23-تەتقىق ماقالىسى
ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارغا يەھۋانى سۆيۈشنى ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىڭلار!
«خۇدايىڭ يەھۋانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن».—مەتتا 22:37.
41-ناخشا يەھۋاغا ياش ۋاقتىڭدا ئىبادەت قىل!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. ھاياتىمىزدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغاندا، نېمە ئۈچۈن بەزى ئايەتلەر بىز ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ.
توي كۈنى، كېلىشكەن يىگىت ۋە ئۇنىڭ چىرايلىق كېلىنچىكى بىرلىكتە نىكاھ ھەققىدە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىپ سۆزلەنگەن نۇتۇقنى ئاڭلايدۇ. ئۇ نۇتۇقتا ئوقۇلغان ئايەتلەر ئۇلار ئۈچۈن بىر يېڭىلىق ئەمەس. ئەمما، دەل بۇ كۈندىن باشلاپ، شۇ ئايەتلەر ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار ئاشۇ ئايەتلەردىكى مەسلىھەت ۋە نەسىھەت سۆزلىرىنى ئەر-خوتۇن بىرلىكتە ئەمەلىي تۇرمۇشىدا قوللىنىدۇ.
2 ئەر-خوتۇن ئېتىقادچىلارمۇ ئاتا-ئانا بولۇش ۋە بالىلارنى چوڭ قىلىش ھەققىدە بىر قاتار نۇتۇقلارنى نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ئاڭلاپ كېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، شۇ نۇتۇقلاردا ئاڭلىغان مەسلىھەتلەر ھازىر ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. مانا ئەمدى ئۇلارنىڭ بېقىپ چوڭ قىلىدىغان ئۆز پەرزەنتى بار. بۇ ئىنتايىن چوڭ بىر مەسئۇلىيەت! ھاياتىمىزدا بەزى ۋەزىيەتلەردە، مەلۇم ئايەتلەر بىز ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىمراق بولىدۇ. شۇڭا، بارلىق يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار خۇددى ئۆتمۈشتىكى ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا ئوخشاش، يەھۋانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابنى «ئۆمۈر بويى» ئوقۇپ، ئوقۇغانلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىدۇ.—تەكرار. قا 17:19.
3. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 ئاتا-ئانىلار، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى سۈپىتىدە ئالاھىدە شان-شەرەپكە ئىگە! سىلەر بالىلىرىڭلارغا يەھۋا ھەققىدە ئۆگىتىسىلەر. ئەلۋەتتە، سىلەر بالىلىرىڭلارغا پەقەت خۇدايىمىز ھەققىدە تەلىم بېرىشنىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىنى چىن قەلبىدىن سۆيۈشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايسىلەر. بۇ مەقسەتكە قانداق يېتىشكە بولىدۇ؟ بۇ ماقالىدە، ئاتا-ئانىلارغا ياردەم بېرەلەيدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى تۆت پرىنسىپنى مۇھاكىمە قىلىمىز (2-تىموت. 3:16). بىز يەنە بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىشنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ئاتا-ئانىلارغا ياردەم بېرەلەيدىغان تۆت پرىنسىپ
4. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا يەھۋانى چىن قەلبىدىن سۆيۈشنى ئۆگىتىشىگە ياردەم بېرەلەيدىغان بىر پرىنسىپ نېمە؟ (ياقۇپ 1:5)
4 1-پرىنسىپ: يەھۋادىن يول-يورۇق سوراڭلار. بالىلىرىڭلارنىڭ يەھۋانى چىن قەلبىدىن سۆيۈشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يەھۋادىن ئەقىل-پاراسەت سوراڭلار (ياقۇپ 1:5-نى ئوقۇڭ). ئۇ مەسلىھەت بېرىشكە ئەڭ لايىق شەخس. بۇنىڭ بىرقانچە سەۋەبلىرى بار. ئۇلاردىن ئىككىسىنى كۆرۈپ باقايلى. بىرىنچى، يەھۋانىڭ پەرزەنت تەربىيىلەش تەجرىبىسى مول (زەبۇر 36:9). ئىككىنچى، ئۇ بەرگەن دانا مەسلىھەتلەر ھەمىشە بىز ئۈچۈن پايدىلىق.—يەشايا 48:17.
