مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

21-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابى كېلە‌چىكىڭىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابى كېلە‌چىكىڭىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

‏«ئامىن!‏ كە‌ل،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا».‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 22:‏20‏.‏

54-‏ناخشا ئىماندا چىڭ تۇ‌رايلى!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ بارلىق ئىنسانلار قانداق مۇ‌ھىم بىر قارارنى چىقىرىشى كېرە‌ك؟‏

 بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار ئىنتايىن مۇ‌ھىم بىر قارارنى چىقىرىشى كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لار ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانى كائىناتنىڭ ھە‌قلىق ھۆكۈمرانى سۈپىتىدە قوللامدۇ ياكى خۇ‌دانىڭ رە‌زىل دۈشمىنى شە‌يتاننى قوللامدۇ؟‏ چوقۇ‌م بىرىنى تاللىشى كېرە‌ك،‏ ھە‌ر ئىككىسىنىڭ ئوتتۇ‌رىسىدا بىتە‌رە‌پ تۇ‌رۇ‌شقا يول يوق.‏ ئۇ‌لار مە‌يلى قانداق قارار چىقارسۇ‌ن،‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ مە‌ڭگۈلۈك ياشاش ياكى ياشىماسلىقىغا تە‌سىر قىلىدۇ (‏مە‌تتا 25:‏31–‏33،‏ 46‏)‏.‏ «دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌ت» مە‌زگىلىدە،‏ ئۇ‌لارغا ياكى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ياكى ھالاك بولۇ‌ش بە‌لگىسى قويۇ‌لىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏14؛‏ 14:‏9–‏11؛‏ ھە‌زە‌ك.‏ 9:‏4،‏ 6‏.‏

2.‏ (‏1)‏ ئىبرانىيلار 10:‏35–‏39-‏ئايە‌تلە‌ر بىزنى نېمە قىلىشقا ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ؟‏ (‏2)‏ ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابى بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

2 ئىبرانىيلار 10:‏35–‏39-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌گە‌ر سىز يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللاشنى تاللىغان بولسىڭىز،‏ ئاقىلانە قارار چىقاردىڭىز.‏ سىز ھازىر باشقىلارنىڭ توغرا قارار چىقىرىشىغا ياردە‌م بېرىشنى خالايسىز.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابىدىكى مە‌لۇ‌ماتلارنى ئىشلىتىپ،‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز.‏ بۇ ئاجايىپ كىتاب يە‌ھۋاغا قارشى تۇ‌رغۇ‌چىلارنىڭ قانداق ئاقىۋە‌تكە دۇ‌چار بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى سادىقلىق بىلە‌ن قوللىغۇ‌چىلارنىڭ ئېرىشىدىغان بە‌رىكە‌تلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ بىز بۇ‌نداق مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تلە‌رنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نداق قىلىش،‏ يە‌ھۋاغا داۋاملىق خىزمە‌ت قىلىش ئىرادىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز ئۆگە‌نگە‌نلىرىمىزنى ئىشلىتىپ،‏ باشقىلارنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى تاللىشىغا ۋە بۇ قارارىدا داۋاملىق چىڭ تۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە،‏ قايسى ئىككى سوئالنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 بۇ ماقالىدە،‏ بىز تۆۋە‌ندىكى ئىككى سوئالنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز:‏ خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللىغۇ‌چىلارنى نېمە كۈتۈپ تۇ‌رىدۇ؟‏ ئە‌كسىچە،‏ ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابىدا تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن توق قىزىل رە‌ڭلىك ۋە‌ھشى دىۋىنى قوللاشنى تاللىغانلارنى قانداق ئاقىۋە‌ت كۈتۈپ تۇ‌رىدۇ؟‏

يە‌ھۋاغا سادىق كىشىلە‌رنى نېمە كۈتۈپ تۇ‌رىدۇ؟‏

4.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ئە‌يسا بىلە‌ن قايسى بىر توپنىڭ ئاسماندا تۇ‌رغانلىقىنى كۆرىدۇ؟‏

