20-تەتقىق ماقالىسى
ۋەھىيلەر كىتابى خۇدانىڭ دۈشمەنلىرى توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ؟
«ئۇلار دۇنيادىكى پادىشاھلارنى ئىبرانىيچە ئارماگېدون دەپ ئاتالىدىغان يەرگە توپلىدى».—ۋەھىي. 16:16.
49-ناخشا يەھۋا — بىزنىڭ پاناھگاھىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. ۋەھىيلەر كىتابى خۇدا خەلقى ھەققىدە نېمىلەرنى ئاشكارىلايدۇ؟
ۋەھىيلەر كىتابى خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ئاسماندا ئورنىتىلغانلىقى ۋە شەيتاننىڭ ئاسماندىن قوغلانغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ (ۋەھىي. 12:1–9). شەيتان قوغلانغاندىن كېيىن، ئاسماندا تىنچلىق بولىدۇ، ئەمما بىزدە قىيىنچىلىقلار پەيدا بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، شەيتان قاتتىق غەزەپلىنىپ، يەر يۈزىدە يەھۋاغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ.—ۋەھىي. 12:12، 15، 17.
2. يەھۋاغا سادىق قېلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
2 ھەتتا شەيتان ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەھۋاغا سادىق قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ (ۋەھىي. 13:10) بىزگە بىر نەرسە ياردەم بېرەلەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ كەلگۈسىدە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىش. مەسىلەن، ۋەھىيلەر كىتابىدا، ئەلچى يۇھاننا پات-يېقىندا بىز بەھرىمەن بولىدىغان بەزى بەرىكەتلەرنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ بەرىكەتلەرنىڭ ئىچىدە خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ يوق قىلىنىشىمۇ بار. ھازىر ۋەھىيلەردە بۇ دۈشمەنلەر قانداق تەسۋىرلەنگەنلىكى ۋە ئۇلارغا نېمە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىنى تەسۋىرلەيدىغان بەلگۈلەر
3. ۋەھىيلەر كىتابىدا قانداق بەزى ۋەقەلەر ياكى ئالامەتلەر تەسۋىرلەنگەن؟
3 ۋەھىيلەر كىتابى بىرىنچى ئايەتتە، بىز ئوقۇماقچى بولغان ۋەقەلەر ياكى ئالامەتلەرنىڭ سىمۋوللۇق تىلدا تەسۋىرلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان (ۋەھىي. 1:1). تەڭرىنىڭ دۈشمەنلىرى سىمۋوللۇق ئوبرازىدا تەسۋىرلەنگەن. كېيىنرەك، بىز خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىنى تەسۋىرلەيدىغان بىر قانچە ۋەھشىي ھايۋانلارنى كۆرىمىز. مەسىلەن، دېڭىزدىن چىقىۋاتقان «ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق» بىر ھايۋان بار (ۋەھىي. 13:1). ئۇ ۋەھشىي ھايۋانغا ئەگىشىپ، «يەر يۈزىدىن چىقىۋاتقان باشقا بىر ۋەھشىي ھايۋان» بار. ئۇ ھايۋان ئەجدىھاغا ئوخشاش سۆزلەپ، «ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئوت ياغدۇراتتى» (ۋەھىي. 13:11–13). ئاندىن بىز پاھىشە ئايال ئۈستىگە مىنىۋالغان باشقا بىر «توق قىزىل» ھايۋاننى كۆرىمىز. بۇ ئۈچ ۋەھشىي ھايۋانلار دۈشمەنلەرنىڭ سىمۋوللۇق ئوبرازى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يەھۋا خۇدا ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭلاشقا، دۈشمەنلەرنىڭ كىملىكىنى بىلىش ناھايىتى مۇھىم.—ۋەھىي. 17:1، 3.