5. (1) يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ئاتا-ئانىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن نېمىلەرنى تەمىنلەيدۇ؟ (2) فىلىمدا كۆرسىتىلگەن قېرىنداشلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى چوڭ قىلىش ئۇسۇلىدىن نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟
5 مۇقەددەس كىتاب ۋە تەشكىلاتى ئارقىلىق، يەھۋا مول روھىي ئوزۇقلۇقلارنى تەمىنلەيدۇ، بۇلاردىن پايدىلىنىپ بالىلىرىڭلارنىڭ يەھۋانى چىن قەلبىدىن سۆيۈشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرەلەيسىلەر (مەتتا 24:45). مەسىلەن، بىرقانچە يىللار «ئويغىنىش!» ژۇرنىلىدا، «ئائىلىگە ياردەم» ناملىق بىر قاتار ماقالىلەر بېسىلغان. شۇ ماقالىلەردىن نۇرغۇن ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى تاپالايسىز. شۇ ژۇرناللار ھازىر تور بېكىتىمىزدە بار. ئۇنىڭدىن باشقا، jw.org تور بېكىتىمىزدىكى زىيارەت سۆھبەتلىرى ۋە درامىلار بار. بۇ فىلىملەردە تەكىتلەنگەن يەھۋانىڭ دانا مەسلىھەتلىرى ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتلىرىنى چوڭ قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ b.—پەند. نە 2:4–6.
6. جوۋ ۋە ئايالى يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدىن كەلگەن يول-يورۇققا قانداق كۆزقاراشتا؟
6 نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار يەھۋانىڭ ئۆز تەشكىلاتى ئارقىلىق قىلغان ياردىمىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن. جوۋ ئىسىملىك بىر ئاتا مۇنداق دېگەن: «ئۈچ بالىنى ھەقىقەت يولىدا تەربىيىلەش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. ئايالىم ئىككىمىز دائىم يەھۋادىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىمىز. ھەمىشە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ماقالە ياكى فىلىمنىڭ دەل ۋاقتىدا چىققانلىقىنى ھېس قىلدۇق. ھاياتىمىزدا ھەردائىم يەھۋانىڭ يول-يورۇقىغا تايىنىپ كېلىۋاتىمىز». جوۋ ۋە ئايالى ماقالىلەر ۋە فىلىملەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى يەھۋاغا يېقىنلىشىشىنى ئۆگىتىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن.
7. ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى ئۈلگە بولۇشى نېمە ئۈچۈن بەك مۇھىم؟ (رىملىقلار 2:21)
7 2-پرىنسىپ: ياخشى ئۈلگە بولۇڭلار. بالىلار ئاتا-ئانىسىغا قاراپ، دائىم ئۇلارنى ئۈلگە قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ھېچقانداق ئاتا-ئانا مۇكەممەل ئەمەس (رىملىقلار 3:23). شۇنداقتىمۇ، دانا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ياخشى ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىدۇ (رىملىقلار 2:21-نى ئوقۇڭ). بالىلار ھەققىدە بىر ئاتا مۇنداق دەيدۇ: «بالىلار خۇددى سۇيۇقلۇقلارنى ئۆزىگە سۈمۈرىۋالىدىغان پاختىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۆزىمىز ئىش-ھەرىكەتلىرى ئۇلارغا ئۆگەتكەنلىرىمىز بىلەن ماس كەلمىسە، ئۇلار بىزگە ئۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ». شۇڭا، بالىلىرىمىزنىڭ يەھۋانى سۆيۈشىنى ئۈمىد قىلساق، ياراتقۇچىمىزغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى بالىلىرىمىز كۆرۈپ يېتەلىشى كېرەك.
8، 9. ئاندرېي ۋە ئېممانىڭ سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟
8 ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا يەھۋانى سۆيۈشنى نۇرغۇن ئۇسۇللار بىلەن ئۆگىتەلەيدۇ. ئاندرېي ئىسىملىك 17 ياشلىق بۇرادەرنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ: «ئاتا-ئانام ھەردائىم دۇئانىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيتى. ھەر كۈنى كەچتە، دادام مەن بىلەن بىللە دۇئا قىلاتتى. ھەتتا مەن ئاللىقاچان ئۆزۈم دۇئا قىلىپ بولغان بولساممۇ، ئۇ شۇنداق قىلاتتى. ئاتا-ئانام سىڭلىم ئىككىمىزگە دائىم: «سىلەر خالىغان ۋاقتىڭلاردا، نەچچە قېتىم خالىساڭلار، شۇنچە قېتىم يەھۋا بىلەن سۆزلەشسەڭلار بولىدۇ»،— دەپ ئەسكەرتىپ تۇراتتى. ھەردائىم شۇنداق تەكىتلەپ تۇرۇش ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، ھازىر مەن يەھۋاغا ئەركىن-ئازادە دۇئا قىلىمەن ۋە ئۇنى مېھىر-شەپقەتلىك ئاتا دەپ قارايمەن». ئاتا-ئانىلار، ئۆزۈڭلارنىڭ يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ بالىلىرىڭلارغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ھەرگىز سەل چاغلىماڭلار.
