مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

32-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىپ،‏ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولۇ‌ڭ!‏

يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىپ،‏ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولۇ‌ڭ!‏

‏«غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى ئىكە‌نلىكىڭلار ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رگە ئايان بولسۇ‌ن»—‏فىلىپى.‏ 4:‏5‏.‏

6-‏ناخشا خۇ‌دا خىزمە‌تچىسىنىڭ دۇ‌ئاسى

بۇ ماقالىدە a

قايسى تۈردىكى دە‌رە‌خ بولۇ‌شنى خالايسىز؟‏ (‏1-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

1.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قايسى مە‌نىدە مېۋىلىك دە‌رە‌خقە ئوخشاش بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

 ‏«ئېگىلىدىكە‌ن ئالما شاخلىرى مېۋىسى قانچە ئوخشىغانسېرى».‏ بۇ ماقال-‏تە‌مسىل مۇ‌ھىم بىر ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىدۇ:‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن پىشىپ يېتىلگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى چوقۇ‌م ئە‌ۋرىشىمچان،‏ يە‌نى ئېگىلىشكە تە‌ييار بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏ شە‌خسىي ۋە‌زىيە‌تلىرىمىزدە ئۆزگىرىشلە‌ر بولغاندا،‏ ئۇ‌لارغا ماسلىشىش ۋە باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە چىقارغان قارارلىرىنى ھۆرمە‌تلە‌ش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك.‏

2.‏ قايسى پە‌زىلە‌تلە‌ر ۋە‌زىيە‌تلە‌رنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ ۋە بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بولۇ‌ش سۈپىتىدە،‏ بىز غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولۇ‌شنى خالايمىز.‏ كە‌متە‌ر ۋە كۆيۈمچان بولۇ‌شنىمۇ خالايمىز.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بە‌زى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ۋە‌زىيە‌تلىرى ئۆزگە‌رگە‌ندە،‏ يېڭى ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە ماسلىشىشقا مۇ‌شۇ پە‌زىلە‌تلە‌رنىڭ قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بۇ پە‌زىلە‌تلە‌رنىڭ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.‏ بىراق،‏ ئاۋۋال يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسانىڭ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان بولۇ‌شتا قالدۇ‌رغان مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدۇ

3.‏ يە‌ھۋانىڭ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى قانداق بىلىمىز؟‏

3 يە‌ھۋا قە‌تئىي تە‌ۋرە‌نمە‌س،‏ مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولغاچقا،‏ «قورام تاش» دە‌پ ئاتالغان (‏تە‌كرار.‏ قا 32:‏4‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدۇ،‏ يە‌نى ۋە‌زىيە‌تنى نە‌زە‌رگە ئالىدۇ.‏ بۇ دۇ‌نيادا ۋە‌زىيە‌تلە‌ر ئۆزگىرىۋاتقاندا،‏ يە‌ھۋا ۋە‌زىيە‌تلە‌رنى كۆزدە تۇ‌تقان ھالدا ئۆز ۋە‌دىلىرىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىغا كاپالە‌تلىك قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى ئۆز ئوبرازىدا ياراتقان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بىزگىمۇ ۋە‌زىيە‌تنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش قابىلىيىتىنى بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ بىزگە قانداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇ‌قۇ‌شىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ دانا قارار چىقىرىشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدىغان ئېنىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى بە‌رگە‌ن.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۈلگىسى ۋە پرىنسىپلىرى شۇ‌نى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ:‏ ئۇ «قورام تاش»تە‌ك مە‌ھكە‌م بولۇ‌پ قالماي،‏ يە‌نە غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان خۇ‌دادۇ‌ر.‏

4.‏ يە‌ھۋانىڭ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى مىسال بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرۈڭ (‏لاۋىيلار 5:‏7،‏ 11‏)‏

