19-تەتقىق ماقالىسى
ۋەھىيلەر كىتابىنىڭ بۈگۈن سىز ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بار؟
«بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇپ بەرگەن، . . . نەقەدەر بەختلىك!»—ۋەھىي. 1:3.
5-ناخشا مەسىھ ئۈلگىمىز
بۇ ماقالىدە a
1، 2. ۋەھىيلەر كىتابىغا قىزىقىشىمىزدىكى بىر سەۋەب نېمە؟
ئىلگىرى بىرى سىزنى ئۆزىنىڭ سۈرەتلىرى ساقلانغان ئالبۇمنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىپ باققانمۇ؟ سۈرەتلەرگە قارىغىنىڭىزدا، نۇرغۇنلىغان ناتونۇش چىرايلارنى كۆرىسىز. ئەمما، بىر سۈرەت دىققىتىڭىزنى كۆپرەك تارتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ سۈرەتتە سىز ئۆزىڭىز بار. ئۇنى كۆرگەندە، سۈرەتنىڭ قاچان ۋە قەيەردە تارتىلغانلىقىنى ئەسلەشكە تىرىشىسىز. سىز يەنە سۈرەتتىكى باشقىلارنى تونۇشقا تىرىشىسىز. ئۇ سۈرەت سىز ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.
2 ۋەھىيلەر كىتابى دەل ئاشۇ سۈرەتكە ئوخشايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ كەم دېگەندە ئىككى سەۋەب بار. بىرىنچى، مۇقەددەس كىتابنىڭ بۇ كىتابى بىز ئۈچۈن يېزىلغان. بىز بىرىنچى ئايەتتە: «بۇ خۇدا يېقىندا چوقۇم يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرنى ئۆز قۇللىرىغا ئاشكارىلاش مەقسىتىدە ئەيسا مەسىھكە بەرگەن ۋەھىيدۇر. مەسىھ ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، سىمۋوللۇق ئالامەتلەر ئارقىلىق بۇ ۋەھىينى قۇلى يۇھانناغا بىلدۈردى» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان (ۋەھىي. 1:1). دېمەك، بۇ كىتابتا يېزىلغانلار بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىز، يەنى ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلىغان خىزمەتكارلار ئۈچۈندۇر. تەڭرىنىڭ خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان كىتابتىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىمىزدىن ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك. باشقىچە ئېيتقاندا، بىز بۇ كىتابنى ئوقۇغاندا، يەنى «سۈرەتنى» كۆرگەندە، ئۆزىمىزنى تاپالايمىز.
3، 4. ۋەھىيلەر كىتابىغا ئاساسلانغاندا، شۇ بېشارەتلەر قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە بۇ ھەربىرىمىزنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىشى كېرەك؟
3 ئىككىنچى سەۋەب، ئاشۇ بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياشانغان ئەلچى يۇھاننا شۇ بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتىنى تەكىتلەپ: «مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرىدە مەن ھەزرىتىمىزنىڭ كۈنىدە بولۇپ قالدىم» دېگەن ئىدى (ۋەھىي. 1:10). مىلادى 96-يىلى، ئەلچى يۇھاننا يازغان «ھەزرىتىمىزنىڭ كۈنى»، نۇرغۇن ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن باشلىناتتى (مەتتا 25:14، 19؛ لۇقا 19:12). بىراق، مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتكە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈن 1914-يىلى ئەيسا مەسىھ ئاسماندا پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغاندا باشلاندى. دەرھەقىقەت، بىز ھازىر «ھەزرىتىمىزنىڭ كۈنىدە» ياشاۋاتىمىز.