9 يەنە ئېممانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. دادىسى ئېغىر قەرزلەرگە بوغۇلۇپ، ئائىلىسىنى تاشلاپ كېتىپ قالغاندا، ئاپىسى بۇ قەرزلەرنى تۆلەشكە توغرا كەلگەن. ئېمما مۇنداق دەيدۇ: «كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ئاپام پۇلسىز قالاتتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ھەمىشە يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتكارلىرىغا قانداق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى تەمىنلەيدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەيتتى. مەن ئاپامنىڭ ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلىدىن، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن خۇداغا ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرەتتىم. ئاپامنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى بىلەن قىلغان ئىشلىرى بىردەك ئىدى». بىز بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئاتا-ئانىلار ھەتتا قىيىن ۋەزىيەتتىمۇ بالىلىرىغا ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ.—گالاتىيا. 6:9.
10. قەدىمقى ئىسرائىلدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىشى ئۈچۈن قانداق پۇرسەتلىرى بار ئىدى؟ (تەكرار قانۇن 6:6، 7)
10 3-پرىنسىپ: بالىلىرىڭلار بىلەن دائىم پاراڭلىشىڭلار. قەدىمقى زاماندا، خۇدا ئىسرائىل خەلقىنى پەرزەنتلىرىگە ياراتقۇچىسى يەھۋا ھەققىدە دائىم ئۆگىتىشكە بۇيرىغان ئىدى (تەكرار قانۇن 6:6، 7-نى ئوقۇڭ). ئاشۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر كۈن ئىچىدە بالىلىرىنىڭ قەلبىگە يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى سىڭدۈرۈشى ئۈچۈن كۆپ پۇرسەتلىرى بولاتتى. مەسىلەن، بىر ياش ئوغۇل بالا دادىسىنىڭ زىرائەتلەرنى تېرىش ياكى ھوسۇل يىغىشىغا بىر قانچە سائەت ياردەم بېرەتتى. ئۇنىڭ سىڭلىسى شۇ كۈنى كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئانىسىغا تىككۈچىلىك، توقۇمىچىلىق ياكى باشقا ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە سەرپ قىلاتتى. ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلىرى بىللە ئىشلىگەچكە، ئۇلار نۇرغۇن مۇھىم ماۋزۇلار ھەققىدە پاراڭلىشالايتتى. مەسىلەن، ئۇلار يەھۋانىڭ ياخشىلىقى ھەققىدە سۆزلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسىگە ياراتقۇچىسىنىڭ قانداق ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى مۇھاكىمە قىلالايتتى.
11. ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن قاچان پاراڭلاشسا بولىدۇ؟
11 زامان ئۆزگەردى. ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار كۈن بويى بىرگە بولالمايدۇ. ئاتا-ئانىلار ئىش ئورنىدا، بالىلار بولسا مەكتەپتە بولۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشى كېرەك (ئەفەس. 5:15، 16؛ فىلىپى. 1:10). ئائىلىۋى ئىبادەت دەل شۇنداق قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئالېكساندىر ئىسىملىك ياش بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «دادام ھەمىشە ئائىلىۋى ئىبادەتنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ بىز بىرگە بولىدىغان بۇ ۋاقىتقا ھەرقانداق نەرسىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول بەرمەيدۇ. تەتقىق ئۆگىنىشىمىزدىن كېيىن، بىز بىرلىكتە مۇھىم دەپ قارىغان ھەرقانداق نەرسىلەر ھەققىدە پاراڭلىشىمىز».