4، 5. دانىيال 7:15–17-ئايەتلەردە بايان قىلىنغانلار، شۇ ۋەقەلەر ياكى ئالامەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
4 بۇ دۈشمەنلەرنىڭ كىملىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن، بىز ھايۋانلار ۋە پاھىشە ئايالنىڭ كىمگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. ئۇنى چۈشىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشىگە يول قويۇش. ۋەھىيلەر كىتابىدا تېپىلغان نۇرغۇن بەلگۈلەر ياكى ئالامەتلەر مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ كىتابلىرىدا ئاللىقاچان چۈشەندۈرۈلگەن. مەسىلەن، دانىيال پەيغەمبەر چۈشىدە، «دېڭىزدىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۆت يوغان ۋەھشىي ھايۋانلار» چىققانلىقىنى كۆرگەن (دانىيال 7:1–3). دانىيال ئۇلارنىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ غايەت زور تۆت «پادىشاھ» ياكى ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ (دانىيال 7:15–17-نى ئوقۇڭ). ئاشۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈشلەر ۋەھىيلەر كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن ئاشۇ دىۋىلەرنىڭ چوقۇم سىياسىي ھۆكۈمەتلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
5 ئەمدى ۋەھىيلەر كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن بەزى ۋەقەلەر ياكى ئالامەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاشۇ ۋەقەلەر ياكى ئالامەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشىمىزگە قانداق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بىز بىرقانچە ۋەھشىي ھايۋانلاردىن باشلايمىز. بىرىنچى، ئۇلارنىڭ كىمگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلايمىز. ئاندىن، ئاشۇ ھايۋانلارغا نېمە بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئاخىرىدا، يۈز بېرىدىغان ئىش-ۋەقەلەرنىڭ بىزگە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
خۇدانىڭ دۈشمەنلىرى ئاشكارە قىلىندى
6. ۋەھىيلەر 13:1–4-ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان يەتتە باشلىق ھايۋان نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟
6 ەتتە باشلىق ۋەھشىي ھايۋان نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ (ۋەھىيلەر 13:1–4-نى ئوقۇڭ). بىز بۇ ھايۋاننىڭ قىياپىتى يىلپىزغا، پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئېغىزى شىرنىڭ ئېغىزىغا ئوخشايدىغانلىقى ۋە ئون مۈڭگۈزى بارلىقىغا دىققەت قىلىمىز. دانىيال 7-بابتا تىلغا ئېلىنغان تۆت دىۋىنىڭمۇ بۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بولغان. ئەمما، ۋەھىيلەر كىتابىدا بولسا، بۇ ئالاھىدىلىكلەر پەرقلىق تۆت ھايۋاندا ئەمەس، بەلكى بىر ھايۋاندا ئىپادىلەنگەن. بۇ ۋەھشى دىۋە پەقەت بىرلا ھۆكۈمەت ياكى دۇنيا ئىمپىريەسىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئەلچى يۇھاننا يەنە، ھايۋانغا «ئۇنىڭ مۇقەددەس كىشىلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى يېڭىشىگە يول قويۇلدى. ئۇنىڭغا ھەر قەبىلە، خەلق، تىل ۋە مىللەت ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى» دەپ يازغان. شۇڭا، ئۇ چوقۇم ھەرقانداق يالغۇز بىر ھۆكۈمەتتىن كۈچلۈكرەك بولۇشى كېرەك (ۋەھىي. 13:7). خۇلاسە قىلساق، بۇ ۋەھشىي ھايۋان چوقۇم تارىختىن بۇيان ئىنسانىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغان بارلىق سىياسىي كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك b.—ۋەز 8:9.
