟‏

8.‏ شە‌يتان زىيانكە‌شلىك ئۇ‌سۇ‌للىرىنى قوللىنىپ،‏ مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌ش ئىرادىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟‏

8 زىيانكە‌شلىك.‏ ئىبلىس جىسمانىي ۋە ھېسسىي جە‌ھە‌تتىن ھۇ‌جۇ‌م قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى قوللىنىپ،‏ ئىرادىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ مە‌قسىتى —‏ بىزنى يۇ‌تۇ‌ۋېتىش،‏ يە‌نى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى بۇ‌زۇ‌ش (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏8‏)‏.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌ش ئىرادىسى قە‌تئىي بولغاچ،‏ تە‌ھدىتكە ئۇ‌چرىغان،‏ تاياق يېگە‌ن ۋە ئۆلتۈرۈلگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 5:‏27،‏ 28،‏ 40؛‏ 7:‏54–‏60‏)‏.‏ شە‌يتان بۈگۈنكى كۈندىمۇ زىيانكە‌شلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىۋاتىدۇ.‏ بۇ‌نى روسىيە ۋە باشقا دۆلە‌تلە‌ردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىنغان رە‌ھىمسىز مۇ‌ئامىلىلە‌ردىن كۆرە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدا قارشى چىققۇ‌چىلار ھە‌ر تۈرلۈك يوللار بىلە‌ن قېرىنداشلىرىمىزغا زىيانكە‌شلىك قىلىۋاتىدۇ.‏

9.‏ يوشۇ‌رۇ‌ن بېسىملاردىن پە‌خە‌س بولۇ‌شنىڭ لازىملىقىنى مىسال بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

9 يوشۇ‌رۇ‌ن بېسىم قىلىش.‏ شە‌يتان ئوچۇ‌ق ئاشكارا ھۇ‌جۇ‌م قىلىشتىن باشقا يە‌نە ھىيلە-‏مىكىرلە‌رنى ئىشلىتىدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏11‏)‏.‏ چوڭ بىر ئوپېراتسىيە ئۈچۈن دوختۇ‌رخانىدا ياتقان بوب ئىسىملىك بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى ئالايلى.‏ ئۇ ھە‌رقانداق ئە‌ھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ قان سېلىشنى قوبۇ‌ل قىلمايدىغانلىقىنى دوختۇ‌رلارغا ئېنىق بىلدۈرگە‌ن.‏ تاشقى كېسە‌للىكلە‌ر دوختۇ‌رى ئۇ‌نىڭ قارارىنى ھۆرمە‌تلە‌شكە قوشۇ‌لغان.‏ بىراق،‏ ئوپېراسىيىدىن بىر كۈن بۇ‌رۇ‌ن بوبنىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌ر ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن،‏ ناركوز قىلىدىغان دوختۇ‌ر بوبنى كۆرۈشكە كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ بوبقا قان سېلىنمايدىغانلىقى،‏ شۇ‌نداقتىمۇ زۆرۈر بولسا،‏ ئۇ‌لار قان سېلىشقا تە‌ييار ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ ئېھتىمال،‏ دوختۇ‌ر ئائىلىسىدىكىلە‌ر ئۇ‌نىڭ يېنىدا بولمىغاندا،‏ ئۇ كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتىدۇ دە‌پ ئويلىغان.‏ لېكىن،‏ بوپ قارارىدا مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆزىنىڭ ھە‌رقانداق ئە‌ھۋال ئاستىدا قان سېلىشنى قوبۇ‌ل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ كۆز قارىشى خە‌تە‌رلىك؟‏ (‏1-‏كورىنتلىقلار 3:‏19،‏ 20‏)‏