12. ئائىلىۋى ئىبادەت ۋاقتىدا، ئائىلە باشلىقى نېمىلەرنى ئەستە ساقلىشى كېرەك؟
12 ئەگەر ئائىلە باشلىقى بولسىڭىز، ئائىلىۋى ئىبادەتنىڭ بالىلارغا قىزىقارلىق، خۇشال-خۇرام ئۆتۈشى ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ يېڭىلا نەشىردىن چىققان «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» ناملىق كىتابنى بالىلىرىڭىز بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىڭ. بۇ كىتاب ئاسانلا جانلىق سۆھبەتكە يېتەكلەيدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭىزنىڭ ئۆز ھېس-تۇيغۇ ۋە غەم-ئەندىشىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارە ئېيتىپ بېرىشىنى خالىسىڭىز، ئائىلىۋى ئىبادەت ۋاقتىدا، ئۇلارنى تەنقىدلەپ نەسىھەت بەرمەڭ. بالىلىرىڭىز مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارغا ماس كەلمەيدىغان كۆز قاراشنى ئىپادىلىسە، ئاچچىقلانماسلىققا تىرىشىڭ. ئەكسىنچە، ئۇلار ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى سىزگە سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتىپ بەرگىنى ئۈچۈن خۇشال بولۇڭ ۋە ئۇلارنى ئەركىن ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ. بالىلىرىڭىزنىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگەندىلا، ئاندىن ئۇلارغا ئەڭ ياخشى ياردەم بېرەلەيسىز.
13. ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يەنە قانداق پۇرسەتلەر بار؟
13 ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەر كۈنى پۇرسەتلەرنى ئىزدەڭلار. ئۇلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەتلىك خۇدايىمىز ھەققىدە ئۆگىتىش ئۈچۈن رەسمىي مۇقەددەس كىتاب تەتقىقى ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىتنى كۈتۈشۈڭلارنى ھاجىتى يوق. لىسا ئىسىملىك ئانىنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە دىققەت قىلىپ باقايلى: «بىز ئەتراپىمىزدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، بالىلىرىمىزغا ياراتقۇچىمىز يەھۋا ھەققىدە ئۆگەتتۇق. مەسىلەن، ئىتىمىزنىڭ قىزىقارلىق ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ، بالىلار قاقاقلاپ كۈلگەندە، بالىلارغا ياراتقۇچىمىزنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا ئىگە، خۇشال خۇدا ئىكەنلىكى ۋە شاد-خۇرام ياشىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتىمىز».
14. نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ياخشى دوستلارنى تاللىشىغا ياردەم بېرىشى بەك مۇھىم؟ (پەندى-نەسىھەت 13:20)
14 4-پرىنسىپ: بالىلىرىڭلارنىڭ ياخشى دوستلارنى تاللىشىغا ياردەم بېرىڭلار. خۇدانىڭ سۆزى شۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، دوستلىرىمىز بىزگە ياخشى ياكى يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ (پەندى-نەسىھەت 13:20-نى ئوقۇڭ). ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ دوستلىرىنى تونۇمسىلەر؟ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزگەنمۇ؟ بالىلىرىڭلارنىڭ يەھۋانى سۆيىدىغان كىشىلەر بىلەن دوست بولۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىلەر؟ (1-كورىنت. 15:33) يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان كىشىلەرنى ئائىلەڭلار بىلەن بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىڭلار. شۇ ئارقىلىق بالىلىرىڭلارنىڭ ياخشى دوستلارنى تاللىشىغا ياردەم بېرەلەيسىلەر.—زەبۇر 119:63.
15. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ياخشى دوستلارنى تېپىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟
15 تونى ئىسىملىك دادىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى. ئەر-ئايال ئىككىسى بالىلىرىنىڭ ياخشى دوستلارنى تېپىشىغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، تونى مۇنداق دەيدۇ: «كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئايالىم ئىككىمىز پەرقلىق ياش ۋە ئارقا كۆرۈنۈشتىكى قېرىنداشلارنى ئۆيۈمىزگە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇلار بىز بىلەن بىرگە تاماق يەپ، ئائىلىۋى ئىبادەتنى ئۆتكۈزدۇق. بۇ يەھۋانى سۆيىدىغان ۋە ئۇنىڭغا خۇشال-خۇرام خىزمەت قىلىدىغانلار بىلەن تونۇشۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار، يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلار (مىسسىئونېرلار) ۋە باشقىلار ئۆيۈمىزدە مېھمان بولۇپ قونۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى، قىزغىنلىقى ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بالىلىرىمىزغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى ۋە ئۇلارنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ياردەم بەردى». ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ ياخشى دوستلارنى تېپىشىغا ياردەم بېرىش قارارىڭلار قەتئىي بولسۇن.
بەل قويۇۋەتمەڭلار!