4 بىر كۆرۈنۈشتە،‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللايدىغان ۋە مە‌ڭگۈلۈك ھايات مۇ‌كاپاتىغا ئېرىشىدىغان ئىككى توپ كىشىلە‌رنى كۆرىدۇ.‏ بىرىنچى توپنىڭ سانى 144000 (‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏4‏)‏.‏ ئۇ‌لار يە‌ر يۈزىدىن ئېلىپ كېتىلىپ،‏ ئاسماندا ئە‌يسا بىلە‌ن بىرلىكتە بىر ھۆكۈمە‌ت ياكى پادىشاھلىقنى قۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 5:‏9،‏ 10؛‏ 14:‏3،‏ 4‏)‏.‏ كۆرۈنۈشتە،‏ يۇ‌ھاننا بۇ توپنىڭ ئاسماندىكى سىئون تېغىدا ئە‌يسا بىلە‌ن تۇ‌رغانلىقىنى كۆرىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 14:‏1‏.‏

5.‏ پات-‏يېقىندا،‏ 144000نىڭ يە‌ر يۈزىدىكى قالدۇ‌ق قىسمىغا نېمە ئىش بولىدۇ؟‏

5 ئە‌سىرلە‌ردىن بۇ‌يان،‏ مىڭلىغان كىشىلە‌ر 144000نىڭ بىر قىسىمى بولۇ‌شقا تاللىنىپ كە‌لمە‌كتە (‏لۇ‌قا 12:‏32؛‏ رىملىقلار 8:‏17‏)‏.‏ بىراق،‏ ئاخىر زامان مە‌زگىلىدە،‏ مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ پە‌قە‌ت ئاز ساندىكى قالدۇ‌ق قىسىمى يە‌نىلا يە‌ر يۈزىدە ھايات بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان.‏ چوڭ بالايىئاپە‌ت باشلىنىشتىن ئىلگىرى،‏ بۇ قالدۇ‌ق ئە‌زالار يە‌ھۋانىڭ ئاخىرقى تە‌ستىق مۆھۈرىگە ئېرىشىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏2،‏ 3؛‏ 12:‏17‏)‏.‏ شۇ چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىنىڭ مە‌لۇ‌م بىر پە‌يتىگە كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ر يۈزىدىكى قالدۇ‌ق ئە‌زالار ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئاللىقاچان ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ،‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌رگە قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ 144000نى تە‌شكىل قىلىدۇ.‏ ئۇ جايدا،‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا بىلە‌ن بىرلىكتە خۇ‌دا پادىشاھلىقىدا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ.‏—‏مە‌تتا 24:‏31؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 5:‏9،‏ 10‏.‏

6،‏ 7.‏ (‏1)‏ يۇ‌ھاننا كېيىن قايسى توپنى كۆرىدۇ ۋە بىز ئۇ‌لار ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابى 7-‏باب ھە‌ر ئىككىلا توپ،‏ يە‌نى قالدۇ‌ق ئە‌زالار ۋە زور بىر توپ خالايىق ئۈچۈن زور ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە؟‏

6 ئاسمانغا كۆتۈرۈلگە‌ن شۇ توپنى كۆرگە‌ندىن كېيىن،‏ يۇ‌ھاننا يە‌نە «زور بىر توپ»نى كۆرىدۇ.‏ 144000 بىلە‌ن ئوخشىمايدىغان يېرى،‏ بۇ ساناپ تۈگە‌تكۈسىز زور بىر توپ (‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏9،‏ 10‏)‏.‏ بىز ئۇ‌لار ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏ يۇ‌ھاننا شۇ‌نداق سۆزلە‌رنى ئاڭلىغان:‏ «بۇ كىشىلە‌ر دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كە‌لگە‌نلە‌ردۇ‌ر.‏ ئۇ‌لار كىيىملىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇ‌يۇ‌پ،‏ ئاپئاق قىلغان» (‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏14‏)‏.‏ ئۇ‌لار دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌تلە‌ردىن ئامان-‏ئېسە‌ن ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ر يۈزىدە ئاجايىپ بە‌رىكە‌تلە‌ردىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌پ ياشايدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏9–‏11،‏ 27–‏29؛‏ پە‌ند.‏ نە 2:‏21،‏ 22؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 7:‏16،‏ 17‏.‏

