مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

22-‏تە‌تقىق ماقالىسى

داۋاملىق «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» بىلە‌ن يۈرۈڭلار

داۋاملىق «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» بىلە‌ن يۈرۈڭلار

‏«ئۇ يە‌ردە بىر يول،‏ بىر چوڭ يول بولىدۇ،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س يول».‏‏—‏يە‌شايا 35:‏8‏.‏

26-‏ناخشا خۇ‌دا بىلە‌ن يۈر

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ بابىلوندا ياشىغان يە‌ھۇ‌دىيلار ئۈچۈن قانداق مۇ‌ھىم قارارنى چىقىرىشقا توغرا كە‌لگە‌ن؟‏ (‏ئە‌زرا 1:‏2–‏4‏)‏

 پادىشاھ شۇ‌نداق بىر ئېلان جاكارلىغانىدى!‏ تە‌خمىنە‌ن 70 يىل بابىلوندا ئە‌سىرلىكتە ياشىغان يە‌ھۇ‌دىيلار ئۆز يۇ‌رتى ئىسرائىلغا قايتىپ كېتىشى ئۈچۈن ئازاد قىلىندى ‏(‏ئە‌زرا 1:‏2–‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ‌نى پە‌قە‌ت يە‌ھۋا ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رالىغان.‏ چۈنكى،‏ بابىلونلىقلار ئادە‌تتە ئە‌سىرگە ئالغان كىشىلە‌رنى قويۇ‌پ بە‌رمىگە‌ن (‏يە‌شايا 14:‏4،‏ 17‏)‏.‏ لېكىن،‏ بابىلون ئاغدۇ‌رۇ‌لۇ‌پ،‏ يېڭى ھۆكۈمران يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ بۇ دۆلە‌تتىن كېتىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلغانلىقىنى ئېيتقان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ھە‌ر بىر يە‌ھۇ‌دىي،‏ بولۇ‌پمۇ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بىر قارار چىقىرىشىغا توغرا كە‌لگە‌ن:‏ بابىلوندىن كېتىش ياكى شۇ يە‌ردە قېلىپ ياشاش.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ قارارنى چىقىرىش ئاسانغا چۈشمىگە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

2 ياشانغان كىشىلە‌رنىڭ بۇ ئۇ‌زۇ‌ن سە‌پە‌رنى قىلىشى ئاسان ئە‌مە‌س ئىدى.‏ يە‌نە نۇ‌رغۇ‌ن يە‌ھۇ‌دىيلار بابىلوندا تۇ‌غۇ‌لغاچ،‏ بۇ ئۇ‌لار ئۈچۈن بىردىن-‏بىر تونۇ‌ش يۇ‌رت بولۇ‌پ،‏ ئىسرائىل زېمىنى ئاتا-‏بوۋىلىرىنىڭ يۇ‌رتى ئىدى.‏ قارىماققا،‏ بە‌زى يە‌ھۇ‌دىيلار بابىلوندا ناھايىتى بېيىپ،‏ ئۇ‌تۇ‌ق قازانغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئازادە ئۆيلىرى ياكى سودا-‏سېتىق تىجارە‌تلىرىنى تاشلاپ،‏ ناتونۇ‌ش بىر يە‌رگە بېرىپ،‏ ماكانلىشىشنى قىيىن كۆرگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

3.‏ ئىسرائىل زېمىنىغا قايتىدىغان سادىق يە‌ھۇ‌دىيلارنى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌ر كۈتۈۋاتاتتى؟‏