16. ئەگەر بالىڭىز يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتسىچۇ؟
16 ئەگەر سىلەر تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساڭلارمۇ، بالىلىرىڭلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتسىچۇ؟ ئۆزۈڭلارنى مەغلۇپ بولغان ئاتا-ئانا دەپ يەكۈن چىقارماڭلار. يەھۋا ھەممىمىزگە تاللاش ئەركىنلىكىنى بەرگەن. ئەلۋەتتە، سىزنىڭ بالىڭىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. ھەركىم ياراتقۇچى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش-قىلماسلىقىنى ئۆزى تاللايدۇ. ئەگەر بالىڭىز يەھۋاغا خىزمەت قىلماسلىقنى قارار قىلغان بولسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىدىن ئۈمىد ئۈزمەڭ. يوقالغان ئوغۇل ھەققىدىكى تەمسىلىنى ئەستىن چىقارماڭ (لۇقا 15:11–19، 22–24). شۇ يىگىت نۇرغۇن يامان ئىشلارنى قىلىپ، ھەققانىيلىق يولىدىن يىراقلاپ كەتكەن ئىدى، ئەمما ئاخىرىدا ئۇ قايتىپ كەلدى. بەلكىم، بەزىلەر: «ئۇ پەقەتلا بىر تەمسىل» دېيىشى مۇمكىن. «ئۇنداق ۋەقە رېئال تۇرمۇشتا يۈز بېرەمدۇ؟» ئەلۋەتتە، يۈز بېرىدۇ! ئەمەلىيەتتە، ئېلى ئىسىملىك يىگىت شۇنداق ئىشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن.
17. ئېلى باشتىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبە سىزگە قانداق ئىلھام-مەدەت بېرىدۇ؟
17 ئاتا-ئانىسى توغرىلىق، ئېلى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن قەلبىمگە يەھۋا ۋە مۇقەددەس كىتابقا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى سىڭدۈرگەن. ئۆسمۈرلۈك چېغىمدا، مەن ئىسيانكار بولۇشقا باشلىدىم». ئېلى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن كۈن كەچۈرۈشكە باشلىغان، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغان. ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، يامان ئىشلارغا ئارىلاشقان. شۇنداق بولسىمۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئۇ بىر دوستى بىلەن مۇقەددەس كىتاب توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن ئىدى. ئېلى مۇنداق دەيدۇ: «مەن دوستۇمغا يەھۋا ھەققىدە كۆپ سۆزلىگەنسېرى، ئۆزۈمنىڭ يەھۋا ھەققىدە ئويلىنىۋاتقانلىقىمنى بايقىدىم. ئاتا-ئانام قەلبىمگە چاچقان ھەقىقەت ئۇرۇقى، ئۇزۇن يىللار ئۇخلاپ ياتقان بولسىمۇ، ئەمدى ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، ئاستا-ئاستا بىخلاپ ئۆسۈشكە باشلىدى». كېيىن، ئېلى ھەقىقەتكە قايتىپ كەلدى c. ئوغلىنى كىچىكىدىن باشلاپلا يەھۋانى سۆيۈشكە ئۆگەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسىنىڭ قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ!—2-تىموت. 3:14، 15.
18. بالىلىرىغا يەھۋانى سۆيۈشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئاتا-ئانىلار كۆرگەندە، سىز قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىسىز؟
18 ئاتا-ئانىلار، سىلەرگە يېڭى بىر ئەۋلاتنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار بولۇپ، چوڭ بولۇشىغا ياردەم بېرىش شان-شەرىپى بېرىلگەن (زەبۇر 78:4–6). بۇ ئاسان ئىش ئەمەس، بىز سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىڭلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن ماختايمىز! ئەگەر سىلەر داۋاملىق بالىلىرىڭلارغا يەھۋانى سۆيۈشنى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ ياشاشنى پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئۆگەتسەڭلار، ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ خۇشال بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايسىلەر.—ئەفەس. 6:4.
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
a يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بولغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار بالىلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە ھېسسىي جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، شۇ ئاتا-ئانىلار پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىلىرىنىڭ يەھۋانى سۆيۈشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ھازىر ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ مەقسەتكە يېتىشىگە ياردەم بېرەلەيدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى تۆت پرىنسىپنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىمىز.
b تور بېكىتىدىكى، «بالا تەربىيىلەشنى يەھۋا خۇدادىن ئۆگەندۇق» دېگەن فىلىمنى كۆرۈڭ.
c «كۈزىتىش مۇنارى»، 2012-يىل، 1-ئاپرېل سانىدىكى «مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ» (باشقا تىلدا) ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
d سۈرەتتە: ئوغلىنىڭ دوستلىرى بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن، بىر دادا، ئوغلى ۋە ئوغلىنىڭ دوستى بىلەن ۋاسكېتبول ئويناۋاتىدۇ.