10 ئىنسانلارنىڭ دۇ‌نيا قارىشى.‏ ئە‌گە‌ر ئىشلارغا ئىنسانىي نۇ‌قىتىئىنە‌زە‌ر بىلە‌ن قارىساق،‏ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىغا سە‌ل قاراشقا باشلىشىمىز مۇ‌مكىن ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 3:‏19،‏ 20-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ دانالىقى ھە‌مىشە ئىنسانلارنىڭ خۇ‌داغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلىشىغا تە‌سىر قىلىدۇ.‏ پېرگام ۋە تىئاتىرادىكى ئاز بىر قىسىم مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئاشۇ شە‌ھە‌رلە‌ردە كۆپ ئۇ‌چرايدىغان بۇ‌تپە‌رە‌سلىك ۋە ئە‌خلاقسىز كۆز قاراشلارنى قوبۇ‌ل قىلغان.‏ ھە‌ر ئىككى جامائە‌ت جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىققا يول قويغانلىقى ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا كۈچلۈك نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن (‏ۋە‌ھىي.‏ 2:‏14،‏ 20‏)‏.‏ بىز بۈگۈن خاتا كۆز قاراشلارنى قوبۇ‌ل قىلىش بېسىمىغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ ئائىلە ئە‌زالىرىمىز ياكى تونۇ‌ش-‏بىلىشلىرىمىز بىزنى ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزغا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نىنى بۇ‌زۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار بىزگە ئە‌خلاقىي پاكلىقنى ساقلاشنىڭ مۇ‌ھىم ئە‌مە‌سلىكىنى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملە‌رنىڭ ئاللىبۇ‌رۇ‌ن كونىراپ ۋاقتى ئۆتكە‌نلىكىنى ئېيتىشى مۇ‌مكىن.‏

11.‏ بىز مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن چوقۇ‌م نېمىدىن ساقلىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

11 بـە‌زى چاغـلاردا،‏ بىز يە‌ھـۋانىڭ بە‌رگـە‌ن كۆرسە‌تمىلىرىنى ئانچە ئېنىق ئە‌مە‌س دە‌پ ئويلىشىمىز،‏ ھە‌تتا يېزىلغانلارنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا ئېزىقتۇ‌رۇ‌لىشىمىز مۇ‌مكىن (‏1-‏كورىنت.‏ 4:‏6‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ زامانىدىكى دىنىي ئۇ‌ستازلار شۇ‌نداق گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن قانۇ‌نغا ئىنسانلارنىڭ قائىدە-‏تۈزۈملىرىنى قوشۇ‌ش ئارقىلىق ئاددىي كىشىلە‌رنىڭ ئۈستىگە ئېغىر يۈكنى يۈكلىگە‌ن (‏مە‌تتا 23:‏4‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆز سۆزى ۋە تە‌شكىلاتى ئارقىلىق بىزگە ئېنىق يول-‏يورۇ‌قنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ بىزنىڭ ئۇ بە‌رگە‌ن كۆرسە‌تمىگە ھە‌رقانداق نە‌رسىنى قوشۇ‌شقا ھە‌ققىمىز يوق (‏پە‌ند.‏ نە 3:‏5–‏7‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان نە‌رسىلە‌رنىڭ سىرتىغا چىقىپ كە‌تمە‌يمىز ياكى شە‌خسە‌ن ئۆزلىرى قارار چىقىرىدىغان ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق قائىدە-‏تۈزۈم چىقارمايمىز.‏