7. ۋەھشىي ھايۋاننىڭ يەتتە بېشىنىڭ ھەر بىرى نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟
7 يەتتە باشنىڭ ھەر بىرى نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ ۋەھىيلەر 17-بابتا بىر يىپ ئۇچى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ۋەھىيلەر 13-بابتا تىلغا ئېلىنغان ھايۋاننىڭ ئوبرازىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. ۋەھىيلەر 17:9، 10-ئايەتلەردىن شۇنى ئوقۇيالايمىزكى: «يەتتە باش . . . يەتتە پادىشاھنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بەشى يىقىتىلدى، بىرى بار، يەنە بىرى تېخى كەلمىدى. لېكىن ئۇ كەلگەندە بەك ئاز ۋاقىت تۇرالايدۇ». دېمەك، شەيتان قوللانغان بارلىق سىياسىي كۈچلەر ئارىسىدىكى كۈچ-قۇدرەتلىك يەتتە ئىمپىريە يەتتە ئىمپېرىيە بىلەن سېلىشتۇرۇلغان. ئۇلار خۇدا خەلقىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ياكى ئۇلارغا كۈچلۈك تەسىر قىلغان. ئەلچى يۇھاننانىڭ كۈنىگە كەلگەندە، بۇلاردىن بەشى، يەنى مىسىر، ئاسسۇرىيە، بابىل، مېدىيا-پارىس ۋە گرېتسىيە ئاللىقاچان دۇنيا سەھنىسىدە پەيدا بولۇپ بولغان. ئەلچى يۇھانناغا ۋەھىي كەلگەندە، ئالتىنچى دۇنيا كۈچى بولغان رىم ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتاتتى. يەتتىنچى باش ياكى ئاخىرقى دۇنيا كۈچى قايسى ھۆكۈمەت بولىدۇ؟
8. ۋەھشىي ھايۋاننىڭ يەتتىنچى بېشى كىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟
8 ھازىر شۇنى كۆرىمىزكى، ۋەھشىي ھايۋاننىڭ يەتتىنچى ۋە ئاخىرقى بېشىنى ئېنىقلاشقا دانىيال كىتابىدىكى بېشارەتلەر بىزگە ياردەم بېرىدۇ. «ھەزرىتىمىزنىڭ كۈنىدە»، يەنى ئاخىر زامان مەزگىلىدە، قايسى دۇنياۋىي كۈچ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ؟ (ۋەھىي. 1:10). ئىككى كۈچلۈك ھۆكۈمەتنىڭ، يەنى ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىدىن شەكىللەنگەن ئانگلو-ئامېرىكا دۇنيا كۈچى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، بىز بۇ بىرلەشكەن كۈچنى ۋەھىيلەر 13:1–4-ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ھايۋان ياكى ھايۋاننىڭ يەتتىنچى بېشى دەپ يەكۈن چىقىرالايمىز.
9. بۇ «قوزىنىڭكىدەك ئىككى مۈڭگۈزى بار» ھايۋان نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟
9 ۋەھىيلەر 13-باب، ھايۋان ياكى ھايۋاننىڭ يەتتىنچى بېشى بولغان ئانگلو-ئامېرىكا دۇنيا كۈچىنى «قوزىنىڭكىگە ئوخشاش ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىدى. ئەمما ئۇ ئەجدىھادەك سۆزلەيتتى» دەپ تەسۋىرلىگەن. بۇ ھايۋان «ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۆزى ئالدىدا چوڭ كارامەتلەرنى كۆرسەتتى، ھەتتا ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئوت ياغدۇراتتى» (ۋەھىي. 13:11–15). ۋەھىيلەر 16 ۋە 19-بابلار، بۇ ۋەھشىي ھايۋاننى «ساختا پەيغەمبەر» دەپ تەسۋىرلىگەن (ۋەھىي. 16:13؛ 19:20). دانىيال پەيغەمبەرمۇ ئوخشاشلا ئانگلو-ئامېرىكا دۇنيا كۈچىنى «دەھشەتلىك ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ بېشارەت قىلغان (دانىيال 8:19، 23، 24). بۇ دەل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەردى. تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئىككى ئاتوم بومبىسى برىتانىيە ۋە ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. شۇ بومبىلارنى ياساپ، ئانگلو-ئامېرىكا دۇنيا كۈچى «ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئوت» ياغدۇرغان ئىدى.
10. ھايۋاننىڭ ھەيكىلى نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ (ۋەھىيلەر 13:14، 15؛ 17:3، 8، 11)
10 كېيىن باشقا بىر ۋەھشىي ھايۋاننى كۆرىمىز. بۇ ئاشۇ يەتتە باشلىق ۋەھشىي ھايۋانغا پۈتۈنلەي دېگىدەك ئوخشاپ كېتىدۇ، پەقەت توق قىزىل رەڭگى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئۇ ھايۋاننىڭ ھەيكىلى دەپ ئاتىلىپ، «سەككىزىنچى پادىشاھ»قا ۋەكىللىك قىلىدۇ c (ۋەھىيلەر 13:14، 15؛ 17:3، 8، 11-نى ئوقۇڭ). ۋەھىيلەر كىتابى، بۇ «پادىشاھ» مەيدانغا كېلىپ، بىر ئازدىن كېيىن يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقى، ئاندىن قايتا پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى شۇنداق بولغان. بۇ تەشكىلات دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، دەسلەپتە خەلقئارا ئىتتىپاق دەپ ئاتالغان. ئاندىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، بۇ ئىتتىپاق ئۈن-تۈنسىز، جىمجىت يوقاپ كەتكەن. كېيىن، ئۇ ھازىرقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈپىتىدە قايتا پەيدا بولغان.
