مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

22-‏تە‌تقىق ماقالىسى

دانالىق ھاياتىڭىزدا يولباشچى بولسۇ‌ن!‏

دانالىق ھاياتىڭىزدا يولباشچى بولسۇ‌ن!‏

‏«يە‌ھۋا ئۆزى دانالىق بە‌رگۈچىدۇ‌ر»‏‏.‏‏—‏پە‌ند.‏ نە 2:‏6‏.‏

6-‏ناخشا خۇ‌دا خىزمە‌تچىسىنىڭ دۇ‌ئاسى

بۇ ماقالىدە a

1.‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌ممىمىز خۇ‌دادىن كېلىدىغان ئە‌قىل-‏پاراسە‌تكە موھتاج؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏7‏)‏

 سىز ئىلگىرى مۇ‌ھىم بىر قارارنى چىقىرىشقا توغرا كە‌لگە‌ن بولسا،‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت سوراپ،‏ دۇ‌ئا قىلدىڭىز.‏ چۈنكى،‏ سىز يولباشچىلىققا موھتاجلىقىڭىزنى بىلىسىز (‏ياقۇ‌پ 1:‏5‏)‏.‏ سۇ‌لايمان پادىشاھ دانالىققا ئېرىشىشنىڭ ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىملىقى،‏ شۇ‌ڭا ئە‌قىل-‏پاراسە‌تكە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش لازىملىقىنى يازغان ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ سۇ‌لايمان بۇ يە‌ردە ئىنسانلارنىڭ دانالىقى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋادىن كېلىدىغان دانالىق ھە‌ققىدە سۆز قىلغان (‏پە‌ند.‏ نە 2:‏6‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ياراتقۇ‌چىدىن كېلىدىغان ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت بۈگۈنكى كۈندە بىز دۇ‌چ كېلىۋاتقان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلىشقا ياردە‌م بېرە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ ماقالىدە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى بىر-‏بىرلە‌پ كۆرۈپ چىقىمىز.‏

2.‏ ھە‌قىقىي دانالىققا ئېرىشىشنىڭ بىر يول قايسى؟‏

2 ھە‌قىقىي دانالىققا ئېرىشىشىمىزنىڭ بىر يولى،‏ دانالىقى بىلە‌ن ھۆرمە‌تكە سازاۋە‌ر بولغان ئىككى كىشىنىڭ تە‌لىملىرىنى چوڭقۇ‌ر تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋە ئۇ‌نى ئە‌مە‌لىي قوللىنىشتۇ‌ر.‏ بىرىنچى،‏ سۇ‌لايمان ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «خۇ‌دا سۇ‌لايمانغا زىيادە كۆپ دانالىق،‏ ئە‌قىل-‏ئىدراك ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇ‌مدە‌ك چە‌كسىز ھېكمە‌تكە تولغان يۈرە‌كنى ئاتا قىلدى» (‏1-‏پادىشاھ.‏ 4:‏29‏)‏.‏ ئىككىنچى،‏ ئىنسانىيە‌ت تارىخىدىكى ئە‌ڭ دانا كىشى ئە‌يسا توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌لاھىزە قىلىمىز (‏مە‌تتا 12:‏42‏)‏.‏ ئە‌يسا ھە‌ققىدە:‏ «يە‌ھۋانىڭ روھى ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ،‏ ئۇ‌نىڭدا دانالىق ۋە ئە‌قىل-‏ئىدراكنىڭ روھى،‏ .‏ .‏ .‏ بولىدۇ» دە‌پ بېشارە‌ت بېرىلگە‌ن.‏—‏يە‌شايا 11:‏2‏.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 خۇ‌دا بە‌رگە‌ن ئە‌قىل-‏پاراسە‌تنى ئىشلىتىپ،‏ سۇ‌لايمان ۋە ئە‌يسا ھە‌ر ئىككىسى ھە‌ممىمىز قىزىقىدىغان مۇ‌ھىم ئىشلار ھە‌ققىدە ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بە‌رگە‌ن.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز پۇ‌ل،‏ ئىش ۋە ئۆزىمىزگە قارىتا تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشتا بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان بە‌زى نە‌سىھە‌تلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