12.‏ شە‌يتان قۇ‌رۇ‌ق گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟‏

12 يالغان گە‌پ-‏سۆزلە‌ر.‏ شە‌يتان ئادە‌ملە‌رنى قايمۇ‌قتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پە‌يدا قىلىش ئۈچۈن «بىھۇ‌دە قۇ‌رۇ‌ق گە‌پ-‏سۆزلە‌ر» ۋە «بۇ دۇ‌نيانىڭ يۈزە‌كى كۆز قاراشلىرىغا ئاساسلانغان» قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى قوللىنىدۇ (‏كولوسى.‏ 2:‏8‏)‏.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ بۇ‌لار ئىنسانلارنىڭ دۇ‌نيا كۆز قارىشىغا ئاساسلانغان پە‌لسە‌پە‌لە‌ر،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانمىغان يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ تە‌لىماتلىرى ۋە مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە چۈشۈرۈلگە‌ن قانۇ‌نىغا ئە‌مە‌ل قىلىش كېرە‌ك دە‌پ ئۆگىتىلگە‌ن تە‌لىملە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.‏ ئۇ‌لار بىھۇ‌دە قۇ‌رۇ‌ق گە‌پلە‌ر،‏ چۈنكى ئۇ‌لار كىشىلە‌رنىڭ دىققىتىنى ھە‌قىقىي دانالىقنىڭ مە‌نبە‌سى بولغان يە‌ھۋادىن يىراقلاشتۇ‌رغان ئىدى.‏ بۈگۈنكى كۈندە شە‌يتان ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن پايدىلىنىپ،‏ سىياسىي رە‌ھبە‌رلە‌ر تە‌شۋىق قىلىدىغان ئاساسسىز يالغان سۆزلە‌رنى ۋە خە‌ۋە‌رلە‌رنى تارقىتىدۇ.‏ بۇ‌نى تاجسىمان ۋىرۇ‌س تارقالغاندا c ئېنىق كۆردۇ‌ق.‏ كىشىلە‌رنى قايمۇ‌قتۇ‌رىدىغان سۆزلە‌رگە قۇ‌لاق سالىدىغانلار ئورۇ‌نسىز غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رنى قىلغان.‏ ئە‌مما،‏ تە‌شكىلاتىمىزنىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە قۇ‌لاق سالغان يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئارتۇ‌قچە غە‌م-‏تە‌شۋىشلە‌ردىن ساقلىنالىغان.‏—‏مە‌تتا 24:‏45‏.‏

13.‏ نېمە ئۈچۈن دىققىتىمىزنىڭ چېچىلىشىدىن پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

13 دىققە‌ت چېچىلىش.‏ بىز چوقۇ‌م دىققىتىمىزنى تېخىمۇ مۇ‌ھىم ئىشلارغا قارىتىشىمىز كېرە‌ك (‏فىلىپى.‏ 1:‏9،‏ 10‏)‏.‏ دىققىتىمىزنى چاچىدىغان ئىشلار بە‌ك كۆپ ۋاقتىمىزنى ۋە زېھىنىمىزنى خورىتىدۇ.‏ ئادە‌تتە تۇ‌رمۇ‌شىمىزدىكى ئىشلار،‏ مە‌سىلە‌ن يە‌پ-‏ئىچىش،‏ كۆڭۈل ئېچىش ۋە پۇ‌ل تېپىش ھاياتىمىزدا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌ندا بولسا،‏ دىققىتىمىز چېچىلىپ كېتىشى مۇ‌مكىن (‏لۇ‌قا 21:‏34،‏ 35‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ھە‌ر كۈنى جە‌مئىيە‌تتە بولۇ‌ۋاتقان تالاش-‏تارتىشلار ۋە سىياسىي مە‌سىلىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق خە‌ۋە‌رلە‌رنى ئاڭلاپ تۇ‌رىمىز ياكى ئوقۇ‌يمىز.‏ بىز چوقۇ‌م ئاشۇ تالاش-‏تارتىشقا ئارىلىشىپ قېلىشتىن ئۆزىمىزنى تارتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بولمىسا،‏ ئوي-‏پىكىرىمىز ياكى قە‌لبىمىزدە مە‌لۇ‌م بىر تە‌رە‌پنى قوللاشقا باشلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شە‌يتان يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھە‌ممە ئۇ‌سۇ‌للارنى ئىشلىتىدۇ،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌قسىتى توغرا ئىش قىلىش ئىرادىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌ش.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ‌نىڭ تۈرلۈك ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن قىلغان ھۇ‌جۇ‌ملىرىغا قارشى قە‌تئىي مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏

مە‌ھكە‌م تۇ‌رالىشىمىز ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلگە‌نلىكىڭىز ھە‌ققىدە ئويلىنىڭ،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ،‏ تە‌ۋرە‌نمە‌س كۆڭۈلنى يېتىلدۈرۈڭ ۋە يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ قىلىڭ (‏14–‏18-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