7 مە‌يلى بىز ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىشكە تاللانغان بولايلى ياكى يە‌ر يۈزىدە قالىدىغان بولايلى،‏ ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابىنىڭ 7-‏بابىدا بايان قىلىنغان بۇ تە‌سۋىرىي سۈرە‌تتە ئۆزىمىزنى كۆرىمىزمۇ؟‏ بىز چوقۇ‌م بۇ بابتا ئوقۇ‌غانلارنى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ خۇ‌دا خىزمە‌تكارلىرى ئارىسىدىكى ھە‌ر ئىككى توپنىڭ ئاجايىپ گۈزە‌ل كېلە‌چىكى بولىدۇ!‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللاشنى تاللىغانلىقىمىز ئۈچۈن شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمىمىز.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابى بىزگە دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌ت ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئېيتىپ بېرىدۇ؟‏—‏مە‌تتا 24:‏21‏.‏

خۇ‌داغا قارشى چىققۇ‌چىلارنى قانداق ئاقىۋە‌ت كۈتۈپ تۇ‌رىدۇ؟‏

8.‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت قانداق باشلىنىدۇ ۋە كۆپچىلىك كىشىلە‌ر قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىدۇ؟‏

8 ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغاندە‌ك،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ سىياسىي كۈچلىرى پات-‏يېقىندا كاتتا بابىل،‏ يە‌نى دۇ‌نيانىڭ ساختا دىن ئىمپېرىيىسىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 17:‏16،‏ 17‏)‏.‏ بۇ ھە‌رىكە‌ت دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌تنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرە‌ك بېرىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر كە‌لكۈندە‌ك ئېقىپ كېلىپ،‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشقا باشلامدۇ؟‏ ياق.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 6-‏بابتا كۆرسىتىلىشىچە،‏ ئاشۇ ھالقىلىق پە‌يتتە يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلمايدىغان كىشىلە‌ر بولسا،‏ تاغ بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان دۇ‌نيانىڭ سىياسىي ۋە سودا-‏تىجارە‌ت تۈزۈلمىسىدىن پاناھلىق ئىزدە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىنى قوللىمىغاچقا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى قارشى چىققۇ‌چىلار دە‌پ قارايدۇ.‏—‏لۇ‌قا 11:‏23؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 6:‏15–‏17‏.‏

9.‏ دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌تتە يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى قانداق پە‌رقلىق بولۇ‌پ تۇ‌رىدۇ ۋە نە‌تىجىدە ئۇ‌لارغا نېمە بولىدۇ؟‏

9 ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ بۇ ئېغىر بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ يە‌ھۋانىڭ سادىق خىزمە‌تكارلىرى پە‌رقلىق بولۇ‌پ تۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌نىلا يە‌ر يۈزىدىكى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىدىغان ۋە ۋە‌ھشى دىۋىنى قوللاشنى رە‌ت قىلىدىغان بىردىن-‏بىر كىشىلە‌ر توپى بولۇ‌پ قالىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 13:‏14–‏17‏)‏.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋاغا سادىق قالغاچقا،‏ يە‌ھۋاغا قارشى چىققۇ‌چىلار قاتتىق غە‌زە‌پلىنىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ دۆلە‌تلە‌ر بىرلىشىپ،‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ شىددە‌تلىك ھۇ‌جۇ‌م ماگوگدىن بولغان گوگنىڭ ھۇ‌جۇ‌مى دە‌پ تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏—‏ھە‌زە‌ك.‏ 38:‏14–‏16‏.‏

10.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 19:‏19–‏21 ئايە‌تلە‌ردە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ندە‌ك،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە قىلىنغان ھۇ‌جۇ‌مغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىدۇ؟‏