4 بىز كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان زاماندا ياشاۋاتقان ئىكەنمىز، ۋەھىيلەر 1:3-ئايەتتە خاتىرىلەنگەن مېھىر-مۇھەببەتلىك نەسىھەت سۆزلىرىگە بويسۇنۇشىمىز كېرەك: «بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇپ بەرگەن، تىڭشىغان ۋە ئۇ يەردە يېزىلغانلارغا ئەمەل قىلغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، بەلگىلەنگەن ۋاقىت يېقىندۇر». دەرۋەقە، بىز «بۇ ۋەھىينى يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇپ، بېشارەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلاپ، شۇ ئاڭلىغانلىرىمىزغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك». بىز ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بۇ سۆزلەردىن بەزىلىرى قايسىلار؟
يەھۋا قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىڭ
5. يەھۋا قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىشىمىزنىڭ مۇھىملىقى ۋەھىيلەر كىتابىدا قانداق تەكىتلەنگەن؟
5 ۋەھىيلەر كىتابىنىڭ بىرىنچى بابىدىن باشلاپ، ئەيسانىڭ ئۆز خەلقى ئارىسىدىكى جامائەتلەردە يۈز بەرگەن ئىشلارنى بەش قولدەك ئېنىق بىلىپ تۇرغانلىقىنى ئۆگىنىمىز (ۋەھىي. 1:12–16، 20؛ 2:1). ئەيسا كىچىك ئاسىيادىكى يەتتە جامائەتكە ئەۋەتكەن خەتلىرىدە بۇنى كۆرسەتكەن. ئۇ ئاشۇ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق بىرىنچى ئەسىردىكى ئېتىقادچىلارنىڭ يەھۋا قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئېنىق كۆرسەتمە بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشۇ ئۇچۇرلار بۈگۈنكى كۈندىكى بارلىق خۇدا خىزمەتچىلىرى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق نەسىھەتلەردۇر. بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ يېتەكچىمىز، ئەيسا مەسىھ، بىزنىڭ خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئوبدان بىلىدۇ. بىز ئەيسانىڭ ھىمايىسى ئاستىدا؛ ھېچ نەرسە ئۇنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ بىزنىڭ يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، داۋاملىق خۇشال بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بويسۇنۇشىمىز ئۈچۈن قانداق كۆرسەتمىلەرنى بەرگەن؟
6. (1) ۋەھىيلەر 3:2، 4-ئايەتتە، ئەيسا مەسىھ ئەفەستىكى جامائەتنىڭ قايسى ئاساسىي مەسىلىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن؟ (2) بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
6 ۋەھىيلەر 2:3، 4-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ. بىز يەھۋاغا بولغان تۇنجى مۇھەببىتىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئەيسا مەسىھ ئەفەستىكى جامائەتكە، ئۇلارنىڭ سەۋر-تاقەت كۆرسەتكەنلىكى ۋە ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار دەسلەپكى قىزغىن مۇھەببىتىنى يوقاتقان. شۇڭا، ئۇلار يوقاتقان ئاشۇ سۆيگۈ-مۇھەببەتنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئىبادىتى قوبۇل قىلىنمايتتى. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە بىز سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرىپلا قالماي، يەنە باشقىمۇ ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. سەۋر-تاقەت كۆرسىتىش ئۈچۈن توغرا سەۋەبلىرىمىز بولۇشى لازىم. ياراتقۇچىمىز پەقەت نېمە قىلىشىمىزغا ئەمەس، نېمە ئۈچۈن قىلىدىغانلىقىمىزغا ھەم قىزىقىدۇ. بىزنىڭ مەقسەت — مۇددىئايىمىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۇ ئىبادەتلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز ۋە مىننەتدارلىقىمىزغا ئاساسلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.—پەند. نە 16:2؛ ماركۇس 12:29، 30.