پۇ‌لغا بولغان تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراش

4.‏ سۇ‌لايمان بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ تۇ‌رمۇ‌ش شارائىتى قانداق پە‌رق بار ئىدى؟‏

4 سۇ‌لايماننىڭ ھە‌يران قالارلىق كۆپ بايلىقى بار ئىدى،‏ ئۇ ھە‌شە‌مە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرگە‌ن (‏1-‏پادىشاھ.‏ 10:‏7،‏ 14،‏ 15‏)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئە‌يسانىڭ مال-‏مۈلكى ئاز،‏ ئۆزىنىڭ ئۆيىمۇ يوق ئىدى (‏مە‌تتا 8:‏20‏)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ھە‌ر ئىككىلىسى مال-‏دۇ‌نياغا تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراشتا بولغان،‏ چۈنكى ئۇ‌لاردا يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن دانالىق بار ئىدى.‏

5.‏ سۇ‌لايمان پۇ‌لغا قارىتا قانداق تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشتا بولغان؟‏

5 سۇ‌لايمان پۇ‌ل «قوغدايدۇ» دېگە‌ن (‏ۋە‌ز 7:‏12‏)‏.‏ پۇ‌لىمىز بولسا،‏ زۆرۈر تۇ‌رمۇ‌ش لازىمە‌تلىكلىرىنى،‏ بە‌لكىم ئارزۇ قىلغان بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى سېتىۋالالايمىز.‏ بىراق،‏ سۇ‌لايمان شۇ‌نچە باي بولسىمۇ،‏ پۇ‌لدىنمۇ مۇ‌ھىم نە‌رسىلە‌رنىڭ بارلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ «ياخشى نام زور بايلىقتىن ئە‌ۋزە‌لدۇ‌ر» دە‌پ يازغان (‏پە‌ند.‏ نە 22:‏1‏)‏.‏ سۇ‌لايمان يە‌نە پۇ‌لنى سۆيىدىغان كىشىلە‌رنىڭ ئۆزىدە بارىغا قانائە‌ت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن (‏ۋە‌ز 5:‏10،‏ 12‏)‏.‏ ئۇ بىزنى ئىشە‌نچىمىزنى پۇ‌لغا باغلىماسلىققا ئاگاھلاندۇ‌رغان،‏ چۈنكى پۇ‌لىمىز تېزلا يوق بولۇ‌پ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏—‏پە‌ند.‏ نە 23:‏4،‏ 5‏.‏

مال-‏دۇ‌نياغا بولغان كۆز قارىشىمىز خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شقا توسالغۇ بولامدۇ؟‏ (‏6،‏ 7-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ d

6.‏ ئە‌يسا مال-‏دۇ‌نياغا قارىتا قانداق تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشتا بولغان؟‏ (‏مە‌تتە 6:‏31–‏33)‏

6 ئە‌يسا مال-‏دۇ‌نياغا تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشتا بولغان.‏ ئۇ يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كلىكلە‌ردىن ھۇ‌زۇ‌رلانغان (‏لۇ‌قا 19:‏2،‏ 6،‏ 7‏)‏.‏ ئۇ بىر قېتىم مۆجىزە كۆرسىتىپ،‏ سۇ‌نى ناھايىتى ياخشى سۈپە‌تلىك شارابقا ئايلاندۇ‌رغان (‏يۇ‌ھاننا 2:‏10،‏ 11‏)‏.‏ ئۇ ئۆلۈپ كېتىدىغان كۈنى ئېسىل سۈپە‌تلىك توننى كىيگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 19:‏23،‏ 24‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسا مال-‏دۇ‌نيانىڭ ھاياتىدا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌ندا تۇ‌رۇ‌شىغا يول بە‌رمىگە‌ن.‏ ئۇ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە:‏ «سىلە‌ر ھە‌م خۇ‌دانىڭ،‏ ھە‌م بايلىقنىڭ قۇ‌لى بولالمايسىلە‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن ئىدى (‏مە‌تتا 6:‏24‏)‏.‏ ئە‌يسا يە‌نە،‏ ئە‌گە‌ر بىز ئە‌ڭ ئاۋۋال خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويساق،‏ يە‌ھۋا چوقۇ‌م تۇ‌رمۇ‌شتا ئېھتىياجلىق نە‌رسىلىرىمىزنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏—‏مە‌تتا 6:‏31–‏33-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