3 سادىق يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ نە‌زىرىدە،‏ ئىسرائىل زېمىنىغا قايتىشنىڭ پايدىسى ھە‌رقانداق قۇ‌ربانلىقنى بېرىشتىن كۆپ ئە‌ۋزە‌ل ئىدى.‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن ئە‌ڭ چوڭ بە‌رىكە‌ت قايتا پاك ئىبادە‌تنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرە‌لە‌يتتى.‏ گە‌رچە بابىلون شە‌ھىرىدە ئە‌للىكتىن كۆپرە‌ك غە‌يرى ئىلاھلارنىڭ ئىبادە‌تخانىلىرى بار بولسىمۇ،‏ ئە‌مما ئۇ شە‌ھە‌ردە يە‌ھۋانىڭ ئىبادە‌تخانىسى يوق ئىدى.‏ ئىسرائىللار مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ قانۇ‌نىدا تە‌لە‌پ قىلىنغان قۇ‌ربانلىقلارنى سۇ‌نۇ‌ش ئۈچۈن نە قۇ‌ربانگاھ،‏ نە روھانىيلارمۇ يوق ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئىسرائىل خە‌لقى يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆلچە‌ملىرىنى ھۆرمە‌تلىمە‌يدىغان غە‌يرى ئىلاھلارغا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنىڭ ئارىسىدا ياشايتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مىڭلىغان خۇ‌دانى سۆيىدىغان يە‌ھۇ‌دىيلار ئۆز يۇ‌رتىغا قايتىپ،‏ پاك ئىبادە‌تنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈشكە تە‌قە‌ززا بولغان.‏

4.‏ يە‌ھۋا ئىسرائىلغا قايتىدىغان يە‌ھۇ‌دىيلار ئۈچۈن قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان؟‏

4 بابىلوندىن ئىسرائىلغا بېرىش ئۈچۈن تە‌خمىنە‌ن تۆت ئاي مۈشكۈل سە‌پە‌ر قىلىش كېرە‌ك ئىدى.‏ ئە‌مما يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لارنىڭ قايتىپ كېتىشىگە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدىغان ھە‌رقانداق توسالغۇ‌لارنى يوق قىلىدىغانلىقىغا ۋە‌دە بە‌رگە‌ن.‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر مۇ‌نداق يازغان:‏ «سىلە‌ر يە‌ھۋانىڭ يولىنى ئېچىڭلار،‏ خۇ‌دايىمىزنى ئۈچۈن تۈپتۈز چوڭ يول ياساڭلار،‏ .‏ .‏ .‏ ئوڭغۇ‌ل-‏دوڭغۇ‌ل يە‌ر چوقۇ‌م تۈپتۈز تە‌كشىلە‌نسۇ‌ن،‏ ئېگىز-‏پە‌س يە‌ر تۈزلە‌ڭلىككە ئۆزگە‌رتىلسۇ‌ن» (‏يە‌شايا 40:‏3،‏ 4‏)‏.‏ چۆل-‏باياۋان ۋە ئىككى تاغ ئارىسىدىكى تۈزلە‌ڭلىكنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر چوڭ يولنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ مۇ‌شۇ‌نداق يولدا سە‌پە‌ر قىلىش كىشىنى خۇ‌شال قىلىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئېگىز-‏پە‌س تاغ يولىدا،‏ تار جىلغىلاردا مېڭىشقا قارىغاندا،‏ تۈپتۈز چوڭ يولدا سە‌پە‌ر قىلىش ئاسانراق ۋە تېزراق بولىدۇ.‏

5.‏ بابىلون بىلە‌ن ئىسرائىل ئارىسىدىكى كۆچمە مە‌نىدىكى چوڭ يولغا قانداق ئىسىم قويۇ‌لغان؟‏

5 بۈگۈنكى كۈندە ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدىكى چوڭ يوللارغا ئىسىم قويۇ‌لغان ياكى ئۇ‌لارنىڭ نومۇ‌رلىرى بار.‏ يە‌شايا يازغان كۆچمە مە‌نىدىكى چوڭ يولنىڭ ھە‌م شۇ‌نداق ئىسىمى بار.‏ ئايە‌تتىن شۇ‌نى ئوقالايمىز:‏ «ئۇ يە‌ردە بىر يول،‏ بىر چوڭ يول بولىدۇ،‏ ئۇ «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» دە‌پ ئاتىلىدۇ.‏ ناپاك ئادە‌م ئۇ يولدا ماڭمايدۇ» (‏يە‌شايا 35:‏8‏)‏.‏ بۇ ۋە‌دە شۇ زامانىدىكى ئىسرائىللار ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرگە‌ن؟‏ بۈگۈن بىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى «مۇ‌قە‌ددە‌س يول»‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ يول مۇ‌قە‌ددە‌س دە‌پ ئاتالغان؟‏

