مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

20-‏تە‌تقىق ماقالىسى

دۇ‌ئالىرىمىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلايلى

دۇ‌ئالىرىمىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلايلى

‏«كۆڭلۈڭلارنى ئۇ‌نىڭغا تۆكۈڭلار».‏—‏زە‌بۇ‌ر 62:‏8‏.‏

22-‏ناخشا يە‌ھۋا مېنىڭ پادىچىمدۇ‌ر

بۇ ماقالىدە a

بىز ھە‌ر دائىم دۇ‌ئادا يە‌ھۋاغا يېقىنلىشالايمىز ۋە ھاياتىمىزنىڭ ھە‌ر بىر ساھە‌سىدە ئۇ‌نىڭدىن كۆرسە‌تمە سورىيالايمىز (‏1-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

1.‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنى نېمە قىلىشقا چاقىرىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

 بىز تە‌سە‌للى ۋە كۆرسە‌تمىلە‌رگە مۇ‌ھتاج بولغاندا،‏ كىمدىن ياردە‌م سورىيالايمىز؟‏ سوئالنىڭ جاۋابى ئېنىق،‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلالايمىز.‏ يە‌ھۋا بىزنى دە‌ل شۇ‌نداق قىلىشقا چاقىرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە:‏ «توختىماي دۇ‌ئا قىلىڭلار»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا بىلىمىزكى،‏ ياراتقۇ‌چىمىز ھە‌ر دائىم ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىشىمىزنى خالايدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏17‏)‏.‏ بىز دۇ‌ئادا بىمالال ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشالايمىز ۋە ھاياتىمىزنىڭ ھە‌ر ساھە‌سىدە ئۇ‌نىڭدىن كۆرسە‌تمىلە‌رنى سورىيالايمىز (‏پە‌ند.‏ نە 3:‏5،‏ 6‏)‏.‏ خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋا سېخىي بولغاچ،‏ بىزنىڭ قانچە قېتىم ياكى قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت دۇ‌ئا قىلىشىمىزغا چە‌ك قويمايدۇ.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە،‏ نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 بىز چىن قە‌لبىمىزدىن يە‌ھۋاغا مىننە‌تدار.‏ چۈنكى،‏ ئۇ بىزنى دۇ‌ئا قىلىش شان-‏شە‌رىپىگە ئىگە قىلدى.‏ بىراق،‏ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىز كۆپ بولغاچ،‏ دۇ‌ئا قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشتا قىيىنىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ ئۆزىمىز ھە‌م دۇ‌ئالىرىمىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇ‌ق.‏ خۇ‌داغا شۈكرى،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن نۇ‌رغۇ‌ن تە‌سە‌للى ۋە كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدىغان ئايە‌تلە‌رنى تاپالايمىز.‏ بۇ ماقالىدە،‏ دۇ‌ئا قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىش توغرىسىدا ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ دۇ‌ئالىرىمىزنىڭ سۈپىتىنى قانداق ياخشىلاش ۋە دۇ‌ئالىرىمىزدا تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بە‌ش مۇ‌ھىم مە‌زمۇ‌ن ھە‌ققىدە ئۆگىنىمىز.‏

ئە‌يسا دۇ‌ئا قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقارغان

3.‏ ئە‌يسا دۇ‌ئا ھە‌ققىدە نېمىنى چۈشە‌نگە‌ن؟‏

3 يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزنى ئىنتايىن قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ئە‌يسا چۈشە‌نگە‌نىدى.‏ ئۇ يە‌ر يۈزىگە كېلىشتىن ئۇ‌زۇ‌ن زامان ئىلگىرى،‏ ئاتىسى سادىق ئە‌ر-‏ئايال خىزمە‌تچىلىرىنىڭ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھاننا،‏ داۋۇ‌ت ۋە ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ چىن قە‌لبىدىن قىلغان دۇ‌ئالىرىغا ئاتىسى جاۋاب بە‌رگە‌ندە،‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭ يېنىدا ئىدى (‏1-‏سام.‏ 1:‏10،‏ 11،‏ 20؛‏ 1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏4–‏6؛‏ زە‌بۇ‌ر 32:‏5‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا دائىم ئىشە‌نچ بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏—‏مە‌تتا 7:‏7–‏11‏.‏