7.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر پۇ‌لغا تە‌ڭپۇ‌ڭ قاراشتا بولۇ‌پ،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشكە‌ن؟‏

7 نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلىرىمىز پۇ‌ل توغرۇ‌لۇ‌ق خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن ئە‌قىل-‏پاراسە‌تنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگە‌ن.‏ يالغۇ‌ز ياشايدىغان دانىيال ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ:‏ «ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا،‏ مە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ھاياتىمدا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويۇ‌شنى قارار قىلدىم»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ دانىيال ئاددىي-‏ساددا ھايات كە‌چۈرگە‌چ،‏ ئۆز ۋاقتى ۋە قابىلىيىتىنى ئاپە‌تتىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ۋە بە‌يتە‌ل ئىشلىرىغا ياردە‌م بېرىشكە سە‌رپ قىلالىغان.‏ ئۇ يە‌نە:‏ «سە‌مىمىيلىك بىلە‌ن ئېيتتالايمە‌نكى،‏ مە‌ن بۇ يولنى تاللاشنى قارار قىلغىنىم ئۈچۈن ئە‌زە‌لدىن پۇ‌شايمان قىلىپ باقمىدىم.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌گە‌ر مە‌ن پۇ‌ل تېپىشنى ھاياتىمدا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويغان بولسام،‏ كۆپ پۇ‌ل تاپقان بولاتتىم.‏ ئە‌مما،‏ ئاجايىپ ياخشى دوستلارنى تاپالمايتتىم.‏ ئە‌گە‌ر پۇ‌ل تېپىشقا دىققىتىمنى قاراتقان بولسام،‏ ھازىرقىدە‌ك خۇ‌شاللىق تاپالمايتتىم.‏ چۈنكى،‏ مە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغاچ،‏ ھازىرقىدە‌ك زور خۇ‌شاللىققا ئېرىشە‌لىدىم.‏ يە‌ھۋا مېنى پۇ‌ل بىلە‌ن ئېرىشكىلى بولمايدىغان ئاجايىپ زور بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈردى».‏ ئېنىقكى،‏ بىز دىققىتىمىزنى پۇ‌لغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى خۇ‌دانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا قاراتساق،‏ ئۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرىمىز.‏

ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە قارىتا تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراش

8.‏ سۇ‌لايماننىڭ ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشتا بولغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟‏ (‏ۋە‌ز 5:‏18،‏ 19‏)‏