10 يە‌ھۋا بۇ رە‌ھىمسىزلارچە قىلىنغان ھۇ‌جۇ‌مغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىدۇ؟‏ ئۇ بىزگە شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنىڭ ئاچچىقىم بۇ‌رنۇ‌مدىن چىقىدۇ» (‏ھە‌زە‌ك.‏ 38:‏18،‏ 21–‏23‏)‏.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 19-‏بابتا‏،‏ كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ پە‌رۋە‌ردىگار ئۆز خە‌لقىنى قوغداشقا ۋە ئۇ‌لارنىڭ دۈشمە‌نلىرىنى مە‌غلۇ‌پ قىلىشقا ئوغلىنى ئە‌ۋە‌تىدۇ.‏ ئاسماندا سادىق پە‌رىشتىلە‌ر ۋە 144000 مە‌سىھ قىلىنغانلاردىن تە‌شكىللە‌نگە‌ن زور قوشۇ‌ن،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن بىرلىكتە ماگوگدىن بولغان گوگقا قارشى جە‌ڭگە ئاتلىنىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 17:‏14؛‏ 19:‏11–‏15‏)‏.‏ بۇ ئۇ‌رۇ‌شنىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولىدۇ؟‏ يە‌ھۋاغا قارشى چىققان بارلىق ئىنسانلار ۋە تە‌شكىلاتلار پۈتۈنلە‌ي ھالاك قىلىنىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 19:‏19–‏21-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئۇ‌رۇ‌شتىن كېيىن،‏ توي بولىدۇ

11.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابىنىڭ ئە‌ڭ يۇ‌قىرى پە‌للىسى سۈپىتىدە قايسى مۇ‌ھىم ئىش يۈز بېرىدۇ؟‏

11 خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرى پۈتۈنلە‌ي ھالاك قىلىنغاندا،‏ يە‌ر يۈزىدە ئامان قالغان ساداقە‌تمە‌ن كىشىلە‌رنىڭ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ!‏ شۇ چاغدا،‏ ھە‌ممىسى شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمىدۇ!‏ كاتتا بابىل ۋە‌يران قىلىنغاندا،‏ ئاسماندا خۇ‌شاللىق ساداسى ياڭرىسىمۇ،‏ تېخىمۇ زور شاد-‏خۇ‌راملىق ئېلىپ كېلىدىغان يە‌نە بىر ئىش بار (‏ۋە‌ھىي.‏ 19:‏1–‏3‏)‏.‏ بۇ قوزىنىڭ توي كۈنى.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بۇ ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابىنىڭ ئە‌ڭ يۇ‌قىرى پە‌للىسى.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 19:‏6‏.‏

12.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌ردە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ قوزىنىڭ تويى قاچان بولىدۇ؟‏

12 توي قاچان بولىدۇ؟‏ ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدىن ئىلگىرى،‏ 144000نىڭ ھە‌ممىسى ئاسماندا جە‌م بولىدۇ.‏ بىراق،‏ بۇ تېخى قوزىنىڭ توي قىلىدىغان ۋاقتى ئە‌مە‌س ‏(‏ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شى يۈز بېرىپ،‏ خۇ‌دانىڭ بارلىق دۈشمە‌نلىرى يوق قىلىنغاندىن كېيىن،‏ قوزىنىڭ تويى بولىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 45:‏3،‏ 4،‏ 13–‏17‏.‏

13.‏ قوزىنىڭ تويىدا نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟‏

13 قوزىنىڭ تويىدا نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟‏ خۇ‌ددى توي ئە‌ر بىلە‌ن ئايالنى بىرلە‌شتۈرگە‌ندە‌ك،‏ بۇ سىمۋوللۇ‌ق توي پادىشاھ ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ «كېلىنچىكى»،‏ يە‌نى تاللانغان 144000 كىشىنى بىرلە‌شتۈرىدۇ.‏ بۇ مۇ‌ھىم ۋە‌قە‌دە يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن 1000 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان يېڭى ھۆكۈمە‌ت مە‌يدانغا كېلىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏6‏.‏