14.‏ بىزنىڭ يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان بىر نە‌رسە نېمە؟‏

14 نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌نلىكىڭىز ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ سىز يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌شنى خالىغاچ،‏ ئاشۇ قە‌دە‌ملە‌رنى باسقان.‏ ئۆزىڭىزنىڭ ھە‌قىقە‌تنى تاپقانلىقىغا قايىل بولۇ‌شىڭىزغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە قايتا ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ سىز يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق توغرا بىلىمگە ئىگە بولۇ‌پ،‏ ئاسماندىكى ئاتىڭىزغا بولغان ھۆرمىتىڭىز ۋە مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنىڭ چوڭقۇ‌رلاشقان.‏ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز كۈچە‌يگە‌نسېرى،‏ سىز توۋا قىلىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏ يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا توختىتىپ،‏ ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا باشلىغان.‏ خۇ‌دانىڭ سىزنى كە‌چۈرگە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكىنىڭىزدە،‏ ئۆزىڭىزنى خاتىرجە‌م ھېس قىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 32:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ،‏ سىز ئۆگە‌نگە‌ن ئاجايىپ ھە‌قىقە‌تلە‌رنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلىشىشقا باشلىغان.‏ ھازىر بولسا،‏ ئۆزىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغان ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى سۈپىتىدە،‏ ھاياتلىق يولىدا مېڭىۋاتىسىز ۋە داۋاملىق مۇ‌شۇ يولدا مېڭىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىز بىلە‌ن تىرىشىۋاتىسىز.‏—‏مە‌تتا 7:‏13،‏ 14‏.‏

15.‏ نېمە ئۈچۈن تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش پايدىلىق؟‏

15 خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلىڭ ۋە ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىز ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ خۇ‌ددى چوڭقۇ‌ر يىلتىز تارتقان دە‌رە‌خ،‏ مۇ‌ستە‌ھكە‌م تۇ‌رالىغانغا ئوخشاش،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىگە بولغان ئىشە‌نچىمىز چوڭقۇ‌ر يىلتىز تارتسا،‏ بىزمۇ مە‌ھكە‌م تۇ‌رالايمىز.‏ دە‌رە‌خنىڭ ئۆسۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭ يىلتىزى بارغانسېرى چوڭقۇ‌رلايدۇ ۋە ئە‌تراپىغا كېڭىيىدۇ.‏ بىز تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگە‌ندە ۋە چوڭقۇ‌ر ئويلانغاندا،‏ ئېتىقادىمىز كۈچىيىپ،‏ خۇ‌دانىڭ يوللىرىنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىگە تېخىمۇ ئىشە‌نچىمىز (‏كولوسى.‏ 2:‏6،‏ 7‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆتمۈشتىكى خىزمە‌تچىلىرىگە قانداق يول-‏يورۇ‌قلارنى،‏ مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بە‌رگە‌نلىكى ۋە ئۇ‌لارنى قوغدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌زە‌كىيال تە‌سۋىرىي كۆرۈنۈشتە،‏ بىر پە‌رىشتە ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن ئىبادە‌تخانىنى ئۆلچە‌ۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ ئاشۇ ئاجايىپ كۆرۈنۈش ھە‌زە‌كىيالنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۈچە‌يتكە‌ن ۋە يە‌ھۋانىڭ پاك ئىبادە‌ت ئۆلچە‌م-‏قائىدىلە‌رگە قانداق بويسۇ‌نۇ‌ش ھە‌ققىدە بىزگە ئە‌مە‌لىي كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ d (‏ھە‌زە‌ك.‏ 40:‏1–‏4؛‏ 43:‏10–‏12‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى چوڭقۇ‌رراق تە‌تقىق قىلىش ۋە تە‌پە‌ككۈر قىلىشقا ۋاقىت چىقارساق،‏ بىزمۇ چوقۇ‌م پايدىسىنى كۆرىمىز.‏