8 سۇ‌لايمان بىزنىڭ جاپالىق ئە‌مگە‌ك قىلىپ ئېرىشە‌لە‌يدىغان ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋىتىمىزنى خۇ‌دانىڭ ئىلتىپاتى دە‌پ ئاتىغان (‏ۋە‌ز 5:‏18،‏ 19-‏نى ئوقۇ‌ڭ‏)‏.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «كېلە‌ر ھە‌ربىر مېھنە‌تتىن پايدا» (‏پە‌ند.‏ نە 14:‏23‏)‏.‏سۇ‌لايمان ئاشۇ سۆزلە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ ئىشچان كىشى بولغان!‏ ئۇ ئۆيلە‌رنى،‏ ئۈزۈمزارلىقلارنى سالغان،‏ باغلارنى ۋە سۇ كۆلچە‌كلىرىنى ياسىغان.‏ يە‌نە شە‌ھە‌رلە‌رنى بە‌رپا قىلغان (‏1-‏پادىشاھ.‏ 9:‏19؛‏ ۋە‌ز 2:‏4–‏6‏)‏.‏شۇ‌لار جاپالىق ئىشلار ئىدى ۋە سۇ‌لايمان چوقۇ‌م ئۆزى قىلغان ئىشلاردىن خۇ‌شاللىق تاپقان.‏ ئۇ پە‌قە‌تلا شۇ ئىشلارنىڭ ئۇ‌نى خۇ‌شال قىلىشى بىلە‌ن چە‌كلىنىپ قالماي،‏ يە‌نە يە‌ھۋا ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلارنى قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان ھە‌يۋە‌تلىك ئىبادە‌تخانا قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىنى تاماملاشقا باش بولۇ‌پ،‏ يە‌تتە يىل ئۆزى يېتە‌كچىلىك قىلغان (‏1-‏پادىشاھ.‏ 6:‏38؛‏ 9:‏1‏)‏.‏ سۇ‌لايمان نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئىشلارنى قىلىپ كۆرگە‌ندىن كېيىن،‏ بىر كىشىنىڭ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشتىن مۇ‌ھىم ئىشى بولمايدىغانلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «بۇ ئېيتىلغان ھە‌ممە سۆزلە‌رنىڭ خۇ‌لاسىسى شۇ:‏ ھە‌ق خۇ‌دادىن قورققىن ۋە ئۇ‌نىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا ئە‌مە‌ل قىل.‏ چۈنكى،‏ ئىنساننىڭ بارچە مە‌جبۇ‌رىيىتى بۇ‌دۇ‌ر».‏—‏ۋە‌ز 12:‏13‏.‏

9.‏ ئە‌يسا ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويۇ‌شتىن قانداق ساقلانغان؟‏

9 ئە‌يسا ئىشچان ئىدى.‏ ئۇ ياش ۋاقتىدا،‏ ياغاچچى بولۇ‌پ ئىشلىگە‌ن (‏ماركۇ‌س 6:‏3‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ ئاتا-‏ئانىسى چوڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقاندا،‏ ئە‌يسانىڭ قىلغان ياردىمى ئۈچۈن مىننە‌تدار بولغان.‏ ئە‌يسا مۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌م بولغاچ،‏ ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئە‌ڭ ياخشى قىلغان،‏ بە‌لكىم نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئۇ ياسىغان نە‌رسىلە‌رنى خالىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن!‏ بە‌لكىم،‏ ئە‌يسا ئۆز ئىش-‏ئە‌مگىكىنىڭ ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋىتىنى كۆرگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئۆز ھۈنىرىنى تىرىشىپ قىلغان بولسىمۇ،‏ دائىم خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا ۋاقىت ئاجراتقان ئىدى (‏يۇ‌ھاننا 7:‏15‏)‏.‏ كېيىن،‏ ئە‌يسا پۈتۈن كۈن ۋە‌ز ئېيتىش بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌پ،‏ ئە‌تراپىدىكى ئاڭلىغۇ‌چىلارغا مۇ‌نداق نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن:‏ «ۋاقتىنچە بولىدىغان تاماق ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ ئىنسان ئوغلى بېرىدىغان مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان تاماق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلە‌ڭلار!‏» (‏يۇ‌ھاننا 6:‏27‏)‏.‏ ئە‌يسا تاغدىكى ۋە‌ز-‏نە‌سىھىتىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئاسماندا ئۆزۈڭلارغا خە‌زىنە توپلاڭلار».‏—‏مە‌تتا 6:‏20‏.‏