4.‏ ئە‌يسانىڭ دۇ‌ئالىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏

4 ئە‌يسا ئۆزى يە‌ھۋا خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىش ئارقىلىق شاگىرتلىرىغا ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ۋە‌ز خىزمىتى جە‌ريانىدا،‏ ئە‌يسا دائىم دۇ‌ئا قىلغان.‏ ئۇ دۇ‌ئا قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ چۈنكى،‏ ئۇ ھە‌ر دائىم ئالدىراش ۋە ئە‌تراپىدا نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۇ‌نىڭغا ئە‌گىشىپ يۈرە‌تتى (‏ماركۇ‌س 6:‏31،‏ 45،‏ 46‏)‏.‏ ئۇ يالغۇ‌ز قېلىپ،‏ دۇ‌ئا قىلالىشى ئۈچۈن تاڭ سە‌ھە‌ردە ئورنىدىن تۇ‌رغان (‏ماركۇ‌س 1:‏35‏)‏.‏ كە‌م دېگە‌ندە بىر قېتىم،‏ ئۇ مۇ‌ھىم قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال،‏ كېچىچە دۇ‌ئا قىلغان (‏لۇ‌قا 6:‏12،‏ 13‏)‏.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۆلۈشتىن بۇ‌رۇ‌نقى كېچىسى،‏ پۈتۈن دىققىتىنى ئۆزىنىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ۋە‌زىپىسىنىڭ ئە‌ڭ قىيىن قىسىمىنى ئورۇ‌نلاشقا قاراتقاچ،‏ قايتا-‏قايتا،‏ تە‌كرار دۇ‌ئا قىلغان.‏—‏مە‌تتا 26:‏39،‏ 42،‏ 44‏.‏

5.‏ دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

5 ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسى بىزگە ھە‌رقانچە ئالدىراش بولساقمۇ،‏ دۇ‌ئا قىلىشقا ۋاقىت ئاجرىتىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئۆگىتىدۇ.‏ ئە‌يساغا ئوخشاش بىز دۇ‌ئا قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بە‌لكىم بىراز ئە‌تىگە‌ن تۇ‌رۇ‌شقا ياكى سە‌ل كە‌چرە‌ك يېتىشقا توغرا كېلىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ ئالاھىدە سوۋغىسى ئۈچۈن مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ لىنى ئىسىملىك بىر قېرىنداش تۇ‌نجى قېتىم دۇ‌ئا قىلىش ئىمتىيازى ھە‌ققىدە ئۆگە‌نگە‌ندە،‏ ئۇ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ۋە مىننە‌تدار بولغان.‏ ئۇ ئە‌سلە‌پ،‏ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن يە‌ھۋا بىلە‌ن خالىغان ۋاقىتتا پاراڭلىشالايدىغانلىقىمنى بىلگە‌ندە،‏ بۇ ماڭا يە‌ھۋانى يېقىن دوستۇ‌م دە‌پ قاراشقا ۋە دۇ‌ئالىرىمنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىشقا ياردە‌م بە‌ردى».‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ كۆپىنچىمىز مۇ‌شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ دۇ‌ئالىرىمىزدا تىلغا ئېلىش زۆرۈر بولغان بە‌ش مۇ‌ھىم مە‌زمۇ‌ن ھە‌ققىدە كۆرۈپ باقايلى.‏

دۇ‌ئادا تىلغا ئېلىش زۆرۈر بولغان بە‌ش مۇ‌ھىم مە‌زمۇ‌ن

6.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏10،‏ 11-‏ئايە‌تلە‌ر‏،‏ يە‌ھۋانى نېمىگە لايىق دە‌يدۇ؟‏