ھە‌شە‌مە‌تلىك شە‌ھە‌ر ۋە كېلە‌چىكىڭىز

ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابىنىڭ 21-‏بابىدا سىمۋوللۇ‌ق مە‌نىدە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن يېڭى يېرۇ‌سالىم ئاسماندىن چۈشۈپ كېلىۋاتىدۇ.‏ مىڭ يىل جە‌ريانىدا ئۇ ساداقە‌تمە‌ن ئىنسانىيە‌تنى سان-‏ساناقسىز بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدۇ (14–‏16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

14،‏ 15.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 21-‏باب‏،‏ تاللانغان 144000نى نېمە بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رىدۇ؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

14 كېيىن،‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 21-‏باب‏،‏ تاللانغان 144000نى «يېڭى يېرۇ‌سالىم» دە‌پ ئاتالغان ئاجايىپ گۈزە‌ل شە‌ھە‌ر بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏2،‏ 9‏)‏.‏ بۇ شە‌ھە‌رنىڭ «ئون ئىككى ئۇ‌ل تېشى بار بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىگە قوزىنىڭ ئون ئىككى ئە‌لچىسىنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغانىدى».‏ بۇ نېمە ئۈچۈن ئە‌لچى يۇ‌ھاننانىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ ئۆز ئىسىمىنىڭ ئاشۇ تاشلارنىڭ بىرىگە يېزىلغانلىقىنى كۆرگە‌ن ئىدى.‏ بۇ ئاجايىپ چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ!‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏10–‏14؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 2:‏20‏.‏

15 بۇ سىمۋوللۇ‌ق شە‌ھە‌رگە ئوخشايدىغان يە‌نە بىر شە‌ھە‌ر يوق.‏ ئۇ‌نىڭ چوڭ كوچىسى ساپ ئالتۇ‌ن،‏ 12 دە‌رۋازىسى مە‌رۋايىت بولۇ‌پ،‏ تاملىرى ۋە ئۇ‌لى قىممە‌تلىك تاشلار بىلە‌ن زىننە‌تلە‌نگە‌ن ۋە مۇ‌كە‌ممە‌ل تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌ق ئۆلچە‌ملىرى بىلە‌ن بىنا قىلىنغانىدى (‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏15–‏21‏)‏.‏ بىراق،‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا بىر نە‌رسىنىڭ كە‌ملىكىگە دىققە‌ت قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭ بىزگە نېمە دە‌يدىغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىڭ:‏ «شە‌ھە‌ردە ھېچبىر ئىبادە‌تخانا كۆرمىدىم.‏ چۈنكى ھە‌ممىگە قادىر يە‌ھۋا ۋە قوزا شە‌ھە‌رنىڭ ئىبادە‌تخانىسى ئىدى.‏ شە‌ھە‌رنى يۇ‌رۇ‌تۇ‌ش ئۈچۈن قوياش ۋە ئاي كېرە‌ك ئە‌مە‌س ئىدى.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لۇ‌غلىقى شە‌ھە‌رنى يۇ‌رۇ‌تاتتى ۋە قوزا بولسا شە‌ھە‌رنىڭ چىرىغى ئىدى» (‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏22،‏ 23‏)‏.‏ يېڭى يېرۇ‌سالىمنى تە‌شكىل قىلغۇ‌چىلار يە‌ھۋا بىلە‌ن بىللە بولىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 7:‏27؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 22:‏3،‏ 4‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا —‏ بۇ شە‌ھە‌رنىڭ ئىبادە‌تخانىسىدۇ‌ر.‏

ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دە‌ريا ۋە ھاياتلىق دە‌رىخىدىن كىملە‌ر مە‌نپە‌ئە‌تلىنىدۇ؟‏ (16،‏ 17-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

16.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان مە‌زگىلدە،‏ ئىنسانىيە‌ت نېمىلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرىدۇ؟‏