ئىش-‏ئە‌مگە‌ك ۋە ئىبادە‌ت پائالىيە‌تلىرىمىزگە قارىتا تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشنى قانداق ساقلىيالايمىز؟‏ (‏10،‏ 11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ e

10.‏ ئىش ئورنىمىزدا،‏ ئىشچان خىزمە‌تچى بولساق،‏ قانداق قىيىنچىلىق تۇ‌غۇ‌لۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

10 خۇ‌دادىن كېلىدىغان ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئىش-‏ئە‌مگىكىمىزگە تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشتا بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى سۈپىتىدە،‏ بىزگە تىرىشىپ ياخشى ئىشلە‌ش ھە‌ققىدە نە‌سىھە‌ت بېرىلگە‌ن (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏28‏)‏.‏ ئىشقا ئالدىغان خوجايىن ھە‌مىشە سە‌مىمىيلىكىمىز ۋە ئىشچانلىقىمىزغا دىققە‌ت قىلىدۇ ۋە قىلغان ئىشلىرىمىزدىن سۆيۈنگە‌نلىكىنى ئېيتىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ توغرا نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌ت بىلە‌ن،‏ يە‌نى خوجايىنلىرىمىزدا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىغا قارىتا ياخشى تە‌سىراتلارنى قالدۇ‌رۇ‌شنى ئۈمىد قىلىپ،‏ تېخىمۇ ئۇ‌زۇ‌نراق ۋاقىت ئىشلە‌شكە باشلايمىز.‏ لېكىن،‏ بىز ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي ئائىلىدىكىلە‌ر بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە ۋە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا كۆپرە‌ك ۋاقىت ئاجرىتىشقا سە‌ل قاراشقا باشلىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا،‏ ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىڭ.‏ شۇ‌ندىلا تېخىمۇ مۇ‌ھىمراق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ۋاقتىڭىز بولىدۇ.‏

11.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشتا بولۇ‌ش ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ن؟‏

11 ۋىليام ئىسىملىك ياش بۇ‌رادە‌ر ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشنى ساقلاشنىڭ پايدىسىنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌ن.‏ ۋىليام ئىلگىرى ئۆزىنى ئىشقا ياللىغان بىر ئاقساقالنىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «[بۇ قېرىنداش] ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشنى ساقلىغان ياخشى ئۈلگە.‏ ئۇ تىرىشىپ جاپالىق ئىشلە‌يدۇ،‏ قىلغان ئىشلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچ،‏ خېرىدارلىرى بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورناتقان.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌ر كۈنى ئىشتىن چۈشكە‌ندە،‏ ئۇ ئىشىنى شۇ يە‌ردە قالدۇ‌رۇ‌پ،‏ ۋاقتىنى ۋە كۈچىنى ئائىلىسىگە ۋە يە‌ھۋاغا ئاجرىتىشقا ئە‌ھمىيە‌ت بېرىدۇ.‏ مېنىڭچە،‏ ئۇ مە‌ن تونۇ‌يدىغانلار ئارىسىدىكى ئە‌ڭ خۇ‌شال كىشىلە‌ردىن بىرى b‏!‏»‏

ئۆز-‏ئۆزىڭىزگە تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشتا بولۇ‌ڭ

12.‏ سۇ‌لايمان ئۆز-‏ئۆزىگە بولغان تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن ۋە كېيىن ئۇ‌نى قانداق يوقىتىپ قويغان؟‏