6 «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» —‏ بۇ چوڭ يول ئۈچۈن بېرىلگە‌ن ھە‌قىقە‌تە‌ن گۈزە‌ل بىر ئىسىم!‏ نېمە ئۈچۈن بۇ يول مۇ‌قە‌ددە‌س دە‌پ ئاتالغان؟‏ چۈنكى،‏ ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈلگە‌ن ئىسرائىل خە‌لقى ئارىسىدا «ناپاك ئادە‌م» بولۇ‌شىغا،‏ يە‌نى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلغۇ‌چى،‏ بۇ‌تپە‌رە‌س ياكى باشقا ئېغىر گۇ‌ناھلارنى قىلغۇ‌چىغا ئورۇ‌ن يوق ئىدى.‏ ئاشۇ يۇ‌رتىغا قايتىپ كە‌لگە‌ن يە‌ھۇ‌دىيلار خۇ‌داسى ئۈچۈن «مۇ‌قە‌ددە‌س بىر خە‌لق» بولاتتى (‏تە‌كرار.‏ قا 7:‏6‏)‏.‏ بۇ بابىلوندىن ئايرىلىپ،‏ يۇ‌رتىغا قايتقان يە‌ھۇ‌دىيلار ھېچقانداق ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلمىسىمۇ،‏ داۋاملىق يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگە‌ن.‏

7.‏ بە‌زى يە‌ھۇ‌دىيلار قانداق ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشى كېرە‌ك ئىدى؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

7 يۇ‌قىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ كۆپىنچىسى بابىلوندا تۇ‌غۇ‌لغان ۋە نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر بابىلونلىقلارنىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى ۋە دۇ‌نيا قارىشىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگە‌ن ئىدى.‏ بىرىنچى بىر توپ يە‌ھۇ‌دىيلار ئىسرائىل زېمىنىغا قايتىپ كېلىپ،‏ نە‌چچە ئون يىلدىن كېيىن،‏ ئە‌زرا پە‌يغە‌مبە‌ر بە‌زى يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ بۇ‌تپە‌رە‌س ئاياللار بىلە‌ن توي قىلغانلىقىنى بىلگە‌ن (‏چىق.‏ 34:‏15،‏ 16؛‏ ئە‌زرا 9:‏1،‏ 2‏)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ۋالىي نە‌ھە‌مىيا يە‌نە ئىسرائىلدا تۇ‌غۇ‌لغان بالىلارنىڭ ئىبرانىيچە سۆزلە‌شنى ئۆگە‌نمىگە‌نلىكىنى كۆرۈپ،‏ قاتتىق چۆچىگە‌ن ئىدى (‏تە‌كرار.‏ قا 6:‏6،‏ 7؛‏ نە‌ھە‌م.‏ 13:‏23،‏ 24‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ سۆزلىرى يېزىلغان ئىبرانىي تىلىنى چۈشە‌نمىسە،‏ قانداقمۇ يە‌ھۋانى سۆيۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏!‏ (‏ئە‌زرا 10:‏3،‏ 44‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۇ‌دىيلار زۆرۈر ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ بىراق،‏ ئىسرائىل زېمىنىدا ئاستا-‏ئاستا پاك ئىبادە‌تنىڭ ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈلۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ خە‌لقنىڭ شۇ ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشى تېخىمۇ ئاسانراق بولاتتى.‏—‏نە‌ھە‌م.‏ 8:‏8،‏ 9‏.‏

1919-‏يىلدىن باشلاپ،‏ مىليونلىغان ئە‌رلە‌ر،‏ ئاياللار ۋە بالىلار بۈيۈك بابىلدىن چىقىپ،‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يولدا» مېڭىشنى باشلىغان (‏8-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

8.‏ نېمىشقا شۇ‌نچە ئۇ‌زۇ‌ن يىللار ئىلگىرى يۈز بە‌رگە‌ن ئىشلار،‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن چوڭ ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