7. (1) ۋەھىيلەر 3:1–3-ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك، ساردىستىكى جامائەتنىڭ قانداق مەسىلىسى بولغان؟ (2) بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
7 ۋەھىيلەر 3:1–3-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ. داۋاملىق ھوشىيار ۋە ئويغاق تۇرۇشىمىز كېرەك. ساردىستىكى جامائەت ئەزالىرىنىڭ باشقىچە مەسىلىسى بار ئىدى. گەرچە ئۇلار خۇداغا قىزغىن خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، ھازىر ئۇلار ئىلگىرىكىدەك خىزمەت قىلمايدىغان بولۇپ قالغان. شۇڭا، ئەيسا ئۇلارغا «ئۇيقۇڭلارنى ئېچىڭلار» دېگەن. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتىن بىز نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ ئەلۋەتتە، يەھۋا قىلغان خىزمەتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ (ئىبرانىي. 6:10). شۇنداقتىمۇ، يەھۋاغا ئۆتمۈشتە خىزمەت قىلدۇق، ھازىر قىلمىساقمۇ بولىدۇ، دەپ ئويلىماسلىقىمىز لازىم. بەلكىم، بىزنىڭ ئىلگىرىكىدەك ئىمكانىيىتىمىز كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ ھەزرىتىمىزنىڭ خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئاخىرغىچە ھوشىيار ۋە ئويغاق تۇرۇشىمىز كېرەك.—1-كورىنت. 15:58؛ مەتتا 24:13؛ ماركۇس 13:33.
8. ۋەھىيلەر 3:15–17-ئايەتلەردىكى، ئەيسانىڭ لائودىكىيادىكى قېرىنداشلارغا ئېيتقان سۆزلىرىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
8 ۋەھىيلەر 3:15–17-نى ئوقۇڭ. چوقۇم قىزغىن ۋە چىن قەلبىمىزدىن ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەيسانىڭ لائودىكىيادىكى جامائەتكە قىلغان سۆزىدە باشقا بىر مەسىلىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار ئىبادەتتە «ئىلمان سۇدەك» ئىدى. ئۇلار ئېتىقادتا سوغۇقمۇ ئەمەس، قىزغىنمۇ ئەمەس بولغاچ، ئەيسا ئۇلارنى «بىچارە، ئېچىنىشلىق» ھالەتتە دېگەن. ئۇلار يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتا ئوتتەك قىزغىنلىقنى كۆرسىتىشى كېرەكتى (ۋەھىي. 3:19). بۇ سۆزلەردىن بىز نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ ئەگەر قىزغىنلىقىمىزنى يوقىتىپ، ئىلگىرىكىدەك ئوتتەك قىزغىنلىقىمىز بولمىسا، چوقۇم يەھۋا ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى تەمىنلەپ بەرگەن بارلىق روھىي ئوزۇقلۇق ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرەك مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك (ۋەھىي. 3:18). بىز ھازىر راھەت تۇرمۇشنى قوغلىشىپ، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇپ قويۇشتىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز لازىم.
9. ئەيسا مەسىھ پەرگاما ۋە تىياترادىكى ئېتىقادچىلارغا يوللىغان ئۇچۇرىدا تەكىتلەنگەندەك، بىز قانداق خەتەردىن ساقلىنىشىمىز كېرەك؟
9 بىز ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگەنلەرنىڭ تەلىملىرىنى رەت قىلىشىمىز كېرەك. پەرگامادىكى ئېتىقادچىلار ئارىسىدا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈشنى تەشۋىق قىلغان بەزى كىشىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئەيىبلەنگەن ئىدى (ۋەھىي. 2:14–16). تىياتىرادىكى شەيتاننىڭ ئاتالمىش «چوڭقۇر سىرلىرى»دىن يىراق تۇرغانلارنى ماختاپ، ئۇلارغا ھەقىقەتنى «چىڭ ساقلاڭلار» دەپ مەدەت بەرگەن (ۋەھىي. 2:24–26). ساختا تەلىملەرگە ئەگىشىشكە باشلىغان ئىمانى ئاجىز ئېتىقادچىلار توۋا قىلىشى كېرەك ئىدى. بىز بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ بىز چوقۇم يەھۋانىڭ كۆز قاراشلىرىغا زىت ھەرقانداق تەلىملەرنى رەت قىلىشىمىز كېرەك. ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگۈچىلەر بەلكىم خۇداغا سادىق قىياپەتكە كىرىۋالسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ساختىپەزلىكىنى ئاشكارە قىلىدۇ (2-تىموت. 3:5). ئەگەر خۇدا سۆزىنى دائىم تىرىشىپ تەتقىق قىلساق، يالغان تەلىملەرنى ئاسانراق پەرقلەندۈرۈپ، ئۇلارنى رەت قىلىمىز.—2-تىموت. 3:14–17؛ يەھۇدا 3، 4.