11. بۇ سىياسىي ھايۋان كىشىلەرنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇلاردىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق؟
11 ئۇ ۋەھشىي ھايۋان ياكى ھۆكۈمەتلەر تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىنسانلارنى ياراتقۇچى يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى تۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. سىمۋوللۇق مەنىدە، ئۇلار «دۇنيادىكى پادىشاھلارنى» يىغىپ، «ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ چوڭ كۈنىدىكى جەڭگە»، يەنى ئارماگېدون ئۇرۇشىغا توپلايدۇ (ۋەھىي. 16:13، 14، 16). ئەمما، بىزنىڭ قورقۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلۇغ خۇدايىمىز يەھۋا دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزىدۇ.—ھەزەك. 38:21–23.
12. بارلىق ھايۋانلارغا نېمە بولىدۇ؟
12 بارلىق ھايۋانلارغا نېمە بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا، ۋەھىيلەر 19:20-ئايەت مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «ۋەھشىي ھايۋان ئۆزى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ، ۋەھشىي ھايۋاننىڭ بەلگىسىنى قوبۇل قىلغانلارنى ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ كەلگەن ساختا پەيغەمبەر تۇتۇلدى. ئۆت كۆيۈپ تۇرغان گۇڭگۇرت كۆلىگە ھەر ئىككىلىسى تىرىكلا تاشلاندى». شۇڭا، خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىۋاتقان ھۆكۈمەتلەر باشقۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، خۇدا ئۇلارنى مەڭگۈگە ھالاك قىلىدۇ.
13. دۇنيادىكى بەزى ھۆكۈمەتلەر بارلىق مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە قانداق قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ؟
13 بۇ بىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بىز مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولغاچ، چوقۇم خۇداغا ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا سادىق بولۇشىمىز كېرەك (يۇھاننا 18:36). بۇنداق قىلىش ئۈچۈن، بىز بۇ دۇنيانىڭ سىياسىي ئىشلىرىدا بىتەرەپلىكنى ساقلىشىمىز لازىم. بەلكىم، بىتەرەپ تۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ، چۈنكى دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەر بىزدىن گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزدە، ئۇلارنى تولۇق قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بېسىمىغا باش ئېگىپ، شۇ ھۆكۈمەتلەرنى قوللىغانلار ھايۋاننىڭ بەلگىسىنى ئۇرغۇزىدۇ (ۋەھىي. 13:16، 17). لېكىن، شۇ بەلگىنى ئۇرغۇزغانلار يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ ۋە يەر يۈزىدىكى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ (ۋەھىي. 14:9، 10؛ 20:4). دېمەك، ھۆكۈمەتلەر كۈچلۈك بېسىم قىلىپ، ئۇلارنى قوللاشقا مەجبۇرلىشىغا قارىماي، ھەربىرىمىز ئۈچۈن بىتەرەپلىكنى قەتئىي ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم!
نومۇسسىز پاھىشە ئايالنىڭ ئاقىۋىتى
14. ۋەھىيلەر 17:3–5-ئايەتلەردە تەسۋىرلەنگەندەك، ئەلچى يۇھاننا باشقا قانداق ھەيران قالارلىق كۆرۈنۈشنى كۆرىدۇ؟
14 ئەلچى يۇھاننا ئۆزى كۆرگەن باشقا بىر كۆرۈنۈشتىن قاتتىق ھەيران قالغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ نېمىنى كۆرگەن؟ ۋەھشىي ھايۋاننىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆرگەن ئىدى (ۋەھىي. 17:1، 2، 6). ۋەھىيلەر كىتابىدا، ئۇ پاھىشىلەرنىڭ ئانىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىپ، «كاتتا بابىل» دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ۋە «دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن زىنا» قىلىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.—ۋەھىيلەر 17:3–5-نى ئوقۇڭ.