6 يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌ڭ.‏ بىزنى ئە‌يمە‌ندۈرىدىغان ئاجايىپ بىر كۆرۈنۈشتە،‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ئاسماندا يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىۋاتقان 24 ئاقساقالنى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانى مە‌دھىيىلە‌پ شۇ‌نداق دېيىشكە‌ن:‏ «سە‌ن شان-‏شە‌رە‌پ،‏ ئۇ‌لۇ‌غلۇ‌ق ۋە كۈچ-‏قۇ‌درە‌تكە لايىقسە‌ن» ‏(‏ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏10،‏ 11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ سادىق پە‌رىشتىلە‌رنىڭمۇ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌ش ۋە ئۇ‌لۇ‌غلاش ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن سە‌ۋە‌بلىرى بار.‏ ئۇ‌لار ئاسماندا ياراتقۇ‌چى بىلە‌ن بىللە ۋە ئۇ‌نى ياخشىراق تونۇ‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ پە‌زىلە‌تلىرىنى ئۆگىنىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانلىقىنى كۈزە‌تكىنىدە،‏ بۇ ئۇ‌لارنى ئۇ‌نى مە‌دھىيىلە‌شكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏—‏ئايۇ‌پ 38:‏4–‏7‏.‏

7.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يمىز؟‏

7 بىزمۇ چوقۇ‌م دۇ‌ئالىرىمىزدا يە‌ھۋا خۇ‌دانى مە‌دھىيىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىز ئۇ‌نى چىن قە‌لبىمىزدىن سۆيىدىغانلىقىمىزنى ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى ئېيتىش ئارقىلىق ئۇ‌نى مە‌دھىيىلە‌يمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا ۋە تە‌تقىق قىلغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزنى ئۆزىگە ئالاھىدە جە‌لپ قىلىدىغان پە‌زىلە‌تلىرىنى بايقاشقا تىرىشىڭ (‏ئايۇ‌پ 37:‏23؛‏ رىملىقلار 11:‏33‏)‏.‏ ئاندىن يە‌ھۋاغا،‏ ئاشۇ پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.‏ بىزگە ۋە بارلىق ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌ڭ.‏ ئۇ بىزگە داۋاملىق غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتىدۇ ۋە قوغداۋاتىدۇ.‏—‏1-‏سام.‏ 1:‏27؛‏ 2:‏1،‏ 2‏.‏

8.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنىڭ قانداق نۇ‌رغۇ‌ن سە‌ۋە‌بلىرى بار؟‏ (‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏18‏)‏

8 يە‌ھۋا خۇ‌داغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈڭ.‏ دۇ‌ئالىرىمىزدا يە‌ھۋاغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشىمىزنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن سە‌ۋە‌بلىرى بار ‏(‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز ئىگە بولغان ھە‌رقانداق ياخشى نە‌رسىلە‌ر ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭغا رە‌ھمە‌ت ئېيتالايمىز (‏ياقۇ‌پ 1:‏17‏)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بارلىق ياخشى ھە‌دىيە‌لە‌ر ئۇ‌نىڭدىن كە‌لگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌رنىڭ گۈزە‌للىكى،‏ مە‌ۋجۇ‌داتلارنىڭ ئاجايىپ يارىتىلغانلىقى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرە‌لە‌يمىز.‏ يە‌نە ھاياتىمىز،‏ ئائىلىمىز،‏ دوستلىرىمىز ۋە ئۈمىدىمىز ئۈچۈن رە‌ھمە‌ت ئېيتالايمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق ئورنىتىش ۋە ئۇ‌نىڭدىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ش پۇ‌رسىتىنى بە‌رگىنى ئۈچۈن رە‌ھمە‌ت ئېيتىشنى خالايمىز.‏

9.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا مىننە‌تدار بولۇ‌شنى ئۆگىنىمىشىمىز كېرە‌ك؟‏

9 بىز شە‌خسە‌ن يە‌ھۋاغا مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنىڭ سە‌ۋە‌بلىرى ھە‌ققىدە ئويلىنىشقا ئالاھىدە ۋاقىت چىقارساق بولىدۇ.‏ بۇ دۇ‌نيادا مىننە‌تدارسىز كىشىلە‌ر كۆپىيىپ كە‌تتى.‏ بىز شۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتىمىز.‏ كىشىلە‌ر ھە‌مىشە ئۆزىدە بار نە‌رسىلە‌رگە مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا،‏ ئە‌كسىچە ئۆزى ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌رگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز ئۇ‌نداق كۆز قاراشنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىساق،‏ دۇ‌ئالىرىمىز پە‌قە‌ت ئۆزىمىز ئېرىشمە‌كچى بولغان نە‌رسىلە‌رنىڭ تىزىملىكىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ئىش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋانىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا مىننە‌تدار بولۇ‌شنى داۋاملىق ئۆگىنىشىمىز لازىم.‏—‏لۇ‌قا 6:‏45‏.‏