10. ئەيسانىڭ پەرگاما ۋە تىياتىرادىكى جامائەتلەرگە ئېيتقانلىرىدىن يەنە قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
10 بىز ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەخلاقسىزلىقنى رەت قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا كەڭ قورساقلىق قىلماسلىقىمىز كېرەك. پەرگاما ۋە تىياتىرادا يەنە بىر مەسىلە بار ئىدى. ئەيسا مەسىھ ئاشۇ جامائەتلەردىكى بەزى كىشىلەرنى ئەخلاقسىزلىقنى رەت قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن (ۋەھىي. 2:14، 20). بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ مەيلى قانچە ئۇزۇن يىل خۇداغا خىزمەت قىلغان بولايلى ھەمدە ھازىر كۆپ مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىمىزگە ئالغان بولايلى، يەھۋادىن ئەخلاقسىزلىق قىلمىشىمىزغا كەڭ قورساقلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلالمايمىز (1-سام. 15:22؛ 1-پېتر. 2:16). دۇنيانىڭ ئۆلچەملىرى قانچىلىك يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ياراتقۇچىمىز بىزدىن ئۇنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىرىگە ماس ياشىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.—ئەفەس. 6:11–13.
11. ھازىرغىچە نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟ (« بۈگۈنكى كۈندە بىز نېمىلەرنى ئۆگەندۇق» دېگەن رامكىغىمۇ قاراڭ)
11 ھازىرغىچە ئۆگەنگەنلىرىمىزدىن نېمىنى يەكۈنلەپ چىقالايمىز؟ يەھۋانىڭ ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق. ئەگەر بىز ئىبادىتىمىزنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بىر ئىشنى قىلىۋاتقان بولساق، دەرھال توغرا ئىش قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم. شۇندىلا يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلەيمىز (ۋەھىي. 2:5، 16؛ 3:3، 16). بىراق، ئەيسا مەسىھ جامائەتلەرگە ئەۋەتكەن ئۇچۇرلاردا، يەنە باشقا بىر نەرسىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇ نېمە؟
زىيانكەشلىككە بەرداشلىق بېرىشكە تەييار تۇرۇڭ
12. ئەيسا مەسىھنىڭ ئىزمىر ۋە فىلادېلفىيىدىكى ئېتىقادچىلارغا قىلغان سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (ۋەھىيلەر 2:10)
12 ئەمدى ئەيسانىڭ ئىزمىر ۋە فىلادېلفىيىدىكى جامائەتلەرگە يوللىغان سۆزلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ شۇ شەھەرلەردىكى ئېتىقادچىلارغا زىيانكەشلىكتىن قورقماسلىقنى ئېيتقان، چۈنكى ئۇلار ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىسا، يەھۋا ئۇلارنى مۇكاپاتلايدۇ (ۋەھىيلەر 2:10-نى ئوقۇڭ؛ 3:10). بىز بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ بىز چوقۇم زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىشكە ھەمدە ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييار تۇرۇشىمىز لازىم (مەتتا 24:9، 13؛ 2-كورىنت. 12:10). بۇ ئەسكەرتىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
13، 14. ۋەھىيلەر 12-بابتا تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلەر خۇدا خەلقىگە قانداق تەسىر قىلىۋاتىدۇ؟
13 ۋەھىيلەر كىتابى بىزگە «ھەزرىتىمىزنىڭ كۈنىدە»، يەنى بىزنىڭ زامانىمىزدا خۇدانىڭ خەلقى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ۋەھىيلەر 12-بابتا، ئەيسا مەسىھ ئاسماندا پادىشاھ بولغاندىن كېيىنلا، بىر مەيدان جەڭنىڭ باشلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەيسا مەسىھ ئاسمانغا قايتقاندىن كېيىن مىكائىل دەپ ئاتالغان. ئۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى شەيتان ۋە جىنلارغا قارشى جەڭ قىلىدۇ (ۋەھىي. 12:7، 8). نەتىجىدە، خۇدانىڭ ئاشۇ دۈشمەنلىرى مەغلۇپ بولۇپ، يەر يۈزىگە تاشلىنىپ، ئىنسانلارغا دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ (ۋەھىي. 12:9، 12). ئەمما، بۇ خۇدانىڭ خەلقىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
14 كېيىن ۋەھىيلەر كىتابى بىزگە شەيتاننىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇ ئەمدى ئاسمانغا قايتا چىقالمايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئاچچىقلىنىپ، خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىللىرى سۈپىتىدە «ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خىزمىتىنى قىلىۋاتقان» مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ قالدۇق ئەزالىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ (ۋەھىي. 12:17؛ 2-كورىنت. 5:20؛ ئەفەس. 6:9، 10). بۇ بېشارەت قانداق ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ؟