4 يە‌ھۋانىڭ تۇ‌تقان يوللىرى مۇ‌كە‌ممە‌ل ۋە ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە ماس كېلىدۇ.‏ ئۇ ئىنسانلارغا ھە‌ددىدىن زىيادە قاتتىق تە‌لە‌پ قويمايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسرائىللارغا ئۆزىنىڭ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ مە‌يلى باي ياكى كە‌مبە‌غە‌ل بولسۇ‌ن،‏ ئۇ ھە‌ممىسىدىن ئوخشاش قۇ‌ربانلىقلارنى سۇ‌نۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلمىغان.‏ بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ ئۇ ھە‌ر بىر كىشىنىڭ ئۆز شارائىتىغا قاراپ،‏ قۇ‌ربانلىق ئېلىپ كېلىشىگە يول قويغان‏.‏—‏لاۋىيلار 5:‏7،‏ 11-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

5.‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌متە‌رلىكى ۋە كۆيۈمچانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

5 يە‌ھۋانىڭ كە‌متە‌رلىكى ۋە كۆيۈمچانلىقى ئۇ‌نى غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان بولۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا سودومدىكى رە‌زىل كىشىلە‌رنى يوقاتماقچى بولغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ كە‌متە‌رلىكى ئېنىق ئايان بولغان.‏ يە‌ھۋا پە‌رىشتىلىرى ئارقىلىق ھە‌ققانىي كىشى لۇ‌تقا تاغلىق رايونغا قېچىشنى بۇ‌يرىغان.‏ لۇ‌ت شۇ يە‌رگە بېرىشتىن قورققان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ يە‌ھۋادىن ئۆز ئائىلىسىدىكىلىرى بىلە‌ن ۋە‌يران قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغان،‏ كىچىك شە‌ھە‌ر زوئاردا پاناھلىنىشقا رۇ‌خسە‌ت قىلىشنى ئۆتۈنگە‌ن.‏ يە‌ھۋا چوقۇ‌م لۇ‌تتىن ئۆزى بۇ‌يرىغاندە‌ك قىلىشىنى قە‌تئىي تە‌لە‌پ قىلسا بولاتتى.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ لۇ‌تنىڭ ئۆتۈنۈشىنى نە‌زە‌رگە ئېلىپ،‏ ئاشۇ كىچىك شە‌ھە‌رنى ۋە‌يران قىلمىغان (‏يارىت.‏ 19:‏18–‏22‏)‏.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئە‌سىرلە‌ردىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا نىنە‌ۋى شە‌ھىرىنىڭ خە‌لقىگىمۇ رە‌ھىم قىلغان.‏ ئۇ يۇ‌نۇ‌س پە‌يغە‌مبە‌رنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ پات-‏ئارىدا شە‌ھە‌رنى ۋە ئۇ‌نىڭ رە‌زىل خە‌لقىنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.‏ بىراق،‏ نىنە‌ۋىلىكلە‌ر توۋا قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا ئىچ ئاغرىتىپ،‏ شە‌ھە‌رنى ۋە‌يران قىلمىغان.‏—‏يۇ‌نۇ‌س 3:‏1،‏ 10؛‏ 4:‏10،‏ 11‏.‏

6.‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئە‌يسا غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌نلىكىنى تە‌سۋىرلە‌پ بېرىڭ.‏

6 ئە‌يسامۇ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىپ،‏ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولغان.‏ ئۇ «ئىسرائىل جە‌مە‌تىنىڭ ئادىشىپ قالغان قويلىرىغا» ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئاشۇ ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلىغاندا،‏ ئۆزىنىڭ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بىر قېتىم،‏ ئىسرائىل خە‌لقىدىن بولمىغان بىر ئايال ئۇ‌نىڭدىن جىن چاپلىشىۋالغان قىزىنى ساقايتىشنى ئۆتۈنگە‌ن.‏ ئە‌يسا رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىپ،‏ ئايالنىڭ قىزىنى ساقايتقان (‏مە‌تتا 15:‏21–‏28‏)‏.‏ يە‌نە بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ۋە‌ز قىلىشنى باشلىغان چاغلاردا،‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «كىمكى .‏ .‏ .‏ مېنى ئىنكار قىلسا،‏ مە‌نمۇ .‏ .‏ .‏ ئىنكار قىلىمە‌ن» (‏مە‌تتا 10:‏33‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا ئۆزىدىن ئۈچ قېتىم تانغان پېترۇ‌ستىن تانغانمۇ؟‏ ياق.‏ ئۇ پېترۇ‌سنىڭ توۋا قىلغانلىقىنى ۋە ئىمان-‏ئېتىقادىنى نە‌زە‌رگە ئالغان.‏ ئە‌يسا تىرىلگە‌ندىن كېيىن پېترۇ‌سقا كۆرۈنگە‌ن ۋە ئۆزىنىڭ ئۇ‌نى كە‌چۈرگە‌نلىكىگە ۋە داۋاملىق سۆيىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرگە‌ن.‏—‏لۇ‌قا 24:‏33،‏ 34‏.‏