يە‌ھۋاغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

10.‏ مىننە‌تدارلىق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بە‌رداشلىق بېرىشىگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

10 مىننە‌تدارلىق بىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2015-‏يىل،‏ 15-‏يانۋار سانىدىكى كيۇ‌ڭ-‏سۇ‌ك ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ‌نىڭغا ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇ‌چى دە‌پ دىئاگنوز قويۇ‌لغان.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى ھە‌ققىدە شۇ‌نى ئېتىراپ قىلغان:‏ «بۇ سالامە‌تلىك مە‌سىلە‌م مېنى قاتتىق ئۈمىدسىزلە‌ندۈرگە‌ن.‏ مە‌ن ھە‌ممە نە‌رسىنى يوقىتىپ قويغاندە‌ك ھېس قىلىپ،‏ ئىنتايىن قورقۇ‌پ كە‌تتىم».‏ مۇ‌شۇ ئە‌ھۋالدا،‏ ئۇ‌نىڭ بە‌رداشلىق بېرىشىگە نېمە ياردە‌م قىلغان؟‏ ھە‌ر كۈنى كېچىسى،‏ ئۇ‌خلاشتىن بۇ‌رۇ‌ن ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ،‏ ئۆزى مىننە‌تدار بولغان بە‌ش نە‌رسىنى تىلغا ئېلىپ،‏ يۇ‌قىرى ئاۋازدا دۇ‌ئا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ غە‌م-‏ئە‌ندىشىسىنى ئازايتىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن ۋە ئۇ‌نى يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادىلە‌شكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرى سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن ۋە ھاياتىمىزدا سىناقلارغا قارىغاندا،‏ بە‌رىكە‌تلە‌رنىڭ كۆپرە‌ك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان.‏ قېرىندىشىمىز كيۇ‌ڭ-‏سۇ‌كقا ئوخشاش،‏ بىر سىناقنى باشتىن كە‌چۈرۈۋاتقان بولساقمۇ،‏ خۇ‌داغا مىننە‌تدار بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن سە‌ۋە‌بلىرىمىز بار.‏ ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئادا مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش بىزنىڭ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىشىمىز ۋە خۇ‌شاللىقىمىزنى يوقاتماسلىقىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا ئاسمانغا قايتىپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرى جاسارە‌تكە مۇ‌ھتاج بولغان؟‏

11 ۋە‌ز خىزمىتىدە يە‌ھۋادىن جاسارە‌ت بېرىشنى سوراڭ.‏ ئاسمانغا قايتىشتىن سە‌ل ئاۋۋال،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز شاگىرتلىرىغا يېرۇ‌سالىمدا،‏ پۈتۈن يە‌ھۇ‌دىيە،‏ سامارىيە ۋە دۇ‌نيانىڭ باشقا يىراق جايلىرىدا،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن گۇ‌ۋاھلىق بېرىشى كېرە‌كلىكىنى ئە‌سكە‌رتكە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏8؛‏ لۇ‌قا 24:‏46–‏48‏)‏.‏ شۇ‌نىڭدىن ئۇ‌زاق ئۆتمە‌ي،‏ يە‌ھۇ‌دىي دىنىي رە‌ھبە‌رلىرى ئە‌لچى پېترۇ‌س ۋە يۇ‌ھاننانى يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئالىي سوتىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ،‏ بۇ ساداقە‌تمە‌ن كىشىلە‌رنى ۋە‌ز ئېيتىشنى توختىتىشقا بۇ‌يرىغان،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارغا تە‌ھدىت سالغان (‏ئە‌لچى.‏ 4:‏18،‏ 21‏)‏.‏ پېترۇ‌س بىلە‌ن يۇ‌ھاننا بۇ‌نىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏

12.‏ ئە‌لچىلە‌ر 4:‏29،‏ 31-‏ئايە‌تلە‌ر‏،‏ شاگىرتلارنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ؟‏

12 يە‌ھۇ‌دىي دىنىي رە‌ھبە‌رلىرىنىڭ تە‌ھدىتىگە پېترۇ‌س ۋە يۇ‌ھاننا مۇ‌نداق جاۋاب قايتۇ‌رغان:‏ «خۇ‌دانىڭ نە‌زىرىدە،‏ خۇ‌داغا ئە‌مە‌س،‏ سىلە‌رگە بويسۇ‌نۇ‌ش توغرا بولامدۇ؟‏ بۇ‌نىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دە‌ڭلار!‏ لېكىن،‏ بىز كۆرگە‌ن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇ‌رالمايمىز» (‏ئە‌لچى.‏ 4:‏19،‏ 20‏)‏.‏ پېترۇ‌س بىلە‌ن يۇ‌ھاننا قويۇ‌پ بېرىلگە‌ندىن كېيىن،‏ شاگىرتلار يە‌ھۋاغا،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن يۇ‌قىرى ئاۋازدا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سۆزلىرىڭنى يۈرە‌كلىك يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن خىزمە‌تچىلىرىڭگە جاسارە‌ت بە‌رگىن».‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ بۇ سە‌مىمىي دۇ‌ئاسىغا جاۋاب قايتۇ‌رغان.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 4:‏29،‏ 31-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

13.‏ جىن-‏خۇ‌كنىڭ مىسالىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

13 ھە‌تتا ھۆكۈمە‌تلە‌ر بىزدىن ۋە‌ز ئېيتىشنى توختىتىشنى تە‌لە‌پ قىلسا،‏ بىز بىرىنچى ئە‌سىردىكى شاگىرتلارنى ئۈلگە قىلىپ،‏ ۋە‌ز ئېيتىشنى داۋاملاشتۇ‌رىمىز.‏ بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلىغىنى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان جىن-‏خۇ‌ك ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ تۈرمىدە،‏ ئۇ يالغۇ‌ز سولاپ قويۇ‌لغان بىر قىسىم مە‌ھبۇ‌سلاردىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشقا تە‌يىنلە‌نگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئۇ‌لار بىلە‌ن پە‌قە‌ت بە‌لگىلە‌نگە‌ن ۋە‌زىپىسىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشالايتتى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرىسىدا پاراڭلىشىشقا بولماتتى.‏ ئۇ ھە‌ر بىر پۇ‌رسە‌تتە ھە‌قىقە‌تنى سۆزلە‌ش ئۈچۈن جاسارە‌ت ۋە پە‌م-‏پاراسە‌ت سوراپ دۇ‌ئا قىلغان (‏ئە‌لچى.‏ 5:‏29‏)‏.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمغا جاۋاب بېرىپ،‏ كامىرلارنىڭ ئىشىكلىرى ئالدىدىلا بە‌ش مىنۇ‌تلۇ‌ق،‏ قىسقا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقىنى باشلاش ئۈچۈن ماڭا جاسارە‌ت ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت بە‌ردى.‏ ئاندىن كە‌چتە ئە‌تىسى مە‌ھبۇ‌سلارغا بېرىش ئۈچۈن خە‌تلە‌رنى يازدىم».‏ يە‌ھۋا ۋە‌ز خىزمىتىمىزنى ئورۇ‌نلاشقا ياردە‌م قىلىدىغانلىقىغا بىزمۇ ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏ جىن-‏خۇ‌كقا ئوخشاش،‏ جاسارە‌ت ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت سوراپ،‏ دۇ‌ئا قىلالايمىز.‏

14.‏ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ندە بىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏3،‏ 5‏)‏