16 مە‌سىھ قىلىنغانلار بۇ شە‌ھە‌ر توغرىسىدا ئويلانسا،‏ ئاجايىپ ھاياجانغا چۆمىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ر يۈزىدە ياشاش ئۈمىدى بار كىشىلە‌رمۇ ئۇ‌نىڭغا قىزىقىشى كېرە‌ك.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان مە‌زگىلدە،‏ يېڭى يېرۇ‌سالىم يە‌ر يۈزىگە سان-‏ساناقسىز بە‌رىكە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلىدۇ.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا شۇ كېلىۋاتقان بە‌رىكە‌تلە‌رنى خۇ‌ددى «ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دە‌ريانى» كۆرگە‌ندە‌ك كۆرگە‌ن.‏ دە‌ريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا «پۈتكۈل خە‌لقلە‌رگە شىپا» بولىدىغان يوپۇ‌رماقلار ئۆسكە‌ن «ھاياتلىق دە‌رىخى» بار ئىدى (‏ۋە‌ھىي.‏ 22:‏1،‏ 2‏)‏.‏ شۇ چاغدا ياشايدىغان بارلىق ئىنسانلار ئاشۇ ياخشى نە‌رسىلە‌ردىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشىپ،‏ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نغان بارچە ئىنسانلار بارا-‏بارا مۇ‌كە‌ممە‌ل بولىدۇ.‏ ئە‌مدى نە كېسە‌للىك،‏ نە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت،‏ نە ھە‌سرە‌تلىك كۆز ياشلىرى ئە‌سلا بولمايدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏3–‏5‏.‏

17.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 20:‏11–‏13 ئايە‌تلە‌ردە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مە‌زگىلىدە بە‌رىكە‌تلە‌ردىن كىم مە‌نپە‌ئە‌تلىنىدۇ؟‏

17 بۇ ئېسىل بە‌رىكە‌تلە‌ردىن كىم مە‌نپە‌ئە‌تلىنىدۇ؟‏ بىرىنچى بولۇ‌پ،‏ ئارماگېدوندىن ئامان-‏ئېسە‌ن ئۆتكە‌ن زور بىر توپ خالايىق ۋە بە‌لكىم يېڭى دۇ‌نيادا تۇ‌غۇ‌لىدىغان بالىلار.‏ ئە‌مما،‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 20-‏بابتا ئۆلۈكلە‌رنىڭ تىرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋە‌دە بېرىلگە‌ن ‏(‏ۋە‌ھىيلە‌ر 20:‏11–‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۆتمۈشتە خۇ‌داغا سادىق ياشاپ،‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ھە‌ققانىي كىشىلە‌ر ۋە ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ھېچقانداق ئۆگىنىش پۇ‌رسىتى بولمىغان ھە‌ققانىي ئە‌مە‌س كىشىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ر يۈزىدە ياشاشقا تىرىلدۈرۈلىدۇ ‏(‏ئە‌لچى.‏ 24:‏15؛‏ يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29‏)‏.‏ بۇ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مە‌زگىلىدە،‏ ھە‌ممە ئادە‌م يە‌ر يۈزىدە تىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق.‏ بە‌زى كىشىلە‌رنىڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى،‏ يە‌ھۋانى تونۇ‌شقا يېتە‌رلىك پۇ‌رسە‌تلىرى بولغان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ياراتقۇ‌چىغا ئىبادە‌ت قىلىشنى رە‌ت قىلىپ،‏ داۋاملىق رە‌زىللىك قىلغاچ،‏ ئۇ‌لار تىرىلدۈرۈلمە‌يدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ئۆز ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە ياشاشقا لايىق ئە‌مە‌سلىكىنى ئىسپاتلىغان.‏—‏مە‌تتا 25:‏46؛‏ 2-‏سالونىكا.‏ 1:‏9؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 17:‏8؛‏ 20:‏15‏.‏