7.‏ فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏5-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ قانداق نام-‏ئاتاقنى قازىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

7 بىز يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقتۇ‌ق.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ يە‌ھۋا بىزدىنمۇ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولۇ‌شنى كۈتىدۇ ‏(‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ:‏ «كىشىلە‌ر مېنى غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان،‏ كە‌ڭ قوساق،‏ سە‌ۋرچان كىشى دە‌پ قارامدۇ؟‏ ياكى ئۇ‌لار مېنى جاھىل،‏ قوپال ياكى بوينى قاتتىق كىشى دە‌پ قارامدۇ؟‏ مە‌ن باشقىلارنىڭ چوقۇ‌م ئۆزۈم خالىغاندە‌ك قىلىشىنى قە‌تئىي تە‌لە‌پ قىلىمە‌نمۇ؟‏ ياكى بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ مە‌ن باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ تاللىشىغا يول قويۇ‌مە‌نمۇ؟‏» بىز غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولغانسېرى،‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانى ئۈلگە قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ ھازىر ئىككى ساھە‌دە:‏ بىرىنچى،‏ شە‌خسىي ۋە‌زىيە‌تلىرىمىزدە ئۆزگىرىش بولغاندا.‏ ئىككىنچى،‏ باشقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرى ۋە قارارلىرى بىزنىڭكىدىن پە‌رقلىق بولغاندا،‏ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولۇ‌شنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ۋە‌زىيە‌ت ئۆزگە‌رگە‌ندە غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولايلى

8.‏ ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئۆزگىرىش يۈز بە‌رگە‌ندە،‏ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏ئىزاھاتقا ھە‌م قاراڭ)‏

8 غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان بولۇ‌ش ۋە‌زىيە‌تلىرىمىز ئۆزگە‌رگە‌ندە ماسلىشىشچان بولۇ‌شنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئۆزگىرىشلە‌ر ئۆزىمىز ئويلىمىغان قىيىنچىلىقلارنى تۇ‌غدۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ جىددىي ساغلاملىق مە‌سىلىسىگە دۇ‌چ كېلىشىمىز ياكى تۇ‌يۇ‌قسىز ئىقتىسادىي ياكى سىياسىي ئۆزگىرىشلە‌ر تۈپە‌يلى،‏ ھاياتىمىز پۈتۈنلە‌ي ئاستىن-‏ئۈستۈن بولۇ‌پ كېتىشى مۇ‌مكىن (‏ۋە‌ز 9:‏11؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 7:‏31‏)‏.‏ ھە‌تتا تە‌شكىلات بىزگە باشقىچە ئۇ‌سۇ‌لدا ياكى باشقا جايدا يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ئېيتىشى مۇ‌مكىن.‏ قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لمە‌يلى،‏ تۆۋە‌ندىكى تۆت قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چقا ئە‌گە‌شسە‌ك،‏ يېڭى ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە ئوڭۇ‌شلۇ‌ق ماسلىشالايمىز:‏ (‏1)‏ رېئاللىقنى قوبۇ‌ل قىلىش،‏ (‏2)‏ كېلە‌چە‌ككە ئۈمىد بىلە‌ن قاراش،‏ (‏3)‏ ئىجابىي نە‌رسىلە‌رگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ش ۋە (‏4)‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش b‏.‏ بۇ قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلارنى بېسىشنىڭ قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى بە‌زى قېرىنداشلارنىڭ مىساللىرىدىن كۆرۈپ باقايلى.‏