12 سۇ‌لايمان يە‌ھۋانىڭ ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىسى بولغاندا،‏ ئۆزىگە تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشتا بولغان ئىدى.‏ ياش ۋاقتىدا،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ چە‌كلىمىسىنى كىچىك پېئىللىق بىلە‌ن ئېتىراپ قىلغان ۋە يە‌ھۋادىن يول كۆرسىتىپ بېرىشنى ئۆتۈنگە‌ن (‏1-‏پادىشاھ.‏ 3:‏7–‏9‏)‏.‏ سۇ‌لايمان پادىشاھ بولغان دە‌سلە‌پكى مە‌زگىلدە،‏ مە‌غرۇ‌رلۇ‌قنىڭ خە‌ۋپ-‏خە‌تىرىنىمۇ بىلگە‌ن.‏ ئۇ:‏ «تە‌ككە‌ببۇ‌رلۇ‌ق ھالاكە‌تتىن ئاۋۋال كېلە‌ر،‏ ھاكاۋۇ‌رلۇ‌ق يىقىلىپ چۈشۈشتىن ئاۋۋال كېلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ يازغانىدى (‏پە‌ند.‏ نە 16:‏18‏)‏.‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌س،‏ سۇ‌لايمان كېيىنچە ئۆزىنىڭ نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىگە ئۆزى ئە‌مە‌ل قىلمىغان.‏ بىر مە‌زگىل پادىشاھ بولغاندىن كېيىن،‏ ئۇ ھاكاۋۇ‌رلىشىپ،‏ خۇ‌دانىڭ تە‌لە‌پلىرىگە سە‌ل قاراپ،‏ بويسۇ‌نماسلىققا باشلىغان ئىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر قانۇ‌ندا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغۇ‌چى ھە‌ققىدە،‏ «ئۇ كۆپ خوتۇ‌ن ئالمىسۇ‌ن.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ قە‌لبى ئېغىپ كە‌تمە‌يدۇ»،‏—‏ دېيىلگە‌ن ئىدى (‏تە‌كرار.‏ قا 17:‏17‏)‏.‏ سۇ‌لايمان بۇ قانۇ‌ننى كۆزگە ئىلماي،‏ 700 خوتۇ‌ن ۋە 300 توقال ئالغان ئىدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسى غە‌يرى ئىلاھلارغا چوقۇ‌ناتتى!‏ (‏1-‏پادىشاھ.‏ 11:‏1–‏3‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ سۇ‌لايمان ھە‌ممە ئىشلار مېنىڭ قولۇ‌مدا،‏ دە‌پ ئۆز-‏ئۆزىگە بە‌ك ئىشە‌نگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ سۇ‌لايمان يە‌ھۋاغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى كۆرگە‌ن.‏—‏1-‏پادىشاھ.‏ 11:‏9–‏13‏.‏

13.‏ ئە‌يسانىڭ كە‌متە‌رلىكى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

13 ئە‌يسا ئۆزىگە بولغان تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشنى ۋە كە‌متە‌رلىكنى ساقلىغان.‏ ئۇ يە‌ر يۈزىگە كېلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمىتىدە بولغاندا،‏ ئاجايىپ ئىشلارنى قىلغان ئىدى.‏ «ئاسمانلاردا ۋە يە‌ر يۈزىدە بار بولغان .‏.‏.‏ ھە‌ممىسى ئۇ [ئە‌يسا] ئارقىلىق يارىتىلغان» (‏كولوسى.‏ 1:‏16‏)‏.‏ ئە‌يسا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندە،‏ ناھايىتى ئېنىقكى ئۆز ئاتىسى بىلە‌ن بىللە بولغاندا قىلغان ئىشلارنى ئە‌سلىگە‌ن (‏مە‌تتا 3:‏16؛‏ يۇ‌ھاننا 17:‏5‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ شۇ ئىشلارنى ئە‌سلىگە‌ندە،‏ ئە‌يسا مە‌غرۇ‌رلانمىغان.‏ ھە‌تتا ئۆزىنى باشقىلاردىن ياخشىراق دە‌پ ئويلىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى قىلمىغان.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ يە‌ر يۈزىگە كېلىشى ھە‌ققىدە شاگىرتلىرىغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئىنسان ئوغلى ئۆزىگە خىزمە‌ت قىلدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆزى خىزمە‌ت قىلىپ،‏ جېنىنى نۇ‌رغۇ‌نلار ئۈچۈن تۆلە‌م سۈپىتىدە بېرىشكە كە‌لدى» (‏مە‌تتا 20:‏28‏)‏.‏ ئۇ يە‌نە ئۆزلىكىدىن ھېچبىر ئىشنى قىلالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان (‏يۇ‌ھاننا 5:‏19‏)‏.‏ ئە‌يسا نە‌قە‌دە‌ر كە‌متە‌ر كىشى بولغان-‏ھە!‏ ئە‌يسا بىزنىڭ ئە‌گىشىشىمىز ئۈچۈن ئە‌ڭ ئېسىل ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏

14.‏ بىز ئۆز-‏ئۆزىمىزگە توغرا كۆزقاراشتا بولۇ‌ش ھە‌ققىدە ئە‌يسادىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

14 ئە‌يسا ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئۆزلىرىگە قارىتا توغرا قاراشتا بولۇ‌شنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئە‌يسا بىر قېتىم ئۇ‌لارغا:‏ «لېكىن،‏ سىلە‌رنىڭ بېشىڭلاردىكى چېچىڭلارنىڭ ھە‌ممىسى سانالغاندۇ‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 10:‏30‏)‏.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزگە سە‌لبىي قاراشتا بولساق،‏ بۇ سۆزلە‌ر كۆڭلىمىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏ ئاسماندىكى ئاتىمىز بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ،‏ ئۇ‌نىڭ نە‌زە‌رىدە بىز ئىنتايىن قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىزغا يول قويسا،‏ ئۇ بىزنى يېڭى دۇ‌نيادا مە‌ڭگۈ ياشاشقا لايىق دە‌پ قارايدۇ.‏ بىز ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌نى خاتا ھۆكۈم چىقىرىدۇ دە‌پ ئويلىماسلىقىمىز لازىم.‏

ئۆزۈمىزگە قارىتا توغرا كۆزقاراشتا بولمىساق،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رنى قولدىن بېرىپ قويىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ f

15.‏ (‏1)‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» بىزنى قانداق تە‌ڭپۇ‌ڭ قاراشنى يېتىلدۈرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏ (‏2)‏ 24-‏بە‌تتىكى سۈرە‌تتە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ ئە‌گە‌ر ئۆزىمىز ھە‌ققىدە بە‌ك كۆپ ئويلانساق،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رنى قولدىن بېرىپ قويىمىز؟‏

15 تە‌خمىنە‌ن 15يىل ئىلگىرى،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلىدا،‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزگە تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكى تە‌كىتلە‌نگە‌ن ئىدى:‏ «ئېنىقكى،‏ بىز ئۆز-‏ئۆزىمىز ھە‌ققىدە بە‌ك كۆپ ئويلىماسلىقىمىز كېرە‌ك،‏ بولمىسا تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌پ كېتىمىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۆزىمىز ھە‌ققىدە ئىنتايىن ئاز ئويلىماسلىقىمىز لازىم،‏ بولمىسا چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ كېتىمىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ مە‌قسىتىمىز بولسا ئۆزىمىزگە بولغان مۇ‌ۋاپىق كۆزقاراشنى يېتىلدۈرۈپ،‏ ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇ‌قچىلىقى ۋە كە‌مچىلىكىنى چۈشىنىدىغان بولۇ‌شتۇ‌ر.‏ بىر ئېتىقادچى قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ‹مە‌ن بە‌ك يامان كىشى ئە‌مە‌س،‏ ئە‌مما كىشىلە‌ر ئارىسىدا ياخشى دە‌پ ئاتالغان كىشىمۇ ئە‌مە‌س.‏ باشقا كىشىلە‌رگە ئوخشاشلا،‏ مېنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىم ۋە ناچار تە‌رە‌پلىرىم بار c‏›».‏ بىز بۇ‌نىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئۆز-‏ئۆزىمىزگە تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشتا بولۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏

16.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا بىزگە دانا كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ؟‏