ئاخىرقى سىناق

18.‏ مىڭ يىلنىڭ ئاخىرىدا،‏ يە‌ر يۈزىدە ئە‌ھۋال قانداق بولىدۇ؟‏

18 مىڭ يىل ئاخىرلاشقاندا،‏ يە‌ر يۈزىدە ياشايدىغانلارنىڭ ھە‌ممىسى مۇ‌كە‌ممە‌للىككە قايتىدۇ.‏ ئە‌مدى ھېچكىم ئادە‌م-‏ئاتىدىن مىراس قالغان گۇ‌ناھنىڭ تە‌سىرىگە يە‌نە ئۇ‌چرىمايدۇ (‏رىملىقلار 5:‏12‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ گۇ‌ناھنىڭ لە‌نىتى پۈتۈنلە‌ي يوق بولىدۇ.‏ مىڭ يىلنىڭ ئاخىرىدا يە‌ر يۈزىدە بارلىق ئىنسانلار مۇ‌كە‌ممە‌للىككە ئېرىشىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ بۇ تە‌رىقىدە ھە‌ممە ئىنسان تىرىلىپ تۇ‌رىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏5‏.‏

19.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ر يۈزىدىكى ئىنسانلار ئە‌ڭ ئاخىرقى سىناققا دۇ‌چ كېلىشى لازىم؟‏

19 بىز بىلىمىزكى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ شە‌يتاننىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىغا ئۇ‌چرىغان بولسىمۇ،‏ خۇ‌داغا سادىقلىقىنى ساقلاپ قالغان.‏ ئە‌مما،‏ بارلىق مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلار شۇ‌نداق سادىق قېلىشنى خالامدۇ؟‏ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق ئاخىرلاشقاندا،‏ شە‌يتان تېگى يوق ھاڭدىن ئازاد قىلىنىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ يە‌ر يۈزىدىكى ھە‌ر بىر ئىنسان ئە‌ڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سىناققا دۇ‌چ كېلىدۇ ۋە يە‌ھۋاغا سادىق قېلىشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏7‏)‏.‏ بۇ ئاخىرقى سىناقتا سادىقلىقىنى ساقلاپ قالغانلار مە‌ڭگۈلۈك ھايات ۋە ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىكتىن بە‌ھرىمە‌ن بولىدۇ (‏رىملىقلار 8:‏21‏)‏.‏ ئىسىيانچىلار بولسا،‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرى بىلە‌ن بىرلىكتە مە‌ڭگۈگە ھالاك قىلىنىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏8–‏10‏.‏

20.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بېشارە‌تلە‌ر سىزنى قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌غا كە‌لتۈرىدۇ؟‏

20 ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابىنىڭ قىسقىچە مە‌زمۇ‌نىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌غا كە‌لدىڭىز؟‏ ئۆزىڭىزنى بۇ ھە‌يران قالارلىق بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئىچىدە كۆرۈپ،‏ ھاياجانغا چۆمدىڭىزمۇ؟‏ بۇ چوقۇ‌م سىزنى باشقىلارنى بىرلىكتە خۇ‌داغا پاك ئىبادە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 22:‏17‏)‏.‏ بىز مۇ‌ھاكىمە قىلغان كە‌لگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئاشۇ ھە‌يران قالارلىق ۋە‌قە‌لە‌ر ئە‌قلىمىز ۋە قە‌لبىمىزنى چوڭقۇ‌ر ھاياجانغا سالغاچ،‏ بىزمۇ ئە‌لچى يۇ‌ھاننادە‌ك «ئامىن!‏ كە‌ل،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا!‏» دېيىشنى خالايمىز.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 22:‏20‏.‏

151-‏ناخشا خۇ‌دا ئوغۇ‌للىرىنىڭ ئايان بولۇ‌شى

a بۇ ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابى ھە‌ققىدە بىر قاتار ماقالىلە‌رنىڭ ئاخىرقى ماقالىسى.‏ بۇ‌نىڭدا يە‌ھۋاغا سادىق قالغانلارنىڭ پارلاق كېلە‌چىكى بولىدىغانلىقى،‏ ئە‌كسىچە خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا قارشى چىققۇ‌چىلارنىڭ نومۇ‌سلۇ‌ق ئاقىۋە‌تكە دۇ‌چار بولۇ‌پ،‏ يوق قىلىنىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگىنىمىز.‏