9.‏ بىر جۈپ مىسسىئونېر ئە‌ر-‏ئايال قانداق كۈتمىگە‌ن سىناقلارغا تاقابىل تۇ‌رغان؟‏

9 رېئاللىقنى قوبۇ‌ل قىلىڭ.‏ ئىمانوئېل ۋە فرانچېسكا چە‌تئە‌لدە مىسسىئونېرلىق خىزمىتىگە تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لار يېڭى بىر تىلنى ئۆگىنىشنى ۋە يېڭى جامائە‌تتە قېرىنداشلار بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌شقا باشلىغان ئىدى.‏ دە‌ل شۇ ۋاقىتتا COVID-19 تارقىلىشچان ۋىرۇ‌سى باشلىنىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ باشقىلاردىن ئۆزلىرىنى چە‌تكە ئېلىپ،‏ ياشىشىغا توغرا كە‌لگە‌ن.‏ كېيىن،‏ فرانچېسكانىڭ ئانىسى تۇ‌يۇ‌قسىز ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ فرانچېسكا ئائىلىسىدىكىلىرى بىلە‌ن جە‌م بولۇ‌شنى بە‌كمۇ ئارزۇ قىلاتتى.‏ ئە‌مما،‏ تارقىلىشچان ۋىرۇ‌س سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۇ يۇ‌رتىغا قايتالمىغان.‏ مۇ‌شۇ بارلىق قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە،‏ ئۇ قانداق يۈزلە‌نگە‌ن؟‏ بىرىنچى،‏ ئىمانوئېل بىلە‌ن فرانچېسكا بىرلىكتە دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ھە‌ر كۈنى غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رنى يېڭىپ،‏ چۈشكۈنلۈككە چۈشمە‌سلىك ئۈچۈن ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت سورىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار بىر فىلىمىمىزدىكى بۇ‌رادە‌رنىڭ مۇ‌نۇ سۆزلىرىدىن ئىلھام ئالغان:‏ «بىز يېڭى ۋە‌زىيە‌تلە‌رنى قانچە تېز قوبۇ‌ل قىلساق،‏ شۇ‌نچە تېز قايتا خۇ‌شاللىققا ئېرىشىمىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ يېڭى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردىمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە ئە‌ڭ ياخشىسىنى قىلالايمىز»‏ c‏.‏ ئىككىنچى،‏ ئۇ‌لار تېلېفوندا گۇ‌ۋاھلىق بېرىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان،‏ ھە‌تتا بىر كىشى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقىنى باشلىغان.‏ ئۈچىنچى،‏ ئۇ‌لار يە‌رلىك قېرىنداشلارنىڭ قىزغىن ياردىمى ۋە ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شىنى مىننە‌تدارلىق بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلغان.‏ كۆيۈمچان بىر قېرىنداش ئۇ‌لارغا ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىر ئايە‌تنى تېلېفون ئۇ‌چۇ‌رى ئارقىلىق ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ بۇ بىر يىل داۋام قىلغان.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يېڭى ۋە‌زىيە‌تلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلغىنىمىزدا،‏ قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشنى قىلىشتىن قانائە‌ت تاپالايمىز.‏