16.‏ تە‌ۋرە‌نمە‌س كۆڭۈل بوبنى قانداق قوغدىغان؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 112:‏7‏)‏

16 كۆڭلىڭىز تە‌ۋرە‌نمە‌س مە‌ھكە‌م بولسۇ‌ن.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ يە‌ھۋاغا بولغان تە‌ۋرە‌نمە‌س سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگە‌ندە،‏ مۇ‌نداق جاكارلىغان:‏ «ئە‌ي خۇ‌دا،‏ مېنىڭ كۆڭلۈم تە‌ۋرە‌نمە‌س» (‏زە‌بۇ‌ر 57:‏7‏)‏.‏ بىزمۇ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ قىلىپ،‏ قە‌لبىمىزنى تە‌ۋرە‌نمە‌س،‏ مۇ‌ستە‌ھكە‌م قىلالايمىز ‏(‏زە‌بۇ‌ر 112:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئالغان بوبقا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ زۆرۈر تېپىلغاندا،‏ دوختۇ‌ر ئۇ‌نىڭغا قان سېلىشقا تە‌ييار ئىكە‌نلىكىنى بىلدۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ دە‌رھال دوختۇ‌رغا،‏ ئە‌گە‌ر ھە‌رقانداق بىر ۋە‌زىيە‌تتە قان سالماقچى بولسا،‏ شۇ ھامان ئۆزىنىڭ دوختۇ‌رخانىدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ كېيىن،‏ بوب مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن قىلچىمۇ ئىككىلە‌نمىدىم ۋە ئە‌نسىرىمىدىم».‏

ئە‌گە‌ر كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقادنى يېتىلدۈرسە‌ك،‏ مە‌يلى قانداق سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ قە‌تئىي مە‌ھكە‌م تۇ‌رالايمىز (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

17.‏ بوبنىڭ مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

17 بوب تە‌ۋرە‌نمە‌ي مە‌ھكە‌م تۇ‌رغان،‏ چۈنكى ئۇ دوختۇ‌رخانىغا كېلىشتىن بۇ‌رۇ‌نلا مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌شنى قە‌تئىي قارار قىلغان ئىدى.‏ بىرىنچىدىن،‏ ئۇ يە‌ھۋا خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى ئارزۇ قىلغان.‏ ئىككىنچىدىن،‏ ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە ئۇ‌نىڭغا ئاساسلانغان نە‌شرىي ماتېرىياللاردىن ھايات ۋە قاننىڭ مۇ‌قە‌ددە‌سلىكى ھە‌ققىدە تە‌تقىق قىلغان.‏ ئۈچىنچىدىن،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىغا بويسۇ‌نسا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى مۇ‌كاپاتلايدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ بىزمۇ قانداق سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ كۆڭلىمىزنى تە‌ۋرە‌نمە‌س مە‌ھكە‌م قىلالايمىز.‏

باراق ۋە ئۇ‌نىڭ ئادە‌ملىرى سىسېرانىڭ ئە‌سكىرىنى جاسارە‌ت بىلە‌ن قوغلاۋاتىدۇ (‏18-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

18.‏ باراقنىڭ مىسالى بىزنى يە‌ھۋاغا ئىشىنىش توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