15، 16. «كاتتا بابىل» كىم ۋە بۇنى قانداق بىلىمىز؟
15 «كاتتا بابىل» كىم؟ بۇ ئايال سىياسىي تەشكىلاتقا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، چۈنكى ۋەھىيلەر كىتابىدا ئۇنى دۇنيادىكى سىياسىي رەھبەرلەر بىلەن زىنا قىلىشتى دەيدۇ (ۋەھىي. 18:9). ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ۋەھشىي ھايۋانغا مىنىۋالغانلىقى، شۇ سىياسىي ھۆكۈمرانلارنى كونترول قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ شەيتان دۇنياسىنىڭ ئاچكۆز سودا-تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. چۈنكى، ۋەھىيلەر كىتابىدا شۇ تەشكىلاتلار دۇنيادىكى سودىگەرلەر دەپ تەسۋىرلەنگەن.—ۋەھىي. 18:11، 15، 16.
16 مۇقەددەس يازمىلاردا «ۋاپاسىز»، «پاھىشە»، «زىناخور» دېگەن سۆزلەر، دائىم ئۆزىنى خۇداغا خىزمەت قىلىمىز دەيدىغان، ئەمما بۇتپەرەسلىك قىلىدىغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن بۇ دۇنيانىڭ دوستلىرى بولىدىغانلارنى تەسۋىرلەشتە ئىشلىتىلگەن (1-تارىخ. 5:25؛ ياقۇپ 4:4). ئەكسىچە، خۇداغا سادىقلىق بىلەن ئىبادەت قىلغانلار بولسا «پاك قىز»لار دەپ ئاتالغان (2-كورىنت. 11:2؛ ۋەھىي. 14:4). قەدىمقى بابىل شەھىرى ساختا ئىبادەتنىڭ مەركىزى بولغان ئىدى. شۇڭا، كاتتا بابىل چوقۇم بارلىق ساختا ئىبادەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئۇ يالغان دىننىڭ دۇنياۋى ئىمپېرىيىسى (ۋەھىي. 17:5، 18). jw.org تور بېتىدىن «كاتتا بابىل دېگەن نېمە؟» (باشقا تىلدا) ناملىق تور ماقالىسىنى ئوقۇڭ.
17. كاتتا بابىلغا نېمە بولىدۇ؟
17 كاتتا بابىلغا نېمە بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا، ۋەھىيلەر 17:16، 17-ئايەتلەر مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ۋە ۋەھشىي ھايۋان پاھىشە ئايالنى ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ، يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ». چۈنكى، خۇدا ئاشۇ ئون پادىشاھنىڭ قەلبىنى ئەسىر قىلغاچ، ئۇلار ئۇنىڭ مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. دېمەك، يەھۋا ئۆزى دۆلەتلەرنى توق قىزىل ھايۋاننى، يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىشلىتىپ، يالغان دىننىڭ دۇنياۋى ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىشقا ئۈندەيدۇ.—ۋەھىي. 18:21–24.
18. كاتتا بابىل بىلەن بولغان ھەرقانداق مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز لازىم؟
18 بۇ بىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بىز چوقۇم خۇداغا «پاك ۋە ئەيىبسىز» ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك (ياقۇپ 1:27). «كاتتا بابىل»نىڭ ساختا تەلىماتلىرى، غەيرى تەبرىكلەش ياكى بايراملىرى، جىنكەشلىك قىلمىشلىرى ۋە تۆۋەن ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ بىزگە تەسىر قىلىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويماسلىقىمىز لازىم! ئۇنىڭدىن باشقا، بىز توختىماي كىشىلەرنى «ئۇ يەردىن چىقىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، ئۇلار پاھىشە ئايالنىڭ گۇناھىغا شېرىك بولۇشتىن ساقلىنالايدۇ.—ۋەھىي. 18:4.
خۇدانىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىنىڭ ئاقىۋېتى
19. «چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا» كىم؟
19 ۋەھىيلەر كىتابىدا يەنە «چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا» تەسۋىرلەنگەن (ۋەھىي. 12:3). بۇ ئەجدىھا ئەيسا ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە قارشى جەڭ قىلىدۇ (ۋەھىي. 12:7–9). ئۇ خۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلىدۇ، شۇنىڭدەك، يەنە ۋەھشىي ھايۋانلارغا، يەنى سىياسىي ھۆكۈمەتلەرگە كۈچ بېرىدۇ (ۋەھىي. 12:17؛ 13:4). بۇ ئەجدىھا كىم؟ «پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغۇچى ھېلقى قەدىمقى يىلان، ئىبلىس ۋە شەيتان دەپ ئاتالغان چوڭ ئەجدىھا» (ۋەھىي. 12:9؛ 20:2). ئۇ دەل يەھۋانىڭ باشقا بارلىق دۈشمەنلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغان پەردە ئارقىسىدىكى قارا نىيەتتۇر.
20. ئەجدىھاغا نېمە بولىدۇ؟
20 ئەجدىھاغا نېمە بولىدۇ؟ ۋەھىيلەر 20:1–3-ئايەتلەردە، بىر پەرىشتىنىڭ شەيتاننى تېگى يوق ھاڭغا تاشلايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ ھاڭ شەيتان ئۈچۈن تۈرمىگە ئوخشاش بولىدۇ. بۇ ھاڭدا بولغان مەزگىلدە، شەيتان ھەرقايسى خەلقلەرنى مىڭ يىل توشقۇچە قايتا ئازدۇرالمايدۇ. ئاخىرىدا، شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرى ھەممىسى بىرلىكتە ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھالاك قىلىنىدۇ (ۋەھىي. 20:10). تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرى يوق بولسا، قانچىلىك بەختلىك ھايات كەچۈرەرمىز-ھە؟!
21. ۋەھىيلەر كىتابىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىش نېمە ئۈچۈن بىزنى بەكمۇ ھاياجانغا سالىدۇ؟
21 ۋەھىيلەر كىتابىدا خاتىرىلەنگەن ۋەقەلەر ياكى ئالامەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش كىشىنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ! بىز يەھۋانىڭ دۈشمەنلىرىنى ئېنىقلاپلا قالماي، ئۇلارغا نېمە بولىدىغانلىقىنىمۇ كۆردۇق. دەرھەقىقەت، يۇقىرى ئاۋازدا «بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇپ بەرگەن، تىڭشىغان ۋە ئۇ يەردە يېزىلغانلارغا ئەمەل قىلغانلار نەقەدەر بەختلىك!» (ۋەھىي. 1:3). لېكىن، خۇدانىڭ دۈشمەنلىرى يوق قىلىنغاندىن كېيىن، خۇداغا سادىق ئىنسانلار قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدۇ؟ بۇنى بۇ بىر قاتار ماقالىنىڭ ئاخىرقى ماقالىسىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
30-ناخشا يەھۋا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىدى
a ۋەھىيلەر كىتابىدا خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىنى ئاشكارىلايدىغان ۋەقەلەر ياكى ئالامەتلەر تىلغا ئېلىنغان. دانىيالنىڭ كىتابى بۇ ۋەقەلەر ياكى ئالامەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ھازىر دانىيال كىتابىدىكى بەزى بېشارەتلەر بىلەن ۋەھىيلەر كىتابىدىكى شۇنىڭغا ئوخشاش بېشارەتلەرنى سېلىشتۇرىمىز. بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيمىز. ئاندىن كىيىن، ئۇلارغا نېمە بولىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b يەتتە باشلىق ھايۋاننىڭ بارلىق سىياسىي كۈچلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى، ئۇنىڭ «ئون مۈڭگۈزى» بار. ئون سانى دائىم مۇقەددەس كىتابتا مۇكەممەللىكنى ئىپادىلەيدۇ.
c بىرىنچى ۋەھشىي ھايۋانغا ئوخشىمايدىغان يېرى، توق قىزىل (يەنى ھەيكىلى) مۈڭگۈزلىرىدە «تاج» يوق (ۋەھىي. 13:1). سەۋەبى، ئۇ باشقا يەتتە پادىشاھتىن كېلىپ چىققان، يەنى ئۇلار بۇ ھەيكىلىگە ھوقۇق بەرگەن. «ۋەھىيلەر 17-بابتا تەسۋىرلەنگەن توق قىزىل نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟» jw.org تور بېتىدىكى تور ماقالىسىگە قاراڭ.