8 شۇ‌نچە ئۇ‌زۇ‌ن يىللار ئىلگىرى يە‌ھۇ‌دىيلار بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن شۇ ئىشلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن ئە‌ھمىيىتى بارمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە بار.‏ چۈنكى،‏ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» بىلە‌ن سە‌پە‌ر قىلىشقا سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ مە‌يلى مە‌سىھ قىلىنغان توپقا ياكى «باشقا قويلار» توپىغا تە‌ۋە بولايلى،‏ داۋاملىق مۇ‌قە‌ددە‌س يولدا يۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ چۈنكى،‏ ئۇ بىزنى كە‌لگۈسىدە پادىشاھلىق ئېلىپ كېلىدىغان بە‌رىكە‌تلە‌رگە يېتە‌كلە‌يدۇ b (‏يۇ‌ھاننا 10:‏16‏)‏.‏ 1919-‏يىلدىن بۇ‌يان،‏ مىليونلىغان ئە‌ر-‏ئاياللار ۋە بالىلار بۈيۈك بابىلونوندىن،‏ يە‌نى دۇ‌نيانىڭ ساختا دىن ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ،‏ كۆچمە مە‌نىدىكى «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» بىلە‌ن سە‌پە‌ر قىلىشقا باشلىدى.‏ بە‌لكىم،‏ سىزمۇ مۇ‌شۇ يولدا كېتىۋاتىسىز.‏ گە‌رچە بۇ يول تە‌خمىنە‌ن يۈز يىل ئاۋۋال ئېچىلغان بولسىمۇ،‏ بۇ يولنى تە‌ييارلاش ئىشى نە‌چچە ئە‌سىر ئىلگىرى باشلانغان.‏

يول تە‌ييارلاش

9.‏ يە‌شايا 57:‏14-‏ئايە‌ت‏،‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» قانداق تە‌ييارلانغانلىقى ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏

9 يە‌ھۇ‌دىيلار بابىلوندىن ئايرىلغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ يولىدىكى توسالغۇ‌لارنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان ‏(‏يە‌شايا 57:‏14-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ھازىرقى كۈندىكى مۇ‌قە‌ددە‌س يولچۇ؟‏ 1919-‏يىلىدىن نە‌چچە يۈز يىل ئاۋۋال،‏ يە‌ھۋا ئۆزىدىن ئە‌يمىنىدىغان كىشىلە‌رنى قوللىنىپ،‏ باشقىلارنىڭ بۈيۈك بابىلوندىن چىقىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏يە‌شايا 40:‏3-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌لار زۆرۈر بولغان كۆچمە مە‌نىدىكى يول تە‌ييارلاش ئىشىنى قىلغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ سە‌مىمىي يۈرە‌كلىك كىشىلە‌رنىڭ بۈيۈك بابىلوندىن ئايرىلىپ،‏ يە‌ھۋا ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈۋاتقان پاك ئىبادە‌تكە،‏ يە‌نى روھىي جە‌ننە‌تكە كىرىشى ئۈچۈن ئىمكانىيە‌ت يارىتىلغان.‏ يول تە‌ييارلاش نېمىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ ئاللىقاچان ئورۇ‌نلانغان بىر قىسىم تە‌ييارلىق ئىشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئە‌سىرلە‌ر داۋامىدا خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىدىغان كىشىلە‌ر بۈيۈك بابىلوندىن چىقىدىغان يولنى تە‌ييارلاشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏10،‏ 11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

10،‏ 11.‏ باسما ۋە تە‌رجىمە ئىشلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بىلىملە‌رنىڭ تېخىمۇ كە‌ڭ تارقىلىشىغا قانداق ھە‌سسە قوشقان؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

10 باسما ئىشلىرى.‏ 1450-‏يىللىرىغىچە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قولدا كۆچۈرۈلۈپ كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ بۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن بە‌ك كۆپ ۋاقىت كېتە‌تتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قولدا كۆچۈرۈپ كۆپە‌يتىلگە‌ن نۇ‌سخىسى ئىنتايىن ئاز ۋە قىممە‌ت باھالىق ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ باسما ماشىنىسى كە‌شىپ قىلىنغاندىن كېيىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى بېسىپ تارقىتىش ئىشلىرى تېخىمۇ ئاسان بولغان.‏