18 يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ قىلىڭ.‏ باراق يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە ئىشە‌نچ قىلىپ،‏ قانداق مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تكە ئېرىشكە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرە‌يلى.‏ گە‌رچە پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىدىن بىر قالغان ياكى نە‌يزە تاپقىلى بولمىسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى تولۇ‌ق قوراللانغان قانان قوشۇ‌نلىرىنىڭ باشلىقى سىسېراغا قارشى ئۇ‌رۇ‌ش قىلىشقا بۇ‌يرىغان (‏ھاكىم.‏ 5:‏8‏)‏.‏ ئايال پە‌يغە‌مبە‌ر دېبورا باراققا تاغلاردىن تۈزلە‌ڭلىككە چۈشۈپ،‏ سىسېرا ۋە ئۇ‌نىڭ 900 جە‌ڭ ھارۋۇ‌سى بىلە‌ن ئۇ‌رۇ‌ش قىلىشنى ئېيتقان.‏ گە‌رچە ھارۋىلار تە‌كشى،‏ تۈزلە‌ڭ يە‌ردە كۆپ ئە‌ۋزە‌للىككە ئىگە بولسىمۇ،‏ باراق ئاشۇ كۆرسە‌تمىگە بويسۇ‌نغان.‏ ئە‌سكە‌رلە‌ر تابۇ‌ر تېغىدىن چۈشكە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ئاسماندىن قاتتىق يامغۇ‌ر ياغدۇ‌رغان.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ سىسېرانىڭ ھارۋىلىرى پاتقاققا پېتىپ قېلىپ،‏ يە‌ھۋا باراقنى غە‌لىبىگە ئېرىشتۈرگە‌ن (‏ھاكىم.‏ 4:‏1–‏7،‏ 10،‏ 13–‏16‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭغا ۋە‌كىللىك قىلىدىغان تە‌شكىلاتى بە‌رگە‌ن يوليورۇ‌قلارغا ئىشە‌نسە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزنىمۇ غە‌لىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ (‏تە‌كرار.‏ قا 31:‏6‏)‏.‏

تە‌ۋرە‌نمە‌ي مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قە‌تئىي بە‌ل باغلاڭ

19.‏ نېمە ئۈچۈن قە‌تئىي تە‌ۋرە‌نمە‌ي تۇ‌رۇ‌شنى خالايسىز؟‏

19 بۇ دۇ‌نيادا ياشاۋاتقىنىمىزدا،‏ تە‌ۋرە‌نمە‌ي مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرە‌ش قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏11،‏ 12؛‏ 2-‏پېتر.‏ 3:‏17‏)‏.‏ زىيانكە‌شلىك،‏ يوشۇ‌رۇ‌ن بېسىملار،‏ ئىنسانلارنىڭ كۆز قاراشلىرى،‏ قۇ‌رۇ‌ق گە‌پ-‏سۆزلە‌ر ۋە دىققىتىمىزنى چاچىدىغان ئىشلارنىڭ مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌ش ئىرادىمىزنى تە‌ۋرىتىشىگە قە‌تئىي يول قويمايلى (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏14‏)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ داۋاملىق مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا قە‌تئىي سادىق قالايلى ۋە بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا بويسۇ‌نايلى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان بولۇ‌شتا ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

154-‏ناخشا ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بېرىمىز

a ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانىنىڭ زامانىدىن باشلاپ،‏ شە‌يتان ئىنسانلارنىڭ نېمە توغرا،‏ نېمە خاتالىقىنى ئۆزى قارار قىلىشى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى تە‌شۋىق قىلىپ كە‌لمە‌كتە.‏ ئۇ‌نىڭ نىيىتى بولسا،‏ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نىغا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىدىن كە‌لگە‌ن يوليورۇ‌قلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ ئاشۇ ناتوغرا كۆز قاراشلىرىنى بىزگە سىڭدۈرۈش.‏ بۇ ماقالە،‏ شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق روھىدىن ساقلىنىش ۋە يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌ش ئىرادىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى خۇ‌دانىڭ قان توغرىسىدىكى بۇ‌يرۇ‌قىغا قانداق بويسۇ‌نالايدىغانلىقى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلمە‌كچى بولسىڭىز،‏ ‏«مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» ناملىق كىتابنىڭ 39-‏دە‌رسىگە قاراڭ.‏

c ‏jw.org تور بېكىتىمىزدىكى «‏يالغان مە‌لۇ‌ماتلاردساقلاڭ‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

d كۆپرە‌ك تە‌پسىلاتلارنى بىلىش ئۈچۈن ‏«پاك ئىبادە‌ت» كىتابىنىڭ (‏باشقا تىلدا)‏ 13 ۋە 14-‏بابلىرىغا قاراڭ.‏