15. ۋەھىيلەر 11-بابتا تىلغا ئېلىنغان «ئىككى گۇۋاھچى» كىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇلارغا نېمە بولغان ئىدى؟
15 شەيتان خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىنى قۇترىتىپ، پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى جاكارلاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ ئېتىقادچىلار ۋەھىيلەر كىتابىدىكى ئۆلتۈرۈلدى دەپ تەسۋىرلەنگەن «ئىككى گۇۋاھچىغا» ۋەكىللىك قىلىدۇ b (ۋەھىي. 11:3، 7–11). 1918-يىلى، مەسئۇلىيەتلىك بۇرادەرلەردىن سەككىزى ناھەق ئەيىبلىنىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كۆپىنچە كىشىلەر بۇ مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتىنى توختىدى دەپ ئويلىغان ئىدى.
16. 1919-يىلى، قانداق ھەيران قالارلىق ئىش يۈز بەرگەن؟ شەيتان شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، نېمە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ؟
16 ۋەھىيلەر 11-بابتىكى بېشارەتتە يەنە ئۆلتۈرۈلگەن «ئىككى گۇۋاھچى» قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئاشۇ ئېتىقادچىلار تۈرمىگە تاشلىنىپ، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، بۇ بېشارەت ھەيران قالارلىق ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. 1919-يىلنىڭ بېشىدا، ئاشۇ مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن، كېيىنرەك ئەيىبلەشلەر بىكار قىلىنغان. ئۇلار دەرھال ۋەز ئېيتىش ۋە تەلىم بېرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى قايتا باشلىغان. ئەمما، بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، شەيتاننىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملىق كۈچىيىپ، خۇددى دەريا سۈيى بىلەن ئېقىتىۋەتكەندەك، بارچە خۇدا خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ (ۋەھىي. 12:15). ھەقىقەتەن، بىز ھەربىرىمىز سەۋر قىلىشىمىز ۋە ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم.—ۋەھىي. 13:10.
يەھۋا بىزگە تاپشۇرغان خىزمەتنى پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن قىلىڭ
17. خۇدا خەلقى شەيتاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن قانداق ياردەمگە ئېرىشتى؟
17 ۋەھىيلەر 12-باب، خۇدا خەلقىنىڭ ئويلىمىغان يەردىن ياردەمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئايەتتە، «زېمىن» زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدىغان «دەريانى يۇتتى» دەيدۇ (ۋەھىي. 12:16). بۇ بېشارەت ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئاشتى. بەزىدە، شەيتان دۇنياسىنىڭ بىر قەدەر مۇھىم قىسىملىرى، مەسىلەن سوت-ئەدلىيە تۈزۈلمىسى خۇدا خەلقىگە ياردەم بېرىدۇ. نۇرغۇن قېتىم، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى قايتا-قايتا سوتتا غەلبە قىلىپ، ئۇلارغا مەلۇم دەرىجىدە ئەركىنلىك بېرىلدى. ئۇلار بۇ ئەركىنلىكتىن قانداق پايدىلاندى؟ ئۇلار ھەربىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يەھۋا ئۇلارغا تاپشۇرغان خىزمەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قىلىۋاتىدۇ (1-كورىنت. 16:9). بۇ خىزمەت نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
18. بۇ ئاخىرقى كۈنلەردە، بىزنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىمىز نېمە؟
18 ئەيسا مەسىھ، ئاخىرقى كۈن كېلىشتىن ئىلگىرى، ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى پۈتۈن دۇنيادا تارقىتىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان ئىدى (مەتتا 24:14). ئۇلار ۋەز قىلغاندا، بىر پەرىشتە ياكى بىر توپ پەرىشتىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. ۋەھىيلەر كىتابى: پەرىشتىدە «يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارغا، يەنى ھەر بىر مىللەت، قەبىلە، تىل ۋە خەلققە جاكارلايدىغان مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەر بار ئىدى»،— دەيدۇ.—ۋەھىي. 14:6.