11 تە‌رجىمە ئىشلىرى.‏ ئە‌سىرلە‌ردىن بۇ‌يان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاساسلىقى لاتىن يېزىقىدا بار ئىدى.‏ ئۇ‌نى پە‌قە‌ت ئوقۇ‌مۇ‌شلۇ‌ق كىشىلە‌رلا چۈشىنە‌لە‌يتتى.‏ باسما ئىشلىرى كە‌ڭ ئۇ‌مۇ‌ملاشقاندىن كېيىن،‏ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىدىغان كىشىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى كىشىلە‌ر ئادە‌تتە سۆزلىشىدىغان تىللارغا تە‌رجىمە قىلىش خىزمىتىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلگە‌ن.‏ ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌يدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئۇ‌ستازلىرى تە‌رىپىدىن ئۆگىتىلگە‌ن تە‌لىملە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغانلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌پ ئوقۇ‌يالايدۇ.‏

خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىدىغان كىشىلە‌ر بۈيۈك بابىلوندىن چىقىدىغان يولنى تە‌ييارلاشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن‌ر (‏12–‏14-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

12،‏ 13.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار 19-‏ئە‌سىرنىڭ باشلىرىدا ساختا دىنىي تە‌لىملە‌رنى ئاشكارىلاشقا باشلىغانلىقىنى بىر مىسال بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

12 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش قوراللىرى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار خۇ‌دا سۆزىنى ئوقۇ‌پ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۆز بايقاشلىرىنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلاشقاندا،‏ دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر ئاچچىقلانغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 19-‏ئە‌سىردە بىر توپ سە‌مىمىي كىشىلە‌ر چېركاۋلارنىڭ يالغان دىنىي تە‌لىملىرىنى ئاشكارىلايدىغان ۋاراقچىلارنى بېسىپ تارقىتىشقا باشلىغان.‏

13 خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىدىغان ھېنرى گرۇ ئىسىملىك كىشى،‏ تە‌خمىنە‌ن 1835-‏يىللىرى ئۆلۈكنىڭ ئە‌ھۋالى مۇ‌ھاكىمە قىلىنغان بىر ۋاراقچىنى نە‌شىردىن چىقارغان.‏ ئۇ‌نىڭدا،‏ كۆپىنچە چېركاۋلارنىڭ تە‌لىملىرىدىن پە‌رقلىق بىر ھە‌قىقە‌ت ئوتتۇ‌رغا قويۇ‌لۇ‌پ،‏ ئۆلمە‌سلىك تۇ‌غۇ‌لۇ‌ش بىلە‌نلا ئىگە بولىدىغان بىر نە‌رسە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى خۇ‌دانىڭ ھە‌دىيىسى ئىكە‌نلىكىنى ئايە‌تلە‌ر بىلە‌ن ئىسپاتلاپ كۆرسە‌تكە‌ن.‏ 1837-‏يىلى جورج سىتورز پويىزغا ئولتۇ‌رغاندا،‏ ئاشۇ ۋاراقچىنى تېپىۋالغان.‏ ئۇ ئۇ‌نى ئوقۇ‌پ،‏ مۇ‌ھىم بىر ھە‌قىقە‌تنى بايقىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئۇ ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلىشىشنى قارار قىلغان.‏ 1842-‏يىلى،‏ ئۇ «رە‌زىل ئىنسانلارمۇ مە‌ڭگۈ ئۆلمە‌ي ياشامدۇ؟‏» دېگە‌ن قىزىقارلىق ماۋزۇ‌دا بىر قاتار نۇ‌تۇ‌قلارنى ئېيتقان.‏ جورج سىتورزنىڭ يازغانلىرى چارلىز تېيىز راسسېل ئىسىملىك ياش يىگىتكە كۈچلۈك تە‌سىر قىلغان.‏