14 قىيىنچىلىقلاردا بە‌رداشلىق بېرىشىڭىز ئۈچۈن يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراڭ.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرىمىز تە‌ن-‏سالامە‌تلىكىمىز ناچار ياكى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىز تۇ‌راقسىز بولۇ‌ش،‏ يېقىنلىرىمىزدىن ئايرىلىش،‏ تۇ‌رمۇ‌شىمىز شارائىتىمىز قىيىن بولۇ‌ش،‏ زىيانكە‌شلىك ياكى باشقا قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىپ كېلىۋاتىمىز.‏ تارقىلىشچان كېسە‌للىكلە‌ر ۋە ئۇ‌رۇ‌شلارغا ئوخشاش نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئىشلار قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏ يە‌ھۋاغا ئىچ-‏باغرىڭىزنى تۆكۈپ بېرىڭ.‏ خۇ‌ددى يېقىن دوستىڭىزغا ئېيتقاندە‌ك،‏ ئۆزىڭىزنىڭ ھال-‏ئە‌ھۋالىنى،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى سۆزلە‌پ بېرىڭ.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭكى،‏ يە‌ھۋا سىزگە يار-‏يۆلە‌ك بولىدۇ‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏3،‏ 5-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

15.‏ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە دۇ‌ئا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

15 داۋاملىق دۇ‌ئا قىلىش قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏رىملىقلار 12:‏12‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنىڭ نېمىلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئۇ‌لارنىڭ ياردە‌م ئۈچۈن قىلغان نالە-‏پە‌ريادلىرىنى ئاڭلايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 145:‏18،‏ 19‏)‏.‏ 29 ياشتىكى كرىستى ئىسىملىك بىر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بۇ سۆزنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ئۇ كۈتۈلمىگە‌ندە ئېغىر ئاغرىققا گىرىپتار بولغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ چۈشكۈنلۈككە پېتىپ قالغان.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئاپىسىغا كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇ‌چى دە‌پ دىئاگنوز قويۇ‌لغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ كرىستى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ھە‌ر كۈنى مۇ‌ھتاج بولىدىغان كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تنى سوراپ،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلدىم.‏ ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش،‏ شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىش ئارقىلىق روھىي ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌ر بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌ش ئادىتىنى قە‌تئىي داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا تىرىشتىم.‏ ئاشۇ ئېغىر كۈنلە‌ردە بە‌رداشلىق بېرىشىمگە دۇ‌ئا ياردە‌م بە‌ردى.‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌مىشە ماڭا يېقىن تۇ‌رغانلىقىنى بىلە‌تتىم.‏ بۇ‌نى بىلىش مە‌ن ئۈچۈن تە‌سە‌للى بولدى.‏ گە‌رچە سالامە‌تلىكىم دە‌رھاللا ئە‌سلىگە كېلىپ،‏ قىيىنچىلىقلىرىم ھە‌ل قىلىنمىسىمۇ،‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمغا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ماڭا تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك ئاتا قىلدى».‏ بىز چوقۇ‌م شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ككى،‏ «خۇ‌داغا ۋاپادار ئىنسانلارنى بېشىغا كە‌لگە‌ن سىناقلاردىن قانداق قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رۇ‌شنى،‏ .‏ .‏ .‏ يە‌ھۋا بىلىدۇ».‏—‏2-‏پېتر.‏ 2:‏9‏.‏

ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن (‏1)‏ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ،‏ (‏2)‏ دۇ‌ئالىرىڭىزغا ماس ئە‌مە‌لىي ھە‌رىكە‌ت قىلىڭ،‏ (‏3)‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى كۈچە‌يتىڭ (‏16،‏ 17-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

16.‏ نېمىشقا بىز ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج؟‏

16 ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراڭ.‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچ،‏ ھە‌مىشە ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا قارشى داۋاملىق كۈرە‌ش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.‏ شە‌يتان پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن،‏ بۇ كۈرە‌شنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىۋاتىدۇ.‏ ئۇ ئە‌خلاقسىز ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار ئارقىلىق ئوي-‏پىكىرىمىزنى چىرىكلە‌شتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار ئە‌قلىمىزنى ناپاك ئوي-‏خىياللارغا تولدۇ‌رىدۇ.‏ ئاشۇ ناپاك ئوي-‏خىياللار بىزنى يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا ناپاك قىلىدۇ،‏ ھە‌تتا ئېغىر گۇ‌ناھلارنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىيالايدۇ.‏—‏ماركۇ‌س 7:‏21–‏23؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏14،‏ 15‏.‏