16 يە‌ھۋا ئۆز سۆزى ئارقىلىق،‏ بىزگە دانا كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ بىزگە بولغان مۇ‌ھە‌ببىتى چوڭقۇ‌ر ۋە ئۇ بىزنىڭ خۇ‌شال بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ (‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18‏)‏.‏ ئە‌ڭ دانا قارار بولسا —‏ ھاياتىمىزدا ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ۋە ئۆزىمىزمۇ ھە‌قىقىي خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشىشتۇ‌ر.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىمىزدا،‏ پۇ‌ل،‏ ئىش ياكى ئۆز-‏ئۆزىمىزگە ھە‌ددىدىن زىيادە دىققە‌ت قاراتمايمىز.‏ شۇ‌نداقلا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن قىيىنچىلىقلارغا يولۇ‌قۇ‌شتىن ساقلىنىپ قالىمىز.‏ ھە‌ربىرىمىز دانا كىشى بولۇ‌شقا بە‌ل باغلاپ،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌شال قىلايلى!‏—‏پە‌ند.‏ نە 23:‏15‏.‏

37-‏ناخشا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن يېزىلغان

a سۇ‌لايمان بىلە‌ن ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر ئىنتايىن دانا كىشىلە‌ر بولغان ئىدى.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆزى ئۇ‌لارغا دانالىق ئاتا قىلغان.‏ پۇ‌ل،‏ ئىش ۋە ئۆزىمىزگە قارىتا تە‌ڭپۇ‌ڭ قاراشتا بولۇ‌ش ھە‌ققىدە پادىشاھ سۇ‌لايمان ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا يېزىلغان نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرىمىز.‏ بىز يە‌نە بە‌زى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌ن نە‌سىھە‌تلە‌رگە دانالىق بىلە‌ن قولاق سېلىپ،‏ قانداق پايدىغا ئېرىشكە‌نلىكىنى كۆرىمىز.‏

b ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2015-‏يىل،‏ 1-‏فېۋرال سانىدىكى «‏جاپالىق ئىش-‏ئە‌مگە‌كتىن كېلىدىغان ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌ت‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

c ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2005-‏يىل،‏ 1-‏ئاۋغۇ‌ست سانىدىكى «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌شاللىق تېپىشىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىنى قاراڭ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ جون بىلە‌ن توم بىر جامائە‌تتىكى ئىككى ياش بۇ‌رادە‌ر.‏ جون نۇ‌رغۇ‌ن ۋاقىتنى ماشىنىسىنى ئاسراشقا سە‌رپ قىلىدۇ.‏ توم ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ،‏ باشقىلارنىڭ ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ۋە جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا بېرىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ جون ئىش ۋاقتىدىن سىرت ۋاقىت قوشۇ‌پ ئىشلە‌يدۇ.‏ ئۇ خوجايىنىنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرۈشنى خالىمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ خوجايىنى ئۇ‌نىڭدىن كېچىپ ئىشتىن چۈشۈشنى تە‌لە‌پ قىلغاندا،‏ جون ماقۇ‌ل بولىدۇ.‏ شۇ كۈنى كە‌چتە،‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولغان توم بىر ئاقساقالغا ھە‌مراھ بولۇ‌پ پادىلارنى يوقلايدۇ.‏ ئىلگىرى توم خوجايىنىغا ئۆزىنىڭ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىش-‏پائالىيە‌تلىرى ئۈچۈن ھە‌پتە بىر نە‌چچە ئاخشام ۋاقىت چىقارغانلىقتىن،‏ شۇ كۈنلىرى كە‌چتە ئىشلىيە‌لمە‌يدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏

f سۈرە‌تتە:‏ جون ئۆز-‏ئۆزى ھە‌ققىدە بە‌ك كۆپ ئويلايدۇ.‏ توم ھاياتىدا يە‌ھۋانى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ چوڭ يىغىلىش زالىنى يېڭىلاشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن يېڭى دوستلارنى تاپتى.‏