14.‏ راسسېل ۋە ئۇ‌نىڭ ھە‌مراھلىرى ئىلگىرى قىلىنغان يول تە‌ييارلاش ئىشلىرىنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرگە‌ن؟‏

14 بۇ‌رادە‌ر راسسېل ۋە ئۇ‌نىڭ ھە‌مراھلىرى ئىلگىرى قىلىنغان يول تە‌ييارلاش ئىشلىرىنىڭ پايدىسىنى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۆز تە‌تقىق ئۆگىنىشىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تۈرلۈك تە‌رجىمىلىرى،‏ سۆزلۈكلىرى ۋە لۇ‌غە‌تلىرىدىن پايدىلانغان.‏ شۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ‌لار تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى باشلاشتىن بۇ‌رۇ‌ن تە‌ييار ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ھېنرى گرۇ،‏ جورج سىتورز ۋە باشقىلارنىڭ ئىزدىنىش نە‌تىجىلىرىدىن بۇ‌رادە‌ر راسسېل ۋە ئۇ‌نىڭ ھە‌مراھلىرى كۆپ پايدىلانغان.‏ ئۇ‌لارمۇ يول تە‌ييارلاش ئىشىغا ئۆز ھە‌سسىلىرىنى قوشۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نۇ‌رغۇ‌نلىغان كىتابلار ۋە ۋاراقچىلارنى نە‌شىردىن چىقارغان.‏

15.‏ 1919-‏يىلى قانداق مۇ‌ھىم ئۆزگە‌رتىشلە‌ر يۈز بە‌رگە‌ن؟‏

15 1919-‏يىلى،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى بۈيۈك بابىلوننىڭ كونتروللۇ‌قى ئاستىدىن قۇ‌تۇ‌لغان.‏ ئاشۇ يىلى «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» ئۆز ئىشلىرىنى باشلاپ،‏ سە‌مىمىي كىشىلە‌رنى «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» بىلە‌ن مېڭىشقا يېتە‌كلىگە‌ن (‏مە‌تتا 24:‏45–‏47‏)‏.‏ ئۆتمۈشتىكى يول تە‌ييارلاشقا قاتناشقان سادىق كىشىلە‌ر،‏ مۇ‌شۇ چوڭ يولغا قە‌دە‌م تاشلىغانلارنىڭ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ مە‌قسە‌تلىرى ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏پە‌ند.‏ نە 4:‏18‏)‏.‏ ئۇ‌لار نە‌تىجىدە،‏ بۇ يولدا ماڭغانلار ھاياتىنى يە‌ھۋانىڭ تە‌لە‌پلىرىگە ماسلاشتۇ‌رۇ‌شقا باشلىغان.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىدىن دە‌رھال بارلىق زۆرۈر ئۆزگە‌رتىشلە‌رنىڭ قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلمىغان ئىدى.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ ئاستا-‏ئاستا ئۇ‌لارنى تاۋلاپ پاكلىغان (‏«‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى ئاستا-‏ئاستا تۈزىتىدۇ‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏.‏ ھە‌ر بىر قىلغان ئىشىمىزدا خۇ‌دايىمىزنى خۇ‌رسە‌ن قىلالىساق،‏ بۇ‌نىڭدىن ئىنتايىن خۇ‌شال بولىمىز!‏—‏كولوسى.‏ 1:‏10‏.‏

‏«مۇ‌قە‌ددە‌سلىك يول» يە‌نىلا ئوچۇ‌ق

16.‏ 1919-‏يىلىدىن بۇ‌يان،‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يول»نى ئاسراش خىزمە‌تلىرى قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟‏ (‏يە‌شايا 48:‏17؛‏ 60:‏17‏)‏