19. يەھۋانىڭ خەلقى قانداق خەۋەرنى جاكارلايدۇ؟
19 پادىشاھلىق خۇش خەۋىرى خۇدا خەلقى جاكارلايدىغان بىردىنبىر خەۋەر ئەمەس. ئۇلار يەنە ۋەھىيلەر 8-بابتىن 10-بابقىچە تەسۋىرلەنگەن پەرىشتىلەرنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى كېرەك. بۇ پەرىشتىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى رەت قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بىر قاتار بالايىئاپەتلەرنى جاكارلايدۇ. شۇڭا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى شەيتاننىڭ رەزىل دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ئۈستىدىن چىقارغان خۇدانىڭ «مۆلدۈر بىلەن ئوتقا» ئوخشاش ھۆكۈم خەۋىرىنى جاكارلايدۇ (ۋەھىي. 8:7، 13). ئىنسانلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئەڭ ئاخىرقى كۈن يېقىنلاشتى، شۇڭا ئۇلار چوقۇم ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھاياتىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى قىلىشى لازىم، شۇندىلا ئۇلار يەھۋانىڭ قەھىر-غەزەپ كۈنىدە ئامان قالالايدۇ (سەفىنىيا 2:2، 3). ئەمما، بۇ خەۋەر كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا خۇش ياقمايدۇ. ئۇنى جاكارلاش بىزدىن جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ. دەھشەتلىك بالايىئاپەت مەزگىلىدە، بىز جاكارلايدىغان ئاخىرقى ھۆكۈم خەۋىرى تېخىمۇ قاتتىق زەربە بولىدۇ.—ۋەھىي. 16:21.
پەيغەمبەرلىك سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭ
20. كېيىنكى ئىككى ماقالىدە، نېمىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز؟
20 ۋەھىيدىكى بېشارەتلەر ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بىز بىلەن زىچ باغلىنىشى بار. شۇڭا، بىز ۋەھىيلەر كىتابىدىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك (ۋەھىي. 1:3). ئەمما، بىز قانداق قىلىپ، ساداقەتمەنلىك بىلەن زىيانكەشلىكلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيمىز ۋە خۇش خەۋەرنى دادىللىق بىلەن جاكارلاشنى داۋاملاشتۇرالايمىز؟ بىز ۋەھىيلەر كىتابىدىن: بىرىنچى، خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىگە نېمە بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىككىنچى، خۇداغا سادىق بولۇپ قالساق، كەلگۈسىدە قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى چۈشەنسەك، ئىمانىمىز كۈچىيىدۇ. كېيىنكى ئىككى ماقالىدە، بۇ ماۋزۇلار ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
27-ناخشا يەھۋا تەرەپتە تۇرۇڭلار!
a بىز كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاجايىپ بىر پەيتتە ياشاۋاتىمىز! ۋەھىيلەر كىتابىدىكى بېشارەتلەر بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىۋاتىدۇ. بۇ بېشارەتلەر بىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ بۇ ماقالە ۋە كېيىنكى ئىككى ماقالىدە، ۋەھىيلەر كىتابىدىكى بەزى نۇقتىلارنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئۇلار بىزگە، بۇ كىتابتا يېزىلغانلارغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق يەھۋا خۇدا قوبۇل قىلىدىغان ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا داۋاملىق ئىبادەت قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
b «كۈزىتىش مۇنارى»، 2014-يىل، 15-نويابىر سانى، 30-بەتتىكى «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» دېگەن سەھىپىگە قاراڭ.