17.‏ ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن،‏ چوقۇ‌م نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

17 خاتا ئىش قىلىشقا مايىل بولغاندا،‏ ئاشۇ ئېزىقتۇ‌رۇ‌شنى يە‌ڭمە‌كچى بولساق،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج بولىمىز.‏ ئە‌يسانىڭ ئۈلگىلىك دۇ‌ئاسىدا مۇ‌نداق سۆزلە‌ر بار:‏ «ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شىمىزغا يول قويمىغىن،‏ بىزنى ياۋۇ‌زنىڭ قولىدىن قۇ‌تقۇ‌زغايسە‌ن» (‏مە‌تتا 6:‏13‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م بېرىشنى خالايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىز ئۇ‌نىڭدىن ياردە‌م سورىشىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌نە دۇ‌ئالىرىمىزغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىز بە‌زى ئە‌مە‌لىي قە‌دە‌ملە‌رنى باسساق،‏ شە‌يتاننىڭ بۇ دۇ‌نياسىدا كە‌ڭ ئومۇ‌ملاشقان ئوي-‏پىكىر ۋە ئىدىيىلە‌رنى ئوقۇ‌ش ياكى ئاڭلاشتىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قېچىش ئۈچۈن،‏ قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتە‌لە‌يمىز (‏زە‌بۇ‌ر 97:‏10‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ۋە تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق زېھىنىمىزنى پايدىلىق،‏ ساغلام ئوي-‏پىكىر بىلە‌ن تولدۇ‌رالايمىز.‏ ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ۋە‌ز خىزمىتىگە چىقىش ھە‌م ئوي-‏پىكىرىمىزنى قوغدايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا بىز كۆتۈرە‌لمىگۈدە‌ك سىناقلارغا بىزنى دۇ‌چار قىلمايدىغانلىقى ھە‌ققىدە ۋە‌دە بېرىدۇ.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏12،‏ 13‏.‏

18.‏ ھە‌ممىمىز نېمە ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

18 ئاخىرقى زاماننىڭ بۇ قىيىن كۈنلىرىدە،‏ يە‌ھۋاغا سادىق قېلىش ئۈچۈن ھە‌ربىرىمىز بولۇ‌پمۇ ھازىر كۆپرە‌ك دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ چىن قە‌لبىمىزدىن دۇ‌ئا قىلىش ئۈچۈن،‏ ھە‌ر كۈنى ۋاقىت چىقىرايلى.‏ يە‌ھۋا ئىچ باغرىمىزنى ئۇ‌نىڭغا تۆكۈشىمىزنى خالايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 62:‏8‏)‏.‏ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈڭ.‏ ۋە‌ز خىزمە‌تتە جاسارە‌تلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭدىن ياردە‌م سوراڭ.‏ ھە‌رقانداق قىيىنچىلىققا بە‌رداشلىق بېرىش ۋە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ھە‌رقانداق ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ياردە‌م سوراڭ.‏ ھېچكىم ياكى ھېچنە‌رسىنىڭ يە‌ھۋاغا داۋاملىق دۇ‌ئا قىلىشىڭىزغا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىشىغا يول بە‌رمە‌ڭ.‏ بىراق،‏ دۇ‌ئالىرىمىزغا يە‌ھۋا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ؟‏ بۇ مۇ‌ھىم سوئالغا كېيىنكى ماقالىدە جاۋاب تاپىمىز.‏

6-‏ناخشا خۇ‌دا خىزمە‌تچىسىنىڭ دۇ‌ئاسى

a بىز دۇ‌ئالىرىمىزنىڭ خۇ‌ددى يېقىن دوستىمىزغا يازغان يۈرە‌ك سۆزلىرىمىزدە‌ك بولۇ‌شىنى ئۈمىد قىلىمىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ دۇ‌ئا قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىش ھە‌مىشە ئاسان ئە‌مە‌س.‏ ھە‌تتا نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق دۇ‌ئا قىلىشنى بىلمە‌ي،‏ دۇ‌ئا قىلىش قىيىندە‌ك ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ ماقالىدە،‏ مۇ‌شۇ ئىككى مۇ‌ھىم مە‌سىلە ئۈستىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