16 يول ياخشى ھالە‌تتە تۇ‌رۇ‌شى ئۈچۈن،‏ ئۇ دائىم ئاسراپ تۇ‌رۇ‌شقا مۇ‌ھتاج بولىدۇ.‏ 1919-‏يىلدىن بۇ‌يان،‏ تېخىمۇ كۆپ كىشىلە‌رنىڭ بۈيۈك بابىلوندىن ئايرىلىشى ئۈچۈن،‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» تە‌ييارلاش ئىشى داۋام قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ يېڭىدىن تە‌يىنلە‌نگە‌ن «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» خىزمە‌تكە كىرىشكە‌ن ۋە 1921-‏يىلى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى يېڭىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغانلار ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق قوراللىرىنى نە‌شىردىن چىقارغان.‏ 36 تىلدا چىققان «خۇ‌دانىڭ چىلتارى» ناملىق كىتاب تە‌خمىنە‌ن 6 مىليون پارچىگە يېقىن تارقىتىلغان.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۇ‌نىڭدىن ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ يېقىنقى مە‌زگىلدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېڭىدىن «‏مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏‏» ناملىق بىر كىتاب نە‌شىردىن چىقتى.‏ ئاخىرقى زامان كۈنلىرىدە يە‌ھۋا ئۆز تە‌شكىلاتىدىن پايدىلىنىپ،‏ توختىماي روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارنى تە‌مىنلە‌پ بېرىۋاتىدۇ.‏ بۇ ھە‌ممىمىزنىڭ «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» بىلە‌ن داۋاملىق مېڭىشىمىزغا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏—‏يە‌شايا 48:‏17؛‏ 60:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

17،‏ 18.‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» نە‌گە يېتە‌كلە‌يدۇ؟‏

17 ئە‌گە‌ر بىر كىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى قوبۇ‌ل قىلسا،‏ ئۇ‌نىڭغا «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» بىلە‌ن مېڭىشقا قە‌دە‌م بېسىش پۇ‌رسىتى بارلىقىنى ئېيتالايمىز.‏ بە‌زىلە‌ر ئازراقلا مېڭىپ،‏ بۇ چوڭ يولدا سە‌پە‌ر قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ.‏ باشقىلار ئۆزى كۆزلىگە‌ن مە‌نزىلگە يە‌تكۈچە داۋاملىق سە‌پە‌ر قىلىشنى قە‌تئىي قارا قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كۆزلىگە‌ن مە‌نزىل نېمە؟‏

18 «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» —‏ ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بارلارنى ئاسماندىكى خۇ‌دانىڭ جە‌ننىتىگە يېتە‌كلە‌يدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 2:‏7‏)‏.‏ يە‌ر يۈزىدە ياشاش ئۈمىدى بارلارنى بولسا،‏ شۇ يول 1000 يىلنىڭ ئاخىرىدا مۇ‌كە‌ممە‌للىككە يېتە‌كلە‌يدۇ.‏ يېڭى دۇ‌نياغا يە‌تمىگۈچە،‏ بۇ يولدىن ئايرىلماي،‏ سە‌پىرىڭىزنى ئاخىرغىچە داۋام قىلىڭ.‏ سىزنىڭ بىخە‌تە‌ر سە‌پە‌ر قىلىشىڭىزنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!‏

16-‏ناخشا قېچىپ بار خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىغا!‏

a يە‌ھۋا بابىلوندىن ئىسرائىلغا بارىدىغان چوڭ يولنى كۆچمە مە‌نىدە،‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» دە‌پ ئاتىغان.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە شۇ‌نىڭغا ئوخشاش يولنى تە‌ييارلىغان.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ 1919-‏يىلىدىن باشلاپ،‏ مىليونلىغان كىشىلە‌ر بۈيۈك بابىلوندىن ئايرىلدى ۋە «مۇ‌قە‌ددە‌س يول» بىلە‌ن يۈرۈشكە باشلىدى.‏ ھە‌ممىمىز چوقۇ‌م ئاخىرقى مە‌نزىلىمىزگە يېتىش ئۈچۈن مۇ‌شۇ يولدا مېڭىشىمىز كېرە‌ك.‏

c سۈرە‌تتە:‏ راسسېل ۋە ئۇ‌نىڭ ھە‌مراھلىرى ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلە‌ر تە‌ييارلىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش قوراللىرىنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