10.‏ بىر قېرىنداش ھاياتىدىكى چوڭ بىر ئۆزگىرىشكە قانداق ماسلاشقان؟‏

10 كېلە‌چە‌ككە ئۈمىد بىلە‌ن قاراپ،‏ دىققىتىڭىزنى ئىجابىي نە‌رسىلە‌رگە قارىتىڭ.‏ ياپونىيە‌دە ياشايدىغان كرىستىنا ئىسىملىك رومىنىيە‌لىك قېرىنداش ئۆزى قاتناشقان ئىنگلىز تىلى جامائىتى تارقىتىۋېتىلگە‌ندە،‏ ئۈمىدسىزلە‌نگە‌ن ئىدى.‏ بىراق،‏ ئۇ دائىم شۇ ئىشنى ھە‌ققىدە ئويلاپ يۈرمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ يە‌رلىك جامائە‌تكە قاتنىشىپ،‏ ياپون تىلىدا ۋە‌ز قىلىشنى قولدىن كېلىشىچە قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شنى قارار قىلغان.‏ كرىستىنا ئۆزىنىڭ ياپون تىلىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر خىزمە‌تدىشىدىن ياردە‌م سورىغان.‏ شۇ ئايال ئۇ‌نىڭغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» دېگە‌ن كىتابنى ئىشلىتىپ،‏ ياردە‌م بېرىشكە قوشۇ‌لغان.‏ كرىستىنا ياپون تىلىنى ياخشىلاپلا قالماي،‏ شۇ ئايالمۇ ھە‌قىقە‌تكە قىزىقىشقا باشلىغان.‏ بىز ئۆتۈشىمىزگە ئە‌مە‌س،‏ كە‌لگۈسىمىزگە قاراپ،‏ ئىجابىي نە‌رسىلە‌رگە دىققە‌ت قاراتساق،‏ ئويلىمىغان ئۆزگىرىشلە‌ر بولسىمۇ،‏ كۈتمىگە‌ن بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز.‏

11.‏ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال نېمە ئىش قىلغان؟‏

11 باشقىلارغا ياردە‌م بېرىڭ.‏ خىزمىتىمىز مە‌نئىي قىلىنغان بىر دۆلە‌تتە ئە‌ر-‏ئايال ئىقتىسادىي كرىزىس باشلانغاندا،‏ شۇ يە‌ردە ياشايدىغان بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال مۇ‌قىم مائاشىدىن ئايرىلىپ قالغان.‏ ئۇ‌لار بۇ ۋە‌زىيە‌تكە قانداق ماسلاشقان؟‏ بىرىنچى،‏ ئۇ‌لار ئاددىي-‏ساددا تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئۈچۈن بە‌زى قە‌دە‌ملە‌رنى تاشلىغان.‏ ئىككىنچى،‏ دىققىتىنى ئۆز قىيىنچىلىقلىرىغا ئە‌مە‌س،‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە قارىتىپ،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشنى قارار قىلغان (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏35‏)‏.‏ يولدىشى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز ۋە‌ز خىزمىتى بىلە‌ن ئالدىراش ئۆتتۇ‌ق.‏ بۇ سە‌لبىي نە‌رسىلە‌رنى ئازراق ئويلاپ،‏ دىققىتىمىزنى خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاشقا قارىتىشىمىزغا ياردە‌م بە‌ردى».‏ ۋە‌زىيە‌تلىرىمىز ئۆزگە‌رگە‌ندە،‏ ۋە‌ز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشنىڭ نە‌قە‌دە‌ر مۇ‌ھىملىقىنى چوقۇ‌م ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك.‏

12.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالى ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە تۈرلۈك ئۆزگىرىشلە‌رگە ماسلىشىشقا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

12 ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە ماسلىشىشچان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ بىز ئىمان-‏ئېتىقادى،‏ كۆز قارىشى ۋە كېلىپ چىقىشى ئوخشىمايدىغان كىشىلە‌رنى ئۇ‌چرىتىمىز.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ماسلىشىشچان بولغان.‏ بىزمۇ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلالايمىز.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ پاۋلۇ‌سنى «باشقا مىللە‌تلە‌رگە ئە‌لچى بولۇ‌شقا» تە‌يىنلىگە‌ن (‏رىملىقلار 11:‏13‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س شۇ ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلاپ يە‌ھۇ‌دىيلار،‏ گرېكلار،‏ ئوقۇ‌مۇ‌شلۇ‌ق ئادە‌ملە‌ر،‏ كە‌متە‌ر دېھقانلار،‏ ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرى ۋە پادىشاھلارغا ۋە‌ز قىلغان.‏ ئاشۇ ھە‌ر تۈرلۈك كىشىلە‌رنىڭ قە‌لبىگە تە‌سىر قىلىش ئۈچۈن پاۋلۇ‌س ھە‌ر تۈرلۈك ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە ماسلىشىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلغان (‏1-‏كورىنت.‏ 9:‏19–‏23‏)‏.‏ پاۋلۇ‌س كىشىلە‌رنىڭ قە‌يە‌ردىن كە‌لگە‌نلىكى،‏ نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ۋە‌زىيە‌تكە ماسلىشىپ،‏ ھە‌ر بىر كىشنى خۇ‌داغا جە‌لپ قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا پاراڭلاشقان.‏ ئە‌گە‌ر بىزمۇ ھە‌ر ۋە‌زىيە‌تكە ماسلىشىشچان بولساق ۋە ھە‌ر بىر كىشىگە ياردە‌م بېرىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى يولىنى تېپىشقا تىرىشساق،‏ ۋە‌ز خىزمىتىمىز تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.‏

باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمە‌تلە‌ڭ

غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولساق،‏ باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمە‌تلە‌يمىز (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

13.‏ باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمە‌تلىسە‌ك،‏ 1-‏كورىنتلىقلار 8:‏9-‏ئايە‌تتە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن خە‌تە‌ردىن قانداق ساقلىنالايمىز؟‏

13 غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمە‌تلە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زى ئايال قېرىنداشلار بوينۇ‌پ ياسىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ،‏ بە‌زىلىرى ياخشى كۆرمە‌يدۇ.‏ بە‌زى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلە‌رنى مۇ‌ۋاپىق مىقداردا ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ،‏ ئە‌مما بە‌زىلە‌ر قە‌تئىي ئىچمە‌سلىكنى قارار قىلىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ بارلىق خىزمە‌تچىلىرى تە‌ن-‏سالامە‌تلىكىنىڭ ياخشى بولۇ‌شىنى ئارزۇ قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ تە‌ن-‏سالامە‌تلىكىگە پە‌رقلىق ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن كۆڭۈل بۆلۈشنى تاللايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ھە‌مىشە ئۆز كۆز قارىشىمىزنى توغرا دە‌پ ئويلىساق ۋە قېرىنداشلىرىمىزنى قايىل قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نساق،‏ باشقىلار ئۈچۈن پۇ‌تلىكاشاڭ بولۇ‌شىمىز ۋە بۆلۈنۈشلە‌رنى پە‌يدا قىلىشىمىز مۇ‌مكىن ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 8:‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ 10:‏23،‏ 24‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراشنى ۋە تىنچلىقنى ساقلىشىمىزغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرىدىغان ئىككى مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏

غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولساق،‏ باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمە‌تلە‌يمىز (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

14.‏ كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا قارىتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قانداق پرىنسىپلارنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

14 كىيىنىش ۋە ياسىنىش‏.‏ يە‌ھۋا بىزگە چوقۇ‌م نېمە كىيىش كېرە‌كلىكىنى ئېيتمىغان،‏ ئە‌مما ئە‌مە‌ل قىلىشقا تېگىشلىك بە‌زى پرىنسىپلارنى بە‌رگە‌ن.‏ بىز خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىگە ماس كىيىم-‏كېچە‌كلە‌رنى كىيىپ،‏ ئۆزىمىزنىڭ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان،‏ كە‌متە‌ر ۋە «ئوي-‏پىكىرى ساغلام» كىشى ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك (‏1-‏تىموت.‏ 2:‏9،‏ 10؛‏ 1-‏پېتر.‏ 3:‏3‏)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىمىزگە قارىتىدىغان كىيىم-‏كېچە‌كلە‌رنى كىيىشنى خالىمايمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى ئاقساقاللارنىڭ كىيىنىش ۋە چاچ پاسونىغا قارىتا،‏ ئۆزى خالىغانچە قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى بە‌لگۈلە‌شتىن ساقلىنىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مودا بولۇ‌ۋاتقان قىسقا،‏ ئە‌مما رە‌تسىز چاچ پاسونىنى قويۇ‌ۋالغان ياش بۇ‌رادە‌رلە‌رگە ياردە‌م قىلماقچى بولغان ئاقساقاللار قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى چىقارماي،‏ ياشلارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال جامائە‌تتىكى ئاقساقاللارنىڭ قېرىنداشلارغا مۇ‌نداق مە‌سلىھە‌ت بېرىشىنى تە‌ۋسىيە قىلغان:‏ «سىز سە‌ھنىدە بولغاندا،‏ تىڭشىغۇ‌چىلار گە‌پ-‏سۆزلىرىڭىزگە ئە‌مە‌س،‏ سىزگە بە‌كرە‌ك دىققە‌ت ئاغدۇ‌رغان بولسا،‏ كىيىنىش ۋە ياسىنىشىڭىزدا بىر چاتاق بار».‏ بۇ ئاددىي چۈشە‌ندۈرۈش ياشلارنىڭ چوقۇ‌م نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىشىگە ۋە ئاقساقاللارنىڭ قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى ئورناتماسلىقىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن d‏.‏

غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولساق،‏ باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمە‌تلە‌يمىز (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

15.‏ تە‌ن-‏ساغلاملىقىمىزنى قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ئاسراشنى تاللىغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قايسى پرىنسىپلىرى بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏رىملىقلار 14:‏5‏)‏

15 تـە‌ن-‏ساغـلاملىقنى ئاسـراش.‏ ھـە‌ر بـىر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى ئۆز تە‌ن-‏سالامە‌تلىكىگە قانداق كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆزى قارار قىلىشى كېرە‌ك (‏گالاتىيا.‏ 6:‏5‏)‏.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە تىببىي داۋالاشنى تاللاشقا توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قاندىن ۋە جىنكە‌شلىكتىن ساقلىنىڭلار دېگە‌ن قانۇ‌نلىرىغا چوقۇ‌م بويسۇ‌نۇ‌شى كېرە‌ك (‏ئە‌لچى.‏ 15:‏20؛‏ گالاتىيا.‏ 5:‏19،‏ 20‏)‏.‏ باشقا جە‌ھە‌تتە ئۇ‌لار قايسى داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى قوبۇ‌ل قىلىشنى ئۆزى قارار قىلالايدۇ.‏ بە‌زى كىشىلە‌ر تە‌ن-‏ساغلاملىقىنى ئاسراش ئۈچۈن مە‌خسۇ‌س تىببىي داۋالاش ئورۇ‌نلىرىدىن ياردە‌م ئىزدە‌يدۇ،‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر باشقا شە‌كىلدىكى داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى قوبۇ‌ل قىلىشنى تاللايدۇ.‏ مە‌لۇ‌م بىر داۋالاش ئۇ‌سۇ‌لى مە‌يلى پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكە‌نلىكىگە قە‌تئىي ئىشە‌نگە‌ن ھالە‌تتىمۇ،‏ بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز تە‌ن-‏سالامە‌تلىكىنى ئاسراشقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك شە‌خسىي قارار چىقىرىش ھوقۇ‌قىغا ھۆرمە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ تۆۋە‌ندىكى تۆت مۇ‌ھىم نۇ‌قتىنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز لازىم:‏ (‏1)‏ پە‌قە‌تلا خۇ‌دا پادىشاھلىقى تە‌ن-‏ساغلاملىقىمىزنى پۈتۈنلە‌ي ئە‌سلىگە كە‌لتۈرە‌لە‌يدۇ (‏يە‌شايا 33:‏24‏)‏.‏ (‏2)‏ ھە‌ر بىر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى نېمىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى ئىكە‌نلىكىگە تولۇ‌ق قايىل بولۇ‌شى كېرە‌ك ‏(‏رىملىقلار 14:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ (‏3)‏ بىز باشقىلارغا ھۆكۈم قىلمايمىز ياكى ئۇ‌لارنىڭ ئالدىغا پۇ‌تلىكاشاڭ تاش قويمايمىز (‏رىملىقلار 14:‏13‏)‏.‏ (‏4)‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ ۋە جامائە‌تنىڭ بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ شە‌خسىي كۆز قارىشىدىن مۇ‌ھىمراق ئىكە‌نلىكىنى ياخشى چۈشىنىدۇ (‏رىملىقلار 14:‏15،‏ 19،‏ 20‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌شۇ نۇ‌قتىلارنى ئە‌ستىن چىقارماي،‏ قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تنى ساقلىساق،‏ جامائە‌تنىڭ تىنچلىقىغا ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشىمىز.‏

غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولساق،‏ باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمە‌تلە‌يمىز (‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

16.‏ بىر ئاقساقال باشقا ئاقساقاللار بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ ئۆزىنىڭ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

16 غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولۇ‌شتا ئاقساقاللار ياخشى ئۈلگە بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏1-‏تىموت.‏ 3:‏2،‏ 3‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر ئاقساقال ئۆزىنىڭ يېشى باشقىلاردىن چوڭ بولغاچقا،‏ باشقىلار ھە‌ردائىم ئۇ‌نىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ دە‌پ كۈتمە‌سلىكى كېرە‌ك.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ھە‌ر بىر ئە‌زاسىغا تە‌سىر قىلىپ،‏ دانا قارار چىقىرىشقا ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشالايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپىغا خىلاپ بولمىسا،‏ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان ئاقساقاللار،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لار باشقا بىر قارارنى ئە‌ۋزە‌ل كۆرسىمۇ،‏ ئاقساقاللار كېڭىشىدىكى كۆپ ساندىكى ئە‌زالارنىڭ قارارىنى قوللاشقا تە‌ييار تۇ‌رىدۇ.‏

غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولۇ‌شنىڭ پايدىسى

17.‏ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولۇ‌شنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرىمىز؟‏

17 مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشىلە‌ر بولۇ‌ش ئارقىلىق كۆپلىگە‌ن بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدۇ.‏ بىز ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن تېخىمۇ ياخشىراق مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىپ،‏ خۇ‌شاللىق تاپالايمىز ۋە جامائە‌تتە تىنچ-‏ئىناقلىق بولىدۇ.‏ بىز مىجە‌ز-‏خۇ‌لقى،‏ مە‌دە‌نىيىتى،‏ كېلىپ چىقىشى پە‌رقلىق كىشىلە‌ردىن تە‌شكىللە‌نگە‌ن يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئارىسىدا شاد-‏خۇ‌راملىق تاپىمىز.‏ ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىمى،‏ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ،‏ كۆڭلىمىز قانائە‌ت تاپىدۇ.‏

53-‏ناخشا ئىناق بىللە خىزمە‌ت قىلىش

a يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدۇ،‏ يە‌نى ۋە‌زىيە‌تنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تىدۇ.‏ ئۇ‌لار بىزنىڭمۇ بۇ پە‌زىلە‌تنى يېتىلدۈرۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى بولساق،‏ ۋە‌زىيىتىمىزدە،‏ يە‌نى سالامە‌تلىكىمىز ياكى ئىقتىسادىي ئە‌ھۋالىمىزدا ئۆزگىرىش بولغاندا،‏ شۇ ئۆزگىرىشلە‌رگە ماسلىشىش بىز ئۈچۈن ئاسانراق بولىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ جامائە‌تنىڭ تىنچلىقى ۋە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىغا ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشىمىز.‏

b ‏«ئويغىنىش!‏» 2016-‏يىل،‏ 4-‏سانىدىكى «‏ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

c ‏«مە‌سىھىي ھاياتىمىز ۋە خىزمىتىمىز —‏ يىغىلىش قوللانمىسى»،‏ 2021-‏يىل،‏ مارت-‏ئاپرېل سانىدىكى «‏دۈشمە‌نلە‌رنىڭ قارشىلىقى سە‌ۋە‌بىدىن ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىۋالدى‏» دېگە‌ن ماقالىدە كە‌لتۈرۈلگە‌ن «‏دمىترىي مىخايلوۋ بۇ‌رادىرىمىز بىلە‌ن سۆھبە‌ت‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.‏

d كىيىنىش ۋە ياسىنىش توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتنى ‏«مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» كىتابىنىڭ 52-‏دە‌رسىدە تاپالايسىز.‏